- تىزىملاتقان
- 2016-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 387
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
43.5%
|
يېقىندا،مەلۇم بىر ئورۈننىڭ باشلىقى تۆۋەنگە تەكشۈرۈشكە كەپتۇ،شۇ جايدىكى پارتىكومنىڭ تەشۋىقات ھەيئەتلىرى تېلىۋىزىيە ئېستانسىسىنىڭ مۇخبىرىغا بۇ كىشىنى زىيارەت قىلىشنى،تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرىنى سۇرەتلىك خەۋەر قىلىپ ئىشلەپ،تېلىۋىزىيەدە تارقىتىشنى ئورۈنلاشتۈرۈپتۇ.بىراق بۇ رەھبەر زىيارەتنى قوبۇل قىلماپتۇ ھەمدە سۈرۈتكىمۇ تارتماسلىقنى،پەقەت خەلىقنى چۈشىنىپ بېقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋاپتۇ.شۇنداق قىلىپ،بۇ رەھبەر يېزا،كەنىتلەرگە چۈشۈپ،خەلىقنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىپ،خەلىقتىن ئەقىل سوراپتۇ.
بۇ نېمە دىگەن قالتېس روھ ھە؟ھازىر يۇقۇرى دەرجىلىك پارتىكوم،خەلىق ھۆكىمەتلىرىنىڭ ئورۈنلاشتۈرىشى بىلەن مىڭلىغان كىشى ئاساسى قاتلامغا چۈشۈپ«ئۈچ ئەل»خىزمىتى بىلەن شۈغۈللىنىپ،خەلىقنىڭ دەرت ئەھۋالىنى ئىگەللەۋاتقان بولسىمۇ،يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۆۋەنگە چۈشكىسى كەلمەيدىغان،ئامما بىلەن ئالاقە قىلىشقا چولى تەگمەيدىغان،يىراقتىن قوماندانلىق قىلىپلا كۈن ئۆتكۈزىدىغان خاھىشى مەۋجۈت.يەنە بىر قىسىملارچۈ؟كىچىككىنە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تېلىۋىزور ۋە رادىئودا ئاڭلىتىشقا،مۇشۇ ئارقىلىق خەلىق ئالدىدا ئۆزىنى تونىتىشقا خۇشتار.
مېنىڭچە،ئۆزىنى تونىتىشقا كۈچەشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق،تالانىت-ھامان تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ،نەتىجىمۇ شۈنداق.ھەقىقىي ئەجىر بىلەن ياراتقان نەتىجىمىز بىزنى ھامان ئەل ئالدىدا نامايان قىلماي قالمايدۇ.خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەيدىكەنمىز،ئالدى بىلەن خەلىقنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.بىز خەلىقنى چۈشەنگەن ۋاختىمىزدىلا خەلىق ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرالايمىز.خەلىق ئېھتىياجلىق بولغان بۇ خىزمىتىمىز چوقۇمكى خەلىق قەلبىدىن ئورۈن ئالىدۇ-دە،قوللىشىغا ئېرىشەلەيمىز.تېلىۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق تونۇلغاندىن،ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق تونۇلساقلا،خەلىقنىڭ قەلبىدىكى ئورنىمىز تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.
|
|