قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 899|ئىنكاس: 0

يامغۇردا قالغان لاي ھەيكەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

2980

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4795
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 479
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 347
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 10:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يامغۇردا قالغان «لاي ھەيكەل»                  


   شەھەر-ناھىيىلەردىن تۆۋەنگە-«كەنتكە چۈشكەن كادىرلار»نىڭ خىزمەت قىلىش ۋە قىلغان خىزمىتىنى نامايەن قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «لاي ھەيكەل» ھېكايىسىنى («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدىكى مۇتەللىپ سەيپۇللا ئېزىزنىڭ ھېكايىسى) ئوقۇپ چىقىپ، كومىدىيەلىك مەسخىرە تۈسىنى ئىپادىلىگەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا قايىللىقىمنى بىلدۈرگۈم كەلدى. چۈنكى، يازغۇچىنىڭ بۇ ھېكايىنى نېمە ئۈچۈن ۋە نېمە مەقسەتتىن يازغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەل ۋاقتىدا ھەم ئەھمىيىتى بار قىممەتلىك تېما تۇتقا قىلىنغان ياخشى يېزىلغان ئەسەرنى ناھايىتى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن جەمىيەتكە سۇنغانلىغىدىن  مەمنۇن بولدۇم. دېمىسىمۇ،  ھازىر يىلدا نەچچە تۈمەن كادىر تۆۋەنگە-«كەنتكە چۈشۈپ»، كەنتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن تېپىپ چىقىپ ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى كەسپى خىزمەت ئورنىدىن، ئائىلىسى-بالا-چاقىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئالاھىدە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت بىلەن ئادەملىرىنىڭ تەرەققىيات-مەدەنىيىتىدە، ئىدىيە-تەپەككۇرىدا، قانۇن-ئىقتىساد ھەم جەمىيەت چۈشەنچىسىدە ئاددىلىق، تېيىزلىق، تۇرغۇنلۇق، بىرتەرەپلىمىلىك ساقلانغان «تۆۋەندىكى كەنت»لەردىكى جاپالىق مۇھىتلاردا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.  شۇڭا، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئالاھىدە خىزمىتى ھەقىقى ئۈنۈم-قىممەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، جەمىيەتمۇ ئۇلاردىن شۇنى كۈتىۋاتىدۇ، تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ مەزكۇر «لاي ھەيكەل» ھېكايىسىدىكىدەك، ئالاھىدە بىر ئىشنى قىلىۋېتىپلا ۋەزىپە توشقۇزۇشنى نىيەت ۋە نىشان قىلغان ھالەتتە بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر تۆۋەنگە-كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ خىزمىتى مەزكۇر «لاي ھەيكەل» ھېكايىسىدىكىدەك كۈلكۈلۈك-مەسخىرىلىك ھالەتتە ئۈنۈمسىز ئېلىپ بېرىلسا،  ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلارنى ئالاھىدە خىراجەت ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەت  بىلەن «تۆۋەنگە-كەنتكە» چۈشۈرۈش پىلانى ئەسلى مەقسەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىك ھەم مەغلۇپ بولغانلىق ھېسابلانماي قالمايدۇ.  
ئەدەبىيات جەمىيەتتىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە باھ بىرىدۇ. ئىجتىمائىي يۈزلىنىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ۋاستە قىلىپ، توغرىلىق ئۆلچىمىنى نىشان قىلىپ تەلەپ-پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. شۇنداقلا، ئەدەبىيات رىئاللىققا، جەمىيەتنىڭ مەلۇم كەسمە يۈزىگە دىئاگنۇز قويىدۇ. شۇڭا، ئوبرازنى قورال قىلىپ  يۇشۇرۇن ھالەتتىكى ئاشكارە مەخپىيەتلىك ئۇسۇلى بىلەن ناھايىتى ئۆزگىچە ھالدا سەۋەپ-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتتىكى تەپەككۇر ھەم تەسەۋۋۇرلۇق رېتسىپنى جەمىيەتكە نامايەن قىلىدۇ. ئىجتىمائىي كېسەللەرگە دىققەتنىڭ بۇرۇلىشىنى ئۈمىد-تەلەپ قىلىدۇ.
  يازغۇچى ھەرقانداق ئەسەرنى مۇئەييەن سەۋەپ-مەقسەتتىن يازىدۇ. يازغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان تېما ئارقىلىق رىئاللىققا باھا بىرىدۇ، رىئاللىققا ۋاستىلىق ياكى قاراتمىلىق ھالەتتە يىتەكچىلىك قىلىش نىيىتىدە بولىدۇ. ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىنى قىممەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. يازغۇچى جەمىيەتتىكى دەۋرىيلىك ئىجتىمائىي يۈزلىنىشلەرنى توغرا-خاتالىق پۇزىتسىيەسى بىلەن تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ ئوبرازلىق ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرۈپ،  يەنە شۇ ئەدەبىي ئوبراز ۋاستىسى بىلەن جەمىيەتكە ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق جەمىيەتكە ياردەم قىلىدۇ، قىممەتكە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىغا پۇزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا چەكلىك ئادىمى ھاياتلىققا مەنا، قىممەت، خوشاللىق ئىزدەيدۇ.
بۇ ھېكايە نۆۋەتتىكى كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش ئەھۋالىغا دىققەتنى بۇرىغان ھەم تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىشى، خىزمەتنى قانداق ئىشلىشى، قايسى جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ھۆكۈمەت فۇنكىتسىيەسىنىڭ سەۋىيە-ئىقتىدارى، جەمىيەتنىڭ مۇلازىمەت مىخاينىزىم ئىقتىدار-قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق بولۇشى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولغاچقا، تەقەززالىق بىلەن ئويلىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
  ئالدى بىلەن ئويلىنىشىمىز كېرەككى؛ كادىرلار نېمە ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشۈرىلىدۇ؟ بۇ كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ، كەنتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنىڭ، كەنتلەردە ساقلانغان  مەسىلىلەرنىڭ، كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت-ئىقتىسادى تۇرمۇش قىياپىتىنىڭ، كەنتلەردىكى مائارىپ ساپاسىنىڭ، ئىقتىسادى ئىگىلىكنىڭ، دېھقانلارنىڭ پەرزەنت-بالىلار تەربىيەسىنىڭ، نىكاھ ھەم قانۇن چۈشەنچىسىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ھېس قىلىپ، چۈشۈنۈپ يەتكەندىن كىيىن، قانداق ياردەم قىلىش، قانداق ئۆزگەرتىش، قانداق ياخشىلاش، تەدبىر-تەلەپلىرىنى يولغا قۇيۇشتۇر، ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خۇلاسىسىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىشتۇر. تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ھەرگىزمۇ تۆۋەنگە خۇددى ئوقۇغۇچىلاردەك پىراكتىغا چۈشمەيدۇ. بەلكى تۆۋەندىكىلەرگە يول كۆرسىتىدۇ، يىتەكچىلىك قىلىدۇ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ خىزمەت پۇزىتسىيە-ئىستىلىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشتى، ئۇلارنىڭ قانۇنى ئېڭى يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭرى، ئىدىيىسى ئىلغار، جەمىيەت ئېڭى، گۈزەللىك ئېڭى، قەدىر-قىممەت ئېڭى، ئىقتىسادى ئېڭى، مائارىپ ئېڭى، ساغلاملىق ئېڭى، كەسپ ئېڭى، مەنپەئەت-ئەخلاق ئېڭى قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەندىكىلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار توۋەندىكى مەسىلىلەرنى كۆرۈپ بىلىپ يىتەلەيدۇ، مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ. ئىشلەنمىگەن خىزمەتلەرنى ھەم ئىشلىنىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. يېزا-كەنتلەرگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلارغا باھا بىرەلەيدۇ.
   بىر ئائىلىنىڭ مەسىلە چىقىپ قالايمىقان بولۇشى ئائىلە باشلىقىغا، بىر كارخانىنىڭ زىيان تارتىپ ۋەيران بولۇشى كارخانا ئىگىسىگە، بىر دۆلەتنىڭ قەد كۆتىرەلمەي زاۋاللىققا يۈزلىنىشى دۆلەت باشلىقىقا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرمۇ يېزا-كەنتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئەڭ مۇھىم ھالەتتە مۇناسىۋەتلىك بولماي قالمايدۇ.
ئەگەر تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار خۇددى «لاي ھەيكەل» ھىكايىسىدىكىدەك، (ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ھەم) ئالاھىدە بىر ئىش قىلىۋېتىش ھالىتىدە بولسا، كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە-كەنتكە چۈشۈشىنىڭ نېمە زۆزۈرىيىتى دېگەن سۇئالنى پەيدا قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى، تۆۋەنگە چۈشۈش ۋاقىتلىق بولغان بىلەن، ئەمما تۆۋەننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى داۋاملىق ھالەتتە بولۇشى كېرەك. دېمەك، تۆۋەندىكى-كەنتتىكى رەھبەرلىك قىلغۇچىلار، كەڭ ئاۋام-پۇقرالار قانۇنىي ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى، كىشىلىك ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىقتىساد-مەدەنىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، يۇقىرىدىن كادىرلارنىڭ داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى پۈتۈن جەمىيەتتىكىلەر ئويلاپ يىتەلەيدۇ.  شۇڭا، مەزكۇر «لاي ھەيكەل» ھېكايىسىدىكىدەك شەكىلۋازلىق بىلەن ئويۇننىڭ ئورنىدا تىپ تىكلەش، بۇيرۇقۋازلىق، شۇئارۋازلىق قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتىنى نامايەن قىلىدىغان، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى رەھبەرلىككە ياخشى كۆرۈنىدىغان، ئەكسىچە، پۇقرالارغا تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدا توغرا يول كۆرسىتىپ يىتەكچىلىك قىلالمايدىغان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش-ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشنى بىلمەيدىغان ھەم خالىمايدىغان، يەپ-ئىچىش  بىلەن راھەتپەرەسلىكنى ھوقۇقنىڭ پايدىسى دەپ چۈشۈنىدىغان، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولغان بىلەن، قىيىنچىلىققا مەسئۇل بولمايدىغان ھەم مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان، پۇرسەتپەرەسلىك-كۆز بۇيامچىلىق قىلىدىغان، نادانلىقنىڭ-نامراتلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان، رەھبەر بولغۇچىلار مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلىغۇچىلار بولماي بەلكى مۇھىتقا تايىنىۋېلىپ، كۈنىۋېلىپ، مۇھىتقا يەم بولۇپ كېتىۋاتقان، يۇرت-مەھەللىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ-گۈللەندۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئەمەس بەلكى يۇرت-مەھەللىنى ئىشەكنىڭ خامان چۆرگىلىگىنىدەك بىر خىللا چەمبەر ئىچىدە چۆرگىلىتىپ كېتىۋاتقان، رەھبەرلىك ساپاسى، رەھبەرلىك سەۋىيە-ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى بىلەن يۈرت-مەھەللىنىڭ جەمىيەت قىياپىتىنى ياخشىلاش پىلان-نىشانلىرى بولمىغان، ئۆزلىرى ئۆگەنمەيدىغان ھەم ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان يېزا رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى  ئەيىپلەنگەن ھەم مەسخىرىلىك ھالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۆۋەنگە-كەنتكە چۈشۈش جەريانى ئۈنۈمسىز ھالەتتىكى ئارتۇقچە «تۆۋەنگە چۈشۈش»تۇر خالاس.
شۇنداق بولغاچقا، بۇ ھېكايە رايۇنىمىزدىكى ئاز بولمىغان كادىرلارنىڭ «كەنتكە چۈشۈش»دولقۇنى ۋاقتىدا يېزىلغان، ئاچقان يەرگە بارىدىغان ناھايىتى ئۇتۇقلۇق  چىققان ئەسەرگە ئايلانغان ئىدى. شۇڭا، دېمىسىمۇ، كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىنىڭ «تۆۋەنگە چۈشكەن»چىلىك قىممىتى بولۇشى كېرەك. بوراندەك كېلىپ شامالدەك كېتىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ۋاقتى، زېھنى، دۆلەتنىڭ ئاجراتقان مەبلىغى زايە كەتكەن بولىدۇ. تۆۋەنگە چۈشكەنلەر تۆۋەندىكىلەرگە بىر ئىش قىلىپ بىرىشنىلا ئەمەس، بەلكى نېمە ئىش قىلىشنى، ئىشنى قانداق قىلىشنى، ئىقتىسادى ئىگىلىك، مەدەنىيەت تەرەققىياتى، جەمىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىشى كېرەك. شۇڭا، تۆۋەندىكىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنى ئېڭىنى ئويغۇتۇشى،  قانداق تۇرمۇش كۆچۈرسە ئاقىلانىلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ چۈشەندۈرىشى، شەھەر-بازارلىشىشقا تەۋسىيە-چاقىرىق قىلىشى، مەسىلەن: بۇنىڭ ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا ئەمەلىيەت بىلەن زامانىۋى تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ھالەتتىكى ئاممىباپ نوتۇق-لېكسىيەلەرنى ئويۇشتۇرىشى كېرەك.
   ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ كەنتكە چۈشۈش ئەھۋالى «لاي ھەيكەل» ھېكايىسىدىكىدەك بۇنداق مەسخىرىلىك، ئەخمىقانە، پۇرسەتپەرەس، ئۆزىنى كۆرسىتىشچان ھالەتتە بولسا بولمايدۇ. «...قوشنا يېزىدىن ھەيدەپ كېلىپ، تاغ كەينىدىكى يايلاققا چارۋا كۆچۈرۈش يولىدىكى بىر يىگىت مۇشۇ ئولۇقبەلگە يېقىن داۋاندا توڭلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىدى داۋان تۈۋىدە نەچچە كۈنلەرگىچە تۇرۇپ قاپتۇ. يازما ئىگىسىنىڭ ھاياجانلىق جۈملىلىرىدىن ئايان ئىدىكى، قازا قىلغۇچى ئېنىقلا، كوللىكتىپنىڭ چارۋىسىنى، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان بىرى ئىكەن. قېتىپ قالغان جەسەت قوينىدا يەنە يېڭى تۇغۇلغانلىقى ئېنىق بولغان، كۆيۈمچان چارۋىچى يىگىت بىلەن بىللە ئۇنىڭ باغرىدا يورۇق ئالەمگە خوش ئېيتقان ئىككى قوزىمۇ بار ئىكەن!...». تاغ كەينىدىكى يايلاققا كۆچۈرمەكچى بولغان چارۋىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولغانلىغى توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر يوق!... مانا مۇشۇنداق ئاددى ۋەقەلىكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خۇددى ئۈلگە تاپالمىغاندەك نام ئەمەلى يوق، ئىش-ئىزلىرىنىڭ تايىنى يوق تىپ ئارقىلىق «ئىنقىلاۋى قۇربان»نى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولۇش بۈگۈنكى ئېچىۋېتىلگەن زامانغا ھەم زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەن دەۋرگە ماس كەلمەيدۇ. دېمىسىمۇ، ئاخىرىدا ئاتالمىش ئىنقىلاۋى قۇرباننىڭ رەڭ بېرىلگەن  لاي ھەيكىلى يامغۇردا قېلىپ، رەڭ-بوياقلىرى يۇيۇلۇپ، لايلىرى سۇۋۇلۇپ ئەسلى ماھىيىتى ئېچىپ تاشلاندى، ئويۇنغا-شەكىلگە ئايلانغان ساختىپەزلىكنىڭ ئەپتى-بەشرىسى ئاشكارىلاندى.  
    جۈملىدىن، يازغۇچى ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى مەقسەتلىك مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۆۋەنگە چۈشكەن بىر قىسىم كادىرلارنىڭ خىزمەت نىشانى- ئىقتىدارىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. يېزا-كەنت كادىرلىرى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى-تەپەككۇرىنى ئېچىپ بەردى. «ئىشەكنى كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈزىۋېلىش» پىلانى بويىچە ئوچۇقچىلىققا لايدىن ياسىغان مەجبۇرى تىپقا كۆتۈرۈپ چىقىلغان مۇۋاپىق بولمىغان خىزمەت ئىستىلىدىكى نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان «ئىنقىلاۋى قۇربان»نىڭ لاي ھەيكىلى تۇنجى ياققان يامغۇردىلا باش-كۆزى يۇيۇلۇپ، «ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن» ھالىتىدە سەتلەشتى ھەم ئۆزلىرىنى يوغان ئىش قىلغاندەك كۆرسەتمەكچى بولغانلارنى سەتلەشتۈردى.  
  ئەمىسە، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار كەنتلەرگە بېرىپ نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ مانا بۇ ھېكايىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقچى بولغان مەقسەتتۇر. كەنتكە چۈشكەنلەرگە باھا بىرىش، كەنتكە چۈشۈپ نېمە ئىش قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىشتۇر. تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ كەنتتىكى ۋاقتىنى ئۈنۈمسىز، ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزىۋەتمەسلىكىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان سىگنالدۇر.


uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )