ئوغۇرنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى
1-قىسمى
ھىكايە
فەرۇخ سەيىپىدىن
ئەسىرىمنى ئاتا-ئانامدىن قالىسا ، ئۇزۇم ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادەملىرىمگە بىغىشلايمەن.
يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغىلى بۇلمايدۇ دەپتىمەن، ئەمما سائەتنىڭ يىڭنىسىمۇ، كىچىك ئىسىترىلكىسى ھايات يۇلۇمغا تۇخىتىماي قەبىرە كۇلاۋاتقانلىقىنى سەزمەپتىمەن....
ھىكمەت خاتىرەمدىن
ئىنسان بۇ ئۆمردە بىلىپ بىلمەي خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ ، ھەم بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدۇ. مەنمۇ ھەم نۇرغۇن كىشلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىم ، ھەر قىتىم ئۇز نەپسىم ئۇچۇن باشقىلارنىڭ يانچۇقلىرغا قۇلۇمنى سالغان ۋاقتىمدا ، نىمە ئۇچۇن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇيلىمىغانىدىمەن ، ئەمگەك قىلماي يىگەن ناننىڭ ئۇنچىللىك تەمى بۇلمىسىمۇ، لىكىن ئۆگۈنۈپ قالغان خۇي بۇلغانىلىق سەۋەبىدىن ئۇنى تاشلىيالىمىدىم، مانا ئەمدى ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نىجىس ماڭا چاپلىشىپ ، ئۆيۈمنى سۆيگەن شۇ يارىمنى ، شۇ يىڭىدىنلا تۇغۇلۇش ئالىدىدا تۇرغام ، ئۆز پۇشتۇمنى نابۇت قىلىدىم ، ئىسىت ....ئۇزۇمگە لەنەت ئۇقۇيمەن ، شۇ كىسەل ئۇزەم بىلەن كەتمەي شۇ ياشىلىق ھاياتىغا ئەمدىلا قەدەم قۇيغان شۇ قىزنى ، نارسىدە شۇ بالامىنىمۇ بۇ مەينەت كىسەل بىلەن يۇقۇملاندۇردۇم ......
جىنىم ئاپا سەن ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ ماڭا قاراۋاتامسەن؟ نىمىشقىمۇ مىنى تاشلاپ كەتكەنسەن، يىنىمدا سەن بولغان بۇلساڭ مەن بۇنىداق ھالغا چۇشۇپ قالاتتىممۇ؟ مەن ساڭا ئەڭ مۇھتاج بۇلغان شۇ كۇنلەردە يىنىمدا بۇلغان بۇلساڭ ،بارلىق دەرت ئەلەملىرىمنى ساڭا ئېيتالىغان بولسامتى ئانا ، مەن ئۆزەمنى بۇنچە تاشلىۋەتمەيتىم، ھەر قىتىم ئويناپ قۇرسۇقۇم ئىچىپ كىرگەن ۋاقتىمدا، سېنى قانچىلىك سىغىنغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ ئانا ....مىنى كەچۇرگىن مەندەك بىر ۋىجىدانسز بالاڭنى كەچۇرگىن ....
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا نەتىجەم خىلى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ قالدى، تۇلۇقسىزدكى ھە دىسىلا تورخانا ، بىرلىيارتخالارغا ئاز كىردىغان بۇلدۇم داداممۇ ھەم ھازىر مەندىن ھەر ھالىدا خاتىرجەم بۇلۇپ قالغان ئىدى، مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچلىرىممۇ ماڭا ئالاھىدە كۆيۈنەتتى،مەكتەپ ماڭا شۇنچىلىك ئىللىق كۆرۈنسە، ئۆيۈم خۇددى ماڭا شۇنچىلىك سۇغۇق يات بىلىنەتتى....
مەن ئاپامىدىن خىلى كىچىكلا يىتىم قالغان ئىدىم ، ئاپام مىڭە ئۆسمە راكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۇپ دادام قايتا ئۆيلەندى، ئۇ ئايالنىڭ مەندىن ئىككى ياش كىچىك قىزى بار ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئائىلىمىزدە تۆت جان بار بولىدى، ئۇ چاغلاردا يىشىم كىچىك ئانچە ئىش ئۇقمىغاچقا ، كۆپ ئىشلارنى بىلمەيتتىم، ئۇ ئايال دادام بار چاغدا بىر خىل ، يوق چاغدا بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان بۇلىۋالدى ، مەن كىچىك بولغاچقا ئانىچە ئىرەن قىپ كەتمىدىم، لىكىن بۇ زىدىيەت بارا -بارا ئۆتكۈرلەشتى، گەرچە ئۇ سىڭلىم مەنىدىن ئىككى ياش كىچىك بولغىنى بىلەن ، مىنى ھىچ قاچان ئاكا ئۇرنىدا كۆرمەيىتى ، لىكىن دادامنىڭ ئالىدىلا ئاكا دەپ قۇياتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا بەك ئاچچىقىم كىلەتتى، گاھىدا ئۇ مىنى ئۇنى قىپ بەر، بۇنى قىپ بەر دەپ تۇرۋالاتتى، باشتا سىڭلىم بۇلغاندىن كىيىن دەپ قىلىپ بەردىم، لىكىن ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۇگىمىدى، ئاخىرى بىر كۇنى ساقىلانغىلى بولمايدىغان بۇ ئۇرۇش پارىتىلدى، يىڭلا ئالغان بىر چاپىنىم بار ئىدى، بۇگۇن بىر يىغىلىشقا بارىدىغان بولغاچقا ئۇ چاپاننى كىيىپ باراتتىم، باشقا كىيىملىرىم كىرئالغۇدا دۆۋلىنىپ تۇراتتى، ئۇ چاپىنىمنى ئۆيىدىن تاپالماي، ئۇنىڭدىن سورىدۇم گۈلشەن، يىڭى ئالغان چاپىنىمنى كۆردىڭىزمە ؟ ئۇ گەپ قىلمىدى ھۇيلىغا چىقىپ ئۇنىڭغا دەي دەپ تۇرىشىمغا ئۇ چاپىنىم ئۇنىڭ ئۈسىتىدە تۇراتتى ، چاپىنىمنى بىرۋىتەمىسز كىيەتتىم دىدىم، لىكىن ئۇنىڭدىن زۇۋان چىقمىدى، ئۇنىڭغا ۋارقىردىم، ئەكىلە چاپىنىمنى، مەن كىيىمە، ئۇ ياراتمىغان قىياپەتتە نىمدا ۋارقىرايسە، بار يۇق بىر چاپىنىڭنى كىيىپ قۇيىغىنىمغا خۇش بولە ، كۇرسى چۈشۈپ كەتكەن، مەتۇ چاپىنىڭنى ئالە دەپ ماڭا ئاتتى، ئۇ قەستەن ئاتتى بۇلغاي، چاپان يەردىكى سۇ يىغىلىپ قالغان يەرگە چۇشۇپ مەينەت بۇلۇپ كەتتى، ئۇ مەنىسىتىمگەن قىياپەتتەخاپا بولما يۇيۇپ بېرىمەن دەپ، سەت ھىجايىدى، نەدىن نىرۋام ئۆرلىدى ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم ھەي بىر نىمە قاراپ ئاتمامسە، دەپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم، ئۇمۇ ماڭا يانغان قىياپەتتە، ئۆزەڭ ئۆڭشاپ تۇتالماي نىم شۆزلەيسە، دىدى، مەن قۇلۇمىدكى چاپاننى ئۇنىڭ بىشىغا ئاتتىم ،ئۇ ماڭا ئىسىلىدى مەن ئۆزەمنى تۇتالماي ئۇنى بىر كاچات سالىدىم، ئۇ يۇزىنى تۇتۇپ يىغلاپ جاقىراپ يۇزۇمنى تاتلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى يەنە بىرنى ئۇردۇم، بۇ قىتىم ئۇنىڭ بۇرنىغا تىگىپ قاناپ كەتتى، ھۇيلىدىكى قىيا -چىيالارنى ئاڭلاپ خۇشنىلارنىڭ ئۇيىدىكى ئاپام ۋە، يۇگۇرۇپ كىرىدى، ۋە ئەھىۋالنى سۇرۇشتۇرمەيلا باش كۇزۇمگە بىر نەچىنى سالىدى، ۋۇ چۇپىرەندە، نىم دەپ قىزىمنى ئۇرىسەن، ۋۇ ھارامىدىن بۇلغان ....گەپلىرى پىلىمۇتنىڭ ئوقىدەك ئىتىماقتا، گەپ سۆزلەرگە چىدىماي، ئاغىزمغا كەلىگىنىچە تىللاپ تالاغا تۇگۇرۇپ چىقىپ كەتتىم، مىنى ئەسىلى تۇسۋالماقچى ئىدى، لىكىن پۇتىدىكى ساپما كەش بۇلغاچقا، يەردەكى سۇدا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشتى، ئىچىمىدە كۈلۈپ كەتتىم، ۋە تالاغايۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتىم ...
مىنى ھەرگىزمۇ نامەردى دىمەڭلار، ئۆيىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بالىنىڭ كۇڭلى، سىرتتىن سۇ ئىچسۇنمۇ، كەشتە ئۆيىگە قايىتماي تورخاندا ئۇيۇن ئۇيناۋاتسام، كەيىنىمدىن بىرسى كىپ گەجگەمگە بىرنى قۇيىدى، مەن سەنتۇرلۇپ كومپىيۇتىر ئەيىنىكىگەئۇسىدىم، كەيىنىمگە قارىسام دادام تۇراتتى ، دادامنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى، ئۇ تۇرىقىدا مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋىتىشتنمۇ يانمايتى ، ئورنۇمدىن قۇپتۇمدە دادام بىلەن تەڭ سىرتقا ماڭدىم ، تالاغا چىقىپ دادام مىنى بىر ئىككىنى ئۇرۋەتتى، مەن يىغىلغان پىتى قاچتىم، قىچۋاتىمە دادام قوغلاۋاتىدۇ، ئاخىرى بىر خالتا كوچا بىلەن مۇماملارنىڭ ئۆيىگە كەلدىم تامدىن سىرلىپ چۇشۇپ ، سامانلىققا مۇكۇنۋالدىم، بەك قۇرقۇپ كەتكەچكىمۇ پاكارلا تامىدىن ئاران چىقتىم، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۇپ دادام بۇۋاملارنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق ئۇرىدى، دادام ۋارقىراپ قىنى ئاۋۇ گۇينىڭ بالىسى تۇتۋالىدىغان بۇلسام پۇتىنى چىقىۋىتىمەن ......دەپ ۋارقىرايتى، بىر چاغلاردا بۇۋامنىڭ ئاۋازى ئاڭلانىدى، نىم ۋارقىرايسە تۈزۈك گەپ قىلمامسە، بۇ يەرگە كەلىمىدى دىدىمغۇ، كەلسىمۇ نىم قىلايتىڭ ، منىڭ ئالىدىمدا ئۇرالامسە، بىلىپ قۇي سەن قىنى ئۇرۇپ باق سەنىدەك بالام يۇق، ھىلىمۇ ئۇنىڭغا ئاسانما كىچىك تۇرۇپلا ئاپىسىدىن ئايرىدى، باقسا تۇز باق بولمىسا بىزلا باقايلى، سەن ئارلاشما ...........
بۇۋامنىڭ بۇ گىپىدىن دادام سەل پەس كويىغا چۈشتى بولغاي دەرۋازىنى يىپىپ چىقىپ كەتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، بىردەمدىن كىيىن بۇۋامنىڭ كالتە يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلانىدى، ۋە سالاھىدىن دەپ ئاستا چاقىردى، بۇۋام يەنە بىر قىتىم ئالىدىنقى قىتىمقىدىن چىڭراق چاقىردى، مەنمۇئاستا ھە دەپ چىقتىم، بۇۋام قۇلىدىكى قۇل چىرىقنى ماڭا قاراتتى، ئۇستى بىشىم كۇگۈسىز بۇلۇپ كەتكەن ئىدى بۇۋامىنىڭ قۇينىغا ئۆزەمنى ئاتتىمدە، ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدىم ...
داۋامى جىددى يىزىلۋاتىدۇ ..........
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
|