قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 5

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (سوئال-جاۋابلار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 19:27:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي! ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك: قۇربانلىق قىلىش ئىسلامىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى تۇرۇقلۇق بەزى مۇسۇلمانلار قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى تولۇق ھەم ئېنىق بىلمەي تۇرماقتا، شۇڭا بۇ ماقالىمىزدا شەرىئەتتىكى قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئىخچام بايان قىلىپ ئۆتىمىز. جانابى ئاللاھ بىزنى خاتالىقتىن يىراق قىلسۇن، ئەمەللىرىمىزنى خالىس قىلسۇن، ئامىين.
قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟ ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش نىيىتى بىلەن قۇربانلىق قىلىش بەلگىلەنگەن كۈنلەردە شەرتىگە توشقان قوي، كالا، تۆگە ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللارنى بوغۇزلاشتىن ئىبارەت.
قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇشتىن ھېكمەت نېمە؟ بۇ پائالىيەت تېگىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىبرىل ئارقىلىق بىر قوچقارنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا بوغۇزلاشقا چۈشۈرگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا بۇ پائالىيەتنى تۇتۇپ ماڭىدىغان سۈننەت قىلىپ بىكىتكەن. ئاللاھ تائالا: )ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىش-ئوقەت قىلغۇدەك بولۇپ يېتىلگەن چاغدا، ئۇ: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاۋېتىپ چۈش كۆرىۋاتىمەن، ئويلىنىپ باق! قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ: «ئى ئاتا! بۇيرۇلغىنىڭنى قىلىۋەرگىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچانلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئۇنى چېكىسىگە (يېنى) ياتقۇزغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكى ئىسپاتلاندى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! چۈشكە ئىشەندىڭ» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ھەقىقەتەن بۇ ئېنىق سىناقتۇر.( دېگەن.( ساففات سۈرىسى 102-106-ئايەتلەر.(
دېمەك بۇ پائالىيەت ئىمان، ئىخلاس، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مەيلى قانداق ئىشقا بۇيرۇغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىككىلەنمەستىن تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ، ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ ئالاھىدە بىر ئۆرنىكى بولغاچقا، كېيىنكى ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاشۇ پىداكارلىق قىسسىسىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر.
قۇربانلىقنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەيدۇ: ئاللاھ تائالا ھاجىلار قىلىدىغان قۇربانلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن: )مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن((ھەج سۈرىسى 28-ئايەت.( )بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار،((ھەج سۈرىسى 34-ئايەت.( يەنە ئاللاھ تائالا كەئبىگە ھەدىيە قىلىنغان تۆگىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: )ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن( (ھەج سۈرىسى 37-ئايەت.( ئىمام ئىبنى كەسىير رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلىدۇ: ”ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھەدىيە ماللارنى ۋە قۇربانلىق ماللارنى ئۇلارنى بوغۇزلىغىنىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر، چۈنكى ئۇ ياراتقۇچىدۇر، رىزىق بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇ ماللارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. جاھىلىيەتتە كىشىلەر بۇتلىرىغا مال بوغۇزلىغاندا بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىقلىرىنىڭ گۆشلىرىنى قويۇپ، قانلىرىنى ئۈستىگە چېچىپ قويىدىغان بولغاچقا، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، دېگەن.“
، قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇشتىن ھېكمەتنى مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
1. ئاللاھ تائالاغا پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىنلىشىش. 2
. بەندىلەرنى ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشقا تەربىيىلەش. 3
. تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلاش، مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلاش.
4. پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تويۇندۇرۇش. 5
. ئۆزى ۋە بالا-چاقىلىرىغا كەڭرى ئازادە غىزا تەييارلاش بېرىش،
6. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان مال-دۇنيا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش.
7. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، شۇنداقلا مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش. قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان پائالىيەت ئىكەنلىكىدە بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم كەۋسەر سۈرىسى 2-ئايەتتە دە رەسۇلىنى مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: (ئۇنداق بولىدىكەن، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، پوكانلىغىن). بۇ ئايەت ھەر خىل تەپسىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەككىدە نازىل بولۇپ، ئايەتنىڭ زاھىرى ناماز بىلەن قۇربانلىق مال كېسىشكە بۇيرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، مۇشرىكلارنىڭ قىلغىنىغا خىلاپ ھالەتتە ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ، قۇربانلىقنى بۇتلارغا ئەمەس ئاللاھقا بوغۇزلا، نامىزىڭ بىلەن قۇربانلىقىڭ ئاللاھقىلا بولسۇن، غەيرىيگە بولمىسۇن، دەپ تەپسىر قىلىش مۇۋاپىق. يەنە قەتادە، ئىكرىمە ۋە ئەتائ قاتارلىقلار: بۇ ئايەتتىن مەقسەت ھېيت نامىزى بىلەن قۇربانلىق قىلىش، دەپ تەپسىر قىلغان.
ئايەتتىكى قۇربانلىق قىلىشنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىپ ئىزاھلىغان. مەسىلەن: قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ”بىسمىللاھ“ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارىي 5558-ھەدىس)
قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالىنى قۇربانلىق قىلدى، دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5559-ھەدىس)
ئابدۇل ئەزىز ئىبنى سۇھەيب رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، مەنمۇ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىمەن. (سەھىھۇل بۇخارىي 5553-ھەدىس)
ئەبۇ قىلابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ خۇتبە سۆزلەپ بولۇپ مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالاقارا قوچقارنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان. (سەھىھۇل بۇخارىي 5554-ھەدىس)
ئالىملار قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئى ھۆكمىدە مۇنداق ئىككى قاراشتا بولغان: 1. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن تەكىتلەنگەن سۈننەت. بۇ شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب قاتارلىق بىر گۇرۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى. 2. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن ۋاجىب. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە قاتارلىق بىر گۇرۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، دەلىل جەھەتتىن مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلىپ: ۋاجىب دېگەن قاراش جانلىق، ۋاجىب ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ ئېنىق دەلىلى يوق، دېگەن شۇئبە سەلەمەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ جۇخەيفە بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئەبۇ بۇردە ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن» دېدى. ئۇ: مېنىڭ ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، بىر يىلنى تولدۇرمىغان بىر چىشى ئوغلىقىم بار، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (ئۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن قۇربانلىقنى ئادا قىلمايدۇ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5557-ھەدىس)
bۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق ئىپادىسى بىلەن ئادا قىلمايدۇ دېگەن ئىبارىلەر ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بولمىغان بولسا بۇرۇنقىنىڭ ئورنىغا باشقىنى قىلىشقا بۇيرۇپ بۇ ساھابىنى قىيىن ئىشقا دۇچار قىلمىغان بولاتتى. يەنە ئەسۋەد ئىبنى قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن جۇندەب ئىبنى سوفيان ئەلبەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن قۇربانلىق ھېيت كۈنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بولغان، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئورنىغا قايتىدىن باشقا قۇربانلىق قىلسۇن، كىمكى تېخى قۇربانلىق قىلمىغان بولسا، قۇربانلىق قىلسۇن» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارىي 5562-ھەدىس)
بۇ ھەدىستىكى: ئورنىغا قايتىدىن باشقا قۇربانلىق قىلسۇن، دېگەن سۆز بىلەن قۇربانلىق قىلسۇن دېگەن بۇيرۇقمۇ ۋاجىبلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولۇقمىسۇن».(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي سەھىھى ئىبنى ماجەدە: ھەسەن دەپ باھالىغان)
مانا بۇ ھەدىستىكى تەھدىت پەقەتلا ۋاجىبنى تەرك قىلىشقىلا مۇناسىپ كېلىدۇ. ئىمام شەۋكانىي دەيدۇ: بۇ ھەدىس مۇنداق دەلىل بولالايدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربى يەتكەن كىشىنى قۇربانلىق قىلمىغان تەقدىردە نامازگاھقا يېقىن يولاشتىن توسقانلىقى ئۇنىڭ ۋاجىبنى تەرك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، خۇددى مۇشۇنداق بىر ۋاجىبنى تاشلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ يېقىنلىشىشنىڭ پايدىسى يوقتەكلا.(تەيلۇل ئەۋتار) دېمەك قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى قۇربى يەتكەنلەرگە ۋاجىب. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلىش دېگەن ئىسلامىيەتنىڭ شوئارى، دىننىڭ بەلگىسىدۇر،
قۇربانلىق قىلساق ئىسلامىيەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ جەمىيەتتە جاكالايمىز، شەرىئەت ئەنئەنىسىنى ئىجرا قىلىمىز، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل تاشلاپ قويماي قىلىپ كەلگەن ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولىمىز، ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، بالا-چاقىلىرىمىزنى خۇشال قىلىپ ئۇلارغا كەڭ-كۇشادە گۆش يېيىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز، ئايەم خوشاللىقىنى، تەنتەنىسىنى تولۇقلايمىز، ئەتراپتىكى موھتاجلارغا گۆش يېگۈزىمىز…. دېمەك بۇنىڭ يولغا قويۇلۇشتىكى نۇرغۇن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولىمىز، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە نەزەر سالايلى: ((كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ، ئاللاھنى سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىگە ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن)(ھەج سۈرىسى 36-37-ئايەتلەر.)
داۋامى بار…

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3397
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 63
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 12:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بەزى يېڭى توي قىلغان ياشلار ئۆز ئالدىغا قۇربانلىق قىلماي يەنىلا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن چوڭ ئۆيدىلا ھېيىت قىلىدىكەن. بۇنداق قىلسا راۋامۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

0

دوست

7734

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1243
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 16:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

39

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2259
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 17:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى nalaدە2011-10-17 12:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ھازىر بەزى يېڭى توي قىلغان ياشلار ئۆز ئالدىغا قۇربانلىق قىلماي يەنىلا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن چوڭ ئۆيدىلا ھېيىت قىلىدىكەن. بۇنداق قىلسا راۋامۇ؟
قۇربى يىتىپ تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا قۇربانلىق قىلمىسا راۋا ئەمەس.

5

تېما

0

دوست

1406

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1537
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 320
تۆھپە : 219
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 22:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانلىق قىلماقچى بولغان مالنى قۇربانلىق ئىگىسى چوقۇم ئۆزى بوغۇزلاش كېرەكمۇ يا؟

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-17 22:08:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى بوغۇزلىغىنى ئەۋزەل لىكىن چوقۇم ئۆزى بوغۇزلىشى شەرت ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )