- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
87.9%
|
ئىلىم-پەندىن ئىلگىرلەشكىچە
ئۇمۇن
نەچچە مىڭ يىللىق پەلسەپە تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتكە بولغان ئېنتىلىشىنى ئىپاد قېلىدۇ.ئىنسانلار تەبىئەتكە قويغان كۈرمىڭلىغان سوئاللارغا جاۋاپ سۈپىتىدە ھەر خىل ئىدىيەلەرنى تۇغىدۇ.ئەسلىدە ئىلىم-پەنمۇ بۇ پۈتمەس سوئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان سېستىما.ئىلىم-پەننىڭ باشقا سېستىمىلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنۇڭ ئوبىكتىپ ۋە دەلىلچى بولغانلىقى،دوگمىلارغا بولغان گۇمانى پوزىتسىيىسىنىڭ روشەنلىكىدىن ئىبارەت.دىن،ئىدىيە ۋە باشقىلارمۇ رىئاللىققا قويغان پۈتمەس سوئاللارنىڭ بىرەر جاۋابىدۇر.
ئەسلى رىئاللىق قانداق؟!ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات قانداق؟بىز نەدىن كەلدۇق ۋە نەگە كىتىۋاتىمىز؟!
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى دىنلاردا ئىنىق،ئەمما ئىلىم- پەندە تىخى جاۋابى يوق.دۇنيا
چەكسىز كەتكەن بىر بوشلۇق ئىچىدە تۈگىمەس سىرلار قوينىدا ياتىدۇ.بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى دىنلاردىن،ئىدىيەلەردىن ئىزدەش تەس ئەمەس.بىراق ئوبىكتىپلىقى كۈچلۈك بولغان ئىلىم-پەندىن ئىزدەش كىشىدە تىرىشچانلىق بىلەن بىلىمدىن باشقا يۈكسەك دەرىجىدە توغرا مىتود ۋە ئوچۇق پىكىر تەلەپ قىلىدۇ.ئىلىم-پەن دوگما قاراشلار بىلەن سىغىشمايدۇ،چۈنكى ئۇ كەڭ كەتكەن پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە دەلىلگە مۇھتاج.
توغرا بولغان تەتقىقات مېتوتىنى تۇرغۇش بىر تەتقىقاتچىدا زۆرۈر بولغان ئەڭ موھىم نەرسە.ئۇنۇڭ زۆرۈرلىكى ئىلىم-پەننىڭ خارەكتىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
بىر جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئىدىيە جەھەتتە تەرەققى قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.ئىدىيىسى ئىلغارلاشمىغان،زامانىۋىي جەمىيەتتىن يىراق قالغان توپلۇم ئۆزىگە-ئۆزى قۇل بۇلۇپ ياشايدۇ.چۈنكى ھەركەت ئىدىيىنى مەنبە قىلىدۇ.ئىدىيىسى ئوچۇق بولسا ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.ھەركەتتە ئازاد بولىدۇ.
تەكلىماكاننى چۆرىدەپ ياشاپ تالاي يۈكسىلىشلەردىن يىراق قالغان بىر مىللەت ئۆلچەملىرىنى يۈكسەلدۇرۇش ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشنى تاپىدۇ دەپ قارايمەن.قاتمۇ قات زەنجىرلەر بىلەن بوغىۋىتىلگەن كاللىدىن ھېچنىمە چىقمايدۇ.ئۇ ئەركىن قۇشتەك قانات قېقىشى يىراقلارغا ئۇچۇپ بىرىپ گۈزەللىك ئېلىپ كېلىشى كىرەك.ئاندىن تەپەككۇر قۇدرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى ئۇ مىللەتنىڭ ئىلىم-پىنىگە،مەدەنىيىتىگە ئۇل سالغۇچىلاردۇر.ئۇلار ئارقىلىق ئومۇمىي گەۋدە تەرەققى قىلىدۇ.زىيالىيلاردا مىتۇدنىڭ كەمچىللىكى بىر مىللەتنىڭ ئاكادىمىيىسىدىكى تىراگىدىيەدۇر.بىز دوگمىلارغا تويۇنغان،ساختا ھۆكۈم بىلەن زىننەتلەنگەن نەرسىلەرگە ئەمەس.ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە،رىئاللىقنىڭ ئۆزىگە يىقىنلاشقان نەتىجىلەرگە مۇھتاج.
تەبىئىي پەندە خەلقارالىق سەۋىيەدە ئالىملىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.بىراق ئىچىنىشلىق يىرى ئىجدىمائىي پەندىكى،سەنئەتتىكى قالاقلىقىمىز رىئال بىر مەسىلە.ئەركىن كاللىغا ئىگە ئىنساندا ئىجادىيەت بولىدۇ.ئىجدايەت ئىنساندىن كەڭ كەتكەن تەسەۋۋۇر ۋە مول پىكىر بايلىقى تەلەپ قىلىدۇ.تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى دەل ئۇنۇڭ چەكلىمىسىزلىكى ۋە چىگراسىزلىقىدىدۇر.ئۇ چەكلىمىسىز،چىگراسىز ھالقىش ۋە قۇرۇشتۇرۇش فۇنكىسيىسىگە تايىنىپ يىڭىلىق يارىتىدۇ،ئىجادىيەت تۇغىدۇ.
بىر يىڭىلىق ياراتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىدا تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ كەڭلىكى ئۇنۇڭ تەتقىقات،ئىجادىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ مول بايلىقىدۇر.ئۇ تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئەركىنلىكىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئۇنۇڭدا ھەرقانداق نەرسىدىن گۇمان قىلالايدىغان پوزىتسىيە،ھەرقانداق نەرسىنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇرلىيالايدىغان كۈزىتىش ئىقتىدارى بولىشى كىرەك.
ئىلىم-پەن مىللەتسىز،دىنى ئىتىقاتسىز،چىگرىرلاشقان ئەخلاقتىن خالى سىستىما.ئۇنۇڭ ئىلغارلىقى تەپەككۈر بوشلىقىنىڭ كەڭلىكى،مىتودىنىڭ ھەرخىللىقى ۋە گۇمانىي پوزىتسىيىسىنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن مەنەلىشىدۇ.تۈگىمەس «يامان بولىدۇ»لارنىڭ قوينىغا چۈمكەلگەن،تار ئەخلاقى ئۆلچەملەرنىڭ ئىكىسپىلاتتاسىيەسىگە ئۇچۇرغان،قۇرۇق غورۇر ۋە مەنىسىزلەشكەن ۋىجداننىڭ بويۇنتۇرقىدىن قۇتۇلالمىغان مىڭە بىلەن كەڭ تەپەككۈر دۇنياسىدىن نىسىۋىمىزنى ئىلىپ مەدەنىيەتلىك ۋە بىلىملىك مىللەت سۇپىسىغا چىقىشىمىز ناتايىن.غەرىپ ئىلىم-پىنى غەرىپ ئىدىيە ئىسلاھاتىدىن كىيىن تۆرەلگەن.يىڭى ئىدىيەلەرنىڭ توقۇنۇشى بولمىسا،كەسكەن رىقابەت ۋە مۇنازىرە روھى بولمىسا سۈكۈنات ۋە قارارسىلىق،بىكىنمىچىلىك ۋە قۇرقۇنچاقلىق بىلەن ئىلگىرلەش مومكىن ئەمەس.ھەرقانداق سىستىما ۋە ئىدىيەنى،ھەرقانداق قائىدە ۋە تۈزۈمنى ئوچۇق ئاشكارە مۇنازىرە قىلالايدىغان،ئۆزىنىڭ كىملىكى،نىمىلىكى ئۈستىدە ئويلىنالايدىغان ۋە نەتىگە ئىرىشەلەيدىغان ئاتمۇسفىرا شەكىللەنمىسە ئىلىم پەننىڭ ئەسلى روھى قەلبىمىزگە سىڭمەيدۇ.
ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇننى تۇتۇپ ئايرۇپىلان بىلەن دۆلەت ئاتلاپ يۈرسىڭىزمۇ ئىلىم پەننىڭ ئەسلى روھىنى ھىس قىلمىسىڭىز ئىلىم پەن بىلەن گىرىم قىلىۋالغان ئىشەكتىن پەرىقسىز يۈرىسىز.كەڭ كەتكەن ماددى ۋە مەنىۋىي دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ سائادىتى ئۈچۈن نەتىجە يارىتىش،تۈگىمەس نىمە ئۈچۈنلەرنىڭ جاۋابىنى تىپىش بىر تەپەككۈر قىلغۇچىنىڭ تەبىي فۇنكىسيىسىگە ئايلىنىش كىرەك.ئىلىم-پەننىڭ گۇمانتار،بىلىشكە ئىنتىلدىغان،كەڭ تەپەككۈر ئەركىنلىگە ئىگە روھىنى سىڭدۈرۈش مائارىپىمىز ۋە ساپا قۇرۇلىشىمىزنىڭ موھىم ۋەزىپىسى بولىشى كىرەك.تەتقىقاتچىلار،ئىلىم –پەن شۇغۇللانغۇچىلار تەپەككۈر ئەندىزىسىنى بىيىتىش،مىتودقا سادىق قىلىش ئارقىلىق نەتىجىللىرىدە يىڭىلىق ياراتالايدۇ دەپ قارايمەن.ئەدەبىيات-سەنئەتتە تىخىمۇ كەڭ ۋە ئىلاستىكىلىق تەپەككۈرگە،ئەقىلى بىرىكتۇرۇش ۋە ھىسسى ساپلىققا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
بۇ چىرىك جەمىيەتىمىزدە ئۆزىگە ئوخشىمايدىغاندىن قورقىدىغان،يەكلەيدىغان،ئۆزىگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايەتچى ھىساپلايدىغان،ئىشىنىش تەس لىكىن رىئال بىر كەيپىيات مەۋجۇت.باشقىلارنىڭ پەرىقلىقىدىن ئەندىكىشتىن ئىبارەت تەتۈر تەپەككۈرنىڭ رىئاللىقى چۆچىشىمىزگە سەۋەپ بولىشى كىرەك تۇرۇقلۇق ئىنتايىن قارشى ئىلىنىدىغان ھادىسىگە ئايلانغىنى تىخىمۇ ئىچىنىشلىق ئىش.باشقىلارنىڭ پەرىقلىق تەپەككۈرىنى جان جەھلى بىلەن توسۇشقا تىرىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تاقەتسىزلىكى ۋە جىددىيلىشىشى تەكرار تەكرار ھەيران قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ۋەزىيەت.بىر خىللىققا ئىنتىلىش،بىرلا خىل تەپەككۈرنى چىقىش قىلىش ئىلىم-پەننىڭ ئەسلى روھىغا خىلاپ.
ئىلىم-پەن روھىدىن تەتقىقات مىتودىغىچە بولغان ھالقىلارنىڭ كەڭلىشىشى تەپەككۈرنىڭ ئەركىنلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.غەرىپ ئىلىم-پىنىنىڭ،غەرىپ ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ ئۇتۇقى ئۇلارغا بىر كۈندىلا چۈشكەن تەلەي قۇشى ئەمەس بەلكى يىڭىلاش ۋە ئىلگىرلەشكە تويۇنغان سالماق روھى ئىنىرگىيىنىڭ مەھسۇلى.
|
|