سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى ۋە ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇش ساھەسىگە تەدبىقلىنىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
تاھىرجان مەزىن
بىرىنجى باب پىلان
ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال ئەتىراپلىق كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىپ، ئالدىن پىلان تۈزۈپ قىلىنغان ئىش ئەلىۋەتتە ھېچقانداق تەييارلىقسىز قىلىنغان ئىشتىن نەتىجىلىك بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. كارخانىمۇ ئوخشاش، ھەر قانداق بىر يېڭى تۈرنى باشلاشتىن بۇرۇن ئەتىراپلىق تەكشۈرۈش ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۈرگە باھالاش ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئەلىۋەتتە. سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىنىڭ 1- بابىدا بەش خىل مۇھىم نۇقتا يەتتە خىل ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق پىلان تۈزۈش ۋە تۈزۈلگەن پىلانغا باھا بىرىش كۆرسىتىلگەن. مەن بۇ بەش مۇھىم نۇقتا بىلەن يەتتە خىل ئەھۋالنى كارخانا باشقۇرۇش ساھەسىگە تۆۋەندىكىدەك تەدبىقلىدىم.
1. ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش: رەھبەر بىلەن تۈرنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقۇچى بارىلىق ئەزالار نىيەت- مەقسىدى ۋە نىشانىنى بىر نۇقتىغا توغرىلاش. جاپا-مۇشەققەت، ھوزۇر ھالاۋەتتە بىرگە بولۇشقا بەل باغلاش، بىر-بىرىگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق.
2. تەبئىي شارائىت: پەسىل، كىلىمات قاتارلىق تەبئىي شارائىتلارنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەسىرى.
3. ئىجتىمائىي شارائىت: قانۇن-سىياسەت، بازار، نىشانلىق خېرىدارنىڭ پىسىخىكىسى، ۋە باشقا ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ تەسىرى.
4. رەھبەر(باشقۇرغۇچى): رەھبەرنىڭ ساپاسى، ئەقىل پاراسىتى، شىجائىتى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مايىللىقى ۋە قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى، قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى، ئادىل باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، قائىدە-تۈزۈم ئالدىدىكى باراۋەرلىكى.
5. قائىدە-تۈزۈم ۋە تەشكىلى قۇرۇلما: مۇكاپات ۋە جازا، خادىملارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى، ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى ئادىل ۋە باراۋەر بولۇش.
يەتتە خىل ئەھۋال
1. قانداق قىلىپ ئىجرا گورۇپپسىدىكى خادىملارنى ئىدىيەدە بىرنۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش؟
2. ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي شارائىتلارنىڭ تەسىرى قانداق؟
3. قايسسى رەھبەرنىڭ ئىجرا گورۇپپىسىدىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى ياخشى؟
4. قايسسى خىل قائىدە-تۈزۈمنىڭ ئىجرا كۈچى كۈچلۈك؟
5. قايسسى خىل ئۇسۇل ئارقلىق ھەرخىل بايلىقلاردىن تېخمۇ كەڭ تېخمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش؟
6. ئىجرا گورۇپپىسىدىكى قايسسى خادىملارنىڭ ساپاسى ياخشى، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك؟
7. قايسسى خىل مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمى ئادىل ۋە باراۋەر؟
يۇقارقى بەش نۇقتا ۋە يەتتە خىل ئەھۋالنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۆزىمىزدە بار بولغان ئارتۇقچىلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمىزدە يوق تەرەپلەرنى تولۇقلاپ تۈزۈلگەن پىلاننىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
«ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرسى جەڭ». ئۇرۇشتا كۆپ ئەسكەر، ئىلغار قورال-ياراغ، مول ماددىي ئەشياغا تايىنىپلا نۇسرەتكە ئىگە بولۇش ناتايىن. مىنىڭچە كارخانا باشقۇرۇشمۇ ئوخشاش، ئىلغار زاۋۇت- ئۈسكۈنە، زور كاپىتال ۋە ئاتالمىش ئىقتىساس ئىگىللىرى بىلەن كارخانىنى يۈكسەلدۈرۈش مۇمكىنمۇ؟
مىنىڭچە مۇھىمى ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان تاكتىكا، سەترەك ئېيتقاندا ھېيلە-مىكىر.
بىرىنجى باب تامام
تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگۈچى: تاھىرجان مەزى رەتلىگۈچى: غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىن تاشپولات بىلال ئەلقۇت
ھەر ھەپتىدە ئىككى باپتىن تولۇقلاپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىلىدۇ. كىيىنكى مەزمۇنلار ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. |