قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 0

ئەجىر ۋە مۇۋەپپەقىيەت(ئارمانى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

387

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   43.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55730
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 18:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەجىر ۋە مۇۋەپپەقىيەت


ئالىم ياسىن ئارمانى


تاما-تاما كۆل تولۇر(ئۇيغۇر خەلىق ماقالى)



   يېزىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىۋتقان ئىككى ياش شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرىپتۇ.ئۇيان ئىزدەپ،بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى بىر ئاشخانىنى تپىپتۇ.ئاشخانا بىر قەدەر چوڭ بولۇپ،خىزمىتى بىر ئاز جاپالىق ئىكەن،مائاشمۇ بىر ئاز تۆۋەن ئىكەن.بۇلاردىن بىر ياش خىزمەتنىڭ چىققىنىغا خوش بولۇپ ئىشلەپتۇ.يەنە بىرى ياراتماي كىتىپ قاپتۇ.بىر يىلدىن كېيىن ئاشخانىدا ئىشلەپ قالغان ياش كوچىغا بىر نەرسە سېتىۋالغىلى چىقىپ،ھېلىقى كېتىپ قالغان دوستىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.ئۇ ئىشلەۋاتقان دوستىنى كۆرۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ.چۈنكى ئۇ مۇشۇ كۈنگىچە تۈزۈكرەك بىر ئىش ئورنىغا ئېگە بولالماي،نەچچە كۈندىن بۇيان قوسىقى ئاچ يۈرگەنلىگىنى ئېيتىپتۇ.دوستىنى ئاشخانىسىغا باشلاپ قوسىقىنى راسا تويغۇزۇپتۇ ھەمدە بىرگە ئىشلەپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.ئاشخانىدا ئىشلەپ دوستىنىڭ شۇنچە كۆپ پۇل تاپقالىقىدىن ھەيران بولغان ھېلىقى ياشمۇ ئىشلەشكە كۆنۈپتۇ.
   جەمىيىتىمزدە شۇنداق كىشىلەر باركى،كەچكىچە جەمىيەتتىن،باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىيدۇ،ئۆزلىرى قول سېلىپ بىر ئىشقاتۇتۇش قىلمايدۇ.بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشنى ئويلايدىيۇ،پۇلنى قانداق قىلىپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىلچە باش قاتۇرمايدۇ.چوڭ سۆزلەشتىن قالمايدىيۇ،كىچىك ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ باقمايدۇ.
   بىر دوستۇم بولىدىغان،يېقىندا ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن نەچچە يەردىن ئىش ئورنى تاپقان بولساممۇ بىرنى ئۇنداق،بىرنى مۇنداق دەپ ياراتماي ئاخىرى مېنىمۇ بىزار قىلىپ ئىشسىز يۈرىيدۇ.
   جەمىيىتىمىزدە يەنە مۇشۇنداق كىشىلەردىن نەچچە مىڭى بار،يە چوڭىنى قىلالمايدۇ،كىچىگىنى ياراتمايدۇ،نەتىجىدە ھەممىدىن قۇرۇق قېلىپ،پاخالدىن ئەرزان بولۇپ يۈرىيدۇ.نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۈرۈش دولقۇنى قوزغىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە چوقۇم كىشىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى-پۇلنىڭ ئۆزلىگىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ جاپالىق ئەجىر ئاستىدا ئاز-ئازدىن توپلىنىدىغانلىقىنى،ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ پۇلنى ئاز كۆرۈپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى،ھەر قانداق نەتىجىنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئاستىدا ئاز-ئازدىن توپلىنىدىغانلىقىنى،بۇ خىل روھ بولمىسا تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى،نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
   ئۆزىنى يۆلەش ئىستىكى بولمىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنى يۈلەپ تۇرغۇزغىلى بولماسلىقى مۇمكېن.بىر ئادەمنى شوتىنىڭ بالدىقىدا ئولتۇرىۋالسا يۈدمەكتىن باشقا ئامال يوق.«ئۈژۈم پىش،ئاغزىمغا چۈش»دەيدىغان ئادەمگە ئۈژۈمنىڭ پىشىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق.
   دېمەكچىمەنكى-پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ.ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېگىز شاخقا ئېسىلمايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن سەمىمىي مۇستەھكەم ئاساس سالالايدۇ. ھەر قانداق يىراق مەنزىلگىمۇبىر قەدەمدىن،بىر قەدەمدىن بېسىپ يىتىپ بارغىلى بولىدۇ،سۇمۇ تامچىلاۋەرسە تاشنى تەشكىنىدەك،تامچە-تامچىلار بىر كۆل شەكىللەندۈرگىنىدەك بايلىقنىڭمۇ ئاز-ئازدىن توپلىنىدىغانلىقىنى،ھازىرقى تۇرمۇشنى قەدىرلەپ ھەربىر كىچىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتساقلا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئۆزلۈكىدىن كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.شۇڭا ھەر بىر ئىشلاردا ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ،كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان ناچار پوزىتسىيەدىن ساقلىنىپ،ئەتىكى چوڭ ئىشلا ئۈچۈن كۈچ توپلىشىمىز كېرەك
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )