قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1619|ئىنكاس: 7

ئىسلام دىنىىدىكى ناماز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 19:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناماز – پۇتۈن ساماۋى دىنلاردا ئورتاق بولۇپ كەلگەن قەدىمى ئىبادەتتۇر. ئەمما ئىسلام دىنىىدا بۇيرۇلغان ناماز بولسا، كۆپلىگەن خاسىيەتلىرى ۋە ھىكمەت – ئەسرارلىرى بىلەن باشقا دىنلاردىكى نامازلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان بىر ئىبادەتتۇر. ھىچقانداق بىر دىندىكى ناماز ئىسلام دىنىىدىكى نامازغا تەڭ بۇلالمايدۇ.
نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى
ئىماندىن كىيىنلا مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئاۋۋال بۇيرۇلغان ئىبادەت نامازدۇر. ئىسلام دىنىدا نامازنىڭ مەرتىۋسىگە ۋە ئۇلۇغلىقىغا يىتەلەيدىغان ئىبادەت يوقتۇر.
1 – ناماز ئىسلام دىنىىنىڭ ئاساسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيـدۇ: “ دىننىڭ بىشى ئىسلام، ئۇنىڭ ئاساسلىق تىرىكى نامازدۇر.“ ( تىرمىزى رىۋايىتى).
2 – ناماز قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھىساب ئىلىنىدىغان بىردىن – بىر ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئىنسانلارغا دىندا ئەڭ ئاۋۋال پەرز قىلىنغان ئىبادەت نامازدۇر. ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملشىدىغان ئىبادەتمۇ نامازدۇر. قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھىساب ئىلىنىدىغان ئەمەلمۇ نامازدۇر. ئاللاھ ”بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار ”دەيدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ نامىزى تولۇق بولغان بولسا، ئۇنىڭ پۇتۈن ئەمەللىرى تولۇق بولغان بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نامىزى كەمچىل ( ناقىس ) بولسا، ئاللاھ ”قاراڭلار بۇ بەندەمنىڭ نەپلى (پەرزدىن تاشقىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوقۇغان ) نامىزى بارمۇ“ دەيدۇ. ئەگەر نەپلىي ئىبادەتلىرى بولغان بولسا، ئۇ نەپلىي ئىبادەت بىلەن پەرزنىڭ نۇقسانلىرى تولۇقلىنىدۇ .“ (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).
3- ناماز ـ دىن يوقالمايدىكەن قەتئى يوقالمايدىغان ئىبادەتتۇر. چۈنكى ناماز دىننىڭ ئاساسىي تىرىكى ۋە شۇئارىدۇر.
4 – ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدۇر. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدا، سەكراتتا تۇرۇپ ”ناماز، ناماز“ دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
5 – نامازنىڭ پەرز بولغانلىق قىسسىسىۇ، نامازنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئىبادەت ئىكەنلىكىگە ئايرىم دەلىلدۇر. چۈنكى پۇتۈن ئىبادەتلەر زىمىندا پەرز قىلىنغان بولسا، 5 ۋاخ ناماز ئىسرا – مىراج كىچسى ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنى ئاسمانغا ئاچىقىپ ئۇنىڭغا بىۋاستە ئەمرى قىلىش ئارقىلىق ئاسماندا پەرز قىلىنغان. مەسىلەن: ھاكۈمەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىلىرىنى پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىشلار ئۈچۈنلا ئۆز دۆلىتىگە چاقىرتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھسسالاممۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچسى، ئۇنى ھۇزۇرىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا ۋە ئۇممەتلىرىگە 5 ۋاخ نامازنى پەرز قىلغانلىقى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە نامازنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكىگە كۈچلۇك دەلىلدۇر.ناماز مىراج كىچسى پەرز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئۇ، ”مۇسۇلمانلارنىڭ مىراجى “ دىيىلگەن.
نامازنىڭ ئىسلام دىنىىدىكى ئەھمىيىتى
ئىسلام دىنىى نامازغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇنى بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇشتا قاتتىق تەلەب قويدى. ئۇنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى ناماز ئىسلام دىنىىنىڭ ئاساسى، جەننەتنىڭ ئاچقۇچى، پۇتۈن ياخشىى ئىشلارنىڭ بىشى، مۇسۇلمانلىقنىڭ نىشانسى ۋە ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئەڭ ئاۋۋال سورۇلىدىغان ئەمەلىدۇر. قۇرئان كەرىمدە نامازنى مۆمىنلەرنىڭ ئىماندىن كىيىنكى بىرىنچى سۈپىتى قىلىپ ئۇلارنى ماختايدۇ: ”( قۇرئان ) تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر. ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ.“ ( بەقەر سۈرىسى 3 – ئايەت )
ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئىرىشىدىغان مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بايانى ناماز بىلەن باشلىنپ، يەنە ناماز بىلەن تۈگىتىلگەن: ”مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەخىتكە ئىرىشتى. ئۇلار شۇنداق مۆمىنلەركى نامازلىرىدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن سۈر بىسپ كەتكەنلىكتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۈدە سۆز ۋە بىھۈدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلار(يەنى: ئەۋرەتلىرىنى پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلار) دۇر. بۇلار بىلەن يىقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەتكە قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ سرتىدىن جىنسى تەلەبنى قاندۇرۇشنى تەلەب قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.ئۇلار يەنى: مۆمىنلەر ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رئايە قىلغۇچىلاردۇر.ئۇلار نامازلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغۇچىلاردۇر.“ ( مۆمىن سۈرىسى 1 – 9 – ئايەتلەر )
ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ئۆيدە بولسۇن ياكى سەپەردە بولسۇن، ئوڭۇشلۇقتا بولسۇن ياكى قىيىنچىلىقتا بولسۇن، ئامانلىقتا بولسۇن ياكى جەڭ مەيدانىدا بولسۇن، ھەر قانداق شارائىتتا نامازنى چوقۇم ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”(بەش ) نامازنى بولۇپمۇ ئەسىر نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى: پۇتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار ). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ( يەنى نامازدا ) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار. قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كىتىۋاتقىنىڭلاردىمۇ نامازنى ئادا قىلىڭلار.“ ( بەقەرە سۈرىسى 138 – 139 – ئايەت )
يەنى: قورقۇنچلۇق ھاللاردىمۇ، سۇقۇش مەيدانلرىدىمۇ مىڭىپ يۈرۈپ ياكى ئۇلاق ئۈستىدە بولسمۇ رۇكۇ ۋە سەجدىسىز ھالدا ئىشارەت بىلەن نامازنى داۋاملاشتۇرۇڭلار دىگەنلىكتۇر.
ئاللاھ قىلبىگە قاراشقا شارائىت بولمىغان ۋاقتلاردا قىبلىنى شەرت قىلماستىن نامازنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەشرىقمۇ، مەغرىپمۇ ( يەنى:پۇتۈن يەر شارى ) ئاللاھنىڭدۇر. قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلارمۇ، ئۇ، ئاللاھنىڭ مۈلكى( يەنى: ئاللاھ سلەرگە ئختىيار قىلغان قىبلسى)دۇر.“ ( بەقەرە سۈرىسى 115 – ئايەت ).
نامازنى بىپەرۋالىق بىلەن ئوقۇيدىغان كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ.“ ( مائۇن سۈرىسى 4 – 5 – ئايەتلەر )
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام نامازنىڭ ئەھمىيتى توغرىلىق مۇنداق دەيـدۇ:“من چافئ ىليھا كانت لھ نورًا وبرھانًا ونجاەً يوم القيام، ومن لم يچافئ ىليھا لم يكن لھ نور ولابرھان ولانجاە، وكان يوم القيامە مى قارون وھامان وفرىون وۆبي بن خلف “ تەرجىمىسى:“ كىمكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا، تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ناماز ئۇنىڭغا توغرا يولدا مىڭىشتا نۇر، (مۇسۇلمانلىقىغا ) دەلىل ۋە قيامەت كۈنىدە ( ئازابتىن ) نىجاتلىق بولىدۇ. كىمكى ئۇنى تەرك ئىتىدىكەن، ئۇنىڭغا نۇرمۇ يوق، دەلىلمۇ يوق، قىيامەت كۈنىدە ئازابتىن نىجاتلىقمۇ يوقتۇر. ئۇ، قيامەت كۈنى قارۇن، فىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇبەييە ئبنى خەلەپلەر بىلەن بىرگە قوپىدۇ .“ ( ئەھمەد رىۋايىتى ).
ناماز مۇسۇلمان كىشىدىن ھىچقانداق بىر سەۋەب بىلەن كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. قاتتىق كىسەل ھەتتا سەكەراتتىكى كىشىدىنمۇ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقتىكى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىمىسى مۇنداق:“ كىسەل كىشى ئورنىدىن تۇرۇشقا ماجالى بولسا، نامازنى ئادەتتىكىدەك تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ئەگەر ئۇ، ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ھالەتتە بولسا، ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، ئەگەر ئولتۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمايدىغان ھالەتتە بولسا، ياتقان يىرىدە ئىشارەت بىلەن ئوقۇيدۇ. ئەگەر سۆزنى چۈشەنمەيدىغان ھالەتتە ياكى سەكەراتتا بولسا، ناماز ئۇنىڭدىن ۋاقتلىق كىچىكتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئەجەلى تۈگىمىگەن بولسا، ساقايغاندىن كىيىن، كىسەل ۋاقتىدا كىچىكتۈرۈلگەن نامازلارنىڭ قازاسىنى ئوقۇيدۇ.ئەگەر ئۇ شۈ كىسىلى بىلەن ئۇلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ مىراسخورلىرى ئۇنىڭ مال ـ دۇنياسىدىن ئۈچتىن بىرىنى ئايرىپ ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ كىسەل ۋاقتىدا ناماز ئوقۇيالمىغان ھەر بىركۈنىگە بىر يىرىم كىلو بۇغداي ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنى ھىسابلاپ ئاجىز، پىقىرلارغا سەدىقە قىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا، بۇ سەدىقىنىڭ يۈزىسىدىن ئۇ كىشىنىڭ كىسەل سەۋەبىدىن كىچىكتۈرۈلگەن نامازلىرىدىن ئۆتىۋىتىدۇ.
كىسەللىك سەۋەبىدىن ناماز ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان كىشىنىڭ ھالى شۇنداق بولغان يەردە، تىنى ساق، ئەقىل ـ ھوشى جايىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولار … ؟
بەش ۋاخ نامازنىڭ ھۆكمى
ھەرقانداق بالىغ، ئاقىل بولغان مۇسۇلمان كىشگە كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش پەرز ئەيىن دۇر.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە 5 ۋاخ نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىگىنى ئىلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى.“(نىسا سۈرىسى 103 – ئايەت )
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ مەن ھەقىقەتەن ( ئىبادەتكە لايىق ) ئاللاھمەن، مەندىن باشقا ھىچ مەبۇد ( بەرھەق ) يوق، ( يالغۇز ) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مىنى زىكرى قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن.“ ( تاھا سۈرىسى 14 – ئايەت )
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دىگەن: “ خمس پلوات كتبھن اللھ ىلۈ الىباد، فمن جاء بھن ولم يوگيى منھن شيىا استخفاىًا بچقھن كان لھ ىندۆللھ ىھدًا ان يدخلھ الجنە، ومن لم يۆتۈ بھن فليس لھ ىندۆللھ ىھدًا ان شاء ىۇبھ وان شاء ادخلھ الجنە “ تەرجىمىسى: “ ئاللاھ بەندىلەرگە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلدى، كىمىكى بەش ۋاخ نامازنى ئەھمىيەتسىز ساناپ، ئۇلارنى زايا قىلىۋەتمەسىن، تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ئەھدىسى باردۇر. كىمىكى بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلمايدىكەن، ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە ئەھدسى يوقتۇر. ئاللاھ خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا گۇناھىنى ئەپۇ قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.“ (مالىك ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)
تەلھە ئبنى ئابدۇللادىن رىۋايەت قىلىنپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئەرابىي پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: يارەسۇلەللاھ ئاللاھ ماڭا نامازدىن نىمىنى پەرىز قىلدى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، ”بەش ۋاخ ناماز“ دەپ جاۋاپ بەردى. ئەرابىي : ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا پەرىزمۇ بارمۇ؟ دىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”يوق، پەقەت نەپلى(ئۆزئىختىيارىڭ بىلەن قىلىدىغان) ئىبادەتلەر بار“ دىدى. ئەرابىي:“سىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات – ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭغا كەم ـ زىيادە قىلمايمەن“ دەپ قايتتى، بۇ ۋاقتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام “ بۇ ئادەم سۆزىدە راستچىل بولسىلا، نىجاتلىققا ئىرىشتى“دىدى( بۇخارى رىۋايىتى )
بالىلارنى كىچىگىدىن نامازغا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى يەتتە ياشتا نامازغا بۇيرۇش، ئون ياشقا كىرگەندە نامازنى تەرك ئەتسە نامازغا ئۈگىتىش يۈزسىدىن ئۇرۈش، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىمسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: “ مروا ابناءكم بالپلاە لسبى واگربوھم ىليھا لىشر “ ”بالىلىرىڭلارنى يەتتە يىشىدا نامازغا بۇيرۇڭلار. ئون ياشقا كىرگەندىمۇ ناماز ئوقۇمىسا يىنىك ئۇرۇڭلار.“ ( ئەھمەد رىۋايتى )
كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنىڭ سىرى
ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان بەش ۋاخ نامازنىڭ ئورۇنلاش ۋاقتلىرىنى كىچە ـ كۈندۈزنىڭ ئوخشاش بولمىغان سائەتلىرىگە بەلگىلىدى. بەش ۋاخ ناماز ھەقىقەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك سادىر قىلغان خاتالىقلىرى ۋە غاپىللىقلىرىنى يۇيۇپ پاكلايدىغان روھىي پاكىزلىق مۇنچىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ساھابىلارغا بۇ مەنىنى مۇنۇ مىسال بىلەن ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن: ”ۆرۆيتكم لو ان نھرا ىلۈ باب اچدكم ، يغتسل فيھ كل يوم خمس مرات ، فھل يبقۇ ىلۈ بدنھ من درنھ شيىا قالوا: لا، قال: كۇالك مڭل الپلوات الخمس يمچواللھ بھن الخطايا“ تەرجىمىسى: “ ئىيتىىڭلارچۇ! ئەگەر بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا دەريا بولسا، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنسا ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟ دەپ سورىدى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام. ساھابىلار ”ياق، قالمايدۇ“ دەپ جاۋاپ بىرىشتى. بۇ ۋاقتتا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام“ بەش نامازنىڭ مىسالى شۇنىڭغا ئوخشاشتۇركى، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خاتالىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ“دەيدۇ.“ ( بۇخارى ۋە مۇسلم رىۋايىتى )
ئىنسان شۇنداق ئاجايىپ يارىتىلغان بىر مەۋجۇداتكى، ئۇنىڭدا پەرىشتىلەردە بولىدىغان روھانىيلىق، ھايۋانلاردا بولىدىغان شەھۋانىي ھەۋەس ۋەيىرتقۇچلاردا بولىدىغان غەزەپ (ئاچچىق ) باردۇر.
كۆپىنچە ۋاقتلاردا ئۇنىڭدىكى شەھۋانىي ھەۋەس ياكى غەزەپ ئۇنىڭدىكى روھانىيلققا غالىپ كىلىپ، ئۇنى تۈرلۈك خاتالىقلارغا باشلاپ كىتىدۇ. ئىنساننىڭ خاتالىشىشى ئىيىب سانىلىدىغان ئىش ئەمەس. ھەر قانداق ئادەم بالسى خاتالىشىدۇ. لىكىن ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىنساننىڭ خاتالىقلار ئۈستىگە خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى ئارقىلىق، خاتالىقلار دىڭىزىغا چۆكۈش نەتىجسىدە، ھايۋانلارغا ئوخشاش بولۇپ كىتىشىدۇر. بەش نامازدا خاتالاشقانلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن پاكلىنىپ توغرا يول تىپىشى، غەپلەتتىكىلەرنىڭ ئۇيقۇلىرىدىن ئويغۇنىشى، ئازغانلارنىڭ ئۆز پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشىى پۇرسەت بار. بۇ مەنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەيدۇ: “ ان للھ ملكا ينادي ىند كل پلاە: يا بنۈ ژدم قوموا الۈ نيرانكم التۈ اوقدتموھا فاطفۋوھا“ تەرجىمىسى:“ ئاللاھنىڭ ھەر ناماز ۋاقتىدا، ”ئى ئادەم بالىلىرى! ئۆزۈڭلار ياندۇرغان ئوتۇڭلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ناماز ئوقۇشقا تۇرۇڭلار“ دەپ چاقىرىدىغان مەخسۇس پەرىشتىلىرى باردۇر.“ ( تەبەرانى رىۋايىتى )
بەش ۋاخ نامازنىڭ تەسىرى ئىنساننىڭ گۇناھ ۋە خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىڭ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئىجابىي تەرەپلىرى باردۇر. بەش ۋاخ ناماز ئەڭ ئاۋۋال ئىنساننى ئىنسانلىق سالاھىيىتىگە كۆتۈرگەن ۋە پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا لايىق قىلغان ئىنسانلىق روھنى غىزالاندۇرىدۇ. كۈندىلىك بەش ۋاخ ناماز ئىنساننىڭ ماددىي چۈشەنچىلەردىن مۇتلەق ئازات بولۇپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا مۇناجات قىلىش ئارقىلق ئۆزىنىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرەلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىبادەتتۇر. ئىنساننىڭ روھىي غىزاسىنى ئالىملارنىڭ ئىلىمى، ياكى ئەدىپلەرنىڭ ئەدەبىياتى ياكى پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپەسى تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەرىپىتى ۋە ئاللاھغا بولغان يىقىنلىقلا تەمىنلىيەلەيدۇ ۋە يۈكسەلدۈرەلەيدۇ. خۇددى ئاشقازاننىڭ غىزاسى 3 ۋاخ تاماق بولغىنىدەك، بۇ بەش ۋاخ ناماز روھنىڭ كۈندىلىك ئەڭ ئىھتىياجلىق غىزاسىدۇر. مۇندىن باشقا ئىنسان يەنە، بۇ بەش ۋاخ ناماز ئەسناسىدا ماددىي ئالەملەردىن روھىي ئالەمگە تەرەققى قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەرجىمانسىز سۆزلىشىدۇ. ئاللاھدىن بۇ ئارقىلىق پۇتۈن ھاجەتلىرىنى خىجىل بولماستىن سورايدۇ، ئاللاھ مۇ زىرىكمەسىن ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدۇ.
ئاللاھ ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”نامازنى مەن بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم. بەندەم ئۈچۈن سورىغىنى باردۇر. بەندەم (فاتىھە سۈرىسنى ئوقۇشقا باشلاپ) ”الحمد لله رب العلمين“ يەنى “ يۈتۈن ھەمدۇ ـ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر ”دىگەندە، ئاللاھ ”ٌ بەندەم مىنى مەدھىيەلىدى“ دەيدۇ. ئۇ،“ الرحمن الرحيم“ يەنى“ ئاللاھ ناھايىتى مىھرى شەپقەتلىكتۇر “ دىگەندە، ئاللاھ:“ٌ بەندەم ماڭا ھەمدۇ ـ سانا ئوقۇدى“ دەيدۇ. ئۇ، “ ملك يوم الدين“ يەنى“ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر “ دىگەندە، ئاللاھ:“بەندەم مىنى ئۇلۇغلىدى ”دەيدۇ. ئۇ،“ إياك نعبد و إياك نستعين“ يەنى:“ئى ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز“ دىگەندە، ئاللاھ:“ بۇ مەن بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىش، بەندەم ئۈچۈن سورىغىنى بار“ دەيدۇ. ئۇ،“إهدنا الصراط المستقيم. صراط الذين أنعمت عليهم و لا الضالين“ يەنى: ”بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزەپ قىلىنغانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن“ دىگەندە، ئاللاھ:“ بەندەمنىڭ بۇ تىلىگىنى قوبۇل قىلدىم. بەندەم ئۈچۈن سورىغىنىنى بىرىمەن“ دەيدۇ.“ ( مۇسلىم رىۋايىتى )
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ نامازدىكى يىقىنلىقىنى كۆرستىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەن ئىنسان نامازغا تۇرغاندىن باشلاپ، نامىزىنى تۈگەتكەنگە قەدەر، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەزەرسىلىپ تۇرىدۇ.“ ( ئىبنى ماجە رىۋايتى )
نامازنىڭ ئىنساننىڭ نەپسىگە بىرىدىغان تەسىرى
ناماز، ئۇنى ئوقۇغان كىشىدە كۆپلىگەن ئىجابى تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن:
1 – ناماز ئىنساننىڭ روھىنى پاكلايدۇ ۋە يۇكسەك دەرىجىلەرگە كۆتۈرىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ روھانىيلىقى ئۇنىڭ نەپسى ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۈكسەلگەن ۋاقتىدا ئىنسان پەرىشتىلەرنىڭ مەرتىۋسىگە، گاھىدا ئۇلاردىنمۇ يوقىرى مەرتىۋىلەرگە تەرەققى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە: ئىنساننىڭ نەپسىي، ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرى ئۇنىڭ روھانيلىقىنى بىسىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئىنسان ھايۋانلارغا ئوخشاش ياكى ئۇلاردىنمۇ دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدۇ. نامازئاللاھ بىلەن ئىنساننىڭ ئوتتۇرسىدىكى خالىق(ياراتقۇچى) بىلەن مەخلۇق(يارالغۇچى) مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىسىدۇر.ناماز ئاللاھغا بولغان ئىماننىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر.ئىنسان نامازدا تۇرغان ۋاقتلىرىدا ئەڭ ياخشىى لەھزىلەر ئىچىدە تۇرغان بولىدۇ. ئۇ، بۇ ئەسنادا ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.
2 – ئىنسان نامازغا تۇرغاندا، دۇنيانىڭ غەم ـ قايغۇلىرى ۋە پۇتۈن كۆڭۈلسىزلىكلىرىدىن ئازات بولغان ھالدا، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، ئامانلىق، خاتىرجەملىك ۋە سائادەتمەنلىك ھىس قىلىدۇ. چۈنكى، غەم ـ قايغۇلارنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋاقتلىق بولسىمۇ ئونتۇشنىڭ ئۆزى ئىنسانغا راھەت بىغىشلايدۇ.
3 – ناماز ئىنساننى گۇناھ، يامان ئىشلاردىن ساقلايدۇ. چۈنكى ناماز ئوقۇغان كىشى بىر كۈندە بەش قىتىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈزلىنىڭ، ئۇنىڭغا ئەھدىسىنى يىڭىلاپ تۇرغان ئىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاللاھ بىرىنى ئۆز ھىمايسىگە ئالىدىكەن، ئۇنىڭغا ياخشىى ئىشلارنىڭ يوللىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بىرىدۇ، يامان ئىشلاردىن ئۇنى ئۇزاقلاشتۇرىدۇ، نەتىجىدە شەيتان ئۇ كىشگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ.“( ئەنكەبۇت سۈرىسى 45 ـ ئايەت ).
4 – ناماز ئارقىلىق ئىنساننىڭ گۇناھ ۋە خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. چۈنكى ھەر ـ قانداق ساۋابلىق ئىشلار يامانلىقلارنى يۇيۇدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دىگەن: ”شۈبھىسىزكى، ياخشىى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ.“ ( ھۇد سۈرىسى 114 – ئايەت)
ناماز ياخشىى ئىشلارنىڭ ئاساسچىسى بولغاچقا ئۇنىڭ ئارقىلىق گۇناھ، يامان ئىشلارنىڭ يويۇلىشى تەبئىيدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ مەنادا مۇنداق دەيدۇ: ”بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋە جۈمەدىن جۈمەگىچە بولغان ۋاقتلارنىڭ ئارىسىدا سادىر بولغان گۇناھ ۋە خاتالىقلار ــ ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن بولمسا ـــ بۇ نامازلار بىلەن يۇيۇلىدۇ.“
5- ناماز كشىنى ئاللاھغا يىقىنلاشتۇرۇش نەتىجىسدە، ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئالىمەرتىۋىلەرگە ئژستۇرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا ”ئاللاھغا سەجدە قىلغىن. (شۇ ئارقىلىق ئاللاھغا ) يىقىنلىق ھاسىل قىلغىن.“(ئەلەق سۈرىسى)
ئاللاھغا سەجدە قىلىپ ناماز ئادا قىلغان كىشى ئاللاھغا چوقۇم يىقىنلىشىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ يىقىنىغا ئايلانغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ پۇتۈن ھاجەتلىرى راۋا بولىدۇ ۋە مەرتىبە مەقامىمۇ ئۆسىدۇ.
ئىسلام دىنىىدا تەلەب قىلىنغان ناماز
ئىسلام دىنىىدا تەلەب قىلنغان ناماز ئەقىل بىلەن قەلب پەرۋاسىز ھالدا تىل ۋە ئەزالار بىلەنلا ئورۇندىلىدىغان ھەركەت ئەمەس. بەلكى ھەقىقىيي مەقبۇل ناماز ــ ئۇنىڭدا ئەقىل، قەلىب ۋە پۇتۈن ئەزالارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت بولغان ئۆز نىسىۋىسىنى ئالالىغان نامازدۇر. ناماز ئوقۇشتىن ــ ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن ــ بولغان بىرىنچى مەقسەت ئاللاھنى ياد قىلىشتۇر.
ئاللاھ موسا ئەلەيھسسالامغا قىلغان ۋەھىسىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ مىنى ياد قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن.“( تاھا سۈرىسى 14- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: نامازنىڭ پەرز قىلنشى، ھەجنىڭ بۇيرۇلىشى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ بەلگىلىنشى پەقەت ئاللاھنى ياد قىلىش ئۈچۈندۇر.“ ( ئەبۇ داۋۈت رىۋايىتى )
يوقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت بىلەن ھەدىس نامازدا قەلىبنىڭ ئويغاق تۇرۇشى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن دىگەن ئىتىقاد بىلەن، سەگەك تۇرۇشىنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە.نامازدا ئەقىلنىڭ ھوشيار ۋە ئويغاق تۇرۇشى ھەققىدە مۇنۇ ئايەت يىتەرلىك: ”ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەس بولساڭلار نىمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگەنگە قەدەر نامازغا يىقىنلاشماڭلار.“ (نىسا سۈرىسى 43 – ئايەت )
قانچىلىغان كىشىلەر نامازلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئوقۇۋاتقانلىقلىرى ۋە قانداق پائالىيەتلەرگە يۆتكەلگەنلىكلىرىدىن غاپىل ھالدا، بىپەرۋالىق بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قالمىغان بولسىمۇ، بىپەرۋالىق، غەپلەت ۋە مال ـ دۇنيانىڭ سۆيگۈسى ياكى غەم ـ ئەندىشىسى ئۇلارنى مەس قىلىۋاتقان. ئىسلام دىنىىدا تەلەب قىلىنغان ھەقىقىيي مەقبۇل نامازدا ئەقىل، قەلىب، ھىسسى ۋە ھىستىن تاشقىرى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا بىرگە ئىشتىراك قىلىدۇ.
ئەقىلنىڭ ئەمەللىرى:
1 – نامازدا ئەقىل ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىتىراپ قىلغان ھالدا، پۇتۈن خىيالىنى يىغىپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلاپ تۇرىدۇ.
2ـ نامازدا ئەقىل بارلىق ھىممىتى ۋە كۈچىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى بۇ ئۇلۇغ مۇلاقاتقا بىغىشلاپ تۇرىدۇ.
3ـ نامازدا ئەقىل ئاللاھدىن باشقا ھەممىدىن ئايرىلغان ھالدا كەمتەرلىك بىلەن تۇرىدۇ.
4ـ نامازدا ئەقىل دۇنيالىق ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۆزگەن ھالدا، بىر ئاللاھقىلا قاراپ تۇرغاندە ھىس بىلەن ئەيمىنىڭ تۇرىدۇ.
قەلبنىڭ ئەمەللىرى:
نامازدا قەلب ئاللاھقىلا بىغىشلانغان ھالدا، ئۇنىڭ بىلەنلا بولىدۇ.
2- نامازدا قەلب ئاللاھنىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.
3- نامازدا قەلب ئاللاھغا يىلىنىش ۋە يالۋۇرۇش بىلەن تۇرىدۇ.
4- نامازدا قەلب ئاللاھ بىلەن بىۋاسىتە مۇلاقاتتا بولۇپ تۇرىدۇ.
ھىسسى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى:
1- نامازدا تىل ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرىدۇ.
2- نامازدا كۆز پۇتۈن ھەركەتلەرنى يىغىپ، سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ دىققەت بىلەن تۇرىدۇ.
3- نامازدا قۇلاقلار نامازدىكى قىرائەتتىن باشقا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن گاس بولغان ھالدا تۇرىدۇ.
4- نامازدا ئىككى قول ئاللاھغا ئەڭ ئالى ئىھتىرام بىلدۈرۈپ كىندىكنىڭ ئۈستىدە باغلىنپ تۇرىدۇ.
تاشقى ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى
1- نامازدا ئىككى پۇت، ئاللاھنىڭ ھەر قانداق پەرمانىغا ھازىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھالدا تۈپتۇز ۋە رۇس تۇرىدۇ.
2- نامازدا باش ئاللاھغا چوڭقۇر ھارمەت بىلدۈرگەن ھالدا، قەددىنىرۇس قىلىپ، تىك تۇرىدۇ. ئاندىن تۆۋەنگە ئىگىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تىخىمۇ چوڭقۇرراق ھارمەت بىلدۈرىدۇ. ئاندىن بىشىنى يەرگە قويۇش ئارقىلىق ئاللاھغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ.
3- نامازدا يۈز ئاللاھنىڭ مەنىۋى مۇلاقاتىغا يۈزلىنپ تۇرىدۇ. سەجدىدە بولسا، ئاللاھنى ئەڭ كۆرىنەرلىك ئىپادە بىلەن ئۇلۇغلاش ۋە ھەقىقىيي قۇللۇقنى ئسپاتلاش يۈزسىدىن بۇ ھۈرمەتلىك يۈز يەرگە قويۇلىدۇ.
4- نامازدا رۇكۇ قىلغاندا بەل ئاللاھغا ھارمەت بىلدۈرۈش يۈزسىدىن ئىگىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئىنساندىكى پۇتۈن ئورگانلارمۇ نامازدا ئاللاھغا ئەڭ ئىتائەتچانلىق بىلەن تۇرۇپ يۇقىرىقى ئەزالارغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
نامازنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى
ناماز ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش يۈزسىدىن ئوقۇلىدۇ.ئاللاھ بەندىلىرىنى پايدىسىز ۋە ھىكمەتسىز ئەمەللەرگە ئەسلا بۇيرىغان ئەمەس. ئىنسان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىلىمىمىز،ئىدراكىمىز چەكلىك بولغاچقا،ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان پۇتۈن ئەھكاملارنىڭ ھىكمەت ۋە سىرلىرىنى تولۇق بىلىپ بولۇشقا ئاجىزمىز. شۇنداقتىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىلىمىگە نىسبەتەن دىڭىزدىن بىر تامچە بولغان ئاجىزانە ئىلمىمىز ۋە چەكلىك ئەقلىمىز بىلەن ئىبادەلەرنىڭ ھىكمەت ۋە سىرلىرىدىن مىڭدىن بىرەنى بىلەلىگەن بولساقمۇ، بىزلەرگە مەلۇم بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا ئىنىق مەلۇمدۇر. “ ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.“ (تالاق سۈرىسى 12- ئايەت ).
”سىلەرگە ئازلا ئىلىم بىرىلدىڭلار.“ ئەقلىمىز ۋە ئىدراكىمىز چەكلىك بولغىنى ئۈچۈن بىزگە ئازلا ئىلىم بىرىلگەن. تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان پايدىلارمۇ نامازنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرىنڭ مىڭدىن بىرىدۇر.
1- ناماز پاكىزلىك ۋە گۈزەللىكتۇر
ئىسلام دىنىىدا پەرز قىلىنغان ناماز روھنى كىبىر، غەپلەت ۋە مەغرۇرلۇقتىن پاكلايدىغان مەنىۋى تازىلىق بولغىنىدەك، ئۇ، ئىنساننى نىجىسلاردىن، كىرلاردىن ۋە يىقىمسىز ھىدلاردىن پاكلايدىغان ئەمەلى چوڭ تازىلىقتۇر. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن بەدىنىنى، كىيىملىرىنى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جايىنى پاكىز تۇتۇشقا ۋە تاھارەت ئىلىش ئارقىلىق پاكلىق ئۈستىگە پاكلىق قوشۈشقا ئەمر قىغان. نامازنىڭ ئاچقۇسى پاكلىقتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىــمــدە مۇنداق دەيدۇ:
”ئى مۆمىنلەر! ( سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ ) نامــاز (ئوقۇماقچى بولساڭلار)، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار. قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار.پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يويۇڭلار. ئەگەر جۈنۇپ بولساڭلار ( غۇسلە قىلىپ) پاكىزلىنىڭلار.“ ( مائىدە سۈرىسى 6 – ئايەت ).
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”پاكىز بولۇڭلار، چۈنكى ئىسلام دىنىى پاكىز دىندۇر.“ ( تىرمىزى رىۋايىتى ).
يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەن ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پاكلىقنى ياقتۇرىدۇ.“(ئىبنى ھىببان رىۋايىتى )
شۇڭا ئىسلام دىنىى مۇسۇلمانلارنى جۈمە ۋە ھىيت نامازلىرىغا بىرىشتىن بۇرۇن غۇسۇل قىلىپ پاكىزلىنىشقا بۇيرۇغان.مانا بۇ،مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ـ بىرىنى يىقىمسىز ھىدلىرى بىلەن راھەتسىزلەندۇرمەسلىكى، بىر ـ بىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆزىدە پاكىز، گۈزەل بولۇشلىرى ئۈچۈن ئىدى. پاكىزىلىق، كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ناھايىتى پايدىلىق ئىشتۇر. چۈنكى پاكىز بولغان كىشى مىكروبلاردىن ئۇزاق تۇرغىنى ئۈچۈن كىسەللىكلەردىن ساقلىنپ قالىدۇ. مۇندىن باشقا پاكىز بولغان كىشى، چىرايلىق، گۈزەل قىياپەتكە كىرىدۇ. گۈزەل قىياپەتلىك بولغان كىشىدىن كىشىلەر نەپرەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى ھارمەتلەيدۇ. پاكىزىلىقنىڭ مۇندىن باشقىمۇ كۆپلىگەن پايدىلىرى باردۇر.
2 – ناماز ئىنساننىڭ سەۋىرچانلىقى ۋە چىداملىقىنى ئاشۈرىدۇ.
ئىسلام دىنىى تەلەب قىلغان ھەقىقىي ناماز ئىنساننى روھى ۋە نەپسى قۇۋۋەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ سەۋىرچانلىقى ۋە چىداملىقىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ناماز كىشگە دۇنيانىڭ قىينچىلىقلىرى ۋە مۇسىبەتلىرى ئۈچۈن تەسەللى بىرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: “ ئى مۆمىنلەر! سەۋىر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ئاللاھدىن ياردەم تىلەڭلار.“ ( بەقەرە سۈرىسى 153- ئايەت )
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بىرەر قىيىن مەسىلىگە دوچ كىلىپ قالغان ھامان ناماز ئوقۇيتتى. ( ئەھمەد رىۋايىتى)
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە غەيرىي دىندىكى كشىلەردىنمۇ كۆپلىگەن ئالىملار ۋە تىببىي مۇتەخەسسسىلەرنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشتىن قانچىلىغان ھىسسىي ۋە مەنىۋى پايدىلارنى كۆرىدىغانلىقىنى ئسپاتلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلاردىن دوكتۇر كىسس كارل مۇنداق دەيدۇ:“ ناماز پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا، بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر تونۇلۇپ كەلگەن ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت مەنبىيىدۇر. مەن دوختۇرلۇق سۈپىتىم بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن كۆپلىگەن كىسەللەرنىڭ نامازغا باشلىغاندىن كيىن، ياخشىىلىنپ كەتكەنلىكلىرىنى كۆردۈم. ناماز كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز نامىزىمىزدا ئۆزىمىزنى ئەڭ كۈچلۇك بولغان بىر زاتقا باغلايمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز. نەتىجىدە بىزنىڭ سورىغانلىرىمىز ھەسسىلەپ بىرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ناماز بىلەن ھەركەتچانلىقىمىز ئاشىدۇ.“ مانا بۇ، باشقا دىنلاردىمۇ ئورتاق بولغان ئۇمۇمىي نامازنىڭ پايدسى. ئىسلام دىنىىدىكى نامازنىڭ پايدىلىرىنى تولۇق تەسۋىرلەپ بولۇش قىيىن.
3 – ناماز ئەخلاقنى كۈچەيتىدىغان قۇۋۋەتتۇر
ناماز مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ئەخلاقىي قۇۋۋەتتۇر. ئۇ، ۋىجداننى يامان ئىشلارنى تەرك ئىتپ، ياخشىى ئىشلارنى قىلىشقا ئۇندەيدىغان تۈرتكە. دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقلىرى ۋە بالاي ـ ئاپەتلىرىگە تەۋرەنمەي تاقابىل تۇرۇشقا مەدەتكاردۇر. ناماز ئارقىلىق ھاسىل بولغان بۇ ئەخلاقىي قۇۋۋەت كىشىنىڭ قەلبىدە پەقەت ئاللاھدىنلا قورقۇش تۇيغۇسنى ئۈندۈرىدۇ. ۋە ئىنساندىكى ۋاقتقا رىئايە قىلماسلىق، ھورۇنلۇق، پائالىيەتسىزلىك قاتارلىق ئىنسانىي ئاجىزلىقلارنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ پائالىيەتچان، ئىنتىزاملىق، شۇجائەتلىك بۇلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئاللاھ بۇ مەنادا مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى.ئۇنىڭغا ( يوقسۇزلۇق ياكى كىسەللىك ياكى قورقۇنچتەك ) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر. بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بىخىللىق قىلغۇچىدۇر. پەقەت ( تۆۋەندىكىلەر ) ئۇنداق ئەمەس: ئۇلار بولسا نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.“(مەئارىج سۈرىسى 19 – 23 – ئايەت )
بۇ ئايەتتىن نامازنىڭ پۇتۈن شەرتلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئۇنى ھەمىشە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە، باشقا ناماز ئوقۇمايدىغانلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئاللاھ يەنە ”نامازنى شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ) ئۇقۇغىن. ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ) دەيدۇ.“ ( ئەنكەبۇت سۈرىسى 45- ئايەت )
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم كشىلەرنىڭ ئەخلاقىدىكى ۋە ئستىلىدكى ناچارلىقلار ۋە بۇزۇقلۇقلار، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان نامازلىرىنڭ مەنىسىز ۋە پايدسىز، ھەركەتتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار نامازنى ھەقىقىي ماھىيىتى بۇيىچە ئۇقىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ نامازلىرى ئۇلارنى ئەخلاقسىزلىقلاردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسالىغان بۇلاتتى. ھەقىقىي ناماز ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلەنگەن مۇنۇ مۆمىنلەرنىڭ نامىزىــــدۇر. ئۇلار ( شۇنداق مۆمىنلەركى ) نامازلىرىدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن سۈر بىسپ كەتكەنلىكتىن ئەيمنىڭ تۇرغۇچىلاردۇر.“(مۆمىن سۈرىسى 2- ئايەت ).
مانا بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بۇلىدىغان ۋە ئوقۇغۇچسىنىمۇ يامان ئشلاردىن ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن توسالايدىغان نامازدۇر.
دىمەك، ناماز ئىنسانغا گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۈگىتىدۇ.گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆز ئىگىسگە ۋە باشقىلارغا ناھايىتى كۆپ پايدسى بار. بىر كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى يۈزسىدىن ئۇمۇمىي خەلق مەنپەئەت ئالىدۇ. مانا بۇ نامازنىڭ پايدسى.
4- نامازدىكى ھەركەتلەر گىمناستىكىدىن پايدىلىقتۇر
نۇرمالدىكى گىمناستىكا بىلەن نامازدىكى ھەركەتلەر ئوتتۇرسىدا دەرھال كۆرگىلى بولىدىغان 5 چوڭ پەرق بار:
1 – پۇتۈن سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇلغان 5 ۋاخ نامازدا 40 رەكئەت ۋە ھەر بىر رەكئەتتە 2 دىن سەجدە بولۇپ جەمى 80 سەجدە باردۇر. ھەركۈنى قانچە گىمناستىكچى 40 قىتىم يەرگە ئىگىلىپ، 80 قىتىم بىشىنى يەرگە قويۇپ، يەنە تۇرۇپ بۇنچىلىك ھەركەتلەرنى قىلالايدۇ ؟ !
2 – ناماز ئاستا ـ ئاستا، تەمكىن ھەركەتلەر بىلەن ئوقۇلغانلىقتىن بەدەن ۋە قەلىب چارچىمايدۇ. گىمناستىكىدا بولسا، بەدەن ۋە قەلىب چارچايدۇ ۋە ھارغىنلىشىدۇ.
3 – ناماز كۈننىڭ بەش ئايرىم ۋاقتلىرىدا ئوقۇلىدۇ. قانچە گىمناستىكىچى ھەركۈنى بەش قىتىم ئايرىم ـ ئايرىم، بەلگىلىك ۋاقتلاردا مۇنتىزىم ھالدا گىمناستىكا قىلالايدۇ ؟ !
4 – ناماز ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرغىچە پەرزدۇر. قانچە گىمناستىكىچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر گىمناستىكىنى مۇنتىزىم ھالدا داۋاملاشتۇرالايدۇ ؟ يەنە تىخى ناماز سەپەردە بولسۇن، ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدە بولسۇن، جەڭ مەيدانىدا بولسۇن، كىسەللىكتە بولسۇن ھىچ بىر ۋاقتتا تەرك قىلىنمايدۇ. گىمناستىكىچىلار بۇنداق شارائىتلاردا گىمناستىكىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟!
5 – ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئىلىش، گاھىدا غۇسۇل قىلىش شەرتتۇر. ھالبۇكى، گىمناستىكا ئويناش ئۈچۈن بۇنداق بىر شەرت يوق.
ئەمدى باشقا قايتايلى:
بامدات نامىزى 4 رەكئەت، پىشىن نامىزى 10 رەكئەت، ئەسىر نامىزى ( تەكىتسىز سۈننىتىنى قوشقاندا ) 8 رەكئەت، شام نامىزى 5 رەكئەت، خۇپتەن نامىزى( ئالدىدىكى تەكىتسىز سۈننىتى بىلەن) 13 رەكئەت، ھەممىسى بولۇپ 40 رەكئەت بولىدۇ. بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئەتىدە 2 قىتىمدىن سەجدە قىلغان مۇسۇلمان كىشى كۈندە 80 قىتىم يەرگە يىتپ ـ تۇرۇش ھەركىتىنى قىلىدۇ. ھىچقانداق بىر گىمناستىكىچى مۇنتىزىم ھالدا بۇ ھەرىكەتلەرنى قىلالمايدۇ. گىمناستىكىچىلار كۆپ ئوينىسا ئەتىگەنلىرى 20 ياكى 30 قىتىم ھەركەت قىلىدۇ. گىمناستىكا ھەركەتلىرى تىز قىلىنغاچقا گىمناستىكىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى قەلبىلىرىنى چارچىتىدۇ. ھەركەتتىن ىئين بەدەنلىرىنى ئىغىرلىق باسىدۇ. ئۇلار گىمناستىكىنى بىرەركۈن داۋام قىلدۇرالماي قالسا، بەدەنلىرىدە سىمىزلىك ۋە ماي توپلىنىش كەيپىياتلىرى يۈز بىرىدۇ. ئەمما نامازدىكى ھەركەتلەر ئاستا ـ ئاستا، تەمكىن ھالدا قىلىنغاچقا قەلىب چارچىمايدۇ ۋە بۇ ھەركەتلەر كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان سائەتلىرىدە قىلىنغانلىقتىن ئىنساننى ھەمىشە تىنىچ تۇتىدۇ، ئارتۇق سىمىزلىك ۋە ماي توپلىنىشقا توسقۇن بولالايدۇ.
ئىنسان ھاياتىدا قاننىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. يۈرەك ـ قاننى بەدەننىڭ ئەڭ كىچىك تومۇرلىرىغا قەدەر ھەممە يىرىگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمىشە قاننى پۈدەپ ماڭدۇرۇپ تۇرىدۇ. قەلبنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن ئۇ ھەمىشە تىنىچ تۇرۇشقا مۇھتاج. يەنە بىر تەرەپتىن قەلبنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى ۋە بەدەننىڭ ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ بىر قىسىم ھەركەتلەرنى قىلىشى ئارقىلىق ھۇجەيرلەرنىڭ قان بىلەن بويۇلۇپ تۇرۇشى كىرەك.
مۇئەييەن سائەتلەردە قىلىنغان تەن ھەركەتنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر. بەش ۋاخ نامازدا بۇ ھالەتلەر كۆپ. چۈنكى ناماز ۋاقتلىرى تىببىي مۇتەخەسسلىرىنىڭ ھەركەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ۋاقتلىرىنىڭ ئۆزىدۇر. تاڭ سەھەر قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن ئۇيقۇنىڭ مەسانىلىكىدىن، چۈش ۋاقتى ئىشتىن قايتىپ ۋۇجۇدنىڭ ھارغىنلىقىدىن، ئەسىر ۋاقتى بىر كۈنلۈك ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئالدىدا بەدەننىڭ ئىغىر بىر چارچاشقا تۇتۇلغانلىقىدىن، شام ۋاقتى ئىشلارنى تۈگىتىپ كىچە ئىستىراھىتىگە تەييارلىنىشنىڭ باشلىنىشى سەۋەبىدىن، خۇپتەن ۋاقتى بىر كۈننىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ۋۇجۇدنىڭ ھارغىنلىقى ۋە ئىغىرلىقىنى كۆتىرىش سەۋەبىدىن، قان يۈرۈشىشىنى تەمىنلەش ۋە تەنەپپۇسنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەن ھەركەت قىلىشىغا ناھايىتى مۇناسىپ ۋاقتلاردۇر.
روكۇ ۋە سەجدىلەر، پۇتۈن ئورگانلارنى جانلاندۇردىغان قان ئايلانمىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىى ئۇسۇللاردۇر. مۇندىن باشقا، رۇكۇ ـ سىرت ۋە ئاشقازاننى كۈچلاندۇرۇشتىن باشقا، ئەينى ۋاقتتا ئاشقازان ئەتراپىدىكى مايلارنى يوقىتىدۇ. سەجدە بولسا، باغىرساق پائالىيەتلىرىنى كۈچلاندۇرغاننىڭ سرتىدا قاننىڭ بەدەننىڭ ھەر تەرەپلىرىگە يىتىپ بىرىشىنى تەمىن ئىتىدۇ. ناماز ئومۇمەن بەدەننىڭ يۇقىرى قسمىدىكى ئورگانلاردىن مايلارنى چۈشۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن قان بىسىمى يوقىرىلىقىدىن ئازابلىنىدىغان كىسەللەر نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلسا، ئۇلار نامازنىڭ پايدىسىنى ھامان كۆرەلەيدۇ. يوقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى تىببىي ساھاسىدىكى مەشھۇر مۇتەخەسسىلەرنىڭ چىقارغان يەكۈنلىرىدۇر.
5 – ناماز روماتىزىمنىڭ شىپاسىدۇر.
تۇركيەنىڭ ”گۇناھيدىن“ گىزىتى 1983 ـ يىل 5 ـ ئاۋغۇست سانىــدا ”فىرانسوز دوختۇرلارغا كۆرە روماتىزىمنىڭ شىپاسى 5 ۋاخ ناماز“ُ دىگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئىلان قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن: ”فىرانسوز دوختورلار روماتىزىم، بەل ۋە سىرت ئاغرىقلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان كىسەللەرگە، مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش كۈندە 5 ۋاخ ناماز ئوقۇشلىرنى تەۋسىيە قىلىدو. ھەركونى بەش ۋاخ ناماز ئوقوشنىڭ يوقىرىقى ئاغرىقلارغا ناھايىتى ياخشىى بىر شىپا بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فرانسۇز دوختورلار نامازدىكى ھەركەتلەرنىڭ ئەڭ ئنتىزاملىق ۋە پايدىلىق بولغان بىر گىمناستىكا ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلماقتا . فىرانسوز دوختورلار ناماز ئەسناسىدا يەرگە قاراپ ئىگىلىپ، يەنە توروشنىڭ تىز قاپاقلىرىدىكى ئاغرىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى، سەجدە قىلىشنىڭ خۇسۇسەن سىرت مۇسكۇللىرنى كۈچلەندۈرۈشتە ئالاھىدە چوڭ پايدىلىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.“
ئىنسان پىسخولوگىيىسى ۋە بەش ۋاخ ناماز
ئىنسانلار يارىتىلىشىدىنلا ئىغىر سىناقلارغا چىدامسىز بىر مەۋجۇداتتۇر. ھالبۇكى، ئۇنىڭ موپتىلا بولىدىغان بالالىرى ۋە دۈشمەنلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇ ھەممىگە ئىگە بولالمايدىغان ھاجەتمەن مەۋجۇداتتۇر. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئىھتىياجلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇ، ئاجىزدۇر. ھالبۇكى، ھاياتنىڭ يۈكلىرى ئىنتايىن ئىغىردۇر. ئىنساندىكى ئەقىل بىلەن روھ ئۇنى ئۇلۇغۋار غايىلەر ۋە مەڭگۈلۈك سائادەتلەرگە چاقىرىدۇ. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ قولى قىسقا، ئۆمرى چەكلىك، ئىقتىدارى يىتەرسىز، سەۋىر ـ تاقىتى ئازدۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنساننىڭ كۈندۈزنىڭ مەشغۇلىيەتلىرى باشلىنىشىدىن بۇرۇن، تاڭ سەھەر تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ئەڭ مەرھەمەتلىك خوجىسى ــ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەدەت تىلەشكە نەقەدەر ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى ۋە باشلىنىۋاتقان كۈندۈز ھاياتىدا بىشىغا كىلىدىغان، ئۈستىگە يۈكلىنىدىغان ئىشلارنى يىڭىشتا نامازنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر يۆلىنىش نوقتىسى بولىدىغانلىقى ئۈچۇق مەيدانغا چىقماقتا.
پىشىن ۋاقتى:
پىشىن ۋاقتى ـ كۈندۈز كامالىغا يەتكەندىن كىيىن، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بىر ئاندۇر. ھەمدە بۇ ۋاقت كۈنلۈك مەشغۇلىيەتلەرنىڭ ھارغىنلىقىدىن ۋاقتلىق دەم ئىلىش ۋاقتى.پانى دۇنيانىڭ تۈگىمەيدىغان ئىغىر ئىشلىرى ۋە مەشغۇلىيەتلىرى ئىلىپ كەلگەن غەپلەت ۋە بىپەرۋالقتىن روھنىڭ تەنەپپۇسقا ئىھتىياجلىق بولغان بىر ۋاقتى. بۇ، ئىلاھىي نىمەتلەر ئىزھار قىلغان بىر ۋاقتتۇر. ئىنساننىڭ روھى تارلىقلاردىن ۋە غەپلەتلەردىن قوتۇلۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ئاقىۋەتسىز مەشغۇلىيەتلىرىدىن قول ئۈزۈپ، مەڭگۈلۈك باقىي بولغان ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كىلپ قول باغلاپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ پۇتۈن نىمەتلىرىگە شۈكۈر ئىزھار قىلىش، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق ھالدا، رۇكۇ بىلەن يەرگە ئىگىلىپ ھۈرمەت بىلدۈرۈش ۋە سەجدە ئارقىلىق پۇتۈن ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت بولغان، پىشىن نامىزىنى ئوقۇشى نەقەدەر مۇھىم، نەقەدەر پايدىلىق ۋە تولىمۇ مۇناسىپ بىر روھىي تەنەپپۇس ئىكەنلىكىنى ئىنسان بۇلىدىكەن چوقۇم چۈشۈنەلەيدۇ.
ئەسر ۋاقتى:
ئەسىر ۋاقتى ـ ھەر نەرسە خازان بولىدىغان كۈز پەسلىنى، قىرىلىقنىڭ غەمكىن ھالىنى ۋە ئاخىر زاماننىڭ ۋاقتىنى ئەسلىتىدىغان بىر ۋاقت. بۇ ۋاقت، كۈنلۇك ئىشلارنىڭ خۇلاسىلىنىش ۋاقتىدۇر .بۇ ۋاقتتا قۇياشنىڭ كۈن پىتىشقا قاراپ ماڭغان سەيرىسى، كائىناتتا ـ ئاللاھدىن باشقا ـ ھەممە نەرسىنىڭ پانى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنساننىڭمۇ بىر كۈنى خۇددى ئاشۇ قۇياشتەك يوق بۇلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدىغان بىر مەنزىردۇر. بۇ پەيتتە، مەڭگۈلۈك پانىي بولمايدىغان ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئىلتىجا قىلىپ، قۇللۇقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادسى بولغان ئەسىر نامىزىنى ئوقۇش نەقەدەر مۇۋاپىق ۋە مۇناسىپ بولغان قۇللۇق بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەقىل ئىگىسى بىلەلەيدۇ.
شام ۋاقتى:
شام ۋاقتى ـ قۇياش پىتىشى ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئاخىرى بىر كۈن پۇتۈن ياخشىى كۆرگەنلىرىدىن ئايرىلىپ قەبرىگە كىرىدىغانلىقىنى خاتىرلىتىدىغان بىر ۋاقتتۇر. بۇ ۋاقت، پانىي دۇنيادا يوقىلىپ كىتىۋاتقانلار ـ ياخشىى كۆرگەن ۋە سۆيگەنلىرىگە ھەسرەت چەككەنلەرنى ـ ئاللاھدىن باشقا ــ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى شۇنداق ( قۇياش پاتقاندەك) پانيلىقتا يوق بولىدىغانلىقىنى ۋە مەڭگۈلۈك بولغان بىر زاتقا ئىسلىپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنپ، ئۇنىڭ ئەبەدىي يوقالمايدىغان رەھمىتىگە ئىرىشىش ئارقىلىق دۇنيادا سائادەت ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك خازان بولمايدىغان بەخىتلىك ھاياتقا ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى خاتىرلىتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋاقتتا شام نامىزىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھغا يۈزلىنىشنىڭ نەقەدەر ياخشى ۋە تولىمۇ پايدىلىق بىر بەندىچىلىك بۇرچى ئىكەنلىكىنى قەلبى ساغلام بولغانلار بىلەلەيدۇ.
خۇپتەن ۋاقتى:
خۇپتەن ۋاقتى ـ كۈندۈزنىڭ ئۇپۇقتىكى پۇتۈن ئەسەرلىرى يوقىلىپ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بىر ۋاقت. بۇ ۋاقت كۈندۈز بىلەن كىىچىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرغۇچى زاتنىڭ ئىلاھىي ئىجرائاتلىرىنى، ئاخىرەتكە كەتكەنلەرنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ باشقا بىر ئالەمگە يۆتكەلگەنلىكىنى خاتىرلىتىدىغان بىر ۋاقت. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئىنساننىڭ ئاللاھغا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇغان ۋە ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز، چىدامسىز، بىچارە بەندە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان ھالدا، خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئەڭ قۇدرەتلىك زاتقا يىقىنلىشىشى نەقەدەر توغرا، نەقەدەر ئويغۇن بىر ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىبرەت ئالىدىغانلار چۈشىنىدۇ.
نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھى
ئىسلام شەرىئىتى بويىچە: پەرز نامازلارنى، ئۇلارنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن تەرك ئىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن ئەڭ ئىغىر جىنايەت ئىكەنلىكىدە، نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىغا تۇتقانلىقى ئىكەنلىكىدە ھىچ شەك ــ شۈبھە يوقتۇر. بۇ مەسىلىدە ئىسلام ئۆلۈمالىرى ئارىسىدا ھىچ بىر ئىختىلاپ يوقتۇر. نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بۇلىدۇ.
1- نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلمىغانلىق يۈزىسىدىن نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەر بولۇپ، مۇنداقلار شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى قۇئان ۋە سەھىھ(شەكسىز)ھەدىسلار ئارقىلىق بىكىتىلگەن ئەھكاملارنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلغان كشى كاپىر بولىدۇ.
2- نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن ناماز ئوقۇمىغان كشىلەر بۇلۇپ، بۇلار تۆۋەندىكى ئىككى خىل كشىلەردۇر: بىرىنچىسى، دۇنيادىن پۇتۈنلەي ئالاقىسىز ھالدا، ئادەمزات بارمايدىغان يىراق چۆللەردە، تاغلاردا ۋە ئورمانلىقلاردا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سوراپ ئۈگىنىشكە، دىننىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان بىرەر ئالىمنىڭمۇ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھاياتىدا بىرەر قىتىم بولسىمۇ نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئاڭلىمىغانلىقتىن ناماز ئوقۇمىغان كشىلەر.
يەنە بىرى: ئىسلام دىنىنى ئەمدىلا قوبۇل قىلغان بولۇپ، نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئوقۇشنىڭ قائىدە ـ تەرتىبلىرىنى ئۈگىنىڭ بولغىچىلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ناماز ئوقۇيالمىغان كشىلەر. يوقىرىقى ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇمىغانلىقتىكى ئۆزۈرلىرى قوبۇل قىلىنپ، ئۇلاردىن نامازنى تەرك ئەتكەنلىكنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ(ھىچ ئادەمنى)جازالىغىنىمىز يوق“(ئىسراسۈرىسى 15-ئايەت).
ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پۇتۈن ئالەمگە، تا قىيامەتكىچىلىك پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن بۇ ئىسلام دىنى پۇتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق دىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەلگەن بىر دىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دەۋىتى يەتمىگەن جايلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن جازالانمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، ئسلام دىنىنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ،نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئاڭلىمىغانلىقىدا ــ يوقىرىقى ئىككى تۈرلۈك كشىلەردەك ـ ھەقىقىي ئۆزۈرلۈرك كشىلەرمۇ، ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا جازالانمايدۇ. مانا بۇ ئسلام دىننىڭ ئادالىتىدۇر.
بىراق ھازىرقى تەرەققىيات زامانىدا، دۇنيانىڭ قايسىبىر بولۇپ ـ پۇچقىقىدا ياشىغان بولمسۇن نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋە ئاڭلىمىغان بىرەر مۇسۇلماننىڭ تىپىلىشى تەسەۋۋۇردىن يىراق، ئەلۋەتتە.
3- نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، نامازغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلكتىن نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇمىغانلىقتىكى ھىچ قانداق ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەمما ھەيزىدار ۋە نەپاسدار ئاياللار، ھەيزىدارلىق ۋە نەپاسدارلىق ۋاقتلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ.روزا تۇتمايدۇ. كىيىنمۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. بىراق رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى پاك بولغاندىن كىيىن ئادا قىلىدۇ. نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتتە چىكىدىغان ئازابلىرى توغرىلىق ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ( دوزاختا ) مەھبۇستۇر. پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ”سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نىمە؟“ دەپ سورايدۇ. ئۇلار ”بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق“ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.“( مۇددەسىر سۈرىسى 38- 44- ئايەت)
ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىش ئارقىلىق جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋەسىلىسى ناماز ئىكەنلىكى توغرىلىق ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بىرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.“ ( نۇر سۈرىسى 56 – ئايەت )
ئاللاھ بۇ ئايەتتە، ناماز ئوقۇش، زاكات بىرىش ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلىشنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىشنىڭ كۆپالىتى قىلىپ كۆرسەتكەن. ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئىيتىىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا،(ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھغا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئىيتىىدۇ، ئۇلار(پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) چوڭلىق قىلمايدۇ.“ (سەجدە سۈرىسى 15 – ئايەت)
بۇ ئايەتتە، ئاللاھ، ئاللاھغا ناماز ئوقۇش ئارقىلىق سەجدە قىلمىغان، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى مەدھىيىلەپ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئىيتىمىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن چوڭلۇق قىلىپ باش تارتقان كىشىلەرنى ئىمان ئىيتىمىغان ھىسابتا قىلىپ كۆرسەتكەن.مۇندىن باشقا نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھى توغرىلىق كەلگەن ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام نامازنى تەرك ئىيتىىشنىڭ دىننى يىقىتقانغا ئوخشاش قاتتىق چوڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: “ الپلاە ىماد الدين من اقامھا فقد اقام الدين من ھدمھا فقد ھدم الدين “ تەرجىمىسى: “ ناماز دىننىڭ ئاساسىدۇر، كىمكى نامازنى ئادا قىلىدىكەن، ئۇ، دىننى بەرپا قىلغان بولىدۇ، كىمكى نامازنى تەرك ئىتىدىكەن ئۇ، دىننى يىقىتقان بولىدۇ.“ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئىغىرلىقى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ بين الرجل وبين الشرك والكفر ترك الپلاە“ تەرجىمىسى: ”مۇسۇلمانلىق بىلەن مۇشرىكلىك ۋە كۇپرىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق نامازدۇر. (مۇسلىم رىۋايىتى)
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام يوقىرىقى مەنىنى يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دەيــــــــدۇ: ”الىھد الۇۈ بيننا وبينھم الپلاە، فمن تركھا فقدكفر“ تەرجىمىسى:“ كاپىرلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولغان بولىدۇ.“(ئەھمەد رىۋايىتى)
يوقىرىقى ئايەتلەر ۋە ھەدىسلاردىن نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكى ۋە نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ كاپىرلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.لىكىن بۇ ئورۇندا شۇنى ئەسكەرتىش كىرەككى، كۇپرى ئىمانغا زىت كىلىش ۋە كەلمەسلىك ئىتىبارى بىلەن، ئىككىگە بۆلىنىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى،كۇپرى ئىيتىىقادىي(ئىتىقادتىكى كاپىرلىق)، يەنە بىرى،كۇپرى ئەمەلىي(ئەمەلدىكى كاپىرلىق)دۇر.كۇپرى ئىتىقادىينى سادىر قىلغان ئادەم ئىسلام ۋە ئىماندىن چىقىپ كىتىش ئارقىلىق كاپىر بولىدۇ. چۈنكى كۇپرى ئىتىقاد ئىمانغا زىت كىلىدۇ. ئەمما كۇپرى ئەمەلىينى سادىر قىلغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ.
كۇپرى ئىتىقادىينىڭ تۈرلىرى
1 – كۇپرى ئىنكار:
كۇپرى ئىنكار ـ قۇرئان كەرىمگە ياكى سەھى ھەدىسلەرگە ياكى ئۇلاردا كەلگەن ھاكۈملەرگە ۋە ياكى ئۇلار ئارقىلىق سابىت بولغان بەش ۋاخ ناماز، روزا، زاكات ۋە باشقىلار قاتارلىق ئەھكاملارنىڭ بىرەرسىگە ئىنكار قىلىش دىمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى: ”ئاللاھغا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟ ( ئەلۋەتتە بار ).“ (ئەنكەبۇت سۈرىسى 68 – ئايەت ).
2 كۇپرى تەكەببۇر :
كۇپرى تەكەببۇر ـ ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭا بويسۇنماسلىق دىمەكتۇر. بۇ خىلدىكى كۇپرى ئىبلىسنىڭ كاپىرلىقىغا ئوخشاش كۇپرىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى: “ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە“ ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار“دىدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.“( بەقەرە سۈرىسى 34 – ئايەت).
دىمەك، ئىبلىسمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكى بۇ ئايەتتە ئىنىق بايان قىلىنغان. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلار مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئىبلىسنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن بىردۇر.
3 ــ كۇپرى شەك
كۇپرى شەك ـ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى بولغان ئالتە ئىماننىڭ قايسى بىرىگە شەك كەلتۈرۈش دىمەكتۇر. ئۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى: “ ( كاپىر ئادەم مۇنداق دىدى ) قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ( يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىىراق جاينى تاپىمەن. ئۇنىڭغا ( مۆمىن ) بۇرادىرى مۇنازىرلەشكەن ھالـــدا، سىنى ( ئەسلىدە ) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابى مەنىدىن يارىتىپ، ئاندىن سىنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن ؟ دىدى.“ ( كەھف سۈرىسى 36 – 37 – ئايەتلەر )
بۇ ئايەتتە، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا شەك كەلتۈرگەن كىشى ئاللاھغا ئىنكار قىلغانلىق سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.ئاللاھغا ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
4 – كۇپرى ئىتىراز
كۇپرى ئىتىراز ـ ئىسلام دىنىىدا بۇيرۇلغان ئەمەللەرگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۇش دىمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى:“وَالَّۇِيْنَ كَفَرُوْا ىَمَّا اُنْۇِرُوْا مُىْرِگُوْنَ ”تەرجىمىسى:“كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.“(ئەھقاف سۈرىسى 3 – ئايەت )
5 – كۇپرى نىفاق
كۇپرى نىفاق ـ تىلىدا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، دىلىدا ئىشەنمەسلىك دىمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى:“ وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَّقُوْلُ اَمَنَّا بۆللھِ وَبۆليَوْمِ الاَخِرِ وَمَاھُمْ بِمُۋْمِنِيْنَ “ تەرجىمىسى: ”كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دىگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ.“ ( بەقەرە سۈرىسى 8 – ئايەت )
كۇپرى ئەمەلىينىڭ ھۆكمى
كۇپرى ئەمەلىينى سادىر قىلغان كىشى ئىسلامدىن ياكى ئىماندىن چىقىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇ، كاپىر بولمايدۇ. چۈنكى كۇپرى ئەمەلىي ئىمانغا زىت كەلمەيدۇ، بىراق ئۇنى سادىر قىلغۇچى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.
كۇپرى ئەمەلىنىڭ تۈرلىرى:
1 – كۇپرى نىمەت
كۇپرى نىمەت ـ ئاللاھنىڭ بەرگەن نىمەتلىرىنى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئادا قىلماسلىق دىمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى:“وَاِۇْ تَاَۇَّنَ رَبُّكُمْ لَىنْ شَكَرْتُمْ لَاَزِيْدَنَّكُمْ وَلَىنْ كَفَرْتُمْ اِنَّ ىَۇَابيِ لَشَدِيْدٌ“تەرجىمىسى:“ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار:“ نىمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار،( ئۇنى ) تىخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر كۇفرانى نىمەت قىلساڭلار، مىنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ“ دەپ جاكالىدى.“ ( ئىبراھىم سۈرىسى 7 – ئايەت )
2 – كۇپرى مەئسيەت
كۇپرى مەئسيەت ـ ئىسلام شەرىئىتىدە كۇپرىلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن ھەرقانداق گۇناھ ـ مەسيەتلەر ۋە يامان ئىشلار دىمەكتۇر. ئۇلاردىن:
ئا) مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈررۈش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى:“سباب المسلم فسوق وقتالھ كفـر“تەرجىمىسى:“مۇسۇلماننى ھاقارەتلەش ئىغىر گۇناھتۇر، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈررۈش كۇپرىلىقتۇر.“(بۇخارى رىۋايىتى)
ب) ھاراق ئىچىش ۋە زىنا قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى “ لايزنۈ الزانۈ چين يزنۈ وھو مۋمن، ولا يشرب الخمرچين يشربھا وھو مۋمن“ تەرجىمىسى: ”زىنا قىلغان ئادەم مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ. ھاراق ئىچكەن ئادەم مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ.“( مۇسلىم رىۋايىتى )
د ) ناماز، روزا، زاكات ۋە باشقىلار قاتارلىق پەرز ئەمەللەرنى تەرك ئىتىش. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشتا بايان قىلىنغان مۇنۇ سۆزى:“ كاپىرلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق نامازدۇر. نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولغان بولىدۇ.“ ( ئەھمەت رىۋايىتى )
3- كۇپرى ھۆكۈم
كۇپرى ھاكۈم ــ ئىسلام شەرىئەت قانۇنىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، باشقا قانۇنلارنى دەستۇر قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىش كۆرۈش دىمەكتۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى: “ كىملەركى، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر.“(مائىدە سۈرىسى 44 – ئايەت)
ئەمما ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى بۇ ئەسىرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دىگەن ئىتىقاد بىلەن ياكى يەرلىك قانۇنلارنى ئۇنىڭدىن ئەۋزەل بىلگەنلىك سەۋەب بىلەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر كۇپرى ئىتىقادىينىڭ ھۆكمىگە كىرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل كۇپرى ئىتىقادىي كۇپرىنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.
يوقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمزدەك، نامازنى تەرك ئىتىشنىڭ گۇناھى بەكمۇ ئىغىردۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا كۇپرى ئىسىمنى بەرگەن. كۇپرى ئەمەلىي گەرچە، ئىمانغا زىت كىلىدىغان بىر كۇپرى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۇپرى ئىسمىنى ئالغانلىقى ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئىغىرلىقىغا يىتەرلىك دەلىلدۇر. نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ھالى ئىنتايىن خەتەرلكتۇر. بۇنداق بولمسا ئىدى، ئۇلار كاپىرلىق بىلەن سۈپەتلەنمىگەن بۇلاتتى.
نامازنى تەرك ئەتكەنلكنىڭ گۇناھىنىڭ بۇنچىلىك ئىغىر ۋە چوڭ بولۇشىنىڭ يەنە بىر سىرى شۇكى، نامازنى تەرك ئىتىش كائىناتنىڭ قانۇنيىتى بىلەن زىتلاشقانلىقتۇر. چۈنكى كائىناتتىكى ھەر قانداق مەۋجۇدات ئاللاھنى ئۆز تىللىرى بىلەن مەدھىيىلەيدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيـــدۇ: ”( كائىناتتىكى ) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ. يەنى(ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى سۆزلەيدۇ ) لىكىن سىلەر ( تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسنى سەزمەيسىلەر.“ ( ئىسرا سۈرىسى 44- ئايەت )
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھغا بويسۇنىدۇ.“( رەئدە سۈرىسى 15- ئايەت ).

\\؛-[

16

تېما

0

دوست

2634

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3126
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 574
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 586
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 11:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىر(ئاللاغا ئىشەنمىگۇچى) بىلەن مۇسۇلمان(ئاللاغا ئىشەنگۇچى)نىڭ پەرقى --نامازدۇر.
ھورۇنلۇق ياكى بىپەرۋالىق بىلەن نامازنى ئۆتۇيەلمىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

kawmimol

28

تېما

1

دوست

6238

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2920
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1352
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 338
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 13:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى kanwayدە2011-10-17 11:56يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھورۇنلۇق ياكى بىپەرۋالىق بىلەن نامازنى ئۆتۇيەلمىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.  

ھەممىنى كەچۇرۇم بىلەنلا تۇگەتكىلى بولمايدۇ ، ئۇشۇنداق ھورۇن ۋە بىپەرۋالىقنى تۇگۇتىش كېرەك .
ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچى !!!

17

تېما

0

دوست

7734

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1243
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 16:31:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

0

دوست

426

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3530
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 114
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 23:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-''قۇللارنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنى ئادەم ئەمەس تاۋار قاتارىدا سانىغان دىيىشكە بولامدۇ؟
2-''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى، چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىلەرنىڭ ئىرى بولسىمۇ تارتىپ ئېلىۋالسا بولامدۇ؟
3-''... باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ، ياكى چۆرىلىرىڭلارغا قانائەت قىلساڭلار بولىدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىگە نىكاھ كەتمەمدۇ؟ پۇلى بولىسلا قانچىلىك سېتىۋېلىپ پايدىلانسا بولامدۇ؟...
4-'' ئى مۇھەممەد ئاياللىرىڭ، ئاتا ئانىسى، قېرىنداشلىرى، قۇل-چۆرىلىرى بىلەن كۈرۈشسە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە پەيغەمبەرمۇ قۇل تۇتقانمۇ؟
ئەستايىدىل جاۋاپ لازىم ئىدى.

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 23:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قرىندىشم:بۇ مەسىلىلەنى سىز بىلەن يۇز تۇرانە پىكىز لەسسەك ياخشىتتى

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 23:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قرىندىشم:بۇ مەسىلىلەنى سىز بىلەن يۇز تۇرانە پىكىز لەسسەك ياخشىتتى

52

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  678
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 2452
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 581
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 00:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە ئىككەيلەن دەل پىشىن ۋاقتىدا مۇسۇلمانلىق داۋاسى بىلەن ياقا سىقىشىپ قالدى. ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ مەسچىتى جامائەت يوق تاقالغان  ئىدى.ئۇلار يەنە ئەتىسى نەزىر قىلسا،ئاخشىمى قۇسۇق پۇرىماي قالمايتتى.مەن بۇنداق جامائەت بىرلىگى بولمىغان ،مۇجۈمەل ياشايدىغان ،ئېتىقادى تۇتامسىز  كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى سېزىپ قالدىم.بىزگە ھەممە بالا مانا مۇشۇنداق لاتا غىلاپ،قىزىل كۆز مايمۇنلاردىن كىلىدىكەن.بۇ ھەپتىرەڭ ،روھى تىنىگەنلەرنى يەنە ئۆزلىرى  باپلايدىكەن.
<<ھاراق ئىچكەن ئادەم مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ>>دىگەن ھەقىقەتتە بۇ پاسىق مۇناپىقلارنى  يەنە نىمە دىيىش مۈمكىن؟.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
sebir + 5 مۇنبەرپۇلى:+5(sebir) ھەق گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 5   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )