قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10453|ئىنكاس: 32
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

م.ئوغۇز: تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

12

دوست

4695

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 1562
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 08:42:51 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار


( 1- قىسىم )


مۇستافا ئوغۇز





كىرىش : ئەۋلادلار ئەجدادلىرىنىڭ شانلىق تارىخى ئارقىلىق غورۇرلىنىدۇ. ھەم ئۇلاردىن كەلگەن روھىي ئىنىرگىيەنى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرىدۇ. ئۆتمۈشتە ئىز قالدۇرغان ساناقلىق مەشھۇرلارغا ئىگە ئەۋلادلار ئۈمىد مەشئەلىنى ھامان يۇتتۇرىدۇ. بەلكىم شۇ سەۋەبتىن بولسا كىرەك، تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئۆز مەشھۇرلىرىنى ئەزەلدىن خاتىرلىرىدىن چۈشۈرۈپ قويمىغان، ھۆرمەت ھەققىنى بىرىپ كەلگەندۇر. ئۇلۇغلىرىنى ئۇلۇغلايدىغان ئەنئەنىگە ساھىب بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ تارىختىكى نۇرغۇن مەشھۇر زاتلىرىمىزنىڭ ھەققىنى بەردۇق. ۋەلىكىن، ھەرتۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىمىز يىتەرلىك بولالمىدى. تارىختا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزلار قالدۇرغان، ئەمما ئۇنتۇلۇۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر تۆھپىكارلىرىمىز باردۇر. بىزدىنمۇ ئۇ زاتلارنى ئىزدىنىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلار ھەققىدە ماقالە،كىتاب يازىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپلەپ چېقىشى كىرەك. مەن ئۆزەم تۈركىيە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن، بۇ يەردە بەزى بىلىملىك زاتلىرىمىزدىن ئۆتمۈشتە تۈركىيەدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇرلىرىمىز ھەققىدە ھىكايىلەرنى ئېشىتتىم. دىمەككى، بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز ۋەتەن سىرتىدىمۇ باشقىلارنى تاڭ قالدۇرۇپ ياشاپ كەلگەن ئىكەن.
   كىملىكىمدىن پەخىرلەندىم. سۆيۈنۇش ئىلكىدە پەپىلەندىم. لىكىن بۇ تۇيغۇلار يەتمىدى، بىرنەرسە كەمدەك بىلىندى. چۈنكى تارىختىكى ئۇ زاتلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى، ئەسلىنىپ تۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۇلارنى تونۇش، بىلىش ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ھەققى بار ئىدى. شۇڭا مەن گەرچە يا تەتقىقاتچى، يا يازغۇچى بولمىساممۇ، گال قەلەملىرىم بىلەن بۇنچە ئۆتكۈر چوڭ تىمىغا قورقماستىن تەۋەككۇل قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ يەردە مەن غۇلجىلىقنىڭ تارانچىلاردىن مىراس "پوپاڭلىق" ئىرسىيەت خاراكتىرىم ئەسقاتقان بولدى. تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلارنى بىرقانچە قىسىمغا بۆلۈپ ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم. بۈگۈن بىرىنجى قىسىم سۈپىتىدە تونۇشتۇرماقچى بولغان زات بولسا 17 ۋە 18-ئەسىرلەردە ياشىغان، ئابدۇللا (نېداي) قەشقەرى ئىسمى بىلەن ئوسمانىيە دەۋرىدە تونۇلغان مەشھۇر ئۆلىمادۇر. شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتمەي بولمايدۇكى، بۇ ماقالەمنىڭ روياپقا چېقىشىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكەن، مەسلىھەت كۆرسەتكەن، رىغبەت بەرگەن گىرمانىيەدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، ئۇنۋىرسىت پراففىسسۇرى ئابدۇلئەھەد سەمەت ئاكىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۇرۇمنى بىلدۇرىمەن. بەلكىم ئىزدىنىشىم يىتەرسىز بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا تەكلىپ-پىكىرلەردە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


   ئابدۇللا نېداي قەشقەرى - تولۇق ئىسمى ئابدۇللا بىن مۇھەممەد ئەل قەشقەرى بولۇپ، ئەل ئارىسىدا ئابدۇللا قەشقەرى ئىسمى بىلەن، يازغان كىتابلىرى ھەم شېئىرلىرىدا "نېداي" تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بۇ زات 1688-يىلى (پەقەت ئوسمانزادە ھۇسەين ۋاسساپ تەرىپىدىن تۈركچە يىزىلغان چوڭ ھەجىملىك تارىخىي كىتاپ " Sefinet’ül-Evliya " دىگەن كىتاپتىلا توغۇلغان يىلى تىلغا ئىلىنغان، بۇ توغرىسدا ئىختىلاپ بار) ئىلىم ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەردە تەۋەللۇت بولغان. (تۈركىيە Ayvansaray نىڭ Hadikatü’l-Cevami دىگەن كىتابىدا) ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ ۋاپات بولغان يىلى 1760-يىلى 19-ئىيۇل، ۋاپات بولغان يەرىنىڭ ئىستانبۇل ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان، ھەم تارىخچىلار تەرىپىدىن توغرا دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ زات بالىلىقىنى قەشقەردە كەچۈرگەن بولۇپ، 17 يىشىغا كەلگەندە ئۆز دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ داڭلىق ئۆلىماسى شەيخ مەۋلانا ئەزھەرى قەشقەرىدىن تەسەۋۋۇپ ئىلمى دەرسىنى ئالغان. خىلى ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا كۆرۈش ئېستىكى قوزغىلىپ ئاتا-ئانىسى، ئۇستازىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختى يەركەنت شەھىرىگە كىلىپ داڭلىق شەيخلەردىن دەرس ئالغان. بىرنەچچە يىلدىن كىيىن قەشقەرگە يەنە قايتىپ كىلىپ داڭلىق ئۆلىمالار موللا ئىمام بەھلى ۋە ھاجى ھىدايىتۇللا قەشقەرىنى ئۇستاز تۇتقان. يىللارچە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كىيىن، يەنە ئىلىم ئىلىش ۋە ئىلىم ئۆگىتىش نىيىتىدە دۇنيا ساياھىتىنى رەسمىي باشلىغان.


   ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان "رىسالى ھەققىيە" دىگەن كىتابىدا تاكى ئىستانبۇلغا كەلگىنىگە قەدەر بىسىپ ئۆتكەن دۆلەت ۋە شەھەرلەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. مەن پەقەت قىسىقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. بۇ زات يولغا چىقىپ نۇرغۇن شەھەرلەرنى بىسىپ ئۆتۈپ ئىلىم بۆشۈكى بولغان خوجەند شەھىرىگە كىلىدۇ، بۇ يەردە داڭلىق شەيخ مۇسلىھۇددىن خوجەندى ۋە بابا كامال خوجەندىنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ شەھەر ھازىرقى تاجىكىستاننىڭ بىر شەھىرى بولۇپ، 1992-يىلىدىن بۇرۇن ئىسمى "لىلىنئاباد"قا ئۆزگەرتىلگەن. ئاندىن سەمەرقەنتكە كىلىدۇ، بۇ يەردە شەيخ ئەبۇ مەنسۇر ئەل مەتۇرىدى، ھاجى ئۇبەيدۇللا ئەخرار قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئارقىسىدىن ئىسلام دىنىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم بۆشۈكلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا كىلىدۇ، بۇ يەردە ئەينى زاماندىكى ئەھلى سۈننەتتە ئەڭ كەڭ يىيىلغان ھەم تونۇلغان تەسەۋۋۇپ نەقشىبەند تەرىقەت يولىنىڭ قۇرغۇچىسى شاھ نەقشىبەند ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇخارادىن كىيىن بەلىھ ۋە خوراسانغا كىلىدۇ، كىيىن ئىراققا كىلىدۇ، ئىسپاخان، شىراز ۋە باغداد شەھەرلىرىگە بارىدۇ، باغدادتا ئىمام ئەزەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. ھەمدە ئىستىقامەت قىلىش مەقسىتىدە باغدادتا بىر مۇددەت ياشايدۇ. يولىنى يەنە داۋام قىلىپ كەركۇك، موسۇل ۋە ھەلەپ شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ شام (سۈرىيە) غا كىلىدۇ. شامدا بىر مۇددەت ئۆز زامانىسىدىكى خەلىپە ھاجى مۇھەممەد بەلھىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئاندىن قۇددۇس (پەلەستىن) قا زىيارەتكە بارىدۇ. ئارقىسىدىن مەككە مۇكەررەمگە كىلىدۇ. مەككىدە ئۈچ يىل قىلىپ ئىستىقامەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۈچ قىتىم ھەج تاۋاپ قىلىدۇ، ھەمدە ئۈچ قىتىم مەدىنىگە بىرىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئابدۇللا قەشقەرى "رىسالى ھەققىيە" دىگەن كىتابىدا بۇلارنى بايان قىلىپ بولۇپ ئاخىرىدا شۇنداق دەپ يازىدۇ:" 45 يىل شەھەردىن شەھەرگە، ئىقلىمدىن ئىقلىمغا ھەق تالىپى بولۇشنى نىيەت قىلىپ كەزدىم. بۇلارنى يىزىشتىكى مەقسىتىم قانداقتۇر ماختىنىش ئۈچۈن ئەمەس. ھەق تالىپلىرى بىلسۈنكى مەقسەتكە ئاسان ئىرىشكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەرتلەرچە يۈرمەك كىرەك." ئەڭ ئاخىرىدا بۇ زات ئىستانبۇلغا كىلىدۇ. ئەمما " رىسالى ھەققىيە" دىگەن كىتابىدا ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كىينكى ھاياتى خاتىرىلەنمىگەن بولۇپ، بىز ئۇ زاتنىڭ كىيىنكى ھاياتىنى تۈركىيە Ayvansaray نىڭ Hadikatü’l-Cevam دىگەن كىتاپتىن ۋە Aysel Okan نىڭ " ئىستانبۇل ئەۋلىيالىرى" دىگەن كىتابىدىن ۋە باشقا كىتاپ، ماقالىلەردىن بىلىۋالالايمىز .


   شەيخ ئابدۇللا قەشقەرى ئۇيغۇر ئېلىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەندە، ئوخشاش يۇرتلۇق دەرۋىشلەر توپلانغان ئىستانبۇل ئەييۇب رايۇنىدىكى ئابدۇلباقىي ئەپەندىنىڭ قۇرغان "قەلەندەرخانە" تەككىسىگە 1743-يىلى شەيخ بولىدۇ. تەككە دىگىنىمىز، تەرىقەت يولىدىكى دەرۋىش ھەم شەيخلەرنىڭ ئىستىقامەتگاھى بولۇپ، بۇ يەردە ھەم ئىبادەت ھەم ئىلىم تەھسىل تەڭ ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇ تەككە نەقشىبەند تەرىقىتىگە تەۋە ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندە نەقشىبەند تەرىقىتى توغرىسىدا قىرىنداشلارغا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۈش كىرەك دەپ ئويلىدىم. تەرىقەت قانداقتۇر ئايرىم دىن ياكى مەزھەپ بولماستىن، بەلكى دىننى چۈشىنىش ۋە ياشاش ئۇسۇلىدۇر. نەقشىبەند تەرىقىتى بولسا سۈننىي مەزھەپكە تەۋە تەرىقەت يولىدۇر. "نەقىش" پارسچە سۆز، "بەند" تۈركچە سۆزدۇر. يەنى ئاللاھقا بولغان زىكىرنى قەلبىگە ھىچ چىقمايدىغان شەكىلدە نەقىش قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بەند بولۇش، مەشغۇل بولۇش دىگەنلىكتۇر. بۇ تەرىقەت يولى قانداقتۇر دۇنيالىقتىن پۈتۈنلەي كېچىپ تاغقا چىقىپ ياشاش دىگەنلىك ئەمەس ئىدى، بەلكى دىنىي ئېتىقادتىن چېقىرىدىغان ئەمەل ۋە چۈشەنچىلەردىن ئۇزاقلىشىپ ئۈنسىز زىكىر بىلەن يۈرەكنى پاكلاش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ياشاش شەكلى ئىدى. بۇ تەرىقەت بۇخارالىق مۇھەممەد باھاۋۇددىن نەقشىبەند (1318-1389) تەرىپىدىن يىڭىچە ئىسىملەندۇرۇلگەن ۋە ئىسلاھ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن "سىددىقىيە" "تايفۇرىيە" "ھاجىگانىيە" ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. تەرەققىي قىلىپ كىڭىيىپ 18- ئەسىردە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسيا، ھىندىستانغا تارقالدى. ئوسمان پادىشاھلىرىمۇ بۇ تەرىقەتنى ھىمايە قىلدى. گىپىمىزگە كەلسەك، شەيخ ئابدۇللا قەشقەرى "قەلەندەرخانە" تەككىسىدە ئۈچ يىل شەيخلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ۋەلىكىن بۇ تەككىنىڭ بىر شەرتى بار بولۇپ، شەيخلىق ماقامىسىدىكى كىشى توي قىلماسلىقى كىرەك ئىدى. بىراق شەيخ ئابدۇللا قەشقەرى بۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولۇپ، تۇرمۇش قۇرۇش ئېستىكى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەككىنى تەرك ئەتتى. بىز بۇ يەرگە كەلگەندە شۇ نۇقتىنى ھىس قىلىشىمىز كىرەك، بۇ زات ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن قاتماللىقتىن يىراق، ناھايىتى ئىلغار پىكىرلىك، مۆتىدىل يول تۇتقان كۆپ بىلىملىك ئۆلىما ئىدى.


   شەيخ ئابدۇللا قەشقەرى يۇقارقى تەككىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، 1747-يىلى ئىستانبۇل ئەييۇب رايۇنىدىكى (كونىستانتىنىيە جېڭىدە شەھېد بولغان ساھابە خالىد ئەبۇ ئەييۇب ئەل ئەنسارىنىڭ نامىدا سىلىنغان، ساھابىنىڭ قەبرىسىمۇ جامە يىنىدىدۇر) سۇلتان ئەييۇب جامەسى يىنىدىكى قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇر شەيخ ئەھمەد مۇرتەزا ئەپەندىم (بۇ كىشىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەك يىتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشكە ئامالسىز قالدىم.) قۇرغان "قەشقەرى مۇرتەزا ئەپەندىم" تەككىسىگە تۇنجى باش شەيخ بولۇپ تەيىنلەندى. ئەلۋەتتە، باش شەيخلىق ئورنىغا خالىغان شەيخ چىقالمايتتى، چىقىش شەرتى بەك ئېغىر بولۇپ، ئالاھىدە ئىلىم سەۋىيە تەلەپ قىلىشتىن سىرت، نەپىس ۋە مەنىۋىيەت تەربىيىسى ھەمدە ئىبادەت ئەمەللىرى جەھەتتىن يۈكسەك ماقامغا يەتكەن بولۇشى تەلەپ قىلىناتتى. بۇنىڭدىن بىز شەيخ ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ "ئەۋلىيا" ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئازدۇر كۆپتۇر چۈشىنەلەيمىز. بۇ تەككىگە كىرگەندىن كىيىن بۇ زات مەلۇم ئۆلىمانىڭ قىزى بىلەن نىكاھ قۇرىدۇ، ھەم پەرزەنتلىك بولىدۇ، كىيىن ئوغلى ئۇبەيدۇللا قەشقەرى بۇ تەككىگە شەيخلىق قىلىدۇ. كىيىنكى دەۋىرلەردە تاكى 1925-يىلى تەرىقەتچىلىك مەنئى قىلىنغانغا قەدەر شەيخ ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرى بۇ تەككىگە ئىككى ئەسىرگە يىقىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شەيخلىق قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن تەككىنىڭ ئىسمى "قەشقەرى دەرگاھى " دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ تەككىنىڭ ئورنى ھازىرمۇ بار بولۇپ، سۇلتان ئەييۇب جامەسىنىڭ بۈيۈك ئەييۇپ مازارلىقىدا ئورۇن ئالماقتا. دەرگاھنىڭ ئىچىدە قۇرغۇچىسى قەشقەرى مۇرتەزا ئەپەندىم، شەيخ ئابدۇللا قەشقەرى ۋە ئوغلى ئۇبەيدۇللا قەشقىرىنىڭ قەبرىسى بار، دەرگاھنىڭ ئارقا تەرىپىدە كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىسى بار. دەرگاھ ئىچىدە مەسچىتمۇ بار بولۇپ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. دىمەككى، 270 يىلدىن بىرى بۇ دەرگاھ مەۋجۇدتۇر.


   خۇلاسلىغاندا، شەيخ ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ ھاياتى بىزگە ئىلھام بەخش ئەتكۈچى بىر دەرس. ئاۋۋال ئۆزى ئىلىم سۆيەر زات، ئىلىم ئۈچۈن دۇنيا كەزگەن. ياشلىقىنى ئىلىم يولىغا سەرپ قىلالىغان. ھاياتىمىزغا قەدەر ئىككى كىتابى يىتىپ كىلەلىگەن بولۇپ، تۈركىيە كۇتۇپخانىسىدا پارسچە نۇسخىسى ساقلانماقتا. بىرسى " رىسالى ھەققىيە" ناملىق تەسەۋۋۇپ كىتابى، يەنە بىرسى " دىۋانى نېداي" ناملىق شىئىرىي ئەسەر. نېداي ئىنتايىن كۆپ مۇشەققەتلەرگە قارىماي، شۇ نىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان، ھەم ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرەلىگەن ئىلىم سۆيەر، ئىرادىلىك، نىشانى ئىنىق، جاپادىن قورقماس مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىدۇر. 45 يىل ھاياتىدا ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر ئېلى ۋە كۆپ قىسىم ئوسمان ئىمپېرىيە تىرىتورىيىسىنى ئايلانغان، ئەمما بۈگۈننىڭ سىياسىي خەرىتىسىگە نىسبەتەن بەلكىم 20-30 دۆلەتنى كەزگەن داڭلىق سەيياھ. نەچچە مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى نەچچە سائەتتە ئايلىنىپ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بۈگۈننىڭ ئىنسانلىرى تۇرۇقلۇق، ئۆز ئۆمرىمىزدە 5 دۆلەتكە بارغانلىقنى پەخىرلىنىشنىڭ چوڭ بىر كوزۇرى قىلىۋالىمىز. ۋەلىكىن ئۇ دەۋىرنىڭ شەرتلىرى ئاستىدا، ئۇنچە مۇساپىنى پىيادە، ئاتلىق، تۆگىلىك كېزىش بەسىي مۈشكۈل بىر ئىشتۇر. ئەلۋەتتە، 45 يىللىق دۇنيا كېزىش پائالىيىتىنىڭ ھەركۈنىنى كېزىشكە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، بۇ ئۇيغۇر سەيياھتىكى تەۋەككۈلچىلىك روھى مەن-مەن دىگەن سەيياھتا يوقلۇقى كۆز يۇمماس ھەقىقەت. بەزى ياشلىرىمىزدىكى مەلۇم ئىشلارغا نىسبەتەن قارارسىز، پىچىقى گال، بوشاڭ، كۆزى قورقاق پوزىتسىيىلىرىمىز نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن قۇرۇق قويماقتا. شەھەر ئاتلاپ بىقىشتىنمۇ قورقايدىغان بەزى مىشچان يىگىتلىرىمىز ئەركەكلىك دەۋاسىدا بەك مەشھۇردۇر. بۇ مەسىلىدە، بەزى ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ زىيادە ئەنسىزلىك پىسخىكىسى سەۋەب بولماقتا. قىزلىرىمىزغا شۇ ئەنسىزلىك پوزىتسىيىمىزنى كۆپرەك ئىپادە قىلغان بولساق، بەلكىم جەمئىيىتىمىزدە مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر ۋە ئاياللار تىخىمۇ كۆپەيگەن بولار ئىدى. شەيخ ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ نېداي تەخەللۇسىدا كونا ئۇيغۇرچە تىلىدا يىزىلغان ئىككى شىئىرى مەشھۇردۇر. بىرى پەيغەمبىرىمىزگە يىزىلغان ئالتە كۇبلىت شىئىر بولۇپ مەن پەقەت بىر كۇبلىتىنى سىلەر بىلەن بەھىرلىنىشنى لايىق تاپتىم، ئەسلى شەكلىدە كۆچۈرۈشكە تىرىشتىم.


   جامالىڭ جامىدىن بىر جۈرە بىرگىل ئىنتىزارىڭغا،
   جاھان ھەيرەتتە قالمىش بۇ سەنىڭ ھۆسنى جامالىڭغا.
   كامالى مەرھەمەتتىن بىر نەزەر قىل پەيمالۇڭغا،
   بۇ جان تەن ئىچرەدەن ھەمد ئەيلەرىم سىماي ھالۇڭغا،
   جاھان ئۇ جان فەدا بولسۇن سەنۇنكى مىم ئۇ دالىڭغا.


   ئىككى ھەپتە بۇرۇن بۇ ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ دەرگاھىغا زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا، باشقىچە بىر ھاياجان بىلەن يۈرۈكۈم سوقۇپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى 250 يىل بۇرۇن نەچچە ئونمىڭ چاقىرىم يولنى ئايىقى بىلەن بىسىپ مىڭىپ، بۇ زىمىنلارغا شەرەپلىك ئىز قالدۇرغان بۇ ئەجداتلىرىمىز خۇددى ماڭا : " يىللاپ دۇنيا كېزىپ شۇنچە كۆپ ئەۋلىيالارنىڭ، شەيخلەرنىڭ، ئالىملارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدۇق، بىراق زىيارەت قىلغان زاتلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ئانا زىمىنىدا جان تەسلىم قىلغار ئىدى. بىراق بىز ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن، ۋەتەندىن ئۇزاق ۋەتەنلەردە جان تەسلىم قىلدۇق، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن بىزنى زىيارەتكە ئىنسانلار كەلدى. بىراق ۋەتىنىمىز كىشىلىرىنى كۆرمىدۇق، كۆرمىگەنچە سېغىندۇق. ئۇلارنىڭ قەدىمى ئۇزۇندىن بۇيان بىزنى زىيارەتكە ھىچ كەلمىدى. كىلىشىڭلارنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلىدۇق، بەلكىم بىزنى ئۇنۇتتى دەپمۇ ئويلىدۇق. ئەۋلادىم، سەن ئاخىرى ئاياق باستىڭ، خۇش كەلدىڭ !" دەۋاتقاندەك، خۇددى ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈشمىگەن قەدىناسلاردەك روھانىي سالاملىشىپ، قۇچاقلىشىۋاتقاندەك ھاياجانلىق تۇيغۇلار ئىلكىدە ئىدىم. قولۇم دۇئادا، كۆزۈم يىغىدا ئىدى. دۇئالىرىمدا شۇ ئىلتىجالار تەكرار تەكرار ئىختىيارسىز ئۈنلۈك چىقاتتى: " ئاللاھىم، شەرەپلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتىگە، بىزنى ھەم ئەۋلادلىرىمىزنى شەرەپلىك قىلغىن ! ئارىمىزدا ئۈمىدنى ئوزۇق، ئىرادىنى قوزۇق قىلغىن ! نىجاتكار كېلەچەك بىلەن بىزنى بەختىيار قىلغىن ! " كۆزۈمدىن تاراملىغان ياشلىرىم ئالقانلىرىم ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشۈپ زىمىنغا قۇيۇلماقتا ئىدى. يات تۇپراققا سىڭگەن تونۇش تامچىلار كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپتۇرۇپ، يۈزۈمنى تەبەسسۇم بىلەن جىلۋىلەندۇردى.


پايدىلانغان تۈركچە ماتىرىياللار:
-نۇران چەتىننىڭ 19 بەتلىك " ئابدۇللا نېداي قەشقەرىنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسى" ناملىق مۇھاكىمە ماقالىسى
-ئايسەل ئوكاننىڭ " ئىستانبۇل ئەۋلىيالىرى" ناملىق كىتابى
-ئازمى بىلگىننىڭ 11 بەتلىك "ئابدۇللا نېداي ۋە ئىككى شىئىرى" ناملىق ماقالىسى
-"ئابدۇللا نېداي قەشقەرى" ناملىق ماقالە
-رىسالى ھەققىيە


image.jpg

1-رەسىم. قەشقەرى دەرگاھىنىڭ دەرۋازىسى  



image.jpg

2-رەسىم. قەشقەرى دەرگاھىنىڭ ھويلىسى  



image.jpg

3-رەسىم. ئابدۇللا قەشقەرى ۋە ئوغلى ئۇبەيدۇللا قەشقەرىنىڭ قەبرە ئۆيى



image.jpg

4-رەسىم. ئابدۇللا قەشقەرى ۋە ئوغلى ئۇبەيدۇللا قەشقەرىنىڭ قەبرىسى



image.jpg

5-رەسىم. قەشقەر دەرگاھى جامەسىنىڭ ئىچى


bagdax

18

تېما

20

دوست

5827

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1911
توردىكى ۋاقتى: 1396
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-26
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 16:30:39 |ئايرىم كۆرۈش
كاتتا بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز، بۇ بىزلەر ئۈچۈن ناھايىتى خوشاللىق ئىش. تۈركىيە يازغۇچىسى كامال گۆدەنىڭ «سۇلتان ئاراتنا» نادىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق. ئەمدى، سىزنىڭ مۇبارەك قوللرىڭىز ئارقىلىق تۈركىيە تۇپراقلىرىدا ئىز قالدۇرغان مەشھۇر زاتلار ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپسىز! مەزكۇر يازمىڭىزىنىڭ ئۈزلۈپ قالماي ئاخىرغىچە داۋام قىلىشىنى كۈتىمەن.

0

تېما

0

دوست

832

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54655
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 17:37:34 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئېگىسىگە رەھمەت، داۋامىغا تەشنامىز

0

تېما

19

دوست

9676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   93.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36797
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3120
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25

پەخىرلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 19:18:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپرىن ،مىڭلارچە ئاپرىن ...مەن  بەك ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقتىم....
مەرھۇم ئابدۇللا قەشقەرىنىىڭ ئىلملىك ،قورۇقماس - جەسۇرانە روھى ،ماڭا  بۆيۇك مەھمۇت كاشىغەرى بوۋىمىزنى چۇڭقۇر سېغىنىشتا ئەسلەتتى ...
bagdax

6

تېما

3

دوست

7511

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   50.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1101
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 509
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-30
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 20:59:30 |ئايرىم كۆرۈش
چۇڭقۇر ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئەژداتلىرىمىزنىڭ ئىلىم يولىدا ئىزدەنگەن ئىزدىنىش يوللىرى ۋە ئاشۇ يوللاردا قالدۇرغان ئىزلىرى كۆز ئالدىمدا كىنو لېنتىسىدەك بىر- بىرلەپ ئۆتتى.......... يېزىق قابىلىيىتىڭىزدىن خۇرسەند بولدۇم، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.... داۋامىنى ساقلاش ھالىتىمگە كىردىم

4

تېما

2

دوست

1678

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27267
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 23:29:59 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت! بىزنى مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلار بىلەن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر!
ماقالىنىڭ 2- . . . قىسىملىرىنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن.

7

تېما

6

دوست

6179

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 1916
توردىكى ۋاقتى: 657
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 23:43:41 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم

0

تېما

1

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51895
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-7
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 06:37:10 |ئايرىم كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )