- تىزىملاتقان
- 2013-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2859
- نادىر
- 0
- يازما
- 75
ئۆسۈش
28.63%
|
قەدىرلىك قېرىنداشلار قېرىندىشىڭلا رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچتىن ھەممىڭلارغا يالقۇنلۇق سالام !
2015-يىلى كىتاب فوندىمىز ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى قېرىنداشلاردىن 11215 پارچە كىتاب تاپشۇرۋالدۇق ۋە بۇكىتابلارنى كىتاب مەشرىپى ،كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جايلاردىكى قېرىنداشلارغايەتكۈزۈپ بەردۇق.ھەر قېتىم ياخشى بىر پارچە كىتابنى بىر قېرىندشىمىزغا يەتكۈزەلىگىنىمىزدە ھاردۇقىمىز چىققاندەك شۇنچلىك سۆيۈندۇق، كىتاب يەتكۈزۈشتە مەكتەپلەر ئاساس بولدى.بىز 2015-يىلدا «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانى بىلەن «باي ئاكامنىڭخۇرجىنىدىكى 68 گۆھەر» ناملىق كىتابنى نوقتىلىق تارقىتىپ 2000 پارچىدىن ئارتۇقىنى باللىرىمىزنىڭ قولغا يەتكۈزۈپ بەردۇق. 2016-يىلى بىز «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى» ناملىق كىتابنى سوۋغا قىلىشنى ئويلاشتۇق.(بۇ نوقۇل مۇشۇ كىتابنى ئىئانەقىلىڭلار دىگەن گەپ ئەمەس)
كەمىنە كىچىلەردە ئويلاپ كىتىمەن، شۇنداق كۆپ كىتابلار بولسا ياشلارنى كىتاب ئوقۇشقاجەلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ تىزراق دەۋىر مىلودىيەسىگە يىتىشىۋىلىشىغا ياردەم قىلساق دەپ! ئۇ كۈنلەرمۇ كىلىدىغۇ ،شۇڭلاچقا كىتابلارنى يىڭى، كونا،ئاز،كۆپ دىمەيمىز،پەقەتسىزدە قانۇنلۇق ئېشىنچە كىتاب بولسىلا بىزگە يەتكۈزۈپ بىرىشىڭىزنى تىلەيمىز،جەمىئيتىمىزدىكىساخاۋەت ئىشلىرنىڭ راۋاجى تولىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ،مەنچە كىتاب ۋە بىلىم ئىھسان قىلساق تىخىمۇ ساۋاپ ۋە ياخشلىق ياغىدۇ !
ۋەتەننىڭ ئارزۇسى ئاتەش يۈرەكتە ،
ئەۋلادىلار تەربىيىسى يانغان تىلەكتە.
بىلىمسىز، نادانلىق يوقالسا كەتسە،
نە ئارمان قالمىسا خەلقىم كۈلپەتتە.
ھازىركىتاب يەتكۈزۈپ بىرىشىمىزنى ساقلاۋاتقان ئون نەچچە مەكتەپ بار، سىز بىزگە كىتاببىرىشنى خالىسىڭىزلا بىز قانچىلىك جاپا ۋە چەكلىمە بولسۇن ئۇنى رايۇنىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ قولغا يەتكۈزىمىز.بىز كىتاب ئارقىلىق ساخاۋەت قىلىمىز، شۇ ئارقىلىق قىرىنداشلىرىمىزغا ئاكىتىپ ئىنىرگىيە يەتكۈزۈپ ئىدىيەسىنى زەرەتلەش ئاساسىي نىشانىمىز.مىللىتىمىز تىخىمۇ روناق تاپسۇن دەيدىكەنمىز كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشىمىز كىرەك! ئۇيغۇر جەمئىيتىدەكىتاب ئوقۇش ئادىتىنىڭ تىزراق ئەۋج ئىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى !ئىلغارمەدەنىيەت ئارقىلىق يىتەكلەش بىزگە يول بولسۇن!
سىز سوۋغا قىلغان بىر پارچەكىتاب بىر قېرىندىشىڭىزنىڭ ئىدىيسىگە ماياك بولسا ئەجەپ ئەمەسقۇ ؟!بىز ئەمەلىي قوللاشقا،ئەمەلىي ھەركەتكە مۇھتاج،قۇرۇق مۇنازىرە، سۆز چۆچەكلەرنى ئاڭلىمىساق !
كىتاب يەتكۈزۈش ئادىرىسى :岳普湖县第三中学肉孜买买提844006
تىلغۇن : 13899198079 ئۈندىدار : artuq77
ئۈرۈمچىدىكى كىتاب يىغىش نوقتىسى : جىگدىلىك مەسچىت يىندىكى ھونبەگ كىتابخانسى
|
|