قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1559|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئابدۇغوپۇر:رۇمىي پىكىرلىرىدىن ئويلىنىشىم ــ ئۈمىد ئۈزمە، ئۆزۈڭن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1472

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 18:45:07 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

رۇمىي پىكىرلىرىدىن ئويلىنىشىم ــ ئۈمىد ئۈزمە، ئۆزۈڭنى تونۇشۇڭ ئىچىڭدىندۇر

ئابدۇغوپۇر ئابدۇرەھمان شېرىپ
(فىلولوگىيە ماگىستىرانتى)



   ئۈمىد قىلىمىزكى، بىزنىڭ بۇ سۆزلىرىمىزنى ۋۇجۇدىڭىز قۇلاققا ئايلىنىپ ئاڭلايسىز.
ئەگەر ئىچىڭىزدە سۆزىمىزگە خەيرخاھ بىر تۇيغۇ بولمىسا، ئېيتقانلىرىمىزدىن نەپ يوق①.
ــ جەلالىددىن رۇمىي


دەرەخكە نەملىك ئالدى بىلەن يىلتىزدىن كەلمىسە، سەن يۇقىرىدىن قۇيغان سۇ ــ بىھۇدە②.
ــ جەلالىددىن رۇمىي




كىرىشمە
«قۇياش بىلەن ئۇچرىشىش ــ رۇمىي ۋە تەبرىزى مىسالدا» [1] ناملىق يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇشۇ قاتاردىكى تېمىلارغا قىزىقىۋاتقان ئوقۇرمەنلەردىن نەچچىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى يەتكۈزۈشتى. پىكىردىن پىكىر تۇغۇلغاچ ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىۋالدىم. جەلالىددىن رۇمىي شەرققە تەۋە گىگانىت مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسەرلىرىدە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قۇرلارنى، ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېگى-تۆپى بار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا، بەزى قاراشلىرىنى يەككە بىراۋ ئۆز ئالدىغىلا چۈشىنىپ مەناسىنى يېشىپ بولالمايىتتى. مۇنداق دەمدە پىكىر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىمۇ جەلالىددىن رۇمىينى چوڭقۇرلاپ چۈشنىشتە ئوبدان بىر يول بولاتتى. نىھايەت،«رۇمىي پىكىرلىرىدىن ئويلىنىشىم ــ ئۈمىد ئۈزمە، ئۆزۈڭنى تونۇشۇڭ ئېچىڭدىندۇر»ماۋزۇلۇق بۇ يازما جەلالىددىن رۇمىينىڭ دېگەنلىرىنى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئويلىنىش،  چوڭقۇرلۇق ھېس قىلغان پىكىرلەردىن تەسرات تېپىش، تېخىمۇ مۇھىمىي بۇ توغرىسىدا پىكىرلەشكۈچىلەرنىڭ زەرەتلىشىدىن يورۇققا چىقتى. بۇنى «قۇياش بىلەن ئۇچرىشىش ــ رۇمىي ۋە تەبرىزى مىسالدا»ناملىق يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى دەپ ئاتىساق تامامەن بولىدۇ. ئەمما «قۇياش بىلەن ئۇچرىشىش ــ رۇمىي ۋە تەبرىزى مىسالدا»ناملىق يازمىدا جەلالىددىن رۇمىي بىلەن شەمسىددىن تەبرىزىنىڭ ئۇچرىشىشى ئاساسى تېما بولسىمۇ، مەزكۇر يازما بۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان يول تۇتىدۇ. ئويلىنىشمۇ ھەم شۇ قاتاردا بولۇپ، بۇ تور، مۇنبەرلەردە «جەلالىددىن رۇمىي ھېكمەتلىرى»،«جالالىددىن رۇمىينىڭ دېگەنلىرى» قاتارلىق ماۋزۇلاردا ئېقىپ يۈرۈۋاتقان پارچىلارنى كۆرگەندىن كېيىنكى بىردەملىك ئويلىنىش بىلەن پەرق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇمىينىڭ يۇلۇپلا ئېلىۋىلىنغان شۇ بىر قۇر گۈزەل سۆزى شۇ دەمدە گۈزەل بىلىنىپ قاتتىق ئىستىتىك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما زادى نېمە دەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچە ئۇنداق چىن بولماي قالىدۇ. چۈنكى سۆز گۈزەللىكى بىلەن مەنا گۈزەللىكى ئايرىم نەرسە ئىدى، شۇڭا داۋاملىق ئويلىنىشنى لايىق تاپتىم. ھالبۇكى، جەلالىددىن رۇمىيمۇ ئەسلىدىن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇتەپەككۇر ئەلۋەتتە. رۇمىي«مىڭ يىللار ئوقۇساميۇ نېمىنى بىلدىڭ دېسە، ھەددىمنى دېگەيمەن»دېگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەنمۇ ھەددىمنى بىلگۈچىمەن.

ئۈمىد توغۇرلۇق «ناخشا» ــ ئۈمىد ئۈزمە
   «ئۈمىد ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرۈكى»، «ئۈمىد ئادەمنى قايتا تىرىلدۈرەر». مەلۇمكى، خەلقىمىزدىكى «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار»دېگەن ماقال، بىزنىڭ ئۈمىد ھەققىدە ئاڭلىۋالغان ئاشۇ جۈملىلەرنى خالىغىنىمىزچە ئىشلىتىشىمىز ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. ئەگەر بىرەرى قايغۇدا ــ ئاسماندىن بىراقلا يەرگە چۈشكەندەك بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي[2] ــ يەنە ئۈمىد ئۈزمىسە ئۇنىڭ ئاشۇ ھالەتتىن قۇتۇلالايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئالەممۇ مەينەتچىلىك بىلەن تولغان كۆپۈكتۇر، پەقەت بۇ كۆپۈك دېڭىزنىڭ چايقىلىشى، ئويناقلىشى ۋە كۆپۈپ قاينىشى بىلەن پاكلىنىدۇ، ساپلىنىدۇ، گۈزەللىشىدۇ[3]، پەقەت شۇنىڭدىنلا ئۈمىد ئۈزۈلمىسە مۇرادنىڭ يېرىمى ھاسىل. مەۋلانا ئېيتىدۇ: زامانىمىز ئالىملىرى قىلنى قىرىققا يارىدۇ، ئۆزلىرىگە باغلىق بولمىغان مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ناھايىتى مۇھىم، ئۆزلىرى ئۈچۈن يېقىن بولغاننى، يەنى ئۆزلىرىنى بىلمەيدۇ[4]، پەقەت ئۆزىنى بىلىشتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك ئۇنى ئۆزىگە قايتا بىلدۈرەلەيدۇ. ئىنسان ئەسلىدىن ئۆزىنى ئىزدەش ئېڭىغا ئىگە بولۇش بىلەن ھەر تەرەپكە قاتىراپ باقىدۇ. ئۇنى ئاشۇنداق قاتىرىتىۋاتقان نەرسە نېمە؟ يەنە نېمىدىن تەما كۈتىدۇ، بەلكىم بىر ئۈمىدكە قاتتىق ئىشىنىۋاتقان بولىشى ئېھتمال. پەقەت ئۈمىدنى ئۈزمىگەن كىشى ئۆزىنى ئىزدەپ تاپالايدۇ، دەپ قارىغىنىمىزدا سوئالغا ئازراق جاۋاب چىقىشى مۇمكىن. ئىنسان ئۆزى سۆيگەن نەرسىسىگە ئىنتىلىدۇ، ئۇنى ئىزدەيدۇ. ئەمما تاپالماي ئارقىغا قايىتىدۇ [5]، بۇنداق چاغدا ئۈمىد ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى ئۈمىد ئۈزمىگەندە ئىنتىلگەن نەرسە قايتا زاھىر بولۇشقا باشلايدۇ. قايىسىلا ۋاقىتتا بولسۇن مەھرۇمىيەتتتىن ئازابلىق تولغۇنىۋاتقان ئادەمنى ئاشۇ ھالىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايدىغىنى نېمە؟ يەنىلا ئۈمىدتۇر. ھاياتىنىڭ ناخشىسىنى بەك ياڭراتقان بىرى بارۇ، ئۇنىڭمۇ بىرەر نەرسىدىن ئۈمىدى ھاسىل ئەمەس، دېمەك ئۇمۇ پۈتۈنلەي ئۈمىدكە مۇھتاج. ئەمسە قاراپ باقايلى قايسىبىرىمىزنىڭ ھالى ئۈمىدكە مۇھتاج ئەمەسكەن. ئەگەر غېمى ياكى ئەندىشەسى پەقەت يوق ھايات ئادەمنى تېپىش مۇمكىن بولسا، ئۇنداقتا ئۈمىدكە ئېھتىياج بولمىغان، ئۈمىد ئۈزۈلگەن بىر ئادەمنى ئۇچراتتۇق دېگەن گەپ. ياشاشنىڭ ھېكىمىتىنى، ئۆزى ئېھتىياج قىلغان نەرسىدىن ئۈمىد ئۈزمىگەندە مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىدىغىنىنى بىلگەنلەرنىڭ مىسالى تالاي، مەۋلانا مۇنداق مىسال ئالغانىدى: مەجنۇن لەيلىنىڭ يۇرتىغا كېتىۋېتىپ، ھوشى جايىدا ۋاقىتلىرىدا ئېتىنى ئالدىغا ماڭدۇراتتى، ئەمما خىيالى لەيلىگە كەتكەندە ئۆزىنى ۋە تۆگىسىنى ئۇنتۇپ قالاتتى. شۇ چاغدا تۆگە قىشلاقتىكى بوتلىقىغا تارتىشىپ ئارقىسىغا قايتىپ كېتەتتى. قىشلاققا كېلىشى بىلەن مەجنۇن ئۆزىگە كېلىپ ئىككى كۈنلۈك يولنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئۈچ ئاي يولدا يۈردى. ئاخىر،«بۇ تۆگە بېشىمغا بالا بولدى» دەپ، تۆگىدىن چۈشۈپ پىيادە يولغا چۈشتى[6]. مەجنۇن ساقمۇ ساق ئۈچ ئاي ئاشۇ ئۆزىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تۆگىنى مىندى، ئۈچ ئاي توختىماي ماڭدى، زىرىكمەي ماڭدى. ئاخىر تۆگىنى تاشلاپ قويدى، ۋايسىاپ باقمىدى، تۆگىنىڭ كاساسىغا ئۈچ ئاي يەنە بېرىپ يەنە يولدىن قايىتتى.  بىز بۇ يەردە ــ بۈگۈنكى كۈندە مەجنۇننى مۇنداق ياكى ئۇنداق ئاشىقلار ئۈچۈن تىللاردا داستان قىلىپ مىسال ئالماقتىمىز، ئەمسە مەجنۇننى بىز نېمىشقا شۇنچىلا تىلدىن چۈشۈرمىدۇق ــ ئۇ ئۈمىد ئۈزمىگەنىدى. ئۇنى بىر ئۈمىد كۈتىۋاتاتتى، بارار جايى ــ مەجنۇننىڭ يېنى ئۇنىڭ ئۈمىدى ئىدى. دېمەك ئۇنى شۇنداق مېڭىشقا تەرەدۇت قىلغۇزغىنىمۇ لايىق بىر ئۈمىد ئىدى.
   ئۈمىدنى ئۈزمەسلىك ئەلۋەتتە كېرەك، بۇ خۇددى ياشاش ئۈچۈن ئەڭ لازىم بولغان يېمەكلىكنى يېيىشنى قولدىن بەرمىگەنگە ئوخشايدۇ. يېيىشكە مۇۋاپىق نەرسىنىمۇ يېمەسلىك ياكى يېيەلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولماقچى؟  قاچانكى ئۈمىد ئۈزۈپ قويۇلدى، ھەر ئىشنىڭ زاۋالى يېقىن بولدى، دېگەن گەپ. ئۇ بىر ناخشا ئەمەس، ئەمما ئۇ توغرىسىدا ناخشىسىنى ياڭرىتالىغانلار ئۇنىڭغا بالدۇر يېتىدۇ. ياخشى ياشاشمۇ ئەنە شۇلاردىن بولسا كېرەك.

تونۇش ئىچىدە ۋە ئىچىدىن تونۇش
   ئىنسان نېمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەڭ ئاۋال،  كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ بىلگەن. چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا يەنە ماۋۇ مۇنداق ، ئاۋۇ ئۇنداق دەپ يېتەكلەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىر نەرسىنى ئاللىقاچان تونۇپ بولغان. ئىچىدە باشقىلارغا بىلدۈرمەستىن تونۇغان نەرسىسى ھەققىدە ئويلىنالىغان. ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازىغا دىققەت قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
  شۇنداق دەيدۇ، ئىچىدىن بولمىغان نەرسە تېشىدىن تەستە ماغدۇر ئالىدۇ. ئۈمىد قىلىمىزكى، بىزنىڭ بۇ سۆزلىرىمىزنى ۋۇجۇدىڭىز قۇلاققا ئايلىنىپ ئاڭلايسىز. ئەگەر ئىچىڭىزدە سۆزىمىزگە خەيرخاھ بىر تۇيغۇ بولمىسا، ئېيتقانلىرىمىزدىن نەپ يوق. ئاخىر ئىچىدىكى ئوغرى كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگۈچە، تېشىدىكى ئوغرى كىرەلمەيدۇ-دە.خۇددى دەرەخكە نەملىك ئالدى بىلەن يىلتىزدىن كەلمىسە، سەن يۇقىرىدىن قۇيغان سۇ ــ بىھۇدە[7]، بولغىنىدەك. دېمەككى ئىچىدىن بولمىغان قۇۋۋەت تېىشىدىن دەرەخقە يېشىللىق بىرەلمەيدۇ. ئىنساننىڭ تونۇشى، ئىچىدىكى بىلىشى ئۆز ئىچىدىن، ئۆزىدىن كەلمىگۈچە ئۇ ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇمىغان بولىدۇ. ئىنساننىڭ بىر ئوخشىماسلىقى بار دەپ ئېيتىدۇ مەۋلانا يەنى، ئىنسان كۆرۈنۈشتە ھېچ نەرسە دېمىسىمۇ، ئىچىدە ھەمىشە سۆزلەيدۇ[8]. ھەممە نەرسە ئىنساننىڭ ئىچىدە، سۆزمۇ، تونۇشمۇ شۇ. ئۆزىنى تونۇمىغان ياكى تونۇشقا ئۇرۇنمىغان كىشى، ئەلۋەتتە نېمە ئۈچۈن ياشىغان ياكى دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمىگەن كىشىدۇر. بارلىق نەرسە سۆز بولۇپ، ئىنسان ئىچىگە يۇشۇرۇنغان تۇرسا[9]، ناتونۇش مۇھىتتا قالدىم دەپ ئاھ ئۇرۇشنىڭ نە ھاجىتى.  مۇنچىنچى پەسىلدە مۇنداق بىر پىكىرنى ئۇچراتتۇق [10]، ئىنساندا شۇ قەدەر  كۈچلۈك ئىشىق، ھېرىس، ئارزۇ ۋە دەرد باردۇركى، يۈزمىڭلارچە ئالەم ئۆزىنىڭكى بولسىمۇ كۆڭلى تىنجىمايدۇ[11]. نەپىسنىڭ چوڭلىقى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ دېيىلسە، ئىنساندىكى تويماسلىقنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن دەپ قايتۇرۇش مۇمكىن. بارلىق ھېرىس، دەرد ياكى ئارزۇلارنىڭ ئەمىن تېپىشى يەنىلا ئۆزىنى تونۇشنىڭ يۈكسەكلىكىدە قارار تاپىدۇ. قاچانكى ئارزۇ قىلغاننى تاپماقچى بولغان ئىنسانغا يەنە مۇنداق بىر پىكىرنى سۇنىمىز، ھەر ئىستىگىنىڭنى ئۆزۈڭدىن ئىزلە، چۈنكى ھەممە نەرسە سەنسەن[12]. ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى بىلەلىگەن، ئۇنى قىزىشقا ماھىر بولغانلارلا ئارتۇق دەردتىن خالىي. لېكىن ئۆزىنى بىلىش، تونۇش پەقەت ئۆزىگىلا خاس، ئۆزىلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىش. بۇنىڭ ئوخشىشى يوق، ئاخىرلىشىش، باشلىنىش ھەممىسى شۇ ئادەم ئۆزىدىن. مەۋلانا دېدى، ئادەم بىر تاغقا ئوخشايدۇ. ياخشى ياكى يامان سۆزۈڭنىڭ ئەكسى ئۆزۈڭگە قايتىدۇ. مەن ياخشى گەپ ئېيتقانىدىم، تاغ يامان جاۋاب قايتۇردى دېيەلمەيسەن. بۇ مۇمكىن ئەمەس! چۈنكى تاغدا بۇلبۇل سايرىسا، ئەكىس سادا بولۇپ ھېچقاچان ئېشەك ياكى قاغىنىڭ ئاۋازى قايىتمايدۇ. ئەكىس سادا ئېشەك ئاۋازى بولسا، دېمەك، بىلگىنكى، بۇ ياقتا ھاڭرىغانمۇ ئېشەكتۇر[13].نېمىنى ھېس قىلىش مۇمكىنلىكى، پەقەت ئۆزى مۇشۇ پىكىردىن بىر نەرسىنى تۇيغانلارغا قالدۇرۇلدى. بۇلبۇلمۇ تاغدا ئۆز ئاۋازىغا ئۆزى مەستخۇش، شۇڭا بارغانچە كۈچەپ ناۋا قىلىدۇ. ئۆزى ئاۋازىنى سەزگەندە تېخىمۇ ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئىنسان تەقدىرىدىكى بارلىق ئىشلارنىڭ بۇرما نوقتىسىمۇ ئۆز ئاۋازىغا ئۆزى قۇلاق سالغاندا يۈز بېرىدۇ. چوڭلۇقنىڭ چوڭلىقى، كىچىكلىكنىڭ كىچىكلىكىمۇ ئۆزىنى قانچىلىك تونۇغان ياكى ياڭراتقان ساداسىدىن قانچىلىك رازى بولغانلىقى  بىلەن ئۆلچەنسە كېرەك.
تولۇمدىن بىر توقماق :
   جوڭگۇنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ھايات قاينايدۇ. قايناپ قايناپ ئاخىرى 2015-يىلىغا كەلگەندە«تەپەككۇر»قاينىمىمۇ پارتىلاپ چىقتى. شۇ يىلى يىل ئاخىردا بېيجىڭدا ياشاۋاتقان دوكتۇر دولقۇن قادىر ئۆزى باش بولۇپ روياپقا ئېلىپ چىققان «تەپەككۇر»پىروگىراممىسىنى بىراقلا ھەممە بىلەرمەنلەرگە جاكار قىلدى. بۇ يەردىكى بىلەرمەنلەر بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىن بارغان ئەتلەس ۋە بادام دوپپا كۈلتۈرىگە تەۋە نوپۇزلۇق كىشىلەرنى،  شۇنداقلا يەنە باشقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. دوكتۇر دولقۇن قادىر نېمە ئۈچۈن «تەپەككۇر»پىروگىراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئاز كەم ئونغا يېقىن چوڭ تېمىدا نوتۇقىنى داۋاملاشتۇردى. نوتۇق داۋاملىشىپ يېرىم بەلدىن ئاشقاندا، ئۇ سۆزلەۋاتقان سۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىكراندا، «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتۇرى، قەشقەرلىك ھەزىرىتى مەھمۇد بۇۋىمىزنىڭ، «قۇتادغۇ  بىلىگ»نىڭ ئاپتۇرى، خاس ھاجىپ ئۇنۋانىغا داخىل يۈسۈپ بۇۋىمىزنىڭ، ئۇيغۇر باخشىسىنىڭ نەسلىدىن، «خەمىسە»سى بىلەن جاھان شېئىرىيىتىنىڭ پەللىسىنى ياراتقان نەۋايى تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ئەلشىر بۇۋىمىزنىڭ سۈرەتلىرىنى بىر بىرىگە پارالىل ئۇلاپ چىقاردى. نوتۇق داۋام قىلىدۇ. سۈرەتلەرگە قاراپ تۇرغان كۆرۈرمەننىڭ زوقلىرى قايناق. دىدېكى،(بۇ يەردە ئۇزراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پىكىرنىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاق قىلدىم) بۇ ئۈچ ئەجىدادىمىز ئەسلى بىر خەلقئارالىق شەخىسلەر، ئۇلارنىڭ ياراتقانلىرى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندەك ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇنلار كىچىكلىگەن. ئۇنداقتا بۇنىڭغا كىم سەۋەبچى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز سەۋەبچى. ھېچ بولمىسا مۇشۇنداق بولىشىغا  ئۆزىمىز ئازراقتىن ھەسسە قوشتۇق. ئۆزىمىزنىڭ  قالپاق كىيدۈرۈشى ياكى كىيدۈرۈۋېرىشى بۇنىڭغا سەۋەبمۇ بولغان③.
تولۇمدىن توقماق شۇ يەردە تامام، مەھمۇد، يۈسۈپ، نەۋايى بۇۋىلىرىمىز ئەسلىدىن ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا بىزگە نۇرلۇق مەدەنىيەت، مەنىۋىيەت شامى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار جاھان مەدەنىيەت ئوچىقىغا ئوت ياققانلارنىڭ قاتارىدىندۇر، ئەلۋەتتە. دوكتۇر دولقۇن قادىرنىڭ  نەق ۋە تىتىملىق ئەسكەرتىمىسىدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلىش تۇرغانلا گەپ، ئاشۇ ئۈچ مۆتىۋەرنى تونۇش، قىممىتىنى يۇقىرىلىتىش ياكى يەرگە بىسىشتا بىز ــ ئۆزىمىزــ بارچە ئەتلەس ۋە بادام دوپپا كۈلتۈرىگە تەۋە كىشلەر بىر كوللىكتىپ سۈپىتىدە سەۋەبچىمىز. ئۇلارنىڭ قىممىتىنى تونۇش، ئاسمانغا كۆكلىتىش ئاشۇ تونۇش ئىچىدىكى تىرىشچانلىققا باغلىق بولۇپ، ئۆزىمىز (ئەتلەس ۋە بادام دوپپا كۈلتۈرىگە تەۋە كىشىلەر) ئۇنىڭغا بېشىمىزدىكى قالپىقىمىزنى كەلمىسىمۇ نىقتاپ كىيدۈرۈپ قويساق بولمىغىنى. بۇ ئەلۋەتتە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. كىم؟  ئۆزىمىز، تونۇيالمايۋاتقان ئۆزىمىزدۇرمىز.
   شۇڭا شەخسەن ھېس قىلغىنىمكى، تونۇش ئىچىدە ياشاش ياكى قىممىتىنى ئىچىدىن تونۇش ئەلۋەتتە ئەڭ ئەقەللىي ئىشمىكىن. بۇ خۇددى يۇقىرىدا بىر ھازا توختالغىنىمىزدەك ئۆزىنى تونۇشنىڭ ئاۋالقى شەرتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكىنىگىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ. يەنى تاغدىن ئەكىس سادا يانسا ئۆزىمىزنىڭ، شۇنداق پەقەت ئۆزىمىزنىڭ زۇۋانىدىن چىققان سادا يانىدۇ. ئۇ بەلكىم ئادەمنىڭ ئاۋازى، مەۋلانا كەلتۈرگىنىدەك ئېشەكنىڭ ئاۋازى ئەمەس. مۇبادا راستىنلا ئېشەك ھاڭرىسا يانىدىغىنىمۇ ئېشەكنىڭ ساداسى بولىدۇ-دە!

ئاخىرقى گەپ ــ ئۈمىد ۋە تونۇش
   مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىينىڭ كەلتۈرگەنلىرى ئەلۋەتتە نەق مىساللار ئىدى. زوق ۋە ئارزۇلار پەلەمپەيگە ئوخشايدۇ. پەلەمپەيلەر ئولتۇرۇپ دەم ئېلىشقا ماسلاشمىغان، ئەكىسچە ئۈستىگە دەسسەپ ئۆتۈلىدۇ، خالاس. ئۆمۈرىنى شۇ پەلەمپەيلەردە بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ماھىيەتنى چۈشىنىپ يەتكەن زات نېمە دېگەن بەخىتلىك – ھە [14] ! ھەربىر پەلەمپەيگە دەسسىگەندە ياكى ھالقىپ ئۆتكەندە بىر ئۈمىد كۈتىدۇ، بىر تونۇش پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈمىد، بۇ تونۇش كېيىنكى پەلەمپەيلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يۆلەك، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان كۈچ. خۇددى، رۇمىينىڭ قاياشى، شەمسىدىن تەبرىزى رۇمىيغا بېغىشلىغان بارلىق تۇيغۇلاردەك. رۇمىيمۇ شەمسى كېلىشى بىلەن ئۆز ئىچىدىن قايناپ چىقىپ، تىللاردا دائىم ئەسلىنىدىغان گۈزەل شېئىر، مىسرالارنى پۈتكەن.
بىر ئۈمىد بار دېمەكچىمەن، قايناپ چىققان بارلىق ئارزۇلارنى يۇرۇققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئارقىدىن مەڭگۈ يىمىرىلمەس قورغاندەك يۆلەكلەپ تۇرغان. رۇمىي دەيدۇ«ئۈمىد ئۈزمە»، نەدىلا بول «ئۈمىد ئۈزمە»، ئىھتىيات قىل ئۈمىد ئۈزمە[15].  بارلىق ئۈمىد ئاشۇ ئۈمىد باغلىغان نەرسىمىزدە بولغاندا ئۈمىدىمىز ھاسىل. ئۈمىد ــ يۈرەك. ئۇنىڭىدىن يېڭى نەرسە تۇغۇلىدۇ. بارلىق نەرسە ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ. ئۈمىدتىن يېڭى تونۇش ــ ئۆزۈڭنى تونۇشۇڭ پەيدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆزۈڭنى تونۇشۇڭ ئىچىڭدىن قايناپ چىقىدۇ. ئۈمىدتىن سۆيگۈ پەيدا. جەلالىددىن رۇمىي، سۆيگۈ ـــ پۈتۈن مەۋجدىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ ئىدى. ئاشىقلىقمۇ، مايسىمۇ، جانۋارلارمۇ سۆيۈشنى بىلىدۇ. لېكىن يالغۇز بىرلا تېنى، تېرىسى بىلەنلا سۆيەلەيدۇ. پەقەت ئىنسانلا جىسىم، ئەقىلىي ئىدراكى ھەم خىيال خاتىرىسى بىلەن سۆيۈشكە قادىر، دەپ ئېيتالىغانكەن[16]. ئىچىدىكىنى تېشىغا چىقىرىشنىڭ بىر يولى ــ  ئۆزىنى تونۇش. ئۆز ئىچىدىن ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىر تەرىپى سۆيگۈسى بار ئۈمىدتە يەنىمۇ رەڭ تاپىدۇ. بۇنى تونۇش ئۈچۈنمۇ كۆز كېرەك. تېىشىدىكى كۆز ئەمەس، ئىچىدىكى كۆز كېرەك. شۇنداقلا بۇنى ھېس قىلىش ئۈچۈن پىكىر كېرەك، مۇلاھىزە كېرەك. شۇڭا رۇمىي كېىسىپلاۋەتكەن،ئىنسانلار چۈشەنچىسىز (پىكىر-مۇلاھىزەسىز)ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ، جەماداد(جىسىم)ھېسابلىنىدۇ[17]. كېسەل كىشى تاتلىقنى قويۇپ ئاچچىقنى يەيدۇ، ئەمسە ئۇ نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ، ساقىيىشىغا بىر ئۈمىد باغلىغىنى ئۈچۈن. شۇنداق قاراشقا بولىدۇ، ئۆزۈڭنى تونۇشۇڭدىن ئۈمىد ئۈزمە، چۈنكى ئۆزۈڭنى تونۇشۇڭ، ئۈمىد ئۈزمەسلىكىڭدىن باشلىنىدۇ. بۇ دەل مۇيەسسەرىيەتتۇر. بەلكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك مۇيەسسەرىيەتتۇر. بۇنى پەقەت ئۇنى تونۇشۇڭ ساڭا بېرەلەيدۇ.

ئابدۇغوپۇر ئابدۇرەھمان شېرىپ

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى، ھۇدنىڭ 19-كۈنى. قۇياشلىق جۈمە.
شەھىرى غۇلجادا تامام.


ئىزاھاتلار:
[1] رادىي فىش يازغان «جالالىددىن رۇمىي» ناملىق بىئوگىرافىك ئەسەرنىڭ بەشىنجى بابىغا ئاساسەن يېزىلغان.
[2] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.7-بەت
[3] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.13-بەت
[4] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.22-بەت
[5] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.35-بەت
[6] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.21-بەت
[7] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.71-بەت
[8] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.95-بەت
[9] رۇمىي پىكىرلىرىدە سۆزنىڭ رولىنى يۇقىرى باھالىغان، ئۇنىڭ دەۋاتقىنى بەلكىم ئىچىدىن ئوييلىنىش كەلگەن بىر ھەقىقىي تونۇش بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردە شۇ كۆزدە تۇتۇلدى.
[10] «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر» نامىلىق كىتابتا  ، رۇمىي پىكىرلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالغان مىساللارنىڭ «پەسىل» نامى بويىچە ئاتىغان. بۇ يەردە يازمىدا ئىشلىتىلگەن پەسىلنىڭ قانچىنچى پەسىل ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا «مۇنچىنچى»نامى بىلەن ئېلىندى.
[11] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.78-بەت
[12] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.96-بەت
[13] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.176-بەت
[14] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.79-بەت
[15] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.12-بەت
[16] رادىي فىش:«جالىددىن رۇمىي» 129-بەت
[17] جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.73-بەت

①جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.71-بەت
②جەلالىددىن رۇمىي: «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى، 2015-يىل 1-ئاي نەشىرى.71-بەت
③ بۇ مەزمۇنلار دوكتۇر دولقۇن قادىرنىڭ 2015-يىلى12-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا، «تەپەككۇر »پروگراممىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ  بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن تور تېلېۋىزىيەلىك نوتۇقىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45314
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:06:15 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز راستىنلا ئالدىنقى قېتىمقىنىڭ داۋامى بوپتۇ. ھەقىقەتەن ياخشى پىكىرلەرنى قىپسىز. ئۆزىنى تونۇش، تونۇشتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك، ئۆزىگە كەلگەننىڭ ھەممىسى ئۆزى سەۋەبچى بولۇش قاتارلىق تېمىلاردا بۇ مۇنبەرگە ئۇزۇن بولغان بۇنداق تېما يوللانمىغىنى. داۋاملىق تىرىشىڭ.

0

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36487
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 19:10:27 |ئايرىم كۆرۈش
ھارمىغايسىز، مۇشۇنداق پىكىر قىلغاندا بىر نەرسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36843
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 17:55:49 |ئايرىم كۆرۈش
يۇسۈپ   خاس ھاجىپ يىلى  دېگەن گەپنى ياخشى ىشلىتىپسىز. يېڭىلىقتەك ھېس قىلدىم


رۇمىي راستىنلا تەسەۋۇپنىڭ پىرى دەپ اڭلىغانتىم. تىلىمۇ بەك گۈزەل
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2038

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 18:01:01 |ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسىگەرەخمەت

0

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36487
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 18:08:34 |ئايرىم كۆرۈش
Nadiruf يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 17:55
يۇسۈپ   خاس ھاجىپ يىلى  دېگەن گەپنى ياخشى ىشلىتىپسىز. يې ...

سىزگە قايىرى گۈزەل بىلىنگەندۇ ھە، بەزىلەر بۇرۇن بەك  تالاش  تارتىش قىلپ كەتكەنتى.  تىل پىرى بولۇشمۇ  تەس

0

تېما

0

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36843
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 18:11:15 |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ كۆرگەنتىم ، لېكىن جىم  تۇرۋالغان   گەپ  قىلغۇم كەلمەي.  رۇمىي  پىكىر قىلىشقا لايىق  كىشى

0

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45314
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 18:13:39 |ئايرىم كۆرۈش
قايسى يەرلىرى ياكى سۆزلىرى گۈزەل بۇ پىرنىڭ.؟

گۈزەل سۆزلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )