- تىزىملاتقان
- 2013-5-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 458
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
79%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى . كەمىنە 2016-يىللىق ھۆكۈمەت تۈر ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسىپلەر ۋە ياردەم مەبلىغىنىڭ پۇل سوممىسى ناملىق يازمىنى كۆرگەندىن كىېيىن ئۆزۈم بېسىپ كۆرگەن بەزى قەدەم باسقۇچلارنى تەمىن ئېتىشنى قارار تاپتىم . رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈر مەبلىغى يوللاش قائىدە باسقۇچلىرى ئۆز ئارا پەرقلىق بولىشى مۇمكىن ، ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن ئېيىتقاندا كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىچە ماڭغان يولۇمنى جۆيلۈپ باقاي ، قالغان كام قىسمى بولسا بىلىدىغانلارنىڭ ئايىماي مەزكۇر تېمىنى مۇكەممەلەشتۈرىسىنى ، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىن ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
تۈر مەبلىغى دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلەرگە ئىقتىسادى جەھەتتىن بېرىلىدىغان ياردىمى بولۇپ ، بۇ مەبلەغنى ئادەتتە ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرى ( ئىدارە ئورگان ، مەكتەپ ، يەسلى قاتارلىقلار ) ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ، شەخس ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە كەسىپلەر كوپراتىپلىرى قاتارلىق ئورگانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
دىمەك تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قانۇنلۇق بىر كوللىكتىپ ئورگان بولۇش كېرەك ، شەخسى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ . تۈر مەبلىغىنىڭ ئاساسلىق مەخسىدى دۆلەتنىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرلۇشىنى ياخشىلاش ، شەخسى ئاپاراتلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلەپ تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن بىۋاستە مەنپەئەتلىك تۈرلەرنى ۋە قۇرلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش بولۇپ ، مەبلەغ مەركەزدىن تەستىقلىنىپ كېلىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە بولغان قوللاش سىياسىتىگە ئەگىشىپ تۈر مەبلىغى يوللايدىغان تۈرلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ ، ھەر يىلى يېڭى يېڭى تۈرلەر چىقىپ تۇرىدۇ ، بەزى تۈرلەرنى دۆلەت ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تۇرىدۇ ( بۇ يىلقى تۈرلەر ئالدىنقى يازمىدا تەپسىلى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى مىسالغا ئېلىپ ئولتۇرمىدىم ) . ھەر يىلى يىل بېشىدا دۆلەت ئورگان تورى ئارقىلىق يېڭى تۈرلەرنى ئېلان قىلىدۇ ، بىز ھەرقايسى جايلاردىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىنىڭ ( 经济与信息化委员会) ئورگان تورى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىمىز ، تورغا چىقىش شارائىتى يار بەرمەيدىغانلار بىۋاستە ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىدىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ .
ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى :
1 . ئالدى بىلەن بىز نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك ، چۈنكى تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش ، تەكشۈرۈش قەدەملىرى بىر قەدەر قاتتىق . ئىلتىماس قىلسىلا پۇل كىلىپ قالىدىكەن دەپ قارىغۇلارچە مەشغۇلات ئېلىپ بارساق بىھۇدە ئاۋارە بولىمىز . كەسپىمىز ئېنىق بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت شۇ يىلى يولغا قويغان مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە چۈشەمدۇ چۈشمەمدۇ ئېنىق بىكىتىمىز .
2 . تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشتىكى مەخسەت مۇددىئايىڭىز ئېنىق بولىشى كېرەك . سىز زادى قانچىلىك ئىش قىلماقچى ، قانچىلىك مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ قانچىلىك پايدا ياراتماقچى ، قانچىلىك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى ، سىزنىڭ بۇ تۈرىڭىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا قانچىلىك بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك پايدىسى بار دىگەنلەر ئېنىق بولىشى كېرەك ، ھەم بىز كېيىنكى قەدەمدە تەييارلايدىغان ماتېريالغا ئېنىق چۈشىشى كېرەك . 3 . ئىلتىماس قىلىدىغان تۈرىڭىزنىڭ مەبلەغ ۋە مەھسۇلات دائىرسىنى بىكىتىسىز . مەسىلەن : 《يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقىرىش قۇرلۇش تۈرى 》, (年产10万套服装建设项目》 دىگەندەك . سىز ھازىرقى شىركىتىڭىزدە يىلىغا 10 مىڭ قۇر كىيىم ئىشلەپچىقىرالىدىڭىز ، ئەمدى سىز شىركىتىڭىزنى يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقىرالىغۇدەك كېڭەيىتمەكچى بولسىڭىز ، يۇقارقىدەك نامدا يوللىماقچى بولغان مەبلىغىڭىزگە < ئىسىم قويىسىز > . دىمەك سىز يىلىغا 100 مىڭ قۇر كېيىم ئىشلەپچىقارغۇدەك زاۋۇت قۇرۇشقا قانچىلىك قۇرلۇش قىلىسىز ، قانچىلىك ئادەم ئىشلىتىسىز ، قانچىلىك ئۈسكۈنە ئەسىلىھە سېتىۋالىسىز دىگەنلەرنى ھېسابلاپ ئۆزىڭىزدە بار مەبلەغ قانچىلىك بىر دەڭسەيسىز ، بانكىدىن قانچىلىك قەرز ئالالايسىز ئۇنى بىر دەڭسەيسىز ، ئاندىن قالغان كاملىغان پۇلنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ .
4 . ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە شەھەردىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر كومېتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ مەخسىدىنى دەيسىز ، ئۇلار تۈر مەبلىغى يوللايدىغان شەرتكە چۈشسە سىزگە كېتەرلىك ماتېريال ، جەدىۋەللەرنى بېرىدۇ . بۇنىڭغا ئالدى بىلەن 《 项目建议书》 دەيدىغان بىر ماتىريال تەييارلايسىز . بۇ ماتىريال بىر قەدەر چوڭراق ھەجىمدە بولىدۇ ، چۈنكى بۇ ماتېريال سىزنىڭ شېركىتىڭىزنىڭ بارلىق تۇنۇشتۇرۇش ، تەرجىمىھال ، ئالاھىدىلىكى ، قىلالايدىغان ئىشىڭىز ، ئىقتىدارىڭىز ، جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكىڭىز ، رىقابەت ئەۋزەللىكىڭىز ، قۇرلۇش كۆلىمىڭىز ...... قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ ( بەيدۇلاپ باقسىڭىز ناھايىتى تەپسىلى چىقىدۇ ، باشقا شىركەتلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ) . باشقا جەدىۋەللەرنى سىزنىڭ قولىڭىزغا بىۋاستە بېرىدۇ ، تەلەپ بويىچە تولدۇرسىڭىز بولىدۇ . ئاندىن بۇ تۈرگە باش بولۇپ ماڭىدىغان ، ئىجرا قىلىدىغان ئادەمنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرلۈش تەرجىمىھالىنى تەييار قىلىسىز . ھەممە ماتېرياللار بەك تەپسىلى ، چۈشىنىشلىك رەتلىك چىقىشى كېرەك . بارلىق ماتېرياللار بىردەك خەنزۇچە تەييارلىنىدۇ .
5. مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر جەدۋىلى بار ، شۇنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىز سىزنىڭ يوللىماقچى بولغان تۈرىڭىزنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار ، مۇھىت بۇلغامدۇ ياكى تەسىرى بولمامدۇ دىگەندەكلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سىزگە قىزىل باشلىق ھۆججەتتىن بىرنى چىقىرىپ بېرىدۇ ( ئىسمى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ ) . ئاندىن سىز يوللىماقچى بولغان تۈر باشقا قايسى ئىدارىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇ ئىدارىنىڭ مۇناسىپ تامغا چۈشىدىغان ئورنى بولسا تامغا ئۇرغۇزۇپ كېلىسىز .
6 . ماتېرياللارنى ئۆلچەملىك تولدۇرۇپ يېزىپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەملىك قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ يەتتە نۇسخا تەييار قىلىسىز ، ھەم كىتاپچە قىلىپ تۈپلەيسىز . بۇ دەرىجە بويىچە ناھىيە ۋىلايەت ئاپتۇنۇم رايون ھەتتا مەركەزگىچە بىر نۇسخىدىن كىتىدۇ . ماتېرياللارنى رەتلىگەندە چوقۇم ئۆلچەملىك تەھرىرلەڭ ، خەت نۇسخىسى ، چوڭ كىچىكلىكى ئۆلچەملىك ، بىر خىل چىقسۇن ، سەت نەرسە بىلەن ھەممىمىزنىڭ خۇشى يوققۇ دەيمەن . جەدىۋەللەر توغرىلىق تەپسىلى توختالمىدىم ، چۈنكى ھەر قايسى ساھە كەسىپنىڭ تولدۇرىدىغان جەدۋىلى پەرىقلىق ، تەييارلايدىغان ماتېرياللىرى پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىدارىنىڭ تەلىپى بويىچە تەپسىلى سوراپ تولدۇرۇڭ .
7 . شىركىتىڭىزنىڭ كىتەرلىك ماتېرياللىرى : تىجارەت كىنىشكىسى ، باج كېنىشكىلىرى ، تەشكىلى ئاپارات تەرتىپ نومۇر كېنىشكىسى < 组织机构代码证> ، بانكا ھېساب ئېچىش ئىجازەتنامىسى ، تامغا ، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ، قانۇنى ۋەكىلىنىڭ كىملىكى قاتارلىقلار .
8 . بىز ئىزدەيدىغان ئىدارە ئورگانلار : ئىقتىسادى ئۇچۇر كومىتىتى 经信委 ( كۆپ ئۇرۇنلاردا ناھىيلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ) ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتىتى 发改委 ، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بولسا ئاياللار بىرلەشمىسى ، نامراتلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ، كادىرلار ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار .
ئادەتتە بىزنىڭ دىيارىمىزدا بۇ خىلدىكى مەبلەغ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان تۈرلەر ئاساسلىق ( بىزدەك شەخسى شىركەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن ) يېزا ئېگىلىك پەن تېخنىكىسى ۋە ئېچىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلارنى قېزىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ، باقمىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ، يۇمشاق دېتال ، يەرلىك مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كېيىم كىچەك ، قول ھۆنەر بويۇملىرى ، گېلەم قاتارلىقلار بولۇپ بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىدىغانلار بەك ئاز ساندا . بەزى پايدىلىنىدىغانلار باراڭ ياساپ مەبلەغنى ئېلىپلا چىقىمنى چوڭ كۆرسىتىپ ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرماي يانچۇق توملىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ . شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى سىياسەتلەرگە ئىتىبار بىرىپ ، ھۆكۈمەت ياردىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشىنى ، ئېگىلىكنى ھەقىقى خەلىققە نەپ بەرگۈدەك ئىگىلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . كىلەر قېتىملىق يازمام بۇ قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە مەبلەغلىرى ، بۇ تۈردە يۇشۇرۇنغا سودا پۇرسەتلىرى بولۇشى مۇمكىن ، ئىمكان بولسا شۇ توغرىسىدا بىر تېما يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن مۇنازىرە قىلىشىمىز .
مەن بۇ يولنى شەخسەن ئۆزۈم مېڭىپ باققان ، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىم بويىچە يازدىم ، ماتېريال كۆرۈپ ئىزدەنگۈدەك ۋاقىت بولمىدى . بەزى باسقۇچلارنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن ۋە ياكى بەزى باسقۇچلار بۇ يىل ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن . توغرا چۈشەنگەيسىلە .
ۋاقىت قىس ، سەۋىيە چەكلىك بولغاچقا مۇشۇنچىلىك يازدىم ، باشقا تەپسىلاتلار بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار دىگەن ئۈمۈدتە مەن ، ياكى بەيدۇ تورىدا تەپسىلاتى بار .
|
|