قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1077|ئىنكاس: 11

ئالپامىش ئەزىز: ئالىم بىلىمخۇمار ماقالىلىرىدىكى ئون چوڭ ئالاھىدى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54012
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-23 17:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئالىم بىلىمخۇمار ماقالىلىرىدىكى ئون چوڭ ئالاھىدىلىك


ئەزىزھېيت كۈن



     ئالدى بىلەن ئالىم بىلىمخۇمار(ئەركىن سىدىق)نىڭ ئەسەرلىرى بىلەن 2012-يىلى 9-ئايدا ئۇچراشقانلىقىمنى ئەسكەرتىمەن. شۇندىن ھازىرغىچەۋاقتىم يار بەرسىلا بىلىمخۇمار ماقالىلىرىنى كۆرۈپ كەلدىم.شۇنداقلا ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە ئىلمىي،كەمتەر،ھەققانىي پوزىتسىيەسى توغۇرلۇق ئويلۇنۇپ، ئەسەرلىرى بىلەن ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىرگەۋدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتاتىم.قايسى كۈنى تورداش شەمەر نىڭ«بىلىم خۇمارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن روھ»ناملىق ئوبزورىنى «باغداش مۇنبىرى»دىن ئوقۇپ،ئوبزور ئاپتورىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا «قازاندا نېمەبولسا چۆمۈچكە شۇ چىققىدۇ»دېگەندەك بىلىم خۇمارغا ۋە ئەسەرلىرىگە ئىلمىي ،ئەمىلىيەتچىل باھا يۈرگۈزگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنداقلا تېمىغا ئىنكاس قايتۇرغان تورداشلارنىڭمۇ ئالىم بىلىمخۇمارغا ھەم تېما ئاپتورىغا چىن قەلبىدىن ئاپىرىن،تەھسىن ئېيتقانلىقىنى بىلدىم.گەرچە تېما بىر بولسىمۇ ۋە چۈشكەن خەيرلىك ئىنكاسلار چەكلىك بولسىمۇ تورداشلارنىڭ  چەتئەلدەياشاپ يۇرتىمىز ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ئون مىليۇن دىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزئۈچۈن ھەمدە ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇشتۇشئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىپ،ھەرقايسى پەن ۋە ساھەلەردە تۆھپە يارىتىۋاتقان يۈزلىگەن ئالىم، مۇتەخەسىس،زىيالىلارنىڭ بىرى بولغان بىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئەڭ كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېيتقان تەھسىنىدۇر. ھۆرمىتىدۇر. ئىخلاسىدۇر. ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ۋە  ۋۇجۇد،قەلبىدىكى يۈكسەكلىك،كەڭلىك ،چوڭقۇرلۇققا نېسبەتەن خۇددى يۇقۇرىقى تېما ئاپتورى ئېيتقاندەك يۇقۇرى تېمىدايورۇتۇلغان مەزمۇنلار يۈزەكىلىك قىلىپ قالماستىن تۆۋەندە مەن بايان قىلىدىغان تېمىنىڭ يورۇتۇلىشىمۇ ئوخشاشلا يۈزەكىلىك قىلىدۇ.ئەمما بىز قابىلىيەت،تالانتىمىزغا يارىشا مۆھتىرەم ئالىمنىڭ شانلىق ئۇتۇقى، نەتىجىلىرىگە بولغان سۆيۈنىشىمىزنى، ئىپتىخارىمىزنى، پەخىرلىنىشىمىزنى ئىپادە قىلىشنى ئورۇنلۇق ئىش دەپ قارايمىز.ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە ياراتقان ئۇتۇق –نەتىجىلىرى كۆپ قىرلىق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقلا مۆھتىرەم ئالىمنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىدىن ئەقلىي مەنپەت ئالىدىغان،بەھىرلىنىدىغان تورداشلارنىڭ قابىلىيەت، سەۋىيىسىمۇ كۆپ خىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئالىم بىلىمخۇمارغا ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە يۈرگۈزىلىدىغان باھا،مۇلاھىيزىلەرمۇ كۆپ خىل بولۇشى ھەم بىر-بىرىنى تولۇقلاش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.ئالىم بىلىمخۇمارغا ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئۆلچەملىك،مۇكەمەل باھا،مۇلاھىيزىنى پەقەت ئالىم بىلىمخۇماردەك يۈكسەكلىك ۋە مۇكەمەللىك پەللىسىگە يېتىپ بارالىغان ئىلىم ئەھلىلا بارلىققا كەلتۈرىشى مۇمكىن.بىز شۇنداق ئۆلچەملىك ۋەمۇكەممەل باھانىڭ قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.شۇڭغىچە ئۆز تەپەككۇر يۈكسەكلىكىمىز ۋە چوڭقۇرلىقىمىز بويىچە مۇلاھىيزەيۈرگۈزىشىمىزمۇ ئورۇنلۇق ئىش.
      جۈملىدىن مەن مۇستەقىل ھالدا ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىلىرى ۋە ئادىمىيلىكىدە نامايان بولغان ئون چوڭ ئالاھىدىلىك ھەققىدەمۇلاھىيزە يۈرگۈزىمەن:
    1. ئالىم بىلىم خۇمار ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۆسۈپ يېتىلىپ،ياپونىيەگە چىقىپ بىلىم تەھسىل قىلىپ،كېيىن تەتقىقاتىنى ئامېرىكدا قانات
يايدۇرغان دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇر تەبئىي پەن ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى.ئۇ خەلقارادىكى ئەڭ ئالىي تەبئىي پەن تەتقىقات ئورنى ـ كېرمىنىي جىلغىسىغا
خېلى بۇرۇنلا قەدەم باسقان بولۇپ سەمەرىلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇ ئالىم شۆھرەت مۇتەلىپكە ياندىشىپ ئىزدىنىپ كېتىۋاتقان ئەڭ ئىق
تىدارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى.ئۇنىڭ تەپسىلى تەرجىمھالىنى ئۇنىڭ ماقالىلىرىغا ۋە ئۇھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كەلگەنلەر بىلەلەي
دۇ.
    2010-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ئالىم بىلىمخۇمار تەبئىي پەن تەتقىقادىنى يادرۇ قىلىشتىن باشقائىجتىمائى پەن ۋە دىن بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى شۇنداقلا ياپون،يەھۇدى قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئالاقىدار بولغان مىللەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق،مەدەنىيەتشۇناسلىق تەتقىقادى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۆتكەن.ئالىم بىلىمخۇمار تەبئىي پەن تەتقىقادىن يۇقۇرىقى ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەندە ئەسلى كەسپى يۇقۇرى –ئۆتكۈر پەن –تېخنىكا تەتقىقادىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويغان ئەمەس.تەبئىي پەن زامانىۋىلىقى بولغان يۇقۇرى يېڭى تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئالىم بىلىمخۇمار ئەڭ مۇنەۋەر ،ئىلغار ئۇيغۇر تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىرىدۇر.بىزگە بىلىمخۇمارنىڭ مەلۇم بولغان تەرىپى ئۇنىڭ ئۇتۇق-نەتىجىلىرىدىكى قىسمەنلىكتىنلا
ئىبارەت. ئالىمنىڭ ئۆز كەسپى بويىچە نەزەر سېلىنىدىغان بولسا ئۇنىڭ ياپۇنىيەگە چىققان ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئوتتۇز نەچچە يىللىق
جەريانداياراتقان يۇقۇرى پەن- تېخنىكا تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرىنى بىر كۈن سۆزلەپمۇ  تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق.
      2. ئالىم بىلىمخۇمار تەبئىي پەنلەر تەتقىقادى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ياپونىيە ۋە ئامېركىدىن ئىبارەت تەرەققى قىلغان  دۆلەتلەردە ياشاش جەريا  نىدا بىر مۇنەۋەر  تەبئىي پەن ئالىمىدىن تەدرىجى ھالدا بىرجەمئىيەتشۇناسقا –مىللەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق،مەدەنىيەتشۇناسلىقنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئىجتمائى پەنشۇناسقا ئايلاندى.ئۇنىڭغاياپۇن،ئېنگىلىز،فرانسۇز،نېمس،ئىتالىيان،رۇس ،يەھۇدى قاتارلىق بۈگۈنكى زاماندادۇنياسەھنىسىدەئالدىنقى ئورۇندا تۇرىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرالىىشىداناھايىتى كۆپ مۇرەككەپ كەچۈرمىشلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى،  دۇنيا سەھنىسىدە ئونۋېرسال تەرەقىياتتا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئۆزىگە تەسىرقىلىۋاتقان مۇھىت ئارقىلىق ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن.بىزگە مەلۇم ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئىلىم-پەندە ئۈزۈپ چىقالايدۇ.چەتئەلدىكى دۆلەتلەرگە چىقىپ ئالىم بولالايدۇ.
    ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ ياپونىيە ۋە ئامېركىدىكى ھاياتى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ سەرخىللىرى،تاللانغانلىرى بولغان ئالىملار ئىچىدە ئۆتكەن.شۇ ئالىملارخەنزۇلاردىن باشقا يەنە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان دۇنياۋى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ  ئالىملىرىدۇر.ئالىم بىلىمخۇمار تەتقىقات ئېلىپ بارغان،تەجىربىگە ۋە مۇھاكىمىگە قاتناشقان سورۇنلاردا ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى كۆپ بولۇشى ،ئۇيغۇرغا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنمىگەن مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ناھايىتى ئازھەتتا يوق بولۇشى مۇمكىن.بىلىم خۇمار ياشىغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان چەتئەل مۇھىتىدا بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ قالماستىن ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرىدىن روھنى-ئادىمىيلىكنى مۇكەمەللەشتۈرۈشنىمۇ ئۈگەنگەن.خەلقئارا پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرىدابىر ئالىم شەخسىي ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىپ قالماستىن ئۆز دۆلىتىگە شۇنداقلا تەبئىي ھالدا ئۆز مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.خەلقارا ئىلىم مۇنبىرىدە«سىز كىم؟»دېگەن سۇئالغائۆز ئىسمىنى دەپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ.شۇ سۇئالغا ئىسمىنى دېيىش پەقەت ئۆزۋەتىنىدىكى ئۆز مەھەللىسىدە ئاققىدۇ.«مەن جوڭگۇلۇق. ،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر»مانا  بۇ سۆز چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ كىملىكىدۇر.شۇنداق بولغاچقا خەلقئارا پەن-تەتقىقات ئورنىدائالىم بىلەن ئالىم ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت تەبئىي ھالدا مىللەت بىلەن مىللەت ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتتۇر. بۇ خىل رىقابەت تەبئىي يوسۇندا شەكىللەنگەن.
     ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ بىلىمىلا ئەمەس ئادىمىيلىك ساپاسىنىڭمۇ ئىنتايىن يۇقۇرىلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە ئادىمىيلىك جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن باشقا ئۇياشاۋاتقان مۇھىتنىڭمۇ تەسىرىدىن بولغان.ھەر مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئادىمىيلىك جەھەتتىكى ئىلغار تەرەپلىرىنى بىلىمخۇمار ئۆرنەك قىلىپ،پاسىپ تەرەپلىرىنى تەرك ئەتكەن.بىلىمخۇمارنىڭ يەھۇدى،ياپۇن قاتارلىق ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ۋەمەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان ماقالىلىرى بىلىمخۇمارنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۆزئەتراپىدىكى ئالىملار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ،شۇ مىللەتلەرگە دائىربىلىملەرنى ئەستايدىل ھالدا پىششىق ۋە چوڭقۇر ئىگىللىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بىلىمخۇمارنىڭ رايۇنىمىزدىكى ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرىدىن ئادىمىيلىك ۋە ئەسەر سۈپىتى جەھەتتە زور پەرققە ئىگە بولۇشى ئۆزىنىڭ پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىدىن باشقاخەلقئارا ئىلىم-پەن مۇھىتىنىڭ ئىلغار تەسىرىگە نەچچە ئون يىل ئۇچىرغانلىقى،بىلىمى ۋە ئادىمىيلىك ساپاسىنى يۈكسەك كامال تاپقۇزغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بىلىمخۇمارنىڭ ئىجتىمائىيەت توغرىسىدا رەسمىي قەلەم تەۋرىتىپ يۇقۇرى سۈپەتلىك ماقالىلەرنى يېزىشقا كىرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر زۈرۈريەتنى تونۇپ يەتكەنلىكى بىلەن تېخىمۇمۇناسىۋەتلىك.ئۇنداقتا ئۇ قايسى زۈرۈيەت ؟
     تورداشلار ئىچىدە بىلىمخۇمارنىڭ  2012-يىلدىن بۇيان نوپۇزلۇق ھەرقايسى تورمۇنبەرلىرىمىزدەئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان كۆپ قىرلىق مەزمۇندىكى، پەنلەرنىڭ كې سىشمىلىك مەيدانىدىكى كۆپلىگەن ماقالىلىرىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلىگەنلىرى بىلىمخۇمارنىڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.  گەرچە بىزنىڭ ئەدەبىياتشۇناس ۋەئىجتىمائىپەنشۇناس قەلەمكەشلىرىمىز خېلى كۆپ بولسىمۇ خەلقئارا ئىلغارلىق ،يېڭىلىق ئۆلچىمىگە ئىگە يۇقۇرى بىلىم بېرىش قىممىتىگە ئىگە بولغان ،ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى ۋە ئەمەلىي يۇقۇرى ئىلم جەۋھىرىنى بىۋاستە يەتكۈزىدىغان ماقالىلەرنى يازىدىغان قەلەم ساھىبىلىرىمىز ناھايىتى ئاز ،-بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ كەلدى.ناۋادا يۇقۇرى ساپالىق بولغان،يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ،خەلقارا يۇقۇرى سەۋىيەگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان ماقالىلەرنى يازىدىغان بىرقانچە يۈز ئىجتىمائىيەت يازغۇچىمىز بولغان بولسا بىلىمخۇمار قانائەت تېپىپ، زۈرۈريەت يوق ئەھۋالدائىجتىمائىيەت تەتقىقاتىغا يۈرۈش قىلمىغان بولاتى.
      لۇشۇن 20-ئەسىر كىرىش ھارپىسىداياپۇنىيدە ئوقۇۋېتىپ، جوڭگۇلۇقلارنىڭ جىسمىنى داۋالاشتىن بۇرۇن روھىنى داۋالاشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئەدەبىياتقا بۇرۇلغان.بىلىمخۇمار 21-ئەسىرنىڭ 10-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي پەن بىلىمى ۋە تېخنىكىسىنى ئىگىللەشكە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماي ئىجتىمائى پەنلەر ساھەسىدە خەلق ئارا يۇقۇرى سەۋىيەگەئىگە بىلىملەرنى ئىگىللەشكە ئوخشاشلائېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ،مۇرەككەپ بىلىم ھاسىلاتلىرىنى ئاددى ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەپ ئوقۇرمەنلەرىمىزنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ قالماستىن نوپۇزلۇق تور مۇنبەرلىرىدىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى، ئىل مىي قىممىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە زور ھەسسە قوشتى.بىلىمخۇمارنىڭ ئىجتىمائىيەتكە ئائىت ماقالىلىرىنىڭ ئىلمىيلىق،پاكىتلىق،دەلىل ،ئىسپات لىق،مەنبەنى ناھايىتى ئېنىق ئەسكەرتمىلىكى، ئىلمىي سەۋىيىسىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرلىقى،مەزمۇن كەڭلىكىۋە چوڭقۇرلىقى جەھەتتە ئونۋېرسىتلىرمىزنىڭ ۋە پەنلەر ئاكادىيىمىزنىڭ تەبئىي پەن ئىلمىي ژورنىلى، ئىجتىمائى پەن ئىلمىي ژورناللىرىدىكى ماقالىلەردىن يۇقۇرى سەۋىيەدە ۋە يۇقۇرى سۈ پەتتە تۇرىدۇ.بۇ يەردە ۋاقىت ۋە سەھىپە ئىخچاملىقى ئېتبارى بىلەن بىلىم خۇمارنىڭ كونكرېت ماقالىلىرى بىلەن مەلۇم ئىلمىي ژورناللىرىمىزنىڭ  مۇندەرىجىسىدىكى ماقالىلەرنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىدى.ئالدىمىزدا ياكى يېقىن كەلگۈسىدە تورداشلىرىمىز ئىچىدەبىلىمخۇمارنىڭ ماقالىلىرى بىلەن ئىلمىي ژورناللارىمىزدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئىلمىي سەۋىيىسى،پايدىلىنىش قىممىتىنى كونكرېت سېلىشتۇرۇپ پەرقنى ئايرىپ ،بىلىم خۇمار ماقالىلىرىنىڭ ئورنى ئۆگزىدە تۇرۇشقا لايىق بولسا ،ئىلمىي ژورناللىرىمىزدىكى ماقالىلەرنىڭ ئورنىنىڭ پەگادا تۇرۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن.
    3. دىنغا ۋە دىن ئىخلاسمەنلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ،ئىسلام دىندىكى خەلقارا ئەڭ يېڭى ئۇچۇر،بىلىملەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش.پەن بىلەن دىن
بىردەكلىكى-بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئەمىلىيىتىدە كۆرسىتىش.بىزگە مەلۇم ئىسلام دىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىنلارنىڭ بىرى.خەلقئارا
دىكى  تەسىرىمۇ چوڭ. بىلىمخۇمارنىڭ ئىسلام دىن ۋەئىسلام دىن ئىخلاسمەنلىرىگە ئەڭ سەمىمىي نىيىتى بىلەن چوڭقۇر مايىللىقىنى،ئىخلاسمەنلىكىنى
ئىپادە قىلىشى ئەسلا ئىسلام دىننىڭ دۇنياۋى چوڭدىن ،خەلقئارا تەسىرگە  ئىگە،ئاتا-بوۋىلىرى ئېتقاد قىلىپ كەلگەندىن بولغانلىقىدىنلا ئەمەس
بەلكى ئىسلام دىندا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ چەكسىزكەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈندۈر.ئىسلام دىن ناھايىتى ئۇلۇغ بولسىمۇ
لېكىن مەزھەپچىلىك،بۆلۈنمىچىلىك سەۋەبىدىن بۈگۈنكى دۇنيادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارتىۋاتقان سورۇقچىلىقلىرى،ئېغىر كۈلپەتلىرى پۈتكۈل دۇنياغا ئايان بولماقتا.ئۇنىڭدىكى ئىچكى سەۋەپ بولسا دەل مەزھەپچىلىك ،بۆلۈنمىچىلىكتۇر.   يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە تۈرتكە
بولىدىغان ئىچكى ھەم تاشقى ئامىللىرى يوچۇق،ئېغىزبولغان ئەشۇ مەزھەپچىلىككە يەل بېرىپ قالايمىقانچىلىق، ۋەقە، تالاپەت، ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ
يۈز بېرىشى ۋە داۋاملىشىشقا سەۋەپ بولماقتا.
     بىلىمخۇماردىن، شۇنداقلا دىن بىلەن پەن ۋە دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرسىدا دىنىيساھەدىكى ئولىمالار،ئىلىم ئەھلىلىرى قايىل بولىدىغان ماقالىلارنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ كەلدى.جەمئىيەتشۇناسلىققا يۈزلەنگەندەئېتقادنىڭمۇ جەمئىيەت ئۈچۈن مۇئايەن ۋاقىتتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.مەلۇمكى ئۇيغۇرلار 16-ئەسىردە ئافاق خوجا زامانىدىن باشلاپ، مەزھەپچىلىكنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەزھەپچىلىك،بۆلۈنمىچىلىك،تەپرىقچىلىقنىڭ قاتتىق ھەم ئۇزاق تەسىرىگە ئۇچراپ،ئەڭ ئاجىز،بىچارە ھالەتتىكە چۈشۈپ قالدى.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇپ يېزىلىرىغا زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل ساياھەتچىلىرى ياكى ئېكىسپىدىتسىيەچىلىرى «ئالتە شەھەر ئۇيغۇرلىرى »ھەققىدە يازما ۋە سۈرەت خاتىرلىرىنى قالدۇردى.شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئاجىز،بىچارە ھالەتكەچۈشۈرۈپ قويغىنى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىننىڭ ئۆزى بولماستىن دىن بايرىقىنى كۆتۈرۋالغان مەزھەپچىلەر، تەپرىقچىلەردۇر.شۇ  مەزگىللەردەئۇيغۇرلار ئىقتىساد،بىلىم،قابىلىيەت،تېخنىكا،ساپا،ئادىمىيلىك قاتارلىق پۈتكۈل تەرەپلەردە ئەڭ ئاجىز،بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
    شۇ تارىخ ئىلىم ئەھلىگە ،تارىختىن خەۋەرداربولغۇچى ئۆلىمالارغا ئايدىڭ بولسىمۇ ئاز بولمىغان ياشلىرىمىزدا بولۇپمۇ بەلگىلىك ساندىكى تالىپلىرىمىزدا خىلمۇ-خىل ئېغىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.تېخىمۇ مۇھىمى دىننىڭ كۈشەندىسى بولغان دىننىي ئەسەبىيلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى شۇئارىنى توۋلىغان ۋاھابىيلار نۇرغۇن يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ،دۆلەت بىخەتەرلىكى،ۋەتەن بىرلىكى،جەمئىيەت تەرتىپى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىكى،ئىسلام دىننىڭ رايۇنىمىزداقانۇنلۇق يولغا قويۇلىشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،نادان ياشلارنى ئازدۇرۇپ،ھەق-ناھەق قارىشى ئايدىڭ بولمىغان پۇقرالارنى قايمۇقتۇرۇپ تىراگىدىيەلەرنى،ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇن تۇلغۇسىز ئىبرەتلەرنى قالدۇردى.
     يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە بىلىمخۇمار خەلقئارادىكى ئىسلام دىنغا ئائىت يېڭى ئۇچۇر،بىلىملەرنى ماقالە شەكلى ئارقىلىق تور مۇنبەرلىرىمىزدە ئېلان قىلدى.دىن ۋەئىخلاسمەنلىك مەسلىسىدە سالماق،تەمكىن،دۇرۇس،ئىلمىي،ئەمىلىيەتىل،كەڭ قورساق، ئەپۇچان،يىراقنى كۆرەرلىك پوزىتسىيەنى تۇتۇپ دىن ئىخلاسمەنلىرى بىلەن دىنغا يېڭى ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرقايسى ساھە،جەمئىيەتنىڭدىن بىلەن بولغان مۇقىم،ئىناق،ماسلىشىشچان مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە داۋاملىشىغا ھەسسە قوشتى.ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسىنى ھەر قايسى نوپۇزلۇق تورمۇنبەرلىدىكى خىلمۇ-خىل ساھەدىكى تورداشلارنىڭ بىلىم خۇمار ماقالىلىرىنى ئورتاق ھالدا ياقتۇرغانلىقىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.لېكىن بۇ نەتىجە ئاسان بارلىققا كەلگەن ئەمەس.بىلىم خۇمار 2013-يىل بېشىدا «مىسرانىم مۇنبىرى»دە «يەھۇدىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى سىر»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندا كۆپ ساندىكى تورداشلار ياقتۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ پەننىي جەھەتتە بىلىمى يوق بولغان قىسمەن تالىپ تورداشلار«ئىسلامنىڭ دۈشمىنى يەھۇدىلارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن »دەپ ئەيىپلەشلەرنى ئوتتۇرغا قويغان.بىلىم خۇمار كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىدىن رايۇنىمىزنىڭ ئەھۋالى،خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى،جۈملىدىن دىننىي ساھەنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلگەن.بىلىمخۇمار«تەنقىدلەش يولى» نى تۇتمىدى.گەرچە ئۇ  «يېتەكلەش» دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويمىغان ياكى كاللىسىغا كىر گۈزۋالمىغان بولسىمۇ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئىلىم تەشنالىرىنىلا ئەمەس دىن جەھەتتە بىلىمگە ئىنتىلگۈچىلەرنىمۇ ئالغا يېتەكلىدى.مەيلى قايسى ساھەدىكى ئەقىل ئىگىسى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلمىي ۋە توغرىلىقجەھەتتە ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق توغرا يولغا يېتەكلىدى.
    4: بىلىمخۇمار ئابدۇشۇكۇر مۇھەمەد ئىمىننىڭ ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ كۆرگىلى بولمايدىغان لېكىن چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەرنى ياراتتى.ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەد ئىمىننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئەسىرى قايسى ؟ بۇ سۇئالغا ھەر كىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەد ئىمىننىڭ ئوخشىمىغان ئەسەرلىرىدىن بىردىن تىلغا ئېلىشى مۇمكىن.لېكىن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئۇ ئەسەرلەر ئەمەس.بەلكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەد ئىمىننىڭ ئۇلۇغ ئەمىلىيىتى .بىر ئۆمۈر تاماسىز،مىننەتسىز ھالدا ئىلىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەش،قۇربان بېرىش روھىدۇر.
    ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەد ئىمىن ئۆمۈر بويى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتشۇناسلىق ،ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈستىدە ئىزدەنگەن.ئۇنىڭ بەدىلىگەبىرەر نەرسىگە يەنى يا شۆھرەت،يا ھوقۇق،يا بايلىق،يا ئىمتىيازغا ئېرىشىشنى ئويلاپ باققان ئەمەس. تۇغما ئاق كۆڭلى بىلەن ياشاپ،تاماسىز ھالدا بىر ئۆمۈر ئىلىم بىلەن ھەپىلىشىپ تۇغما ئاق كۆ ڭۈللىكى بىلەن ئارىمىزدىن مەڭگۈلۈك غايىپ بولغان.ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەزىلەر ئۇنى بايراق قىلىۋېلىپ ،ئۇنى بىر ئۆمۈر كۆككە كۆتۈر گەن بولسىمۇ ئۇنىڭ تاماسىز قۇربان بېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلالمىدى.شان-شۆھرەت ۋەنوپۇز تىكلەش ئۈچۈن ئەسەر يېزىشنى نىشان قىلدى. ئىسىم-فامىلىسىنى شىپى كەلتۈرمىسەكمۇ تورداشلار كىملەرنىڭ ئابدۇشۈكۈرمۇھەمەد ئىمىننى بەك كۆككە كۆتۈرۈپ،ئەمىلىيەتتە مەرھۇم ئالىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەكسىچە شان-شۆھرەت ئۈچۈن ئاتاقلىقئەدىپلەرگە ھۇجۇم قىلىپ،ئەسىر يېزىشنى ئۇزۇندىن بۇيان كەسىپ قىلىپ كەلگەن لىكىنىئويلىسىلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇ.مەرھۇم ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەت ئىمىننىڭ تاماسىز،مىننەتسىز ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش روھىغا ئالىم بىلىمخۇمار ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلدى.
    1986-يىلى ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەد ئىمىن ياپۇنىيە ئالىملىرىنىڭ تەكلىپىبىلەن ياپۇنىيەدە زىيارەتتە بولغاندا بىلىمخۇمار تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن. ماناھازىر ئارلىقتا دەل 30 يىل ئۆتۈپتۇ.گەرچە بىز ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەدئىمىندىن ئايرىلىپ قالغان بولساقمۇ يەنە بىر ئالىمىمىز بىلىمخۇمارنىڭ كامال تاپقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپتىمىز.بىلىمخۇمارنىڭ بارلىق ماقاللىرى بىز ئۈچۈن ۋە تارىخ ئۈچۈن ئىتايىن قىممەتلىك.ھاياتىنى ئىلىم ئۈچۈن ئاتاپ تۇغما ئاق كۆڭۈللىكى ۋە ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان ئىلىم سۆيەر روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ياشاش ئەمىلىيىتى تېخىمۇ قىممەتلىك. بىلىمخۇمارنىڭ ياشاش ئەمىلىيىتى بارلىق ئەسەرلىرىگەئوخشاش ئىنتايىن قىممەتلىك .چۈنكى ئۇنىڭغا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر مەنالار سىڭگەن.
    5.بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىلىرى ۋە پوزىتسىيەسى ئارقىلىق نامايان بولىۋاتقىنى خەلقارا ئىلغار سەۋىيەدىكى چوڭقۇر بىلىم ۋە يۈكسەك ساپادۇر.ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن يېرىم ئەسىر –ئەللىك يىل ۋاقىت كەتكەن.ئالىمنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپنى تاماملىغىچە بولغان يىگىرمە نەچچەيىللىق ھاياتى ئالدىنقى بىر باسقۇچ بولسا چەتئەلدە ئۆتكەن ھاياتى يەنە بىرباسقۇچتۇر.بىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغىنى ئالىمنىڭ شۇنچە يۇقۇىقى بىلىم سەۋىيىسى،ئىقتىدارى،نەتىجە ،تۆھپىلىرى بار تۇرۇقلۇق بىرەر ھەشەمىنىڭ بولماسلىقىدۇر.مەيلى بىر ئۆسمۈر تورداش سۇئال سورىغان ئەھۋالدىمۇ ئالىم پۇرسەت،ۋاقتى بولسىلا جاۋاپ بېرىپ كەلدى.رايۇنىمىزدا ئالىم ئاتىلىۋاتقانلار،ئاتاقلىقلارنىڭ ھەشەملىرى تولا.ئاددىسى ئۇلارنىڭ تور مۇنبەرلىرىگە كىرىشكە،ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرى يوللاشقا ۋاقتى يوق.چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنداق «ئۇششاق ئىش»لارنى بېجىرۋېتىدۇ.كۆزگەكۆرۈن مەيدىغان خوجايىن قۇللۇق مۇناسىۋىتى نامدا «ئۇستاز،شاگرتلىق»دېگەن چىرايلىق سۆز بىلەن ئاتىلىۋېرىدۇ.بىرەر ئۆسمۈر تورداشنىڭ سۇئالىغا ئۇلار تور مۇنبەرلىرىدەجاۋاپ بېرىدىغان  ئىش يۈز بەرسە قۇياش رەسمى غەرىپتىن چىققىدۇ.
    ئالىم بىلىمخۇمارنىڭ خەلقارا ئىلغار سەۋىيەدىكى چوڭ قۇربىلىمى بىلەن يۈكسەك ساپاسى ئوڭ تاناسىپ كەلگەن.خەلقارا ئىلغار سەۋىيەدىكى  چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇش،ئۈگىنىش،ئىزدىنىش،قاتلاملىقئىلگىرلەشنىڭ مەھسۇلى بولسا يۈكسەك ساپا ئەمىلىيەت،تەجىربە،پارسەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.جەمئىيەت ھەققى دىكى بىلىم ئەمىلىيەتكە كۆپ قاتنىشىش،تەپەككۇر قىلىشتىن كېلىدۇ.ئالىم بىلىمخۇمار «كىتاب بەندىسى »«كىتاب خالتىسى»بولۇش يەنى ئۆلۈك كىتابى نەزىريەگە تايىنىشتىن ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلاخوشلاشقان.ئۇنداق بولۇشىنى ئۇ ئۆسمۈر چېغىدا قىززىقان فىزىكا بىلىملىرى ۋە فىزىكاتەجىربىسى بەلگىلىگەن.ئېغىزدا دېگەننى قول بىلەن قىلىپ كۆرۈپ بېقىش تەبئىي پەننىڭ ۋە ئەمىليەتچانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى.گېپى بىلەن ئەمىلىيىتى ئوخشاش بولۇش نەزىريەنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.بىزدە ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قۇرۇق نەزىريە ئويۇنى ئوينايدىغانلار ئاز ئەمەس.ئۇلار نەزىريەگە ئەھمىيەت بەرسىمۇ ساپا ئۆستۈرۈشكە ئەسلا كۈچ سەرىپ قىلمايدىغانلاردۇر.ئۇلار كۆرۈنۈشتە بىلىملىك زىيالىي بولسىمۇ ئەمىلىي ئىقتىدارنى ئىشقا سېلىشقا توغرا كەلگەندە ئۆرە تۇرغان كۆتەكتىن باشقا نەرسەئەمەس.بىلىمخۇمار بىر ئۆرنەك.بۇ سۆز رادىيۇ ياكى تېلۋى زورلاردا تەشۋىق قىلىدىغان«نەمۇنىچىلار»دېگەن تەشۋىقات ئېلانىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.چۈنكى «نەمۇنىچىلار» ئىلمىيلىكتىن يىراق.ئۇلار قىزغىن لىق،قاراكۈچ، ساددىلىقتىن پۈتكەن ئاددى كىشىلەر.بىلىمخۇماردەك بىر ئالىمنىڭ يېتىشىپ  چىقىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ،يېرىم ئەسىرلىك ۋاقتىدىن باشقا تۈرتكە بولغان كۆپ تەرەپ ۋەئامىللارمۇ نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يىغىپ ئېيتقاندا بىلىم كىتابتىن كېلىدۇ ۋە رېئال ئەمىلىيەتتىن كېلىدۇ.ئاۋالقىسى سەۋىيەنى شەكىللەندۈرسە كېيىنكىسىپاراسەت،ئوچۇقى ساپانى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.قىسقىسى ئالىمىمىز بىلىم خۇمار كىتابىبىلىمگە توشاق بولۇپ قالماستىن ئەمىلىيەتكە يۈزلىنىپ پاراسىتىنى ئۇلغايتىپ ،يۈكسەك ساپانى ئاخىرىدا روياپقا چىقارغۇچى پاراسەت ئىگىسى.ئالىم بىلىمخۇمار ۋە كۆپلىگەن يۇقۇرىقى سەۋىيەدىكى ،يۈكسەك ساپادىكى كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىزنىڭ ئەمىلىيىتى كىتابى بىلىملەرنى ئۈگىنىش بىلەن بىللە ئەمىلىي بىلىملەرنى ئۈگىنىش،ئەمىلىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى،ئۈگىنىش بىلەن ئەمىلىيەتچانلىقنى باغلاپ تۇرىدىغىنى بولسا ئويلىنىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى ۋە ھېس قىلدۇرىدۇ.
    6.چەكسىز يىراقتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ۋەئىلىم-پەنگە بولغان چەكسىز مۇھەبەت،بۇلاقتەك ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىق.بىزبىلىم
خۇمارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇپلا  قالماي يەنە ناھايىتى سۈپەتلىك،يۇقۇرى سەۋىيىلىك،خەلقارا ئىلغار سەۋىيىلىك،يېڭى،ئىنتايىن مول پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.  ھەم كۆپ ھەم يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ بو لۇش، يازغاندىمۇ ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر چۈشىنەلەيدىغان ئاددى،يەڭگىل،راۋان تىل بىلەن يېزىپ چىقىش ئاسان ئىش ئەمەس.شۇنداق قىلالايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىسىدىن بۇ  دۇنيادا ئىككىسى بولسا ئۇنىڭ بىرسى دەل بىلىمخۇمار.يەنە بىرى بىلگەجاندۇر ياكى تاشپولات روزىدۇر.ئىش قىلىپ ئەڭ ئالدىداتۇرىدىغىنى بىلىمخۇمار.
     80-90-يىللاردا ئىلمىي ماقالىرى ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىلىك بولۇپ گەۋدىلەنگىنى مەرھۇم ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەد ئىمىن ئىدى.2010-يىللاردا ئىلمىي ماقالىلىرى ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيىلىك بولۇپگەۋدىلەنگىنى بىلىمخۇمار – ئەركىن سىدىقتۇر.بىلىمخۇمار يۇرتنى ھەم ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر ئوغلانى.ئىلىم-پەنگە بولغان چەكسىز مۇھەبەت ئۇنىڭغا  يۈكسەك روھ-بۈيۈك پەرۋاز ئاتا قىلىپ،ئۇنىڭ ۋەتەندىن ھالقىپ چەتئەلدە ئوقۇشىغا ،ياپونىيە ۋە ئامېركا قاتارلىق ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دە ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدىكى يۇقۇرى تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۈگىنىشىگە تۈرتكە بولغان.شۇ بۇيۈك مەقسەت ۋە ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان بۈيۈك ئىشلارئۇنى ئۇزۇن يىللارغىچە ۋەتىنىدىن،ئۇيغۇرقېرىنداشلىرىدىن ئايرىۋەتكەن.ئۇ –بىلىمخۇمار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى.بىلىمخۇماردەك ئالىملاردىن مىڭلاپ يېتىشىپ چىقىشىنى ،خەلقارادا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بەكەرەك تونۇتۇشنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى ئەڭ ئۈمىد قىلىدۇ! بىلىمخۇمار ئۈمىد يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرى! شۇنداق ئۈمىد يۇلتۇزلىرى بىر-بىرلەپكۆپەيمەكتە!   
    بىلىمخۇمار ئۇزۇن يىل قېرىنداشلىرىدىن ۋە يۇرتىدىن ئايرىلدى.يىللار  ئۇنىڭ سېغىنىشىنى ،ئىلىم-پەندە مۇكەمەللىككە يېتىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. ئاخىرى2010-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر دەريا –بىر يۈرەك رەسمىي يار ئېلىپ مېھر-مۇھەبەت دولقۇنى ئېتىلىپ چىقتى.ئۇ بولسىمۇ بىلىم خۇمارنىڭ چوڭقۇر مىللەت،يۇرت سۆيگۈسى ۋەئىلىم-پەن سۆيگۈسىنى مەنبە قىلغان ئۈزۈلمەي يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان سانسىزماقالىلىرىدۇر.دەرۋەقە بىلىمخۇمار شائىر ئەمەس.لىرىك يازغۇچىمۇ ئەمەس. لېكىن ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ قىممەتلىك،ئەھمىيەتلىك ماقالىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن قەلبى،روھى،يۈرىكى ئۇلۇغ  شائىردۇر.ئۇلۇغ ئەدىبتۇر.ئۇ مىل لىتىگە،يۇرتىغا ،ئىلىم-پەنگە بولغان مۇھەبىتىنى ئىلمىي يول-گۆھەردەك،ئالتۇندەك قىممەتكەئىگە ماقالىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى.ئۇنىڭ قەلبى ۋە ئىدىيىسى ئەڭ مۇنەۋەرشائىر،ئەدىپلىرىمىزدەك لىرىكىلىق،يۈرىكى ئىلى،تارىم دەريالىرىدەك دولقۇنلۇق،غايىسىبۇغدا،خانتەڭرى چوققىلىرىدەك يۈكسەك.
    7: روھىدا جۇلالانغان يىراق ئەجدادلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەنئەنىسىدىن كەلگەن باتۇرلۇق،پاراسەتچانلىق،ئېسىل ئادىمىيلىك.بىز مىڭ يىل ئاۋالقىئەج دادلىرىمىز ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى شەجەرىلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان ئون ئۇيغۇرلاردا ئون ئۇيغۇرلارنىڭ يادرۇلۇق ئۇرىقى بولغان خان جەمەتى بولغان ياغلاقارلاردا ئۈچ چوڭ سۈپەت –باتۇرلۇق،پاراسەت،نەسەپ ۋە ئادىمىيلىق ئېسىللىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك بولغان.  شۇئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك ئون ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگەئايلانغان.شۇ ئالاھىدىلىكنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.
    قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا «باتۇر قاغان،دانا قاغان، ئېسىل قاغان »دېگەن تەرىپلەربولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمدىن بۇيان باتۇرلۇق،بىلىم-پاراسەت،ئېسىلئادىمىيلىكنى ناھايىتى ئۇلۇغلايدى غانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.بىلىمخۇمارنىڭئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى مۈشكۈل شارائىتتىن بۈگۈنكى خەلقارا ئىلىم مۇنبىرىگە يېتىپكېلىشى ۋە يۈكسەك نەتىجىلەرنى يارىتىشى ئەجدادلىرىنىڭ باتۇر-قۇرقماس،تەۋەكۈلچىلىكىنىڭبىلىم خۇمار قېنىدا قايتا جۇلالىنىشى ھېساپلىنىدۇ. پاراسەت چانلىق ۋە ئادىمىيلىقئېسىللىقى بولسا بىلىمخۇمارنىڭ روھىنىڭ قات-قېتىنىڭ چوڭقۇرلىقىدابار.ئەجدادلىرىمىز قورقۇمسىز تەۋەكۈلچىلىك،پاراسەت-داناللىق،ئېسىل ئادىمىيلىك ئەنئەنىسىگە ئىگەبولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى ئەڭ مۇنەۋەر پەرزەنتلىرى روھى ۋە ۋۇجىدىدا باتۇرلۇق، پاراسەتۋە ئېسىل ئادىمىيلىك قايتا جۇلالانغان.بۇ ئەھۋالنىدۇنيادىكى ئالىملارمۇ بۇرۇنلا ئېتراپ قىلىغان.ئەلۋەتتە.بىلىمخۇمار قورقۇمسىزلىق-تەۋەكۈل
چىلىكىدىكى دادىللىق ئارقىلىق ئىككىئەڭگۈشتەر-پاراسەتچانلىق بىلەن ئېسىل ئادىمىيلىقنى كامالەت تاپقۇزغان.
    8. ھازىرقى ئورنىنى مۇكەمەل جۈپ كۆپ-تارىخىي نەزەرۋە كەلگۈسى نەزەر ئارقىلىق مۇستەھكەملەش.بىز پاراسەت بىلەن ئويلاپ كۆرگىنىمىزدە
ئۆزىمىزدىن تاشقىرلىقتا يەنە بىر جۈپ كۆزىمىزبارلىقىنى بايقىيالايمىز.ئۇ بولسىمۇ بىرى : تارىخ .يەنەبىر كەلگۈسىدۇر.تارىخ-ئۆتمۈش.پەقەتشۇنداقلا  چۈشەنگەندە تارىخنىڭ قىممىتى ئايان بولمايدۇ.تارىخ-بىر ئەينەك.تارىختىن تولۇق ۋە چوڭقۇر خەۋەردار بولغاندا ئاندىن تارىخ بىرئەينەك  دېگەن يەكۈنگە كەلگىلى ۋە تارىخنىڭ بىردېڭىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىلى بولىدۇ.تارىخنى يەنى چوڭ جەھەتتە ئىنسانلار تارىخى بىلەنيەر شارى تارىخىنى بىلگەندە ئاندىن تەمكىن،سالماقلىق ئادەم  روھىدا ناھايىتى مەزمۇتلىشىدۇ.كەلگۈسى يەنە بىر كۆز،يەنە بىر ئەينەك.يەنەبىر  ئاسمان. كەلگۈسى –ئادەمگە ۋە مىللەتكە ئۈمىد ۋەقىزغىنلىق بېغىشلايدۇ .تارىخنىڭ ھېس قىلدۇردىغىنى توغرىلىق،تنچلىق،ئىتپاقلىق،شۇ ئاساستا تەمكىنلىك،سالماقلىق.كەلگۈسىنىڭ ھېس قىلدۇردىغىنى يېڭىلىق،تەسسەۋۇر،ئىنتىلىش،قىزغىنلىق،گۈزەللىك،شۇ ئاساستا ئۈمىد ۋەقىزغىنلىقنى قەلبلەردە يىلتىز تارتقۇزۇش.بىلىمخۇمار ئۆزىدىن تاشقىردىكى بىر جۇپ كۆزگە خېلى بۇرۇنلا ئىگە بولغان.شۇڭىلاشقا ئۇنىڭ ماقالىلىرى بىلەن پوزىتسىيەسىدىن بىز ناھايىتى سالماق،تەمكىن ،مەزمۇتلۇقنىڭ تاغلاردەك تەۋرەنمەس ئورامىنى بايقاش بىلەن كۈچلۈكئۈمىدۋارلىق ھەم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقنىڭ ئۈزلۈكسىزيېلىنجاپ تۇرغانلىقىنى سېزەلەيمىز.بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئوقۇرمەننېمىشقا ئىتايىن رازى بولىدۇ؟ بىلىمخۇمار بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەرقانداق ئادەم نېمىشقا خۇشال بولىدۇ؟ بۇنىڭدا بىلىمخۇمارنىڭ باشقاجەھەتتىكى بىلىملىرىدىن باشقا تارىخ ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ ناھايىتىمول ۋە چوڭقۇر ئىكەنلىكىدە.بىز بۇنىڭدىن يىگىرمە-
ئوتتۇز يىل ئىلگىرى«باشقىلارغا تامچە سۇ بېرىش ئۈچۈن بىر چېلەك سۈيۈڭ بولىشى كېرەك»دېگەن سۆزنى كۆپئاڭلايدىغان.شۇسۆزنىڭ قىممىتى ھازىرمۇ ،كەلگۈسىدىمۇ كۈچتىن قالمايدۇ.بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئەمما ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى ،كامالەتكە يەتكەن ئالىمبولسىمۇ شۇ قەدەر كەمتەر،ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل،كەڭ قورساق ئىكەنلىكى ئۆتمۈش،ھازىر،كەلگۈسىدىن ئىبارەت بىر پۈتۈنۋاقىت كەڭلىكىدە ئىنسانىيەتنى ۋە مىللىتىنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىندۇر.
    9.تەبئىي ھالدا دۇرۇس يولغايېتەكلەش،ئۇيۇلچانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قەتئى بوشاشماسلىق .بىز بىلىمخۇمارماقالىلىرىدىن ئىلمىيلىقنى ،ئەمىليەتچانلىقنى بايقاشتىن باشقا توغرىلىققا،ھەققانىيلىققا تەبئىي باشلاشتەك يېتەكچىلىك،باشچىلىق ئالاھىدىلىكنىڭ نامايان قىلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.بىلىمخۇمارنىڭ قايسى ساھە،پەن،تارماققا باغلىنىشلىق ماقالىلىرى بولسۇن چوڭ جەھەتتە سىياسى،دىن،مىللەت،بىخەتەرلىككە تاققىشىدىغان ،كىچىك جەھەتتە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى،غورۇرى،ئاجىزلىقى،ئەيىپلىرىگە چېتىلىدىغان ئەھۋالنى چېلىقتۇرمايمىز.خۇددى رايۇنىمىزدا ۋەزىيەت ،قانۇن ،تۈزۈملەردىن خەۋەردار بولىۋاتقان رايۇنىمىززىيالىلىرىدەك دۇرۇس،ئورۇنلۇق يازما ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىپ كەلمەك تە.ماقالىلىرىداھېسسىيات،كەيپىيات ئامىللىرىنى قوشۇپ قويۇشتىن ساقلاندى.تور باشقۇرۇش ئۆلچەملىرىگەئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىلىرى نوپۇزلۇق تور مۇنبەرلىرىمىزدە ناھايىتى كۆپ ئېلان قىلىندى.ۋە ئونمىڭلىغان تورئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققەت نەزرىدە بولۇپ كەلدى.بىلىمگە ،توغرىلىققا يېتەكلەش ئۇنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەزمۇننىڭ بىرىدۇر.يەنە بىر چوڭ مەزمۇن بولسا زىيالىلىرىمىزنى،ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىمىزنى،بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئىتتپاق،ئۆم بولۇشقا يېتەكلەش،بۇ يولدابوشاشماسلىقتۇر.بىز رايۇنىمىزدا زىيالىلار ئىچىدە مەزھەپچىلىك يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى،ئۇنچىلار ھاكچىلارنى كۆرەلمىگەندەك،بىر ساھەدەكلەر يەنە بىرساھەدىكىلەرنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى ،شۇنداقلا بەزىلەر بىزگە سەنئەت لازىم ئەمەستەبئىي پەن لازىم دەۋاتقانلىقى ...نى بىلىمىز.
   بىلىمخۇمار ھېچكىمنى،ھېچقانداق پەننى،ساھەنى چەتكە قاقمىدى.«ئۇيغۇرغا ھەممىسى زۈرۈر.ھەممىسى تەرەققىي قىلسۇن،ئىلگىرلىسۇن»دېدى.باشتىن –ئاخىر ئىلمىي روھ، پوزىتسىيە بىلەن ماقالىلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىپ كەلدى،بىلىمخۇمار سىياسيۇن ئەمەس ياكى ئىدىيە  ،پەلسەپە جەھەتتە تەشەبۇسنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ئەمەس.بىرەر ئېقىمنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىمۇ  ئەمەس.ئۇ خالىس،تەبئىي ھالدا كىشىلەرنى بىلىمگە، توغىرلىققا، ئىناقلىق،ئۆملۈككە يېتەكلىگۈچى.مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئىناقسىزلىقدەز-چاكلىرىنى ئىلىم،توغرلىق،ئۆملۈك سۇۋاقلىرى بىلەن ھىملىگۈچى.
   10. بىلىمخۇمارنىڭ ماقالىلىرى بىر ئالتۇن ئورۇق.ئۇقەلب ئېتىزلىرىغا چېچىلىپ ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۈندۈرمەكتە.تىلىمىزغا تاش.نۆۋەتتە چەتئەلگەئوقۇشقا چېقىۋاتقان.ئوقۇپ قايتىپ كېلىۋاتقان.ئوقۇپ چەتئەلدە قېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىز كۆپەيمەكتە.40 يىل بۇرۇن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئەمەس چەتئەلگە چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ چۈش ئىدى.تەلىيىمىزگە بۈگۈنكى ئىمكانىيەت يارىتىلدى.چەتئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىلىرىمىز بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا يۈزلەندى.بۇنىڭدىن كېيىن بىلىم خۇماردەك كاتتا ئالىم،ئېسىل ئادەملىرىمىز كۆپەيگۈسى شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىزغا،ياشلىرىمىزغا تېخىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكۈسى.ئاددىسى نوپۇزلۇق تور مۇنبەرلىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى بىر قانچە يىل ئىلگىرىكىگەقارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرلدى .بۇنىڭدا بىلىمخۇمار ۋەكىللىكىدىكى چەتئەلدە تۇرىۋاتقان زىيالىلار جۈملىدىن بىلگەجان-تۇرسۇنجان نۇرمۇھەمەت،تاشپولات روزى،گۈلەن-ئابدۇۋەلى ئايۇپ،قەيسەر مىجىت...قاتارلىقلارنىڭ زور  تۆھپىسى بار.بىلىمخۇمار ۋە ئۇ ۋەكىللىكىدىكى چەتئەلدەتۇرىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى ئىلىم-پەنگە، تەرەقىياتقا،توغرىلىققا،ئىناق ئۆملۈك،ئۇيۇلچانلىققا يېتەكلىشى، باشلىشى، رىغبەتلەندۈرىشى ئۇلغايغۇسى.شۇنداقلا بىلىم،توغرىلىق،ئۇيۇللۇق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رېئاللىقتىكى پۈتكۈل ھالىتىگەئايلانغۇسى.
    بىلىمخۇمار ۋە ئۇنىڭ ماقالىلىرى ھەققىدە ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلسا ئونۋېرساللىققا ئىگە چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاپ روياپقا چىقىدىغانلىقى  شەكسىز .

uyghuray

12

تېما

2

دوست

5061

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1582
توردىكى ۋاقتى: 413
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 01:14:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك ئالىم ۋە بىلىم ئەھلىلىرىمىزنى مۇشۇنداق ياخشى تەرىپلەر بىلەن، ئەل ئۈچۈن تۆككەن تەرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشمۇ ئالقىشقا ئەرزىيدۇ. يازمىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بېرەر.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6127
توردىكى ۋاقتى: 1632
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 08:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تەۋرىتىپ ياخشى قىلىپسىز.ياخشىلارغا ياخشىلىق تولا دېگەن شۇ.

5

تېما

14

دوست

3826

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31966
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 1248
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 09:00:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ  تىمىلىرىنىڭ ئىنتايىن قايىل قىلارلىقلىقى تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە بىرەركۆرۈنەرلىك ئىككى تەرەپ بولۇپ تېما ئۈستىدە  تالىشىشقا باشلىغىنىنى بىلمەيمەن.بۇ نىڭ ئارقىسدا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ نورغۇن ئىزدىنىش ،ئىجتىھات قىلىش ،ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق يۈشۇرۇنغان .باشقىلىرىمىزمۇ كۆرەۋاتىمىز ھەم كۆرۈپ كەلدۇق ،باشقا بىرسىمىز دىنغا مۇناسىۋەتلىك تېما يوللىساق ھامان كەمتۈكلۈك تەرىپى چىقىپ ئايىغى چىقماس تالاش تارتىش بولاتتى ،ئامما بىلىمخۇمار ئۇستازنىڭ ئۇنداق ئەمەس .شۇنىڭغا ھىچكىم پۇتاق تاپالماي ھوزۇرلىنىپ ئۇنىڭ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك تېمىلىرىنى ئوقۇيمىز زوق بىلىم ئالىمىز .ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سىز دېگەندەك بىرەرسىمزنىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قويغىنى يوق ،ئىلگىرى بولسۇن كىيىن بولسۇن ھامان قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ ئالىمىز .ئۇستازغا كۆپ رەھمەت .بۇندىن كىيىن ئىسل تىمىلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىشقا نىسىپ قىلغاي .قانچە تەرىپلىسەك ئازلىق قىلىدۇ .بىزگە ھەقىقى ئادىمىيلىكى ،پەزىلىتى بىلەن ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە ئۇستازنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق دەپ قارايمەن .تېمىسنى بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ دەپ يازىدۇ،بەزىلەردەك تايىنى يوق تىمىسىنىمۇ كۆچۈرمەڭ دەپ يۈرمەيدۇ .
ئاخرىدا تورداشلارغا كىچىككىنە تەشەببۇسۇم ،ئۇستازنىڭ ئوقۇلمىغان تېمىلىرى بولسا ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنى تولۇق ئوقۇپ چىقساق ...
ئۇستاز ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قەلىمىڭىزگە رەھمەت ،ئاكىمىزغا تىخىمۇ ئىلھام بولغىسى .بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا كاتتا ئەجىرلەر بولسۇن .
uyghuray

0

تېما

1

دوست

362

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53244
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 11:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە  ،بىلىمخۇمار ئاكىغا ۋە  بارلىق  بىلىمخۇمارلارغا  سالام. رەخمەت  سىلەرگە.

0

تېما

0

دوست

807

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 11:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن،ئۇيغۇرۇمنىڭ كۈلكىسىگە كۈلۈپ،يىغىسىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان ئەركىن سىدىققا ئوخشاش ئالىملىرىمىزغا،اللادىن ،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

تېما ئىگىسىگىمۇ كۆپ تەشەككۈر.



  

1

تېما

0

دوست

1692

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 15:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇرۇندۇنلا    بىلىم  خۇمار   ئۇستازنىڭ   نەتىجە  تۆھپىلىرىنى   مۇئەييەنلەشتۇرۈش  ،  خىزمىتىگە  ئۇتۇق   تىلەش  ،  ئائىلىسىگە   خاتىرجەملىك  تىلەش  ،  تېنىگە  سالامەتلىك  تىلەش    ئارزۇلۇرىمىز  بار  ئىدى  ، لېكىن  شۇ  قەلەم   قۇۋۋىتىمىزنىڭ  ھالسىزلىغى  ، بىلىم  -سەۋيەمىزنىڭ  چەكلىكلىگى   ، زېھنىمىزنىڭ  چېچىلاڭغۇلىغى  سەۋەپ    كۆڭلمىزنى  بىلدۈرەلمەي  يۇرەتتۇق   ،  تېما  ئېگىسى  تولىمۇ  ئەتراپلىق  بايان  قىپتۇ   ، ھەممە  تورداش ۋە   دىيارىمىزدىكى  كۆپلىگەن    كىشىلەرنىڭ  ئارزۇيۇمۇ  شۇ  ئىدى  ......ھەممىڭلارغا  رەخمەت   ،

0

تېما

1

دوست

522

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55076
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-24 17:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن    بۇدۇنيادىن كەتكەندە ئەمەس ئۇلار ھايات ۋاقتىدىمۇ  ئۇلارنى  قەدىرلەيلى   قەدىرلەشنى ئۇگۈنەيلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )