- تىزىملاتقان
- 2014-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1941
- نادىر
- 1
- يازما
- 77
ئۆسۈش
94.1%
|
توربىكەت ۋە ئۇچۇر سالۇن ساھىبلىرىغا خىتاب
كۈنۈمىزدە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئۇچۇر -ئالاقە قوراللىرى، ۋاقتىنى يىتىشتۈرەلمەيۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ئىتبارىنى قوزغىدى. نۇرغۇن تالانىتلىق كىشىلەر بۇ ۋاسىتىلەردىن توغرا ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، باشقىلارغىمۇ مىۋىسىدىن يەتكۈزۈپ مەشھۇر كىشىلەرگە، تۆھپىكارلارغا ئايلاندى .
ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس بىر قىسىم كىشىلەر خەۋپلىك، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماقتا. ئارىمىزدىمۇ بەزى ئۇيغۇرچە توربەت سەھنىللىرى، ئۇچۇر سالۇنلىرى يۇقۇملۇك كېسەللەرنى تارقاتماقتا. ئۇلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قېرىنداشلار ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماقتا. مەھسۇلات ساتىمەن، باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى تۇنۇشتۇرۇپ جان باقىمەن دەپ تېتىقسىز ئېلانلارنى كىرىشتۈرۈپ، نومۇسسىز سۈرەتلەرنى چاپلاپ، ساغلام بولمىغان تىما، يازمىلارنى قىستۇرۇپ نەپرەت تۇيغىمىزنى چەكمەكتە. ھەتتا بەزىسى ۋىروس بىلەن قاپلانغان، رەڭگى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن تور بىكەتلەرگە ئادەم سولاپ بىرىپ تاپان ھەققى ئالماقتا. ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنى ئالدىماقتا، ياشلارنىڭ سەبى قەلىبلىرىنى كىرلەشتۈرۈپ، خىياللىرىنى چېچىپ، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ، ئىشەنجىسىنى يوقۇتۇپ ئازدۇرماقتا. يەنە بىر تۈركۈم ۋىجدانىنى يوقاتقان پارازىتلار مەخسۇس بۇلغانغان بىكەتلەرنى قۇرۇپ مىللىتىمىزگە سۇيقەسىت، دىنىمىزغا خىيانەت، ئەجداتلىرىمىزغا ھاقارەت قىلىپ، تارىخمىزغا داغ يەتكۈزۈپ تۇرۇپ ھارام مالنىڭ كويىدا جان تالاشماقتا. شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ شەھۋانىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇنلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلماقتا.
يېقىندىن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە بۇ توغرىسىدا تەربىيىۋى تىمىلار يوللىنىپ، قار-يامغۇردەك تەنقىدلەر يېغىپ، لەنەتلەر تۆكۈلۈپ، ھەتتا قانۇنى ئورگانلار، باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولمايۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئاڭلىق، ۋىجدانلىق باشقۇرغۇچىلار دەرھال قوبۇل قىلىپ تۈزۈتۈش، تازىلاش ئېلىپ بارسىمۇ يەنە بەزىللىرى خەۋەرسىز قالدىمۇ ياكى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتتىمۇ ھېچ سادا يوق.
قېرىنداشلار سىلەر ئوبدان پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭلار...! بۇنداق ئەخلاقسىزلىق، ھاياسىزلىق تۈرىدىكى نەرسىلەرنى تارقىتىش، ياردەملىشىش، سەۋەپچى بولۇش، سەھنە ھازىرلاپ بىرىش توغرىمۇ؟
بىر ئاز ۋاقىتلىق پايدىنى دەپ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا ئىتتىرەمسىلەر؟جەمىيەتتىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەر قارام ئۇسۇللىرى بىلەن ھۆنەر كۆرسۈتۈپ بىچارە خەلقنىڭ ماددىۋى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، سىلەر ئىلمى ئۇسۇل، تېخنىكىلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە تاجاۋۇز قىلامسىلەر؟
سىلەرگە ئەگىشىپ بەزى ئابونىتلار دوسلۇشۇش، ئىزدەش چىغىر يوللىرىدا بولمىغۇر كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىنىڭ باش سۈرىتى قىلىۋالىدىغان، خۇتۇن-باللىرىڭلارنى، ئاچا-سىڭىللىرىڭلارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان، سانسىزلىغان كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرۈپ، ھەتتا ئاتا-ئاناڭلارنىمۇ ئازابلايدىغان ئىشلارمۇ يۈز بىرۋاتىدۇ.
تولىمۇ كۈلكىلىك، قىسمەن كىشلەر ئايلىنىپ كەلگەن بەزى يازمىلارنى مەزمۇنى ياخشىكەن دەپلا دوسلار چەمبىرىكىگە قايتا يوللىۋېتىدۇ. ئەمما ئۇ ئەسەرگەچاپلانغان ھاياسىز سۈرەتلەر، ئارقىسىدا يۇشۇرۇنغان خەۋپلەر، ئاستىغا قۇرۇلغان توزاقلارغا دىققەت قىلمايدۇ. ئاخىرى ئايالى، باللىرىغا تېلفۇنغا كۈنۈۋالدىڭلار ئىشلىرىمىز ئاقمىدى... دەپ قاقشايدۇ.
ھۆرمەتلىك توربىكەت، ئالاقە سۇپىسى ۋە ئۇچۇر سالۇن ئىگىللىرى ئەزالىرىڭلارغا، زىيارەتچىلىرىڭلەرگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراڭلار، مەنىۋىيەتنى كەمبەغەللەشتۈرىدىغان، مىللىي روھنى ئۆلتۈرىدىغان، ئۆمۈتسىزلىك پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئىنتىرنىت سەھىپەڭلەرنىڭ قېتىدىن دەرھال ئۈچۈرۋېتىڭلار، بۇندىن كېيىنمۇ يوللىماڭلار! بىز مىھمانلارمۇ دىققەت قىلايلى، شۇنداق نەرسىلەرگە ۋاقىتىدا ئىنكاس ‹‹ 举报 ››قايتۇرۇپ، تەكلىپ بىرىپ تۇرايلى، بىر-بىرىمىزنى ئەسكەرتىپ بىرلىكتە ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلايلى! ئاتا-ئانىلارمۇ ئەۋلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلسۈن! بىز يىگىتلەرمۇ ئاچا-سېڭىللىرىمىزنى قوغدايلى! شۇنىڭدەك ‹‹رېستۇران، تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرى، شۈبھىلىك تىجارەت ››خوجايىنلىرىمۇ ئويلۇنۇپراق ئىش قىلسۇن!
قارايدىغان بولساق توغرا بولغان ۋاستە ئارقىلىقمۇ تىجارەت قىلغىلى، دۇرۇس بولغان كەسىپلەردىنمۇ ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقىلى، ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققى قىلغىلىمۇ بولۇدىغۇ. بىزدە تىرىشچانلىق، چىدامچانلىقلا بولىدىكەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پۇرسىتى ھامان كىلىدۇ. دوسلار شۇنى ئۇنۇتمايلىكى ‹‹ھالال 1 يۈەن ھارام 1000 يۈەندىن ياخشى››،‹‹ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جازىنىخور خوجايىندىن ھالال تەر تۈكىۋاتقان ئىشلەمچى ئولۇغ››.
ھەممىمىز زاماندىن ئاغرىنىپ، جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى دەيمىز. ئەمما ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىمىز. بۇزۇقچىلىقنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى توغرا-خاتاغا بولغان چۈشنچىمىزنىڭ غۇۋا، جازا-مۇكاپاتقا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ يۈزەكىلىگى، بىر-بىرىمىزنى ياخشىلىققا بۇيرۇماسلىق، يامانلىقتىن توسماسلىق، ئامال يوق،...ھەي،...مىنىڭ نىمە ئىشىم...دەپ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىغىمىزدىن بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يۇقارقىدەك شەخسىيەتىچى كىشىلەرنىڭ شارائىت،ئورۇن ھازىرلاپ يېشىل چىراق يېقىپ بىرىشى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا.
ناتوغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل تېپىش رىزىققا نىجاسەت ئارلاشتۇرغانلىق،ئۇنداق ئەخلاقسىزلىقلارنى ئۈزىمىز سادىر قىلىش ئېغىر جىنايەت، ئۇنىڭغا باشقىلارنى قىززىقتۇرۇش دەييۈزلۈك، ئادەمگە ئوت تۇتاشتۇرىدىغان قورقۇنچىلىق چوڭ گۇناھ. بىز توغرا-خاتانى بىلىشىمىز، ھالال بولغاننى يىيىشىمىز، نەتىجىنىڭ ئاخىرىنى ئويلىشىمىز، ھەر ئىشنىڭ ھىسابى بارلىغىنى ئۇنۇتماسلىغىمىز كېرەك.
دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى ئىتقاد قىلىشىمىزغا يول قويغان ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا نۇمۇسسىزلۇقنى تارقاتقۇچىلار توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن:‹‹ مۆمىنلەر ئىچىدە يامانلىقلارنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، اﷲ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. ››سۈرەنۇر،19-ئايەت
ۋە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹‹ بىرئادەم قانچە كىشىنى ياخشىلىققا چاقىرسا شۇنچە كىشىلىك ئەجرى، قانچە كىشىنى يامانلىققا چاقىرسا شۇنچە كىشىلىك گۇناھ، ئەگەشكەنلەر قانچىلىك ئىش قىلسا سەۋەپچى بولغۇچىغا شۇنچىلىك جازا-مۇكاپات بىرىلىدۇ.››مۇسلىم رىۋايىتى.
بىزدە‹‹ ھايا يوقتا ئىمان يوق››دىگەن گەپ بار. ئالىملارنىڭ قارىشىچىمۇ‹‹ئەخلاقسىزلىق، ھاياسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئادەمنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى تۈكۈپلا قالماي، زىھنىنى يىغالماس، ئۆزىگە ئىشەنمەس،روھىنى چۈشكۈن ››قىلىپ قويىدىكەن.
بىر-بىرىمىزنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشى پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇيلى! قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارشى تۇرايلى!
|
|