قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 14613|ئىنكاس: 352

دوكتور ھەبىبۇللا توختى: گۈلەن يازمىلىرىغا ئەسكەرتمە

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56420
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 13:22:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!


دوكتۇر ھەبىبۇللا توختى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالغاچقا، مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىكەن. شۇ ھاۋالىگە ئاساسەن يوللاندى.


دوكتور ھەبىبۇللا توختى: گۈلەن يازمىلىرىغا ئەسكەرتمە
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك گۈلەن ئەپەندى!
   يېقىندىن بۇيان تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قىزغىن تالاش- تارتىش بولۇۋاتقان قىسقا ماقالىلىرىڭىزدىن خۇددى بۇندىن ئىلگىرى تورلاردائېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئېقىم مەسلىلىرى ئانالىزلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قىسقاماقالىلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسىدىن مەمنۇنىيەت ئىلكىدە خەۋەردار بولغىنىمدەكلا خەۋەردارمەن. ئوخشىمايدىغان يېرى، يېقىندىن بۇيان يازغان «دوللار قارى»، «كەبىنىڭ ئورنى» قاتارلىق ماقالىلىرىڭىزغا سەپەر ئۈستىدە كۆز يۈگۈرتۈپ مەزكۇريازمىلىرىڭىزدا كۆرۈلگەن ئېغىر بىر تەرەپلىمە خاھىشتىن، شۇنداقلا شەخسىي ھېسسىيات ۋە چالا ئىسپات ئاساسىغا قۇرۇپ قويغان كەسكىن ھۆكۈملىرىڭىزدىن تازا راھەت تۇيغۇدابولالماي تۇرغان پەيتىمدە، «تۈركىيەدىمۇ مىسىردىمۇ» دېگەن يازمىڭىزدىن ماڭا تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇر ۋە تەۋسىيە سېگناللىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم. راستىنى ئېيتسام،ئەندىكىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ماڭا كەلگەن ئۇچۇر ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ساھىبلىرى خېلى نوپۇزلۇق ئۆلىمالار، زىيالىلار ۋە ياش ئۈگەنچ تالىپ ئىنىلەر، پىكىرداش دوستلار،ئىشقىلىپ ھەر ساھەدىن ئادەم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممسى دىگۈدەك يازمىدىكى پىكىرلىرىڭىزگە رەددىيە يېزىشىمنى ئۆتۈنۈشتى.
   مەن يېقىنقى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەتقىقات، شۇنداقلا تىجارەت ھەلەكچىلىكىدە ۋېيچەت چەمبىرىكىمدىن باشقا ھەر قانداق تور بەت ياكى ئاممىۋىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگەھېچنەرسە، ھەتتا ئىنكاسمۇ يېزىپ باقمىدىم دېسەم مۇبالىغە ئەمەس ئىدى. شۇسەۋەپتىنمىكىن، بەزى يېقىنلىرىمغا بۇ قېتىممۇ: «گۈلەنگە نەسىھەت قىلىپ ئەزھەرنى ئاقلايدىغانغا گۈلەن ئىنىم، ئەزھەر ئاكام ئەمەسكەن» دەپ چاقچاق يوسۇنىدا جاۋاپ بېرىپ ۋاقىتلىق قۇتۇلغان بولدۇم. ئەمما بەرھەقكى، بۇ جاۋاپقا ئۆزۈم قەتئىي قايىل ئەمەس ئىدىم. دوستلاردىن قۇتۇلغان بىلەن ئۆزۈمدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم. چۈنكى دەل ئەكسىچە سىز قېرىندىشىم (يەنى ئاكا-ئىنى) ئەزھەر بولسا «مەنىۋى ئاكام» ئىدى!
    ئۇنىڭ ئۈستىگە گەرچە مەن سىز بىلەن ھاياتىمدا بىرەر قېتىممۇ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ، شۇنداقلا (ئېسىمدە قېلىشىچە) تەخمىنەن ئون يىل مۇقەددەم بىر قېتىم ئېلخەتتە سالاملاشقاندىن باشقا تور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ ھەرقانداق شەكىلدە پىكىرلىشىپ باقمىغان بولساقمۇ، بۈگۈن يازغان «خارلىق يولى ۋەشانلىق يول» تېمىلىق يازمىڭىزدا «مېنىڭ ھۆرمەتلىك دوستۇم ھەبىبۇللا توختى» دىگەن دوستانە تەرىپىڭىزدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلدىم، سۆيۈندۈم، شۇنداقلا مەندەك بىرغايىبانە بولسىمۇ ھۆرمەتلىك دوستىڭىزنىڭ ئىسمىنى قەتئىي ئاھاڭداش ياكى تاۋۇشداش بولمىغان، مەنمۇ تونۇشۇشقا مۇشەررەپ بولمىغان يەنە بىر ئۆلىمانىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرىۋەتكەن بولسىڭىزمۇ، قەتئىي خاپىلىق ياكى راھەتسىزلىك ھېس قىلمىدىم.چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمىزدىكى دوستلۇق مانا شۇنداق يەنى- سەن-مەن، مەن-سەن ئىدى! بۇھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر ھەدىسى بار: «ئىمان ئېيتمىغىچە جەننەتكەكىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر». ئېنىقكى، بۇھەدستە تەكتلەنگىنى ئىماننىڭ شەخسنىڭ يەككە ئىخلاسىدا چىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىشى بىلەن بىرگە، ئىماننىڭ دوستانىلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىجتىمائىي تۈسىنىڭمۇ ئوخشاشلاشەرت ئىكەنلىكى ئىپادىلىنەتتى. ئەمما بۇنىڭ مېنىڭ نەزىرىمدىكى بىرلا شەرتى- ئىمام شافىئىي ھەزرەتلىرى ئېيتقاندەك: «دوستۇم ماڭا سۆيۈملۈك، ئەمما ھەقىقەت دوستۇمدىنمۇ سۆيۈملۈك» ئىدى. مانا شۇ ۋەجىدىن گەرچە سەپەر ئۈستىدە قولفوندا تور بولسا توك يوق،توك بولسا تور يوق شارائىتتا بولساممۇ، ھەرەم مەسجىدى ئىچىدە كەئبە -بەيتۇللاھقاقاراپ ئولتۇرۇپ بۇ يازمىنى تىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ تىز يازمامدا ھېس قىلغانلىرىمنى يوشۇرماي بايان قىلىمەن.

گۈلەن ئەپەندى، مېنىڭچە سىزنىڭ دەسلەپكى ئۈچ يازمىڭىزدىكى خاتا نۇقتىلارغا تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىلمىيككە يات، نامۇۋاپىق خاھىش ئېغىر تەسىركۆرسەتكەندەك تۇرىدۇ:
1- ئاكىسېراش خاھىشى
2- ئاسماننى قاسقانغا قىياس قىلىش خاھىشى
3- ئالغا قاراپ قېچىش خاھىشى
1- ئاكىسېراش خاھىشى
   مېنىڭچە، مەلۇم جەمئىيەتتىكى ھېچ شەخسنىڭ ھېچ شەخسكە قايىل بولماسلىقى، بەلكى قايىل بولغۇسى يوقلۇقى ئاخىرقى ھىساپتا ھەر بىر ساھەدە بىردىن ناقايىللار توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ بىر نۇقتىدىن بولسىمۇ ئەڭ ياخشى بىر ئەگەشكۈچى بولۇپ ياشىشى، ھەر ئىشتا ئۆز تىپىدىن بىر ئۈلگە ياكى ئاكا تۇتۇپ ياشىشى لازىملىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىي تەبىئەت ياكى ئىلاھىي قانۇنىيەت بۇزۇۋېتىلگەندىن كىيىنكى بۇ غايەت زور روھىي بوشلۇقنى شەيتان ئىگەللەشكە باشلايدۇ. شۇڭا ئاللاھتائالا ئېيتىدۇكى: «ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى(گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى)ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى.ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى». ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (اﷲ نىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق».دېمەك، پەيغەمبەرلەر ۋە پەيغەمبەر ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار شەخس، مىللەت ۋەئۈممەت روھىغا شۇلارنىڭ ئۆز تىلى بىلەن خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلەشكەۋە ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشقا ئەۋەتىلگەن.
    بۇ ئۈلگىنى يوقاتقان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن ئۆزى يوقاتقان ئۈلگىنى ئۆزى ھەر جايدىن ئىزدەشكەباشلايدۇ، يەنى ئاكىسېرايدۇ، داھىسېرايدۇ. گاھىدا ئۆزلىرى ئىپتىخار بىلەن كىملىكىگەئوف، يوف بەلگلىرىنى قوشۇۋالسا، بەزىدە ئىدىيىسىگە جون، روبىرتلارنى ھۆكۈمران قىلىۋالىدۇ.ئاخىرىدا ئۆز تەبىئىتىگە سىغىنىش يولىدا يەنە پۇتلىشپ ھەممىدىن قاقشاش تېماقىلىنغان مەغلۇبىيەت مارشىنى خور قىلىپ توۋلاپ قايتىپ كېلىدۇ. بىر ناقايىللار توپى ئىچىدە قالغان شەخىس ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان يەنە بىر ناقايىللار توپىغابولغان ناقايىللىقىنى مەسئۇلىيەتنى ئۇلارغا دۆڭگەش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ خاھىشىنىڭ جەمىيەتلەشكەن شەكلى يۇقىرىقىدەك بولسا، مىللەتلەشكەن شەكلى بىر مىللەتنىڭ ھەمىشەباشقا بىر مىللەتكە ياكى باشقا بىر دۆلەتكە مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەش ياكى ئاغرىنىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بىزدە جۈملىدىن سىزدە كۆرۈلگەن ئەرەبلەردىن قاتتىق ئاغرىنىش خاھىشى،سىز ھاياتىڭىزدا تۇنجى كەلگەن كەئبىنىڭ ئوبرازىىنىڭ قەلبىڭىزدىكى زىلزىلىىسىدىن،كەئبە ئالدىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھاكاۋۇر سىماسى، ئاۋام خەلق شاھنىڭ ئوردىسمىش دەپ ئاتىۋالغان بەيتۇللاھنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش ئالاھىدە خادىملىرى بىناسى، ئۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ نامازغا چىقمىغانلىقى، ھەتتا مىسفىلە كوچىسىدىكى ئەخلەت قاتارلىقلارنىڭ ئەندىكتۈرمىسىنىڭ بېسىپ كەتكەنلىكى، يەنە تېخى ئەرەب _ ئىسلام ئۇقۇملىرىنىڭمۇ   كاللىڭىزدا تۇيۇقسىز خىرە- شىرە ئالمىشىپ كېتشى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىڭىزدىن سىزنىڭمۇ ئىختىيارسز ھالدا مەغلۇبىيەتنى باشقىلاردىن كۆرۈش، ئاكىسېراش قىزغىنلىقىڭىزغا مۇناسىپ بولمىغان جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كىيىنكى ئەندىكىشنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس. بۇنىڭغا مەزكۇر ماقالىلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇرغۇن بايانلىرىڭىزشاھىد بولالايدۇ.
   ئەرەبلەر ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ئەقەللىسى كاتتا سورۇنلاردىكى مەغلۇبىيىتى بىلەن بولسىمۇ ئىپادىلەۋاتقان بىر مىللەت. ئۇنىڭمۇ ئۆز دەردى ئۆز ئىشى بار. بىزدىكى ئاكىسېراش پىسخكىسى ھەدىسە باشقىلاردىن باتنايدىغان، باشقىلارنى تىللاپ ئارام تاپىدىغان خاھىشقا باشلىماسلىقى كېرەك.

2- ئاسماننى قاسقانغا قىياس قىلىش، خاسلىقنى ئومۇمىيلىققا قىياس قىلىش خاھىشى
   لوگىكا، ئەقىدە- ئىلاھىيەت ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ئىلمىدە(ئەلۋەتتە باشقا ساھەدىمۇ) كۆپ ئۇچرايدىغان يەكپاي قىياس (ياكى پەرەز) دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار. ئۇ بولسىمۇ قىياس ياكى ئىلمىي پەرەزنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدامەلۇم شەيئىنى شەكىلداش يەنە بىر شەيئىگە ماھىيەتلىك ئورتاقلىقسىز ھالەتتەئوخشىتىپ ئوخشاش بىر نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋىلىشتۇر. مىسال: ئاسمانمۇ يۇمىلاق،قاسقانمۇ يۇمىلاق، ھەر ئىككىىسىدە پارلانغان سۇ تۇمانى مەۋجۇد. دىمەك- ئاسماندابار يۇلتۇز قاسقاندا، قاسقاندا بارى ئاسماندا مەۋجۇد.
   گۈلەن ئەپەندى، ئەيىبكە بۇيرۇماڭكى، دىنى مائارىپ مەسلىسىدە تۈركىيە بىلەن مىسىرنى سېلىشتۇرۇشىڭىز بەرھەقكى يەك پايقىياستۇر، قايسىسى ئاسمان، قايسىسى قاسقان بولسۇن ئوخشاش.
    خاسلىقنى ئومۇمىيلىققا قىياس قىلىش ئاتالغۇسىدىن چىقىپ تۇرغاندەك،ئەمەت مىللىتى ئۇيغۇر، كەسپى ئوغرى، دىمەك بارلىق ئۇيغۇر ئوغرى دىمەكتۇر. سىزنىڭ ئىككى تونۇش بالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپلا ياكى «مىسىر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن توپلاپلا، <بۇ دۆلەتتە ئوقۇش ھەققىدە بەزى چۈشەنچىلەر>گە ئىرىشىپ»لا پۈتۈن ئەزھەرىيلەرگە باھا بېرىشىڭىز بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇنى ئەلۋەتتە سىز ياخشى بىلىسىز.
ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا باھا بېرىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتەيكى: ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، دىيارىمىزدىكى ئالىي ئوقۇللاردىن باشقا مالايسىيادىكى دۇنيا ئىسلام ئۇنىۋىرستېتى، سەئۇدىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە دۇنيا ئىسلام ئۇنىۋىرسىتېتى، شاھ سەئۇدئۇنىۋېرسىتېتى، ئىمام ئۇنۋېرسىتىتى، تۈركىيەدە سۇلتان مەھمەت فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى-ئىسلام پەنلىرى ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئالىي ئوقۇللارنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇدىر ياكى نوپۇزلۇق ئۆلىمالىرىنى مەخسۇس نەچچە كۈنلەپ ئۆزۈمنىڭ چوڭ كەسپىي دائىرەم بولغان ئەرەب-ئىسلام پەنلىرى تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن زىيارەت قىلدىم. ھېندىستاندىكى نەدۋە،دىيۇبەند قاتارلىقلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مېتودى بىلەن توردىن ۋە بەزى خەلقئارائىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا ئۇچراشقان ئۆلىمالىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىم ئارقىلىق تونۇشقان بولدۇم. ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتېتىگە تەۋە بولۇپ ئون ئۈچ يىلنى،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون يىلنى ئەزھەردىن ئايرىلماي ئۆتكۈزدۈم، ئاللاھقا شۈكرىلەربولسۇن. بۇلاردىن ھېس قىلغىنىم ئىككى:
   بىرىنچى، يۇقىرىقى مەكتەپلەر ئىچىدە ئوقۇسا بولمايدىغان، بىرىنى تاشلاپ يەنە بىرىگە كېتىش كېرەك بولغان بىرمۇ مەكتەپ يوق ئىكەن. ھەممىسىنىڭ ئالاھىدىلكى، ئۆزىگە خاس كوزىر پەنلىرى بار ئىكەن.
  ئىككىنچى، بۇ مەكتەپلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇھىتتا يېتىلگەن شۇنداق ئۇلۇغ ماكان ئىكەنكى، مەن يەنە كۆرمىگىچە، چۆكمىگىچە باھا بېرىشكە كۈچ ئېلشالمىغىدەكمەن. بىرلا يەكۈنىم، ماڭا ئەزھەر ئەڭ ياخشى ئىكەن (بۇھەقتە يېزىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «ئەزھەردە ئۆتكەن ئون يىلىم» ماۋزۇلۇق ئەسلىمەمدە تەپسىلى توختىلىمەن ئىنشائاللاھ )
  ئەمدى سىزنىڭ ئالدىراپ-سالدىراپلا، ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى ئىككى-ئۈچ بالىدىن ھېس قىلغانلىرىڭىغىزغا تاينىپلا ئەزھەردەك مىڭ يىللىق ئالى ئىلىم يۇرتىدائىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن تۈركىيەدە دىن ئوقۇشنى سېلىشتۇرىۋالغىنىڭىزنى نىمەدەيمىز؟
   كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يەر يۈزىدە ئىسلام مائارىپى ۋەدەۋىتىنى مالىيە جەھەتتىن سەئۇدىي ئەرەبىستاندەك، ئىلمىي خادىم بايلىقى ۋە مىتودجەھەتتىن ئەزھەردەك دەستەكلەۋاتقان <دۆلەت> يوق. ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلغاندەك،بۇ يەردە ئەزھەرنى دۆلەت دەرىجىسىدە تىلغا ئېلىشىم بىخوتلۇقتىن ئەمەس، بەلكى ئەزھەرنىڭ تارىختىن بۇيان <<دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت>> بولۇپ كېلەلىگەنلىكىدە. مىڭ يىللىق مائارىپ ئەندىزىسىگە ئىگە، تالاي خەلىپە-سۇلتان، زالىم- ئادىل،دوست-دۈشمەننى ئۆز يولىدا ئۇزاتقان، ئەمما ئۆزىنىڭ تۈپ مائارىپ نىشانى ۋە مىتودىدادەۋرنىڭ سىناقلىرىدا مەزمۇت تۇرغان بۇ گىگانت ئىلىم مۇئەسسەسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جاي ۋە ئەل-ئۇلۇسلىرىدىن يۈز مىليۇنلاپ شەخىس تەلىم ئالدى. تولۇقىسىز سىتاستىكىلاردىن بىلىشىمچە، ھازىرقى يەر يۈزىدىكى تىرىك ئەزھەرىيلەرلا ئون مىليۇنغايېتىدۇ.
   ھازىرقى ھالىتىدىن قارىغاندىمۇ، ئەزھەر (بارلىق تەبىئىي پەنكەسىپلىرى تولۇق بولۇش بىلەن بىرگە) مىڭ يىللىق ئىلمىي ۋە تەجرىبىۋىي تاسقامدىن ئۆتكەن، ئىسلام پەنلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ھالدا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ تۆتفىقھى ۋە ئۈچ ئەقىدىۋىي مەزھىبىنىڭ كىتاب-سۈننەتتىكى دەلىللىرى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى، تارىخىي تەرەققىيات جەريانى بىردەك مۇپەسسەل مۇجەسسەملەنگەن، ھەرزاماندىكى يېڭى مەسلىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ تۇرىدىغان،سېلىشتۇرما ئىلىمشۇناسلىق ئاساس قىلىنغان، ھېچ بىر مەزھەب ياكى مېتود چەتكەقېقىلمىغان، ھەتتاكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش، جىنىس، رايۇن ۋە مىللەت ياكى مەزھەب تەۋەلىكىگەقەدەر ھۆرمەت قىلىنغان ئىلىم مۇئەسسەسىدۇر. بۇ ئىلىم يۇرتىنىڭ سالمىقىنى يۇقىرىقى نۇقتىلارنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغان ھەر ئەقىل ئىگىسى ھېس قىلالايدۇ.
   (ئەمما ئەزھەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى، بولۇپمۇ -ۋەللاھۇئەئلەم-ئالدىنقى شەيخۇلئەزھەر مەرھۇمنىڭ [url=]زامانىدىكى[/url][U1] ئىلمىي چۆكۈش ۋە ھازىرقى بەزى ئۆلىمالار تۈپەيلى ئوبرازىي چۆكۈش ھالىتىگە كەلسەك،بۇ مىڭ يىللىق تارىختىكى ئايرىم ياكى ۋاقىتلىق ھادىسىدۇر. ئەمما ئېنىقكى، <تۆگەھەرقانچە ئورۇقلاپ كەتسىمۇ ئاتتىن چوڭ>).
   خوش، تۈركىيىدە دىن ئوقۇسا بولمايدىغان يېرى يوق. ئەمما قايسى مەكتەپتە، قانداق ئوقۇيدۇ، ئەزھەرگە قىياس قىلغىلى بولىدىغان قايسى مەكتەپ بار؟قايسى مەكتەپنىڭ قايسى مىتودى، قايسى نەتىجىسىگە ئاساسەن ئەزھەردە ئوقۇشتىن تۈركىيىدە دىن ئوقۇش ئەلا دەيمىز؟ تۈركىيىدە تەبىئىي پەن ئوقۇشتىن ئامېرىكىدائوقۇش ياخشى دىسەم ھېچكىم قارشى تۇرمىغان دەپسىز، ھازىرمۇ مانا تۈركىيىدە دىن ئوقۇشتىن ئەزھەردە دىن ئوقۇش ياخشى دەپ بېقىڭ، ھېچكىم قارشى تۇرمايدۇ. ئەپسۇسلۇق يېرى، يەكپاي قىياسنى ئۆزىڭىز ئوتتۇرىغا تاشلاپ، بۇنىڭغا بولغان قارشى سادالارنى تالىپلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن كۆرگىنىڭىز قىزىق. كامالىزىمغا، ئىلمانىزىمغا، چەكتىن ئاشقان دىموكراتىيەگە قۇلاققىچە چۆككەن تۈركىيە تېخى ئاق پارتىيە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىنلا ئازراق دىنىي نەپەس ئېلىپ بىۋاسىتە ئەرەب تىلىدا ئاران ئوتتۇز پىرسەنتچە  دەرس ئۆتەلەيدىغان بەش- ئالتە يۈز ئوقۇغۇچى ئالالايدىغان بىردىنبىر ئىسلام پەنلىرىفاكۇلتىتىدىن بىرىنى تېخى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قۇرۇپ چىقمىدىمۇ؟ بۇ ھەقتە مەزكۇرفاكۇلتىتنىڭ تۆھپىكار مۇدىرى، پېشقەدەم مۆھتەرەم ئىسلام مائارىپچىسى ئەھمەت ئارسىلان ئەپەندى بىلەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۈركىيىدىكى ھازىرقى دىنى مائارىپنىڭ ئەھۋالاتى ھەققىدە ئېغىر خۇرسىنىشتا ئورتاقلىشىپ سائەتلەپ يۈز تۇرانەسۆھبەتلەشمىدىممۇ؟ باشقا ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرىغا كەلسەك،ئەرەب تىلى بىلمەيدىغان خوجاملارنى يېتىشتۈرىدىغان بۇ بىلىم يۇرتلىرى پەقەت تۈرك مىللىتىگىلا ماس ۋە خاس ئالاھىدە ئەھۋالدۇر. نۇرغۇن جەھەتتىن بىزگە ھېچ پايدىسىز،بۇ ھەقتە تىل ھەققىدىكى نۇقتىدا توختىلىمەن.
   ئەمما خۇلاسە شەكلىدە بىر ئەزھەرىي تورداشنىڭ مالايسىيادەك ئىسلام مائارىپى گۈللەنگەن بىر دۆلەتتىن ئەڭ كۆپ ساندا (يەتتە مىڭ) ئوقۇغۇچىنىڭ ئەزھەردە ئوقۇۋاتقانلىقىنى دەلىل كەلتۈرگىنىنى قوللايمەن ۋە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن.
    ئىش تاپالماسلىق، نوپۇسقا ئۆتەلمەسلىك... مەسلىلىرىگە كەلسەك، بۇيەردىن ئىش تاپقىمىز ياكى نوپۇسقا ئۆتكۈمىز يوق. چۈنكى بىز بۇ يەرگە ئوقۇغىلى-قايتقىلى كەلگەن. سىياسىي تۈزۈلمىدىكى مەسلىلەرگە كەلسەك، بۇنىڭدىكى ئامىل بىرئەمەس. بۇ جەھەتتىكى سېلىشتۇرمىلارغا باشقا تورداشلارمۇ جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.

3- ئالغا قاراپ قېچىش خاھىشى
   مەسلىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ھېچقاچان يېشىم بولالىغان ئەمەس، ھەرقانداق مەسلىگە يۈزلىنىپ قۇتۇلۇش لازىم. ئالدىمىزنى توراپ تۇرغان توساقتىن يانداپ،پېشىمىزگە ئېسىلغان پېشكەلچىلىكنى سۆرەلتكەن پېتى ھۇررا توۋلاپ ئالغا يۈگۈرگەنھالىتىمىز بىلەن پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئالدىيالايمىز، باشقىلارنى كۈلدۈرەلەيمىز خالاس.بۇنى ئەرەبلەر: «ئالغا قاراپ قېچىش>> دەپ ئاتايدۇ، سىزدە بۇ نامۇۋاپىق خاھىشنىڭكۆرۈلۈشى مەنچە قىياسقا قەتئىي ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمما سىزدەك بىر سەگەك زىيالىيدا خاتابىر مەسلىنى بىزگە تونۇش دادىللىقىڭىز بىلەن زىممىڭىزگە يۈكلىۋالغىنىڭىزدائامالسىز ئالغا قاراپ قېچىشقا مەجبۇر بولغاندەك تۇرىسىز، ئىلاھىم شۇنداق بولغاي!چۈنكى بۇ ئەڭ يېنىك پەرەز ۋە ئەڭ ياخشى سىنارىيودۇر.
بۇنى ئاز دىگەندە ئىككى نۇقتىدىن ئىسپاتلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، ئەرەب تىلىنى بىچارە سەرگەردانلاردىن ياكى ۋېۋىسكىدىن ئۈگىنىش تەشەببۇسى
   گۈلەن ئەپەندى، ئۆلىما بولمىسىڭىزمۇ، ئالىم ئەمەس ئەمەسسىز. <<ئالىمدۇرسىز>>دىيەلمەسلىكىمدىكى سەۋەب مەن تېخى سىزنىڭ بىرەر ئىلمىي نەتىجىڭىزدىن ۋاقىپ بولالمىدىم. ئەمما بۇندىن ئىلگىرىكى تېتىملىق ماقالىلىرىڭىزدىن بىر تىل سەنئەتكارى ئىكەنلىكىڭىز، تىلشۇناسلىقتا مەخسۇس ئوقۇغان-ئوقۇتقانلىقىڭىزدىن تىل ئاشىقى ئىكەنلىكىڭىز ھەم ئالىملىق بۇرۇجىغا شۇ نۇقتىدىن ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىڭىز پارلاپ تۇرۇپتۇ. ئەمما سىز ماقالىڭىزدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىق ئىسلامنى چۈشىنىشتىكى ئەڭغول ھالقا بولغان ئەرەب تىلى ۋە تىلشۇناسلىقىنى سەل چاغلىغىنىڭىز بولدى. مەسلىنىبايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئىككى چوڭ تارىخى ۋەقەلىكنى بايان قىلىپلا ئۆتسەم سىزگەمەسىلە ئايان بولىدۇ:
-ئۆمەر ئىبن خەتتاب خۇتبە سۆزلەۋىتىپ بىر ئايەتتىكى بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى سورايدۇ، ھەممە سۈكۈتتە تۇرغان پەيتتە ھۇزەيل قەبىلىسىدىن بىر بوۋاي بۇسۆزنىڭ ئۆز قەبىلىسىنىڭ تىلدا بارلىقىنى ۋە مەنىسىنى بايان قىلىدۇ.
-ئەمىسە بۇ سۆز شۇ پېتى ئەرەب نەزمىلىرىدە قوللىنىلغانمۇ؟- دەپ سورايدۇئۆمەر بىن خەتتاب.
-شۇنداق، مەسىلەن، پالانى شائىر مۇنداق دىگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆمەر بىن خەتتاب مۇنداق دەيدۇ:
-ھەببەللى، شۇڭا سىلەر ئازماي دىسەڭلار جاھىلىيەتتىكى شىئىر-نەزمىلىرىڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار، چۈنكى كىتابىڭلار قۇرئاننىڭ تەپسىرى ۋە تىلىڭلاردىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئەشۇ شېئىر-نەزمىلەردە.
بۇ مەنىدىكى سۆز ئىبن ئابباستىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىبن ئابباسنىڭ جاھىلىيەتتىكى شېئىر-نەزمىلەرنى كۆپ يادا بىلىدىغانلىقىمۇ كىتاپلارداقەيت قىلىنغان.
    بۇ تارىخى رىۋايەتتىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دىنىنى، دىنۋە مەرىپەتنىڭ مەنبەسى بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەرنى چۈشىنىش بىۋاسىتە ئەرەب تىلىنى پۇختا ئىگەللەشكە باغلىق. كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئەرەب تىلىنى 45 پىرسەنت بىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ئىلمىي نۇقتىدىن دىننى 46 پىرسەنت بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى، قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە، روھىغا، تەجرىبىۋى بىلىمىگە شۇنداقلازوقىغا تەڭلا نازىل قىلىنغان ئىلاھىي دەستۇردۇر. دىمەك، قۇرئان كەرىمدە چۈشىنىشكەمۇناسىپ ئايەتلەر بىلەن بىللە پەقەت ئۆز تىلىدا تېتىشقىلا بولىدىغان نۇرغۇن ھەقىقەتلەر بار. ئۇنىڭسىزمۇ قۇرئاننىڭ بايان ئۇسلۇبى ئىنتايىن ئاھاڭدار،بالاغەت-پاساھەتلىك بولۇپ، ھۆكۈم ئېلىش ئىقتىدارى ھازىرلاش، بولۇپمۇ دۇچكەلگەن مەسلىلىرى ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر ئەل ئۈچۈن ئۆلىما بولۇش زامان-ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىغان قۇرئان- ھەدىستىن مەنا ئېلىش تەقەززاسى تۈپەيلىدىنمۇ، كىلاسسىك ئەرەبتىلى ۋە ھازىرقى زامان ئەرەب تىلىنى پۇختا ئىگەللەشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. مانايۇقىرىدا ئەينى دەۋىردىكى ئەرەبلەرنىڭمۇ قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ھېلىقى بوۋايغامۇراجىئەت قىلغانلىقى ئۆتتى. تارىخىي كىتاپلاردا ساپ ئەرەب ئەدەبىي تىل ساھىبى بولغان قۇرەيشلەرگە مەنسۇپ ئىمام شافىئىنىىڭمۇ مەشھۇر شائىر ئەسمەئىينىڭ كەينىدەچۆلمۇ-چۆل يۈرۈپ سەككىز يىل مەخسۇس تىل ئۆگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
    دىمەك، ئۆلىمالىق تەلەپ قىلىدىغان ئەرەب تىلى ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاتلاملىرى شۇ قەدەر ئىنچىكە ۋە مۇشەققەتكى، ئۇنى ئۇرۇش ئوتىدىن قېچىپ يۈرگەن سۈرىيە مۇساپىر-سەرگەردانلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ ياكى ئىستانبۇلنىڭ ئارقاكوچىلىرىدىكى ئەرەبچە ۋېۋىسكىلارنى ھەجىلەپ ئوقۇپ ئۈگەنگىلى بولمايدۇ. قىسقىسى؛ئىلگىرى لى ياڭنىڭ crazy English (تەلۋە ئىنگىلىز تىلى) دىگەن مېتودىنى تەشۋىق قىلىپ ئون يىلدا يىگىرمە مىليۇن كىشىگە ئىنگىلىز تىلى ئۈگىتىش تەشەببۇسىنى جار سالغىنىنى ئاز-پاز بىلسەممۇ گۈلەن ئەپەندىمنىڭ immigrantArabic (كۆچمەنلەر ئەرەب تىلى) مېتودىدىن خەۋىرىم يوقكەن.
   ئىككىنچى تارىخى ۋەقە شۇكى: مىسىردا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كىيىنكىيېرىمىدا تاھا ھۈسەين ئىسىملىك فىرانسىيىدە ئوقۇپ كەلگەن بىر بولمىغۇر ئەدىب ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئەرەب يېزىقىنى لاتىنچىغا ئالماشتۇرۇش دىگەندەك غەرب پەرەس ئوي-تەشۋىقاتلاردابولغان. شۇنداقلا <<جاھىلىيەت شىېئرىيىتى توغرىسىدا>> دىگەن تېمىدابىر كىتاپ يازغان. كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېما قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا<<بىز جاھىليەت شېئىرلىرى دەپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان شېئىر-نەزمىلەر جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەمەس، بەلكى كىيىنكى دەۋرلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، توپلىغۇچىلار ئۇنى جاھىلىيەت دەۋرىگە مەنسۇپ قىلىپ توقۇپ قويغان>> دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. بۇ بولمىغۇرقاراشلىرى تۈپەيلىدىن تاھا ھۈسەين غەرپ ۋە غەرپپەرەسلەر تەرىپىدىن <ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى> دەپ ئاتالسا، ئەرەپ- ئىسلام ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن خائىنياكى مۇرتەد دەپ ئاتالغان. سەۋەب ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ھالقىلىق بولۇپ تاھا ھۈسەين جاھىلىيەت شېئىر نەزمىلىرىنىڭ چىنلىقىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق شۇ نەزمىلەر ئارقىلق مەنىسى يورۇتۇلغان ئايەتلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى. دىمەككى، تىل ئاسىيلىقىغا ئەرەب-ئىسلام ئۆلىمالىرى شۇ قەدەر ئىنچىكە ۋەكەسكىن قارىغان ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە بۇ تىلنىڭ دىننىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدىن بولغان ئىدى. دىمەك ئەرەب تىلىنى ئەرەب مۇھىتىدا مۆتىۋەر ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش دىن ئوقۇشنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇنى ئىنكار قىلىش گۈلەنگە ئوخشاش بىر تىلشۇناسنىڭ ئېغىزىدىن چىقسا، بۇنى مەسلىدىن قۇتۇلالماي ئالغا قاراپ قېچىش دىمەي ئامالىمىز يوق،ئەلۋەتتە.
ئىككىنچى: <<دىننى ھەر قانداق ياشتا، ھەر قانداق يەردەئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ>>.
   ئاللاھۇ ئەكبەر! بۇ پاجئەلىك ئىبارىلەرنىڭ خاتالىقىنى كېچىكىپ تونۇپ يەتكەن گۈلەن ئەپەندىم داۋاملىق ئالغا قاراپ قاچماقتا، خاتالىقنى ئېتراپ قىلىش بەدىلىگە بۇنى ئاتاۋۇللانىڭ دىگەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ھەرقانداق ياشتا ھەر قانداق جايدا مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا، ئەمما بۇ ئىككى نۇقتىدىن چانىدۇ:
بىرىنچىسى-بىز دىنى ئىلىم ئىگەللەش يوللىرى ھەققىدەپىكىرلىشىۋاتىمىز، مۇسۇلمان بولۇش مەسلىسى ھەققىدە ئەمەس.
ئىككىنچىسى-شۇ ئابزاستىن كىيىنكىلا جۈملىلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ: «ماتىماتىكا،ئىنجىنىرلىق... قاتارلىق پەنلەرنى كىچىدىكىن مۇكەممەل ئۈگىنىپ ماڭمىسا، ھەر قاچان ھەر زامان تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ>>.
   ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، نۇرغۇن زىيالىي دوستلار دىننى ئۆگىنىشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىنى پەقەتلا ئەقلىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلار دىندىمۇ بۇنچەئۇزۇن ئوقۇغان بارمۇ دەپ تەئەججۇبلىنىدۇ. بىلىش كېرەككى، دىني ئىلىمنىڭ ھەرقانداق بىر تارمىقىنى ئىگەللەش ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي پەننىڭ بىر تارماق پېنىنى ئۈگىىنىشتىن كۆپ قىيىن. چۈنكى بۇ ئىلىمنىڭ بىر ئۇچى غەيبىي ئالەمگە، بىر ئۇچىرىئال دۇنياغا تۇتاشقان. بۇ ئىلىمنىمۇ ھەر قانداق ياشتا ھەر قانداق جايدا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان ئاددىيلا بىر ھۈنەر ئەمەس، بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىش ئارتۇقچە.
سەپەر ئۈستىدە يېزىلغاچ مۇناسىۋەتلىك جايلاردىن نەقىل كەلتۈرۈش قولايسىز بولۇپ قالدى، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى سورايمەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

152

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56499
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 21:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saypug تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 00:36  

ياخشى يېزىلغان تىما. ئالىمنىڭ ئەجرىدىن مەمنۇن بولدۇم .
ئەپسۇسنارلىق يېرى شۇكى، يېقىندىن بۇيانقى گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ماقالىسىدىكى ۋە شۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك رەددىيە ماقالىلەر ۋە ئىنكاسلاردىن ئەزھەردە نەچچە يىل ئوقۇغان بىر قىسىم تالىپلاردىن كەمتەرلىكنى،كىچىك پىئىللىقنى، ئىلمىيلىكنى كۆرەلمىدىم ۋە تالىپلارنىڭ خاملىقىدىن، ئالدىراقسانلىقىدىن ، قىسقىسى  كۆرەڭلىكىدىن ناھايتتى ئۆمۈتسىزلەندىم .

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

2

دوست

3461

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1114
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 21:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمكى ئويغىتاي دىسە ،ئالدى بىلەن ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچىرايدۇ. ئۇيقۇ نىمە دىگەن شىرىن ،چۈنكى ئۇ رىئاللىقتىن يىراق . قىنى قاچانغىچە شۇ رىئاللىقتىن قىچىپ ئۆز مەۋجۇدلىقىڭنى ساقلىيالارسەن ئۇيغۇرۇم.21 -ئەسىردە تىنىمىز ،ئوتتۇرا ئەسىردە روھىمىز ئىنجىقلاپ قىينىلىپ ،تولغۇشۇپ ياتىدۇ.
uyghuray

0

تېما

2

دوست

2481

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44993
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 732
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 21:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەبىبۇللا قېرىندىشىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، بەزى گەپلەر قاتتىق كەتكەن بولسىمۇ، چوڭقۇر تەپەككۈر بىلەن يېزىلىپتۇ.  بۇ ماقالىنى يوللىغان قېرىندىشىمىزمۇ ھەبىبۇللا قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىنى يوللىغاندا ئىملانى بىر توغۇرلىۋەتكەن بولسا ياخشى بۇلاتتىكەن. گەرچە رەددىيە ماقالىسى بولسىمۇ دەلىل بىلەن يېزىلىپتۇ. ئىنشائاللاھ، ھەبىبۇللاھ قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىلىرىمۇ ئۈزۈلمىگەي

10

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 3680
توردىكى ۋاقتى: 945
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 22:10:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم دىگەن يەنىلا ئالىم دە ،  مانا بۇنى ھەقىقى ‹ئۇسسىغان يىرىگە باردى› دەيمىز ، ئاللاھ ئالىمىمىزنىڭ ،ئىلىم يولىدا ئۇزلۈكسىز مىڭىۋاتقان ئىلىمخۇمارلارنىڭ ۋە بۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولىۋاتقان كىشىللىرىمىزنىڭ ئىككى دۇنيالىقىنى خاتىرجەم قىلسۇن ۋە ھەر ئىشلىرىغا بەركەت بەرسۇن .  
مۇشۇنداق ئىسىل چۈشەنچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئابدۇۋەلى (گۈلەن) ئەپەندىمگىمۇ خاتىرجەملىك يار بولسۇن ،ئاللا كۆڭۈلگە پۈككەن نىيەت -مەقسەتلىرىگە يىتىشكە نىسىپ قىلسۇن .

0

تېما

0

دوست

75

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56505
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 22:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ  قەغەزدە قەلەم ،
تاغلارنىڭ بىشىغا تىكەرسەن ئەلەم .
ۋە لىكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا ،
ئىزلىرىڭ تىز ئۆچۈپ چىكەرسەن ئەلەم .


ياخشى يازما بوپتۇ !   

3

تېما

0

دوست

2674

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7762
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 689
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 22:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرە ئارقىلىق ھەقىقەت چاقنايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )