- تىزىملاتقان
- 2015-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2886
- نادىر
- 0
- يازما
- 261
ئۆسۈش
29.53%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
تۈنۈگۈنكى بىرتەرەپلىمە قاراش قاراش تىپىدىكى يازمىلارنى ۋە ئىنكاسلارنى كۈرۈپ بۇ تېما ھەققىدە ھېسسىي خاتىرە يېزىشنى لايىق كۆردۈم.
ئەسكەرتىش:يازمام ھادىسگەقارتىلغان، ئادەمگە قارتلمىغان ،يازمىدا تىلغا ئېلنغان شەخسلەرنى ھۆرمەتلەيمەن ،تېخمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرشىشنى ئۈمىد قىلمەن .باشقىلارنىڭمۇ ھۆرمەتلىشىنى، ساپالىق تورداش بۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلمەن .
ھەسرەتلەندىم ،بىرىنچى يىللىقتا بىر دوكتور ئۆزلۈك ۋە كىملىك دېگەن كىتابنى ئۇقۇمىغانىلىقىمنى بىلپ پوزىتسىيىسنى ئۆزگەرەتكەنىدى. تولۇق ئوتتۇرىدا ئۇيغۇرچە ئوقۇيالمىغانلىقىم تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ھەقىقى چۈشىنەلمىگەنتىم. گەرچە تولۇق ئوتتۇرىغا چىققۇچە كۆپ كىتاب ئوقۇغان بولساممۇ ھازىرغىچە كەمتەرلىك بىلەن مىللەت مەدەنىيەتىگە ئائىر كىتاب ماقالىلەر تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۇقۇشنى توختاتمىدىم. چۈنكى كەمتەرلىك ئىلىم ئالغۇچنىڭ تەييارلاشقا تېگشلك پەزىلىتى ئىدى .
ھەسرەتلەندىم،ئويلاپ باقسام بىرەرسىنى ئۇقۇماپسەن دەپ كەمسىتىپ باقمامتىمەن.چۈنكى بىزنى ئۇقۇتۇۋاتقانلاربىزنى ئۈزى ئورنىدا بىلسۇنمىكن دەپ ئۇقۇتىۋاتتى.لېكىن بۇ ئاتا–ئانىلار تەتلدە ئەقىللىق باللرى تەرپىدىن بىلمەيسەن دەپ كەمسىتلەتتى . مىكرو بلوگتا ئۇيغۇرلار ئويغىنىڭلار دېگەن گەپ بولدى،چۈنكى بىز قالاقكەنمىز.بۇ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان قىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كىتابلىرنى ئوقۇپ باققان بولسىلا تەنقىد ،سۆكۈش توغرۇلۇق يازغان ئەسەرلەرنىڭ قېلىنلىقى ئۆزۈنىڭ بويى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى بىر مىللەت ياكى مەدەنىيەت توغرۇلۇق بايان، قىممەت بتەرەبلىمە قارشىدن چەتنىسە سۆزلىگۈچىلنڭ نادان ھەم تەربىيە كۆرمىگەنلىكنى ئىسپاتلاپ بېرەتتى . بۇ ئېرقى كەمسىتش دەپ ئاتىلاتتى.
ھەسرەتلەندىم،كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزىنىڭ قانچىللىك ئەقىللىق ئىكەنىلىكىدىن،مۇنداق نەتىجەقازانغانىلىقىدىن پەخىرلىنىپلا يۈرۈيتى. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھاسىدە قانچىللك راۋاجلانمىغانىلقمىزنى بىلمەيتى ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتى. بىر سوئال قەغىزىدە 150 بالىنىڭ ئىچدە تۈزۈكرەك كىتاب ئوقۇپ باققىنى ئونىدىن ئاران ئاشتى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارمىللەت ،تەرەققىيات دېگەن چوڭ گەپلەردىن چۈشمەيتى .چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەردە كىم قالاق كىم ئالىي ئىدى،ھەم ئالىي بۇلۇش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى .
ھەسرەتلەندىم،زىيالىيلارنى تىللاۋاتاتتى،جەمئىيەتكە ،تۇرمۇشقا بولغان نارازىلىقىنى توردنىلا چىقرىۋاتاتتى .تۇلۇق ئوتتۇرىدكى ساۋاقدىشم توردا باشقىلارغا ماختىنش ئۈچۈن ھىكايە يېزىش بىلەن بۇلۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسدىنئۈتەلمىگەندى.چۈنكى،ئەمەلىي ھەركەتتكى تىرشش ھەممىدىن ئەلا ئىدى .
ھەسرەتلەندىم،بەزى ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ئۆرلەپ ئۇقۇپ تەتقىقاتقا كىرششتە ئىككىلىنەتتى.چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيەتىدە زىيالىيلارنىڭ ھۆرمىتنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندەك تۇراتتى .
ھەسرەتلەندىم،يالقۇن روزى ئەپەندىمنڭ پەيلاسوپىلق ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندا ، ئەلى قۇربان ئەپەندىمنڭ سۆزلىردە يۈسۈپ خاس ھاجپ بۇۋىمىز مىسالغا ئېىلنغاندا. چۈنكى ،ئالىمىمزئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننڭ تارىخى تۆھپىسى پەيلاسوپلىق ئاتىغىدىن نەچچە ھەسسە مۇھىم ئىدى ،مەرھۇممۇ ھەرگىز قۇرۇق ئاتاقنى خەلقىنىڭ پەلسەپە چۈشەنچىلىرىنى ئۆگىنىشدىن يۇقىرى كۆرمەيتى؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلى قۇرباننى ياقتۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتنڭ تىز ئامالنى ياقتۇرۇشى ئىدى.ئاشۇ ئاماللارنى ئىگەللەش باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنڭ شەرتى ئىدى .لېكىن بۇ ئۇسۇللار غەربتە ئەللك يىللق ،ئىچكىردە ئون نەچچە يىللىق تارىخى بارئىدى.
ھەسرەتلەندىم،ئىلىمنىڭ،ئەقىدنىڭ قىممىتى بولمىغىدىن …
|
|