قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1170|ئىنكاس: 13

نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى بۇلاق بېشىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزىمەتلەر مۇنبىرى www.azimatl

2

تېما

0

دوست

668

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13437
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 215
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 00:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

QQ截图20160225002821.jpg


   1966-يىلى مەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە جېلىليۈزىدا 4 ئاي ئۆگىنىش، پىپەن كۈرەش، ئەمگەك بىلەن بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا 10- ئايلارنىڭ ئاخىرى بولۇپ قالغان ۋاقىت ئىدى. بىز كۈز كۈنى كۆچەت تىكىش ئۈچۈن جېلىليۈزىدىن خۇدىياريۈزىگە ئاقئۆستەڭ كۆۋرۈكى يېنىغا كېلىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، دادامنىڭ دائىم دەيدىغان نېسىھىتى ئېسىمگە كېلىپ، خۇدىياريۈزىدىكى ئەلاخان مامامنى يوقلاش توغرىسىدا، گۇرۇپپا باشلىقى نىزامىدىنكامدىن رۇخسەت سوراپ، مامامنى سوراپ يۈرۈپ تاپتىم. مومام 104 ياشقا كىرىپتىكەن. 100 ياشتا چىشلىرى قايتا چىققان ئىكەن، ئۆزى تىمەن، گەپ سۆزى ئالجىمىغان، كاللىسى ئوچۇق ئىكەن. ياتىدىغان چاغدا  مومام ماڭا مەن توي قىلغاندا داداڭمۇ تۇغۇلمىغان ئىدى – دەپ مەلىدىكى بىلىدىغان ئادەملەرنى سورىدى. مەن بىرسىنىمۇ دەپ بېرەلىدىم.
    مەن ھەر قېرى ئادەملەرنى دەپ بەرسەممۇ مومام ئۇلارنى تونۇمايدىكەن، چۈنكى مومام دىگەنلەرنىڭ بىرسىمۇ يوق، مەن دەپ بەرگەن بوۋاي، مومامنىڭ ۋاقتىدا بەزىلىرى تۇغۇلمىغان بەزىلىرى 3-4 ياشلاردابولۇشى  مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ مامام بىلەن پاراڭدا ماسلىشالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ھۇشيار ئەلاخان مامام دەررۇ گەپنى بۇراپ، بۇلاقبېشىدىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى، مازار – ماشايىقلارنى سورىدى. مەن بىلگەنلىرىمنى بىرمۇ – بىر دەپ بەردىم. موماممۇ خىلى ئېچىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى. قارىسام مامام ھېكايە، تارىخچىدەك تۇرىدۇ. بۇلاقبېشىدىكى مازارنى نۇزۇگۇمنىڭ شېھىت مازىرى، خەلپەم مەلىدىكى مازار خۇدا قۇلى شەمشىدىن خەلپەمنىڭ مازىرى. ئۆز ۋاقىتلىرىدا قالتىس ئاۋات مازارلاردى. سېنىڭ دېيىشىڭگە قارىغاندا، مازارلاردا ژىت سېلىپ، نەزىر – چىراغ قىلماي تاشلىنىپ كېتىپتۇدە، خارلىنىپ قاپتۇ، ئېسىت – ئېسىت، ئۆز ۋاقىتلىرىدا نە – نەلەردىن ئادەملەر كېلىپ، زىيارەت، دۇئا – تەگبىر قىلىپ تۇراتتى. ھېيت، جۈمەلەردە ئادەم دېگەن ئەر – ئايال مىرغىپ كېتەتتى. داش قازانلار قايناپ تۇراتتى. بىز كىچىك بولغاچقا بايرامدەك ھېس قىلاتتۇق. شۇ ئەسنادە مامام بالام ھېرىپ كەتكەنسەن ئۇخلامسە – يە دېدى.
   قېنى سۆزلە ماما، بۇ ھېكايە ياخشىكەن دېدىم. مەن  دەملىك ئۇخلاپ قالمىساڭ بىردەم بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي دەپ نۇزۇگۇمنى سۆزلەپ بەردى. نۇزۇگۇم قاشقارنىڭ بۇلاقبېشى دېگەن يېرىدىن بولۇپ، ھە دىسىلا خەلققە سېلىق سېلىپ، خەلقنىڭ ھالىنى قويمىغان ياۋۇز، چىرىك ھۆكۈمەتكە قارشى ئىنقىلاپ قىلغان جاھانگىر غوجا دېگەن كىشىگە ئەگىشىىپ ئىنقىلاپ قىلغانىدىكەن. شۇ ئىنقىلاپقا قاتنىشىپ، ئاتامانلارنىڭ بىرسى بولغان نۇزۇگۇم جاھانگىر غوجا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇتۇلۇپ مەھبۇس بولۇپ، بىرەر يۈز ئادەمنى ئىچكىرىگە، بىرقانچە يۈز ئادەمنى ئىلىغا سۈرگەن قىلغاندا، شۇ ۋاقىتا نۇزۇگۇم ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئىكەن. مامامنىڭ ھېكايىسىنى تىڭشاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
    مامام ئەتىگىنى چاي ئىچكەچ ئۇخلاپ قالغان يېرىمنى ئېنىقلاپ شۇ يەردىن داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلىدى. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ماڭا تازا خوش ياقماۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ھېكايىنى قىسقارتىپ چاينى بەردى ۋە مېنى يولغا سالدى ھەم يەنە كېلىشىمنى جېكىدى. مەن بولىدۇ دەم سائەتكە قاراپ ئىش ئورنۇغا بارسام، نىزامكام، رازىيە، نۇرجۇما، ئابدۇراخمان ئاپەندىلەر يېڭىدىن كېلىپ تۇرۇپتۇ. نىزامكام مېنىڭدىن ماماڭ قانداقراق تۇرۇپتۇ، ياخشى مېھمان بولدۇڭمۇ دەپ سورىدى. مەن مامامنىڭ يۇقاردا دېگەنلىرىنى دەپ ھېكايە ئېيتىپ ئۇخلاتمىدى، ئۇيقۇسىز قالدىم دېيىشىمگە كۈلۈپ كېتىپ نېمە ھېكايە ئۇ دېدى. مەن بىزنىڭ مەھەللىنىڭ مازىرى بىلەن خەلپەم مەھەللىنىڭ مازىرىنى سۆزلەپ زېرىكتۈرىۋەتتى. ھە مۇنداق ئىكەندە بىزنىڭ مازىرىمىزنى نېمە دەيدۇ ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرگىنىدە دېدى. قاشقاردىن ئىنقىلاپ قىلىپ قولغا چۈشۈپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان نۇزۇگۇم دېگەن شېھىت ئايال مازىرى دەپ نۇرغۇن سۆزلەپ بەردى دېدىم. نىزامكام ھە ئاڭۋاشقا قۇلىقىڭغا خوش ياقماپتۇدە، ساڭا ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ھېكايىسى بولسا تازا خوش ياقاتتىدە دېۋىدى. قاراپ تۇرغانلار مېنى زاڭلىق قىلغاندەك كۈلۈشۈپ كەتتى. نىزامكام بىزنىڭ بوۋايمۇ سېنىڭ مامىيىڭدەك نۇزۇگۇمنىڭ شېھىت مازىرى يېنىدىن ئۇياق – بۇياقلارغا ئۆتسەڭلار دۇئا قىلپ ئۆتۈڭلار دەپ ئاكام ئىككەيلەنگە جىكەتتى. سەن ئىشلەپ ھېرىپ بارغان ھەم ياش. مازار ماشايىقلارنىڭ ھېكايىسى خوش ياقمىغىنىۇ توغرا. مەن بىللە بارغان بولساممۇ بولغانىكەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن كەتمەن – گۈرجەكلىرىمىزنى ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق.
      شۇنداق ئىشلەپ، چۈش بولغاندا تاماققا ماڭغاندا يولدا كېتىۋېتىپ نىزامكام مېنى شەرەتلەپ يېنىغا تارتتى. نىزامكام ئاستا ئاۋاز بىلەن ساڭا دەيدىغىنىم ماماڭنىڭ ھېكايىسىنى كۆرگەنلا يەردە دەپ يۈرمە. ھەممىمىزگە ئايان تۆت كونىنى بۇز دەپ قۇرئانلارنى كۆيدۈرۈپ، مەسچىتلەرنى تانسىخانا قىلىپ، مازارلارنى بۇزۇپ، قەنت زاۋۇت قۇرىمىز دەپ يۈرسەك، سەن ماماڭنىڭ ھېكايىسىنى ھېچ يەردە دېمە، ئىچىڭگە يۈتۈۋەت. بولمىسا بېشىڭغا بىر بالا تېپىپ ئالىسەن دېدى. مەن بۇ گەپنىڭ توغرا دېيىلگىنىگە تەسىرلىنىپ، خوشال بولۇپ ھېچ يەردە دىمەسلىككە ۋەدە بەردىم. شۇنىڭدىنكىن  جېلىليۈزىدە 4 ئاينى پىپەن – كۈرەش، بىكار بولساق ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىپ، 1966- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرى مەھەلىمىزگە قايتىپ كېلپ، مەكتەپتە 8 سائەت بولىمىز، يەنە ئىككى سائەت ماۋجۇشى ئەسىرى ئۆگىنىىمىز. دەرس ئۆتۈشكە ۋاقىت يوق. ئاخشىمى لامپىنى ياندۇرۇپ قويۇپ، سائەت 10 گىچە تەييارلىق قىلپ ئاندىن دەم ئېلىپ ئۇخلايمىز. مۇشۇ تەرىقىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋېرىپ، خەقنىڭ ھېكايە تۇرماق، پاراڭ سېلىشقىمۇ ۋاقتى يوق. يەكشەنبە كۈنلىرى شودۈيلەرگە ياردەم قىلىپ ئەمگەك قىلىمىز. شۇنداق قىلىپ يىللار ئۆتۈپ، قېرىپ دەم ئېلىشقا چىقتۇق. نۇرغۇنىمىز ئۆلۈپ، ئۇ مەھەللىدە، بۇ مەھەللىدە قۇربىداشلاردىن بىرەر يېرىمىمىز قالدۇق.
   ياش 80 گە كەلگەندە ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن مۇڭدىشىشقا توغرا كەلدى. بۇلار بىلەنمۇ مۇڭدىشىپ قانماي، ياش ۋاقتىمدا كۆرۇشكە چولام تەگمىگەن تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتاتتىم. 2014- يىلى كۈزدە شەھەردىن تۇرسۇنجان چىقىپ قانداقتۇ بۇلاقبېشىدىكى مازارنى كىمنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرسە مازارغا يېقىن يەر – سۈيى بار، كۆلىمى بار ساتتار دىگەن كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ، مازارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپتىكەن. ساتتار بۇ نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى. داداملار شېھىت ئۇلۇغ ئايال مازىرى كۈندە دۇئا قىلپ تۇرۇڭلار، ئېسىڭلاردا يوق مازار تەرەپكە قاراپ قويماڭلار دەپ جېكەتتى دەپ خېلى پاراڭلارنى دەپ بەرگەن ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنجان بۇ يېڭىلىق بولدى دەپ خۇشال بولۇپ كىرىپ كېتىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئاغىنىلىرى بىلەن چىقىپ، مازارنى زىيارەت قىلىپ، ساتتار بىلەن رەسىملەرگە چۈشۈپ يۈرگەندە كىملەركىن بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، سىلەر ئەخمەت ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئۇ ئادەم ساتتارغا قارىغاندا مەھەللىنىڭ تارىخى ئەھۋاللىرىنى ئابدانراق بىلىدۇ دەپ مېنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ.

    تۇرسۇنجان ئۈچ كىشى بىلەن ئۆيگە كەلدى. مېنىڭدىن مازارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا مەن دەپ بەرمىدىم. چۈنكى ئالماتادىن ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇغقىنى كەلگەندە گەپتىن – گەپ چىقىپ، مۇشۇ مازارنى نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدىم. ئۇ ھېچكىمگە دېمەسلىكىمنى ئالماتاغا بېرىپ – كېلىمەن، شۇ ۋاقىتتا مەن يازىمەن، سېنىمۇ رازى قىلىمەن دېگەچكە ۋەدىلىشىپ قويغان ئىدىم. شۇڭا تۇرسۇنجان بىرىنچى قېتىم كەلگەندە باشقا پاراڭلارنى قىلىپ يوشرۇپ، دىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تۇغقانلاردىن سۈرۈشتۈرسەم، ئالماتادىكى ۋەدىلەشكەن تۇغقان ئاللىقاچان تۇگەپ كەتكەنىكەن. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر كۈنى تۇرسۇنجان يەنە ئىككى كىشى بىلەن كەپتۇ. ئالماتادىكى تۇغقان تۈگەپ كەتكەچكە، بۇ مازىرىمىزنىڭ نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەن بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇنجان خۇشال بولۇپ، بىلگەنلىرىمنى يېزىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. شۇنداق قىلىپ 50 يىل ئۆپچۆرىسىدىكى گەپلەرنىڭ ئېسىمدە قالغانلىرىنى يېزىپ بەرگەنىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ مامامنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە سۇرۇشتۇرۇشكە باشلىدىم.
    مەھەللىمىزدە بۇ ئىشلارنى سورىغىدەك ئادەملەرمۇ قالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ھازىر بار بولغان قېرىلاردىن، ئۆپ – چۆرەمدىكى 5 ئائىلە باشلىقىنىڭ دادىلىرىنىڭ دادىلىرىدىن نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى توغرىلىق ئاڭلىغانلىرىنى دەپ بەردى. يەنە قاشقاردىن چىققانلاردىن قاشقاردە بۇلاقبېشى دېگەن يەرنىڭ بارلىقىمۇ راست ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدىم. بۇلارنى نۇزۇگۇم توغرىسىدا يازغان ماتېرىيالغا قوشتۇم. تۇسۇنجان مېنىڭ نۇزۇگۇم توغرىسىدا دېگىنىمنىمۇ تورغا چىقىرىپتۇ. (مەزمۇنىنى) مەن كۆرۈپ يېزىپ بەرگەندە ئۇنتۇپ قالغان يەرلىرىمنى كۆردۇم، باشقىدىن تولۇقلاپ توغرا چىقىرىشقا بىر ياز تۇرسۇنجان بىلەن كۆرۈشەلمىدىم.
     يېقىندا 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى سىفەن مەكتەپتىن ئىككى ئەپەندى كېلىپ، مېنى زىيارەت قىلدى. توردا نۇزۇگۇم توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىمنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم نۇزگۇم توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، (بۇ ئىككى ئەپەندىمنىڭ ئىسمى نىجات، قۇربانجان ئىكەن) ۋاقىت ئېتىۋارى بىلەن ئاساسىي مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن بولدۇم. ئۈچ  - تۆت كۈندىن كېيىن بۇلارمۇ نۇزۇگۇم توغرىسىدا دەپ بەرگەنلىرىمنى تورغا چىقىرىپتۇ.    بۇلار مېنىڭ دېگەنلىرىمنىمۇ ھەم ئۆز كۆز قاراشلىرىنىمۇ قوشۇپ تورغا چىقىرىپتۇ. ئوقۇپ چىقسام مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بولماپتۇ. نىجات بىلەن قۇربانجان ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يېزىپتۇ. نۇزۇگۇم كونا كۈرە مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرۈلسە مازىرى بۇ مەھەللىگە قانداق كېلىپ قالىدۇ. ئارىلىقى بىرەر يۈز كېلومېتىر تۇرسا، پاكىتنى ئاساس قىلىمىز دەپ قەبرە تاشنى كونا كۈرە مويتۇڭزىغا قادىسا بولىدۇ دەپتۇ. چۈنكى قەلەمكەشلەرنىڭ تولىسى شېئىر قىسسەلەردە كونا كۈرە مويتۇڭزىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ دەپتۇ، مېنىڭچە بۇ ئىككى ئەپەندىنىڭ پاكىتنى ئاساس قىلىمىز دېگىنى ناھايىتى توغرا. ئالايلۇق مەن يۇقىرىدا مامامنىڭ دەپ بەرگىنىنى، 5 ئائىلە باشلىقىدىن سوراپ كۆرۈپ راست نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى ئىكەنلىكى، قاشقاردىكى بۇلاقبېشىنىڭ توغرا چىققانلىقى، جاھانگىر غوجىنىڭ ئىنقىلابىغا توغرا چىققانلىقى ھەم يوغان بىر مازارنى قورقماي نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى دەۋاتساممۇ يەنىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتىدۇ. ئانداق بولسا بۇ مازار كىمنىڭ دىسەم بىلمەيدۇ. بۇرۇنقى بىر قەھرىمان بولۇشى كېرەك دەيدۇ. بۇ مازار جاھانگىر غوجىنىڭ ۋاقتىغا توغرا كېلىۋاتسا، ئىلى تارىخىدا 1809- يىلىدىكى خەلپەم مازىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مازار دەپ كۆرسىتىلىۋاتسا نۇزۇگۇمنىڭ مازىرى شېھىت بولغان يەردىن مازار ياساپ يۆتكەپ كەلگەن ۋاقتى 1868- يىلى ئەتراپىدا تۇرسا مۇشۇ يېقىن پاكىتلارنى كۆرمەي بۇرۇنقى بىر قەھرىمان ئايال بولۇشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالسا قانداقمۇ گەپ قىلغىلى بولار. ئالايلى غۇلجىدا بۇنىڭدىن باشقا ئايال مازىرى يوق تۇرسا مۇشۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمساق قانداق بولىدۇ.
    ئەمدى ئىككى ئەپەندىمنىڭ تورغا چىقارغان مەزمۇننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى. سۆزلەشتىن بۇرۇن مۇنۇ گەپنى قىستۇرۇپ قوياي، تۇز نەدىن چىقىدۇ دىسە جىڭدىن، كۆمۈر نەدىن چىقىدۇ دىسە خاڭدىن دېگەن ھۆكۈم ھەممە ئادەملەرگە سىڭىش بولۇپ كەتكەندەك ئادەمنى قەيەردە ئۆلتۈرىدۇ دېسە، كونا كۈرە مويتۇڭزىدا دېگەن ھۆكۈم چىڭ ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا ئادەملەرگە سىڭىش بولۇپ كەتكەن. شۇڭا قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسى نۇزۇگۇمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن جايىنى كونا كۈرە مويتۇڭزىغا باغلايدۇ. ئۆز ھېسسىياتىغا تايىنىپ خىيالى يېزىلغانلىقى ئۈچۈن نۇزۇگۇمنى جاللاتلارنىڭ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى قەلەمكەشلەرنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇزۇگۇم كونا كۈرە مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن چىققانلىقى، تۇڭگانلارنىڭ بوينىنى تىكىپ ئۇلاپ نامىزىنى چۈشۈرگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ھازىرغىچە نۇزۇگۇمنىڭ مازىرىنى ھېچكىم تاپماي، ئېتىزدىن چۆنەك ئېلىۋاتقاندا چىقىپ قالغان بىر باش سۆڭەكنى نۇزۇگۇمنىڭمىكىن دەپ قىياس قىلىپ يۈرسە بۇ گەپكە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن. تارىخقا قارىساقمۇ قەھرىمانلار يەر شارىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە ئۆلىدۇ. چارىسىز قالغانلار مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئالايلۇق ئارائۆستەڭ بۇلاقبېشىدا ئۆلتۈرۈلگەن نۇزۇگۇم جان تىكىپ دۈشمىنى بىلەن ئېلىشىپ دۈشمەننىمۇ ئۆلتۈرگەن، يالغۇزلۇقتىن چامى يەتمەي ئۆزىمۇ شېھىت بولغان. دۇشمەنلىرى پاتقاققا تاشلىۋاتكەن يېرىدىن بۇلاقبېشىنىڭ ئادەملىرى يۇيۇپ تاراپ شېھىت ئايال دەپ مازىرىنى باشقىلاردىن پەرىقلىق قىلىپ بەش پەلەمپەيلىك مازار ياساپ، يىلدا ئاقارتىپ تۇرغان. جاھان سەل تىنجىغاندىن كېيىن، قاشقاردىن بۇلاق بىشىدىكى يۇرتلۇقلىرى كېلىپ، مەھەلىدىكى جامائەتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، نۇزۇگۇمنى قاشقاردىكى ئورنىغا تەھلىل قىلىپ، ھەيۋەتلىك قاشقار پاسونىدىكى گۈمبەز ئۆي ياساپ چىققان. (بۇنىڭ تەپسىلاتى ئايرىم يېزىلدى) دېمەكچى بولغۇنۇم، راست كونا كۈرە مويتۇڭزىدا ئۆلگەن بولسا، ئارائۆستەڭ بۇلاقبېشىنىڭ ئادەملىرىچىلىك قىلالمىسىۇ، ئاددىي بولسىمۇ گۈمبەز ياساپ قويغان بولسا، قەلەكەشلەرگىمۇ ئاۋارىچىلىق يوق بولاتتى. يەنە قاراپ تۇرۇپ نۇزۇگۇمنى ئازابتىن قوقۇپ، قىيىنچىلىققا چىدىماس قىلىپ كۆرسىەتكەن. مەسىلەن: ئاتا – ئانىلىرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇشىنى، بالىلىرىنى سېغىنغان، ئەرلەرگە مۇراجەت قىلىپ، ئاپقېچىپ كېتەرگە ئەر بارمۇ دەپ شېئىرلارنى ئوقىغان. دېمەك پۇشايمان قىلغان قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مېنىڭچە بولسا ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. نۇزۇگۇم ئىنقىلاپ قىلىپ، دۈشمەن بىلەن ئېلىشقاندىلا ئاتا – ئانا، بالا – چاقىلىرى، قېرىنداشلىرىدىن بۇرۇنلا كېچىپ يا ئۆلتۈرىمەن يا ئۆلىمەن دەپ ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمىغان بىر ئىنقىلاپچى تۇرسا، ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئالدىدا يىغلىمايدۇ. بۇ پەقەت قەلەمكەشلەرنىڭ ئازاپ چېكىۋاتقان نۇزۇگۇمغا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىش، ۋاي بىچارە دەپ كۆز ياش قىلدۇرۇش ئۈچۈن يازغان بىر نىمىسى بولۇپ قالىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت تۇرمۇشتىن بىر بالداق ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەندەك، ئۇنىمۇ مەيلى دەيلى. يەنە گەپكە كەلسەك، نۇزۇگۇم ئاكىسى بىلەن خوشلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجىغا ماڭغاندا، كۈندۈزى مۆكۈپ يېتىپ، كېچىسى يول مېڭىپ، ئىككى ئاخشامدىن كېيىن  ئابرالدىكى ئاقئۆستەڭ بېشىغا كېلىپ قالغان. ئۇ يەردە پىچاق بىلەن قومۇش كېسىپ سال ياساپ، دەريا بىلەن نەچچە كۈن ئېقىپ كونا كۈرەگە بارغاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ يامۇلغا قامالغان. بۇ يەردىن ئىچكىرىدىكى داۋگۇاڭ خانغا ماتېرىيالى يولللىنىپ، 80 كۈندە جاۋابى كېلىپ مويتۇڭزىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

      ئەمدى بۇ گەپكە كېلەيلى، بايىنغۇلىننىڭ يۇلتۇز دېگەن يېرىدىن ئاكىسى بىلەن خوشلىشىپ، ئىككى كېچە ئەمەس بىر ئاي يول يۈرۈپ دېگەن بولسا ئەقىلگە مۋاپىق كېلەتتى. غۇلجىدىن قاشقارغا ماڭغان ئاپتوبۇس ئۆز ۋاقتىدا قاشقارغا مېىش ئۈچۈن، قونۇپ ئۆتىدىغان ئۆتەڭ تۇرسا، نۇزۇگۇمنىڭ ئابرال يېنىدىكى ئاقئۆستەڭ يېنىغا كېلىپ قېلىشى، ياماتۇنىڭ يۇقىرىسى ۋە تۆۋىنىدە كۆۋرۈك يوق تۇرسا دەريادىن قانداق ئۆتۈپ ئاق ئۆستەڭ بىشىغا  كېلىپ قالغاندۇ. ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل دەيلۇق. ئويمان بايتوقايدىكى دەريانىڭ زىندان دېگەن يېرىدە دەريا ئۇرۇپ پىقىراپ بىر مودەك يەردىن ھېلىغا تەكرارلىنىپ تۇرغاچقا،يۇقىرىدىن كەلگەن سالچىلارنىڭ نەچچىسى نابۇت بولۇپ، چۇۋۇلۇپ، سالچىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى سالغانلىقى ئۈچۈن، سالچىلار تۇمشۇق بايتوقايدىن ئۆتكەندە پالاقلىرىنى ئوڭ تەرەپكە ئۇرۇپ، زىنداننىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن قېچىپ ئۆتۈپ، يائاللا خۇدا ساقلىدى دېيىشىپ ھۇشىغا كېلىدىغان، بىخۇتلۇق قىلسا زىندانغا كىرىپ كېتىپ مال –مۈلكى، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئورۇن تۇرسا نۇزۇگۇم كېچىسى قانداق ئۆتكەندۇ دەپ بۇ ئىشقىمۇ ھەيران بولماي تۇرالمايمىز.
    يەنە ئالايلۇق  چىڭ ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن نۇزۇگۇم تۇتۇلغان ھوقۇقسىز لوگەيگە ئوخشاش دۈشمەن. بۇنى مۇشۇ يەردىكى جاڭجۈننىڭ ئۆلتۈرۈش، سېتىۋېتىشكە ھوقۇقى يېتەتتى. نۇزۇگۇمنى جاھانگىر غوجىدەك بېيجىڭغا يوللىغىدەك چوڭ ئەمەلدارمۇ ئەمەس ئىدى. تارىخلاردا نۇزۇگۇمدەك نەچچىلىگەنلەرنى مۇشۇ يەردىلا ئۆلتۈرىۋەتكەن. (ئىلى تارىخىدا) ئىلى جاڭجۈنلىرىنىڭ چامى يەتمىگەن ئىشلارلا يۇقىرىغا يوللىناتتى. ھوقۇقسىز نۇزۇگۇمدەك جىنايەتچىگە چامى يەتمەي، خانغا ماتېرىيالى يوللىنىپ 80 كۈندە جاۋابى كېلىپ ئۆلتۈرۈلۈشىمۇ ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىش. بۇنىڭغىمۇ ھەيران قالغىدەك ئىش. دىمەك سۆزلەۋەرسەم سۆز ئۇزىراپ كېتىپ بارىدۇ. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، نۇزۇگۇم قاشقاردىكى جاھانگىر غوجىغا ئەگىشىپ ئىنقىلاپ قىلغان بىر ئاددىي ئايال، كېيىن ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندا تۇتۇلۇپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئىلىدا قەتلى قىلىنغان. دىمەك قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىشلارنىلا بىلىدۇ. قەيەر بىلەن ئىلىغا چىقتى، قەيەردە قانداق ئۆلتۈرۈلدى، جەسىتى قەيەرگە قويۇلدى؟ بۇلارنى ھېچكى بىلەيدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كونا كۈرە مويتۇڭزىنى چۆرىدەپلا يېزىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇزۇگۇم توغرىسىدا يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىلا بىر – بىرىدىن پەرىقلىق بولىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتىدۇ. موللا بىلالمۇ قىسسەسىنى نۇزۇگۇم ئۆلۈپ 50 يىلدىن كېيىن يازغان. ئۇ ئۇستا ئاتاقلىق شائىر بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇزۇگۇم توغرىسىدىكى قىسسەسىدە يۇقاردا ئېيتىلغاندەك ۋەقەلىكنى چۆرىدەپ يازغان. يەنىلا خاتالىقلاردىن خالى بولالمىغان. موللا بىلال جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئۇستا شائىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بەدىئىيلىكى باشقا جەھەتلەردىن ئۈستۈن ماھارەت بىلەن يازغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر نۇزۇگۇم توغرىسىدا يازغاننىڭ ھەممىسىگە ئانچە چۆكۈنۈپ كەتمىگەن. باشقا يازغۇچى شائىر، قەلەمكەشلەرمۇ نۇزۇگۇم توغرىسىدا يازغانلىرى موللا بىلالنىڭ يازغىنى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن. يۇقىرىدا نىجات بىلەن قۇربانجان دېگەندەك پاكىتنى ئاساس قىلىمىز. مەقسەت شۇ مەن كونا كۈرەدىكى نۇزۇگۇم توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك پاكىت تاپالمىدىم. ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر قەلەمكەشلەر يېزىپتۇ. تولىسى ئۆز قىياسى بلەن يېزىلغان. ئۇلار خەلقى ئالەمگە تونۇلغان ئۇستا قەلەمكەشلەر ئۇلار ۋەقەلىك تاپسىلا يازماي قويمايدۇ. ۋەزىپىسىمۇ شۇ. نىمجان نەرسىنى داۋالىسا ساقايتىپ، قىيغىتىۋەتكىدەك ماھارەت بىلەن يازىدۇ. ئۇلار كەسىپ ئەھلى. ماڭا ئوخشاش چالا ساۋات قەلەمكەش نىمجاننى داۋالا دىسە ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن يانمايدۇ. ماھارەتلىك قەلەمكەشلەرگە يوق نەرسىنى سۈرەتلەپ بەر دىسەك، جان كىرگۈزۈپ راستتەكلا قىلىۋېتىدۇ. مېنىڭ ئۇلار بىلەن قەلەمدە ئاسمان بىلەن يەردەك پەرقىم  بولسىمۇ، كۆرگۈنۈمنى، ئاڭلىغىنىمنى ئارانلا يازالايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆزلىسە ئاخۇن سۆزلىسۇن دەپ، ئاخۇنغىلا ئىقتىدا قىلىۋالماي، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، چىنلىقنى ئاساس قىلغان ئاساستا كورۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەخەت پولات
2016- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى

uyghuray

11

تېما

2

دوست

4879

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1284
توردىكى ۋاقتى: 308
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 01:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى  باشقا بايانلارغا قىزىقسىڭىز  مۇنۇ  مەزمۇننىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ:



  مەرھەمەت

1

تېما

7

دوست

9731

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2858
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 01:57:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يەرگە كەلسە بۇلاتتى بۇ ئىش .

0

تېما

4

دوست

2782

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 02:51:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى مۇنازىرە قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى زور
uyghuray

0

تېما

0

دوست

832

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54655
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 10:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇلاسە كالام: نوزۇكۇمنىڭ قەبرىسى ئارائۆستەڭ بۇلاقبېشىدا
ئەمدى ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك، «ئىلمىي» زاتلارمۇ، رىۋايەتچىلەرمۇ ئېغىزىمىزغا گۈلە سېلىۋالايلى

1

تېما

0

دوست

1685

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 508
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 12:30:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نوزۇگۇمدەك  ئانىلار  ئوبرازى   ئۇيغۇر  تارىخىدا  خېلى  كۆپ   ، ئۇلارنىڭ  سىماسى  ھەر  دائىم    بىز   بىلەن  بىللە  ، ل ، مۇتەلىپنىڭ  قەبرىسى  نەدىلىگى  ئېنىق  بولمۇغاندەك   نوزۇگۇمنىڭ  قەبرىسى  نەدىلىگى    مەن  ئۈچۈن  موھىم  ئەمەس  ،  ئۇلارنىڭ  قەبرىسى   يەنىلا  مېنىڭ  قەلپ    تۆرۈمدە   ، ئۇلار  ئەسكە  چۈشكەندە  دۇئا  قىلىش  مېنىڭ  باش   تارتىپ  بولمايدىغان   مەجبۇريىتىم  دەپ  بىلىمەن ......

1

تېما

3

دوست

4689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 13:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ixtningkuqigi يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 12:30
نوزۇگۇمدەك  ئانىلار  ئوبرازى   ئۇيغۇر  تارىخىدا  خېلى   ...

ل. مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى ھازىرقى ئاقسۇ شەھرىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا قالغان ئەتراپى قورۇق تام بىلەن توسۇلغان ‹‹قاراساقال ئاتام›› مازىرىدا. ئاڭلىشىمچە قەبرە ئورنىنى ل. مۇتەللىپنى دەپنە قىلغان ئورۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇ مازارنىڭ شەيىخى كۆرسىتىپ بېرىپتىكەن.

1

تېما

3

دوست

4689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 13:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
awral0999 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 10:43
خۇلاسە كالام: نوزۇكۇمنىڭ قەبرىسى ئارائۆستەڭ بۇلاقبېشى ...

قوشۇلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )