قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 3

ئالپامىش ئەزىز :يولۋاسنىڭ دالدىسى (فىليەتون)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54012
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 15:20:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۋاسنىڭ دالدىسى


(فىليەتۇن)


ئەزىز ھېيت كۈن


   ھەيرانلىقىمنى يوشۇرۇشقا ئامالسىزمەن.دۇنيادا شۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بارمۇ؟مەن بىر جۈپ قۇلىقىمغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىش تېخى ھېلاراقتايۈز بەردى.مەن بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئېلىپ كېلىنگىلى ئارتۇقمۇ،كەممۇ ئەمەس دەل بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزۈم ياشاۋاتقان رىشاتكىلىق توساق ئىچىدە تۇرۇپ ئىككى ئەر كىشىنىڭ رىشاتكا سىرتىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپ دېيىشكەن گەپلىرىنى ئابايام ئاڭلاپ قالدىم.ئۇ ئىككىسى مېنى ھايۋان ــ تۈلكە دەپ ئويلاپ بىمالال سۆزلەشكەنلىكىنى جەزم قىلالايمەن.بۇ ئەھۋال مۇنداق يۈز بەردى:
زېرىكىپ تۇراتىم. تۇيۇقسىز ئىككى ئەر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈشۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.ئۇلار رىشاتكىغا يېقىن كېلىش تى.ئارىمىز ئون ماڭدامچە كېلەتى.ئۇلارنىڭ بويى ئىگىزرەكى :
ــ  مۇشۇ تۈلكە دېگەن ھايۋانغا ھەيرانمەن جۇمۇ ئاداش.ھايۋانلار دۇنياسىدا مايمۇننى ئەڭ ئەقىللىق دېيىشىدىكەن كىشىلەر.لېكىن مەن تۈلكە  ئەڭ ئەقىللىق دەپ ئويلايمەن ــ دېدى يېنىدىكى پاكار بويلۇققا بۇرۇلۇپ.
ــ توغرا دېدىڭ ئاداش،مايمۇن دوراشنى بىلگەن بىلەن تۈلكىگە  ئوخشاش تەدبىر،پەم-ھىيلە ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇدە!-دېدى پاكار بويلۇقى چورت كېسىپلا .
ــ سەن ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ تۈلكە بىلەن قوش كېزەك بولساڭ كېرەك.ۋىجىكلىكىڭلار ئوخشاش بولۇپ قالماستىن خاراكتىر ،خۇي، مىجەزىڭلارمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئۇدۇلىمىزدىكى ئاۋۇ قېرىندىشىڭ بىلەن سالاملىشىپ قوي،سالاملاشساڭ ئادەملەر ئىچىدىمۇ جەمەتىمىزدىكىلەر باركەن دەپ كۆڭلى خۇش بولۇشى مۇمكىن.-دېدى ئىگىز بويلۇقى كۈلۈپ.
ــ سەن دەۋالغىچە مەن دەۋىلاي دېگىنىڭمۇ بۇ ؟ سەن تۈلكىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان تۈلكە.چۈنكى ئىدارەڭدە نەچچە قېتىم يولۋاس –ئىدارە باشلىقى ئالماشسىمۇ لېكىن سەن تۇرغان ئورۇن-يولۋاسنىڭ دالدىسى ئۆزگەرمىدى.ــ دېدى پاكار بويلۇقى تېركىپ.
ـــ سەن ئۆزۈڭنى بۇرنۇڭنىڭ تۆپىسىگە ئېلىپ قويۇپ تېخى مېنى چىشلەپ تارتىۋاتامسەن؟ سەن مەندىن بالدۇرلا يولۋاس دالدىسىغا ــ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋېلىپ ئىلمىي مۇدىر دېگەن نامنى ساقلاپ،بىر تەرەپتىن مەكتەپ مۇدىرىغا خۇشامەت قىلىشنى قولدىن بەرمەي،يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يوغان نامىنى شىپى  كەلتۈرۈپ ،ئۇلارنى قورقۇتۇپ ،غال-غال تىترىتىپ كېلىۋاتقان تۈلكەسەن.ئاڭلىسام مەكتىپىڭدىكى چاشقانلارمۇ نامىڭنى ئاڭلىسا مۆشۈكنى كۆرگەندىنمۇ بەك قورقۇپ كېتەرمىش.ــ دېدى ئىگىز بويلۇقى بوش كەلمەي.
ــ پاھ ،پاھ يولۋاسنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋېلىپ ھەيۋە قىلىشنىڭ گېپىنى قىلىۋاتامسەن ؟ بۇ جەھەتتە مەن قولۇڭغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەل مەيمەن.ھەر نۆۋەتتە ئىدارە باشلىقى بولغانلارنىڭ كۆڭلىگە نىمىشقا يېقىپ كېتىسەن؟سەن ياخشى كادىربولۇشقا قارىغاندا ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى كادىر بولۇشقا،باشلىققا ئىتتىنمۇ بەك سادىق بولۇشقا،باشلىقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا،خۇشامەت قىلىپ تۇرۇشنى بىرمىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىققا ھەر قانداق ئادەمدىن بەك ماھىرسەن.ئۇنىڭدىن باشقا بىرقولۇڭدا ئوغا-زەھەر،يەنە بىر قولۇڭدا ناۋات،ھەسەل ئېلىپ يۈرۈش ئادىتىڭ  بەك قورقۇنۇچلۇق.ساڭا ۋاي دېگەن كادىرلارنى باشلىققا ماختاپ بېرىسەن.ساڭا پەرۋا قىلمىغان كادىرلارنى باشلىققا چېقىپ يامان كۆرسىتىش بىلەن توختاپ قالماي ئۇلارنى زىيان تارتقۇزۇشقاياكى ئېغىر ئىشلارغا سېلىشقا سەۋەپ بولىسەن.سەن زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم بەكمۇ كۆپ.ئۇلار  باشلىقلىرىڭغا ئەمەس ،ساڭا ئەڭ ئۆچ .ئادەتتە ئۇلار سېنى تۈلكە دېمىگەن  بىلەن ئەمىلىيەتتە تېخىمۇ يامان نام بىلەن ئاتايدىكەن.ــ دېدى پاكار بويلىقى جىددى ھالدا .
ــ مېنى نېمە دەپ ئاتايدىكەن؟-دېدى ئىگىز بويلۇقى جىددىلىشىپ.
ــ باش ۋەزىر خېشىن دەيدىكەن-دېدى پاكار بويلۇقى كۈلۈپ.
ــ ھاھ،ھاھ ،كۈلۈپ كەتتى ئىگىز بويلىقى ،
ــ نېمىگە كۈلىسەن؟ــ دېدى پاكار بويلۇقى،
ــ نېمىگە كۈلەتتىم ؟بۈگۈن ئىككى تۈلكە،ئىككى خېشىن بىللەھايۋانات باغچىسىدىكى بىر تۈلكىنىڭ ئالدىغا كەپتىمىز ئەمەسمۇ ــ دېدى ئىگىزبويلۇقى .
ــ خاتا دېدىڭ.مېنى ھېچكىم خېشىن دېمەيدۇ؟ــ دېدى پاكار بويلۇقىقىزىرىپ،
ــ پاكارلىقىڭ،دۈگلەكلىكىڭ بىلەن خېشىنغا ئوخشاديدىغانلىقىڭنى قويۇپ تۇرايلى.مەكتەپ ئىچىدە سېنى خېشىن دېيىشكە كىم پېتىنالايدۇ؟ئۇنداق دېيىشكە يۈرىكى ئونمۇ؟ مەكتەپ سىرتىغا چىققاندا ئوقۇتقۇچىلار سېنى خېشىن دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانمەن.ئاچچىقلانما،خېشىن دېگەن ئەقىللىق،دانا ئادەم دەپ چۈشەن-دېدى ئىگىز بويلۇقى.
ــ ئۇنداقتا،راستلا ئىككى تۈلكە ياق ئىككى خېشىن بىر تۈلكىنىڭ ئالدىغا كەپتىمىز.سەن مەندىن يۈز ئابرۇيلۇق،مەشھۇر بولغاندىكىن ئۇستازلىرىڭنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇدۇلىمىزدىكى ئاۋۇ تۈلكىگە ئاۋال سالام بەرگىن ــ دېدى پاكاربويلۇقى.
ــ چاقچاقنى مۇشۇنچىلىك قىلىشايلى.ئىككىمىز بىر-بىرىمىزدىن قېلىشمايمىز.زىيانكەشلىكىمىزگە ئۇچرىغان كىشىلەر بىزدىن ئاغرىن مىسۇن.تەڭرى ئۇلارنى ئەقىللىق بولمىسۇن دەپتىمۇ؟ بىلىملىك ،كەسىپكە پىششىق بولغان ھېساپ ئەمەس.بىزگە ئوخشاش خىزمەت كە،كەسىپكە ئەمەس بەلكى باشلىققا سادىق بولۇشنى،تۈزۈم ئەمەس باشلىقنىڭ كۆڭۈل رايى بويىچە ئىش قىلىشنى بىلىشى كېرەك. مېنىڭ تەجىربەم شۇكى:خىزمەتنى كەسىپ بىلمەيدىغان ئادەملەر ئىشلىسە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.
ــ ماڭا بۇ گەپ تەتۇردەك بىلىنىۋاتىدىغۇ ــ دېدى پاكار بويلۇقى ئىگىز بويلۇقنىڭ گېپىنى بۆلۈپ،
ــ مېنى قەستەن كولدۇرلىۋاتامسەن ؟ بىر خىل دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىنى يەنە بىر خىل دەرسكە سېلىپ،يەنە بىر خىل دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىنى ۋە  يەنە باشقا بىر خىل دەرسكە سېلىپ،ئۇلارنى مەيدىسىنى كېرىپ ماڭالمايدىغان،ئالدىڭدا چوڭ گەپ قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ،ئاغزىڭغا قارايدىغان قىلىپ قويۇش سەن قىلمىغان ئىشما؟جوڭگۇچىىلىقتا بۇ ھەممە ساھەدە ئەزەلدىن بار ئىش.-دېدى ئىگىز بويلۇقى مەككارلارچە كۈلۈپ.
ــ گېپىڭنى ئەمدى چۈشەندىم.ئادەم باشقۇرۇشنىڭ تاكتىكا ئۇسۇللىرى ھەقىقتەن كۆپ.يۇقۇرقى گەپنى قىلغان چېغىڭدا تەلەپۇزۇڭ راست خېشىننىڭ تەلەپۇزىدەك چېقىپ كەتتى.
ــ خېشىن،خېشىن دەپ كەتتۇق.بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ شۇنداق تەدبىرلىك ئادەملەر ئۆتمىگەنمىدۇ تارىختا ؟ــ دېدى ئىگىز بويلۇقى ئويلانغان ھالەتتە.
ــ ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.تارىختا خاتىرلەنمىگەندۇ ؟ ئەمدى ئېسىمگە كەلدى .لۇپتۇللا مۇتەلىپنى چېقىپ قويۇپ،ئۆلتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولغان ھېكىم.ــ دېدى پاكار بويلۇقى جىددىلىشىپ،
ــ بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالما.ئۇ مۇناپىق-ئاسىيلارنىڭ ۋەكىلى.ھەرگىز خېشىنغا ۋە بىزگە ئوخشىمايدۇ.ئۇ توغۇرلۇق باش قاتتۇرمايلى .قايتىپ كېتەيلى ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ــ دېدى ئىگىز بويلۇقى چارچىغاندەك ئەسنەپ تۈرۈپ.
ــ ماقۇل قايتىپ كېتەيلى ــ پاكار بويلۇقى گەپكە ماسلىشىپ.
  مەن ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم.قۇلىقىمغا تاھازىرغىچە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.بىز تۈلكىلەرنىڭ  دۇنياسى دىكى ئىشلار ئادەملەر دۇنياسىدىمۇ بارئىكەن.مەن تۇغۇلۇپ ئەقلىمنى تاپقاندا «يولۋاسنىڭ دالدىسىدا تۇرۇش »دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم.بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىشكە قىززىققىنىمدا ئانام مېنى بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئېلىپ بارغان ئىدى.بىز بارغاندا مەيدان چوڭ ۋە كىچىك تۈلكىلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ.ئانام بىلەن مەن بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر پېشقەدەم تۈلكە ئورنىدىن تۇرۇپنۇتۇق سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ قېرىنداشلار ،بىز تۈلكىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئۆزى ئەقىللىق،لېكىن جىسمىمىز كىچىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن كۈچلۈك ھەم ئاجىز مەخلۇقلارمىز.بىزنىڭ كۈچلۈكلىكىمىز ئەقلىمىزدە.ئاجىزلىقىمىز جىسمىمىزنىڭ  ھەم كىچىك ھەم ۋىجىكلىكىدە.بىز خاتىرجەم، خۇشال،بىخەتەر،غالىپ ياشايمىز دەيدىكەنمىز.چوقۇم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.ئۇنداقتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاشئەنئەنىسى قانداق؟ بۇنى بىر باشتىن سۆزلەپ بېرەي.بىرىنچى ئەنئەنە :يولۋاس پادىشاھقا سادىق بولۇش. بۇ ئەنئەنە مايمۇنلارنىڭ يولۋاس يوق چاغدا پادىشاھ بولىۋېلىپ ،يولۋاس كەلگەندە يەر يۈزىدە ياشاشتىن دەرەخ ئۈستىدەياشاشقا مەڭگۈلۈك پالانغانلىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ بارلىققا كەلگەن.مايمۇنلار نېمىشقا دەرەخ ئۈستىدەياشاشقا پالىنىدۇ؟ سەۋەبى ئۇلاردا يول ۋاس پادىشاھىمىزغا سادىقلىق يوق.ساداقەت يوق.شۇڭا لەنەتكە ئۇچرىغان.بىز گۆشخور ھايۋان بولساقمۇ جىسمىمىزنىڭ چوڭ ئۇمرۇتقۇلۇق ھايۋانلارغا قارىغاندا كىچىكلىكى،ۋىجىكلىكى ،ئاجىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز،پادىشاھ بولۇشنى ئەمەس تەدبىرگە ماھىر ئەقلىمىز ئارقىلىق يولۋاس پادىشاھقا باش ۋەزىر بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىمىز كېرەك.ئىككىنچى ئەنئەنە :يولۋاس دالدىسىدا يا شاشنى بىلىشىمىز كېرەك.قۇرۇق گەپ قۇلاققا خۇش ياقمايدۇ.قۇرۇق قول بارساق يولۋاس بىزنى پاك ــ پاكىز يەۋىتىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يولۋاسنىڭ ئالدىغا چوڭ ئولجىلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.بىز خەۋەر ئېلىپ بارغاندا يولۋاسبىزنى يەي دېسە گۆشىمىز ئاز بولغاچقا قورسىقى تويمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۆلسەك يولۋاسنى ئولجا بار يەرگە باشلاپ بارىدىغان يول باشلىغۇچى چىقماي دۇ.يولۋاسنىڭ نىيىتى ئىتتىك بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن يولۋاسنىڭ ئالدىغا بارغاندا كاللىمىزنى ئىشلىتىپ ئولجىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دەيمىز لېكىن قايەردە ئىكەنلىكىنى دېمەيمىز.شۇنىڭ بىلەن يولۋاس بىزگە ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە مەنزىلگە بېرىپ ئولجىنى تۇتۇپ ئوڭچىۋاشقا يەيدۇ.يولۋاس ئولجىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بىز قايتىپ كېتىمىز.بۇنداق دېسەم ئولجىنى يولۋاس يىسە،بىزگە بىر چىشلەممۇ گۆش بەرمىسە يولۋاسنىڭ بىزگە نېمەپايدىسى تېگىدۇ ؟ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.يولۋاسنىڭ بىزگە ناھايىتى چوڭ پايدىسى تېگىدۇ! بىز يولۋاسنى ئولجا بار يەرگە باشلاپ ماڭغاندا يولۋاس بىلەن بىللە ماڭغانلىقىمىزنى ئېيىق، سىرتلان،بۆرە قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۋاسنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئىككىدىن كەم بولۇپ بارمايمىز. يولۋاس بىلەن بىللە ماڭغاندىن كېيىن بىزنى يولۋاسنىڭ ئادىمىكەن دەپ ئويلايدۇ.بىزنىڭ يولۋاسنى باشلاپ مېڭىشىمىزمۇ دەل يولۋاس بىلەن كېتىۋاتقانلىقىمىزنى باشقا ھايۋانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر!شۇڭا قاراڭغۇ،خىلۋەت يەرلەردە ئەمەس ئوچۇقچىلىق يەرنى تاللاپ ماڭىمىز.يولۋاسنى باشلاپ مېڭىشىمىز قايتا-قايتا ئېلىپ بېرىللىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھايۋانلار بىزنى تونۇپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يولۋاسنى باشلاپ ماڭمىغان چاغلىرىمىزدىمۇ تاغ-دالىلارداخاتىرجەم،ئەركىن بىمالال يۈرەلەيمىز.توشقان تۇتالايمىز.بىزگە ئۇچرىغان ھايۋانلار بىزگە چېقىلالمايدۇ.چۈنكى ئۇلار بىزگە چېقىلىپ بىزنى ئۆلتۈرەي دېسە يولۋاسنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقىدۇ.بىز يولۋاسقا سادىق بولۇش ۋە ئىزچىل خۇشامەت قىلىش ئارقىلىق بىختەرلىككە ئېرىشىمىز.بۇ گەپ مەڭگۈ ئېسىڭلاردا بولسۇن.بىز نېمە ئۈچۈن باشقا ھايۋانغا ئەمەس يولۋاسقا سادىق بولىمىز ۋە خۇشامەت قىلىمىز؟ چۈنكى چوڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇشامەت قىلىپ بولالمايمىز.پەقەت يولۋاسلا بارلىق ھايۋانلارنىڭ پادىشاھى.يولۋاستىن بارلىق ھايۋانلار قورقىدۇ.يولۋاسقا سادىق بولساق ۋە داۋاملىق خۇشامەت قىلساقلا مەڭگۈ بىخەتەر بولالايمىز ۋە ئەركىن ھالدا ئولجا تۇتۇپ ياشىيالايمىز.بىز يولۋاسنىڭ دالدى سىدا تۇرغاچقا ھايۋانلار بىزگە زىيان سالالمايدۇ.بىز يولۋاسنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ھايۋانلارغا ھەيۋە قىلالايمىز.بۇ مەقسەتنى پەقەت كۆڭلىمىزدىلا بىلىمىز.ھايۋانلارغا دېمەيمىز.يولۋاسقا تېخىمۇ دېمەيمىز.دەپ قويساق يولۋاس ئەخمەق قىلىنغىنى بايقاپ قالىدۇ-دە بىختەرلىكىمىز پۈتۈنلەي يوققا چىقىپ ھايۋانلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ كېتىمىز.بۇ مەخپىيەتلىكنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار،ھەرگىز ئاشكارلاپ قويماڭلار !
  قايتىپ كېتىۋاتقاندا ئانام ماڭا بوۋامنىڭ يەتتە يىلغىچە يولۋاس بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى،ھايۋانلار تەرپىدىن «باش ۋەزىر»دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكىنى،يولۋاسنىڭ دالدىسىدا بىخەتەر ۋە ياخشى ياشاپ جەمەتىمىزنى ئاۋۇتۇپ ئاخىرىدا خاتىرجەم كۆز يۇمغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.كىچىكىمدە ئاڭلىغان شۇ ئۇنتۇلماس گەپلەر قەلبىمگە ئەينەن ئورناپ كەتكەن بولغاچقا خۇددى تۈنۈگۈن ئاڭلىغاندەك ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرماقتا.مانابىر يىل بوپتۇ مەن تۇتۇلۇپ مۇشۇ ھايۋانات باغچى سىغا بەند قىلىنغىلى.دالىدا ئەركىن يايراپ ياشاۋاتقان تۈلكە قېرىنداشلىرىمغا شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كېلىدۇ:
قېرىنداشلىرىم يولۋاس دالدىسىدا مەڭگۈ  بىخەتەر ياشاڭلار!

مەنبە : ئۆز قەلىمىم ،2016-يىل،12-فېۋرال،بۈگۈر.



uyghuray

2

تېما

22

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1903
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 15:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىليەتۇنىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن ! جەمىيتىمىزدىكى ھىيلىگەر قۇۋ تۇلكىدىنمۇ بەتتەر يالاقچىلارغا بەكمۇ ماس قامچىلاش تۇسىنى ئالغان فىليەتۇن بوپتۇ بۇ قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ! ئوخشۇتۇش بەك توغرا بۇپتۇ !

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55470
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 18:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  كوناشەبنەم مۇنبىرىدىكى ئالپامىش شۇمۇ  .........................

1

تېما

2

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54012
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 12:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كونا شەبنەم مۇنبىرىدىكى ئالپامىش ئەمەس.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )