قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4862|ئىنكاس: 38

موڭغۇلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

22

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 1653
توردىكى ۋاقتى: 1267
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 05:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan1001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 05:37  



موڭغۇلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار



خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن


(ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى دوتسېنتى)




موڭغۇلىيە ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئويغۇر قاتارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئانا تۇپراق يۇرتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو تارىخى ماتىرياللىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ جايدا ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا خەنچە دى، دىڭلىڭ ۋە كېيىن گاۋچې دېگەن نام بىلەن ئاتالغان شەرقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ھونلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

كۆك تۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە(مىلادى 546- 840 يىلغىچە) بۇ زېمىندا ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپلىگەن تۈركى قوۋملار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.

مىلادى 605-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار تېكىن ئېركىن باشچىلىقىدا ئۇيۇشۇپ، 627-يىلىغا كەلگەندە بۇسات تىكىن باشچىلىقىدا شەرقى تۈركلەرنى يېڭىپ تۇغلار دەرياسى بۇيىدا ”تۇغلار ئۇيغۇر خانلىقى“نى قۇرغان. بۇ خانلىق 715 يىلغىچە مەۋجۇد بولۇپ، كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى (مىلادى 682- يىلدىن 744- يىلغىچە) تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 744- يىلغا كەلگەندە ”قۇتلۇق كۆل بۇيلا “ ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئوردا بالق (ھازىرقى قارا بالغاسۇن) دا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان، بۇ خانلىق 744-840 –يىلغىچە مەۋجۇد بولغان. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە: چوڭ ھىنگان تاغلىرىنىڭ شەرقىدىن (بۇ جايدا شىرۋى قۇم – سارلار ۋە قىتانلار ياشايتى) غەربتە ئالتاي، تەڭرى تاغ، يەتتە سۇ، چۇ، تالاس دەرياسى ۋادىلىرغىچە ( بۇ جايدا ئۇيغۇر، قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايتى )، شىمالدا ئانگارا دەرياسى بايقال كۆلى يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى (بۇجايدا قوباس، قورقان ۋە قىرغىز قاتارلىقلار ياشايتى)، جەنۇبتا چوغاي تېغىغىچە (بۇجايدا تاڭغىت، تويخۇن قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايتتى) بولغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى1.

ئۇيغۇر خانلىقى 627-يىلى بوسات تېكىن تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، 646- يىلى تومېد ئۇلۇغ ئېلتەبىر تەرىپىدىن تۇنۇلۇپ، 840-يىلى خانلىق ئوردۇسى ۋەيران قىلىنىپ، 848-يىلى ئەڭ ئاخىرقى قاغان–ئۈنەن (ئىنەن) دەۋرىدە خانلىق يۇقالغانغا قەدەر، 200يىلدىن ئارتۇق مەۋجۇد بولغان2 بۇ جەرياندا 24 دىن ئارتۇق قاغان ئۆتكەن. بۇ تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى، «ئورخۇن- يەنسەي مەڭگۇ تاشلىرى »، «مەڭگۈچۇر قاغان مەڭگۇ تاشلىرى » قاتارلىق تۈرك-ئۇيغۇرلار ئۆز قۇلى بىلەن ئورخۇن يېزىقىدا تاغ تاشلىرىغا يازغان، تۈرك تارىخى-مەڭگۈ مەڭگۇ تاشلىرى تېپىلغان. بىلگە قاغان ۋە كۆلىتېكىن مەڭگۈ تېشى تىكلەنگەن مەڭگۇ تاش يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن يېزىپ ئورنىتىلغان. بۇ تۈرك مەڭگۈ تاشلار تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانلىغى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ھازىرغىچە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقىنى يوق.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكى، غەربىي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى قېشىغا كۆچۇپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن قۇشۇلۇپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى (848-1035)، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (848-1369) ۋە قەشقەر، بالاساغۇننى قوش مەركەز قىلغان ئۇيغۇر قارا خانىيىلار خانلىقى (850-1212) دىن ئىبارەت ئۈچ خانلىق قۇرۇپ ياشىدى.

840-يىلى ”ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى“ يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدىن كۆچمەي قالغان يەنە بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار (1) قەبىلە باشلىقى كۈلۈگ باغانىڭ تەرەپدارلىرى ۋە قاغانلىقتىكى قېچىپ كېتىشكە ئات- ئۇلاقلىرى بولمىغانلىقتىن ئۆزجايىدا تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار (2) بىر قىسىم ئارقا بايقال رايونىغا، يەنە قىتانلار كونتىروللىقىدىكى يەرلەرگە ۋە قوشنا قەبىلىلەر ئارىسىغا كەتكەن ئۇيغۇرلار (3) شەرقى-شىمال تەرەپكە شېرۋىيلەر قېشىغا كەتكەن ئۇيغۇرلار، بۇ ئۇيغۇرلار كېيىن قىرغىز قوشۇنلىرى تەرىپىدىن شېرۋىيلەر يۇرتىدىن ئەسلىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى زېمىنىغا (موڭغۇلىيەگە) ئەۋەتىلگەن3. بۇ ئۇيغۇرلار بۇيەرگە كۆچۇپ كەلگەن ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن قەبىلىلەر ئىچىدە يەنىلا مەدەنىيەت تارقىتىشتا چڭ رول ئوينىغان، ئۇيغۇرلار سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يېزىقلىرىنى يارىتىپ، بۇ يېزىقلارنى موڭغۇللارغا ئۈگەتكەن (تاتا تۇڭا باشچىلىقىدا ). 11- 12- ئەسردە مەركىزى ئاسىيانىڭ شەرقى قىسمىدا ئۇيغۇرلار سالغان ۋە ياسىغامەۋجۇدشەھەرلەر مەۋجۇت بولغان. 13-ئەسردە، تۇۋا جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى) ئۇلۇغ خەمە دەرياسى بويىدا ئۇيغۇر دېگەن نامىنى ساقلاپ ئالاھىدە تۇرمۇش كەچۇرۋاتقان ۋە مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان. ئۇلار يەنە بۇرۇنقى قول ھۈنەر كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، قەدىمكى موڭغۇل شەھەرلىرىگە تارقىلىپ ياشىغان. 4

تارىخى مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشچە، 11- ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە، ئۇيغۇرلار نايمان قەبىلىلىرى ئىتتپاقى، قىتان ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدا يېزىق، خەت-ئالاقە، كاتىپلىق، ئەمەلدارلىق، تامغا تۇتۇش، ئوردا ئىشلىرى، دىپلوماتىيە، لەشكىرى ئىشلار، ھەربىي قورال ياراق ياساش، ئوزۇق-ئوقەت تەييارلاش، تېبابەتچىلىك، دېڭىز سەپىرى قىلىش (ئەل يىغمىشنىڭ ھىندى ئوكيان سەپىرى)، ئۆلىما (دىنى ئالىم) ، سودىگەرچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇستازلىق رۇلىنى ئۆتىگەن.

بۇ قەدىمكى شەرىقى ئۇيغۇر يۇرتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنى 1644- يىلدىن 1911- يىلغىچە مانجۇ خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بۇ دەۋردە بۇ جايدا ياشاۋاتقان تۈركى خەلقلەر ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.

1921-يىلى موڭغۇليەدە خەلق ئىنقىلابى كۆتۈرلۈپ، 7- ئاينىڭ 11- كۈنى مۇستەقىل خەلق كومىتېتى قۇرۇلغان. 1924- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1945-يىلى 2- ئايدا، سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە 3 دۆلەت باشلىقلىرى( سىتالىن، رۇزۋېلىت، چېرچىل) «يالتا يىغىنى»دا تاشقى موڭغۇلىيە(موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى) نىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش›› (جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلسا ئۇ ھالدا، سوۋېت ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىگە قول تىقماسلىق) بۇنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنىڭ بىر شەرتى قىلىش قارار قىلىنغان. 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى شۇ چاغدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان.5

بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1مىليون 566مىڭ 500كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليون 450 مىڭ بولۇپ، ئاساسلىق مىللەتلىرى، خالغا موڭغۇللىرى يەنە قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر، ئورانخەي قاتارلىقلار ياشايدۇ.، بۇنىڭ ئىچىدە، خالغا موڭغۇللىرى نوپۇسى 2مىليون 298مىڭ بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نۇپۇسىڭ %90نى ئىگىلەيدۇ، لاما دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، خالخا موڭغۇل تىلىنى قولۇنىدۇ. 6 قالغان تۈركى خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 152 مىڭ بۇلۇپ موڭغۇلىيە ئومۇمى نۇپۇسىنىڭ %7نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 120مىڭ،ئورانخەيلەر 26 مىڭ، خوتۇن (ئۇيغۇرلار) 6 مىڭ 7.

تۈركي خەلقلەرنىڭ كۆپچىلىكى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا ياشايدۇ. ئاساسلىقى بايان ئۈلگان شەھىرىدە يەنە باش كەنتى- ئو لانباتۇر شەھىرىدىمۇ ياشايدۇ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئانا قانۇنى (ئاساسى قانۇن) موڭغۇلىيىدىكى مىللەتلەرگە ئېرىق، جىنس، مىللەت، دىن نۇقتىسىدىن، ئۇلار غا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلماقتا. قازاقلار چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىدۇ. ئۇرانخەيلەر ۋە خوتونلار (ئۇيغۇرلار) چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئوقۇتۇش جەھەتتە: موڭغۇلىيەدە 14 ياشقا كىرگەنلەر ئوقۇشقا كىرىشى مەجبۇر. 2 يىللىق تېرىم(دېھقانچىلىق) ۋە سەنئەت مەكتەپلىرى بار. مەكتەپلەردە موڭغۇلچە ئوقۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاقچە ئوقۇتۇشقىمۇ يول قۇيۇلىدۇ. 1997-يىلدىن بۇيان قازاقلار ياشىغان يەرلەردە 11 باشلانغۇچ مەكتەپ، 16 ئوتتۇرا مەكتەپ، 1 ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش مەكتىپى بولغان. ھەتتا موڭغۇلىيە دۆلىتى قازاقىستاندىن موڭغۇلىيەگە ئوقۇتقۇچى، دوكتۇر، تەكلىپ قىلماقتا. بۇيەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قازاقىستان جۇمھۇريتى ئۇنۋېرسىتىتلىرىغا ۋە ئالماتادىكى تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا بېرىشىغا كەڭ يول قويماقتا.

موڭغۇليەدە دىن ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئايرىم بولۇپ، ھەركىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ. تۈرلۈك خەلقلەرگە ئائىت مەكتەپلەردە ئىلگىرى رۇس ئېلىپبەسى قوللىنىلغان بولسا ھازىر لاتىن ئېلىپبەسى قوللىنىلماقتا 8 ئەمما ھازىرغىچە تاشقى موڭغۇليەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئالاقە قىلغىنى يوق. مائارىپ، پەن-تېخنىكا جەھەتلەردە ئۆز ئارا ياردەم قىلىش، بېرىش–كېلىش ئىشلىرى بولمىدى.

ئۇنداقتا، موڭغۇللار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خوتۇن دەپ ئاتىغان؟ بۇنىڭ قارا شەھەر تەۋەسىدىكى خوتۇن سومۇل (ھازىرقى ئاتىلىشى خېجىڭ) دېگەن جاي نامى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

بۇ ھەقتە قاراشلار ھەرخىل. بەزىلەر خوتەن ئۇيغۇرلىرى موڭغۇلىيەگە كۆچۈپ چىقىپ ياشىغان، شۇڭا موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنى <خوتەن> دېگەن نام ئارقىلىق چۈشەنگەچكە، ئۇيغۇرلارنى شۇڭلاشقا <خوتۇن> دەپ ئاتىغان، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەپ ئېيتقان سۆزى بولسا كېرەك دەيدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنى ‹خوتۇن› دەپ ئاتىغان، ئۇيغۇرلار بولسا موڭغۇللارنى< قالماق> دەپ، قارا قىتانلارنى <خىتاي ياكى قارا خىتاي> دەپ، مانجۇلار بولسا ئۇيغۇرلارنى <چەنتۇ> دەپ ئاتىغانلىق توغرىسىدىكى بايانلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل قاراش قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ 1856- 1859- يىللىرى يازغان<<ئالتە شەھەرگە سەپەر>> خاتىرىلىرى دېگەن ئەسىرىدىمۇ يېزىپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمما سابىق سېۋېت ئىتتىپاقىدىكى خەلقلەرنى مىللەتكە ئايرىش ئۇستىلىرى <خوتۇن> دېگەن خەلق توپىنى، تىلىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تۈرلۈك تەتقىقاتچىلار تۈرلۈك خەلقلەرگە تەۋە دەپ قارىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىمىغان. يەنى گ. ۋامبېرى ئۆزبەگلەرگە، گ. پوتانىن قىرغىزلارغا تەۋە دەپ قارىغان. پەقەت 1915- 1916- يىللىرى تىلشۇناس مىللەتشۇناس، رۇس ئالىم تەتقىقاتچىلاردىن، ب. ۋىلادىمىرىتسوۋ ۋە ئا. سامويلىۋىچ « تۈركىي خەلق –خوتونلار» نامللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش خاتىرىسى (1916-پېتىرگراد، رۇسچە نەشرى111ΧΧتوم) دە خوتۇن تىلىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ، تىل پاكىتلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان، ھەم خوتۇن تىلى توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي توختالغان، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىي تىللار تەتقىقاتچى ئالىمى ن. ئا. باسكاكوۋ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرىدە ‹سان قەھەتتە ئاز بولغان تۈركىي خەلىق-خوتۇنلارنىڭ تىلىمنىمۇ ئۇيغۇر دىئالىكتىلىرى قاتارىدا ھىساپلاشقا بولىدۇ›، دەيدۇ.

تاشقى موڭغۇليەدىكى ئۇيغۇرلار (ئويرات موڭغۇللىرى تەرىپىدىن خوتون تۈركلىرى دەپ ئاتالغان) مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى UBS ۋىلايىتىنىڭ ئۇلانغۇم شەھرىگە قاراشلىق تارىئالان (تېرىم) ناھىيىسىدە ياشايدۇ. 2007-يىللىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نۇپۇسى 10مىڭدىن ئارتۇق . كۇماتخان خوجا ئەپەندى موڭغۇلىيە دىكى ئۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان ھۆرمەتكە ئىگە زىيالى بۇلۇپ،ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمى مىدالىيۇن بىلەن تولغان. خانىمى كۈلخان(گۈلخان) ئىكەن. تاشقى موڭغۇليە دىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن 1944- يلدىكى ئۇچ ۋىلايەت مىللىي ئازتلىق كۈرەشكە قاتناشقان قوماندانلار، ئەسكەرلەرمۇ كۆپ بولغان.بىر قىسمى كېيىن قازاقئىستان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن.

تىل- يېزىق جەھەتتە :

تاشقى مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 350يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ1650-يىللار ئەتراپىدا(باتۇر خۇنتەيجى قۇرغان جوڭغار خانلىقى دەۋرى بولسا كېرەك؟) ، قەدىمقى شەرىقى ئۇيغۇرىيە يۇرتىنىڭ غەربىي قىسمى (ھازىرقى مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمى)غا كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇرلانغان، بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ سانلىق مۇڭغۇللارنىڭ ئوراپ تۇرۇشى ئاستىدا ياشىغان بولسمۇ ،لېكىن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۇنۇتمىغان ،ئەمما يېزىقىنى ئۇنۇتغان .تىلىدا قىسمەن مۇڭغۇل ۋە قازاق تىلى ئىلمىنتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىغان .ھازىر لاتىن ئېلپبەسىنى قوللۇنىدۇ.

دىنى جەھەتتە :

تارىئالان ناھىيىسدە 350 يىلدىن بۇيان خوتۇن تۈركلىرى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن بۇلۇپ ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئەسلىدە ئىسلام دىنى ئىدى. بىر زامانلاردا بۇجايدا مەسچىتمۇ بولغان، يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ئۇلار يىتەرلىك بولمىغان ھاياتلىق شەرتلىرىگە قارشى ھايات پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى تارىختىن كەلگەن باسقۇن نەتىجىسىدە مۇڭغۇللار تەرپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دىنى ئىسلامنى ئۇنۇتقان، يېزىقلىرىنى ئۇنۇتقان . ئەمما ئۇلاردا مۇسۇلمانچىلىق ئىپادىلىرى بىلىنىپ تۇرىدۇ، يەنى بەزىلىرى فاتىھە سۈرىلىرىنىڭ يېرىمىنى بىلىدۇ ،ياكى بىر قانچە سۈرىلەرنى ياتقا بىلىدۇ.

قازاقلار: مۇڭغۇلىيەدىكى قازاقلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان بايان ئۇلگى شەھرىدە مۇڭغۇلىيە ئىسلام دىننى ئىدارىسى جايلاشقان . بۇ ئەينى زاماندا مۇڭغۇلىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئائىت دىنى ئۆگۈتۈش ئېلىپ بارىدىغان بىلگە تېگىن ئەخلاق ئوقۇتۇش مەركىزى ئوقۇلى (مەكتىۋى) ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا مۇڭغۇلىيەدە بۇددىزىم ئوقۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئوقۇللارمۇ بار .ھەر ئىككى ئوقۇلدا٪75 مىللىي ئۆگۈتۈم بويىچە ،٪25 دىنى ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەخلاق ئوقۇتۇش مەركىزىدە 430 غا يېقىن ئوقۇغۇچى بىلىم ئالىدۇ.

سېنگېل شەھرىدە 8000 نۇپۇسلۇق يېزا بار، ياز كۈنلىرى250 ئوقۇغۇچى، 25 ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكلىشىدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.

بايان ئۈلگى شەھرىدە دۆلەت ئاڭلاتقۇسى (رادىئوسى) قازاقچە ئاڭلىتىش تارقىتىدۇ.ھەر جۇمە كۇنى بىلگەتېگىن ئوقۇلى (مەكتىۋى)نىڭ باغچىسى بولغان سالام مەسچىتىدە ئەزان ئوقۇلۇپ جۇمە نامىزى ئوقۇلىدۇ. بايان ئۆلگىدە ياشايدىغان قازاقلارغا قازاققىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى،ئىقتىسادىي ياردەم، ئىجتىمائىي ياردەملەرنى قىلماقتا. يوللار بۇزۇق، شاراىت ناچار، خەلق ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،بايان ئۇلگىدىن ھارۋىلىق بىر ئاي يول يۈرۈپ ،قازاقىستاننىڭ ئۆسكېمىن شەھرىگە كېلىپ ماللىرىنى سېتىپ ،كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىدۇ.بەزىلىرى ئالما ئاتاغىمۇ كىلىپ قايتىدۇ.بۇجايلاردىكى قازاقلار، ئۇيغۇرلار ياز پەسلى قىسقا، چېگرادىكى ئىشلار تۈپەيلى يىلدا ئاران 2،3ھارۋا قاتنىيالايدۇ.

ئۆرپ – ئادەت جەھەتتە :

مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلماندارچىلىق ئۆرۇپ –ئادەتلىرىنى سەل ئۇنۇتقان بولسمۇ، ئۇمۇمىي جەھەتتىن مۇسۇلمانداچىلىق ئۆرۇپ-ئادەتلىرى ساقلاپ قالغان. ئۇيغۇرلار بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش.

مۇڭغۇلىيە سوغۇق ئىقلىمغا تەۋە بۇلۇپ، ئىقلىمى قۇرغاق ،يامغۇر ئاز ياغىدۇ. ياز ۋاقتى قىسقا ،سوغوق ۋاقتى كۆپ. ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چەت چېگرا بۆلگىگە جايلاشقان، بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە ئالتاي ۋە تاڭنۇئۇلا تاغلىردىن ئىبارەت ئىككى ئېگىز تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن قار كۆپ ياغىدۇ، ھاۋاسى سوغوق. قاتناش ئىشلىرى قولايسىز،تۇرمۇشى ناچار،جاپالىق مۇھىتتا ياردەمسىز ياشايدۇ ئەمما ئۇلار ناھايىتى سەمىمىي، مۇساپىرلىق دەردى ئۇلارنى قىيناپ تۇرماقتا .شۇڭلاشقا ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى (iHH) مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ،مەدەنىي ،تارىخ، ئەنئەنىسىنى قەتئي ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ياشىغان بۆلگىلەرگە ئىنسانىي ياردەم قوللىرىنى سۇنغان.

مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى:

ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى مۇڭغۇلىيەدىكى ئىسلام دىنى ئىدارىسىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن مۇڭغۇلىيەنىڭ غەرىپ بۆلگىسىدىكى مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بايان ئۇلگى، تارىئالان ۋە سەنگەل شەھەرلىرىدە 1100ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىششى بىلەن يازلىق ئوقۇتۇش باشلىغان.

2007 يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۇنى مۇڭغۇلىيەنىڭ بايان ئۇلگى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىكى بېلگە تېگىن ئەخلاق ئوقۇلىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇلگەن. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنسان ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان تارىئالان(خوتون شەھىرى)دە دەسلەپكى قەدەمدە بىرى 1400،يەنە بىرى 813 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ئىككى يۈرۈش ئۆي(بۇنىڭ بىرسىنى ئوقۇل يەنە بىرسىنى جامە قىلىپ بېرىلگەن) ۋە جىددى ئوقۇتقۇچى تەييارلاپ بەرگەن .كۆچمەن ئائىلىنىڭ بالىلىرىنىڭ يېتىپ ئوقۇيدىغان ئايرىم ياتاق بۆلۈملىرىمۇ تەييارلانغان. بۇيەردە ئېچىلغان يازلىق كۇرسى ئۈچۈن كېرەكلىك كىتاپ، ئوقۇتۇش قوراللىرى تارقىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن تارىئالاندا مەركىزى باشلانغۇچ ئوقۇلى بارلىققا كېلىپ ئوقۇتۇش باشلاش مۇراسىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۇزۇلگەن. ئوقۇتۇش باشلاش مۇراسىمىغا 400 ئوقۇغۇچى، شەھەر خەلقى، شەھەر باشلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان. «تەرەقىي قىلمىساق ھالەك بولىمىز…،ئۆگۈتىم يۇلى بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز‎‎» دىگەن شۇئار تەشۋىق قىلنغان. ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى مۇڭغۇلىيە ئىسلام دىنى مەركىزى ئىدارىسىگە قاراشلىق بولغان بىلگە تېگىن ئەخلاق ئوقۇتۇش مەركىزى ئۈستىگە ئالغان. ئىسلام دىنى مەركىزى بۇ يەرگە بىر ئىمام تەيىنلەپ بەرگەن . مەركەز ئوقۇتۇش مۇدىرى بولسا ئوقۇلاردا مەسچىت ۋە دىن ئۈچۈن قوللانما تەييارلاپ بەرگەن.ئوقۇلدا دىنى بىلىملەر ۋە تۇركچە ئوقۇتۇشمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئوقۇل بۇلۇش ئۈچۈن، دەرىسلىك بولۇش، مەسچىتى بولۇش، تەجرىبە خانىسى بۇلۇش،رەھبەرلىك ئورگىنى بۇلۇشدىن ئىبارەت تۆت بۇلۇش،ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرىتى بىلەن بۇ ئىشلار ئوڭۇشلۇق قانات يايماقتا. ياز كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر (خوتۇن تۇركلىرى ) گە يازلىق كۇرۇس ئېچىلىپ ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇتۇش باشلانغان.1400 ئوقۇغۇچى ئىككى ئايلىق يازلىق كۇرسىنى تاماملىغان(سوغاق ھاۋا تۈپەيلى قىسقا ئوقۇش داۋام قىلدۇرىلىدۇ).بۇلار تۈركىيە تۈركلىرىگە چوڭ تەشەككۈر بۈلدۈرمەكتە.ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ئالىي ئوقۇش ئوقۇللىرىغا كىرگەن.بەزىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ يۇرتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئىككى يىلدىن بېرى يازلىق ئوقۇتۇش باشلاش بىلەن بىرلىككتە دىن ئۆگىنىدىغان كىشلەرمۇ كۆپىيىپ بارغان.

ئېقتىسادىي جەھەتتە: موڭغۇلىيە جۇڭگۇ بىلەن رۇسىيىگە بېقىنىدۇ، دۇنيادا چارۋا سانى ئەڭ كوپ دۆلەت، ئەمما گۆش ۋەسۈت مەھسۇلاتلىرى تەييارلاش تېخنىكىلىرى ئىگەللەنمىگەن، ھىچقانداق مەدەنىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى يوق. كېيىنكى يىللاردا ياپۇنىيە، كورىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرپىدىن مەدەن ئىشلەپچىقىرىش باشلانغان،باشقا سانائەت بۇيۇملىرى ئاساسەن چەتتىن كەلتۈرىلىدۇ.

ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە: دوختۇرخانا ۋە دوختۇر، سېستىرالار بەك كەمچىل، داۋالىنىش قىيىن. تەن ساقلىقىنى ساقلاش ساھەسىدە ئاساسەن خىرىستىيان مىسيونىرلىرىغا خىزمەت بېرىلگەن.

تارىخقا نەزەر سالساق موڭغۇللار ئۇيغۇرلارىنى ”خوتۇن“ لار دەپ ئاتىغان.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھازىرقى خېجىڭ ناھىيىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامى ئەسلىدە خوتۇن سومۇل(和通苏木) دەپ ئاتىلاتتى، قارا شەھەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىدى. خېجىڭ (和静تىنچ، جىمجىت دېگەن مەنىدە) 1965-يىلى ئۆزگەرتىپ قويۇلغان نامدۇر. ئۇنداقتا خوتۇن سومۇل دېگەن نام قانداق كېلىپ چىققان؟ ئۇنىڭ نېمە مەنىسى بار؟

بەزىلەر ئېيىتقاندەك خوتۇن سومۇل دېگەن نام ئۇيغۇرچە ‹خوتۇن سۇمبۇل›يەنى ‹ئۇزۇنچ چاچلىق خوتۇن›دېگەن نامدىن كېلىپ چىققانمۇ؟ ياق. ئىلمىي نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ موڭغۇللارنىڭ مەمۇرىي بىرلىك نامى بولۇپ، ئۇ خوتۇن ۋە سومۇل دېگەن ئىككى سۆزدىن كېلىپ چىققان. يەنى 1771-يىلى ئوباش باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار ۋولگا دەرياسى بويىدىن چار رۇسسىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى چىقىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە چىڭ – مانجۇ خانى چيەنلۇڭ ئۇلارنى پارچىلاپ بۆرتالا، شىخۇ (قارا سۇ)، ئويرات موڭغۇللىرى – تورغۇت ۋە خۇشۇتلارنىڭ 54 سۇمۇلنى قارا شەھەر يۇلتۇز ۋادىسىغا، ھازىرقى خېجىڭ، خوشۇت ۋە باغراش ئەتراپلىرىغا ماكانلاشتۇرغان. قارا شەھەر تەۋەسىدىكى يېزا –بازارلارنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار خېجىڭ بازىرى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار يۇرتىنى ‹ئۇيغۇر شەھەرى›، ‹ئۇيغۇر مەھەللىسى› دېگەن مەنىدە موڭغۇلچە ‹خوتۇن سومۇل› دەپ ئاتىغان.

ئەمما قىزىقى 2000- يىللارغا كەلگەندە ‹خوتۇن سومول › دېگەن بۇ يەر – جاي نامى موڭغۇلچە نام بولۇپ ‹قالماق شەھەرى› (موڭغۇل شەھىرى) دېگەن بولىدىكەن دېگەن ئەسلى تارىخى ئۇنتۇلۇپ ئېيتىلغان، چۈشەندۈرۈشكە قارىتا، موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرى ‹خوتۇن› دەپ ئاتايدىغانلىقى ‹خوتۇن سومۇل› دېگەن موڭغۇلچە سۆزنىڭ ‹ئۇيغۇر شەھىرى›، ‹ئۇيغۇر يۇرتى› دېگەن سۆز ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. چۈنكى موڭغۇل تىلىدا شەھەر كخوتو ياكى قوتو دەپ ئاتالغان بولۇپ ‹ن› كۆپلۈك قوشۇمچىسى بولۇپ قوتود، قوتون شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئۆتمۈش تارىخىنى ئۇنتۇلۇپ، ئۆز-ئۆزىنى تونۇيالماي تۇرغاندا، باشقا چەتئەل مىللەت، تارىخچىلىرىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى «خوتۇن» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلار دىن ئايرىم بىر مىللەت دەپ قارىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

دېمەك، خوتۇن دېگەن سۆز موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتىشى بولۇپ، «موڭغۇليەدىكى تۇركى خەلق –خوتۇنلار» دەپ ئاتالغان كىشىلەر توپىنىڭ باشقا تۈركىي خەلق ئەمەس دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.

ئىزاھاتلار:

1. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ( دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن) 1990 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە 80 – بەتكە قاراڭ.

2. «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» (ئالىي مدەرسلىك ئۈچۈن دەرىسلىك) 1992- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى 1999 – يىلى 5 – قېتىم بېسىلىشى 204 – بەتكە قاراڭ.

3. «يېڭى تاڭنامە»-217 جىلىد ۋە «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى تۈركى خەلقلەر تارىخى» 2003- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە 216 – بەتكە قاراڭ.

4. ل . ر. كىزلاسوۋ: «تۇۋانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى» موسكۋا 1969 – يىلى رۇسچە نەشىرى 87 – بەتكە قاراڭ.

5. «دۇنيا بىلىملىرى يىلنامىسى»-1986 يىلى دۇنيا بىلىملىرى نەشرىياتى نەشرى، خەنچە نەشىرى 68 – بەتكە قاراڭ.

6. دۇنيا بىلىملىرى خەرىتىلەر توپلىمى 2005- يىلى چېڭدۇ نەشرى، موڭغۇلىيە قىسمىغا قاراڭ.

7. 8. موڭغۇلىستاندا ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەر 2004 – يىللىق تور بېتىگە قاراڭ (i t ürkler http://www.nihalatsiz.com/mogolistan).

9. ن. ئا. باسكاكوۋ ( سوۋېت ئىتتپاقى ) « تۇركى تىللار » 1986- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 334-بەت ۋە 486- بەتلەرگە قاراڭ .

ئاپتور: ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى دوتسېنتى

2005-يىلى3-ئايدا يېزىلدى.

蒙古共和国的突厥语民族

胡加尼亚子

ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمي ژورنىلى 2005-يىللىق 3-ساندىن ئېلىندى.


uyghuray

0

تېما

0

دوست

1981

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20840
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 11:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرغا رەھمەت.  نىمىلا دىگەن بىلەن  قالماقلارنىڭ يۇرتىدا شۇنچە ئەسىر ياشاپ جاپالىق ياشاپمۇ  ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوقاتماپتۇ.
شىنجاڭدا ياشاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، نەدە ياشاۋاتقانلىقىنى، كىمدىن تۇغۇلغانلىقىنى ئاڭقىرالمايدىغانلارغا سىلىشتۇرساق ئۇلارنى ئۆلگە قىلىشقا ئەرزىدۇ.

0

تېما

1

دوست

1662

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55140
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 12:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ummat1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 11:37
ئاپتۇرغا رەھمەت.  نىمىلا دىگەن بىلەن  قالماقلارنىڭ يۇر ...

مۇڭغۇلىيەدە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى يۇق بۇلسا كىرەك

1

تېما

5

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1194
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 13:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بەك كۆڭۇل بۆلىمەن، بەلكىم ئۇلار ھازىرمائارىپ تەلىم تەربىيە ،تىل ئوقۇتۇشى  قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي ياردەمگە مۇھتاج. دۆلەت ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شارائىتى يار بەرسە موڭغۇلىيىگە چىقىپ ياردەم بەرسە،دۆلەت ئىچىدىكىلەر چىقىپ بولالمىسا قازاقىستان ۋەياكى تۈركىيىدىكى مىللەت سۆيەر قېرىنداشلار موڭغۇلىيىگە چىقىىپ ، قەلبى ئىلىمگە تەشنا ئەشۇ ياش -ئۆسمۇرلەرنى ئۆز ئاناتىلىدا ئىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلسا دېگەن ئۈمىدتە ،بۇ مېنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى  خەلقىمىزنىڭمۇ ئۈمۇدى دەپ قارايمەن.مېنىڭچەچەتئەلدە بىر گۇرۇپپا ياشلار تەشكىللىنىپ  ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشىغا جىدىىي ئىھتىاج بولغان ۋاقىتتا ياردەم بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ چۇنكى ئۇلارنىڭ شارائىتى بار، بەلكىم ئۇيەردىكى مىللىتىمىز كەلگۇسى ئاساسى بولغان ياش ئۆسمۇرلەر تۈرك تىلىدا ياكى قازاق تىلىدا تەربىيە ئېلىۋاتقان بولۇشى مومكىن ،بۇ موڭغۇل تىلى بىلەن تەربىيە ئالغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى .   
uyghuray

0

تېما

1

دوست

362

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53244
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 16:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق.كىچىگىمدىن   ھازىرغىچە    ‹خۇتۇن  سۇمۇل› دىگەن  گەپنى  ئاڭلاپ  چوڭ بولدۇم،  بىزنىڭ  يۇرۇتتا ‹  باسە  ›  دەيدىغان  بىر  موڭغۇل   كىشى  بار ىدى ،ئۇيغۇرلار  مەھەللىسىدە  چوڭ  بولغان  ،ئۇيغۇرچە تىلغا  ئۇستا   ،كىشىلەر  ‹موڭغۇللارمۇ›   ئۇنى  ‹خۇتۇن  باسە›  دەيتى.

0

تېما

0

دوست

2324

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4928
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 685
توردىكى ۋاقتى: 321
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 16:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موڭغۇل تىلىدا خوتۇن دىگەن سۆز نىمە مەنە بىلدۈرەر بولغىيتى ، ئەمما ئادەمگە بىرقىسما ئاڭلىنىدىكەن

0

تېما

2

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32937
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 16:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

7

دوست

9489

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2786
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 16:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ، رەھمەت . ئاپتونوم رايونىمىزمۇ باشقا جايدىكى ( مەسىلەن ؛ ئىچكىرىدىمۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلار باركەن ) ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئالاقە ئورنۇتۇپ ، ھېچ بولمىسا ئاپتونوم رايوندا قۇرۇلتاي ئېچىلغاندا تەكلىپ قىلىپ . دىگەندەك بەزى ئىشلارنى قىلغان بولسا بۇلاتتى . بۇنىغۇ دۆلىتىمىز چەكلەپمۇ يۈرمەس . ئىشقىلىپ بۇ ئاپتونوم رايونىمىز ، ئۇيغۇرنىڭ مەركىزى  ئانا ماكانىلىق رولىنى پەقەت جارى قىلدۇرالمىدى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )