مىسىردائوقۇۋاتقانلار كىملەر؟
يېقىندا ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندىمنىڭ مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى دىنى ئوقۇش ۋە بۇ يەرلەردە دىنى ئىلىم ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە سېلىشتۇرما پىكىر يۈرگۈزۈپ يازغان «دوللارقارىلار» ۋە «تۈركىيەدە ياكى مىسىردا» ناملىق ماقالىلىرى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ مۇنبەردە بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۈلەن ئەپەندىمنىڭ بەزى كۆز-قاراشلىرىغا قارىتا تۈزىتىش، تولۇقلاش ۋە رەددىيە خاراكتېرىدىكى ھەرخىل ئىنكاس ۋە تېمىلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. گۈلەن ئەپەندىم بۇ ئىككىلى ماقالىدە پەننى زىيالىلاردا دىنى چۈشەنچىنىڭ كەملىكى، دىنى زىيالىلارنىڭ بولسا پەننى بىلىملەردىن خەۋەرسىز قېلىشىدەك تەڭپۇڭسىزلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئاساسلىقى دىن ئوقۇۋاتقانلارنىڭ پەننى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپ، ھەر جەھەتتىن تەڭ تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. مانا بۇ ئالتۇندەك پىكىر، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىسى توغرىلىق پىكىرلەرمۇ ئورۇنلۇق ۋەجانلىق بولغان، بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى مۇقام توۋلىمايدۇ ھەم توۋلىمىدى. ئەمدى مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى، بولۇپمۇ مىسىردىكى دىنى ئوقۇش ۋە دىنى ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى بەزى پىكىرلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە، سەل يۈزەكى بولۇپ قالغانلىقى ھەقىقەت. چۈنكى ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان، ياشاپ باقمىغان بىر مۇھىت ھەققىدە ماتېرىياللاردىن ۋە باشقىلاردىن ئىگەللىگەن قىسمەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپلا يەكۈن چىقىرىش ئىلمىيلىك ئەمەس بەلكى يەڭگىلتەكلىك، بولۇپمۇ گۈلەندەك يۇقىرى مەلۇماتلىق، قەلبى ئويغاق، پىكىرى ئۆتكۈر بىر زىيالى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىۋاستە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن كەلمىگەن ھەرقانداق يەكۈننىڭ ئىلمىيلىكىنىڭ تۆۋەن، چولتا بولۇپ قېلىشى ئەقلى-ھوشى جايىدا،شەخسكە ۋە نوپۇزغا چوقۇنۇشتىن، پىكرى مۇتەئەسسىپلىكتىن خالى ھالدا تەپەككۇر قىلىدىغان نورمال ئىنسانلار ئۈچۈن تەبئىي ئەھۋال. ئەمما گۈلەن ئەپەندىمنىڭ بۇ ماقالىلەرنى ياخشى كۆڭلى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن يازغىنى ئېنىق، بۇنى ئىنكار قىلمايمىز. مەن بۇ يەردە بۇ توغرىلىق كۆپ توختالمايمەن، چۈنكى بۇ ھەقتە مىسىردا ياشاۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار مىسىر ۋە مىسىردىكى دىنى ئوقۇش ھەقىدە خېلى ياخشى تولۇقلىما پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مەنچە شۇيېتەرلىك. بەك بولمىسا گۈلەن ئەپەندىمگە ئايرىم ئۇچۇر يېزىپ پىكىرلەشسەك بولىدۇ تىل بىلىشكەندىكىن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، گۈلەننىڭ «تۈركىيەدە ياكى مىسىردا» ناملىق ماقالىسى ۋە تالىپچاق ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ «تۈركىيەدە ياكى مىسىردا دېگەن تېمىغا» ناملىق تېمىسىغا چۈشكەن ھەرخىل ئىنكاسلار مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. كۆپىنچە قېرىنداشلار ئوتتۇرا مەيداندا تۇرۇپ ئادىل، ھەققانىي پىكىرى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچى-تېشىدىن زەھەر تامىدىغان، ئەرەبلەرنى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ھازىرقى ھالىنى مۇسۇلمان ۋە ئىسلام ئاتالغۇسى بىلەن بىر چۈشىنىۋالغان، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ ھەم بىلىشنى خالىماي تۇرۇپ دىن ئوقۇۋاتقانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، قورساق تويغۇزۇپ جان بېقىشتىن باشقا غايىسى يوق، ھەممە نەرسىنى پايدا-زىيان بىلەن ئۆلچەيدىغان، ئۆزىنىڭ كىمنى تىللاپ كىمنىڭ دېپىنى چېلىۋاتقىنىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆزىنى دانا چاغلاپ گەپدانلىق قىلىۋاتقان، مىسىرغا كېلىپمۇ باقمىغان، مىسىرنى ھېچقانچە چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم تورداشلارنىڭ مىسىر ۋە مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ساپاسىز، ئاساسسىز، زەھەرخەندىلىك بىلەن دېيىلگەن قوپال ئىنكاسلىرىدىن شۇنچىلىك ئېچىندىم. شۇ ئىنكارسلاردىن بەزىلىرىگەجاۋاپ بېرىش بىلەن مىسىر ھەققىدىكى بەزى خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزىتىش بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
1. بۇنداق تالىپچاقلارنىڭ پايدىسدىن زىيىنى كۆپقۇ دەيمەن... تالىپچاقلاردىن سىلەرگە نېمە زىيان يەتتى؟ بۇلار ئارپاڭلىنى خام ئورىمىغاندۇ، تارتىۋاتقان زىيانلىرىڭلارنى تالىپچاقلاردىن كۆرگەن بولساڭلار خاتالىشىپسىلەر، گەپنى دەلىل-ئىسپات بىلەن قىلغۇلۇق.
2. ئۇيغۇرنىڭ دۆتلىرى مىسىرغا چىقىپ ئوقۇمدىغاندۇ، 19 يىلدا تۈگىمەمدىغاندۇ... 20 يىلدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلسە كاللىسى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.... ئەگەر مومىخانىغا كىرىپ كەتمىسە.... قايتىپ كېلىپ كۆمۈر خاڭدا ئىشلەڭلار، ئۈچ مىڭ ئادەم كۆمۈر قازسا باھا چۈشىدۇ، ....لاماكان بولۇپ سەدىقە-زاكات يەپ يۈرگىچە....
يەنە بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ: مىسىرغا ئوقۇشقا بارغانلار تۈزۈك ئوقۇمىغان، نورمال تەپەككۇرى يوق، كىم سەدىقە بەرسە شۇنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان..... ئوبدان ئاڭلاڭلار، مىسىر (تۈركىيە ۋە باشقا يۇرتلارمۇ ھەم) ئۇيغۇرنىڭ دۆتلىرى كېلىدىغان يەر ئەمەس. بۇ يەردە دىن ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تىل ئۆتكىلى، ئىقتىسادى مەسىلە ۋە بىرمۇنچە بېسىملارنى يېڭىپ، ئەرەپچە ئۆتۈلىدىغان دەرىسلىكلەرنى ئەرەپلەر بىلەن تەڭ سەۋىيەدە، ھەتتا ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ ئوقۇۋاتقانلىقى، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ھەرقايسى كەسىپلەردە مۇنتىزىم پەننى ئالى مەكتەپلەرنى لاياقەتلىك پۈتتۈرۈپ، «ئەقىللىقلار» ھەر خىل يوللار بىلەن مىڭ جاپادا تاپىدىغان شۇ خىزمەتلەرنى تاشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى سۆزۈمنىڭ قىسمەن ئىسپاتى، تەپسىلاتى لازىم بولسا يەنە دېيىشەرمىز. سىلەر ئەقىللىقلار مەكتەپتە نەچچە يىل ئوقۇيسىلەر؟ بىر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە نورمال ئوقۇسا 16-17 يىل ئوقۇيدۇ، ماگىستېرلىق يا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇسا 20-25 يىل ئوقۇيدۇ، مۇشۇنداق ئوقۇپمۇ ھۆكۈمەت خىزمەت بەرمىسە بىر نان تېپىپ يېيەلمەيدىغان «ئەقىللىقلار» ساماندەك. ۋەتەندە ھەر يىلى نەچچە يۈزمىڭلاپ ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ، شۇلارنىڭ ئىچىدە نەتىجە يارىتىپ ئالاھىدەئوقۇغانلىرى، جەمىيەتكە تۆھپە قوشۇپ خەلققە خىزمەت قىلىۋاتقانلىرى قانچىلىك؟ بۇلار ھەققىدە ھېچكىم بىر نېمە دېمەيدۇ، ئەمما مىسىردىكى تەخمىنەن ئۈچ مىڭدەك تالىپ ئاغزىڭلىغا لوق چىقىدىكەن. ئەمدى ئىككى دۇنيالىق دىنى ئوقۇشنى 15-20 يىل ئوقۇغانلارنى دۆت دېيىش ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسىردىكى سىلەر دەۋاتقان ئۈچ مىڭدەك تالىپنىڭ ھەممىسى 15-20 يىل ئوقۇغانلار ئەمەس، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ سانغا يەتكىنىگە تېخى بىر نەچچە يىل بولدى، 20 يىل ئەتراپىدا ئوقۇغانلار ساناقلىق بىرنەچچىلا، شۇ ساناقلىق ئۇستازلاردىن بىر دوكتۇر (دوكتۇرلۇقنى سەككىز يىل بۇرۇنلا ئېلىپ بولغان) ۋە يەنە بىر قانچە ماگىستىر بار، قالغانلىرى ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇ ئۇنىۋېرسېتىتنى پۈتتۇرۇپ قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئون يىللار ئەتراپىدا ئوقۇغانلاردىنمۇ ئىككى دوكتۇر، ئالتە-يەتتە ماگىستېر ۋە خېلى كۆپ باكلاۋۇر بار، بىر نەچچە يىللىق تالىپلارنىڭمۇ ئالدى ئۇنىۋېرسىتىتقا كىرىپ بولدى، قالغانلىرىمۇ ھەم تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىدەئوقۇۋاتىدۇ. دېمەكچى، ئاغزىڭلارغا بىر كەلگەن ئۈچ مىڭدەك تالىپنىڭ ھەممىسىگە 20يىللار ئوقۇپ، دېگەن قالپاقنى كەيدۈرمەي ئىلمىي، ھەققانىي پىكىر قىلىڭلار. بۇلار مومىخانىغا كىرىپمۇ كەتمەس، كىرسە مومىسىنى يەپ چىقار، ھەركىم رىسقىنى يەيدۇ. بۇلار مومىسىنى يىسە باشقىلار نېمە يەيمىز خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. باشقىلارغا يامانلىق تىلىگىچە ئۆزۈڭلەرگە ئامانلىق تىلەڭلار. كىمنى قارغاۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ سۆزلەڭلار. مىسىردا دىندا ئوقۇۋاتقانلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار ئەمەس بەلكى قېرىنداشلىرىڭلار،(ھېچبولمىسا ئۇلار سېلەرنى قېرىنداش دەپ بىلىدۇ). تۇغۇلغاندا ئوڭ قۇلىقىڭلارغا ئەزان توۋلاپ ئىسمىڭلارنى قويغانلار، توي قىلغاندا نىكاھىڭلارنى ئوقۇپ ھارامنى ھالاللاپ بېرىدىغانلار، ۋاپات بولغاندا تۆت تەكبىر ئېيتىپ، مۇسۇلمانلىقىڭلارغاگۇۋاھلىق بىرىپ، ئاخىرەتلىكىڭلارنىڭ ياخشى بولىشىغا دۇئا قىلىپ يىغلاپ ئۇزىتىپ قويىدىغانلار سىلەر قارغاۋاتقان مۇشۇنداقلار ئارىسىدىن چىقىدۇ ھەم چىققان. كۆمۈرنىڭ باھاسىدىنمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، ئۈچ مىڭ تالىپ بېرىپ كۆمۈر قازمىسىمۇ نەچچە ئۈچ مىڭ ئادەم قېزىۋاتىدۇ، قازغاندىمۇ خېلى ئوبدان قېزىۋاتىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ ئىش تالىپلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ ئاشمايدۇ. ئەمدى سەدىقە يېيىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مىسىردا ئوقۇۋاتقانلار سەدىقە-زاكات يەپ ئوقۇۋاتمايدۇ، كۆپىنچىسى ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇل بىلەن، ئاز بىر قىسىمى قولىدىن كېلىىشىچە قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ بىر تەرەپتىن تۇرمۇشىنى قامداپ بىر تەرەپتىن ئوقۇۋاتىدۇ،قولىدا ھۆنىرى بارلار ھۆنەر قىلىپ ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ قولايلىق يارىتىۋاتىدۇ. (بۇ ئەھۋاللارغا مەن شاھىد) مەيلى نەدىلا بولسۇن ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئاساسەن ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ ئوقۇش نورمال ھادىسىغۇ، ۋەتەندىمۇ شۇنداققۇ، نېمە دەپ تالىپلارنى سەدىقە-زاكات يەيدۇ دەيسىلەر؟! بىرە تالىپقا زاكات بېرىپ باققانمۇ يا؟! نورمال تەپەككۇر قانداق بولىدۇ؟ قورساق تويغۇزۇشتىن، بىركۈن بولسىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈپ كۈنننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشتىن ھالقىيالمايدىغان تەپەككۇر نورمال تەپەككۇر بولامدۇ؟
3. ئەزھەر ئىلگىرىكى ساپلىقىنى يوقاتتى، يەھۇدى ئالىملىرىنىڭمۇ سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم..... بۇ گەپنى نەدىن ئاڭلىغانسىز، بۇ يەڭگىللىك بىلەن دەيدىغان گەپ ئەمەس، ئەزھەردەك دۇنياۋى ئىسلامى بىلىم بۇلىقنىڭ شەنىگە، تەسىرىگە تاقىشىدىغان بۇنداق گەپنى ئېنىق ئىسپاتىڭىز بولمىسا دېمەڭ، پىتنە-ئېغىۋا مۇشۇنداق تارقىلىدۇ.
4. بىر قۇرئان كەرىمنى ئون-يىگىرمەيىل ئۆگەنسە..... تېمىلاردا دېيىلىۋاتقان 15-20 يىللىق ئوقۇش يالغۇز قۇرئاننىلا ئوقۇشنى، يادىلاشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى دىننى، بىر پۈتۈن شەرىئەتنى توغرا چۈشىنىش، تەپسىلى ئېگەللەش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزەلىگۈدەك دەرىجىدە بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق مۈشكۈل جەريانغا 15-20 يىل كېتىشى نورمال ئەھۋالغۇ، پەننى مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەلۇم بىر كەسىپنى نورمال ئىگەللىشىگە مۇشۇنچىلىك ۋاقىت كېتىدىغۇ، نېمە دەپ دىندا ئوقۇۋاتقانلارلا ئاغزىڭلىغا چىقىپ قالىدۇ؟
5.مىسىردا تۇرۇپ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، يا مىسىر پۇقراسى بولالماي، كېيىن قىينىلىپ دوللارچىلىققىلىپ يۈرىدىغان كۈنگە قالغاندىن كۆرە... مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەنلەر مىسىردا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ياكى مىسىر تەۋەلىكىگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ، مىسىرغا پۇقرا بول دېسىمۇ بولمايدۇ، ئۇنداق ئارزۇسىمۇ يوق. زىيادە ئەنسىرەپ كېتىپسىز. ھەممەيلەن جۇڭگو پۇقراسى، جۇڭگۇغا قايتىدۇ. ئىقتىسادتا ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن دوللارچىلىق قىلغاننىڭ نەرى يامان؟ دىن ئوقۇۋاتقانلار پۇل تاپسا ھاراممىكەن يا؟ بۇ سىز ئىچ ئاغرىتقۇدەك تەس كۈنمۇ ئەمەس، بەلكى خەققە خار بولماي سىزدىن ئوبدان ياشاۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، بۇ تېما گۈلەن ئەپەندىم ۋە تېمىسىغا ئەمەس، بەلكى گۈلەن ئەپەندىم ۋە تالىپچاق ئىسىملىك تورداشنىڭ تېمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلار ھەققىدە يېزىلدى، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر بولسا (نۆۋەتتكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا كۆپلىگەن قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ بولىشى ئېنىق) چىرايلىق، ئىلمىي پىكىرلەشسەك بولىدۇ، بىر-بىرىمىزنى چۈشۈرۈپ، سېسىتىپ تالىشىش بىزگە ئاتا مىراس بولمىغاندىكىن. شۇڭا پىكىر قىلغاندا ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئوتتۇراھال مەيداندا تۇرۇپ پىكىر قىلايلى، ئادەمنى ئەمەس شۇ ئادەمنىڭ تېمىسىنى، پىكرىنى مۇلاھىزە قىلايلى! ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەرقانداق گېپىنى قارىغۇلارچە قوللاپ ئەگىشىدىغان، ياقتۇرمىغان ئادەمنىڭ توغرا گېپىدىنمۇ قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ تىللايدىغان ئىدىيە قاتماللىقىدىن، پىكىرى مۇتەئەسسىپلىكتىن ساقلىنايلى!