قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6649|ئىنكاس: 180

ئەزھەردە ئوقۇشقا نېمىشقا شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54358
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-25 20:53:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم !
بۇ تېما ئەزھەردە ئوقۇماقچى بولغانلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، ئوقۇمايدىغانلارنى ئەزھەردە ئوقۇشقا نېمىشقا شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ قويۇش مەقسىتىدە تەييارلاندى.

يېقىندىن بۇيان تورداشلىرىمىز دىندا، بولۇپمۇ ئەزھەردە ئوقۇشقا نېمىشقا 20 يىلدەك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى كۆپ سورىدى. ئۇنداقتا، بۇ ئوقۇش زادى قانداق ئوقۇش، بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى بىز بىلىدىغان دىن ئوقۇش بىلەن ئوخشامدۇ ياكى نامى بىر بولغان بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرىمۇ بارمۇ؟
خوش، پاكىت ھامان مۇنازىرىدىن ئۈستۈن. ئۇنداقتا ئەزھەردە ئوقۇشقا نېمىشقا شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاراپ باقايلى!  
ئەرەب تىلىنى پەقەت ئۆگىنىپ باقمىغان نۆل سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىنى مىسال ئالايلى! (قۇرئان ئوقۇشنىلا بىلىدىغان، يەنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئەرەبچە ئوقۇيالايدىغان ئەممامەنىسىنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئەرەبچە بىلمەيدىغانلارغا تەۋە).  

تەييارلىق باسقۇچى (ئۈچ يىلى)
    ئەرەب تىلىنى كۈنىگە ئىككى سائەتتىن ئوقۇسا ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك بولۇشى ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت كېتىدۇ. (ئەرەب تىللىق مۇھىتتا بولسىڭىز شۇنداق،بولمىسا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ). ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى يامىداپ ئاران-ئاران چۈشەنگىدەك بولۇۋالغاندىن كېيىن، ئەزھەرنىڭ تەييارلىقىغا كىرىسىز (ناۋادا تەييارلىققا ئەرەب تىلىدا نۆل سەۋىيەدىكى ھالىتىڭىزدە كىرىۋالسىڭىز قەتئىي يېتىشىپ بولالمايسىز-دە، نەتىجىدە ئوقۇشتىن ۋازكېچىسىز ياكى ۋاز كەچتۈرلىسىز دېگەن گەپ).
1.      تەييارلىققا كىرگەندىن كېيىن ئۈچ يىل ئوقۇيسىز. بۇئۈچ يىلدا ئەرەب تىلىنى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا توغرا كەلگىدەك سەۋىيەدە يەنەداۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيسىز (ئەرەب تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ۋە ئىستىلىستىكىسىدىن ئاساس سېلىپ ماڭىسىز، چۈنكى كېيىنكى ئوقۇش مۇساپىڭىزدە گىرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكىنى مەخسۇس ئوقۇيسىز. كىتابى تەخمىنەن ئۈچ يىللىقنىڭ جەمئىي تەخمىنەن 750 بەت ئەتراپىدا).
2.      قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ بىر پارە يادلايسىز. (ئەلۋەتتە، قانچە كۆپ يادلاپ قويسىڭىز كېيىنكى دەرس بىسىملىرىڭىزغا نىسبەتەن شۇنچە ياخشى).
3.      تەپسىر. (تەخمىنەن 90 ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ئوقۇيسىز، كىتابى تەخمىنەن 350 بەت ئەتراپىدا)
4.      ھەدىسلەردىن تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ساۋات خاراكتېردە چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز (ئۈچ يىللىق كىتاب تەخمىنەن 450 بەت ئەتراپىدا).

تۆۋەندىكى يېشىلدا بويالغان سۆزلەر بابنىڭ، تىرناق ئىچىدىكىلىرى شۇ بابتىكى پارگرافلارنىڭ ئىسمى.
5.      فىقھىدا تاھارەت (تاھارەتنى قانداق ئېلىش، نېمىلەرنىڭ بۇزۇۋېتىدىغانلىقى، قانداق غۇسل قىلىش، نېمىلەرنىڭ غۇسل قىلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى، تاھارەت ئېلىشقا بولىدىغان سۇ ياكى سۇ تۈرلىرى، تەيەممۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر،ئاغرىق-سىلاقلارغا ئوخشاش ئۆزرىلىك كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار،خانىم-قىزلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋالغا ماس ھۆكۈملەر)، ناماز (نامازنىڭ ھەممە تۈرى ۋە ھەممە ئىش-پائالىيەتلىرى)، مېيىتقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر (سەكراتتىن باشلاپ،قانداق يۇيۇش، قانداق كېپەنلەش، نامىزىنى قانداق ئوقۇش، نەدە ئوقۇش، شېھىتلەرگەئالاقىدار بايانلار)، زاكات (زاكات كىملەرگە پەرز، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە نەق پۇللارنىڭ زاكىتى، باشقا مال-مۈلۈكلەرنىڭ زاكىتى، تۆگە، ئات، كالا-قويلارنىڭ زاكاتىغا ،يېزا-ئىگىلىك ۋە كان مەھسۇلاتلىرى، زاكاتنى كىملەر ئالسا بولىدۇ، پىتىر سەدىقىسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار) رامىزان (رامىزان ئېيى كىرگەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايمىزدىن باشلاپ، رامىزاننى قانداق تۇتۇش، روزىنى بۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار، روزىنىڭ قازاسىنى قانداق قىلىش، روزىنىڭ تۈرلىرى، ئېتىكاپقا ئالاقىدار مەزمۇنلار)، ھەج (ھەجنىڭ تۈرلىرىدىن باشلاپ، ۋاقتى، ئېھرام باغلايدىغان ئورۇن ۋە باغلاش شەكلى، ئېھرامغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر، مەككە-مۇكەررەمەگە قانداق ھالەتتە كىرىش، تاۋاپنى قانداق قىلىش، سەفا-مەرۋە ئوتتۇرسىدىكى سەئيى قىلىش، مىنا،مۇزدەلىفە، ئەراپات تېغىغا قاچان، قايسى ۋاقىتتا قانداق مېڭىش، شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق، پەرز تاۋاپ، يۇرتىغا قايتىشتىن بۇرۇنقى خوشلىشىش تاۋاپى، مەدىنە زىيارىتى ...گە ئائىت بايانلار)، سودا-تىجارەت (سودا دېگەن نېمە؟دىن باشلاپ، قانداق پۈتۈشۈش، پۇشايمان مۇددىتى ۋە يېنىۋېلىش،، تاۋار ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىگە ئائىت ھۆكۈملەر، ئىناۋەتسىز سودىغائائىت بايانلار، كىم ئاشتى سودىسى قاتارلىق سودىنىڭ تۈرلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار،ئۆلچەم ۋاسىتىلىرىغا ئائىت ھۆكۈملەر، جازانە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، پۇل ۋە پۇل ئالماشتۇرۇش، زاكاز سودا، قانداق تاۋارلارنى زاكاز قىلىشقا بولىدۇ، تاپشۇرۇۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئائىت-ئەھكاملارغا ئائىت بايانلار)، گۆرۈگە (رەنىگە) قويۇش (رەنە قويغۇچى، قويۇلغۇچى ۋە رەنە بۇيۇم قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار)، ئەركىن ئېلىم-سېتىم ھوقۇقىغا ئائىت بايانلار (ئەقلى جەھەتتىنكەم تۈكلەر، بالىلار...قاتارلىقلارنىڭ ئېلىم-سېتىم ھوقۇقى، شەرتلەر)، ئىجارە (ئۆي، زېمىن، سودا سارىيى ۋە دۇكانلار... قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈكلەرنى ئىجارە بېرىش-ئېلىش تەرتىپلىرى ۋە شەرتلىرى قاتارلىقلارغا ئائىت بايانلار)، قوشنىدارچىلىق ۋە ھەمراھلىق (بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەزمۇنلار)، شېرىكچىلىك (شېرىك ۋە شېرىكلىشىشنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى ۋەزاكاتنى قانداق ئايرىش)، مۇزارەبە (يەنى بىرتەرەپ پۇل چىقىرىدۇ يەنە بىر تەرەپ كۈچ چىقىرىدىغان شېرىكچىلىك، بۇخىل شېرىكچىلىكتە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت باشقا شېرىكچىلىككە قەتئىي ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ ئايرىم باب) ۋەكىللىك (ۋەكىللىك قانداق مەيدانغا كېلىدۇ دېگەندىن باشلاپ، شەرتلەر، ۋەكىل بولغۇچىنىڭ ھوقۇقلىرى قانچىلىك، قانداق كۈچتىن قالىدۇ دېگەنگىچە) كاپالەت (بۇنىڭدىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بار)، ھاۋالەقىلىش، سۈلھى-كېلىشىم، ھەدىيە (ھەدىيە قىلىشنىڭ شەكىللىرى ۋە تۈرلىرى، بۇلاردىن كېلىپ چىقىدىغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى.....قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار)، بۇلانغان،ئوغرىلانغان مال-مۈلۈكلەر تېپىلغان چاغقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر، ئامانەت (قانداق نەرسىلەرنى ئامانەت قويۇشقا بولىدۇ، ئامانەت قويۇلغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى قايسى قاتارلىقلارغا ئائىت ھۆكۈملەر)، ئارىيەت ئېلىش، شېرىك تېرىقچىلىق، سۇغىرىش، بوز يەرئۆزلەشتۈرۈش (يۇقىرى قىبابلارنىڭ ھەر بىرسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار، ئەلۋەتتە)، ۋەخپە (ۋەخپە قىلىشنىڭ تۈرلىرى، قانداق نەرسىلەر ۋەخپە قىلىنىدۇ، مۇددىتى قانچىلىك، كىم ۋە قانداق ئورۇنلار قانداق مەسئۇل بولىدۇ....)، چۈشۈپ قالغان ئىگىسى نامەلۇم نەرسىلەر، تېپىۋېلىنغان بوۋاق، نىكاھ (نىكاھ قانداق شەكىللىنىدۇ، نىكاھقا كىملەر ئىگە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى، مەجبۇرىيىتى قانچىلىك، تەقسىمات، ئېمىلداشلىق قانداق شەكىللىنىدۇ ۋەشۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈملەر، نەسەب جەھەتتىن، قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتىن، يەنە... قاتارلىق نۇرغۇنجەھەتلەردىن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغانلار، تويلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بايانلار، مەسىلەن، تويلۇقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دېگەندەك...)، ئېمىلداشلىق، نىكاھنى بىكار قىلىش (نىكاھنى قانداق بىكار قىلىدۇ، تۈرى ۋە ئۇسۇلى قايسىلار، ئىشقىلىپ بەك كۆپ بۇمەزمۇنلار....)، ئىددەت، قارىلىق تۇتۇش، نەپىقە،ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، جىنايى ئىشلار (مەسىلەن،ھەر خىل جىنايەتلەر، قەستەن قاتىللىق قىلىش، سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويۇش، قىساس...قاتارلىقلارغائائىت ھۆكۈملەر)، تۆلەم تۆلەش (تۆلەم دېگەن نېمە، مىقدارى، شەكلى قانداق... قاتارلىقلار)، جازا تۈرلىرى، ئوۋ-ئوۋلاش ۋە زەبھى قىلىش،قەسەم، ھەق-تەلەپ دەۋاسى (سوتلاش، جاۋابكار ، دەلىل-ئىسپات... قاتارلىق سوتقا ئائىت ھۆكۈملەر)، گۇۋاھلىق بېرىش (قانداق كىشىلەرنىڭ قانداق كىشىلەرگە گۇۋاھچى بولۇشى چەكلىنىدۇ، يېقىن تۇغقانلار گۇۋاھلىقى،گۇۋاھچىلارنىڭ بىرلىككە كىلىۋېلىشى، گۇۋاھلىق ئۈستىگە گۇۋاھلىق بېرىش، بەرگەن گۇۋاھلىقىدىن يېنىۋېلىش.... قاتارلىقلارغا ئائىت)، سوتچى ۋە ئۇ رىئايە قىلىدىغان تۈزۈملەر، بىررايوننىڭ سوتچىسىنىڭ يەنە بىر رايون سوتچىسى بىلەن بىر دەۋا ھەققىدە ئالاقەقىلىشى، مەجبۇرلاش (مەجبۇرلىنىش دېگەن نېمە، قانداق نەرسىلەرگە قانداقشەكىلدە قانچىلىك دەرىجىدە مەجبۇرلاندى، مەجبۇرلىنىش دەرىجىسى، مەجبۇرلىغۇچى ۋەبۇلارغا ئائىت ھۆكۈملەر)، ئۇرۇش (جەڭنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش، قوماندان ۋە ئەسكەرگە ئائىت ھۆكۈملەر، ئۇرۇش ئەسىرلىرى، ئولجا-غەنىيمەتلەر، تەسلىم بولغۇچىنىڭ ئامانلىقى، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، دۈشمەن تەرەپتىن ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىغان، مەسىلەن،ئادەتتىكى پۇقرالار، ئاياللار، بالىلار، ئۆز ئىبادەتخانىسىدا ئىبادىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىندارلار، قېرىلار... قاتارلىق كىشىلەر، خائىن ۋە خىيانەتكە دائىر مەسىلىلەر،توپىلاڭچىلار... قاتارلىقلارغا ئائىت بايانلار)، چەكلىمە ۋە رۇخسەتلەر (مەسىلەن، مونوپول قىلىۋېلىش، باھانى كونترول قىلىۋېلىش ۋە يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلار...)، ۋەسىيەت (ۋەسىيەت قىلىنغۇچى، قىلغۇچى، ۋەسىيەت شەكلى، ۋەسىيەت ئوبيېكتى، يەنە بۇ توغرىسىدىكى نۇرغۇن تەپسىلاتلار)، مىراس (مىراس ھوقۇقى تەرتىپى، ۋارىسلار،ۋارىسلارنىڭ نېسىۋىلىرى...) قاتارلىقلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە يۈزەكى تونۇشۇپ چىقىش كېرەك (ئۈچ يىللىقنىڭ كىتابى تەخمىنەن 1200 بەت ئەتراپىدا).
6.      تەجۋىد نەزەرىيەسى. (ئۈچ يىللىقنىڭ كىتابى تەخمىنەن 220 بەتئەتراپىدا).  ھازىرچە ئېسىمگە كەلگىنى شۇنچىلىك.ئەگەر تېرىشىپ-ئوقۇسىڭىز بىر ياكى ئىككى يىلدىلا تولۇقسىزغا كېرەلەيسىز. چۈنكى سەۋىيە بېكىتىش ئىمتىھانىغا يىلدا بىر قاتنىشالايسىز. ئۆتەلىسىڭىز ئالدىغا بىرياكى بىر قانچە يىللىق سەكرەيسىز. ئۆتەلمىسىڭىز جايىڭىزدا قالىسىز.
تولۇقسىز باسقۇچى (ئۈچ يىل)
(ھەنەفى مەزھەپ قىسىمى)
ئەسكەرتىش: ئەزھەر تەرەپ بازلىقدىن خالىي بولغاچقا فىقھى مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسى بار. ئادەتتە بىز شۇ ھەنەفى مەزھەپتە ئوقۇيمىز.
تولۇقسىزدا جەمئىي ئۈچ يىلدا مۇنۇ دەرسلەرنى ئوقۇيسىز:
1.      قۇرئان كەرىم. ئەڭ ئاز دېگەندە ئاخىرىدىن بەش پارە يادلايسىز.
2.      تەپسىر. يەنە 80 ~ 90 ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ئوقۇيسىز. (ئىلگىرىكىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى سەۋىيەدە تەپسىرلەنگەن بولىدۇ، ئەممائىلگىرىكى ئايەتلەر ئەمەس، ئەلۋەتتە. كىتابى ئۈچ يىللىقنىڭ تەخمىنەن 450 بەت ئەتراپىدا).
3.      ھەدىس. يەنە 80 ئەتراپىدا ھەدىسلەرنى ئوقۇيسىز. (ئىلگىرىكى ھەدىسلەر ئەمەس، ئەلۋەتتە. سەۋىيە جەھەتتىن تەييارلىق باسقۇچتىكىدىن خىلىلا يۇقىرى ئىزاھلانغان. كىتابى تەخمىنەن ئۈچ يىللىقنىڭ جەمئىي 350بەت ئەتراپىدا).
4.      فىقھى. (ئىلگىرىكىدىن مەزمۇنى سەل كېڭەيتىلگەن. ئۈچ يىللىقنىڭ كىتابى تەخمىنەن 1500 بەت ئەتراپىدا).
5.      ماتېماتىكا (ئالگېبرا ۋە گېئومتېرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
6.      فىزىكا
7.      خىمىيە
8.      ئەرەب - ئىسلام ئەدەبىياتى
9.      تارىخ
10.    ئىنگلىز تىلى (ياكى فىرانسۇز تىلى)
11.    ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى (ئوتتۇرا سەۋىيە)
12.    بىيولوگىيە
13.    تەۋھىد
14.    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
قاتارلىقلارنى ئوقۇيسىز.
تولۇق ئوتتۇرا ئىجتىمائىي پەن (ئۈچ يىل)
(ھەنەفى مەزھەپ قىسىمى)
ئەسكەرتىش: تولۇق ئوتتۇرىدا ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبئىي پەن ئايرىلىدۇ.ئجتىمائىي پەن ئوقۇيدىغانلار ئىجتىمائىي پەن قىسمىغا، تەبئىي پەن ئوقۇيدىغانلار تەبئىي پەن قىسمىدا ئوقۇيدۇ.  
1.      قۇرئان كەرىم. يەنە بەش پارە يادلايسىز.(سۈرە ئەنكەبۇتتىن باشلاپ تولۇقسىزدا يادلاپ توختىغان جايغىچە. يەنى 21-پارىدىن26-پارىغىچە).
2.      تەپسىر. تولۇقسىزدا يادلىغان بەش پارىنىڭ تەپسىرىنى «تەپسىر نەسەفىي»دىن ئوقۇيسىز.
3.      ھەدىس. تەخمىنەن 100 ھەدىس. (ئەلۋەتتە ئىلگىرى ئوقۇپ بولغىنى ئەمەس.)
4.      فىقھى. (يۇقىرى سەۋىيە، ئەمما كەسىپ قىلىپ ئوقۇيدىغان سەۋىيەدە ئەمەس).
5.      ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى (يۇقىرى سەۋىيە).
6.      ئەرەب تىلى ئىستىلىستىكىسى
7.      مورفولوگىيە
8.      لوگىكا (مەنتىق)
9.       تەۋھىد
10.    ئىسلامغا نىسبەت بېرىلگەن مەزھەپلەر(تونۇشتۇرۇش خاراكتېرىدە).
11.    ئەرەب-ئىسلام ئەدەبىياتى (بۇنىڭدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرى بار، ئەمما تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك، ئەلۋەتتە.)
12.    مىراس (بۇ ئايرىم ساھە بولغاچ مەخسۇس ئايرىم دەرسلىك قىلىنىدۇ).
13.    سىياسىي جۇغراپىيە (دۇنيا سىياسىتى ۋەخەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە، بۇ يىل يېڭى قوشۇلدى. بۇرۇن مىسىرنى تونۇشتۇرىدىغان جۇغراپىيە ئۆتۈلەتتىكەن.)
14.    مىسىر يېقىنقى زامان تارىخى
15.    ئەرەب تىلى يېزىقچىلىقى
16.    ئىسلام مەدەنىيتى

ئەمدى ھېسابلاپ باقايلى!
ئەرەب تىلى ئۆگىنىش بىر يىل (ئادەتتىكى ئېھتىياجدىن چىققۇدەك).
تەييارلىق ئۈچ يىل.
تولۇقسىز ئۈچ يىل.
تولۇق ئوتتۇرا ئۈچ يىل.
جەمئىي 10 يىل. ئەلۋەتتە، بۇ ئەرەب تىلىنى مىسىرغا چىققاندىن باشلاپ ئۆگەنگەنلەرگەشۇنداق. قالغىنى سەۋىيەگە باغلىق. سەۋىيەنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بۇ 10 يىللىق ئوقۇشنى تاماملاشقا كېتىدىغان ۋاقىتمۇ ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭ ئىسلامدىنى ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ياكى شۇ سەۋىيەدىكىلەر بولسا ئەزھەرنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغاندىن باشلاپ تولۇقنى پۈتتۈرگۈچە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا ئوبدان تەييارلىق قىلسىلا (ئەزھەرگەتىزىملىتىپ، تەستىقلىنىپ چىققۇچە ساقلىغان ۋاقىتتىن تاشقىرى) 1~ 2 يىل كېتىدۇ.

خوش، ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپكە نېمە قالدى دەمسىز؟
ئوقۇشنىڭ نەق يېرىگە ئەمدى كەلدۇق تېخى. يۇقىرىقىلارپەقەت رەسمىي ئوقۇشقا كېتەرلىك قوراللار خالاس. ئەزھەردە ئوقۇش مۇساپىسى ئالىي مەكتەپتە رەسمىي باشلىنىدۇ.
ئالىي مەكتەپلەردە نېمە ئوقۇيدىغانلىقىنى يازسام تېمابەك ئۇزىراپ كەتكىدەك. ھېلىمۇ كۆپ قىسقارتىۋەتتىم بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى. شۇڭاناۋادا بۇ تېما تەستىقلىنىپ قالسا ئالىي مەكتەپلەردە نېمىلەرنىڭ، قانداق مەزمۇنلارنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئىخچام قىلىپ يازىمەن، ئىنشائاللاھ.

uyghuray

6

تېما

3

دوست

3752

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 1166
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:38:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما بىزنىڭ ئەزھەردىكى ئوقۇشنى چۈشۈنىشىمىزگە ياخشى بىر باشلىنىش بوپتۇ.تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر! داۋاملاشتۇرغايسىز

0

تېما

0

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم .تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر.ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرگەي.پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ رازىلقى ئۈچۈنلا……

مەن بۇ يازمىنى كۆرمىگەن بولسام ئەزھەردىكىلەرنىڭ نىمىلەرنى ئوقۇيدىغانلىقىنى پەقەتمۇ بىلمەيدىكەنمەن.ئەزھەردە ئوقۇغانلارنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى قوللايدۇ.(خۇدا خالىسا).

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56867
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ياخشى  ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپسىز.
uyghuray

1

تېما

0

دوست

2624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33237
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 15:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مەن دۇرۇسۇللۇغەتنىڭ (كومپيۇتىر ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ۋە كىتاب  )ئۈچىلا قىسمىنى تولۇق تۈگەتتىم ،ئارلىقتا  ئۈچ ئايدەك تاشلىنىپ قالدى ،يەنە قايتىدىن ئۈگەندىم ،شۇنداق قىلىپ بۇ قايتا  ئۈگۈنۈش ئىككى ئۈچ قىتىم تەكرارلاندى .كىيىنكى قايسى كىتابلارنى ئۈگەنسەم  تىخىمۇ ئىلگىرلەيمەن ،ھازىر گىرامماتىكا جەھەتتىن قىينالـمايمەن ،ئۆزلەشتۈرگەن  سۆزلۈكلەر ئازراق ئىدى .قايسى ئۇسۇلدا ماڭسام بولا ،ۋاقتىڭىز بولسا ياخشى ئۇسۇللارنى  يوللاپ قويسىڭىز

0

تېما

0

دوست

304

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44346
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 16:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. ئىختىلاپ ياكى خاتالىق كۆرۈلگەندە، قېرىنداشلارنىڭ بىر بىرىنى تىللىماي، ھاقارەت قىلماي، ئىلمىي يول بىلەن پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

4

تېما

10

دوست

8235

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2470
توردىكى ۋاقتى: 628
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 16:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىغا غاجاپ_تالاش ماشىنىلىرى يېتىشەممەپتۇ دە،ھەر ھالدا ساق تۇرۇپتۇ..............

0

تېما

0

دوست

1214

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34637
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 17:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر گۆلەن ئەپەندىم ئەزھەر ئوقۇشىنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلى چۈشەنگەن بولسا بۇ توغرىلىق يازما يازمىغانمۇ بولاتتى . تالاش- تارتىش ھەم بولۇنمايتتى . ھەر كەسپ ئۆز دائىرىسى ئەتراپىدا چۈشەندۈرۈلۈپ يېزىلىپ ماڭسا ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ . گۆلەن ئەپەندىمنىڭ ماقالىلىرى ناھايىتى ئېسىل ، جەمئىيەتكە كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان دىئاگنوزلىرى دەل توغرا . قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن ، ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز . شۇنداقلا ئەزھەردىكى قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ! مەڭگۈلۈك سائادەت يوللىرىدا ماياك بولىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )