تېررورىزمنىڭ بەش چوڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
جوسف س.ناي (ئامېرىكا)
سۈبھى باغداش تەرجىمىسى
تېررورچىلار ئامېرىكا سىياسىيسىنى ئاللىقاچان ئەسىرگە ئېلىۋالدى. 2015-يىلى 12-ئايدىكى خەلق رايى ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %16ى، يەنى ھەر ئالتە ئامېرىكىلىقنىڭ بىرى تېررورىزىمنى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، لېكىن 11-ئايدا بۇ نىسبەت پەقەت %3 ئىدى. گەرچە 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى %46دىن يەنىلا تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما نىسبەت 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تېررورىزمنى تىلغا ئېلىشىنىڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشىدۇر.
بۇنداق جامائەت پىكىرىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى پرېزىدېنت دەسلەپكى سايلىمىدا گەۋدىلىنىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولدى. بۇ شەك-شۈبھىسىزكى مۇسۇلمانلارغا قارشى گەپ-سۆزلىرى ناھايىتى قاتتىق بولغان (ھەتتا قۇتراتقۇلۇققا ئىگە) دونالد ترۇمپنىڭ سايلام پائالىيىتىنى جانلاندۇردى. بەزى سىياسىئونلار تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» دەپ ئاتاشقا باشلىدى.
كالفورنىيە ئىشتاتى سان بېردۇدا 12-ئايدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم تېررورىزم مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئەمما بۇ مەسىلە پرېزىدېنت نامزاتلىرى ۋە قەدىمقى ھېكمەتلىك سۆز «قانچە قانلىق بولسا شۇنچە دىققەتنى تارتىدۇ»غا ئىشىنىدىغان ئاخبارات مېدىيەلىرى تەرىپىدىن كۆپتۈرۈلدى. تېررورىزمنى توغرا تونۇماقچى بولسا، ئامېرىكىلىقلار (ۋە باشقىلار) تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئەستە مەھكەم ساقلىشى كېرەك.
تېررورىزم مەلۇم شەكىلدىكى ئويۇن. تېررورچىلار دىققەتنى تارتىشقا، ھەرىكىتىدە كېلىپ چىققان ئۆلۈم-يېتىم سانىنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى دىققەت مەركىزى قىلىشقا ئامراق. «ئىسلام دۆلىتى» سەھنە سەنئىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىجتىمائىي مېدىيەلەرنىڭ ياردىمىدە تارقاتقان ياۋايىلارچە كاللا كېسىش فىلىملىرىنىڭ مەقسىتى چۆچۈش ۋە غەزەپلىنىشنى قوزغاش ھەمدە بۇ ئارقىلىق دىققەتكە سازاۋەر بولۇشتۇر. ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ھەر قېتىملىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى باش تېمىلىق خەۋەرگە ئايلاندۇرىدۇ، بىز دەل ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشتۇق.
تېررورىزم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئاممىسى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئەمەس. قاتناش ۋەقەسى ۋە تاماكا ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى تېررورىزىمدا ئۆلگەنلەردىن ناھايىتى كۆپ. ئەمەلىيەتتە، تېررورىزم ھەتتا ناھايىتى چوڭ تەھدىت ھېسابلانمايدۇ، ھەتتا كىچىكمۇ ھېسابلانمايدۇ. ئادەملەرنىڭ چاقماق سوقۇپ ئۆلۈش ئېھتىماللىقىمۇ تېررولۇق ھەرىكىتىدىن چوڭ.
مۇتەخەسىسلەر ئامېرىكىلىقلار ھەر يىلى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ 3 مىليون 500 مىڭدە بىر ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىدى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاننىدا تۇيۇقسىز ئۆلىشى (950 مىڭدە بىر)، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى كاشىلىسى (1 مىليون 500 مىڭدە بىر)، بۇغا سوقۇۋېتىش ھادىسىسى ( 2 مىليوندا بىر) ياكى سودا يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىسى ( 2 مىليون 900 مىڭدە بىر) نىسبىتىمۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلۈش نىسبىتىدىن چوڭ. ھەر يىلى 6000 ئامېرىكىلىق بىر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدەپ بىر تەرەپتىن قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياكى تېلفون ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ تېررورىزمدا ئۆلۈش نىسبىتىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاشقۇن ئىسلام تېررورىزىمىدا ئۆلگەنلەر سانى نارازىلىق سەۋەبلىك ئىشخانا ۋە مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەردىنمۇ ئاز. تېررورىزم ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمەس.
دۇنياۋى تېررورىزم ئاللىقاچان يېڭى خەۋەر ئەمەس بولۇپ قالدى. تېررورىزم دولقۇنى ھەمىشە بىر ئەۋلاد كىشلەر بولغاندا ئاندىن پەيدىنپەي سۇسلىشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتى ئۇتوپىيە ئىدىيەسى ئۈچۈن نەچچە دۆلەت رەھبىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا «يېڭى سولچىللار» قىزىل برېگادىسى ۋە قىزىل ئارمىيە پولكى چېگرا ھالقىغان ئايروپىلانلارنى بۇلىغان ھەمدە ئادەتتىكى ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا ساھەسىدىكى ۋە سىياسىي داھىيلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان.
بۈگۈنكى غازاتچى ئاشقۇنلارنىڭ دىن تونىغا ئورۇنۇۋېلىشى بىر خىل قەدىمىي سىياسىي ھادىسە. كۆپلىگەن رەھبەرلەر ئەنئەنىۋى ئەسلىيەتچىلەر ئەمەس، بەلكى يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىلگەن ھەمدە تەسەۋۋۇرىدىكى ساپ ئىسلام خەلىپىلىكىدىن ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدەۋاتقان ئاممىدۇر. ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشقا ۋاقىت ۋە زېھنى كۈچ كېرەك، ئەمما «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئۆزىنىڭ تار بېكىنمىچىلىقى ئۇنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىنى چەكلەپ قويغان. ئۇنىڭ مەزھەپچىلىك ھۇجۇمى ھەتتا بارلىق مۇسۇلمانلارنى جەلىپ قىلالمايدۇ، ھىندى دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە باشقا دىنىي مۇرتىلارنى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئەڭ ئاخىرى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، بۇ تەرىپى باشقا چېگرا ھالقىغان تېررورچىلار بىلەن پەرقى يوق.
تېررورىزم برازىلىيەنىڭ جيۇ جىتسۇسىغا بەك ئوخشايدۇ. كىچىك ماھىر چوڭ ماھىرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ. دۆلەتكە ئوخشاش قۇدرەتلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى يوق ھەم تېررورلۇق ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئەمەس. ئەمما ئەگەر ئۇلار بىر دۆلەت ئاممىسىنى غەزەپلەندۈرەلىسە، ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىدا ئۈمىد بار. ئەل-قائىد تەشكىلاتى 2001-يىلى ئامېرىكىنى ئازدۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدۇردى. كېيىن ئامېرىكا رەھبەرلىدىكى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىدە خارابىيلىقتىن «ئىسلام دۆلىتى» بارلىققا كەلدى.
تېررورىزمنى مەغلۇپ قىلىشتا ئەقىل-پاراسەتنىڭ كۈچى كېرەك. ئەقىل-پاراسەتنىڭ كۈچى ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچى بىلەن جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە قايىل قىلىش كۈچى بار يۇمشاق ئەمەلىي كۈچنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدۇ. قاتتىق ئەمەلىي كۈچى تەۋرەنمەس تېررورچىلارنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئەسىرگە ئالىدۇ، بۇ كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئازدۇرۇش ۋە نەسىھەت بىلەن قايىل قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى جاھىل ئۇنسۇرلار ئۈچۈن ئادەم توپلىماقچى بولغان چەت ئاممىغا مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرىدۇ.
شۇڭا جامائەت پىكىرى ۋە ئامېرىكا ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي مېدىيەدىكى ئوبرازىغا ئەھمىيەت بېرىش ھاۋادىن دەل زەربە بەرگەنگە ئوخشاش مۇھىم ۋە زۆرۈر. مۇسۇلمانلارنى يىراقلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھىم ئاخبارات تەمىنلەش ئارزۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان قارشى سۆزلەرنى قىلىش ھەممىمىزگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەم نۆۋەتتىكى بەزى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ نېمىشقا شۇنچىلىك ئەكسىچە ئۈنۈم پەيدا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تېررورىزم ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە، بىزنىڭ ئاخبارات، ساقچى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ئورگانلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىشى بولۇشى كېرەك. تېررورىزم دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىم. ھەمدە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ تېرروچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇھىم.
ئەمما بىز تېررورچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك. زوراۋانلارنى بىرمۇ ئادەم يوق تىياتىرخانىدا نومۇرىنى ئورۇندىغىلى قويايلى. ئەگەر ئۇلارغا ئاممىۋى جامائەت پىكىرىنىڭ ئاساسلىق سەھنىسىنى تۇتقۇزۇپ قويساق، بىزنىڭ ئاممىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ سۈپىتىگە زىيان سالىدۇ، بىزنىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپىمىزنى بۇراپ تاشلايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ كۈچىمىز ئارقىلىق بىزگە تاقابىل تۇرىدۇ.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.
|