- تىزىملاتقان
- 2015-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5748
- نادىر
- 6
- يازما
- 262
ئۆسۈش
100%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم:
مەن ئەرەبىستان ۋە مىسىر ھەققىدىكى يازمىلىرىم سەۋەبلىك دىنىمىزدىن گۇمان قىلىدىغان ئۆلىمالىرىمىزدىن شۈبھىلىنىدىغان ئېقىمنىڭ توردا باش كۆتۈرۈپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم، پۇشمان قىلدىم ۋە ئىنتايىن قايغۇردۇم. يازمىلىرىم ئويلىنىشقا، ئويغىنىشقا ۋە تىرىشىشقا سەۋەب بولسا ئىكەن دەيتتىم. ئەمما ئەمەلىيەت بۇنىڭ تەتۈرسىنى ئىسپاتلىماقتا...
مەن بىر ئاددى ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىر ئادەتتىكىچە بولسىمۇ كەسپنىڭ ئەھلى بولۇپ ھالال ياشىسا دىنىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە ۋە ئاتا - ئانىسىغا يۈك بولۇپ قالمايدىغان بىر ئىنسان بولسا دەپ قارايمەن. شۇڭا ھۈنەردىن ياكى ئەمەلى قوللىنىدىغان بىرەر بىلىمدىن مۇستەسنا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇشنى قوللىمايمەن. ئەمەلىيەتتىن، ئىنساننىڭ كونكىرت ئېھتىياجىدىن ئايرىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى مائارىپ بىلەن شۇغۇللانمايمەن ۋە شۇنداق تەشەببۇستىكىلەرنىمۇ قوللىمايمەن.
مەن پەرزنتلىرىمىزنىڭ تېنچ، بىخەتەر باراۋەر بىر مۇھىتتا ئوقۇشىنى ۋە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مىسىر، ئەرەبىستان، يەمەن، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارمىغان بولساممۇ بارغانلار بىلەن تۈركىيەدە بىللە ياشاۋاتىمەن. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە بالىلىرىمىزنىڭ تۇرۇپ بولالماي يەنە تۈركيەگە قايتىپ كېلىپ ئاۋارە بولغىنىدىن بىراقلا تۈركىيەگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ "مىسىردىمۇ ياكى تۈركىيەدىمۇ؟" دېگەن يازمىنى يازغان. دېگەنلىرىمدەك بۇ پەتىۋا ئەمەس ياكى ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسى نەتىجىسىدە ئوتتورىغا چىققان شەرئى ھۆكۈم ئەمەس پەقەت مېنىڭ بىر سەمىمىي تەۋسىيەم.
دىن بارىدا ئۆلىمالارنىڭ گىپىنى ئاڭلىغۇم بار لېكىن مەن باشقىلاردىن ئاڭلىغان، كىتابلاردىن ئوقۇغان گېزىتلەردىن كۆرگەن ۋە تېلېۋۇزۇرلادىن خەۋەر تاپقان رېئاللىقا ئاساسەن مىسىردا ئوقۇشنى ئەمەس تۈركىيەدە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىپ قاپتىمەن. ئۆلىمالار كەچۈرگەي ئۇلارنىڭ ئوقىتىشى داۋام قىلغاي ئوقۇغۇچىلىرى ئۈزۈلمىگەي شارائىتلىرى كۈنسايىن ياخشىلىنىپ كەتكەي. ئەركىن ئاكامنىڭ چۈشەنگىنىگە رەھمەت ئەمما مەن دىندا ئوقۇغان بالىلارنى كۆپىيىپ كەتتى دېمىدىم. پەقەت ھۈنەرسىز دىندارلىقنىڭ تاماغا يېقىن بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىردىم خالاس.
|
|