بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-18 17:09
«تۇغلۇق تىمۇر، ئەمىر تىمۇر ۋە تىمۇرىلەر» دەۋرىگە باھا
جىمسارى
بايان ئەۋۋەل
ۋېبتور «باغداش» تا نەشىر قىلىنغان، «ئەمىر تىمۇر ھەققىدە بىر سۆز» ناملىق ئەسەرگە يازىلغان ئىنكاسلارغا قاراغاندا، بەزى بۇرادەرلەر، تۇغلۇق تىمۇر، ئەمىر تىمۇرنىڭ نەسەپ تىگى مۇڭغۇل ئىكەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارغا سەلبى كۆز قاراشلاردا بولغان. ئەمىر تۈمۈرگە قانغۇر جاللات، دىنلارنى ۋەيران قىلغۇچى، تۈركلەرنى قىرغۇچى دىگەندەك باھالارنى بېرىپ ئۈلگۈرگەن. توغرا، بۇ ئىككى تىمۇرغا ئائىت يازىلغان ئەسەرلەر كۆپ ھەم ھەر خىل ئىكەن. ئىنكاستا يازىلغان بەزى سەلبى گەپلەر مەلۇم ئەسەرلەردە يازىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن، بۇ خىل باھالارغا قوشۇلمايمەن. تۇغلۇق تىمۇر، ئەمىر تىمۇرگە ۋە ئۇ قۇرغان «تىمۇرىلەر» دەۋرىگە ئىجابى باھا بېرىمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ئىككى تىمۇر ياكى تۆمۈرگە، ۋە ئىككى «تىمۇرىلەر» دەۋرىگە تۆۋەندىكىچە باھا بەردىم.
1- تۇغلۇق تىمۇرگە باھا
بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزگە ئومۇمىلىق ھەم بىرلىك كېرەك. بىزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتقانىمىز، ئەنە شۇ ئومۇمىلىق ۋە بىرلىكنىڭ نەتىجىسى. ھەر خىل يازىلغان مەنبەلەرگە قاراغاندا، تەخمىنەن 11-ئەسىرلەرگىچە، ئۇيغۇرلار، ئۇرقۇن ئۇيغۇرخانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار خانلىقى (قاراخان ئۇيغۇر خانلىقى دىسەكمۇ بۇلار) دىگەندەك خانلىقلارنى قۇرۇپ، بۆلۈنمە ھالەتتە ياشاغان ئىكەن. 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، چىڭگىزخان كۈچۈيۈپ، مۇڭغۇل باياۋانلىرىنى، سەددىچىن ئىچىنى ئىگەللىگەن. ئاندىن غەرپكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ھەم قاراخانىلار خانلىقى تەدرىجى ھالدا، چىڭگىزخان تەسسەررۇپى ئاستىغا ئېلىنغان. بۇ مەزگىللەردە، قاراخانىلار باشقۇرغان تەرەپتىكى ئۇيغۇرلار، ئىسلاملىشىپ بولغان. ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلار(ئاقسۇدىن شەرقى شىنجاڭغىچە) تېخى بۇددا دىنىدا تۇرغان ئىكەن. دىمەك، ئۇيغۇرلار، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئىككىگە ئايرىلىپ كەتكەن. توختىماي بولۇۋاتقان ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن، ئاچ-زارلىقتىن، ئۇيغۇرلار بىرلىككە كىلەلمەي تۇرغان بىر قاتمال ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالغان. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، تەخمىنەن مىلادى 1346-يىلى، 18 ياشلىق تۇغلۇق تىمۇرخان (تۇغلۇق تۆمۈرخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خانى بولغان. ئۇ، ئاللىقاچان ئىسلاملىشىپ بولغان غەربى چاغاتاي شەرقى چاغاتاي خەلقلەرىنى باشقۇرۇشقا مۇھىم دەپ قارادىمىكىن، ئۆزى مۇڭغۇل بولسىمۇ، ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان، ئاندىن، ئۆزى باش بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق بولغان 160مىڭ مۇڭغۇلنى، موللا شەيىخ جامالىدىننىڭ ئوغلى ئەرشىدىن؟ رىياسەتچىلىكىدە ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن، شەرقى چاغاتايدىكى مۇڭغۇللار، چاغاتاي تىلى ۋە يېزىقىنى قۇبۇل قىلىپ، تۈركلىشىش، ئېنىقى، ئۇيغۇرلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان. بۇ ھالدا، شەرقى چاغاتايدىكى بۇددا دىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلاملىشىش يولى ئېچىلىپ، بىر ئىسلام دىنى، بىر چاغاتاي تىلى، بىر چاغاتاي يېزىقىنى قوللۇنۇشقا يول ئىچىلغان. شۇزامانلاردا، ھازىرقى ئىلى رايونىدىكى ئالمالى شەھرى (ھازىرقى قورغاس ناھىيە تەۋەسىدە، پايتەخىت قىلىنغان) شەرقى چاغاتاي ۋە غەربى چاغاتاي خەلقلىرىنىڭ مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتتە بىرلىشىش تۈگۈنى بولغان ئىكەن. تۇغلۇق تۆمۈرخان گەرچە 20 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈگەن بولسىمۇ، تارىخى بۇرۇلۇش خاراكتىرلىك 3 چوڭ ئىشنى قىلغان مۇسۇلمان خان دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرى، شەرقى چاغاتاي مۇڭغۇللىرىنى ۋە بۇددىسىت ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا باشلىغان تۈنجى مۇڭغۇل مۇسۇلمان خان. ئىككىنچىسى، قاراخانىلار دەۋرىدە قوللانغان ياكى غەربى چاغاتايدا قوللانغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىنى، شەرقى چاغاتايدا ئومۇملاشتۇرغان مۇسۇلمان خان. ئۈچىنچىسى، قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، ئەلنى تىنجىتىپ، مەرىپەت، مەدەنىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرغان، مۇسۇلمان خان. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان، مىلادى 1360-يىلىدىكى بىر جەڭدە يارىلانغان، ياخشى بۇلالماي، 1363-يىلى ۋاپات بولغان ئىكەن. كىشىلەر، ئۇنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا كاتتا بىر مەقبەرە ياسىغان. بۇ مەقبەرە، 600 يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان، ھازىرقى قورغاس ناھىيە تەۋەسىدە قەد كۈتۈرۈپ تۇرماقتا. ئومۇمەن ئالغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان، مۇڭغۇل مىللەتىدىن بولسىمۇ، ياش ۋاقتىدىلا ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان. تىلى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بولغان. يېزىقى چاغاتاي ئۇيغۇريېزىقى بولغان. مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتتە، چاغاتاي ئۇيغۇر مەرىپەتى ۋە مەدەنىيەتىدە بولغان. ئەمدى، كۈنىمىزدە، بۇ كىشىنى، شەرقى چاغاتاي ئۇيغۇرى دەپ ئاتىماي، يەنىلا مۇڭغۇل (ئىسلام دىنىدا ئەمەس دىگەندەك مەنىدە) دەپ قاراۋەرسەك قانداق بۇلار؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.
2- ئەمىر تىمۇرگە باھا
ئەمىر تىمۇرنىڭ ئەجداتلىرى چىڭگىزخانغا تۇتاشقان، شۇڭا ئۇنىڭ مىللەتى، مۇڭغۇل دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما، ئەمىر تىمۇر، شەھرىسەبىزدىكى مۇسۇلمان بولغان مۇڭغۇل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دىمەك، ئۇ، تۇغۇلۇشىدىن مۇسۇلمان. ئۇ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنى قوللانغان، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتتە، ئىسلام دىنى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر مەدەنىيەتىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن. شۇڭا، ئۇنى بەزى كىشىلەر، تۈرك ياكى چاغاتاي ئۇيغۇرى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەمىر تىمۇر، 30 نەچچە يىل، ئەمىر بولۇپ تەخىتتە ئولتۇرغان. بۇجەرياندا، 4 ئەتراپقا كىڭەيتىپ كۆپ ئۇرۇشلارنى قىلغان. ئۇرۇشتا كۆپ شەھەرلەر ۋەيران بولغان، كۆپ ئادەملەر ئۆلگەن. ئەنقەرە ۋە تىرمىزىدا ئادەملەرنى تىرىك كۆمگەن. مەن بۇۋەقەلەرنى بەزى ئەسەرلەردىن كۆرگەن ھەم تۈركىيەدە ۋە ئۆزبەكىستاننىڭ تىرمىزىدا كىشىلەر ئاغزىدىنمۇ ئاڭلىدىم. ئەمما، بۇ گەپلەرنى دىگەن كىشىلەر ئاخىرىدا، قايسى خان ئۇرۇشتا ئادەم قىرمىغان، قايسى ئۇرۇشتا ئادەم ئۆلمەگەن دىيىشىپ، ئەمىرتىمۇرنى، ئوسمانلىدىن بۇرۇن، ئىسلام دىننى كىڭەيتكەن، كۈچەيتكەن مۇسۇلمان ئىمپىراتور دەپ ماختاپ قويۇشتى. ئەمىر تىمۇر قۇرغان تىمۇر دۆلىتى، 1507-يىلى ئاغدۇرۇلغىچە تەخمىنەن 137 يىل ئۆمىر سۈرگەن. بۇجەرياندا، نۇرغۇن خانلار ئالمىشىپ داۋاملىق ھۆكۈم سۈرگەن. ئەمما بۇ خانلار، يەنىلا، ئەمىر تىمۇرنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋىرلىرى ۋە چەۋىرلىرىدىن بولغان. مەن، ئوقۇپ باققان، ئاڭلاپ باققان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن، ئەمىر تىمۇرگە مۇنداق باھا بېرىمەن: بىرىنچىسى، مۇشۇ ئۆتكەن 137 يىلدا، شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوسمانلى تۈركلىرى دىگەندەك چېچىلىپ كەتكەن تۈرك قەۋمىنى ياڭىباشتىن بىرلەشتۇرگەن. ئۇلارنىڭ ئىسلام دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەرىپەت، مەدەنىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇلغان ۋە كىڭەيتىلگەن. ھەربى ئىشلار، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە قانۇن ئىشلىرىنى مەخسۇس ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئىككىنچىسى، تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئەرەب تەرەپلەردىن نۇرغۇن ئالىملارنى، ھۆنەرۋەن ئۇستىكارلارنى سەمەرقەنىتنى مەرگەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىياغا توپلىغان. ئۈچىنچىسى، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرغان، كاتتا مەدىرىسلەرنى (ئالى مەكتەپ)، ئوردا سارايلارنى سالغان. نۇرغۇن مەرىپەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن. تۆتىنچىسى، ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشلىگەن. ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە سودا سېتىقنى تەرەققى قىلدۇرغان. بەشىنچى، كاتتا ھىكمەتخانىلارنى قۇرۇپ، ئاسترونومىيە، پەلىسەپە، جۇغراپىيە، تىبابەت، ماتىماتىكا، فىقىھشۇناسلىق، گىئومېتىرىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلىملەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئالتىنچىسى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنى كېڭەيتكەن. سەمەرقەنت، بۇخارا، ھىرات، ئۆرگەنىچ قاتارلىق شەھەرلەرنى، ئىسلام دىن، پەننى ئىلىم ۋە قول ھۆنەۋەنچىلىك ھەم سودا سېتىق، قاتناش مەرگەزلەرىگە ئايلاندۇرغان. ئومۇمەن ئالغاندا، تىمۇرىلەر زامانىسىدا، خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى، «ئۇيغۇر پەلىسەپە تارىخى» دىگەن ئەسەردە ئىزاھلىغاندەك، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، ئىران، ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق جايلاردا يەنە بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرىلدى. نېتىجىدە، سەمەرقەند، ھىراتنى مەرگەز قىلغان يەنە بىر مەدەنىيەت ئۆركىشى مەيدانغا چىقتى. پەن ئالىملىرى بۇنى، «كەنجە ئۇيغىنىش» دەپ ئاتىدى. دەپ يازغاندەك، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتتە چوڭ ئۇيغۇتىش بولدى. مىنىڭ بىلىشىمچە، تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق بىر داڭلىق كىشىگە كىشىلەر باھا بېرىشىدۇ. ئەمما، باھالار ھەر خىل بولۇدۇ. پەيغەمبەرلەردىن باشقا كىشىگە بېرىلگەن باھالارنىڭ 100 پىرسەن ياخشى ياكى يامان دىگەنلەرنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم. مەن، مەزگۇر ئەسەرىم ئارقىلىق، بۇ تارىختا ئۆتكەن ئىككى تىمۇر (تۆمۈر) ئاتلىق كىشىنى 100 پىرسەن توغراقىلغان، ياخشى قىلغان ياكى يامان قىلغان دەپ ئېيتالمىساممۇ، ئومۇمىلىقنى، بىرلىكنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئاساستا 70 پىرسەن توغرا قىلغان، ياخشى نىيەتلىك، چاغاتايلىق ئۇيغۇر كىشىلەردىن دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز، ئۇلۇغبېك، ئەلىشىر نەۋائى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللامەلىرىمىزنىڭ ئۆمىر بايانلىرى، سەمەرقەند، بۇخارا، قەشقەر قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە ساقلىنىپ قالغان شۇ دەۋىر قۇرۇلۇشلىرى، مازارلار، مەقبەرىلەر، يەنە نۇرغۇنلىغان ئەدەبىياتلار ئىسپات بولالايدۇ.
بايان ئاخىر
مەن يوقۇرىدا، ئۆزەمنىڭ شەخسى چۈشەنچەم بۇيىچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن ئەمىر تىمۇرگە ھەم ئۇلارنىڭ خانلىق دەۋرىگە قىسقىچە باھابېرىپ باقتىم. ئۇشبۇ ئەسەرنى يازىشتىن بۇرۇن، بۇ مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنىڭ بار-يوقلىغىنى بىلمەيمەن. ھەم بۇنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. پەقەتلا، بۇرادەرلەرنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىغا قارىتا، بۇ مەزمۇندا يازىپ بېقىش ئىستىگى قوزغالدى. مەن ئەمدى، تارىخ توغرۇلۇق ئەسەر يازماسمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ، پىكىردە ئورتاقلىشىش سەۋەبىدىن بۇ ئەسەرنى يازىپ قويدۇم. خاتاسى بولسا، تۈزۈتۈپ قويۇرسىزلەر.
|