بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-14 19:27
سەنئەتكارنىڭ سەھنىسى خەلقىنىڭ قەلبى
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
ناخشا يۈرىكىدە سۆيگۈ بىخلىرى ئۈنگەن كىشىنىڭ قەلبىدىن سىرغىيدۇ، جىسمىدىن ياڭرايدۇ. مەن ناخشىغائاشىق بولغان چاغلىرىم مېنىڭمۇ قەلبىمدە ياشلىقنىڭ ئاتەش ئوتلىرى يېلىنجىغان دەملىرىم ئىدى. شۇ چاغلاردىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ قالسام يۈرۈكۈم ئازاپلىق ھەم تاتلىق ھېسلارئىلكىدە مۇجىلىدۇ، مەن خۇددى مۇڭلۇق مىلودىيەلەر ئىچىدەئاشۇ دەۋىرلەرگە قايتقاندەك بولۇپ قالىمەن. بىر ناخشىنى شۇدەۋىرنىڭ ئىزناسى،مەھسۇلى ۋە تارىخى دېسەك بولىدۇ. 80-90-يىللاردا مودا بولغان ناخشىلار پۈتۈنلەي سۆيگۈ-مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ناخشىلار ئىدى. چۈنكى شۇ چاغلاردا ئەنئەنىۋىي مۇھەببەتنىڭ ھىم دەرۋازلىرىنىڭ ئىشىكى << سىرتقا قارىتا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن>> ئىدى. ياشلار گىتار، ئۈنئالغۇلارنى كۆتۈرۈشۈپ شۇ زاماننىڭ موداكىيىملىرىنى كىيىشىپ باغچىلاردا، ھويلىلاردا، ئۆيلەردە تانسا،ياۋبەيۋۇ،دېسكۇ،پىلىيۋۇ دېگەندەك ياۋروپاچە ئۇسۇللارنى چېڭىغا چىقىرىپ ئويناپ كېتەتتى. سۇسىپىلىپ كۆپكۆك قىلىپ تەييارلانغان مەيدانلار بىردەمدە مانامنىڭ ئىچىدە قالاتتى. سورۇن يېمەك-ئىچمىكى ئاغۋاقار ئۇرۇقى (گازىر)،بېزىكپۇرچاق(چوڭپۇرچاق)...دېگەندەك نەرسىلەر ۋە خامىي داچۈ، خامىۋاڭ ئاتلىق ھاراق،پىۋىلار بولاتتى. ئەنە شۇزامانلاردىكى ناخشىلار ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرايدۇ،بىراق، بىرەرسىنىمۇ مۇكەممەل ئېيتىيالمايمەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ياش ناخشىچىلارنىڭمۇ نۇرغۇن ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ باقتىم، ئۇزاق ئۇيقۇسىز تۈنلەردە گاھى غىڭشىپ، گاھى ئۈنسەپ ئېيتىپ باقتىم... ھازىر ئەسلەپ باقسام ئىسكەندەر سەمەتنىڭ ناخشىسىدىن ئۆزگە بىرەرسىنىڭ ناخشىسى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئېسىمدە قالماپتۇ، دېسەم يالغان گەپ بولۇر. جەمئىيەتكە چىقىپ بىلىش ۋە ئارلىشىش دائىرەمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىز ياقتۇرغان ناخشاچولپانلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئورۇس،ھىندىستان، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان...قاتارلىق دۆلەتلەردىن ناخشا،مۇزىكا ئوغۇرلاپ ئۆزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدىم، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم پەسكويغاچۈشتى. خەلق ناخشىلىرىغا ئىشىق باغلىدىم. چۈنكى مەن ناخشا ئاڭلىشىم كېرەك، ناخشا ئۇ يۈرەكنىڭ روھىي ئوزۇقى، خەلق ياقتۇرغان ناخشىنى نەچچە مىڭ يىل ئاڭلىسىمۇ زېرىكمەيدۇ.شۇڭا بىزنىڭ بۈيۈك مۇقاملىرىمىز ھېلىھەم ياڭراپ كەلمەكتە.مەن دەۋاتقان ناخشىچى ۋە ناخشا چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى دورامچى بولمىسىمۇ ئىجادىيەتتە خەلققە يېقىنلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ قەلبىدىكىنى ئېيتىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئىچكى دىل تارىلىرىنىڭ چېكەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرىنى ئۆزى ئېيتىپ، ئۆزى ياقتۇرۇپ، ئۆزى ماختاپ قالدى خالاس. قېنى كىم ئىسكەندەر سەيپۇللايوفتەك ئۆلمەس ناخشا، مۇزىكا ئىشلىيەلىدى؟! ئۇ مەرھۇمنىڭ مىلودىيىلىرىنى مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ، مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى چەتئەللىك ئاڭلىسا مۇڭلارساھىلىغا دۈم چۈشتى. چۈنكى ئۇنىڭ ناخشىلىرى دەل ئۇنىڭ سۆيگۈ بىخلىرى قاپلىغان چىن يۈرىكىدىن سىرغىغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ كۈيلىرى ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىدىكى سۆيگۈ بىخلىرىنى ئۇيغۇتالىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ناخشىلىرى ھېلىھەم ئۈزۈلمەي ياڭرىماقتا.بۇلتۇرئوزا سېرىق ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغاندا ئارىمىزدىكى بىرى<<تارىم>> ناخشىسىنى ئېيتقاندا سورۇندىكى سېرىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارتەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئېسىمدىن چىقمايدۇ. تېخى بىزنى كۆرگەن بىر سېرىق ئۇيغۇر موماي يىغلاپ تۇرۇپ: سىلەر بىزنى مىڭ يىل تاشلىۋېتىپ ئەمدى يوقلاپ كەلدىڭلەرمۇ؟ دېگىنىدە بىزمۇ سەلدەك ئېقىپ كەتكەندۇق...ئۇلارنى تەسىرلەندۈرگىنى زادى نىمە؟ دەل ئۇشبۇ ناخشىدىكى گۈزەل مىلودىيە. مۇزىكا تىلسىزدۇر، بىراق ياخشى مۇزىكىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبى چۈشۈنەلەيدۇ. بىزگە شۇنداق مۇزىكىچى،ناخشىچى ۋە سەنئەتكارلار كېرەك. بىراق، بىزدە سېستىمىلىق تەربىيەلەنگەن مۇزىكانىت،كومپىزىتور ۋە ناخشىچىلار يوقنىڭ ئورنىدا. بارلىرىمۇ تۈگىمەس ئولتۇرۇشلارنىڭ، كېچىلىكلەرنىڭ، قىممىتى يوق پىلاستىنكىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشقا رازى بولدىكى داۋاملىق تەبىيىلىنىشكە، بىلىم ئېلىشقا كۈچەپ باقمىدى. بۈگۈنكىدەك زاماندا بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرمىغان ھەرقانداق بىر كەسىپ ئەھلىنى دەۋىر تاسقاپ قويىدۇ. جۈملىدىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇزىكا، ناخشا ساھەسىدىكى سەۋىيىسىنى << يىپەك يولى ساداسى >> پىروگىراممىسى ئېقىنى ئاق،قارىسىنى قارا ئايرىپ بەردى. بۇ يەردە جىققىدە مىسال ئېلىشقا مېنىڭدەك كىچىككىنە قەلەم ئىگىسىنىڭ سەۋىيسى يەتمەيدۇ، ئەمما، شۇنى مىسال قىلىپ سوراپ باققۇم بار،-ئەگەردە پەرھات خالق << يىپەك يولى ساداسى >> غاقاتناشقان بولساقانداق نەتىجىگە ئېرىشەتتى؟! بۈگۈنكىدەك ئۆزىگە، خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە شان-شەرەپ ئەكىلەلەيتتىمۇ؟! خەلقئارالىق سەھنىلەردە چاقنىيالايتتىمۇ؟!بەلكىم، بەزىلەر بۇنى مەملىكەت دەرىجىلىك<<جۇڭگو ياخشى ئاۋاز >>پىروگىراممىسىغا سېلىشۇرۇشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىشى مۇمكىن.بوپتۇ، پىروگىراممىنى سېلىشتۇرمايلى،قاتنىشىۋاتقان ماھىرلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى،ئۇستازلارنىڭ كەسپىي بىلىمقۇرۇلمىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدىغاندۇ؟! بىزئۆزىمىزنى ناخشا، ئۇسسۇل مىللىتى دەپ پەخىرلەنگىنىمىزچە تەيپىنەم زامانىسىداتوختاپ قالدۇق. بۇ قالپاقنىڭ ئەمدى بىزگە كېرىكى قالماپتۇ. چۈنكى ھازىرغىچە بىرەرناخشىچى، مۇزىكانىتلىرىمىزنىڭ ئىلىم ئېلىپ دوكتور بولۇپ باققىنىنى ئاڭلىمىدۇق.خەقلەردە بەش، ئالتە خىل تىل بىلىدىغان، بىر ئىككى پەندىن دوكتورلۇق ئۇنىۋانى ئالغان ناخشىچى، مۇزىكانىت، مودىللار كۈرمىڭ ئىكەن. << ناخشا،ئۇسسۇل مىللىتى>> دېگەن نام دەل ئاشۇنداق ئىلغار مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرگە بېرىلىشى كېرەك.ئەمماغۇ شۇنى ئېتىراپ قىلمايمۇ بولماس، بىز ھەقىقەتەنمۇ تۇغۇلىشىمىزدىنلا ناخشا،ئۇسسۇل ھۈجەيرىمىز باشقىلاردىن ئارتۇق. بۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن،تەبىئىي تالانىتمۇ بايقاش، ئىلمىي تەربىيەلىنىش، تاكامۇللىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەك. ئون نەچچەيىللارنىڭ ئالدىدا << ناخشا ناخشىدەك بولسۇن>>دېگەن تېمىدا بىر ماقالەيېزىپ <<شىنجاڭ ژورنىلى>>ئېلان قىلدۇرغانتىم. ئۇنىڭ تەسىرى بولدىمۇ،بولمىدىمۇ بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. بۈگۈن كومپىيۇتېرىمدىكى سۈرەتلەرنى رەتلەۋېتىپ ئەل سۆيگەن كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، ناخشاچولپىنى، شائىر، كومپىزىتور ئىسكەندەرسەمەتنىڭ سۈرەتلىرى كۆزۈمگە چېلىقتى.ئىختىيارسىز ئۇنىڭ تونۇش مىلودىيىلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەھمىيەتلىك دەملەرنى ئەسلەپ ئۆتتۈم، ئۇنىڭدىكى كەسپىي ئەخلاق، كەسپىي بىلىم قۇرۇلما، مەسئولىيەتچانلىق،كەمتەرلىك، ئاقكۆڭۈللۈك قاتارلىق ئىسىل تەرەپلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. توساتتىن بۇ ئاغامنىڭ مەن كېچە -كۈندۈز ئىزلەپ يۈرگەن ھەقىقى سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇمېنىڭ قەلبىمدىكى، ئويۇمدىكى ھەقىقى سەنئەتكارنىڭ ئوبرازىغا پۈتۈنلەي لايىق ئىدى. ئۇ بىر ئۆمۈر سەنئەت دەپ ياشىدى،باشقىلاردەك نام-ئابروري قازىنىش ئۈچۈن شاتۇتى چولپانلاردەك دورامچىلىق قىلىپ سەنئەتنى خارلىمىدى، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكمىدى، يۈركىدىن تامچىغان كۈيلەرنى نوتىلاپ خەلقىگە تەقدىم ئەتتى، ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىلىرىنى ئۆزى يازدى، مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىدى، قومۇل مۇقاملىرىنىڭ شىنجاڭغا، دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن مېھنەتسىزقان-تەر تۆكتى. تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق–سوغۇقلىرىغا ئۇچىرىغاندا ۋايسىمىدى. ئۆرۈم چولپىنى، بوشاڭ چولپىنى بولۇشنى ئۆز سالاپىتىگە قەتئىي لايىق كۆرمىدى. باشقىلار ناخشىلىرىنى رۇخسەتسىز ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىسا،رەڭلىك قوڭغۇراق ئىشلەپ پۇل تاپسا ئاقكۆڭللۈك بىلەن بوپتۇ، دېدى. ئۆز ئىززىتىنى ساقلاپ ھەقىيقى بىر سەنئەتكاردەك،سەنئەتنىڭ ۋە سەنئەتكارلارنىڭ غۇرۇر-ۋىجدانىنى ساقلاپ مەردانە ياشىدى. مانا شۇنداق كىشىلەردىنلا بىز كۈتكەن ناخشا ساداسى ياڭرىيالايدۇ. دېسەم دېمىسەم مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان سىزنىڭ ئېسىڭىزگە ئىسكەندەرسەمەتنىڭ << ئايرىلىش مىنۇتلىرى>>، << مەكتەپتىكى مۇھەببەت>>، << قار گۈلى>>،<< خوش ئانا>>،<<ئۇنتۇلماس دېكابىر>>، << ئۇيغۇرئوغلىمەن>>، <<مەن ئىزدىگەن قىز>>، << تۇنجى مۇھەببەت>>، << بىزتۇغۇلغان سۆيۈملۈك ماكان>>... قاتارلىق ناخشىلىرى كېلىۋاتقاندۇ؟ سىز ئاشۇناخشىلارنى ئاڭلاپ ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلغۇسىز ياشلىق دەۋرانلىرىڭىزنى ئەسلەۋاتامسىز؟!<< ئايرىلىش مىنۇتلىرى >>نى ئېيتىپ،<< مەكتەپتىكى مۇھەببەت>>، << تۇنجى مۇھەببەت >> لىرىڭىز بىلەن ۋىدالىشىپ بېكەتلەردىن زار-زار يىغلاپ قايتقان كۆرۈنۈشلەر ياشلانغان كۆڭۈل ئېكرانىڭىزدا ئەكىس ئەتكەندۇ؟!... چوڭلار،چىراق تۈۋى قاراڭغۇ، دەپ بىكارغا دېمەپتىكەن.ئىسكەندەر ئاكام بىلەن ئاغا-ئىنى بولۇپ ئۆتۈشكەچكىمۇ ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ئىسىل ئارتۇقچىلىقلارغا كۆنۈك بولۇپ قاپتىكەنمەن.ئۇنىڭ ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىش مەن ئۈچۈن بۇرۇچ بولسا، ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىمىز ئۈچۈن شەرەپتۇر. قەلبىمدىكى ھەقىقى سەنئەتكار ئىسكەندەر سەمەت بىرقانچە يىلدىن بېرى ئىشلىگەن 20دىن ئارتۇق يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ئۆز خەلقىگە سۇنۇشنىڭ تەييارلىقىنى جىددى قىلىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتە، ئىسكەندەر سەمەتنى يوقاپ كەتتى، دېگۈچىلەر ۋەئىسكەندەرسەمەتنى قوللاپ قۇۋەتلىگۈچىلەرگە يۈرەك سۆزۈم: ھەقىقى سەنئەتكارنىڭ سەھنىسى خەلقىنىڭ قەلبىدۇر. ئىسكەندەر سەمەت بۇ سەھنىگە چىقتى، ئەمدى مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.
ئەخمەت ئىمىن فوتوسى
ئەخمەت ئىمىن فوتوسى
ئەركىم فوتوسى
|