گەپدان چېرچىل
نيۇ يۆ
مۇھەھمەدئەلى ئەنۋەر تەرجىمىسى
ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە سىياسىي پاراسىتى غەرب دۇنياسىدا ئىزچىل تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، مەن ئۇنىڭ ھازىرجاۋابلىقىغا، يۇمۇرىستىكلىكىگە تېخىمۇ قايىل. ئۇنىڭ بەزى كىنايىلىك سۆزلىرى ھازىرغىچە ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرىدۇ. گەرچە، بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «سېسىق گەپ» قىلىشقا ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان. تۆۋەندە بىز چېرچىلنىڭ مۇشۇ خىل «سېسىق گەپ»لىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى.
1.چېرچىل 75 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى زىياپىتىدە، بىر ياش مۇخبىر ئۇنىڭغا:«كېلەر يىلى يەنە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلەش نېسىپ بولغاي، ئىلاھىم» دېسە، چېرچىل ئۇ يىگىتنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويۇپ:«قارىسام خېلىلا تىمەن كۆرۈنىسىز، چوقۇم نېسىپ بولىدۇ» دېگەن.
2.چېرچىل بىلەن داڭلىق يازغۇچى بېرنارد شاۋ ئەپ ئۆتمەيتتى. بىر قېتىم بېرنارد شاۋنىڭ سېنارىيەسىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن دىراما تىياتىرخانىدا قويۇلماقچى بولغان. ئۇ بىرەيلەندىن چېرچىلغا ئىككى دانە بېلەت ئەۋەتكەن ھەم «بۇ يېڭى دىرامامنىڭ تۇنجى كۈنلۈك بېلىتى. بىرىنى سىزگە ئەۋەتتىم. يەنە بىرىنى دوستلىرىڭىزغا بېرەرسىز-ئەگەر دوستىڭىز بولسا» دەپ يېزىلغان باغاقچىنىمۇ قوشۇپ قويغان. چېرچىل بېرنارد شاۋنىڭ ئۆزىنى بەك كۆپ دۈشمەنلىك بولۇپ كەتتىڭ دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بېلەتنى قايتۇرۇۋەتكەن ھەم «تولىمۇ ئەپسۇس، بۈگۈن ئالدىراش بولغاچقا، دىرامىڭىزنى كۆرگىلى بارالمايدىغان بولدۇم. لېكىن، مەن ئەتىكى دىرامىغا بېرىشنى بەكمۇ خالايمەن-ئەگەر بۇ دىرامىڭىز ئەتە يەنە قويۇلغۇدەك دەرىجىدە ئالقىشلىنىپ قالسا» دەپ يېزىلغان باغاقچىنى قوشۇپ قويغان.
3.چېرچىل كۈيۈ ئوغلىنى پەقەت ياقتۇرمايتتى. بىر قېتىم كۈيۈ ئوغلى ئىككىيلەن بىر زىياپەتكە تەڭ قاتنىشىپ قالىدۇ. زىياپەت داۋامىدا، بىرەيلەن چېرچىلدىن:«سىز كىمگە ھەممىدىن بەك قايىل» دەپ سورىغاندا، ئۇ كۈيۈ ئوغلىغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ:«بېتو مۇسسولىنغا (ئىتالىيە فاشىستىك پارتىيەسىنىڭ كاتتىبېشى، گىتلېرنىڭ سادىق شېرىكى). چۈنكى ئۇنىڭدا كۈيۈ ئوغلىنى ئېتىۋەتكۈدەك جاسارەت بار ئىدى. ئەپسۇس مەندە يوق» دېگەن.
4.چېرچىل ئايال سىياسىي رەھبەر نەنسى ئاستور بىلەنمۇ چىقىشالمايتتى. بۇ ئىككىيلەن ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا بىر-بىرىنى چېقىۋالمىسا بولدى قىلمايتتى. بىر قېتىم ئىككىيلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ، ئاستور چېرچىلغا:«ئەگەر سىزنىڭ ئايالىڭىز بولۇپ قالغان بولسام، چوقۇم قەھۋەيىڭىزگە زەھەر سېلىۋېتەتتىم» دېگەندە، چېرچىل ئالدىرىماي-تەمتىرىمەي تۇرۇپ:«ئەگەر سىزنىڭ ئېرىڭىز بولۇپ قالغان بولسام، زەھەر سېلىنغان قەھۋەنى ئىككىلەنمەي ئىچىۋېتەتتىم» دېگەن.
5.بىر قېتىم بىرەيلەن چېرچىلغا:«ھەر قېتىم سىز نۇتۇق سۆزلىگەندە، زالغا ئادەملەر پاتمايلا قالىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ھاياجانلىنىپ كېتەمسىز؟» دەپ سورىغاندا، چېرچىل:«دەسلەپتە ھاياجانلانغاندەك بولىمەن، لېكىن <ئەگەر مەن دارغا ئېسىلسام، كۆرگىلى كېلىدىغانلار چوقۇم بۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ> دېگەنلەرنى ئويلاپ، ھاياجىنىم چىپپىدە بېسىقىپ قالىدۇ» دېگەن.
6. 1945-يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى. ئەينى چاغدا گېرمانىيە تەسلىم بولغان، چېرچىل ئەنگلىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇرۇقلۇق سايلامدا يېڭىلىپ قالدى. ۋاننىغا چىلىنىۋاتقان چېرچىل قول ئاستىدىكىلىرى يەتكۈزگەن سايلام نەتىجىسىنى ئاڭلاپ، تەمكىن ھالدا:«ئۇلار بىزنى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىشكە تامامەن ھەقلىق، ئەنە شۇ دېموكراتىيە. بىز دەل شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان» دېگەنىدى.
مەنبە: ئۇيغۇرچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 12-سانىدىن
|