- تىزىملاتقان
- 2011-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2139
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
4.63%
|
موللام بولماق تەس!!!دىھقانمۇ قۇتۇلدى سېلىق-پاراقتىن
دادۇجاڭ ئالدىدا سۇئال-سۇراقتىن
خامىنى تولغاندۇر بۇغداي قۇناقتىن
قۇتۇلدى جاپاكەش دىھقان ئاتاقتىن
ئەمدىكى نۆۋەتتە موللام بولماق تەس.
***
دەردىمنى سۆزلىسەم بىلەرسەنمىكىن
ياباغرىم يېرىلسا كۈلەرسەنمىكىن
ھالىمنى ئاڭلىساڭ كۈندە مىڭ مەررە
موللام بوپ قالماي دەپ تىلەرسەنمىكىن
ئويلىما موللىلىق بەك ئاسانمىكىن
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
سىملاردا مېڭىپلا كۆرسىتىپ ئۇيۇن
بەزىلەر ئاسانلا بولدى چىمپىيۇن
نەدىكى مۇكاپات ئەگمەستىن بۇيۇن
ھەق يۇلىدا ماڭغانغا چىقسىمۇ قۇيۇن
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ئىماملىق ئورنۇڭدىن ھەۋەس قىلىسەن
جامائەت باشلىغان يولغا ماڭىسەن
جەننەتنى سەن گويا ئەلگە تاڭىسەن
ئەل ئۈچۈن قاينايسەن ئوت بوپ يانىسەن
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندە لازىم بۇلىسەن
تۇپراققا كىرگەندە قارىم بولىسەن
ھەر قانداق خىزمەتكە ھازىر بولسەن
تاكسىدا بارىسەن يالاڭياق يانىسەن
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
نەزىرىگە ھەيدەيدۇ پىشىڭدىن تارتىپ
ئىتتىرىپ چىقىرار تۆرگىمۇ ئارتىپ
بارمىساڭ دىيشەر قاپتۇ ھال تارتىپ
چەلپەكچى دىيىشەر بارساڭ گەپ تارتىپ
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ھەر ئىشتا ئاۋامنىڭ كۆزلىرى سەندە
سەن ئالغان كونۋىرىت دىمىدە قەندە
ئالمىساڭ خاپىلىق ئالساڭ دەپسەندە
تىجارەت قىلساڭ دەر دۇنياغا بەندە
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ھىدايەت چىرىغى ياندۇرۇش ئۈچۈن
ئۆلگەن شۇ روھلارغا جان بىرىش ئۈچۈن
جېنىڭنى بەرسەڭمۇ ئەل ئۈلۈش ئۈچۈن
قىل چىقماس پەتەردە چاندۇرۇش ئۈچۈن
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
گۈل سۇنار سەنئەتچى غىتمەك بولسىمۇ
بويسۇنار ھۇقۇقدار سولتەك بولسىمۇ
بايغۇجام سۆزلىسۇن دۆترەك بولسىمۇ
موللىغا يۈز توخماق بەكرەك كۈلسىمۇ
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
موللا خەق ياۋاشراق بولمىساڭ بولماس
زىيانغا سەبىرلەر قىلمىساڭ بولماس
خەق سىنى ئۇرسىمۇ تىللىساڭ بولماس
ھەممىگە خوش،خوش دەپ تۇرمىساڭ بولماس
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ئىلمىڭنى بىلمەس ئەل ھېچبىر پۇرسەتتە
سەللەڭنى چوڭ بىلەر سەندىن ھۆرمەتتە
شۇڭلاشقا نادانلار تۆردە سۈلكەتتە
ئالىمغا ئۇرۇن يوق ئۇيغۇر مىللەتتە
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ھەدىستىن سۆزلىسەڭ قوپار بىدئەتچى
فىقھىدىن سۆزلىسەڭ غاجار سۈننەتچى
تارىختىن گەپ قىلساڭ قاينار مىللەتچى
سەن يالغۇز قارشى سەپ دائىم ئون نەچچى
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ئويغانسا مىللەت دەپ قىلىسەن ھەۋەس
نەسىھەت قىلىسەن كەلسە مەس-ئەلەس
تەربىيلەپ چىققۇچە بىرەر زەبەردەس
ھەركەتكە كىلىدۇ مىڭلاپ تىگى پەس
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ئاۋامنىڭ رايىغا باقمىساڭ تېخى
باشلىقنىڭ كۆڭلىگە ياقمىساڭ تېخى
چوغنى چىڭ قاماللاپ تۇتمىساڭ تېخى
زۇلمەتكە چىراغلار ياقمىساڭ تېخى
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
ئەخلاققا چاقىرساڭ دەيدۇ خۇراپىي
شائىرلار قۇشاققا كەلتۈرۈپ قاپىي
ئىپىزوت ئوينىشىپ سەھنىدە ساقىي
مەسخرە قىلىدۇ شەيتان سىياقىي
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
خۇجايىن چىشلىرى بىلەكلىك ساڭا
پىتنىخور بىرسىنى غاجاشقا خۇما
دوسلىرىڭ خۇشامەت قىلىشار تاما
دۈشمىنىڭ دىيىشەر ھالىغۇ مانا
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
مەتبەدە ئورنىڭ يوق ئىنتىرنىتتە ھەم
سىياسى ھۇقۇقۇڭ قاتىلدىنمۇ كەم
ئىھتىيات قىلساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم
يوق ساڭا ئامانلىق بىلىسەن نىكەم
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
كۈيۈنۈپ تەنقىدلەر ئامراقلار سىنى
دانالار غاجار ھەم قىزىسا قېنى
زىناخور ھاراقكەش بىلسەڭ كۈن-تۈنى
ئۆچمەنلىك تۈپەيلى يەر باسماس يېنى
ئويلاپ باق سەن ئۈچۈن ھىسداشلىق قېنى
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
جاھالەتپەرەسلەر بۇغار بىر چەتتە
سەۋەپسىز تەنىلەر ياغار بىرچەتتە
تۇرمۇشنڭ جاپاسى سۇقار بىر چەتتە
غەيۋەتخور پىتنىلەرتۇقار بىر چەتتە
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
***
قاراڭغۇ ئۆيلەردە ساۋاق بىرىسەن
مۇكاپات ئالقىشتىن ئەسلا نېرىسەن
دۇنيادا ئەڭ ئېغىر كۈندە يۈرىسەن
شۇندىمۇ چىدامچان غالىپ كىلىسەن
ئازغىنا ئۈمۈدتىن يايراپ كۈلىسەن
دۇنيادا سىنىڭدەك ئىنسان بولماق تەس.
***
ئالدىڭدا موللىنى ھۆرمەت قىلىشار
ئارقاڭدا ئۇخلىماي ئازگال قېزىشار
قىلدا-قىل سەھۋەنگە ئارخىپ يېزىشار
ئۇقۇغان نامازنى مىننەت قىلىشار
بىر سالام كەم قىلساڭ مىڭنى تىللىشار
ساۋاب كۆپ شۇڭلاشقا موللام بولماق تەس.
***
(تەمسىل)
دىيىشەر موللىنىڭ دىگەنلىرى راس
قىلغاننى ۋە لىكىن ھېچ قىلىپ بولماس
نەدە بار ناداننىڭ توغرا قىلغىنى
ئۇنىڭدىن توغرا سۆز ھېچ كۈتۈپ بولماس.
(ساختا موللىغا)
موللىلىق ئەمەستۇر ئەسلى خىزمىتىڭ
سەللىدىن كەلگەندۇر سىنىڭ ئىززىتىڭ
جان باقار ساھەدە قالتىسقۇ دىتىڭ
چىن ئالىم پىيادە يورغىدۇر ئېتىڭ
موللىنىڭ شەنىنى تۈكەر خىسلىتىڭ
جاھاندا سەنلەردىن خالى بولماق تەس.
***
خۇراپات قالقىنىڭ سورۇنلار ئارا
ھەر سۆزۈڭ ئىسلامنى قىلىدۇ يارا
پەتىۋا بىرىشكە ئىلمىڭ بەك چالا
گەپ قىلساڭ ئاغزىڭدىن ياغىدۇ بالا
كۆز يۇمۇپ سۆزلىمە قۇرئانغا قارا
جاھاندا ئىلىمسىز موللام بولماق تەس.
***
بىلىمەن مەقسىدىڭ ھەق سۆزلەش ئەمەس
داموللام ئاتىلىپ نام تاپساڭلا بەس
ئۇقۇماق-ئۆگەنمەك كەلگەچ ساڭا تەس
ئازغىنا ئىلىمدە ئۇچىسەن ھەۋەس
جاھاندا جىڭ ئۇقۇپ موللام بولماق تەس
***
ھېچكىمدە سىنىڭچە ئىمان بولمىدى
بىر كاپىر قولۇڭدا مۆئمىن بولمىدى
ئىلمىڭ ئاز شالداقلاپ چىلەك تولمىدى
مەسچىتنىڭ خاتىپى يا پات ئۆلمىدى
سىنىڭچە ئىسلامدا خىزمەت شۇمىدى
ئىنساپ قىل پىشقەدەم موللام بولماق تەس.
***
خۇدانىڭ قازىسى ئەمەس ئىدىڭغۇ
قورقماستىن مۆئمىننى كاپىر دىدىڭغۇ
ئۆزگىنىڭ قەلبىنى بەك ئۆلچىدىڭغۇ
مەن ئۆزۈم قانچىلىك دەپ كۆرمىدىڭغۇ
جاھاندا سىنىڭدەك موللام بولماق تەس.
***
ئېتىقاد ئۆچمەكتە دىققەت مەزھەپتە
كىم تۇرار مەن بىلەن ئىختىلاپ سەپتە
ھەدىس يوق،ئايەت يوق ئۇتىسەن گەپتە
گۇياكى بارچە ھەق سىنىڭ تەرەپتە
ئىشىكىڭ ئۆلمەكتە كۈتى غىجەكتە
جاھاندا ھەقىقى موللام بولماق تەس.
***
سەن ھەقلىق پىرقەتۇنناجىيە نامغا
دەپ خۇدا ئويدۇرۇپ بەرگەنمۇ تامغا
قۇرىسۇن مەزھەبچى چۈشمىگىن دامغا
مۆئمىن بول ئىسلامدا شۇ ھىساب سانغا
شۆھرەتتىن تاماسىز موللام بولماق تەس.
***
ئەتراپنى كەلكۈندەك باسقاچ مەزھەبچى
قالمىدى ئىسلامغا سادىق خىزمەتچى
مەن توغرا ئۆزگىنى ئاتاپ بىدئەتچى
موللىلار موللىغا بولدى تۆھمەتچى
موللىلار ئارىسدا موللام بولماق تەس.
***
ئويلانغىن تارىختا كىم ئىدۇق بىز دەپ
كاپىرنى مۆئمىن قىل كۆرسەتكىن خىزمەت
كاپىرغا دىن تارقات تارقاتما مەزھەب
***
.
***
كاپىرنى ئىمانغا چاقىرىشلىرىڭ
پاسىققا دۇئا قىپ يالۋۇرۇشلىرىڭ
فەتتاھۇلئۇيۇب دەپ تەكشۈرۈشلىرىڭ
موللىنى مۇنبەردە پاش قىلىشلىرىڭ
جاھاندا سىنىڭدەك موللام بولماق تەس!!!
مەنبە:ئۇيغۇر ئىسلام تورى(بۇ شئىرنى بىز ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىربىرىمىزگە چاقچاق قىلىپ ئوقۇپ بىرەتتۇق.كىم يازغىننى ئۇقمايمەن،ئۇيغۇرئىسلام تورى بىېتىدە كۆرۇپ قىلىپ يوللاپ قويدۇم) |
|