بۇ يازمىنى ئاخىرىدا berkat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-13 13:29
نىيوتۇننىڭ ئالمىسى ۋە قاسىمكامنىڭ كاللىسى
ئابلىمىت تۇرسۇن
نىيوتۇننىڭ ئالمىسى نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۇچىنىڭ تەسىردە يەر يۇزىگە تىك ھالەتتە تۇز سىزىقلىق تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىپ چۇشىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يەر يۇزىنى پايدىلىنىش سىسىتىمىسى قىلغاندىكى ئەھۋال. بىز ئالمىنى يەر شارىنىڭ قايسى قىسمىدىن تاشلىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر ئالما ھامان يەر يۇزىگە تىك ھالەتتە چۇشىدۇ، بۇنى مۇنداق چۇشەنسەكمۇ بولىدۇ، يەنى ئالما شاختىن ئايرىلىپ يەر يۇزىگە چۇشكىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى ئالەملىك تارتىش كۇچىدە. ئەگەر ئالەملىك تارتىش كۇچى بولمىسا ، ئالما شاختىن ئايرىلسىمۇ يەر يۇزىگە چۇشمەي شاختىكى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ. مانا بۇ ھەممە كىشى ئىتىراپ قىلغان نىيوتۇننىڭ كۆزقارشى. ئەمما ئېينىشتىيىننىڭ قارشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ يەرشارى يەرشارى ئەتىراپىدىكى ۋاقىت –بوشلۇقىنى ئىگىۋىتىدۇ-دە ئالما مۇشۇ ئىگىۋىتىلگەن بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشمۇ كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ بۇ قاراشلارنى ياقتۇرىمەن . ئالمىنىڭ شاختىن ئايرىلىپ يەرگە چۇشىشىدىن ئبارەت بۇ بىر ھادىسىگە بۇ ئىككى ئالىمنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئوخشاش ۋە ئوخشاش بولمىغان يەرلىرىگە قاراپ باقايلى . بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى ئوخشاش. يەنى يەرشارى .يەرشارى بولمىسا بۇ خىل ھادىسە بولمايدۇ. نىيوتۇن يەرشارى بىلەن ئالما ئوتتۇرسىدىكى ئالەملىك تارتىش كۇچى ئارقىلىق چۇشەندۇرىدۇ. ئېنيشتىيىن يەرشارىنىڭ بوشلۇقنى ئىگىۋىتىشى ئارقىلىق چۇشەندۇرىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر ھادىسىگە تاشقى سەۋەپ ئىزدىگەن .بۇ تاشقى سەۋەبنى يەرشارى دەپ قارىغان . ئوخشىماسلىقى : ۋاقىت ، بوشلۇق كۆزقارشى ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. نىيوتۇن ماددىلار ئارىسىدا بىۋاستە تارتىش كۇچى بار دەپ قارايدۇ. ئېينىشتىيىن ماددىلار ۋاقىت- بوشلۇق ئارقىلىق بىر بىرىگە تەسىر كۆرىستىدۇ دەپ قارايدۇ. ئالمىنىڭ شاختىن ئايرىلىپ يەرگە چۇشىشىدىن ئبارەت بۇ ھادىسىگە قارىتا قاسىمكامنىڭ كاللىسى ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە .ئۇ شەكىل نەزەرىيىسى ئارقىلىق بۇ ھادىسىنى مۇنداق چۇشەندۇرىدۇ. ئالما شاختىن ئايرىلىپ يەرگە چۇشكىچە قىلغان بارلىق ھەرىكەتلىرى ئالمىنىڭ ئۆزىگە تەۋە .يەنى بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى ئالمىنىڭ ئۆزىدە .يۇقىردىكى ئىككى ئالىم بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى سىرتتىن ئىزدىگەن بولسا ، قاسىمكام ھادىسە پەيدا قىلغان جىسىمنىڭ ئۆزىدىن ئىزدىگەن. بۇ ئادەمنىڭ ۋاقىت كۆزقارشى يۇقىردىكى ئىككەيلەنگە ئوخشىمايدۇ . بوشلۇق كۆزقارشى نىيوتۇننىڭكىگە ئوخشايدۇ. مەن تۆۋەندە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بۇ ھادىسىنى چۇشەندۇرىمەن (مەنمۇ شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ بىر ئىشتىراكچىسى بولغاچقا شەكىل نەزەرىيىسىگە زىننەت قوشاي دىدىم . تۆۋەندىكىسى مىنىڭ كۆزقارشىم ، قاسىمكا تەنقىدى قاراپ چىققايسىز ). مەن بۇ ھادىسىدە ئالمىنىڭ ئورنىغا قاسىمكامنىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىمەن. (چاقچاق) ھادىسىنىڭ بايانى :نىيوتۇن بايانىدا ئالما يەر يۇزىگە تىك تۆۋەنگە چۇشكەن دەپ بايان قىلىدۇ(مەن كۆرگەن ماتىرىياللاردا شۇنداق). مىنىڭ بايانىم، قاسىمكامنىڭ كاللىسى شاختىن ئايرىلىپ ، يەرشارىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق يەر يۇزىدە توختاپ قالىدۇ. مەن قاسىمكامنىڭ كاللىسىنى مۇرادىغا يەتكۇزۇش ئۇچۇن تۆۋەندىكىدەك بىر يەرگە تاشلايمەن . بىز يەرشارىنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدىغان قىلىپ، دىئامىتىرىنى بويلاپ ئۇ باشتىن بۇ باشقا تونىل قازايلى (سۇ ۋە ھاۋا كىرۋالمىسۇن) ئاندىن مەلۇم ئىگىزلىكتىن قاسىمكامنىڭ كاللىسىنى بۇ تونىلغا تاشلايلى . تەھلىل: نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۇچى گە ئاساسەن ، رادىئوسى ئۇزلۇكسىز كىچىكلەپ، تارتىش كۇچى چوڭىيىپ بارىدۇ. يەرمەركىزىگە بارغاندا رادىئوسى نۆل ، تارتىش كۇچى چەكسىز چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاسىمكامنىڭ كاللىسى يەر مەركىزىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ يەردىن چىقالماي ئۈكلىشىپ تۇگەيدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ ئىددىيەسى بويچە يەرشارى بۇ تونىل ئىچىدىكى ۋاقىت-بوشلۇقىنى قانداق ئىگىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۆزىمىزنىڭ گىپىمىزگە كەلسەك، قاسىمكامنىڭ كاللىسى تونىلنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن چىقالمايدۇ. شەكىل نەزەرىيىسىگە ئاساسەن قاسىمكامنىڭ كاللىسى تاشلاش نوقتىسىدىن يەر مەركىزىگە قاراپ سىفرال ياسايدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
قاسىمكامنىڭ كاللىسىنى a نوقتىدىن تونىلغا تاشلىساق ، يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ o نوقتىغا بىرىش جەريانىدا يۇقىردىكىدەك سىفرال ياسايدۇ .R يەرشارىنىڭ رادىئوسى. (يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تىك كىرىپ كەتكەن يۆنىلىشتە) قوياش ئەتىراپىدىكى ئوربىتا ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ كونۇس سىفرالى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاشراق مۇرەككەپ سىفرال ياسايدۇ. قاسىمكامنىڭ كاللىسىنىڭ بۇ خىل سىفرال ھەرىكەتلىرىدىكى ھالەتلەرنىڭ ھەممىسى قاسىمكامنىڭ كاللىسىغا تەۋە . سىرتقى تەسىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز .بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى 29- تىئورما بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ، 29-تىئورمىنىڭ شەرتى ئوقىدا ئايلىنىش بىلەن سىزىقلىق تىزلىك. ئالىملار ھازىرغىچە ئوقىدا ئايلانمايدىغان زەرىچەلەرنى بايقىمىدى، قاسىمكامنىڭ كاللىسىنى تۈزگىچى زەرىچىلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا قاسىمكامنىڭ كاللىسىدىن تارتىپ كائىناتتىكى بارلىق ماددىلار 29-تىئورمىچە شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. كىينىچە سىستىما تۇزۇش ھەققىدە توختالغاندا بۇ ھەقتە داۋاملىق توختىلىمەن.
شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئوقوغۇچىسى: ئابلىمىت تۇرسۇن
2016- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۇنى
|