قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1399|ئىنكاس: 22

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51269
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 11:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MemetEmin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 11:36  

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟

مەمەت ئمىن

دۇنيادا ساغلاملىققا ئىنتىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ساغلام ياشىغىلى بولىدۇ؟ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئۆزىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىزنى ساغلام قىلالامدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يىتىشىمىزگە توغۇرا كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كورسىتىدىغان ئامىللار

ساغلاملىق ئۇ بىر نىسپى ئۇقۇم بولۇپ، ئەگەر بەدەننىڭ ھەر خىل فىزىلوگىيەلىك فونكىسىيەسى نورمال يۈرۈشسە، ۋە بەدەندە ھازىرقى تىببى سەۋىيە داھىرسىدە تەكشۈرۈپ بايقىغۇدەك ئالاھىدە نورمالسىزلىق بولمىسا، ساغلام ھىساپلىنىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار گەرچە ھەر خىل ۋە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنى توۋەندىكىدەك بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1.        ئىرسى ۋە تۇغما ئامىللار؛ بۇ خىل ئامىللار ئادەتتە بىزنىڭ كونتۇرۇل قىلىشىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن يەنى مۇنداقچە ئەيىتقاندا پىشانىمىزغا پۈتۈلگەن ئامىللار بولۇپ، بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر ئىنىق بولمىغان سەۋەپلەردىن بولغان؛
2.        ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يىمەك ئىچمەك ئادەتلىرى، ھەركەت قىلىش، بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا بولغان ئاكىتىپچانلىقى ۋە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى؛
3.        بەدەننىڭ تۇغما ۋە كىيىن ئىگە بولغان كىسەلگە تاقابىل تۇرۇش (ئىمىيۇنۇت) كۈچى؛
4.        ئىنسانلار ياشاۋاتقان دەۋىر ۋە رايۇننىڭ پەن تەخنىكا، ئىختىزادى تەرەققىياتى، ساقلىقنى ساقلاش ئۇنىۋىرسال سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمايى پاراۋانلىقى؛
5.        ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋاتلىرى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سۇپىتىگە بولغان تەلەپ ۋە مەسۇلىيەت تۇيغىسى؛
6.        ئىنسانلار ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلىقى ۋە بۇلغۇنۇش ئەھۋالى؛
7.        ئىنسانلارنىڭ كەسسىپى ۋە خىزمەت خاراكتىرى؛
8.        ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتى؛
9.        ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، ۋە شەيىلەرگە بولغان ئاكىتىپ، ئۇمۇتۋارلىق قارىشى؛

ساغلىقنى ساقلاش بويۇملىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دىگىنىمىز بەدەنىمىز ئىھتىياجىلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ھەر خىل ساغلاملىق مەسۇلاتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. خەلقارادىكى ھەر قايسى دوۋلەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا بەرگەن تەرىپلىرى ۋە ئۇنى كونتۇرۇل قىلىشتىكى قانۇن تۇزۇملىرىدە بەزى پەرىقلەر بولسىمۇ، بىراق ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئاساسەن ئوزۇقلۇق تولۇقلۇغۇچىسى قاتارىدا مۇھامىلە قىلىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئامىركىدا "Dietary supplements"  دەپ ئاتىلىدۇ،  جۇڭگودا "保健品"  دەپ ئاتىلىدۇ،  ياۋروپادا "Food supplements"  دەپ ئاتىلىدۇ.

جۇڭگونىڭ "ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى" غا بەرگەن تەرىپلىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى (保健品) دىگىنىمىز ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسىنى تەڭشەش، بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بويۇملارنى كۆرسىتىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ كىسەل داۋلاش ئىقتىدارى يوق، بىراق بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، قاندىكى ماينى ۋە  شىكەرنى توۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش، قان بىسىمىنى توۋەنلىتىشكە ياردەملىشىش، ئوكسىدلىشىشنى توساش، ئەستە ساقلاش ۋە خاتىرسىنى ياخشىلاش، بەدەن ۋە كوزىنىڭ ئاسان ھىرىپ قىلىشنى تۆۋەنلىتىش، بەدەننىڭ قوغۇشۇن تازىلىشىنى ياخشىلاش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، سۈت ئاجىرتىپ چىقىرىشنى ياخشىلاش، بەدەننىڭ ئوكسىگىن كەملىكىگە بولغان چىداملىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، بەدەننى رادىياكتىپلىق نۇرنىڭ زىيانىنىدىن ساقلىشىغا ياردەم بىرىش، ئورۇقلاش، ئۆسۈپ يىتىلىشنى ياخشىلاش، سوڭەك زىچلىغىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك قان كەملىكنى ياخشىلاش، جىگەرنى ئاسىراش، دانىخورەكنى يوقۇتۇش، سەپكۇللەرنى يوقۇتۇش، تىرىنى ياخشىلاش، ئۇچەيدىكى باكتىرىيە ئىقتىدارىنى تەڭشەش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ئۈچەي ۋە ئاشقازان تىۋىتلىرىنى قوغداش، ئىچى قىتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.

ئامىركىنىڭ "ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى" غا بەرگەن تەرىپلىرى

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ([size=18.6667px]Dietary supplements، 膳食补充品) دىگىنىمىز يىمەكلىكلەرنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكتىن يىتەرلىك قوبۇل قىلالمىغاندا، بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىدىغان يىمەكلىكلەر تولۇقلىمىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئادەتتە كىسەل داۋلاش ۋە ياكى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.  ئامىركىدا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئامىركىنىڭ يىمەكلىك ۋە دورا ئىدارىسى (FDA) نىڭ كونتۇرۇل قىلىش داھىرسىدە بولۇپ، پۇتۇنلەي يىمەكلىك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. نورمالدا ھىچقانداق بىر مەمۇرى ئورگان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنىمىگە كاپالەت قىلمايدۇ، پەقەتلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدۇ؛ مەسىلە كۆرۈلگەندە ئاندىن تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ تۇرلىرى

ئادەتتە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ كۆپۈنچىسى تەبىئى خام ئەشىيالار تەركىۋىدىن ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بولغان مەلۇم بىر ياكى بىرنەچچە خىل ماددىلارنى تاللاپ چىقىرىپ دورا شەكلىدە ياساپ چىقان مەسۇلات بولۇپ، بەزىلىرى تابىلىت شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى كاپسىل شەكلىدە بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى سۇيۇقلۇق (شەربەت، مەلھەم) شەكلىدە بولسا، بەزىلىرى ئۇن، كىپەك ۋە ياكى تالقان شەكلىدە بولىدۇ.

بىز نورمالدا ئۇچۇرتۇپ تۇرىدىغان مۇتەلەق كۆپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ۋىتامىنلار: ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زورۇر بولغان كوپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، ئادەتتە كوپ ئىشلىتىلىدىغان 13 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىنلار بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مىنىرال ماددىلار: مىنىرال ماددىلار دىگىنىمىز بەدەن قۇرۇلىشىدا ۋە بەدەننىڭ نۇرغۇن مۇھىم فونكىسىيەسىنى ساقلاشتا ناھايتى مۇھىم بولغان ئانورگانىك ماددىلار بولۇپ، ئۇلار كالتسىي، ماگنىي، تومۇر، كالىي، ناترى، خىلور، يود، پوسپۇر قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە كالتسىي، تومۇر، ماگنىي، يود كەملىك بىر ئاز كوپ ئۇچۇرغانلىقى ئۇچۇن، ساقلىقنى ساقلاش داھىرسىگە كىرىدىغان مىنىرال ماددىلارمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ ئۇچ خىل مىنىرال ماددىنى كوزدە تۇتىدۇ.

ئوسۇملۇك دورىلىرى: ئىنگىلىزچىدە "herbs" دەپ ئاتالغان، جۇڭگودا "药草" دەپ ئاتالغان ئوسۇملۇك دورىلىرى ئۇيغۇرچىدا گەرچە دورا دەپ ئاتالغان بولسىمۇ بىراق ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ بەدىنىمىزدە ئوينايدىغان رولى ئادەتتە بىز دەۋاتقان دورىلاردىن كوپ پەرىقلىق بولغانى، ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالاش مىخانىزىمى ئىنىق بولمىغىنى ئۇچۇن، بارلىق ئوسۇملۇك دورىلىرى (مەيلى جوڭيى دورىلار بولسۇن ۋە ياكى بىزنىڭ مىللى تىبابەت دورىلىرىمىز بولسۇن) ئامىركىدا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كاتىگورىيەسىگە كىرگۇزىۋىتىلگەن.

ئامىنو كىسالتاسى ۋە ئاقسىل (氨基酸، 蛋白质): ئامىنو كىسالتاسى ۋە ئاقسىل بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بەدىنىمىزدە ناھايتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئوتەيدۇ. ئەگەر بەدىنىمىز يىتەرلىك ئامىنو كىسىلتاسى ۋە ئاقسىلغا ئىرىشەلمىسە بەدىنىمىز نومال يىتىلمەيدۇ، ۋە بەدىنىمىزنىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسى نورمال يۇرۇشمەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بەدىنىمىز كۇندۇلۇك يىمەكلىكلەردىن بۇ ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەندە بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق.

مايلىق كىسىلتاسى (Fatty Acids، 脂肪酸) : بۇ خىلدىكى ساقلقىنى ساقلاش بويۇملىرى ئومىگا-3، بىلىق مىيى، بىلىق جىگەر مىيى قاتارلقىلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ماددىلارمۇ بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددىلاردۇر.  بەدىنىمىزنىڭ بۇ خىلدىكى ماددىلارغا بولغان ئىھتىياجى يىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرىقلىق. ئەگەر بەدىنىمىز كۇندۇلۇك يىمەكلىكلەردىن بۇ ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەندە بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق.

تالا (Fiber supplements، 纤维质): بۇ خىلدىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كىپەك، قوناقلاردىن ياسالغان بولۇپ، تەركىۋىدە كوپ مىقداردا تالالار بار، سەي كوكتات ۋە تەركىۋىدە تالا بار يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئادەتلەنمىگەن، ئىچى ئاسان قىتىۋالغان كىشىلەرگە نىسبەتەن چوڭ تەرەتنى بوشۇتۇش ۋە ئۇنى راۋان قىلىش ئەھمىيىتى بار.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

1.        مەيلى قايسى تۈردىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇمى بولۇشتىن قەتتى نەزەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەم بەدىنىدە ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلمايدۇ. ئۇ پەقەتلا بىز كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەكتىن يىتەرلىك ئىگە بولالمىغان ۋە بەدىنىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان بەزى ماددىلارنى تولۇقلاپ بىرىدۇ.
2.        ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش دورا ئىشلەپ چىقىرىشتىن كۆپ پەرىقلىق بولۇپ، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا، بازارغا سىلىشقا بولغان تەلەپ ۋە قانۇن تۇزۇملەر دورىلارغا نىسبەتەن كۆپ ئاددى ۋە ئارىسال بولىدۇ.
3.        ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سىلىشتا ئۈنىمى ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ھىچقانداق تەتقىقات ئىسپاتى ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ.
4.        مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئەنئەنەۋى تۇرمۇش تەجىربىلىرىدىن چىقىرىلغان يەكۈنگە ئاساسەن ئىشلەپ چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ ئۈنىمى ۋە پايدىسى توغۇرسىدا سىستىمىلىق بىر تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇماتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ.
5.        ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى دورا ئەمەس، نورمالدا ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالاش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ھەرگۈزمۇ دورىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ؛ شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى كىسەل داۋالايدىغان دورا قاتارىدا تەشۋىق قىلىش ۋە سىتىش بىر خىل مەسۇليەتسىزلىك.
6.        ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئىچىدە ۋىتامىنلار، كالتسى  ۋە بەزى ماددىلارنىڭ ئۇلارنىڭ كەملىكىدىن كىلىپ چىققان بەزى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى ۋە بۇ خىل كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنىمى بولغىنىدىن باشقا مۇتلەق كوپ ساندىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىقتىدارى يوق.
7.        ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ئادەتتە يىمەك ئىچمەك خام ئەشىيالىرىدىن ۋە ياكى تەبىئى ئوسۇملۇكلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ؛ شۇڭا ئەكىس تەسىرى نىسبەتەن تۆۋەن، بىخەتەرلىكى نىسبەتەن يۇقۇرى بولىدۇ، بىراق بۇنداق دىگەنلىك ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەكىس تەسىر يوق دىگەنلىك ئەمەستۇر. بەزى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ ساغلاملىققا بەزى يامان ئاقىۋەت ئەكەلگەنلىك توغۇرسىدىكى دوكىلاتلار مەۋجۇت.
8.        مەلۇم بىر ساقلىقنى ساقلاش بويۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ تۈرى يىمەكلىكلەردەك كۆپ ئەمەس، بىراق ئۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك تەركىۋىنىڭ مىقدارى يىمەكلىكلەردىن يۇقۇرى، يەنى ئۇنىڭ ئۇنۇملۇك تەركىۋى ئادەتتىكى يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن زور دەرىجىدە قويۇقلاشتۇرۇلغان بولىدۇ؛
9.        ھەرقانداق ساقلىقنى ساقلاش بويىمى پەقەت ۋە پەقەتلا يىمەكلىكلەرنىڭ تولۇقلۇغۇچىسى بولۇپ، ھەرگۈزمۇ يىمەكلىكنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
10.        بەدەننىڭ ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى قوبۇل قىلىشى  ئادەتتىكى يىمەك ئىچمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئوخشايدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق بىزنىڭ ساقلىقىمىزنى ساقلاپ ساغلام ياشىشىمىزنى كاپالەت قىلالامدۇ؟

بىر ئادەمنىڭ ساغلام ياشىشى كوپ ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر گىرىپتار بولىۋاتقان كىسەللەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئوزۇقلۇنۇش ۋە يىمەك ئىچمەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار گىرىپتار بولىۋاتقان بەزى كىسەللەرنىڭ سەۋەپلىرى ۋە كىلىپ چىقىش جەريانى ئىنىق بولىسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىسەللەرنىڭ سەۋەبى ۋە كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرى تىخى ئىنىق ئەمەس. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا قارغۇلارچە چوقۇنۇپ، ئۇلارنى ھەم كىسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاشنىڭ كاپالىتى دەپ قاراش توغۇرا ئەمەس.

نۇرغۇن كىشىلەردە "بۆرەك يىسە بۆرەككە پايدىسى بار، جىگەر يىسە جىگەرگە پايدىسى بار" دەيدىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىمەكلىك ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى تەركىۋىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى، خىزمىتى توغۇرسىدا تولۇق چۈشەنچىسى يوق. ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر ۋە ياكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى تامامەن ھەزىم بولۇپ پارچىلىنىپ بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان خام ئەشىيلارغا ئايلىنىدۇ؛ ئاندىن بەدەن ئوز ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇ خام ئەشىلاردىن پايدىلىنىپ ئوزى ئىھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋە ياكى يىقىلغۇغا ئايلاندۇرۇپ بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەدەن ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەن ماددىلارنىڭ بەدەنگە يالغۇز كوپ ئەھمىيىتى بولماي قالماستىن ئەكسىنچە بەدەن يۇكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ بەزى زىيان زەخمەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا گەرچە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ نۇرغۇن دورىلارغا نىسبەتەن ئەكىس تەسىرى توۋەن، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقۇرى بولسىمۇ، بىراق بەدەن ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەن قىسمى بەدەندە مەلۇم يامان ئاقىۋەت ئەكىلىشى ۋە مەلۇم ماددىلار بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بولۇپمۇ ئوخشاش تەركىۋى بار باشقا بويۇملار بىلەن ۋە ياكى بەزى دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتكەندە، بۇ خىل يامان تەسىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى تىخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتى، شاراھىتى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى بەزى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان خەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەن بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بەدەننىڭ شۇ زورۇر بولغان ماددىلارنى تولۇقلىشىدا ۋە بەدەننىڭ نورمال فونكىسىيەسىنى ساقلىشىدا ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بولۇپ، بەدەننىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنىڭ نىمە خىزمەتلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى چۇشۇنۇپ يىتىش، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى توغۇرا قوللۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئوزلىرىگە پايدا ئەكىلىدىغان ھەقىقى تۇردىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئايلاندۇرۇشتا بەكلا مۇھىم.

ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش ئۇچۇن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟

ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ئارزۇ ئىستەكى بولسا كىرەك. ئىنساندا يالغۇز گۇزەل ئارزۇ ئىستەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چۇشلۇق ھەركەت بولمىسا، ئۇ ئارزۇ ئىستەكلەر ئوزلىگىدىن رىياللىققا ئايلانمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ سالىقنى ساقلىشى ۋە ساغلام ياشىشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇش پوسىتسىيەسى، دۇنيا قارىشى ۋە ئىلمى ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۇندۇلۇك تۇمۇشىدىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز ھەرگۇزمۇ مەلۇم ياشقا بارغاندا، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ھەر خىل ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلام ياشاش مەقسىتىگە يىتەلمەيمىز.

بىز ساغلام ياشاش ئۇچۇن ئالدى بىلەن تۇرمۇش ئادىتىمىز ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيەلىرىمىزنى ساغلاملاشتۇرىشىمىز كىرەك:
1.        ئاكىتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى يىتىلدۇرىشىمىز كىرەك.
2.        بىز ھەر خىل يىمەك ئىچمەكلەرنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز  ۋە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەت قىلىشىمىز كىرەك.
3.        مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بەدەن ئىغىرلىقىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشىمىز كىرەك.
4.        بەدىنىمىزگە زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئامال بار ساقلىنىشىمىز ۋە ياكى ئۇلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كىرەك.
5.        مۇھىت ۋە شەخسى تازلىقىمىزغا ئەھمىيەت بىرىشىمىز، مۇھىتنى قوغدىشىمىز، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك.
6.        قەرەلىك ساغلاملىق تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق بەدەندە سادىر بولغان ھەرقانداق نورمالسىزلىقلارنى ۋاختىدا بايقاپ، ۋە ئۇنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىشىمىز كىرەك.
7.        زورۇر بولغان ۋاكسىنىلارنى ۋاختىدا ئۇدۇرىشىمىز كىرەك.

قانداق كىشىلەر ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا ئىھتىياجلىق؟

ئادەتتە يىمەكلىك تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلغان، كۇندۇلۇك يىمەك ئىچمەكلەر ئارقىلىق بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىگە بولغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىستىمال قىلىشىنىڭ كوپ زورۇريىتى يوق.
توۋەندىكى كىشىلەر ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى مۇھاپىق ئىستىمال قىلسا بولىدۇ
1.        ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، ۋە ياكى بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشەلمىگەن كىشىلەر؛
2.        مەلۇم خىلدىكى ماددىلارنىڭ كەملىكى تۇپەيلىدىن بەزى مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەر كىلىپ چىققان ۋە ياكى كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغانلار؛
3.        مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ماددىغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى بۇ ماددىنىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەن، ۋە نورمال يىمەك ئىچمەك ئارقىلىق بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا يىتەرلىك ئىرىشىش قىيىن بولغان كىشىلەر؛
4.        ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بوۋاقلار ۋە ياشانغان كىشىلەر؛
5.        بەزى ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللەرگە بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاستا خاراكتىرلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى بىر خىل ياردەمچى داۋالاش ۋاستىسى قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ؛
6.        ياشاۋاتقان شاراھىتتا ۋە ياكى ھازىرقى دوختۇرلۇق سەۋىيەسىدە داۋالاش ئامالى بولمىغان كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ساقلىقنى ساقلاش بويىملىرىنى بىر خىل ئامال يوقنىڭ ئامالى قاتارىدا ئىشلەتسە بولىدۇ؛

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللىغاندا ۋە ئىشلەتكەندە نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللىغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، نوپۇزلۇق شىركەتلەر ئىشلەپ چىقارغان، ئوزۇقلۇق تەركىۋى ۋە ماس كىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنىق ۋە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئەسكەرتىلگەن، ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى شىپالىق دورا قاتارىدا ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ ماختىۋەتمىگەن بويۇملارنى تالاش كىرەك. ئۇنىمى قانچە كوپتۇرلۇپ ماختالغان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى شۇنچە ئىشەنچىلىك بولماسلىقى مۇمكىن.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى پەقەتلا بىز ئىھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇقلۇغۇچىسى بولغىنى ئۇچۇن بەدەندە ھىچقانداق ئوزۇقلۇق ماددا كەم بولمىغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن كوپ ئەھمىيىتى ھەم زورۇريىتى يوق. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويىمىغا بولغان تونۇشنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەركىۋىنى ۋە بەدەندە نىمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق چۇشۇنۇپ يىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئوزى ئىھتىياجلىق بولغان ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى تاللاش بەكلا مۇھىم.

ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ھەرگۇزمۇ ئۇنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ساقلىقنى ساغلىغۇچى ھەممىگە شىپا ئۇنىۋەرسال دورا ئەمەس. شۇڭا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن ھەرگۇزمۇ ئۇلارنى كىسەل داۋالايدىغان ھەممىگە قادىر شىپالىق دورا قاتارىدا ئىشلەتمەسلىك كىرەك. بەدەندە مەلۇم بىر كىسەل بايقالغاندا ئەڭ مۇھىمى دەرھال مۇناسىۋەتلىك مۇتەخسىسلەرگە كورۇنۇپ، سىستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش كىرەك. زورۇر بولغاندا ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى پەقەت ۋە پەقەتلا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىش، ھەم كىسەل داۋالاش ئۇچۇن ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان دورا ئارىسىدا قارشىلىق تەسىرنىڭ بار يوقلىقىغا دىقەت قىلىش كىرەك. كىسەل داۋالاشنى ھەرگۇزمۇ پۇتۇنلەي ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىغا باغلاپ، كىسەلنى داۋالىتىدىغان ئەڭ مۇھىم پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىق كىرەك.


uyghuray

2

تېما

21

دوست

6032

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1879
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-18 16:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما يوللىغىنىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم !  ۋاقىت چىقىرىپ ئەتىگىچە تەپسىلىرەك كۆرۇپ چىقامەن !

0

تېما

34

دوست

7448

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2384
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 10:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىدىن مىجەزنى تەڭشەشنى ئۈگىنىۋالسا تىخىمۇ ياخشى. مەسىلەن مەندە بەزى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى دىگەندەك كېسەللەر بار. بۇلتۇر يازدىن باشلاپ ئۆي كۆچۈش، ئۆي بىزەش سەۋەپلىك 7،8 كىلو ئورۇقلىغان ئىدىم. بالاممۇ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئورۇقلىغان ئاپالاردىن جىق تەلەيلىككەنسەن دەپ ماختاپ كەتتى. لېكىن چاتاق يىرى ئورۇقلاش بىلەن بىرگە بەدەندە ھەرخىل ۋىتمىنلار، ئاقسىللار، كالىتلىسيلار كەملەپ ئىممىنىت كۈچۈممۇ ئاجىزلاپ كىتىپتۇ. قانمۇ ئازلاپ قويۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يىل ئاخىرى پوققىدە چۈشتۈم. ئەتىيازدا بىر دوختۇرنىڭ گېپى بويىچە گۆشنى ئاز ئىستىمال قىلىپ پۇرچاق تۈرىدىكى نەرسىلەرنى كۆپ يەڭلار  دىگىنى بويىچە ھە دىسە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى يەپتىمەن. مىھمان كۈتۈش سەۋەپلىك نۇرغۇن قىتىم غۇلجىدىكى داڭلىق «كەھرىۋا» توخۇ قۇرۇمىلىرىغا ئاشخانىسىغا بىرىپ توخۇ يەپتىمەن.
ئاخىرى پوككىدە چۈشتۈم. ئەتىيازدا بىر سانتىمىتىر دىگە ئۆسمە بىراقلا 8سانتىمىتىرغا يوغىلاپ كىتىپتۇ. ئولتۇرسام قوپلمايمەن، قوپسام قۇرساق قىسمىمغا ئاغرىق يامىشىدۇ. بىر ئايدەك توختىماي ئاغرىدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2-دوختۇرخانىگىمۇ بىرىپ باقتىم. دىياگنوز ئوخشاش ، ئوپىراتسىيە قىلارمىش،
لېكىن ئوپىراتسىيە قىلسىمۇ يەنە چىقىدىكەن.
ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەل قىسمىمغا لوڭقا قويۇپ باقتىم. بۇرۇن لوڭقا قىسىپ تۇرغان مۇسكۈل ئۈستدىن نۇرغۇن سۇلۇق قاپراتمىلار چىقاتتى، يىڭنە بىلەن تىشىپ شۇنى چىقىرۋەتسەم ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم. بۇ نۆۋەت ئۇنداق بولمىدى، ئازراق چەيزىرەڭ بولۇپ قالغاندىن باشقا ھىچنىمە چىقمىدى. بېلىم يەنىلا شۇنداق ئاغرىيدۇ. بىرسى ئۆسمىنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بوىلدۇ دىسە يەنە بىرسى بەلگە بىرنىمە ئۆسىۋاتقان ئوخشايدۇ دىيىشتى.
لېكىن ئۆزەمنى دەڭسەپ باقسام ئۇنداق ئەمەستەك. بەدەندە قان، سۇيۇقلۇق ئازلاپ كەتكەندەك.
بىر دوختۇردىن نىمىشقا ئۆسمە يوغىناپ كىتىدۇ دەپ سورىسام « توخۇ يىمەڭ، پۇرچاق تۈرىدىكى نەرسىلەرنى يىمەڭ » دىمسما؟ نىمىشقا، توخۇدا ئاياللىق ھورمىنى بەك جىق، ئۇ ئۆسمىنى بىۋاستە يوغانتىدۇ. يەنە پۇرچاق تەركىۋىدىكى ئاقسىلمۇ شۇنداق. ئاپلا دىدىم، دەل ئەكسىنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ.
كېيىن مىجەزىمنى تەڭشەشنى قارار قىلدىم. بەدەندىكى قۇرۇق ئىسىقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئارلاپ ئۇستىخان شورپىسىغا چامغۇر، سەۋزە سىلىپ سۈيىگە چۆپ سېلىپ ئىچتىم. 15كۈندەك شۇنداق قىلىپ ئاندىن توختىماي ئاغرىغان بېلىمگە، تۆش سۆڭىكىم بىلەن قۇشۇپ ئاغرىغان مۆرەمگە راسا لوڭقا قويدۇم. بۇ نۆۋەت سۇلۇق قاپراتمىلار راسا چىقتى. بالام تىلپونغا تارتىپ كۆرسەتكەنتى. بىر ئايدىن بۇيان توختىماي ئاغرىتقان زەھەرنى كۆرگەندەك بولدۇم. سۇلۇق قاپراتمىلارنى تىشىۋەتكەندىن كېيىنكى ئىلارنى دىمەيلا قوياي. دۈمبەمنى ئىت تالىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتى زادى، لىكىن ئىچىدىكى چىدىغۇسىز ئاغرىق يوق بولدى. بىر ھەپتىدەك چىدىسام تېرەم ئەت ئىلىپ خىلى ئوڭشىلىپ قالدى.
ھىلىقىدەك توخۇ، ھامبىروگ بولكىسى، توخۇ پاچىقى دىگەندەكلەرگە يىقىن يوىلماسمەن دەۋەتتىم

0

تېما

34

دوست

7448

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -3
تۆھپە : 2384
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 10:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىجەز تەڭشەش مانا مۇشۇنداق ئاددى جەريان، قان ئازلاپ قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ دورا قىلسام پايدا قىلمايدىغان دەرىجىگە كېلىپ قاپتىكەنمەن زادى. ئۇستىخىنىمنىڭ ئىچىدە چۈمىلە ماڭغاندەك ئاغرىيتى. قۇرۇق ئىسسىق مىجەزلىك بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ زۇكام بولۇشىمۇ غەلىتە بولىدىكەن. بۇرۇندىن سۇمۇ  ئاقمايدىكەن. پوتلىدىن ئەسەرمۇ يوق.يىغلىسام ياش چىقمايدىغاندەك بۇرنۇم قىچىشىپلا قۇرۇپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل بەدەن ئارامسىزلىنىپ تۇرغىنى تۇرغان. مانا ھازىر ئوڭشالدى. سوغۇققا چىقساممۇ ياش دىگەن قۇيۇلۇپ كىتىدۇ ئىككى كۆزۈمدىن ھەم بۇرنۇمدىن.
قۇينىڭ قۇۋۇرغىسىنى ئۇزۇن قينىتىپ شورپا قىلىپ سۈيىنى ئىچسە كالىتسىي تولۇقلاش مەقسىدىگە  يەتكىلى بولىدىكەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56073
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 10:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسالامۇ ئەلەيكوم مەمتىمىن دوختۇر. يازمىڭىزدىن زۆرۈر بولمىغاندا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ سالامەتلىكىمىزگە زىيان سېلىش بىلەن بارۋەر ئىكەنلىكىنى بىلۋالدىم .رەخمەت.ھازىر رايۇنىمىزدا سۈڭەك كىسەللىكلىرىنىڭ تۈرى خېلى باركەن.بۇ كىسەلنىڭ بەزىللىرىدە گىرىپتار بولغۇچى ئاقىۋەتتە يا تىكلىنىپ يا ئىگىلىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بىرىدىكەن.مەنمۇ ھازىر ئىگلەلمەيمەن ئۇمرۇتقۇللىرىمنى دوختۇرخانىدا سۈرەتكە ئالغۇزسام ،ئۇمرۇقىلىرىمنىڭ ئارلىقى يوقاپ، بامبۇكسىمان بولۇپ قاپتۇ. دوختۇر سۈرەت ۋەقاننىڭ (ب27) نەتىجىسىنى كۆرۈپ «قېتشىش خاراكتىرلىق ئۇمرۇتقا ياللۇغى» دەپ چىقاردى.سىزنىڭچە مۇنداق كىسەلگە چەئەللەردىن داۋا تېپلامدۇ؟ جاۋابىڭزغا تەشنامەن.

0

تېما

0

دوست

2145

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 13:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
منىڭ بوۋام 96يېشىدا ئارا ن ئىككى كۈن كىسەل بولغان.لېكىن دادام ئەمدى 80ياشقا كىردى لىكىن كىسەلدىن ئاجرىيالمايدۇ

0

تېما

3

دوست

168

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56229
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 17:37:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاۋاپ يوققۇ؟

0

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10354
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 372
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 20:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى توغرىلىق ناھايىتى ياخشى توختىلىپسىز.
ساغلام بوغاندىلا باشقا ھەممىنىڭ بولىدىغانلىقىنى خەلقىمىز ئەمدى ھېس قىلىۋاتىدۇ،  زېرەك كارخانىچىلىرىمىز بۇنىڭغا يۈرۈش قىلىپ بولدى،لېكىن تونۇش توغرا بولمىسا تاللاشمۇ خاتا بوپ قالىدۇ.تاللاش خاتا بولسا  ئالدىنى ئېلىشتىمۇ خاپىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ نازۇك مەسىلىگە چېتىلغان بولغاچقا كارخانىچىلىرىمىزمۇ خەلقنى ئالدىماسلىقى ،پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك.
  دوختۇر مۇتەخەسىسلەنىڭ بۇ ھەقتە كۆپرەك توختىلىپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )