قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1765|ئىنكاس: 9

سىياسەت ۋە سودا پۇرسىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

458

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20970
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 22:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تۈر مەبلىغى يوللاش قەدەم باسقۇچلىرى ناملىق تېمىنى يوللىغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان سوئاللار مىنى ئايلاندۇرىۋەتتى . بۈگۈن گەرچە كوم نىڭ ئالدىدا قوپماي 10 سائەت ئىشلىسەممۇ گەپ سۆزلىرىم ھىچ تۈگىمەيدىغاندەك قىلىدۇ .
   تۈر مەبلىغى ماھىيەت جەھەتتىن ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ئاپاراتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى يۆلەش ، تەرەققىيات پۇرسىتى بولغا كەسىپلەر ۋە كارخانىلارنى يۆلەش ، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ، تارىخى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش ئېچىش ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدىغان مەبلەغ ھېسابلىنىدۇ . بىز نىمىلا ئىش قىلساق ھۆكۈمەت تۈر مەبلىغى بىرىدىغان ئىش بولمايدۇ . بۇ مەبلەغنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سالمىقى ، سۈرۈشتىسى بار ، ئالدىكەنسىز شۇنىڭغا لايىق تەرەققىيات ھاسىل قىلىشىڭىز كېرەك . شۇڭا بۇ ئىشقا قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىك ، ئەمما ئىلتىماش قىلغۇدەك شارائىتى بارلارنىڭ ئۆتكۈزىۋەتمەي ئېلىپ پايدىلىنىشىنى سورايمەن .


       بۇ تېمىدا مەن ئاساسلىقى ھۆكۈمەت سىياسىتى كەينىگە يۇشۇرۇنغان سودا پۇرسىتىنى ئازراق شەرىھلەپ ئۆتمەكچىمەن . ھازىر نامراتلار يۆلەش خىزمىتى ئاساسى قاتلامدا ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە . ئۆتكەن نەچچە يىلدا ھۆكۈمەت ئۆي ماكان قۇرلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئىشلىگەن ۋە نۇرغۇنلىغان سودا پۇرسەتلىرى يارىتىلغان . بۇ قېتىمقى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بىزنىڭ رايونىمىزدا ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى ، چارۋا باقمىچىلىق ۋە ئالاھىدە كەسىپلەرگە مەركەزلەشكەن . چۈنكى رايونىمىزدا سانائەت ئاساسى ئاجىز بولغاچقا ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەنئەنىۋە ساھە نۇقتىلىق تۇتۇلدى . بەلكىم يېزىدا تۇرىۋاتقانلار بىلىشى مۇمكىن ، ھازىر كەنت كەنتلەردە قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش جەدىۋەللىرى تولدۇرۇلۇپ دىھقانلار باقمىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ، پارنىك قاتارلىق ساھەلەردە يىتەكلىنىۋاتىدۇ . بۇ ئىش بىلەن تەڭ ئەمدى نۇرغۇن سودا پۇرسىتى چۇۋۇلۇپ چىقتى . يەنى بىز مۇنداق مىسالغا ئالايلى : باقمىچىلىق ساھەسى قىسقا مەزگىل ئۆسۈش دەۋرىگە كىرىدۇ ، چۈنكى دىھقانلارغا تارقاتقان پۇلغا كالا ئالىدۇ ، قوي ئالىدۇ ، كەپتەر - توخۇ ئالىدۇ . بۇلارنى ئېلىپ دىھقانلار بېقىپ ساتقۇدەك مەزگىلگە كەلگۈچە گۆش باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇ مەزگىلدە كۆپلەپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ قولىدىكى بېقىلىۋاتقان قوي كالا، كەپتەر توخۇلارنى قولدىن چىقىرىشنىڭ ياخشى پەيتى . مۇۋاپىق ۋاقىت تاللىسىلا ياخشى پايدا ياراتقىلى بولىدۇ . 2017- يىلىغىچە دىھقانلار باقمىچىلىق ئۈچۈن ئالغان ماللىرىنى قولدىن چىقىرىش پەيتىگە كىرمەيدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن بازار تۇراقلىشىشى مۇمكىن .
      بۇ ساھەدە ئەگىشىپ چىقىدىغان سودا پۇرسىتى : ئېغىل قۇتان قۇرلۇشى . بۇنىڭدا ھۆكۈمەت قۇتان تۇلۇقلىمىسى تارقىتىدۇ ، تارقىتىش ئۈچۈن كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئېغىل قۇتانلىرى تولۇقلىما ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن ئوڭشاپ سالىدۇ . شۇڭا قۇرلۇش بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئۇششاق سودىگەرلەرگە بۇ بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ .
     چارۋا - مال يەم خەشەك سودىسى . كۈنجۈر - كىپەك ، چىگىت ، سامان ، سېرىق قۇناق قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ ، بۇ ساھەدە سودا قىلىۋاتقانلار بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە ئارتۇق پۇل بولسا مال يىغىپ قويغۇلۇق . 2017-يىل باشلىنىدىغان پەيىتلەردە باھاسى ئۆسىدۇ . ئەسكەرتىش : داۋاملىق ئۆسەمىكى دەپ بەك ساقلاپ كەتكەنلەر ئىھتىيات قىلىڭلار ، بازار تۇراقلىشىپ كەينىگە قايتىدىغان ۋاقىتقا سوزۇلۇپ كەتسىڭىز دەسمايىڭىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ . مۇۋاپىق پايدا بولسا بۆلۈپ بۆلۈپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك .چارۋا مال دورىسى سودىسى قىلىدىغانلارنىڭمۇ مۇھىم سودا پۇرسىتى كەلدى ، بۇ پۇرسەتتە كۆلەملىك باقمىچىلار كۆپىيىدۇ ، دورا سودىسى قىلىدىغانلار مۇقىم خېرىدار توپى يىغىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ .   
    باقمىچىلىق كوپراتىپى قۇرۇدىغانلار يېڭىچە پۇرسەت پىشىپ يىتىلدى .  مۇشۇ ساھەدە ئوقۇپ كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىھقانلارنى يىتەكلەپ كوپراتىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنى قۇرۇپ ، دىھقانلارنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ ھۆكۈمەت يوللىرىغا مېڭىپ ھەرخىل مەبلەغلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ . ئالاھىدە سورتلۇق باقمىچىلىق قىلىدىغانلارغىمۇ يېڭىچە تۈر بار بولۇپ ، مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەر ئارقىلىق ئىرىشىدىغان ياردەم پۇللىرى بار ، ئېلىپ پايدىلانساق بولىدۇ .
   پارنىك ۋە باشقا تېرىلغۇلاردىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ماڭماقچ بولغانلار ئۈچۈن يېڭىچە دىھقانچىلىق تېخنىكلىرى كامچىل بولىدۇ . بۇ پەيىتتە يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە ئوقۇغانلار ئۈچۈن پۇرسەت كەلگەن بولۇپ ، كۆلەملىك تېرىلغۇ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ، دىھقانلاردىن كوپراتىپ تەشكىللەپ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ، تۈر مەبلىغى ، كەسپى تەربىيلەش مەبلىغى ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى قاتارلىق مەبلەغلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ، پارنىكتا يېشىل يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى بەرپا قىلىپ يېشىل يىمەكلىك تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق پۇرسەتلەر بار . بەك تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولغانلارغا كىيىنچە ھەربىر تۈرنى ئايرىم - ئايرىم تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن .   
  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ، پارنىك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بازىرى قىزىيدۇ . بەشخىل مىتال ياكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سودىگەرلىرى پارنىكقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ، ماشنىلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدىگەچ تۇرسا بولىدۇ . چۈنكى بۇ يىل نۇرغۇن ناھىيىلەرنىڭ نەچچە مىڭدىن پارنىك قۇرۇش ۋەزىپىسى بار ، بۇ پارنىكلار ھەممىسى تېخنىكىغا ، ئۈسكۈنىگە مۇھتاج .
بەلكىم بۇنچە كۆپ پارنىكنى قۇرۇۋېلىپ نىمە قىلا دىيىشىڭلار مۇمكىن ، بىزنىڭ يەۋاتقان سەي كۆتاتلىرىمىزنىڭ 50% ى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىدۇ . پۈتۈن شىنجاڭدا 80% ئادەم دىھقان تۇرۇپ يەنە شۇنچە جىق كۆكتاتنى ئىچكىردىن ئەكىلىپ يەيمىز ، ھۆكۈمەت شىنجاڭنى ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان ھالغا ئەكەلمەكچى . پارنىكتا مىۋە چىۋە ئۆستۈرۈش ، گۈل ئۆستۈرۈش ، دورا ماتىرياللىرىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرى ئەمدى بىزنىڭ يۇرتلارغىمۇ يىتىپ كېلىدۇ .
  ئالاھەدى كەسىپلەر : يەرلىك قول ھۆنەرۋەنچىلىك ( گىلەم ، چالغۇ ئەسۋاپلىرى ، ئەتلەس دىگەندەك ) ، ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ تۈر مەبلىغىگە ئىرىشىش پۇرسىتى يىتىپ كەلدى . ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقان ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيى بارلار چوقۇم كوپراتىپ ياكى شىركەت كوللىكتىپى تەشكىللەپ شۇ يولدا ئىزدەنسە بۇ يىل ياخشى چىقىش يولىغا ئىگە بولالايدۇ . ئەمما چوقۇم يەڭگىللىك قىلماسلىقى ، قىلىدىغان ئىشى ئېنىق بولىشى ، قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىكى كېرەك .
   بۇنچە جىق مال باقساق ، بۇنچە جىق مىۋە چىۋە ئۆستۈرسەك ، بۇنچە جىق كۆكتات تېرىساق بۇنى نەگە ساتامىز دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن . كۆكتاتلارنىڭ ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كىلىنىشى ئازىيىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلىشى ئىشقا ئاشىدۇ ، دىمەك ئۆزىمىزگە ئاران يىتىدۇ . بەلكىم باھاسى چۈشىشى مۇمكىن ، ئەمما سېسىپ كەتمەي پۇل بولىدۇ ، ئەگەر سۈپىتى ياخشى ، يېشىل مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ يېشىل يىمەكلىك بەلگىسى ئالالىسىڭىز سىزگە بايرام بولىدۇ . چۈنكى دىيارىمىزنىڭ تۇپراق ھاۋا شارائىتى بۇنىڭغا يار بېرىدۇ ، ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . گۆشلىرىمىز ئۆزىمىزنى تەمىنلەپ مۇشۇ باھانىدە ئازراق باھاسى چۈشسە ھىچكىمگە زىيىنى يوققۇ دەيمەن ، چۈنكى بىزنىڭ ئىستىمال سەۋىيىمىز ، ئايلىق كىرىمىمىز بىلەن گۆش باھاسىنى سېلىشتۇرساق نىسبەت بەك يۇقىرى . ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارچۇ ؟ بۇلارغا دۇنيانى چۆگىلەيدىغان پۇرسەت كەلدى ، يەنى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۆنەر بويۇملىرىنى ئەمدى توردا ساتىمىز ، بىز توردا كىيىم ، ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلات ، زىبۇزىننەت ساتالمايمىز ، ئەمما مۇشۇ نەرسىلىرىمىزنى ساتالايمىز . تور سودىسىغا ئىپى بارلار ھۆنەرۋەنلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ توردا ئىناۋەت تىكلەشنى باشلىساڭلا بولىدۇ . كۆپلىگەن رايونلاردا ئۆلچەملىك سوغوق ساقلاش ئىسكىلاتى يوق ، بۇ يىل ئىسلكىلات قۇرۇش ئارزۇيى بار لوبەنلەر ئىش باشلىساڭلار تامامەن بولىدۇ . چۈنكى مىۋە چىۋە بەك كۆپ بولۇپ كىتىشى مۇمكىن ، بۇنى ساقلاش ئۈچۈن ئىسكىلات لازىم بولىدۇ . بۇ يىل ھۆكۈمەت تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش تۈرىدە سوغوق ساقلاش ئىسكىلاتىمۇ بار بولۇپ ، تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ ئالالىسىڭىز مەبلىغىڭىز ھەسسىلەپ قايتىپ كېلىدۇ .
..............
   دىمەك قۇرۇق گەپنى يىغقاندا ، بۇ قېتىملىق سىياسەت بازارنى زور كۆلەمدە قوزغىتىدۇ . بۇ تۈرلەر ئاساسلىقى بانكا قەرزى ئارقىلىق باشلىنىدۇ ، شۇڭا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىمەنكى  :  90% دىھقاننىڭ ئۆي ماكان قەرزى بار ، بۇ قېتىملىق قەرز سىزگە نىسبەتەن قەرز ئۈستىگە قەرز بولىدۇ . دىمەك سىز مۇشۇ پۇرسەتتە ياكى قەددىڭىزنى رۇسلاپ قەرزىڭىزنى تۈگىتىسىز ، ياكى تېخىمۇ قەرزىڭىز چوڭىيىپ گەدەندىن ئۆتۈپ دۈمبىڭىزگە چۈشىدۇ ، شۇڭا بۇ قېتىملىق پۇرسەت ناھايىتى ئۆتكۈنچە پۇرسەت . بىز بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن مۇنداق تەكلىپ بىرىمەن .
1 . پەقەت بىرلا تۈر بىلەن شۇغۇللىنىڭ ۋە شۇ تۈرنى ياخشى قىلىڭ . چۈنكى ئاچىماق قۇزۇقنىڭ يەرگە كىرمەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، شۇڭا بىر تۈرنى قىلىڭ ئەمما شۇنى ياخشى قىلىڭ .
2 . نىمىلا ساھەنى قىلماڭ چوقۇم ئۇچۇرىنى ياخشى ئىگەللەڭ . مەن بۇ ئىشنى باشلىسام قانچىلىك پۇل كىتىدۇ ، قانداق باشلايمەن ، بۇنىڭ بازىرى نەدە ، قانداق ساتىمەن دىگەنلەرنى ئويلىشىپ قىلىڭ .
3 . تېخنىكا ئىگەللەڭ . چوقۇم ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىدىغان ئىشنىڭ تېخنىكىسى ئاز تولا ئىگەللەپ تېخنىكا بىلەن ئىش قىلىڭ ، بۇرۇنقى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان ئادىتىڭىز ئەمدى ئاقمايدۇ .
4 . كوللىكتىپ ئىش قىلىڭ . مەيلى ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى دېھقانلار بولسۇن ، بىرلىشىپ ئىشىڭلارنى كۆلەملىك باشلاڭلار ، كىچىكتىن بولسىمۇ ئۆلچەملىك باشلاڭلار .
5 . ئەڭ مۇھىم بىر تۈر ___ ماركا بىلەن ئىش باشلاڭ . ماركا دىمەك ئىناۋەت دىمەك ، سىز ئەمدى ماركىسىز ئىش باشلىسىڭىز خاراپ بولغىنىڭىز بولغان ، چوقۇم ماركا بىلەن ئىش تۇتۇڭ ، ئۆزىڭىزگە خاس بولغان خاسلىق ، ئىناۋەت بولسۇن . بازار ھەرقانچە بولش بولسىمۇ ماركىسى بار نەرسىلەر يەنىلا قەددىنى رۇسلاپ ماڭالايدۇ . شۇڭا دىھقان قېرىنداشلىرىمنى يەنە بىر ئاگاھلاندۇرىمەنكى : بۇ قەرزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ ، ئەگەر بۇ قېتىملىق قەرز پۇلدا بىر تېيىلىپ كەتسىڭىز 5 يىلدىن 10 يىلغىچە قەددىڭىزنى رۇسلىيالمايسىز .


  بۇ يازما مىنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىم ، ھىچقانداق پايدىلانغان مەنبە يوق ، تورداشلار ئىجابى پايدىلانسا ، تۇلۇقلىسا بولىدۇ ، ئەمما بۇ كۆز قاراشلار بىلەن ئىش تۇتۇپ قىلغان پايدا زىيانلىرىڭىزغا مەن ئىگە ئەمەس . قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىڭىزگە باغلىق . كوپراتىپ ، شىركەت ، تۇلۇقلىما ، تۈر مەبلىغى قاتارلىق ئىشلارغا قىزىقىدىغانلار بولسا مەن ئايرىم تىمىدا تەپسىلى يوللىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن .
uyghuray

0

تېما

1

دوست

725

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55076
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 11:12:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇ  سىز  گە كۆپ رەخمەت سىز نىڭ چۇشەندۇرىشىڭىز نى ساكلايمەن رەخ
مەت

0

تېما

2

دوست

5075

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1542
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 14:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بازارنى قاچان قوزغىتىدۇ ،پاختا ئەرزان ،كۇنجۇر پوستەك قىممەت ،چارۋا ئەرزان يەم خەشەك قىممەت ،ئاشلىق ئەرزان خمىيۋى ئوغۇت قىممەت.ھازىر بازارلاردا دىھقانىڭ مەسلۇھاتى ئەرزانچىلىق ،شىركەتنىڭ مەسلۇھاتى قىمەتچىلىك ،بۇ قانداق قانۇنيەت
گوش چۇشسە مائاشلىقلار خوش بولدۇ ،چۇنكى ئۇلارنىڭ مائاشى يىلسىرى ئوسۇۋاتىدۇ دىھقانىڭ بولسا كۇنسىرى چۇشىۋاتىدۇ بۇ بىر ھەققەت
مۇشۇ سۇرئەت بويچە بولسا ئۇزۇنغا قالماي مائاشلىقلار بايۋەتچىلەرگە ،يەر تېرىغانلار ،‹‹نەچچە يۇزمو يەر تېرىغان يەرىوجايىنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا›› نامىراتلارغا ئايلىنىپ قالدىغان ئوخشايمىز

1

تېما

0

دوست

458

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20970
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 15:49:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2016-2-13 14:38
بازارنى قاچان قوزغىتىدۇ ،پاختا ئەرزان ،كۇنجۇر پوستەك  ...

ھۆكۈمەت ئاشلىققا باھا چەكلىمە قۇيىدىغان ئىشنى يوق قىلماقچى ، ئاشلىق باھاسى ئۆسىدىغان زامانغا ئۇزۇن قالمىدى ، باھانىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشى بازارنىڭ قانۇنىيىتى ، ئىددىيىسى ئازاد بولمىغان ئادەم ئۈچۈن قىممەت ئالسىمۇ باي بولمايدۇ ، ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇن پاختىنى تازا ئالغان ، چىلاننى تازا ئالغان ، ئەمما پۇلنى توغرا ئىشلىتەلمىگەن دىھقانلار يەنە خەجلەپ تۈگىتىپ ئەھۋالى  ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ ، سىز بازادىن ئاغرىنىشنى ئەمەس ئۆسۈپ تۆۋەنلەپ تۇرىدىغان بازاردىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىڭ
uyghuray

0

تېما

1

دوست

280

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28135
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 20:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتنىڭ ( مىۋە ۋە سەي كوكتات ساقلايدىغان ) تەنەرخى قانداق ،تۇر مەبلىغىنى قايسى ئورۇنغا ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى  توغۇرسدا بىلىدىغانلار بىر نەرسە دەپ باقساڭلارچۇ ؟

1

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 21:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablikim221 ئەپەندى مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرغايمىز.
سىز ھازىرقى دېھقانلارنىڭ ئۇچراۋاتقان خىرىسلىرى نىمە دەپ قارايسىز؟دېھقانلاردا
نىمە كەم؟قانداق دېھقانلار پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ؟

1

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-13 21:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاختا ئەرزان ،كۇنجۇر، پوستەك چارۋا ، سامان،يەم خەشەك..لەرنىڭ باھاسى قانچىلىك بۇلاۋاتىدۇ،ھەريۇرتتىكى قېرىنداشلار دەپ باقساڭلار؟
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )