قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8547|ئىنكاس: 120

بىلىمخۇمار: ئابدۇۋەلى ئايۇپ ماقالىلىرى ھەققىدە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

225

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 981
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1357
تۆھپە : 6655
توردىكى ۋاقتى: 2105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 11:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 11:56  

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ماقالىلىرى ئۈستىدىكى مۇنازىرە ھەققىدە ئويلىغانلىرىم


بىلىمخۇمار

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى


كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر بىر قانچە ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇكىمىزنىڭ «تۈركىيىدە ياكى مىسىردا» قاتارلىق بىر قانچە پارچە ماقالىلىرى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.  ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشىچە بۇ بەس-مۇنازىرىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ساغلام مېڭىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزنى تەربىيىلەپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى توغرىلاش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتىمۇ چوڭ.  مېنىڭچە ئىمكانىيەت يار بەرگەندە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «پاراڭلىشىش» ياكى پىكىر-ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق بولۇپ تۇرغىنى مىللەت ئېڭىدىكى يۈكسىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ناھايىتىمۇ پايدىلىق بولۇپ، مەن ئالدى بىلەن بىر قانچە پارچە نادىر تېمىلارنى يېزىپ، بۇ قېتىمقى پىكىرلىشىش جەريانىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئابدۇۋەلى ئۇكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

تۆۋەندە مەن بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

(1)مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، يېقىنقى 25 يىلنىڭ مابەينىدە چەت ئەلگە چىقىپ، مەلۇم سەۋەبلەردىن ئوقۇمىغان، ئوقۇيالمىغان، ياكى ئوقۇشنى خالىمىغان قېرىنداشلارنىڭ سانى بىلەن، ۋەتەندە ئانچە تىرىشماي، ۋە ئوقۇشقا ئازراقمۇ ئىنتىلمەي ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ سانى ھازىر مىسىر ۋە ئەرەبىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە دىن ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلارنىڭ سانىدىن ناھايىتىمۇ كۆپ.  مىللەتكە بولغان پايدىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلار چەت ئەلگە چىقىپ زادىلا ئوقۇمىغان قېرىنداشلار بىلەن ۋەتەندە ئۆگىنىشكە ئىنتىلمەي ياشاۋاتقان قېرىنداشلاردىن ياخشىراق ئورۇندا تۇرىدۇ.  شۇڭلاشقا مۇشۇنداق بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز دىندا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى قوللىشىمىز، ئۇلارنىڭ روھىنى ئاسرىشىمىز ۋە قەدىرلىشىمىز، ۋە ئۇلار ھاسىل قىلغان ئىلگىرىلەشلەرنى مەدھىيلىشىمىز كېرەك.

(2) ئون نەچچە مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر مۇسۇلمان خەلق كىشىلىرى ئىچىدىكى 3000 – 4000 كىشى دىندا ئوقۇسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ.  خۇددى بەزى تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، بۇ يەردە ئوقۇغان بىلىمنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرامدۇ، ياكى ئۆز خەلقى ۋە ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرامدۇ، دېگەن مەسىلە مەۋجۇت.  ھازىر چەت ئەلدە دىن ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلارنىڭ بىر قىسمى چوقۇم 1-يولنى تاللاپ، يەنە بىر قىسمى بولسا چوقۇم 2-يولنى تاللايدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا 3-يولمۇ بار.  ئۇ بولسىمۇ ھەقىقى ئىسلامغا ماس كەلمەيدىغان، سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان، ۋە دۇنيا قوبۇل قىلالمايدىغان يەنە بىر يولدىن ئىبارەت.  بەزى تورداشلار چەت ئەلدە دىندا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئاشۇنداق 3-يولغا كىرىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋېتىپتۇ.  مېنىڭچە ئاشۇنداق ئەندىشىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار.  ئەمما، ئەندىشىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چەت ئەلدە دىن ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلار ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىش مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس، ئىلمىيلىققا ۋە ئىسلامنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كېلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.  ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يارىتىلغاندا ياخشى ئادەم قىلىپ يارىتىلغان.  يەنى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھالىتى (Default status) «ياخشى ئىنسان» لىقتىن ئىبارەت.  شۇڭلاشقا بىز ھازىر چەت ئەلدە دىن ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلارنىڭ كۆپۈنچىسىگە ئىشىنەيلى.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمى 3-يولنى تاللايدىكەن، ئۇ مىللەتكە ناھايىتى ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرايلى.  

(3) مەن ھازىرغىچە تورلاردا ئېلان قىلغان يازمىلىرىمنىڭ بىر قىسمىدا دىن ئوقۇش بىلەن پەن ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ، ۋە شەرقتە ئوقۇش بىلەن غەربتە ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندا دىندىن توغرا ۋە تولۇق پايدىلىنىشنىڭ بىر كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى ئىكەنلىكىنى كۆپ تەكىتلىدىم.  مەن ئاشۇ نۇقتىنىڭ توغرىلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن.  شۇڭلاشقا مەن يۇقىرىدىكى 2-يولنى تاللىماقچى بولغان ئۇكىلاردىن بۇ تەۋسىيىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە بەزى ئۇكىلار بۇ تەۋسىيىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بۇرۇن ئوقۇۋاتقان دۆلەتتىن يېڭى دۆلەتكە يۆتكەلدى.  يەنە بەزى ئۇكىلار بولسا دوكتور ياسىر قازى ۋە «ئويغان» ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىرادىسىگە كېلىپ، مەندىن ئاشۇ مەكتەپلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئوقۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مەن ئۇلارنىڭ مەكتىپى دەرسلەرنى پەقەت شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىلا ئۆتىدىغانلىقىنى (يەنى، ئۇلارنىڭ دەرسلىرى ئامېرىكىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتى بار كىشىلەر ئۈچۈن لاھىيىلەنگەنلىكىنى)، ياكى بولمىسا بىر يىل ئىچىدە 9 ئايلىق كۇرۇس ئاچىدىغانلىقىنى، ھەمدە ھازىرچە رەسمىي باكلاۋېر ياكى ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرىنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتىم.  يەنى، بۇ ئىككى ئەپەندىنىڭ مەكتەپلىرى ھازىرچە پۈتۈن كۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلالمايدىكەن.  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا چىقىرىپ بېرەلمەيدىكەن.  ئەمما، ئامېرىكىدىكى باشقا 10 دەك داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر «ئىسلام تەتقىقاتى» كەسپىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىدىكەن.  يەنى سىز باكلاۋېرلىقنى باشقا يەردە تاماملاپ، ئىسلام تەتقىقاتى كەسپىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقنى ئاشۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىكەنسىز.  مېنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاشۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇغان 5 – 10 دەك زىيالىيلارغا كۈچلۈك ئېھتىياجى بار.  مەن بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ ئاشۇنداق بىر غايە ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېنىڭ ئۆز ئىزدىنىشىم ئارقىلىق ھازىرغىچە ھېس قىلغىنىم، يۇقىرىدىكى 2-يولنى تاللايدىغان ئۇكىلار غەرب ئەللىرىدىن بىرەرسىدە ئىسلام دىنىنى ئوقۇمىغان تەقدىردىمۇ، پەلسەپە، خەلقئارا دىنىي تارىخ، ئىنسانشۇناسلىق، خەلقئارا سىياسەت، پىسخولوگىيە، خەلقئارا قانۇن قاتارلىقلاردىن كەم دېگەندە بىرسىنى، ھەمدە تەبىئىي-پەندىن بىرسىنى ئوقۇسا، ئۆزى تاللىغان يولدىكى خىزمەتلەرنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ.

مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى بىر يازمىسىدا، دوكتور ياسىر قازىنىڭ مۇنداق بىر ئوخشىتىشىنى تىلغا ئالدىم:  جىنلار نۇر تېزلىكىدە ماڭىدۇ، ھەمدە ئىنسانلارغا بەزىدە كۆرۈنۈپ، بەزىدە كۆرۈنمەيدۇ.  جىنلارنىڭ مۇشۇنداق خۇسۇسىيىتى نۇرنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ئوتتىن يارىتىلغانلىقى، ھەمدە ئوتمۇ نۇرغا تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن، جىنلار بەزىدە كۆرۈنىدىغان نۇرغا، يەنە بەزىدە بولسا كۆرۈنمەيدىغان نۇرغا ئۆزگىرەلەيدۇ.  

يېقىندا مەن «تارتىش كۈچى دولقۇنى» ھەققىدە بىر پارچە قىسقا يازما تەييارلاپ مۇنبەرلەرگە يوللىدىم.  تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى، ئۇ نۇر ئۆتەلمەيدىغان بىر قىسىم نەرسىلەردىن بۇزۇلماي ئۆتەلەيدۇ.  ئۇمۇ نۇر تېزلىكى بىلەن ماڭىدۇ.  مېنىڭ يازمامنى ئوقۇغان بىر توردىشىمىز «ئۇنداقتا جىنلار تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئوخشايدىكەن»، دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ.  پەقەت دىندىلا ئوقۇغان، تەبىئىي-پەندە ئازراقمۇ ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك تەپەككۇر قىلالىشى، قۇرئاندىكى مەزمۇنلارنى يۇقىرىقىدەك چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

(4) مەن بۇ يەردە ھازىر مىسىر ياكى باشقا بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە دىن ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان قېرىنداش-ئۇكىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى ۋە مۇسۇلمانلىق ئورنى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن.  ئەڭ ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ ئېسىگە سېلىپ قويىدىغىنىم، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرەر «ئومۇمىي خەلق باھالىشى» ياكى «ئومۇمىي خەلق قارار ماقۇللىشى» ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش يوق.  ئابدۇۋەلى ئۇكىمىز پەقەت ئۆزىنىڭ «دىننى مىسىردا ئوقۇغانغا قارىغاندا تۈركىيىدە ئوقۇغان ياخشىراق» دېگەنگە يېقىن كېلىدىغان بىر كۆز-قارىشىنى ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنى خالىغان ئۇكىلار بىر تەۋسىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ.  قالغانلار بولسا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، ئۆز يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.  بۇ ھەرگىزمۇ بىر مەجبۇرلىنىدىغان ياكى قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان ئىش ئەمەس.  ئالدى بىلەن ھەممىمىز بىرسىنىڭ ئىدىيىسى ياكى تەشەببۇسىغا «باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرىگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش» پۇزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلايلى.  باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى چىشلەپ تارتىش ۋە باشقىلارنىڭ نىيىتىگە باھا بېرىشتىن ساقلىنايلى.  ئۇنىڭغا بىر چوڭ قارار ئېلىش جەريانىغا مۇئامىلە قىلغاندەك پۇزىتسىيە تۇتۇشتىن تېخىمۇ ساقلىنايلى.

قۇرئاندا مۇسۇلمانلار بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكلىكى، ۋە غەيرى-مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق مەزمۇنلار بار بولۇپ، مەن ئاشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى يازمىلىرىدا ئازراق توختىلىمەن.  بۇ يەردە ئويغاننىڭ بىر لېكسىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.  ئۇ لېكسىيىنىڭ تېمىسى «ياخشى ئەمەللەرنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ» بولۇپ، ئۇنىڭ يۇتيۇب سىن ھۆججىتى 2015-يىلى 5-مايدا ئىنتېرنېتكە قويۇلغان ئىكەن.  ئويغان مەزكۇر لېكسىيىدە سۈرە بەقەر (2-سۈرە) دىكى ئىككى ئايەتنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئايەتلەر مۇنداق:

«ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ [108]. ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر [109]. »

تۆۋەندىكىسى ئويغاننىڭ يۇقىرىدىكى ئايەت ھەققىدە دېگەنلىرى:

بۇ ئايەتلەر مەدىنىدە نازىل بولغان.  قۇرئاندىكى ھەر بىر ئايەتنى چۈشىنىشتە، ئۇ ئايەتنىڭ قۇرئاندىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بۇ 2 ئايەتنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمىلەر دەپ بولۇنغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.  ئەينى ۋاقىتتا مەدىنىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمان بولۇشقا باشلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن مەدىنەدىكى يەھۇدىلارنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەسەت قىلىپ، ئۇ كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولىدۇ.  ئاللاھ بۇ ئەھۋالغا قارىتا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى مۇقىم بولۇپ، ئۇنى ھېچ كىم ياندۇرالمايدۇ»، دەيدۇ.  بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئەگەر سىزنىڭ ئىمانىڭىز پۈتۈن بولسا، ئۇنى ھېچ كىم تەۋرىتەلمەيدۇ؛  ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىمانى تەۋرىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىمانى ئەسلىدە پۈتۈن ئەمەسلىكىدىن بولغان؛ ئىمانى پۈتۈن ئادەمنىڭ ئىمانىنى ھېچ كىم تەۋرىتەلمەيدۇ»، دېگەندىن ئىبارەت.  دېمەك، مەسىلە ھەرگىزمۇ سىرتتىن كەلمەيدۇ – ئەگەر ئىمانىڭىز تولۇق بولىدىكەن، سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزنى بىر ئادەم سىرتتىن تەۋرىتەلمەيدۇ.  ئەگەر ئىمانىڭىز تەۋرىگەن بولسا، ئۇ پەقەت ئىچكىي سەۋەبتىن شۇنداق بولىدۇ.  

ئەمدى ھازىرقى زامانغا قاراپ باقايلى.  ھازىر دۇنيادا ئىسلامغا قارشى تەشۋىقاتلار ناھايىتى كۆپ ۋە ناھايىتى كۈچلۈك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.  ئىسلامغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىسلامنى چۈشەنمەي ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.  شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق.  ئۇلارغا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق.  بۇنىڭغا قارىتا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ياشلار بىر خىل ئەندىشە ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا بىر ئىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.  ھەمدە ئۇلار بەزىدە خاتا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.  ئاللاھ قۇرئاندا كۆزدە تۇتقان دىن دۈشمەنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىۋاستە قارشى چىقىۋاتقان كىشىلەر.  بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى بولسا ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، شۇنداقتىمۇ دىنىمىزغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار.  

ئۇنداقتا بىز ئۇلارغا قارىتا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىمىز كېرەك؟  بۇ ھەقتىمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئېنىق تەلىم بېرىلگەن.  يەنى، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنى ئۇنتۇلۇپ كېتىڭلار، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار، دەپتەرنى بىر ۋاراق ئۆرۈڭلار، بۇ ئىشتا بىرەر مەسىلە يوق، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماڭلار، ئۇ ئىشلار ئېتىبار بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار نېمە دىسە دەۋەرسۇن، ئاللاھ ئۆزى قارار بەرگىچە ئاشۇنداق يول تۇتۇڭلار.»  بۇ گەپلەر مېنىڭ گېپىم ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ گېپى.  

بەزى ياشلار «ئۇلارنىڭ پۇلى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇلارغا تايىنىپ دىنىمىزغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ»، دەيدۇ.  بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:  «ئۇلارنىڭ كۈچىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ھەممىگە قادىر، ئاللاھ ھەممىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.»  بۇ يەردە ئاللاھ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىنى ۋە پىلانىنى تۆۋەن مۆلچەرلەۋاتقىنى يوق.  ئاللاھنىڭ ئۇنداق ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋىرى بار.  ئەمما ئاللاھ بۇ يەردە بىزگە ئاشۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ بېرىۋاتىدۇ.  سىز چىداملىق بولۇشىڭىز كېرەك.  سىز زېھنىڭىزنى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا قارىتىشىڭىز كېرەك.  

ئويغاننىڭ لېكسىيىسىدىكى مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

مەن دىنىمىزنى ئۆگىنىش جەريانىدا مۇقەددەس كىتابتا گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمەن.  يۇقىرىدىكىسى ئەنە شۇنداق مەزمۇنلارنىڭ بىرى.  ئەمما، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە ئۇنداق گۈزەل نەرسىلەرنى ئۇنچىۋالا كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن.  بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن «بىزنىڭ كىشىلىرىمىز قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتقاندۇ؟  ئۇنى نېمىشقا ئوقۇۋاتقاندۇ؟» دەپ سوراپ قويىمەن.

يۇقىرىدىكى دىن دۈشمەنلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇن ھازىر داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرىگە ئەينەن ماس كەلمەيدۇ.  ئەمما مېنىڭ ئويلىغىنىم، ئاللاھ مۇسۇلمانلاردىن دىن دۈشمەنلىرىگە يۇقىرىقىدەك كەڭ-قورساقلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتسا، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ھازىرقىدەك قىلىپ كېتىشىمىز توغرىمۇ؟  بىز زادى نېمىنى تالىشىۋاتىمىز؟  بۇنداق تالىشىش كىمگە پايدىلىق؟  كىمگە زىيانلىق؟

(5) مەن ئۆز يازمىلىرىمدا چەت ئەلدىكى ئوقۇغان قېرىنداشلاردىن بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشنى كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلدىم.  ئۇلارنى «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېما ئاستىدا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئۆزۈم ئويلىيالىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولدۇم.  ئەمما، مېنىڭ ئۇ چاقىرىق ۋە تەكلىپلىرىم ئۆزۈم ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجە بەرمىدى.  «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» بولۇشقا شەرتى توشىدىغان نەچچە مىڭ كىشى ئىچىدىن ھازىرغىچە ئاران 51 نەپىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە تورلارغا ماقالە يوللاۋاتقان كىشىلەردىن قانچىسى بار، بۇ ھەممەيلەنگە ناھايىتىمۇ ئايدىڭ.  

ئابدۇۋەلى ئۇكىمىز ھازىر چەت ئەلدە تۇرىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئانچە خاتىرجەممۇ ئەمەس—ئۇنىڭ تېخى بىرەر مۇقىم خىزمىتىمۇ يوق.  ئاشۇنداق تۇرۇپمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭدەك ياشاش ئىنتايىن كۈچلۈك ۋىجدان ۋە مىللىي ئاڭ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنساپ، ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك مىللىي مەجبۇرىيەت ھېسسىياتى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئارىمىزدا ئۇلارغا تەڭ ئىگە بولغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.  ئۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بەزىلىرى يۈزدە-يۈز توغرا بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ دىن دۈشمەنلىرىدىن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ.  ئۇ بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەزىز.  مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئابدۇۋەلى ئۇكىمىز مىللەت ئۈچۈن بىر قىممەتلىك بايلىق. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا كۆيىنەيلى.  ئۇنى ئاسىرايلى. ئۇنى قەدىرلەيلى.  ئەگەر ئۇ بەزى ئىشلارنى توغرا قىلالمىغان بولسا، ئۇنى ئۆز سەپىمىز ئىچىدىكى بىر ئەزا قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلايلى.  ئۇنى نابۇت قىلىپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنايلى.

ئويغاننىڭ يەنە بىر لېكسىيىدە دېيىشىچە، كىبىرلىك كىشىلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئېشىكى يېپىق ئىكەن.  سىز زادى نېمىنى تالىشىۋاتىسىز؟  مەن ھازىر ئابدۇۋەلى ئايوپ ماقالىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىپ، پاكىتسىز ۋە ئىلمىيسىز پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان قېرىنداشلاردىن «مەن زادى نېمىنى تالىشىۋاتىمەن؟  مەن قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى؟» دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سوراپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Never underestimate any good deeds
https://www.youtube.com/watch?v=WdCFsDiaXHE


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا ۋە ئۈندىدارغا چىقارسىڭىز، بېسىپ چىقىرىپ تارقاتسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

uyghuray

0

تېما

1

دوست

484

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36755
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 12:40:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئاكا،رەخمەت  سىزگە!ئابدۇۋەلى مۇئەللىم ئۈچۈن يازغان بۇ يازمىڭىزنىڭ باشقىلارغىمۇ تەسىر قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

0

تېما

1

دوست

2036

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 13:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم دىگەن ھامان ئالىم
توغرا يولنى كۆرەر دائىم
ئازغانلارغا مەشئەل يېقىپ
قارڭغۇدا يانار دائىم

رەھمەت ئەركىنكا قىممەتلىك يازمىڭىز ئۇچۇن تەشەككۇر
دوسلار  بىز مۇ ئوبىيكتىپ پىكىر قىلىشنى  ئۈگىنەيلى

0

تېما

0

دوست

103

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28949
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 14:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ،ئەركىنكامغا رەخمەت ، قېرىداشلېرىم پاكىت بىلەن سۆزلەيلى ، مۇشۇ ئاڭلىغاننى سۆزلەيدىغان ، بەرگەن تەسىر بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن يىراق تۇرساق. ئىشەنچىلىك ئاساسقا ئىگە ئەمەس سۆزلەر بىلەن ھىسياتچان ياشلارنى قايمۇقتۇرمايلى . تېما يازغۇچىلار ئەركىنكامدىن ئۆگەنسەك ،ئاددى سۆرلەرنى ئىشىلتىپ چوڭقۇر مەزمۇننى ئىپادىلەش . پاكىتلېرى تولۇق ،قايىل قىلارلىق !
uyghuray

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3680
توردىكى ۋاقتى: 945
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 14:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەركىنكا ، بۇ تىمىڭىز ئاجايىپ قايىل قىلارلىق بولۇپتۇ ،ئاللا سىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن .

0

تېما

0

دوست

2362

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 14:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadlax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 14:14  

ئوچاقتىن بىخەۋەر قازان قايناتقاننىڭ نىمە ئەھمىيتى بولسۇن.

ئۇنىڭغا قارغاندا، دىنىي تەلىم تەربىينى ،ئۆز يۇرتىداقانۇنلۇق ئۇگەنگەننىڭ ئەھمىيتى زور.
تۇلۇقنى پۇتتۇرگەن، دىغى يوق ياشلارنى تىزىملىتىڭلار ئاخۇنۇم قىلىپ تەربىيلەيمىز دىسە، ماۋۇ ئىشكالىدا .بىرسى ئاپىرىپ تىزىملاتمايدۇ.ۋاي مىسىر تۇركىيە دىيىشىپ، ئۇيەردە ئوقۇپ كەلگەنلەر نىڭ دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىم بۇلىشى ئىھتىماللىقى نەچچە پىرسەن .

كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتۇر ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەمدى كۆمۇر يەرئاستىدا ياتقان بىلەن.

0

تېما

1

دوست

1315

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55140
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 14:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىسسىياتچان كىشىلەرنىڭ جەننىتى بۇلۇپ كىتىپتۇ بۇ ماقالە

0

تېما

5

دوست

3327

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34035
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1050
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 14:12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەيلى نەردە ئوقۇسۇن ساغلام بولغان دىننى بىلىمنى قوبۇل قىلۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ تىرشىپ ياخشى ئۈگىنىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
      ئسلام دىنى ئىنسان روھىتىنى ساغلاملىققا ئۈندەپ ئەخلاقى ئۈلچىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، توغرا بولغان ئىسلام ئەقىدىسىگە ئىگە كىشلىرمىزنىڭ مۇشۇ دەۋىردە ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان جەمىيەت ۋە تۇرمۇشىدا ئۇچۈراپ تۇتۋاتقان تاللاشلارغا بىر قەدەر ئەقىدىلىك كىشىلەر توغرا مۇئامىلىدە بولاۋاتىدۇ ،  
     ھەرقانداق بىلىمنىڭ يوللىرى ئوخشاش بولمىغىنى بىلەن نەتىجىسى ئوخشاشلا ئۆزى ۋە جەمىيەت ئۈچۈندۇر
      بۇ دەۋر ئىدىسۇننىڭ دەۋرى ئەمەس ئاي يورىقىدا مۇشەقەتلىك ئۈگۈنىش قىلىدىغان ،بۇ دەۋىر يېڭى دەۋىر كىشى قەيەردە ئەزىز بولسا شۇ يەردە ئۈگىندىغان دەۋىردۇ ، گۈلەن مۇئەللىم ئىككى ئورۇننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرنى بىر قەدەر يورۇتۇپ بەردى ئەگەر قەيەر ئۆزىگە ماس كەلسە شۇ يەرگە بارسا بولىدۇ، بۇ ئۇنچە تالاشقىدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن ئەسلى .
       ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىپ بۇ يازمىنى تەييارلىغىنىغا رەھمەت ئىيتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )