- تىزىملاتقان
- 2016-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 664
- نادىر
- 0
- يازما
- 62
ئۆسۈش
32.8%
|
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىتلىرى ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شىۋىلەرنى كۆپۇنچە ئالىملار ئۇمۇمى ھالدا 3دىئالىكىت ،10 شىۋە،3تارماق شىۋىگە ئايرىيدۇ ،
1-مەركىزى دىئالىكىت ۋە ئۇنىڭ شىۋىلىرى
1-ئۈرۈمچى شىۋىسى
ئۈرۈمچى شىۋىسى ئەدەبىي دىئالىكىتت بىلەن ئوخشاش بولغاچقا چۇشەنچە بىرىلمىدى
2-ئىلى شىۋىسى
ئىلى شىۋىسى مەركىزى دىئالىكىتقا كىردىغان بۇلۇپ ،ئەدەبى دىئالىكىتىنىڭ شەكىللىنشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شىۋلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ ،قىسمەن خاس ئالاھىدىلىك ھىساپقا ئېلىنمىغاندا ئىلى شىۋىسى ئەدەبىي تەلەپپۇز بىلەن ئاساسەن ئوخشاش،ئىلى شىۋىسى ئىلى ۋىلايىتىدىكى 571،606 نۇپۇس قوللىنىدۇ ،(2000-يىلدىكى سىتاتىستىكا )
3-قەشقەر -ئاتۇش شىۋىسى
قەشقەر ئاتۇش شىۋىسى مەركىزى دىئالىكىتتىكى مۇھىم شىۋلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ئەدەبىي دىئالىكىتنىڭ شەكىللىنشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ،قەشقەر -ئاتۇش شىۋىسى قەشقەر شەھىرى،كونا شەھەر ناھىيەسى،يېڭى شەھەر ناھىيەسى،پەيزۋات،يېڭسار،يوپۇرغا،ۋە ئاتۇش شەھىرىدە قوللىندۇ ،ھەر قايسى يۇرۇتلارنىڭ تەلەپپۇزىدا ئىنچىكە پەرىق مەۋجۇت،1997- يىلدىكى ئىستاستىكىغا قارغاندا قەشقەر شىۋسىنى 1مىليون600مىڭ كىشى ئىشلىتىدۇ
3-تۇرپان شىۋىسى
تۇرپان شىۋىسى تۇرپان توقسۇن پىچان ناھىيەلىرى ۋە قۇمۇلدىكى قارادۆۋە ،لاپچۇق قاتارلىق جايلاردىكى تەلەپپۇزلارنى كۆرسىتىدۇ،ئىنچىكە پەرىقلەرگە ئاسەسەن تۇرپان -مورتۇق تەلەپپۇزى،پىچان-لۇكچۇن تەلەپپۇزى،توقسۇن تەلەپپۇزى قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بۇلدۇ،تۇرپان شىۋىسى مەركىزى دىئالىكىتنىڭ شىۋلىردىن بولسىمۇ لىكىن ئۇ مەركىزى دىئالىكىتنىڭ باشقا شىۋلىرگە قارغاندا بەلگىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ،
4-قۇمۇل شىۋىسى
قۇمۇل شىۋىسى مەركىزى دىئالىكىت ئىچىدىكى ئۆزگىچىلىكى بىرقەدەر رۇشەن بولغان شىۋە،قۇمۇل شىۋىسى دىئالكىتلارنى پەرىقلەندۇرۇشنىڭ ئىككى ئاساسىي ئۆلچىمى بويىچە مەركىزىي دىئالىكىت شىۋىلىرىگە،بۇلۇپمۇ تۇرپان شىۋىسىگە ئوخشىسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە،بۇلۇپمۇ تاۋۇش ئۆزگۇرۇشنىڭ كۆپ بولىشى،قەدىمىي سۆزلەرنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولىشى قاتارلىقلار
5-تارىم شىۋىسى
تارىم شىۋىسى ئۈچ تارماق شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،
كۇچا شىۋىسى-كۇچا ،باي،شايار،توقسۇ ناھىيەلىردە قوللىنىلدۇ،
تارىم شىۋىسى-مەكىت مارالبېشى،ئاۋات،شايار قاتارلىق رايۇنلاردىكى دولانلىقلار قوللىندىغان شىۋىدۇر،
موغال شىۋىسى-يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يىزىسىدىكى ئاھاللەر قوللىندىغان شىۋىدۇر،بىراق سۇ كەمچىل بۇلۇش سەۋەبىدىن بىرقىسىم ئاھاللەر مارالبېشى ناھىيەسى ئەتراپىغا كەتكەن،لىكىن موغال شىۋىسى بىر شىۋە سۇپىتىدە تېرىمدىلا ساقلىنىپ قالغان،
7-يەكەن قاغىلىق شىۋىسى
يەكەن قاغىلىق شىۋىسى -يەكەن،قاغىلىق،پوسكام ناھىيەلىردە قوللىنىلدىغان بولۇپ،قەشقەر ئاتۇش شىۋىسى ۋە خوتەن دىئالىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار،شۇڭا بۇ شىۋىنىڭ مەركىزى دىئالىكىتقا ياكى خوتەن دىئالىكتىغا كىردىغانلىقى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت،يەكەن قاغىلىق شىۋىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى 25 نوقتىغا ئايرىغاندا ،23نوقتا قەشقەر ئاتۇش شىۋسىگە،17نوقتا ئەدەبى دىئالىكىت بىلەن بىردەك،شۇڭا بۇ شىۋىنى مەركىزى دىئالىكىتقا كىرگۇزۇپ ئايرىم بىر شىۋە دەپ قارايمىز،
خوتەن دىئالىكىتى
ھازىرغا قەدەر خوتەن دىئالىكىتىنى ئىنچىكە پەرىقلەرگە ئاساسەن گۇما،قاراقاش،ئىلچى،لوپ،كىريە شىۋلىرىدىن تەركىپ تاپقان دىيىش ،يەنە بىرى ئومومىيراق بولغان ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىپ،گۇما ،ئىلچى-قاراقاش-لوپ ۋو چىرا-كىريە-نىيە شىۋىسى قاتارلىق شىۋلەردىن تەركىپ تاپقان دىيىش،ھازىر ئىككىنچى قاراش بىرقەدەر موۋاپىق دەپ قارالماقتا،
لوپنۇر دىئالىكىتى
لوپنۇر دىئالىكىتى ئەدەبى دىئالىكىتقا قارغاندا پەرقى نىسپەتەن چوڭ بولغان دىئالىكىت بۇلۇپ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا دىئالىكىتلاردىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇردۇ،لوپنۇر دىئالىكىتىنى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ،تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى ئاھاللەر ئىشلىتىغان بولۇپ ،دىئالىكىتنى ئىشلىتىغان ھەر قايسى جايلاردا ناھايىتى ئاز پەرىق بولسىمۇ ئەمما شىۋىلەرگە ئايرىغۇدەك پەرىق يوق .
مەنبە :شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشىر قىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالىكىتشۇناسلىقى ناملىق كىتاپ ، |
|