قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8206|ئىنكاس: 227

تۈركىيەدە ياكى مىسىردا دىگەن يازمىغا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

276

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55931
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 17:13:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   گۈلەن توغرۇلۇق كۆپ بىلـمىسەممۇ، ئۇنىڭ يازغانلىرىغا ئانچە ــ مۇنچە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ كېلىۋاتىمەن، لىكىن قاچاندىن باشلاپ يازما يېزىشقا باشلىدى بۇنىسى ئىسىمدە يوق. قانداقلا بولـمىسۇن ئۇ يازمىلىرى ئارقىلىق خەلقىمىز ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى، بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئەمما ئۇنىڭ يىقىندا گۆدەكلەرچە يازغان بىر نەچچە يازمىسى مىنى بىئارام قىلىش بىلەن بىرگە ئۇشبۇ رەددىيەنى يېزىشىمغا قىستىدى. دىن ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ئۆزۈمگە ھەقلىق دەپ قارىدىم.
  گۈلەن ئەپەندىم، سىزنى تۈركىيەدە ئوقۇغان دەپ ئاڭلىغانتىم، ئامرىكىدا ئوقۇغانلىقىڭىزنى يازمىڭىزدىن بىلگەنتىم. كونىلاردا « شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورق » دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا سىزنى نەزەر دائىرىسى كىڭەيگەن كىشى دەپ ھىسابلايتتىم. ئەمما مەسىلىلەرنى بۇنداق يۈزەكى، ئاساسسىز تەھلىل قىلىشىڭىز ــ كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭەيسىلا بىلىملىك بولـمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى. ئۆمرە قىلغاندىن كىيىنكى يازمىلىرىڭىز بۇنىڭ دەلىلى. بۇنى ئەقلى بار، ئىنساپلىق كىشىلەر ھىس قىلالايدۇ.
   « دوللار قارى » ۋە  « كەئبىنىڭ ئورنى » قاتارلىق يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن، ئۇ يازمىلار ماڭا سىز يازمىغاندەك تەسىر بەردى، مەن بىلىدىغان « گۈلەن » ئۇنداق يەڭگىلتەكلىك بىلەن يۈزەكى پىكىردە نەرسە يازمايتتى. كىيىن ئۇ يازمىلىرىڭىزغا  ئىنكاس ۋە رەددىيەلەر يېزىلدى. مەن بۇ يەردە ئۇ يازمىلار ھەققىدە ئالاھىدە توختالـمايمەن.
« تۈركىيەدە ياكى مىسىردا » دىگەن يازمىڭىزغا كەلسەك، بۇنىڭغا ئازراق پىكىر قاتناشتۇراي:
   سىز يازمىڭىزدا « ئۇيغۇردىكى مىسىر ــ تۈركىيە ئىككىلىنىشىگە بەزى تەۋسىيەلەردە بولغۇم كەلدى » دەپسىز. بۇ ساۋاپلىق  ئىشىڭىزغا لايىق رەۋىشتە مۇكاپاتقا ئىرىشكەيسىز. ئەلۋەتتە سىز تۈركىيەنىمۇ ياكى ئامرىكىنىمۇ تەشەببۇس قىلىشقا تامامەن ھەقلىق، چۈنكى سىز ئۇ يەرلەردە ئوقۇغان، چۈشىنىسىز. ئەمما مىسىر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن توپلاپسىز. ئاندىن ئىككى دۆلەتنىڭ قايسىسىدا ئوقۇماقچى بولغانلارغا تۈركىيەنى تەۋسىيە قىپسىز. بۇ ئىشىڭىزنى كەينىڭىزدىن داپ كۆتۈرۈپ تۇرغانلارمۇ سەل قېتىرقىنىپ ئوقۇسا كۈلگىسى كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمرىدىن ھاپىلا ــ شاپىلا قايتىپ كېلىپ، يازغان يازمىڭىزدا تەنتەكلىك قىلىپ، بىر مۇنچە خاتا ۋە ئاساسسىز گەپلەرنى قىلغانلىقىڭىز سەئۇدىدا ئوقۇۋاتقان قىرىندىشىمىز تەرىپىدىن ئاشكارا بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقتى.
   سىز مىسىر ھەققىدە كىمدىن سورىدىڭىز؟ مۇشۇ كۈندە بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنىڭ دىگەن گېپىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋاقىتمۇ؟ ئەگەر سىزدە مىسىر ھەققىدە بىلىش زۆرۈرىيىتى تېپىلسا، قولىڭىزدا پاسپورتىڭىز باربولغاندىكىن ئۆزىڭىز كېلىپ، كۆرۈپ، چۈشىنىپ ئاندىن بىر نەرسە يازسىڭىزمۇ بولاتتى. بۇ تەنتەكلىكىڭىز ئوبرازىڭىزغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
   مەن ئۆزۈم مىسىردا ئوقۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، مىسىرغا يان باسماقچى ئەمەسمەن، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز، چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى بىلىدۇ. مىسىردا سىياسەت تۈگۈل ئەڭ ئاددىيسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسلامغا، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەدەپ ــ ئەخلاقىمىزغا يات، ئەيىپلىنىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ. بىراق مەن ئۇلارنى سۆكمەيمەن، چۈنكى « سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى» . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ يەردىكى ۋەزىپىمىز خەقنى كۈزىتىپ، باھالاش ياكى ئۇلار توغرىسىدا ساياھەت خاتىرىسى يېزىش ئەمەس، بەلكى بىلىم ئېلىش. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئالىدىغاننى ئالىمىز، ئاندىن قايتىمىز. ئەمدى مىسىردىن قاقشايدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاساسەن ئاتا ــ ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئوقۇغىلى چىققانلار، ياكى بۇ ئوقۇشنى تاللاپ بولۇپ، ئوقۇش تەس كېلىپ، پۇشايمان قىلغانلار ياكى ئاشۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا ــ ئانىسى ياكى تۇققانلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئوقۇشقا رەسمىي بېلىنى باغلىغان ئادەم ئۇنداق ئىشلارغا پەرۋا قىلـمايدۇ. مىسىردىن قاقشاشنى ئوقۇشى ياخشى ئەمەسلەردىنلا ئاڭلاپ كەلدىم. ئۇلار مىسىرنى سۆكۈپ شىئىرلارنىمۇ يېزىپ باققان بولدى، بۇ يەردىن كېتىش ئۈچۈن ئاتا ــ ئانىلىرىغا يالغان گەپلەرنى قىلىپ مۇرادىغا يەتكەنمۇ بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ئۆزى بىلەنلا تۈگىمىدى. سىزدەك مىسىر ھەققىدە ئۇچۇرغا مۇھتاج بولغانلارغا ۋە مىسىرغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە ئىككىلىنىۋاتقانلارغا سەلبىي ياردىمى بولدى.
     ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كىيىنكى خىزمەت مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلاردىن ھىچ بىركىشى تىخى مىسىرنىڭ بىرەر تەلىم ــ تەربىيە ئورنىدا ئىشلەپ باقمىدى، چۈنكى بۇ « ئىلىمنىڭ مۇنارى » دەپ نام ئالغان مەشھۇر مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ ساھىبى بولـغان دۆلەت بولغاچقا، دىندا ئوقۇغان يەرلىك ئادەم يېتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ، نوپۇسنىڭ كۆپلىكى، ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بولسا كىرەك، بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ بەزى دوكتۇر پۇقرالىرىنىڭمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلالـمايۋاتىدۇ، ئۆزى دوكتۇر تۇرۇپ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن قوشۇمچە تاكسى ھەيدەۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا بىر چەتئەللىككە خىزمەت نەدە تۇرۇپتۇ؟؟  
    جەمىيەت، ئۇيۇشما، گېزىت، ژۇرنال بەرپا قىلىش ياكى شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىغا كەلسەك، شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بولسا، ۋاقىت بولسا، يەنە تىخى ئىقتىساد بولسا ئاندىن بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى ۋەتەندە قىلشمۇ بەسىمۈشكۈل. بىلىشىمچە، سىزنىڭ ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش ئىشىڭىز ھىچقانداق قانۇن ــ سىياسەتكە زىت كەلـمەيتتىغۇ دەيمەن؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە ئۇنى قۇرالىدىڭىزمۇ؟ ياق، قۇرالـمىدىڭىز. نىمىشقا؟ بۇنىڭ جاۋابىنى سىز مەندىن ياخشىراق بىلىسىز. شۇڭا سىز « موللاملار مۇنچە يىلدىن بېرى ئوقۇپتۇ، ئۇنى قىلـماپتۇ، بۇنى قىلالـمىدى » دىگەن گەپنى قىلـماڭ. اللە خالىسا قىلىمىز. ھەم قىلىۋاتىمىز، ئەگەر قىلاممىساق سورىقىنى ئۆزىمىز بېرىمىز. سىزنىڭ ئەزۋەيلەپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز. ئېغىزىڭىزدىن « 3000 ئوقۇغۇچى » دىگەن گەپ ئاسانلا چىققىنى بىلەن، بۇ سان ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، گەرچە ئۇلارنى قولىدىن بىر ــ بىرلەپ تۇتۇپ، ساناپ باقمىغان بولساممۇ، شۇ سانغا يەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بەلكىم يىرىمىلا ئارتۇق. ئارتۇق ئەمەسمۇ دەيلى، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى شۇ سانغا يەتكىلى قانچىلىك بولدى؟ مەن كەلگىلى تۆت يىل بولاي دىدى، شۇ چاغدا تەخمىنەن چوڭ ــ كىچىك بولۇپ 350 ئۇيغۇر بار ئىكەنتۇق. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل مابەينىدە بۇ سان نەچچە ھەسسىلەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى. شۇلاردىن مۇشۇنچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيۇشما، جەمىيەت بەرپا قىلىشنى، شىركەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟؟
     مىسىردىكى ئوقۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىگە كەلسەك، بۇ ئوقۇش ھەقىقەتەن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان ئوقۇش. چۈنكى بۇ دىن ــ مۇكەممەل بىر ھايات ئەندىزىسى، ئۇ ئىنساننىڭ تۆرىلىشىدىن بۇرۇنقى ئىشلاردىن تارتىپ، ئۇنىڭ يارىلىپ، تۇغۇلۇپ، ياشاپ، ئۆلگىنىدىن كىيىنكى ئىشلارغىچە بارلىق چېتىشلىق ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەلكىم بۇنى ئوقۇشقا بۇ ئۆمرىمىز يېتىشمەيدۇ. بۇ ئوقۇش سىز دىگەندەك ھەر قانداق جايدا، ھەر قانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان ئوقۇش ئەمەس. ئەگەر شۇنداق دىيىلسە مالايسىيادا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بار، ۋەھالەنكى مىسىردا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مالايسىيالىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ. تۈركىيەدىمۇ سىز دەپ ئۆتكەندەك مەخسۇس دىنىي  ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتلار بار، دەرۋەقە مىسىردىكى تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ سانىمىزدىن ئاز ئەمەس. بىزنىڭغۇ ئوقۇغۇدەك يېرىمىز يوق بۇ يەرگە كەلدۇق. شۇ مالايسىيالىق ئوقۇغۇچىلار قىتئە ئاتلاپ، بۇ مۇستەبىت دۆلەتكە كېلىپ ئوقۇپ، نىمە قىلىدىغاندۇ؟! شۇ تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ھەممە يەردە ئەرەب مۇساپىرلىرى بار، يەنە تىخى ئەرەبچە سۆزلەيدىغان كىچىك شەھەرلىرى بار، ئەرەبچە پاراڭ قۇلاقلارغا كىرىپ تۇرىدىغان گۈزەل ۋەتىنىنى تاشلاپ، نىمىشقا مىسىرغا كىلىپ ئوقۇيدىغاندۇ ؟! ئۇلار ئەرەب تىلىنى ئىستانبۇلنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىنمۇ تېپىلىدىغان ۋىۋىسكىلاردىن ئۆگىنىۋالسا بولـمامدىغاندۇ؟!
    سىز يەنە يازمىڭىزدا مىسىر ۋە تۈركىيەدە بولۇپ 3700 دىن ئارتۇق دىندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ ھاياجان بىلەن سۇئال قويۇپسىز، يەنە تىخى ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئاتا ــ ئانىلارنىڭ كۆڭلىدە باللىرىنىڭ كىيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەسەۋۋۇرنىڭ يوقلىقىنى دەپسىز، ئەجىبا سىز شۇ 3700 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا ــ ئانىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقتىڭىزمۇ؟؟ سەمىمىيلىك بىلەن دەپ باقسىڭىز شۇ ئاتا ــ ئانىلارنىڭ قانچىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ باققانسىز؟ گويا شۇنچە كۆپ كىشى يىلىغا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ بالىسىنى چەتئەلگە ھىچبىر نىشانسىز چىقىرىپ قويىۋاتقانمىدۇ؟ ياكى سىزگە شۇنداق ئەخمەق  ياكى ئابرويپەرەس كىشىلەرلا ئۇچرامدۇ ؟
    ئەزھەرگە كەلسەك، ئۇ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىگە ئىگە قەدىمىي مەكتەپ، ئوقۇتۇش پروگراممىسى بەك ئىسىل، ھەتتا دۇنيادىكى بەزى مەشھۇر ئىسلام ئۇنىۋىرسىتېتلىرىنى ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە ئوقۇتۇش قوشۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما ئەزھەرنىڭ ئۆزىدە ئوقۇتۇش قوشۇنى يىتەرلىك بولسىمۇ، پروگراممىنىڭ ئەمىلىيلىشىشى خىلىلا تۆۋەن. شۇنداق بولغاچقا ئوقۇشنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىرى بولـىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پىشقەدەم ئۇيغۇر ئۇستازلىرىمىز بىزگە ئەزھەردە ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلەرنى ياكى شۇنىڭغا يانداش دەرسلىكلەرنى تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىز ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە ياردىمى بار.
  مىسىردا ئوقۇۋاتقان تۇڭگانلارنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرسەك بەلكىم ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇندۇر، ئۇلارنىڭ سانىمۇ ئاز دىگەندە 2000 چىقار. ئۇلاردىن تارىخدىن بېرى بىر ئەزھەر دوكتۇرى چىقىپ باقمىدى. ئۇيغۇردىن ئۈچ دوكتۇرىمىز بار، بۇنداق دەپلا پەخىرلىنىپ بولدى قىلـماقچى ئەمەسمەن. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خىلى كۆپ دۆلەتتىن ئەزھەر دوكتۇرلۇقىنى ئالغان ئوقۇغۇچىلار يوق. ئۇيغۇرلاردىن پەندە نۇرغۇن دوكتۇرلار يېتىشىپ چىقتى، بۇنىڭدىن سۆيۈنىمىز. ئۇلارنى قوللايمىز. دىنىمىز ھىچقاچان پەننى چەتكە قاقمايدۇ. لىكىن زىيالىيلار دائىم خۇددى دىندا ئوقۇغانلار ئۇلارنىڭ تاۋىقىنى تارتىۋالغىلى قوپقاندەك ھە دىسىلا دىندا ئوقۇۋاتقانلار بىلەنلا قالىدۇ.   
   گەپنى يىغسام، يازمىڭىزدا قولاشمىغان يەرلەر بەك كۆپ، ئۇلارنى بىرمۇ ــ بىر دەپ بولاممىغۇدەكمەن. ئاددىيسى يازمىڭىزدا ئۈچ ئۇستازنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئاپتىكەنسىز، « ئابدۇسالام » دىگەن كىشىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، سۈرۈشتە قىلسام، ئۇ كىشى پاكىستان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر ئاۋستىرالىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىكەن، دىمەك بۇ كىشىنىڭ مىسىردا ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلـمەي تۇرۇپ يازغىنىڭىزدىن، يەنە قانچىلىك ئۇچۇرلارنىڭ يۈزەكى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئاخىرىدا سىزگە تەكلىپىم ــ ئۆزىڭىز ھەقىقىي بىلسىڭىز، يازغىنىڭىزنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا يېزىڭ، بولـمىسا « مەن نىمىشقا يازمايمەن ؟ » دىگەن ھاياجان بىلەن يېزىۋەرمەڭ، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا ئاقىۋەتتە زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز. بەزى ئادەملەر ھەقىقەتتە يازالـمايدۇ، بىراق يەنە بەزىلەر يازالايدۇ لىكىن يازمايدۇ. ئۇنىڭ يازمىغانلىقى يازالـمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، مۇۋاپىق شارائىتتا يازىدۇ. ئەگەر دىندا ئوقۇغانلارغا قارىتا تەكلىپ ــ پىكرىڭىز بولسا چىرايلىقچە يېزىڭ، قوبۇل قىلايلى. ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان، سورىقىنى قىلىدىغان ئىش بولسا ئەقەللىيسى دىنىي ساھەدىكى ئادەم سۆز قىلسۇن، سىزنىڭ بىزنى نە ئەيىپلەيدىغانغا، نە سورىقىمىزنى قىلىدىغانغا ھىچ سالاھىيىتىڭىز يوق.
uyghuray

2

تېما

1

دوست

878

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21839
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:31:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇل بالا ئەركەك

0

تېما

1

دوست

975

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18377
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجىمكام  ياخشى يېزىوتۇ

0

تېما

1

دوست

975

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18377
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: تۈركىيەدە ياكى مىسىردا دىگەن يازمىغا رەدىيە

ياخشى يېزىپلا  ھاجىمكا
uyghuray

4

تېما

43

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3642
توردىكى ۋاقتى: 1083
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:35:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مىسىرنىڭ تارىخى ئۇزۇن ،مەدىنىيەت ۋە ئادىمىيەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان .مىسىرنىڭ كۆپ سانلىق ئەرەبلەردىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ لىكىن مەدىنىيەت كۆپ خىللىقى مول .قەدىمقى مىسىرنىڭ سىھرى كۈچى بىلىم ئالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىب قىلىپ كەلمەكتە .
   ئۇيغۇرلاردىكى ‹تۈركىيە كىسىلى›نىڭ ئىغىرلىشىشى بىزدىكى يەنە قارىغۇلارچە ئۇلۇغلاش پىسخىكىسىنى ئاشكارلاپ قويدى .بىزدە پەقەت تۈركىيەنى دىموگىراتىيەلەشكەن ئىسلام ئەقىدىسى دۆلىتىدىن كىلىپ چىققان ،يىقىنداشلىق بار .ھەم بۇ كۈنسىرى ئۇلغۇيۇپ تۈركلەرنىڭ بىر بالىسى سۈپپىتىدە ئۇيغۇر بارلىققا كەلمەكتە.بىلىم تۈركىيە ئەمەس بەلكى قەدىمى مەدىنىيەت بوستانلىرىدا ،ياۋروپا ،ئامىرىكا ،ياپونىيە .بۇلاردا پەننىي بىلىملا بولماستىن بەلكى دادىغا يەتكەن دىنىي ،ئادىمىيەت بىلىملىرى ،جەمىئەت بىلىملىرى بار .
تۈركىيە بىلىم يوق دىيىشىمدىكى مەقسەت ؛تۈركىيە ئىزچىل ئاسىيادا تۇرۇپ ،ياۋروپا چۈشىنى كۆرىدىغان خىيالپەرەس دۆلەت .
   مىسىرنى تەتقىق قىلىشقا باشلانغان 500يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ،ئەجىرلىك تەتقىقاتچىلار بىلىم ئالغۇچىلارنى ئۈمۈدسىز قالدۇرغىنى يوق .ھازىرقى مىسىر نامرات ،قارىماققا قالايمىقان بولسىمۇ لىكىن ،بۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تۈركىيەدىن يۇقىرى .تۈركىيەنىڭ مەدىنىيەت تەڭپۇڭسىزلىقى يۇقىرى بولۇپ ياۋروپاغا يىقىن تەرىپى بىلەن ئاسىياغا قارىغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن تۇتاشقان جايلىرى يەنىلا قالاق ھالەتتە .

0

تېما

3

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48349
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىنقى قېتىم بىر مۇنازىرىدە بىر ئادەم: ھازىر نۇرغۇن ئىسلام دىنىغا ئايىت پىكىرلەرنىڭ پەقەتلا لوزىنكا ئىكەنلىكىنى، ئارقىدا ھېچ بىر ئىلمى دەلىلنىڭ يوقلىقىنى دىگەن ئىدى.
بەزىلەر تەقدىر مەسىلىسىدە قەلەم ئوينىتىپ ئۇنى تۈزىتىپ بولالماي تېخىمۇ خاتا يولغا كىتىپ قالدى.
گۈلەنمۇ يېقىندىن بېرى بەك سەزگۈر تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىۋاتىدۇ. ئىشىنىدىغان يازغۇچىلار يازغان مەمۇلاتلارنىڭ توغرىلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بولسە دەيمەن. بىر دۆلەتكە بېرىپ  بىر ئىككى ئادەمنى تۇنۇپلا ،بەزىدە ھەتتا بېرىپمۇ باقمايلائۇ دۆلەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلىش بەك يۈزەكى بولۇپ قالامدۇ قانداق. دىسەك يەنە شۇ، ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن.
يازغۇچى ئۆزىنىڭ كەسپىدىن چەكنەپ كەتمىسۇن، فىزىكىچى فىزىكىسى ئارقىلىق ئىسلامدا، مىللەتكە تۆھپە قوشسۇن، فىزىكىچى مۇفتى بوپ، مۇللىلار ئىلمى نۇنازىرە قىلىپ، يازغۇچىلار سىياسىيون بوپ قالايمىقان بوپ كەتتى دەيمەن ماۋۇ مۇنبەر.

0

تېما

0

دوست

172

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54980
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adiliy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 19:55  

رەددىيەنامىڭىزنى ئۇقۇپ 80-90 -يىللاردىكى مەسچىتلەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق تالاش-تارتىشلار ئىسىمگە كەلدى.شۇ چاغلاردىمۇ سىزگە ئوخشاش ھاياجانچى تالىبچاقلار بار ئىدى،ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ھاياجانچى ئىدى،ئۈزى بىر ئىش قىلالمايدىغان،قىلغانلارنىىڭ كەينىدىن تىللايتتى،قۇرۇق تالاش-تارتىشلارنى قىلماڭلار دىسە شۇ كىشىنى مۇناپىقلىق بىلەن قارىلايتتى،سالاھىييەتسىزلىك بىلەن ئەيبلەيتتى،ھۆرمەت قىلمايتتى،دوقلىرى جىق ئىدى...سىزنىڭ ماۋۇ ماقالىڭىزنى ئۇقۇپ ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىم،ئەمەلىيەتتە  ئابدۇۋەلىي مۇئەللىمنىڭ يازمىسىدا سىزنىڭ بۇنچە ئاچچىقلاپ دەپ كەتكۈدەك يامان سۆزلەرمۇ يوقتى،مۇئەللىم باشقىلار سورىغاندىن كيىن ئاندىن جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئاتايەن قەيد قىپ ئۆتكەن ئىدى،ھەم چوقۇم سىلەر پالانى يەردە ئۇقۇشۇڭلار كىرەك دەپ قامچا بىلەن خەقنى مەجبۇر قىلغان ئىشمۇ يوق ئىدى،قىسقىسى بەندە خاتامۇ توغرىمۇ سۆزلەيتتى،ئىشقىلىپ سۆزلەۋاتاتتى،ئۇ سۆزلىسە نەرىڭلارغا تاقاشتىكى بەكمۇ ئاچچىقلاپ كەتتىڭلار،ياكى تەسىر-دائىرە تالىشىۋاتامسىلەركى پەقەت بىلگىلى بولمىدى،ئەمەلىيەتتە سىلەر تالىپچاقلار بىر-بىرىڭلار بىلەن چىقىشالمايدىكەنسىلەر،مەسىلەن؛سەئۇدىيدا ئۇقۇغانلار بىلەن پىكىر بىرلىكىڭلار يوق،بۇنى سىلەر مەندىن ئۇبدان بىلىسىلەر،ئەگەر پىكىر بىرلىكى بار دىسەڭلار بۇ قەتئى يالغان،ئىشقىلىپ ئاللىكىملەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ تۇرمىساڭلار ئىچىڭلار پۇشۇپ قالىدىكەن،بولمىسا ئابدۇۋەلىيدا بەندىچىلىكتە چوڭ مەسىلە يوق،لېكىن سىلەر پىرىسىپقا كۆتۈرىۋاتىسىلەر،ئەمەلىيەتتە ئۇنچە قىپ كەتكۈدەك ئىش يوقتى......ئەپسۇس!سېسىتىش باشلانغاندەك تۇرىدۇ،مەقسىدىڭلار ئۇ يازمىسۇن دىمەكچىى،شۇنداقمۇ؟گەپنىڭ ھەممىنى سىلەر قىلساڭلار باشقىلار قىلمىسۇن دىمەكچى...شۇنداقمۇ؟مىسىرغا بارغىلى ئۈچ بولغان تالىپچاق سىز شۇنداق قىلىۋاتىسىز،ئاللاھىمدىن سىزگە كەڭ قورساقلىق،ساغلام ئەقىدە،يىراقنى كۈرەر كۆز....تىلەيمەن!!!!!،

0

تېما

1

دوست

975

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18377
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز تالىپچاق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )