قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 2

مۇنازىرە سەنئىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

84

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 3358
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-19 21:37:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇنازىرە سەنئىتى

ئابدۇۋەلى مۇختەر قەشقەرى

u=1980890490,3215103611&fm=21&gp=0.jpg

    مۇنازىرە ئىنسان ئەقلىنى سىنايدىغان سۆھبەت ھەم سىياسىي جەڭدە كەم بولسا بولمايدىغان بولۇپ ئۇ سۆھبەت جىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ،شۇڭا مەن ئۆزۈم ئويلىغان مۇنازىرە تاكتىكىلىرىدىن بىر قانچىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن  :
1.باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسى :يەنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت كۈچى ۋە ئەمىر پەرمانلىرىدىن پايدىلىنىش ،قارشى تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان كۈچلەر ۋە ياكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن ياكى مەلۇم ئۈزۈندە سۆزلىرىدىن پايدىلىنىش .ھەتتاكى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز سۆزلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش .
2.قەستەن ئالماشتۇرۇۋېتىش تاكتىكىسى :قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تايانچ قاراشلىرىنى ياكى ئىسپاتلىرىنى قەستەن ئالماشتۇرۇۋېتىپ ياكى خۇنۇلەشتۈرۈۋېتىپ ئۇنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ياكى ئۆزىمىزگە پايدىسىز ئامىلنى قەستەن پايدىلىق ئامىلغا ئالماشتۇرۇۋېتىش .
3.ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش تاكتىكىسى :قارىماققا قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگە قوشۇلغاندەك قىلىپ قارشى تەرەپنى مەجبۇرىي سۆزلەتكۈزۈپ گەپنى ئۇلغايتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئەجەللىك خاتالىققا سۆرەپ كېلىپ شۇ خاتالىقلىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قاراشلىرىنى بىر يولدىلا بىتچىت قىلىش .
4.ئوتتەك قىزىغان رەقىبنى پوقتەك سوۋۇتۇش تاكتىكىسى :مۇنازىرە مەيداندا قارشى تەرەپ ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈپ ئوتتەك قىزىق ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتقاندا ھەرخىل ئاماللار بىلەن قارشى تەرەپكە سوغۇق سۇ سېپىپ ياكى ھېچنېمە بىلمەس بولۇۋېلىپ قارشى تەرەپنى ئەخمەق قىلىپ قارشى تەرەپنى ئۆزىدىن ۋە شۇ مەيدانىدىن گۇمانلاندۇرۇپ پوقتەك سوۋۇتۇش .
زادى ئىككىدىن بىرنى تاللايسەن دېگەندە شۇ مەيداندا بىز پاسسىپ ئەھۋالدا قالغان ۋاقىتتا ئىككىلىسىنى تاللىماسلىق ياكى ئۈچىنچى بىر تاللاشنى تېپىپ چىقىپ قارشى تەرەپنى ئوڭايسىزلاندۇرۇش .
5.ئەجەللىك ھۇجۇم تاكتىكىسى :ئەڭ تىز سۈرئەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز كەم يەر غۇۋا يەرلەرنى تېپىپ چىقىپ توختىماستىن ئەجەللىك زەربە بېرىش قارشى تەرەپكە پەقەتلا پۇرسەت بەرمەسلىك قارشى تەرەپنىڭ نادانلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ياكى ئەقىلىقلىرىنىڭ پىكىرىگە قارشى مۇقام توۋلاتقۇزۇش . ئەقىللىقلىرىنى تېرىكتۈرۈپ تەلۋىگە ئايلاندۇرۇش ،ئۆزى باشتىن ئاياغ سەگەك ۋە مەيدانى ئېنىق ھوشيار بولۇش .
6.زىددىيەتتىن پايدىلىنىش :قارشى تەرەپتە ھەل بولمىغان زىددىيەت بارمۇ چوقۇم تېپىپ چىقىپ شۇ زىددىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ،گېزى كەلسە قارشى تەرەپنى ئۆزئارا زىددىيەتكە سېلىپ قويۇپ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاشقا قۇترىتىش .
7.يىلاننى ئۇۋىسىدىن ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈش تېخنىكىسى :قارشى تەرەپكە بىۋاسىتە زەربە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا ،قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ گەپ ئوينىتىپ قارشى تەرەپنى تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويۇپ قورشاپ زەربە بېرىش .
8.تەسلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش تاكتىكىسى:قارشى تەرەپنى قارىشىدىكى ئىشلارنى تەسلەشتۈرۈپ سەلبىيلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش ۋە قارشى تەرەپكە ئەگەشسە نۇرغۇن دەرد-مۇشەققەت چېكىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش شۇ ئارقىلىق بىردىن-بىر چىقىش يولى ئۆزىنىڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئىسپاتلاش .
9.ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش تاكتىكىسى :مۇنازىرىدە پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىنچە شۇ مەيداندىن ئايرىلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش .
10.ساختا ئاۋام توپلاش تاكتىكىسى :ساختا ئاۋام توپلاپ قارشى تەرەپكە ھارماي تۆھمەت قىلىپ ياكى تىللاتقۇزۇپ قارشى تەرەپنى پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇش .ساختا ئاۋام ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە مەيدانىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش .
11.ئۆزىگە ئۆزى رەددىيە بەرگۈزۈش تاكتىكىسى :قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى رەددىيە بەرگۈزۈپ قارشى تەرەپنى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش ،قارشى تەرەپنىڭ ئەپتى ۋەششىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئاچقۇزۇپ تاشلاش .
12.كۆرۈنۈشتە ئاجىز ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك بولۇش تاكتىكىسى :كىشىلەرگە تۆھمەتكە قىلىۋاتقاندەك بوزەك بولۇۋاتقاندەك بەك ئازابلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ  ،ھەقىقەت يەرگە ئۇرۇلۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ ئەمەلىيەتتە قارشى تەرەپنى سەلبىي ناچار قىلىپ كۆرسىتىش .
13.مەڭگۈ ئاچچىقلانماسلىق تاكتىكىسى :مۇنازىرىدە مەڭگۈ چېچىلماسلىق .
...
مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي چۈشەنگەنلەر كۆپرەك بولسا تېخىمۇ كۆپرەك يوللارمەن بولمىسا مۇشۇ كۇپايە ،كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،بۇ يازمىنى ئاپتورنى قوشقان ئاساستا قەيەرگە چىقارساڭلار بولۇۋېرىدۇ!.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

2012

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52403
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 16:46:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت.قەلىمىڭىز ھارمىغاي

1

تېما

2

دوست

4705

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 13:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشقەرى ئەپەندىم مۇشۇ ئەقىل -پاراسەت ھېيلە-مىكىر توغرىسدا كىتاب يازسا چوقۇم دالى سۈنزى ماكياۋىللىي گىراسئەنلەردىن ئىششىپ چۈشۈپ مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلىق جاھاندارچىلىق ماھارىتىنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈشىگە ئىشەنچىم كامىل جۇمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )