قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4059|ئىنكاس: 50

پۇتىن نېمىشقا كېچىكىۋېرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

729

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 12:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Putin.png




پۇتىن نېمىشقا كېچىكىۋېرىدۇ


گۇڭ سەن

ئۆمەرجان ئامۇت تەرجىمىسى


بەزىلەر:«پۇتىن باشقىلار بىلەن پىسخىكا جېڭى قىلىش ئۈچۈن كېچىكىدۇ» دېيىشىدۇ.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى پۇتىن 1 مىليارد 200 مىليون كاتولىك دىنى مۇخلىسىغا ئىگە رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشكەندە 70 مىنۇت كېچىكتى. ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رېنزى ئىككى قېتىم سىرتقا چىقىپ پۇتىننىڭ يولىغا قاراپ بېقىشقا مەجبۇر بولدى. پۇتىننىڭ بۇ قىلىقى سالماق پاپانىڭمۇ چىشىنى قېرىشتۇرۇپ قويدى. شۇڭا، ئۇ پۇتىن بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە نېمىسچە:«قارشى ئالىمەن» دەپلا قويدى، ئىككىيلەننىڭ سۆھبىتىمۇ 50 مىنۇتتىن ئاشمىدى.
ھالبۇكى، پاپا يەنىلا پۇتىنغا «تىنچلىق پەرىشتىسى» ئوردېنىنى بەردى. ئۇنىڭغا بۇ ئوردېننى بەرگەنلىك «پۇتىن ئۇرۇشنى توسۇپ، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دېگەنلىك بولاتتى. قىزىقارلىق يېرى، شۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەيۋاتقان ئۇكرائىنا ئىدى.
رىم پاپاسىدىن باشقا، پۇتىننى ساقلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلاردىن يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى، دۇنياغا داڭلىق سودا ماگناتلىرى، چەتئەل رەھبەرلىرى، ھەتتا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىمۇ بار. تاراتقۇلارنىڭ ساقلاپ تۇرۇشىنى دەپ ئولتۇرۇش تېخىمۇ ھاجەتسىز، ئەلۋەتتە.


يېرىم سائەت كېچىكىشى پۇتىننىڭ ئەڭ كاتتا ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكىدۇر



2013-يىلى 11-ئايدا پۇتىن كورىيەنىڭ سېئۇل شەھىرىگە زىيارەتكە بارغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پارك گېئۇنخاي بىلەن كۆرۈشۈشكە 30 مىنۇت كېچىكتى. كورىيە تاراتقۇلىرى:«پۇتىن يېرىم يولدا توختاپ، چامباشچىلىق ھەۋەسكارلىرى بىلەن پاراڭلىشىش سەۋەبلىك كېچىكىپ قالدى» دەپ خەۋەر قىلىشتى. پۇتىن يەنە ئەسلىدە ئىككى كۈن دەپ پىلانلىغان شۇ قېتىملىق زىيارىتىنى بىر كۈنگە قىسقارتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىدى.
كورىيە تاراتقۇلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى. «كورىيە گېزىتى»:«پۇتىن ئەپەندى، كېلەر قېتىم ۋاقىتقا رىئايە قىلارسىز» دېگەن ئىبارىلەرنى باستى. كورىيەنىڭ «كورىيە گېزىتى» گەپ ئەگىتىپ ئولتۇرمايلا، پۇتىننى «ھۆرمەتسىزلىك قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. چۈنكى پۇتىننىڭ بۇنداق قىلىقى كورىيەدە كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن، مەسىلەن، ئۇ 2000-يىلى پرېزىدېنت كىم دائې-جۇڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە 30 مىنۇت؛ 2008-يىلى كورىيە پرېزىدېنتى لى ميۇڭباك بىلەن كۆرۈشۈشكە 40 مىنۇت كېچىككەنىدى.
بىراق، ئەركىن رۇسىيە تور بېكىتى Slon.cn «كورىيەنىڭ بۇنداق چىچاڭشىپ كېتىشى ھاجەتسىز، يېرىم سائەتلا كېچىككىنى پۇتىننىڭ <ئەڭ كاتتا ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكى>» دېدى. پۇتىننىڭ ئادىتىدە، بىرەر سائەت ساقلىتىپ قويۇش خېلى ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ياۋروپادىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرەر سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ساقلىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، پۇتىن كۆپ تۈرلۈك كېچىكىش رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.: ئۇ فىنلاندىيە پرېزىدېنتىنى ئىككى سائەت، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنى 40 نەچچە مىنۇت، شۋېتسىيە پادىشاھىنى 30 نەچچە مىنۇت، ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن خانىشىنى 20 نەچچە مىنۇت، ئۇكرائىنىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تىموشېنكونى ئۈچ سائەت، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنى 14 مىنۇت ساقلاتقان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي پۇتىننى ئۈچ سائەت ساقلىغۇچە ئىچى پۇشۇپ، تېلفون ئويناپ ئولتۇرغان...
2015-يىلى 2-ئاي بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە، گېرمانىيە، ئۇكرائىنا ۋە فرانسىيە تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا، پۇتىن باشقا ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى ئەل تاراتقۇلىرىنى بىر سائەت ساقلاتتى. 2014-يىلى 10-ئايدا مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو-ئاسىيا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا، پۇتىن تۆت سائەت كېچىكىپ، ساھىبخاننىڭ كەچلىك زىياپىتىگە ئۈلگۈرەلمەيلا قالماستىن، يەنە تېخى مېركىل بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى زىياپەتتىن كېيىنگە سۈرۈۋەتتى، ئاخىر بۇ ئۇچرىشىش ئىلاجىسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
2012-يىلى 6-ئايدا «20 دۆلەت گۇرۇھى» رەھبەرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق ئۇچرىشىشى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قىزىل پاياندازدا مېڭىپ دەل ئېلىش ئۆيلىرىگە كىرىپ، خېلىدىن كېيىن  يىغىن مەيدانىغا چىقتى، پۇتىننىڭ ماشىنا ئەترىتى شۇ چاغدا ئاران يېتىپ كەلدى ۋە ۋاقىت قىستاپ قالغاچقا، قارشى ئېلىش مۇراسىمى قىلمايلا، ئۇدۇل يىغىن مەيدانىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. 2012-يىلى 10-ئايدا پۇتىن ئىسرائىلىيەدە دۆلەت زىيارىتىدە بولغاندا، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى قۇربانلىرى ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى 90 مىنۇت ساقلاتتى. 2011-يىلى 10-ئايدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى توپتوغرا ئۈچ سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ باشلاندى، بۇنىڭدىكى سەۋەبمۇ دەل پۇتىننىڭ كېچىكىشى ئىدى.
2012-يىلى 6-ئايدا يەر شارىدىكى نەچچە يۈز داڭلىق كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى قاتناشقان سانت پېتىربۇرگ ئىقتىساد مۇنبىرىدە، ئەسلىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى رۇسىيەدە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك ئىدى، بىراق پۇتىن 40 مىنۇت كېچىكىپ پەيدا بولدى. ئەينى چاغدا رۇسىيەنىڭ بىر ئاخبارات تور بېتىنىڭ مۇخبىرى يىغىن باشلىنىشتىن نەچچە مىنۇت بۇرۇن:«ھەممەيلەن بۈگۈن پۇتىننىڭ قانچىلىك كېچىكىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتىدۇ» دېگەن يازمىنى تارقاتتى.
پۇتىننىڭ ئۆز دۆلىتىدە قانداق قىلىدىغانلىقىغا كەلسەك، ئۇنىڭ كېچىكىش رېكورتى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. رۇسىيەنىڭ كونا مۇخبىرى ئاندرېي مالگىننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2012-يىلى 1-ئايدا سائەت توققۇزدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار توپتوغرا توققۇز سائەت كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان، بۇ جەرياندا بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنى چىقىپ كەتكىلى قويمىغان؛ 2008-يىلى «ئېلان قىلىنىدىغان مۇھىم ئۇقتۇرۇش بار» دېگەن سەۋەب بىلەن مۇخبىرلار پۇتىننىڭ داچىسىغا جىددىي چاقىرتىلغان، لېكىن پۇتىن بۇ بىچارىلەرنى نەچچە سائەت ساقلىتىپ، يېرىم كېچىدە پەيدا بولغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت مۇخىرلارغا ئۆزىگە سوۋغا قىلىنغان بىر يولۋاس كۈچىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان.


كېچىكىشكە سەۋەب كەتمەيدۇ



پۇتىننىڭ كېچىكىش سەۋەبى ھەققىدە، كرېمىل سارىيى بىلەن رۇسىيە مېدىيەلىرى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۇنى ئاقلىشىدۇ. 2015-يىلى 6-ئايدا رىپ پاپاسى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەندە، كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى:«پۇتىن قاتنىشىۋاتقان مىلاندىكى يىغىننىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپتوموبىل ئەترىتى مىلاندىن رىمغا بارغۇچە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلدى» دەپ چۈشەندۈردى.
ئۆتكەن قېتىم پاپانى ساقلىتىپ قويۇشىدىكى سەۋەب-مۇزىكا ئەترىتى قوللىغۇچىلىرىنىڭ پۇتىن چۈشكەن مېھمانساراينىڭ ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى ئىدى. بۇنداق سەۋەبلەرگە ئىتالىيە مېدىيەلىرى ۋە پاپانىڭمۇ بىر نېمە دېيىشى ئەپسىز. 2003-يىلى پۇتىن لوندوندا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅡنى 14 مىنۇت ساقلاتقان، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ باياناتچىسى:«لوندوننىڭ قاتنىشى بەك قىستاڭچىلىق ئىكەن» دەپ سەۋەب كۆرسەتكەنىدى. «قاتناش توسۇلۇش» ھەقىقەتەن رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان باھانە ئىدى.
پۇتىن ھەممە پائالىيەتلەرگە كېچىكىۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ تېلېۋىزىيەدە ئۇلاپ تارقىتىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە باشقا تۈجۈپلەپ ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىدىكەن.
شۇڭا، بەزىلەر پۇتىن قارشى تەرەپ بىلەن پىسخىكا جېڭى قىلىش ئۈچۈن كېچىكىدۇ، دېيىشتى. مەسىلەن، 2012-يىلى 7-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ پرېزىدېنتلىقىنى ئۆتەۋاتقان يانۇكوۋىچ قىرىمدىكى يالتا دا پۇتىننىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەرمەكچى بولدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئەسلىدە تەبىئىي گاز باھاسى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى ئىدى، بىراق يانۇكوۋىچ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى توپتوغرا 4 سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، پۇتىن ئاندىن قارىسىنى كۆرسەتتى. ئەسلىدە پۇتىن يېرىم يولدا توختاپ رۇسىيەنىڭ «تۈن بۆرىسى» ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرەر رومكىدىن ئىچىشىپ قالغانىدى. پۇتىننىڭ بۇ قىلى ئۇكرائىناغا قەستەن بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارالدى.
رۇسىيەلىك سىياسىي ئوبزورچى دىمىترىي ئابراموف تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«پۇتىن كېچىكىش ئارقىلىق، ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، يەر شارى سىياسىيسىدا ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى چار پادىشاھقا ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى». «موسكۋا كومسومول گېزىتى» سىياسىي ئىستونىنىڭ مەخسۇس يازغۇچىسى مېخائىل روستوۋسكى:«كېچىكىش ھازىر پۇتىننىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئادىتىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن» دەيدۇ.


مەنبە: ئۇيغۇرچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 11-سانى

ئەسكەرتىش: باغداش مۇنبىرىغىلا خاس




uyghuray

3

تېما

0

دوست

5422

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1688
توردىكى ۋاقتى: 421
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 13:51:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىبىرنى كۆرسەتكىنى ئاۋۇ، مەسئۇلىيەتسىز، مەنمەنچى تىگى پەسلەردە ئاشۇنداق خۇي بولىشى تەبى ئەھۋال

4

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3478
توردىكى ۋاقتى: 1129
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 14:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىياسىي سەھنىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاممىۋى سورۇندىكى ھەرقانداق كىچىك ھەرىكىتى مەقسەتلىك بولىدۇ .بۇ باشقىلارغا نىسبەتەن ھەرخىل ئۇچۇر تارقىتىدۇ .ئەگەر ك گ ب سابىق ئاخپارات ئالاھىدە خادىمىنىڭ ۋاقىت كۆزقارىشى تۆۋەن قارالسا بۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەر گۇمانىي قاراشتا بولىدۇ .
   رىم پاپىسى ھازىرقى ئەڭ ئۇلۇغ خىرىستىيان دىنىي رەھبىرى ،دىنىي داھىيىسى دەپ قارالماقتا .ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇخلىسلىرى بار .لىكىن ،روسىيەدەك شەرقى كاتولىك دىنى قۇيۇق دۆلەتتە خىرىستىيان دىنىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەس .گىرمانىيە ۋە روسىيە ياۋروپادىكى بىردىنبىر كاتولىك دىنىي مۇرتلىرى تەسىرگە كۈچكە ئىگە دۆلەت .

15

تېما

1

دوست

729

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 14:22:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 14:15
سىياسىي سەھنىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاممىۋى سورۇندى ...

رۇسىيەلىكلەر پرۇسلاۋىيە دىنىدا ئىدىغۇ؟؟؟
uyghuray

0

تېما

2

دوست

1660

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9826
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 14:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nurjahan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 14:22
رۇسىيەلىكلەر پرۇسلاۋىيە دىنىدا ئىدىغۇ؟؟؟

مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان .     مەن پۇتىن ئەپەندىنىڭ  كاتولىك يىكى پرۇسلاۋىيەن ئىكەنلىكىگە قىزقىۋاتىمەن

0

تېما

6

دوست

3812

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1197
توردىكى ۋاقتى: 484
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 15:09:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 14:15
سىياسىي سەھنىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاممىۋى سورۇندى ...

خاتالاشتىڭىز!
روسىيىلىكلەر خرىستىئان دىنىنىڭ پراۋۇسلاۋىيە مەزھىپىدە!
كۆپ قىسىم ياۋرۇپا ئەللىرى بولسا خرىستىئان دىنىنىڭ كاتولىك مەزھىپىدە!
1453-يىلى ئوسمان تۈركلىرى كونستانتىنپول شەھىرىنى شەرقى رىم(يەنى پراۋۇسلاۋىيە مەزھىپى)نىڭ قولىدىن تارتىۋالغاندا غەربى رىم(يەنى كاتولىك مەزھىپى) بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغان. ئەگەر بۇ ئىككى مەزھەپ بىرلىشەلىگەن بولسا ئىدى ئوسمان تۈركلىرىگە كونستانتىنپولنى تاتقۇزۇپ قويمىغان بولاتتى. مۇشۇنىڭدىنلا بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ ئىناق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

3

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 754
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6298
توردىكى ۋاقتى: 1039
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 15:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 14:15
سىياسىي سەھنىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاممىۋى سورۇندى ...

ھۆرمەتلىك ئىۋانوۋىچ شوۋائىچ پۇتىن ئەپەندىم ،
پۇتىننى ك گ ب نىڭ جاسوسى دەيمىز ، جاسوس دىگەن گەپ بىزنىڭ تىلىمىزدا ئىشپىيۇن دىگەن گەپ ،
سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، ئىشپىيۇن دىگەن گەپ ئانچە ئىجابى گەپ ئەمەس .

2

تېما

1

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8132
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 167
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 16:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن قارىشىمنى دەپ باقاي:
  1.پوتىننىڭ قەستەن كېچىكىشى (دائىم كېچىكىدۇ دېگەنلىك- قەستەن كېچىكتى دېگەنلىك. بىر خاتالىقنى ئىككى قېتىم سادىر قىلدىڭمۇ ،دېمەك ئۇ سېنىڭ تاللىشىڭ ) ، بەلكىم ئۆزىگە قەست قىلغۇچىلارنىڭ  پىلانىنى بۇزىۋېتىش ئۈچۈندۇر .خۇددى گىتلىردەك،سادامدەك.
2. پىسخىك جېڭى قىلماقچى.چۈنكىي  ساقلىغان كىشى ئاچچىقلايدۇ،ئاچچىقلىغاندا ئادەمنىڭ ئەقلىي قابلىيىتى 0 نۇقتىغا يېقىنلىشىدۇ،0 نۇقتىغا يېقىنلاشتىڭىز دېگەن گەپ، سۆھبەتتە باشقىلارغا قۇيرۇق تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز.
    پىروتېستانت دىنى -16-ئەسىردە  خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر ئالاھىدە شەكلى سۈپىتىدە غەربىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن .بۇ دىن بارلىققا كەلگۈچە،خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئەقىدىسى دۇنيانىڭ ماددىي مەئىشەتلىرىدىن نېرى تۇرۇش شەكلىدە ئىپادىلەنگەنىدى.يەنىي « جازانە بىر خىل گۇناھ،بايلاردىن جەننەتكە كىرىدىغانلار نامراتلاردىن  ئاز،تەقۋالىق بىلەن ئۆتكەن ھاياتنىڭ مۇكاپاتى ئۇ دۇنيادا » دەپ قاراش ئومۇمىي قاراش ئىدى.
    ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچ پىروتېستانت دىنى  ئىسلاھاتىنىڭ تاساددىپىي نەتىجىسى.پانىي دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەرغىپ قىلىدىغان باشقا دىنلارغا قارىغاندا بۇ دىن ئەمگەكچانلىق  ۋە تېجەشچانلىقنى- تىرىشچانلىق ۋە ئىخلاسمەنلىكنىڭ يېڭى شەكلى دەپ قارىغان.ئۇ مەنپئەت قوغلاشماسلىقتەك تەقىبنى بۇزۇپ تاشلاپ،پايدىغا ئېرىشىشنىڭ توغىرىلىقىنى ياقلاپ،ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن،يەنە ... بۇنداق قىلىشنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ تونىغان. شۇڭا بۇ دىننىڭ قارىشى  كاپىتالىستلارنى «قېتىرقىنىپ ئىشلەشنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى» دەپ قارايدىغان   سوغاققان،مەسئۇلىيەتچان ئىقتىدارلىق ئىشچىلار بىلەن تەمىن  ئەتكەن ھەم ھازىرقى زامان كاپىتالىزىمى مەيدانغا كەلگەن.
   لوتېر «ئىنجىل»نى ئۆز ئالدىغا ئوقۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قارىغان.شۇڭلاشقىمۇ بۇ دىن ساۋادىنى چىقىرىشقا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلگەن. خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇشۇ مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھال -كۈنى ۋە تەرەققىياتى كاتولىك مەزھىپى ۋە باشقا مەزھەپلەرگە ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭكىدىن تېز ھەم يوقىرى بولغان. ئەل رايىنى سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە  ،بۇ مەزھەپكە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ دەرىجىسى  يوقىرى ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )