قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 755|ئىنكاس: 0

بۆرىنىڭ مۇھەببەت مېلودىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

4

دوست

4215

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 534
تۆھپە : 1043
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 14:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ھەقىقىي بولغان ۋەقە، بۇنى بىر ھېكايە دەپ چۈشەنمەڭ.
   يايلاقنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر كىچىك كەنت، پەقەت ئاندا -ساندا بىر نەچە ئۆيلۈك ئادەم بار.  دەل بۇ كەنتتە مەن بىر مەيدان ئۇلۇغ بۆرە مۇھەببەت مېلودىيەسىگە شاھىت بولدۇم.
   ئوۋچى ئاراتۇ، يايلاقتىن بىر ئەركەك بۆرىنى تىرىك تۇتۇۋالدى.  ئاراتۇ ئەسلىدە بىر ھەقىقىي موڭغۇل ئەمەس.   موڭغۇللار بۆرىنى تۇتېم دەپ بىلىدۇ، ئۇلار بۆرە ئوۋلىمايدۇ.  لېكىن ئۇ ئۇلارغا ئوخشىمايتتى. ئاراتۇ بۆرىنى مەھكەم  قورشالغان قەپەزگە سولىدى، بۆرىنىڭ ئاغزىنى سىم بىلەن مەھكەم بوغدى. سەۋەبى، تۈن نىسبىدە بۆرىنىڭ ھۇۋلاپ بۆرە  توپىنى چاقىرىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش ئىدى. ئۇنداق بولغاندا  ۋەزىيەتنى كونترول قىلماق تەس.  ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى.  بىر ۋاقىتلاردا  يىراقتىن بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.  ئەركە بۆرە نېمىشقىدۇ خاۋاتىرلىنىشكە باشلىدى...
   چۈشتىن بۇرۇن پەرەڭدەك سۈزۈك ئاسمانغا ئىگە يايلاق،  كەچ كىرگەندە شىۋىرغانلىق قارنى كۈتۈۋالدى.  بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى يەنە داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەتتا بۆرىنىڭ قەپەزگە ئۆزىنى ئۇرغان ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.  مەن بۆرىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئاراتو بۇنى نورمال ئەھۋال دەپ قارايتتى.  ھازىر سىرىتتىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇس. سۇ تامسىمۇ مۇزغا ئايلىنىپ چۈشەتتى.  بۆرە توڭلاپ ئۆلۈپ قالارمۇ؟  توڭلاپ ئۆلمىگەندىمۇ بۇنداق چوڭ قار -شىۋىرغان بۆرىنى قارغا كۆمۈپ ئۆلتۈرۈپ قوياتتى.  مەن بۆرىگە ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدىم.
     سەھەر ، قار  توختاپتۇ. مەن تەقەززالىق بىلەن يۈگۈرۈپ بۆرىنى كۆرگىلى چىقتىم.  ئالدىمدا كۆرۈنگەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا  قالدىم.
ئەركەك بۆرە سولانغان قەپەسنى ڭ شامالغا قارشى يۆلىنىشتە بىر دۆۋە قار دۆۋلىنىپ قالغان ئىدى. خۇددى بىر نەرسە ئۇنى توسۇۋېلىپ، بۆرىگە ھاياتلىق بوشلۇقى قالدۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ قالغاندەك قىلاتتى. مەن ئاراتونى چاقىرىپ كېلىپ، قارنى تازىلىغاندىن كىيىن، بىر بۆرىنىڭ توڭلىغان جەسىتى بايقىدۇق.  بۆرە ئەركەك بۆرىنى قار - شىۋىرغاندىن توسۇپ، ئۆرە تۇرۇپ توڭلاپ ئۆلگەن ئىدى.  
   ئاراتۇ : بۇ بىر چىشى بۆرە، قەپەستىكى ئەركەك بۆرىنىڭ جۈپتى، ئۇ قەپەستىكى ئەركەك بۆرىنى قار شىۋىرغاندىن  ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىپتۇ دېدى.  چىشى بۆرىگە سىنچىلاپ قارىسام ئۇنىڭ كۆزى ئوچۇق ھالدا ئۆلگەن، بەدەنلىرى ئاقىرىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى كۈلرەڭ رەڭگىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. ئۆزىنىڭ سۆيگىنى قەپەستە سولاقلىق، ئۇنىڭ قالالايدىغىنى پەقەت ئۆز بەدىنى ئارقىلىق قار-شىۋىرغاننى توساپ، سۆيگۈنى ئۈچۈن ھاياتلىق بوشلۇقى ساقلاپ قېلىش ئىدى.
   مېنىڭ قاتتىق يالۋۇرۇشۇم بىلەن، ئاراتۇ ئەركەك بۆرىىڭ ئاغزىغا بوغۇلغان سىم بوغۇقنى ئېلىۋەتتى، لېكىن بۆرە پەقەتلا ھۇۋلىمىدى، ئۇ پەقەت چىشى بۆرىنىڭ جەسىتىگە تىكىلىپ قاراپلا تۇراتتى، جەسەت ئەتراپىنى ئايلىنىپ پېقىرايتتى. مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ھىجرانلىق يىغلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
   مەن ئاراتودىن بۆرىنى قويۇۋېتىشنى ئۆتۈندۈم. لېكىن ئاراتو:  ئەگەر بۆرىنى قويۇۋەتسەم ئۇ ئىنتىقام ئالغىلى كېلىدۇ، مېنىڭ 200 دەك قويۇمنىڭ ھەممىنى بوغۇپ تاشلىشى مۇمكىن.  
  مېنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكىم كەلدى، ئۇ بىر ئاشىق - مەشۇقنى ۋەيران قىلغان ئىدى.
  ئاراتو: ئاخشام ھۇۋلىغان بۆرە چوقۇم مۇشۇ چىشى بۆرە، ئۇ ئەركەك بۆرىنى قۇتقۇزۇۋالماقچى.  چىشى بۆرىنىڭ جەسىتىگە تەگمەيلى، ئەگەر ئۇنىڭغا تەگسەك ئەركە بۆرە ھۇۋلايدۇ، ئۇ چاغدا ئاۋارىچىلىك بولىدۇ.
مېنىڭ يۈرىكىم بىر كۈن زېمىستاندەك توڭلاپ ئۆتتى، ئادەملەرنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم...
ئىككىنچى كۈنى سەھەر، ئەركەك بۆرىنى كۆرگىلى چىقتىم:
ئۇ ئۆلۈپتۇ، ئۇنىڭ جەسىتى، چىشى بۆرە تەرەپتىكى قەپەس رېشاتكىسىغا يۆلەنگەن ھالدا تۇراتتى.  ئەركەك بۆرە دەسسەپ تۇرغان يەردىكى قار ئېرىپ مۇزغا ئايلانغان ئىدى. كۆز ياشلىرى قارغا سىرغىپ چۈشكەن.  
كەنتتىكى بوۋايلار:  بۆرە سۆيگۈگە ئەڭ ۋاپادار بولىدۇ، سۆيگۈنى ئۆلسە ئۇمۇ ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ پىرىنسىپى _____ سۆيگۈسىدىن ۋاز كەچمەسلىك.  شۇڭا بۆرىنىڭ ئۆمرىدە بىرلا ھەمراھى بولىدۇ ...


غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىن تاشپولات بىلال ئەلقۇت تەرجىمىسى
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )