نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى «تاۋۇزلۇقتا»
تۇرسۇنجان ئەمەت ئىبرەت
«بىر ئېشەك بېشىغا ئوراپ سەللىنى،
دورىۋاپتۇ قاراڭ موللىنى.»
ـ تېيىپجان ئېلىيوۋ
رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەخپىي ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مۇنەججىملىرىچىڭ گىزخاننىڭ جەسىتىنى مەلۇم جايدىكى دائىرىسى بەش مىڭ گىكتار كېلىدىغان بىرقارىغايزارلىققا كۆمگەنمىش. بۇ قارىغايزارلىقنىڭ ئەتراپى ئېگىز تاغلىق بولۇپ، بۇ يەردىن ئۇچار قۇشتىن باشقا ھېچقانداق جانلىق قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلمەيدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ تاش ئۆڭكۈرىدىن باشقا كىرىش ئېغىزى يوق ئىكەن.
چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈكىنى مۇشۇ قارىغايزارلىققا كۆمگەن مۇنەججىملەر پۈتۈن قارىغاينى كېسىپ تاشلاپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، نەچچە مىڭ تۇياق ئاتنى ئاشۇ ئورۇنغا سولاپ، نەچچە ئاي دەسسىتىپ،قەبرىنىڭ ئىزىنى يوقاتقان دېيىشىدۇ. لېكىن قەبرىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،خاننىڭ تارىخچى، مەسلىھەتچى ۋە مۇنەججىملىرى مەخپىي ھالدا بىر ئانا تۆگىنىبوتىلىقى بىلەن ئەكېلىپ، ئانا تۆگىنى بوتىلىقىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ بوغۇزلاپ، قېنىنى چىڭگىزخان كۆمۈلگەن يەرگە ئېقىتىپ، ئانا تۆگە ئۆلگەندىن كېيىن بوتىلاقنى ئېلىپ كېتىدىكەن.
ھەر مەۋسۈم مۇنەججىملەر چىڭگىزخاننىڭ تۇپراق بېشىغا مەخپىي كەلگەن چېغىدا، ھېلىقى بوتىلاقنى تاغ ئارىسىغا قويۇپ بېرىدىكەن، بوتىلاق كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزغانچە ئانىسى بوغۇزلانغانھېلىقى جايغا بېرىپ تىزلىنىدىكەن. كېيىنكى كۈنلەردە، بوتىلاق چوڭ بولۇپ قېرىغاندا،ئۇنى بالىسىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خاننىڭ تۇپراق بېشىدا بوغۇزلاپ، قەبرىنىڭ ئورنىنى يوقاتمىغان دەيدۇ.
بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ بىر ھايۋاننىڭ ئۆز ئانىسى بوغۇزلانغان زېمىننى ئەقلى بىلەن ئەمەس قەلبىدەئۇنتۇماي ساقلايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئادەم بولۇپ يارالغان بەزىبىر قەلبى قارىغۇ ئادەملەر ھاياتەن دۇنيادا ئاشۇ ھايۋانچىلىك بولالمىسا بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟!
بۈگۈنكى كۈندەنۇرغۇنلىغان ئۆسمۈر دوستلار، نۇرغۇنلىغان ئەھلى ئېرپان قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ، نۇرغۇنلىغان ساددا قەلب، ھالال كەسىپ دېھقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، تالايلىغان ئوتتۇرا ياش،ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان يازغۇچى، شائىر، ئىلىمىي زاتلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا مەشھۇر چولپان، دېكتور رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ، داڭلىق چالغۇچى،ناخشىچىلىرىمىزنىڭ توپ-توپ بولۇپ ئارائۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى تەۋەسىدىكى نوزۇگۇمنىڭ مەقبەرىسىگە زىيارەتكە چىقىپ تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقى ماڭا يۇقىرىدىكى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئەسلەتتى، يەنە شۇنى ئېيتىپ ئۆتكۈم كەلدىكى:
ئەل بىلەن تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلىيالمىغان، ئەل بىلەن بىللە دەرد تارتىپ ئەل بىلەن بىللە قايغۇرالمىغان،ئەلنىڭ ئىشى ئۆزۈمنىڭ ئىشى، ئەلنىڭ مۈشكۈلاتى ئۆزۈمنىڭ مۈشكۈلاتى، ئەلنىڭ سۆيگۈنى مېنىڭ سۆيگۈنۈم دەپ جان پىدالىقى ۋە قەدىر بىلىدىغانلىقىنى ھەقدادىغا يەتكۈزەلمىگەن،تىلى ئەل ئۈچۈن سۆزلىمىگەن، يۈرىكى ئەل ئۈچۈن كۆيمىگەن نامدارلارنىڭ قالپىقى قانچەئېگىز، نام-ئەمىلى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نامازشام گۈلىدەك بىردەمدىلائەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ يادىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
يېقىندىن بۇيان،دۇنياۋىي پاكلىقنىڭ سىموۋۇلى بولغان بۈيۈك ئانىمىز نوزۇگۇمنىڭ قەبرىگاھى تېپىلىپزىلزىلە پەيدا بولۇشى بىلەن ياش يىگىت-قىزلىرىمىز ئىچىدە ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆز-ئۆزىنىسۆيۈش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەيسىرانە بىر روھنىڭ غەۋغاسى پەيدا بولغان ئىدى.
ئەپسۇس، ئۆزمىللىتى ئىچىدە بۇ خىل روھنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتقان، ئەلنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ خۇش بولۇپ كۈلەلمەيۋاتقان بەزى ئادەملەر «نېمە ئۈچۈن نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى كونا كۈرەدىكى تاۋۇزلۇقتىن ياكى خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىدىن، ھېچ بولمىساقازاقىستانغا يېقىن چېگرا ئىچىدىن تېپىلماي ئۆزىمىزنىڭ يېزىلىرىدىن تېپىلىپ قالىدۇ»دەپ ساراسىمىگە چۈشۈپ قاپتۇ، ئۇلار بۇ غەزىپىنى باسالماي، ھەر قايسى تور بەت ۋەسالونلاردا «نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى زادى نەدە؟» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «يالغان ئۇچۇر كەڭ تارقىلىپ، ‹راست›قا ئايلىنىپ كەتسە بىز مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان زىيالىلار تارىخ ئالدىدا، كېيىنكىلەر ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرىمىز» دەپ ئۆزىنى ئەۋلىيالىق مۇقامىغا قويغان بىر ئادەمنىڭ، «ھەر قايسىڭ خۇدادىن قورقماي بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشساڭ، مەن قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرىمەن» دېگىنىدەك سۈرلۈك گەپلەرنى ئەسلىتىپ كىشىلەرنى قورقۇنچقا ساپتۇ. ماقالە ئاپتورى نىجات سوپى يەنەھازىر ئەل ئېتىراپ قىلغان ئارا ئۆستەڭ بۇلاقبېشىدىكى نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنى ئۈزۈل-كېسىليوققا چىقىرىشقا جان-جەھلى بىلەن كىرىشىپ:
«شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت كېلىپ بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ، بۇ قەبرىنىڭ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، بۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ قەبرىنىڭ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىكەنتۇق»دەپتۇ.
ئەقىل-ئىدرىكى ساغلام، ئەقىدىسى مۇستەھكەم، ئەس-يادى جايىدا بىر يۇرت ئەھلى بۇندىن 186 يىل مۇقەددەم ئۆز قولى بىلەن ياسىغان، بوران-چاپقۇنلاردىن ئۆز باغرىنى يېپىنچا قىلىپ ساقلىغان،بۇزۇلغان، ئۆرۈلگەن يەرلىرىنى يۇرت بويىچە چىقىپ رېمۇنت قىلىپ ئاسرىغان، ھۆل-يېغىن،بوران-چاپقۇنلاردا ئۆيىدىكى يالتىراقلارنى ئېلىپ چىقىپ گۈمبەز ئۈستىنى ئوراپ چۈمكىگەن،نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىگە زىيارەتكە كەلگەنلەر خەت يازار دەپ دەپتەر-قەلەملەرنى ھازىرلىغان، «نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىگە زىيارەتكە كەلدۇق» دەپ يېزىلغان ۋاراقچە، دەپتەرلەرنى يالتىراق خالتىلارغا سېلىپ ساقلىغان ئەزىز دېھقانلار تۇرسۇنجان ئەمەت چىقىشتىن بۇرۇن ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن، سۆزلىرى، ئۇچۇرلىرى يالغان ئىكەن دېيىلسە، بۇلاق بېشىغا بىرقېتىم چىقىپ، ئىككى ئادەم بىلەن چالا-بۇلا سۆزلىشىپلا ھەممىنى بىلىپ بولغان نىجات سوپىنىڭ دەبدەبىسىگە كىشىلەر ئىشىنەرمۇ؟!
مەن نوزۇگۇم مەقبەرىسى ئالدىدا ھېكايە ئاڭلىمىدىم، ھېكايىمۇ توقىمىدىم. مەن قاتمۇ-قات پاكىتلارنى كۆردۈم، ئەدەبىيات بىلەن تارىخنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىغان بۇ ئاتالمىش دوكتۇرنىڭ تارىخنى ھېكايە دېيىشىلا يېتەرلىك ئىدى، گەپ قىلىشقا ئەرزىمەيتتى...
ئەلنىڭ سۆزىگەمەنمەنلىك قىلىپ قۇلاق سالمايدىغان، كىتابنى ئەقىدە بىلەن ئوقۇمايدىغان، ئەلئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى يالغان دەپ كەسكىن رەت قىلىدىغان، ئىقتىدارىدىن مەنمەنلىكى كۈچلۈك،داۋاملىق ئەقلىدىن ھاياجىنى غالىب كېلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ ئىلمىي ئىشلارغائارىلىشىپ يۈرۈشى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ.
«نوزۇگۇمنىڭ گۈمبىزىنى بىلمەيدىكەنتۇق» دېگەن جۈملىنى ئويلانمايلا يازغان بۇ دوكتۇر مەن بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن يازغان ماقالىلارغا رەسىمىنى قىستۇرۇپ ئېلان قىلغان، نوزۇگۇم مەقبەرىسى ئىچىدىكى ئەستىلىكلەرنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك، كۆرگەن بولسا مەن نوزۇگۇم مەقبەرىسىگەچىقىشتىن ئاللا نەچچە يىللار ئىلگىرى نوزۇگۇم مەقبەرىسىگە چىقىپ ئىمزا قويۇپ ئەستىلىك قالدۇرغانلارنىڭ خاتىرىلىرىنى كۆرگەن بولاتتى.
ئەقىللىق ئوقۇرمەن شۇنى ئېنىق بىلىۋالسۇنكى، ھازىرقى نوزۇگۇم مەقبەرىسى ۋە نوزۇگۇم ھەققىدىكى تارىخنى مەن بۇلاقبېشىغا چىقىپ دېھقانلارغا سۆزلەپ بەرمىدىم، ئاشۇ ساپ دىل،راستچىل دېھقانلار ماڭا سۆزلەپ بەردى، شۇنداقلا گۈمبەز ئىچىدىكى ئەستىلىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ ئالدىمغا قويدى.
«ئەتراپىمىزدايۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۇقىرىقىدەك سوئاللار ئالدىدا بىزمۇ بۇ ئىشقا ئارىلاشماي تۇرالمىدۇق» دەپ ئۆزىنىڭ قازىلىق سالاھىيىتىنى كۆز-كۆز قىلغان بۇ دوكتۇرنىڭ قاچاندىن بېرى ئىلىدا جامائەت ئەربابى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىدىم. ئەمما ئۆزى ئارىلاشمىسا بولمايدىغان بۇ قەبرىنىڭ بوسۇغىسىغابىرەر قېتىممۇ چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئۇقۇپ ھەيران قالدىم.
ئەگەر ئۇ يەرگەبىرەر نۆۋەت چىقىپ ئاز-تولا كاللا ئىشلەتكەن بولسا (قەلبى بىر نەرسىنى سەزمىگەن ھالەتتىمۇ) نوزۇگۇم مەقبەرىسى ئىچىدىكى يازما ۋە باشقا نەرسىلەرنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلانوزۇگۇم مەقبەرىسىگە تىكلەنگەن ئابىدە تاشنىڭ كىملەر تەرىپىدىن تىكلەنگەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى. بۇ ئابىدىنى بىر قانچىلىغان قەلبى پاكىز، ئەھلى ئېرپان ئوغلانلارناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن سۆزلىشىپ تىكلەپ قويۇپتۇ.
ئەگەرنىجات سوپىنىڭ تەتقىقاتى روياپقا چىقىپ قالسا ئاشۇنداق ئابىدە تاشتىن بىرنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ، كونا كۈرەدىكى تۇڭگانلار قەبرىستانلىقىغا ياكى «نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى قازاقىستاندا دەپ ئاڭلىدۇق» دېگەن يەرگە ئاپىرىپ تىكلىسە ھېچكىم نىجات سوپىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، «تارىخ ئالدىدا»، «كېيىنكىلەر ئالدىدا» نېمىدەپ جاۋاب بېرىسەن دېمەيدۇ.شۇنداقتىمۇ، نىجات سوپىنىڭ نوزۇگۇمنىڭ جەسىتىنى ياكى قەبرىسىنى كونا كۈرەدىكى تۇڭگانلار قەبرىستانلىقىدىن ياكى بولمىسا قازاقىستاننىڭ ئىلىغا يېقىنراق چىگىرىسى ئىچىدىن تاپىمەن دەپ كونا تام، ئەسكى چىغىرتماقلارنى رەسىمگە تارتىپ، قايسىبىر تاۋۇزلۇقتىن چىققان، يېرىم كېلودىن ئاشىدىغان ئۇستىخانلارنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىپ زور«تىرىشچانلىق»لارنى كۆرسىتىشى ئادەمنى «قايىل قىلىدۇ».
بۇ «تەتقىقات»تىكى ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش شۇكى، كونا كۈرەلىك مۇتەخەسىس1960-يىلى كۆمۈلگىنىگە 130 يىل بولغان، ئېغىرلىقى بىر كېلۇغىمۇ يەتمەيدىغان، كوناقەبرىستان ۋە يېڭى تاۋۇزلۇقتىن چىققان بىر ئىسكىلىتنى كۆرۈپلا ئۇنى ئايال دەپ بېكىتكەن.
«نوزۇگۇم قەتلەقىلىنغاندا ئىككى يۈز تۇڭگانى باشنى بويۇنغا تىكىپ دەپنە قىلىپ قايتقان»، جەسەت ئىسكىلىتىنىڭ 130 يىلدىن بۇيان ئاجرىمىغانلىقى، تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇتەپپەككۇرانە كاللىسىدا خىلمۇ-خىل تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، «ئىسكىلىت شۇ تۇڭگانىلار تىككەن بويىچەتۇرۇپتۇ» دېگەن ئويغا كەلتۈرگەن بولسا كېرەك؟!
تارىخىمىزدائۆزبېك خەلقىدىن نەۋائىينى، قازاق خەلقىدىن مەھمۇد قەشقەرىينى، قىرغىز خەلقىدىن يۈسۈپخاس ھاجىپنى تالىشىپ كېلىۋاتاتتۇق، نىجات سوپىنىڭ بېشى ئامان بولسا تۇڭگان خەلقىدىن نوزۇگۇمنى تالىشىدىغان تارىخ باشلىنىدىغان ئوخشايدۇ...
قازاق خەلقىدە«ھەيدىگىنىڭ ئالتە ئۆچكە ئىسقىرتىشىڭ تاغنى بىر ئالىدۇ» دېگەن ماقال بار.
ماقالەئاپتورى 1882-يىلى موللا بىلال يازغان «نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» دېگەن بىر ئەدەبىي ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاپ قويۇپ، ئوقۇغان ئادەم ئەيمەنگۈدەك ھۆكۈم خاراكتېرلىك قۇرلارن ىئاغزىغا كەلگەنچە تىزىپتۇ.
«ھازىرچەبىز ‹نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر› دېگەن ئەسەردىن باشقا نوزۇگۇمنىڭ تارىخىغا ئائىت بىرەرئىشەنچلىك تارىخىي يازما ماتېرىياللارغا ئېرىشەلمىدۇق.»«نوزۇگۇمنىڭ ئىسمى ئۇنداق ئىدى، مۇنداق ئىدى دېگەن ئۇچۇرلار ئاساسسىز»، «نوزۇگۇمنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقى نامەلۇم»، «بۇلاقبېشى مەھەللىسى دېگەن ئۇچۇرلار ئەسلى يوق»، «نوزۇگۇمنىڭ1830-يىلى ئەتراپىدا كونا كۈرە غەربىي يامۇل سىرتىدىكى جازا مەيدانىدا كاللىسى چېپىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق»...
تارىخ دېگەن بۇ پەن داۋاملىق ئىزدىنىشنى، تەتقىق قىلىشنى، خەلق ئىچىدىكى ئۇچۇر ۋە گەپ-سۆزلەرگەئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر پەن. ئۇ ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن، «ئۇ ئاساسسىز»، «بۇ نامەلۇم»، «ماۋۇ ئەسلى يوق»، «ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق» دەپ كېسىپ ھۆكۈم چىقىرىپ چالۋاقاشنى كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ پەندە، سىزدە يوق نەرسە ئالەمدەيوق بولىدىغان ئىش يوق. سىزنىڭ ئاڭلىمىغىنىڭىز ۋە ئېرىشەلمىگىنىڭىز ھەرگىزمۇ بىر مىللەتقەۋمىنىڭ ئېرىشەلمىگىنى ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتىدە بەزى پەرزەنتلەرنىڭ ئەزان چىللاپ قويغان ئىسمىدىن باشقا ئەركىلەتمە ئىسمى بولىدۇ، ئەلۋەتتە نوزۇگۇمنىڭمۇ ئەركىلەتمەئىسمى بولۇشى ئېھتىمال، «نوزۇگۇمنىڭ ئىسمى ئۇنداق ئىدى، مۇنداق ئىدى» دېگەن ئەل ئۇچۇرلىرى ئاساسسىز بولۇشى ناتايىن.
ماقالەئاپتورى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلمىسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىم ۋە ئەركىلەتمە ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ.
نوزۇگۇمنىڭ تۇغۇلغان يىلىنىڭ نامەلۇم بولۇشى بىلەن ئۇنى مىلادىدىن ئاۋۋال تۇغۇلغان يىل سانى يوق دېسەك كۈلكىلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى سىز بىلمىگەن بىلەن بىلىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن.
«بۇلاقبېشى مەھەللىسى دېگەن ئۇچۇر ئەسلى يوق» دېگەن جۈملىنى ئەقىل-ئىدرىكى ئىشلەيدىغان ئادەم يازمايدۇ.
بۇ جۈملىنى ئوقۇغان ئادەم، نوزۇگۇمنىڭ مەھەللىسى بۇلاقبېشى بولمىسا قايسى مەھەللىدۇ ياكى قەشقەردەتۇغۇلغىنى بىلەن مەھەللە، كوچىسى يوق ئايالمىدۇ، دەپ ئويلاپ قالمامدۇ، سىز بىراۋنىڭ گېپىنى يالغان دېگەن ئىكەنسىز، راستىنى تېپىپ ئالدىغا قويۇڭ، ئاساسسىز دېگەن ئىكەنسىز،ئەل ئىشەنگۈدەك ئاساسنى ئوتتۇرىغا تاشلاڭ، مەرھۇم ئۇستازىمىز، تارىخچى تېيىپجان ھادى، «تارىخ ئىلمى خەلق ئىچىدە بولىدۇ، خەلق گۆھەر غەزىنە ۋە ئالتۇن تۆكۈلىدىغان تېرەكتۇر، قاچان ھاجىتىڭ چۈشۈپ ئېتەك تۇتساڭ سېنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق قول قايتۇرمايدۇ،شۇڭا خەلقنىڭ ئاغزىدىن تۆكۈلگەن تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئائىت گەپ-سۆزلەرگە ئېتىبارسىز قارىغان ئادەم بۇ يولدا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن ئىدى.
ئەل ئىچىگەتارقالغان ئۇچۇرلارنى «ئۇ ئاساسسىز»، «بۇ يوق» دەپ ئۆزى ئويدۇرغان قۇرۇق نەزەرىيە،يالغان-ياۋىداق نەرسىلىرىنى كۈچەپ بازارغا سېلىپ ئاقكۆڭۈل ئوقۇرمەنلەرنى خاتا يېتەكلەيدىغانئاتالمىش زىيالىلار «ۋالاقتەككۈرۈپ»تىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەمدى بىزبۇ ئىجتىھادسىز ماقالە ئاپتورىنىڭ «ھازىرچە بىز ‹نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر› ناملىق ئەسەردىن باشقا نوزۇگۇمنىڭ تارىخىغا ئائىت بىرەر ئىشەنچلىك تارىخىي يازما ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدۇق»دېگەن سۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى، بۇئاتالمىش دوكتۇر ئېرىشەلمىدىمۇ ياكى ئىزدەنمىدىمۇ؟
يېقىن قىزامان تارىخىمىزدا ئەڭ مۆتىۋەر سانالغان موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ئەمىنىيە» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە نوزۇگۇم پاجىئەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىخىي پاكىتىنى مۇنداق دەپيازىدۇ:
«خەنزۇ چىرىكلىرى جاھانگىر غوجا ۋاقتىدا قەشقەردە مەنسەپ تۇتقان ياكى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ يەر-سۇ، مال-مۈلۈك، چارۋۇلىرىنى ئولجا قىلىپ ئېلىپ كەتكەندىن تاشقىرى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل-قىز، كىچىك بالىلارنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ، بۇ تەرىپى ئىلى،ئۇ تەرىپى لەنجۇغىچە ئېلىپ بېرىپ خەنزۇلارنىڭ ئىشلىتىپ خىزمىتىگە سېلىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى پادىشاھ مۇھەممەد ئىلىخان (قەبرىسى نۇرغا تولسۇن) ئاڭلاپ،«مۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان بىز» دەپ بىلىپ، خاقانى چىنگە قوقانخانلىقى نامىدىن ئەرزنامە يېزىپ ئالىم، بايۋەچچە باشلىق بىر نەچچە كىشىنى ئەلچى قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالام، تارتۇق-پىشكەشلەر بىلەن ئەۋەتتى. ئەرزنامىگە: «ئۇلۇغ خاقانى چىنگە تىغ تارتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى، كىچىك بالىلارۋە ئاجىز خوتۇن كىشىلەردىن ھېچقانداق يامانلىق ئۆتمىگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەيمىز. يەنە بىرى، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق (ئۆزبېك)لارغا مەن «ئاقساقال» بەلگىلىسەم،بۇ ئاقساقال ھەمىشە تەكشۈرۈپ خەۋەردار بولۇپ تۇرسام، ئەگەر يەنە يامان ئادەملەر پەيدابولۇپ قالسا، دەرھال تۇتۇپ ئەۋەتىپ بەرسە، جازاسىنى ئۆزۈم بەرسەم، بۇندىن كېيىن ئۇلۇغ خاننى ئاۋارەقىلىدىغان ئىش بولمىسا» دېگەن مەزمۇنلار يېزىلدى.
ئەلچىلەر بېيجىڭغايېتىپ بېرىپ، ئەرزنامىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن خانغا سۇندى. خان قوبۇل قىلىپ، ئەسىرئېلىپ خەنزۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن قېرى-ياش، قىز-جۇۋان، رەسىدە-نارەسىدە ھەممەكىشىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇشنى تەستىقلاپ يارلىق چۈشۈردى. ھەممە جايدىكى ئەسىرلەرنى مەنزىلدىن، مەنزىلگە، ئۆتەڭدىن ئۆتەڭگە ئات-ئۇلاغ، ئاش-تاماق بېرىپ ئۆز ۋەتىنىگەيولغا سالدى. مۇشۇ ئارىدا، تۆت يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، بىر مۇنچە ئاياللارنى خەنزۇلار ئەمرىگە ئېلىپ، بالا تاپقانىكەن، ئانىلىرى مۇشۇ بالىلارنىمۇ ئېلىپ بىللە قايتىپ كېلىشتى.
ئەسىرقىلىنغان كىشىلەر غېرىب-مۇساپىرلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىرىگەخۇش بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممىسى «نازۇگۇم» دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، يول بويى بۇناخشىنى ناھايىتى مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئېيتىپ مېڭىپتۇ. يىراقتىكى خالايىقلارناخشىنى ئاڭلاپ بۇلارنى كۆرگىلى كېلىشىپتۇ، چىداپ تۇرالماي يىغا-زارە قىلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، «نازۇگۇم» ناخشىسى ئەل ئارىسىغا تارقىلىپتۇ. (تارىخى ئەمىنىيە، 35-36-بەتلەر)
مانا بۇنوزۇگۇم بىلەن بىللە قەشقەردىن تۇتقۇن قىلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق رەسىدە ۋە نارەسىدەقىزلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس پاجىئەسىنىڭ پولاتتەك مەنبەسى. مۇشۇ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن قارىغاندا، بۇ پاجىئە 1828-يىلى باشلىنىپ 1832-يىلى تۆت يىل بولغاندا ئاياغلاشقان.
ئۇنداقتا،نوزۇگۇمنىڭ ئىلىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتىنىڭ 1830-يىلى دەپ بېكىتىلگىنى «ئاساسسىز»بولماستىن ئاساسى بولغان بولىدۇ.
ماقالەئاپتورىنىڭ بىساتىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئەسەر ـــ موللا مۇساسايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ۋە «تارىخى ھەمىدىيە» ناملىق تارىخىي كىتابىنى ۋاراقلىمايتۇرۇپ، « ‹نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر› دېگەن ئەسەردىن باشقا نوزۇگۇمنىڭ تارىخىغا ئائىتبىرەر ئىشەنچلىك تارىخى يازما ماتېرىياللارغا ئېرىشەلمىدۇق» دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىشى ماڭا مەرھۇم ئۇستاز ئابدۈشۈكۈر يالقىن ئاكا بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبىتىمىزنى ئەسلىتىپ قويدى:
«بىر كۈنى بىر قانچەيلەن مەرھۇم ئۇستاز ئابدۈشۈكۈر يالقىن ئاكا بىلەن پاراڭ سېلىشىپ، لۇتپى،سەككاكى، ئاتايى، نەۋائىي ۋە مەشرەپ، زەلىلىيلەرنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە ئاز-تولاتالاش-تارتىش بولغاندەك قىلغاندا، بارچە گەپ-سۆزلەر ئورنىغا چۈشۈپ، سۆھبەتدارلارجىمىشىغا شۈكۈر ئاكا ئاستا سۆز ئېلىپ:
ـــ بۇ ئۇلۇغ يارىلىپ ئۆتكەن ئەللامىلار ئۆز قەلەملىرى بىرلەن ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يازمىغان ئىكەن، بىز ھەم ئېيتماي تۇرايلى، ئۇلەر بىر نان بارچە ئادەم يېسە بولۇۋېرىدۇ،ئۇلەر بىر دېڭىز بارچە ئىنسان ئىچسە ھەم يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ، ئالدى بىرلەن ئۇلەريازغان كىتابلارنى ئوقۇيالىغۇدەك ئادەملەردىن بولايلى، ھازىرقى ئىلمىي تالىپ موللىچاقلىرىمىز ھە دېسە تۆر تالىشىپ:
سەللەيوغان ئىمان يوق،
دەرۋازيوغان بىر نان يوق.
دېگەندەك بولۇۋاتمامدۇ، ـــ دېگەن ئىدى.
بىز جىمىپ قالغانىدۇق.
بىز كىشىلەرگە،«پالانى كىتابنى ئوقۇماپسەن، پۇستانى كىتابنى كۆرمەپسەن» دەپ ئارتۇقچە تەلەپ قويالمايمىز، ئەلۋەتتە. لېكىن «بىز مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان زىيالىيلار تارىخ ئالدىدا، كېيىنكىلەر ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرەلەيمىز؟» دەپ لوگىكىسىز ۋە مەنتىقىسىزبولسىمۇ بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا گەپ قىلىۋاتقان بىر دوكتۇرنىڭ باشقا كىتابلارنى ئوقۇمىسىمۇ، ئۆزى نەشىرگە تەييارلىغان ئەسەرنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانمايتۇرالمايمىز.
قېنى ئۇنداق بولسا نىجات سوپى نەشىرگە تەييارلىغان «نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» دېگەن ئەسەردىن نوزۇگۇمنىڭ پاجىئەلىرىگە نەزەر تاشلاپ باقايلى.
«ئەلقىسسە،شىسەن دالويى نوزۇگۇمنى سولانغا خاتۇنلۇقغە بەرمەكچى بولدى.»
«‹نوزۇگۇم يامان خاتۇندۇر، سەنى يامان ئۆگەتۇر› دەپ نوزۇگۇمنى سولانغا تۇتۇپ بەردى، سولان ئۆزيۇرتى سۇمۇنغا ئالىپ كەتتى.»
يۇقىرىقى ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلىغان نىجات سوپى سۇمۇن سۆزىگە 23-نومۇردا ئىزاھ بېرىپ: «سومۇن (موڭغۇلچە)كەنت، بازار، بۇ يەردە چاپچال ناھىيەسىدىكى سۇمۇنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئىزاھلىغان. خەلق بۇ يەرلەرنى ھازىرمۇ ئالتە سۇمبۇل، يەتتە سۇمبۇل دەپ بىرقانچە سۇمبۇلغىچە ئاتاپ كەلمەكتە. ئەمدى بىز ئىلى دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى چاپچالغايۆتكەپ كېلىنگەن نوزۇگۇمنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئوقۇپ باقايلى.
«شۇل كەچەسىدەنوزۇگۇم سولاننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈردى. ئەرتەسى سولانلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جاڭجۇنغەسولاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى نوزۇگۇمنىڭ قاچىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. جاڭجۇن دالويىغەبۇيرۇق قىلدى، ‹نوزۇگۇمنى تۇتسۇن› دەپ، نوزۇگۇم شۇل قاچقانچە ئالتە ئاي قاچىپ يۈردى».نوزۇگۇم ئالتە ئاي قېچىپ يۈرگەندىن كېيىن:
«يايىلارئوتنى كۆرۈپ ئات سالىپ كېلىپ، نوزۇگۇمنى تۇتۇپ ئالدى.»
«يايىلارنوزۇگۇمغە رەھىم قىلماي تۇتۇپ باغلاپ ئاتقا مىندۈرۈپ ئاياغلىرىنى ئاتقا تاڭىپ دالويىنىڭ ئالدىغە ئالىپ كەلدى. دالويى نوزۇگۇمنى كۆرۈپ قولىغە كويزا سالدۇردى،ئاياغىغا ئىشكەل سالدۇرۇپ دوڭ يامۇنغە سالدى. نوزۇگۇمنى تۇتقانىنى جاڭجۇنغە دالويى مەلۇم قىلدى.»
بۇ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچى دۇڭ يامۇن دېگەن سۆزگە 27-نومۇردا ئىزاھ بېرىپ: «دۇڭ يامۇن(خەنزۇچە) شەرقى يامۇل، ئەينى زاماندا ئىلىدا دوڭ (شەرقى) يامۇل ۋە شى (غەربى) يامۇلدەپ ئىككى تۈرمە بولغان» دەپ ناھايىتى توغرا ئىزاھلىغان. (ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى2014.6-سانغا قارالسۇن)
يۇقىرىقى نوزۇگۇمنىڭ چاپچالدىن قېچىپ ئالتە ئايدىن كېيىن تۇتۇلۇشىدىن دالويىنىڭ ئۇنىڭ پۇت-قولىغاكويزا-ئىشكەل سېلىپ ئىلىدىكى دوڭ يامۇنغا سولىشىدىن ھەم بۇ خىزمەتلىرىدىن سۆيۈنگەن ھالدا جاڭجۇنگە مەلۇم قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتلار مۇتلەقىكىم، نوزۇگۇمنىڭ ئىلىدىكى دوڭ يامۇلدا ياتقانلىقىنى مۇنازىرىسىز ئىسپاتلايدۇ. نوزۇگۇمنى تۇتۇپ ئىلىدىكى دوڭ يامۇلغا سولىغان ئەمەلدار ئەلۋەتتە ئىلىدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇ نوزۇگۇمنى تۇتقان خىزمىتىنى كۈرەدىكى جاڭجۇنگە مەلۇم قىلىدۇ. بۇ يەردە ئىلى دوڭ يامۇلى دېگەنگەپ مەۋجۇت، كۈرە دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس.
لېكىن ماقالە ئاپتورى «نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى زادى نەدە؟» دېگەن ماقالىسىدا، ئۆزىنىڭ «نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» دېگەن ئەسىرىدىكى 27-ئىزاھىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن خاتا كۆچۈرۈپ:
«ئەينى ۋاقىتتاكونا كۈرە شەھەر ئىچىدە دوڭ (شەرقى) يامۇل ۋە شى (غەربى) يامۇل دەپ ئىككى يامۇلبار بولۇپ، يەرلىك كىشىلەردىن ئادەتتىكى جىنايەتچىلەر بولسا ئاۋۋال شەرقى يامۇلغاسولىنىدۇ» دەپ يازىدۇ.
قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇ «ئاتاقلىق» دوكتۇر تەتقىقاتچىمىز ئىلىدا يازغان ماقالىسى دادوڭ يامۇل بىلەن شى يامۇلنى ئىلىدا دەپ يازسا، كۈرەدە يازغان ماقالىسىدا بۇ ئىككى يامۇلنى كۈرەدە دەپ يازىدۇ، ئەگەر بۇ ماقالىنى چىڭسى خوزىدا يازغان بولسا دوڭ يامۇلبىلەن شى يامۇل چىڭسى خوزىدا دەپ يېزىشتىن يانمىسا كېرەك؟!
ئەمدى بىزتۆۋەندىكى بەزىبىر يازمىلاردىن ۋە باشقىلاردىن كونا كۈرە شەھىرىدە دوڭ ۋە شى يامۇل بولغانمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى.
يېقىنداپولات بۇرھان ئەپەندى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «شى بىن ۋە ئۇنىڭ ‹شىنجاڭغا ساياھەت خاتىرىسى›دىن ئۈزۈندە» دېگەن ئەسىرىدە كۈرە توغرىسىدا مۇنداق خاتىرىلەر يېزىلغان:
«كۈرە قەلئەسى ئىچىدە بېيجىڭلىق، تىيەنجىنلىك سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سېپىلنىڭ سىرتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدەئىلى سانغۇنى ئۇشبۇ يەردە تۇراتتىكەن. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا، جازا سوراق يامۇلى ھەرقايسى ئاغلاقچى، ئامبال يامۇللىرى، يانداش ئامبال ياردەمچى ئەمىر يامۇللىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى سانغۇن مەھكىمىسى بىلەن بىرگە تۇراتتىكەن. پۈتۈن قەلئە ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى يامۇل ئىكەن. (ئىلى تارىخىي ماتېرىياللىرى بىرلەشمەتوپلام، 16-سانىدىن 20-سانىغىچە، 618-بەت)
يۇقىرىدىكى خاتىرىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، كۈرەدىكى ھەممە يامۇللار جاڭجۇن مەھكىمىسىنىڭ ئىچىدە بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەر غۇلجىدىكى يامۇللارنى «دوڭيامۇل ۋە شى يامۇل» دېسە، كۈرەدىكى يامۇللارنى «جاڭجۇن يامۇل» دەپ ئاتىغان. كۈرەدىكى بۇ جاڭجۇن يامۇلىغا تۈزۈمگە بويسۇنمىغان كاتتا ئەمەلدارلارنى، چوڭ بايلارنى شۇنداقلادۆلەتكە خەۋىپ يەتكۈزگەن ئاتامانلارنى سولاپ جاڭجۇن بايلىق توپلىغاچقا، بۇ جاڭجۇن مەھكىمىسىنى ۋە يامۇللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرگەن شى بىن ئەپەندى خاتىرىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان:
«ئەينى چاغلاردا ئىلى سانغۇنىدىن ئىبارەت بۇ لاۋازىم ئىنتايىن تاپاۋەتلىك مەنسەپ بولۇپ،سىچۈەن سانغۇنى ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتىكەن. ئىلىغا سانغۇن بولغان ئادەم خىيانەت قىلماي، ھارام پايدا قوغلاشمىسىمۇ يىلىغا بىر مىليون سەر كۈمۈش تېپىشى ئېنىق ئىكەن»
تارىختاخاتىرلەنگەن بۇ جاڭجۇن يامۇلىغا قامالغانلار ئىچىدە مەزەمزات ھېكىم، ئەخمەت غەزىنىچى،سادىر پالۋان دېگەن زاتلىرىمىز ھازىرقىدەك يادىمىزدا تۇرۇپتۇ. ئەنە شۇ جاڭجۇن يامۇلىغاسولىنىپ، يامۇل تېمىنى تېشىپ قېچىپ كەتكەن سادىر پالۋاننىڭ مۇنداق تارىخىي قوشاقلىرى بار:
كۈرە يولىدامېڭىپ،
مەپەڭ سۇندى مۇشەنگەن.
سادىرنى تۇتۇپ بېرىپ،
كۆڭلۈڭ تىندىمۇ شەنگەن.
يامۇلغاسولاپ قويدى،
ئەتراپىمغاقارايمۇ.
باللىرىم يېتىم قالدى،
خۇدايىمغايىغلايمۇ.
جاڭجۇن يامۇلىدەيدۇ،
تۆمۈر بىلەن پەنجىرى.
يامۇلدىكى دوستلارنىڭ،
پۇت-قولىدازەنجىرى.
جاڭجۇن يامۇلى دەيدۇ،
تۆمۈر بىلەن سالاسۇن.
يامۇلدىكى دوستلارنى،
خۇدايىم ئۆزى ساقلىسۇن.
سادىر پالۋاننىڭ ھەر بىر قوشىقىنى بىر ھېكايە قىلىپ، ئەينى تارىخىنى ھېكايىلەشتۈرۈپ بىزلەرگە نەمۇنەقالدۇرغان ئۇستاز تېيىپجان ھادىمۇ، سادىر پالۋان ھەققىدە يازغان «كۆزۈمنى ئېچىپ چىقتىم»دېگەن ئەسىرىدە سادىر پالۋان ئاغزىدىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى يېزىپ قالدۇرغان:
«سادىرئاستا سىرتقا چىقتى.»
«ئۇ دۆڭ ئۈستىدىنشەھەرگە قارىدى. ئوت يالقۇنى بېغىررەڭ بولۇپ، ئېگىز كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. سادىرئوتقا بىر ئاز قاراپ تۇردى:
ــ يالغۇز زىندانلا ئەمەس جاڭجۇن يامۇلى ۋە زۇلۇم ئوچىقى بولغان كۈرەمۇ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسۇن،ــ دېدى-دە ئاتنى دېۋىتىپ ئىدىر بويلاپ شەرققە قاراپ سالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى.»
بىز يۇقىرىدىكى خاتىرە ۋە سادىر پالۋان قوشاقلىرىدىن شۇنداقلا ماقالە ئاپتورىنىڭ دوڭ ۋە شى يامۇلغابەرگەن 27-ئىزاھاتىدىن بۇ يامۇللارنىڭ ئىلىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق.
دېمەك ئەقىللىق ئوقۇرمەن، نوزۇگۇمنىڭ دەسلەپتە ئىلىدىكى دوڭ يامۇلغا سولانغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالايدۇ،ئەلۋەتتە.
ئەمدى بىزموللا بىلال ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان ماۋۇ قۇرلارغا دىققەت بىلەن قاراپ، نوزۇگۇمنىڭ قايسى شەھەرنىڭ دوڭ يامۇلىغا سولىنىپ، قايسى شەھەرنىڭ مويتۇڭزىسىدا قەتلىقىلىنغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.
«دالويى نوزۇگۇمنى كۆرۈپ قولىغە كويزا سالدۇردى، ئاياغىغە ئىشكەل سالدۇرۇپ دوڭ يامۇنغەسالدى.»
«ئەلقىسسە،شۇنداق نەقىل قىلۇرلەركىم، نوزۇگۇمنىڭ توغراسىدىن جاڭجۇن داۋاڭ خانغە خەت بەرگەندىنكەيىن نوزۇگۇمنى شى يامۇنغە ئۆتكۈزدى.»
كىتابنىدىققەت بىلەن ئوقۇيدىغان زېرەك كىتابخاننىڭ «نوزۇگۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» دېگەن ئەسەرگەبېرىلگەن ئىزاھتا:
ئەينىزاماندا ئىلىدا دوڭ (شەرقى) يامۇل ۋە شى (غەربى) يامۇل دەپ ئىككى تۈرمە بولغان» دېيىلگەنلىكىئېسىدە بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا،نوزۇگۇم تۇتۇلۇپ ئالدىدا ئىلىدىكى دوڭ يامۇلغا، كېيىن خانغا خەت ئەۋەتكەندىن كېيىنيەنە شۇ ئىلىدىكى شى يامۇلغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئەينەن يېزىلغان تۇرۇپ، قانداققىلىپ كۈرەدە قەتلى قىلىنىپ قالىدۇ؟
موللابىلال ئۆز قىسسەسىدە بۇ توغرىلىق ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:
«نوزۇگۇمنىيامۇندىن ئالىپ چىقىپ ئەربەغە ئولتۇرغۇزۇپ مويتۇڭزىغە ئالىپ يۈردى» دەپ يازغان.
يۇقىرىقى قۇرلاردىنبىز نوزۇگۇمنى تۇتۇپ ئىلىدىكى دوڭ يامۇلغا سولىغان ۋە كېيىن دوڭ يامۇلدىن شى يامۇلغايۆتكىگەنلىكى، جاللاتلارنىڭ نوزۇگۇمنى ئىلىدىكى شى يامۇلدىن ئېلىپ چىقىپ ھارۋىغائولتۇرغۇزۇپ ئىلىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرگەنلىكى ئىسپات تەلەپقىلمايدىغان ھەقىقەت دېمەي ئامالىمىز يوق. موللا بىلالنىڭ بۇ ئەسىرىدە نوزۇگۇمنى كونا كۈرە ياكى يېڭى كۈرەدە قەتلى قىلدى دېگەن گەپ يوق.
بۇ دەلىللىك سۆزىمىزنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەدبىقلاپ باقساق، ئۇلۇغ تارىخ ئالىمى، شائىر ھەم تەتقىقاتچى نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتۇپ (ئۇيغۇر بالىسى) ئۆزىنىڭ «تاران ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان پاجىئەلىك تارىخىي ھېكايەدۇر» دەپ ئىزاھ بەرگەن «نوزۇگۇم» ناملىق پوۋېستىدا نوزۇگۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاجىئەسىنى مۇنداق يازىدۇ:
«بۈگۈن نازۇكۇم باشلىق ياش ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان قارا كۈن ئىدى. دارىن كەلدى،دېگەن ئۈن بارچىنى جىمجىت تۇرغۇزدى. كەڭ مەيداندىن يول ئېچىپ، دارىن ئۆز نەۋكەرلىرى بىلەن ئۆتتى. كەينىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغان دەڭگى-دارازا، ئارقىسىدىن قەپەزلەر بىلەن بىللە ياش ئۇيغۇرلار بېسىلغان ھارۋىلار، كەينىدە تاماشىچىلار ماڭاتتى. نۇرغۇن خەلق تۆرت ئىشىكتىكى بوينى كېسىك ئاتالغان مەيداندا توختىدى.»
بىز يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئەدەبىي ئەسەر ۋە قوشاقلاردىن ئالغان بولساقمۇ، «نوزۇگۇمنىڭ1830-يىلى ئەتراپىدا كونا كۈرە غەربى يامۇل سىرتىدىكى جازا مەيدانىدا كاللىسى چېپىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق» دېگەن پاكىتسىز گەپنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ خېلى ئىزدىنىشلار بىلەن رۇياپقا چىققان، ناھايىتى ياخشى يېزىلغان «نوزۇگۇم»دېگەن پوۋېستىدىمۇ نوزۇگۇمنىڭ ئۆلۈمىنى مۇنداق يازغان:
«جاڭجۇن مەھكىمىسى نوزۇگۇمنى غۇلجا شەھىرى يېنىدىكى مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى شەھەر ئىچىگە ئېسىپ،خەلققە ئىبرەت قىلىشنى جاكارلىدى.»
مەن زۆرۈرىيەت تۈپەيلى يۇقىرىقى مۆتىۋەرلەرنىڭ نوزۇگۇم ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىن نوزۇگۇمنىڭ ئاخىرقى پاجىئەسىگە ئائىت بەزىبىر نەقىللەرنى ئالغان بولساممۇ، نوزۇگۇمنىڭ نەق ئۆلۈمى ھەققىدىكى كۆز قارىشىم ۋە ئىزدىنىشىم قەتئىي باشقا. سەۋەبى، نوزۇگۇمنى قەلەمگەئالغان ئىككى ئۇلۇغ زاتىمىز نوزۇگۇمنى يېزىشتا، بىرسى (موللا بىلال)، «مانجۇلارجاھانگىر غوجامنى كاشىغەردە تۇتقاندىن كېيىن، ئەرلەرنى مانجۇلار ئۆلتۈرۈپ، خاتۇنلارنىئىلە شەھەرىگە گۇناھكار قىلىپ ئىبەرگەندە، نوزۇگۇم دېگەن خاتۇننىڭ توغراسىدىن چىققان ناخشىلار...» دەپ نوزۇگۇمنى قەشقەر قىزى دەپ يازسا، يەنە بىرسى (نەزەر غوجائابدۇسەمەتۇپ)، «نازۇك غۇلجا شەھىرىغە يېقىن يۇرتلارنىڭ بىرىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرئاتالغان تارانچىنىڭ بىرلا قىزى ئىدى» دەپ تارانچى قىزى قىلىپ يازىدۇ.
موللابىلالنىڭ «نوزۇگۇم» دېگەن ئەسىرى دىيارىمىزدىكى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تۈگىمەس-پۈتمەس مەنبەسى بولغان بولسا، نەزەر غوجىنىڭ نوزۇگۇم ھەققىدە يازغان پوۋېستى ئالمۇتا، يەركەنتتىكى ئالىم، ئۆلىمالارغا ئەنە ئاشۇنداق تارىخىي ئاساس بولۇپ قالغان. مەسىلەن، ھازىرقى قازاقىستان چىگىرا ئىچىدىكى «نوزۇگۇم ئۆڭكۈرى» نەزەر غوجا پوۋېستىدا مۇنداق پەيداقىلىنغان:
«مۇجۇلۇپ كەتكەن يۈرەك ئەنسىرەشتە ئىدى. نوزۇگۇم:
ــ گۈلمەت تاغا، بىزنى دالدا يەرگە مۆكتۈر، كىشى كۆرۈپ قالمىسۇن، كىشى كۆرسە خاراب بولدۇق دېسەڭ،ــ دېدى. گۈلمەت:
ــ ماقۇلقا ياشلار، سىلەرنى ساقلاپ قالىمەن، قورقماڭلار، بەزى ياۋان-چۆللەردە ساقلاپ قالغۇچى ئىگەم بار، ھېلى بۇ بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى تارانچى يۇرتىغۇ، بۇندا ياتلار يوق، ئۈگۈتتەك بىزنىڭلا، ئەمىن بولۇڭلار، ــ دېدى. نوزۇگۇم:
ــ گۈلمەتتاغا، ئۇنىسى سىلى ئېيتقاندەك شۇنداق، بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى تاران يۇرتى، بەلكىمبىزگە زادى زىيان كەلمەس، لېكىن دارىن قەۋەت يامانلار، تۇيۇپ قېلىپ قالسا، كېيىن يۇرتقا يامان بولارمىكىن دەپ قورقىمەن، ــ دېدى.
ــ ماقۇل ئۇكام،ئۇنداق بولسا سىلەرنى پىيازلىقتىكى ئۆڭكۈرگە ئاپىراي، ئۇ يەردە ئىنسان ئاياغ باسمىغان بۈك باشىيقى بوستانلىق، ئىچى قۇمۇشلۇق جاڭگال، قۇمۇشلۇقتىن چىققاندا زىندان ئاتالغان ئۆڭكۈر، مۇندا خۇدايىم يولۋاس، بۆرە ئوخشاش يىرتقۇچلاردىن ساقلىسائىنسان ئاياغ باسمايدىغىنى چوقۇم، ــ دېدى.»
«قارىغۇ تۇتقاننى قويمايدۇ، گاس ئاڭلىغاننى» دەپ ماقالە ئاپتورى نەزەر غوجىنىڭ يۇقىرىقى پوۋېستىدىكى ئەدەبىي توقۇلمىنى ئاڭلاپ قالغان چېغى، «ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندىمۇ نوزۇگۇمنىڭ ئۆڭكۈرى ۋە نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى بار ئىمىش، ئەگەر شۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئورنى ھازىرقى ئىلى چىگرىسىدىن ئانچە يىراق بولمىسا، بۇنى ئەمەلىيەتكە بىر ئاز ئۇيغۇن دېيىشكەبولىدۇ. چۈنكى، نوزۇگۇم قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا بەلكىم شۇ جايلارغا بارغان بولۇشى مۇمكىن»دەپ يازىدۇ.
پۈتۈن ۋۇجۇدى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تولۇپ-تاشقان، تارىخ ۋە مىللەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىش روھى يازمىلىرىدا يارقىن ئىپادىلىنىپ تۇرغان، تارىخ كۆز قاراشلىرىنى كەسكىن پىكىرلەربىلەن مۇتلەقلەشتۈرۈپ يېزىپ، «بىز زىيالىيلار» دەپ ئاۋام خەلققە سۈر كۆرسىتىۋاتقان بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك مۈجىمەل، مىش-مىش ۋە ئاساسى يوق گەپلەرنى بەڭگىنىڭ خىيالىدەك ماقالىسىغا قىستۇرۇپ ئېلان قىلىشىنى بىز يالقۇن روزىنىڭ فورمىلاسى بويىچە،«تارىخنى نىجات سوپىچە يېزىش» دەپ ئەنگە ئالدۇرساق بولغۇدەك.
گەپنى تۈگەنلىسەك،دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىۋىتسىيەدىكى «ناملارنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش»ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئانىسى بولغان نوزۇگۇمنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرگەنلىكىنى تور دۇنياسىدىن ئۇقۇپ بىلگەن بولدۇق.
مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىمكى، مېنىڭ ئەزىز خەلقىم بۇ ئۇلۇغ ئانىسىنىڭ قەبرىگاھىنى ئىككى يۈزيىلدىن بۇيان يوقاتماي، ئۇنتۇلماس باغرىدا ساقلاپ كەپتۇ. بۈگۈنمۇ بۇ قەبرە خەلقىمنىڭ قەلبىدە، ھەقىقىي ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ پاكىز يېرى قەلبىدۇر. خەلق تۆگەبوتىلىقىدەك بۇ ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى قەيەر دەپ تىزلانسا قەبرە شۇ يەردە!
2016.2.16 سەيشەنبە شەھىرى غۇلجا
|