قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6459|ئىنكاس: 35
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

221

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 1328
تۆھپە : 6379
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 10:25:15 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى



«كىشىلەر داۋاملىق ھالدا ئۈممەتلەرنىڭ مەسىلىسى سىياسىي مەسىلە، ئىقتىسادىي مەسىلە، ئىجتىمائىي مەسىلە، ۋە مائارىپ مەسىلىسى، دەيدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق دېمەيمەن. بەلكى مەن ئۈممەتلەرنىڭ مەسىلىسى ھېكمەت مەسىلىسى، يەنى ئاقىلانە ئىشلارنى قىلىش، ۋە ئىشلارنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن قىلىش مەسىلىسى، دەيمەن. بىزدىكى رېئال مەسىلە ئەنە شۇ.»

يۇقىرىدىكىسى «ئويغان» نىڭ دېگەن سۆزلىرى. ئويغان ئۇ سۆزلەرنى 2015-يىلى 12-فېۋرالدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق تىنچلىق چوڭ يىغىنى» (International Peace Conference) دا دوكلات بەرگەندە دېگەن بولۇپ [1]، ئۇنىڭ ئاشۇ بىر سائەت 22 مىنۇتلۇق دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى جەمئىي 3 قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ 1-قىسمى ئويغان 19 ياشقا كىرگەندىن كېيىن دىننى قايتىدىن ئۆگىنىشنى باشلىغاندا يولۇققان قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە بولۇپ، مەن ئۇ مەزمۇننى «تۇغۇلما مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان 4 چوڭ قىيىنچىلىق ھەققىدە» دېگەن ماقالىدە تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. ئۇنىڭ 2-قىسمى مۇسۇلمانلار ھازىر تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە بولۇپ، مەن ئۇ مەزمۇنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى قېتىمدىكى «تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىشلار» دېگەن ماقالىسىدە تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. ئۇنىڭ 3-قىسمى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىش ھەققىدە بولۇپ، مەن ئۇ مەزمۇنلارنى مەزكۇر يازمامدا تونۇشتۇرىمەن. مېنىڭ يازىدىغىنىمنىڭ ھەممىسى ئويغاننىڭ سۆزلىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆز كۆز-قارىشىمنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە ئايرىم قىستۇرۇپ قويىمەن.


1. قۇرئاندىكى ھېكمەت

بۈگۈن بىز قۇرئاندىكى بىر قىسىم ھېكمەتلەرنى ئۆگىنىمىز. مەن نەقىل كەلتۈرىدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى سۈرە نەھلدىكى ئايەتلەر بولۇپ، مەن سۆزۈمنى تۆۋەندىكى بىر ئايەتتىن باشلايمەن:

«ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا (تۈرلۈك زىرائەتلەرنى) ئۈندۈردى، بۇنىڭدا (ۋەز-نەسىھەت) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار [16:65].»

«ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردى، (بۇغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردى، (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى، (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار [6:99].»

بۇ ئايەتتە ئاللاھ «ئاسماندىن يامغۇر سۈيى چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەر خىل زىرائەتلەر ئۈنىدۇ، ۋە ھەر خىل يېمىشلەر بولىدۇ»، دەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر سۈيى چۈشۈرمىگەن بولسا، بۇ يەر يۈزىدە ھاياتلىق بولمايتتى. گەرچە ئاسماندىن چۈشكەن سۇ ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۈچى بىلەن يەر يۈزىدە ھەر خىل ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ. سۇنىڭ كۈچى بىلەن ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى دېھقانچىلىق ئېتىزلىقلىرىدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھوسۇل بېرىشى ئۈچۈن، سۇدىن باشقا يەنە دېھقانلار ئېتىزلىقلاردا ئىشلەپ، ئۆسۈملۈكلەرنى پەرۋىش قىلمىسا بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سۇ بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما سۇ بار بولۇشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، دېھقانلارمۇ ئىشلىمىسە بولمايدۇ. ئۈزۈم ۋە خورما دەرەخلىرى ئۈچۈن پەقەت يامغۇر سۈيىلا يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئۇلارغا يەنە باغۋەنلەر پەرۋىش قىلمىسا بولمايدۇ. قىسقىسى، ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە يېمىش دەرەخلىرى ئۈچۈن يالغۇز سۇلا كۇپايە قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا دېھقانلار ۋە باغۋەنلەر پەرۋىش قىلمىسا بولمايدۇ.

يەر يۈزىدىكى بەزى ئورمانلىقلارغا بارسىڭىز، ھەر خىل دەرەخلەرنىڭ ئۆسكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يېمىش بېرىدۇ. يەنى ئۇلار دېھقانلار ياكى باغۋەنلەر پەرۋىش قىلمىسىمۇ يېمىش بېرىدۇ.

دېمەك، بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن پەقەت سۇ بولسىلا ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرىدۇ، ئەمما يەنە بىر خىل ئۆسۈملۈكلەر بولسا سۇ ۋە پەرۋىشچىلەرنىڭ ئەمگىكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئاندىن مېۋە بېرىدۇ.

مېنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالنى مىسالغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش، ياكى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشقا بېرىپ تاقىلىشىدىندۇر. يەنى، بىز بۈگۈن قۇرئاندىكى بەزى ھېكمەتلەرنى ئۆگىنىمىز.

ئوخشاش سۈرىنىڭ ئىچىدە ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق [16:64].»

ئىلاۋە: ئويغاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاللاھ 99-ئايەتتىكى «ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈردى» دېگەن يەر بىلەن 64-ئايەتتىكى «كىتابنى نازىل قىلدى» دېگەن يەردە ئوخشاش بىر ئەرەبچە سۆزنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچىدىكى «sent down»، يەنى «ئاسماندىن چۈشۈردى» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش ئىكەن.


pa1_rain.jpg
1-رەسىم: يامغۇر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئورمانلىق.

ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ يەردە بولسا قۇرئاننى چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. يەنى ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن قۇرئاننى ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن يامغۇر سۈيىگە سېلىشتۇرىدۇ. ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر سۈيى يەرگە سىڭىپ كېتىدۇ. ئاسماندىن چۈشكەن ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىگە كىرىپ كېتىدۇ. يەر يۈزى بۇرۇن ئۆلۈك بولۇپ، ئۇ يامغۇر سۈيىنىڭ كۈچى بىلەن تىرىلگەن. بۇرۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىمۇ ئۆلگەن بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ قۇدرىتى بىلەن قايتىدىن تىرىلگەن، ۋە تىرىلىدۇ.

مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئىچىدە يالغانچىلىق قىلىش، گوللامچىلىق قىلىش، قۇرئاننى ئۇنتۇلۇپ كېتىش، ناماز ئوقۇماسلىق، ئىنتېرنېتتىكى ناچار نەرسىلەرگە ئۆگىنىپ كېتىش، ناچار تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى كۆرۈش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداقلا بىزدە سىياسىي مەسىلىلەر، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، ئىلاھىيەت مەسىلىلىرى، ۋە پىسخولوگىيەلىك مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. بىز مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلۈپ كېتىمىز. ئەمما، قۇرئان بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە كىرىدىكەن، بىز قايتىدىن تىرىلەلەيمىز. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ ناچار ئەھۋالىدىن چۈشكۈنلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالىمىزنى ھەل قىلىدىغان بىرلا چارە بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئاندىن ئىبارەت. ئەگەر قۇرئان قەلبىمىزگە كىرىدىكەن، ئۇ سىزنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

ئاللاھ سۈرە ھەدىد (57-سۈرە) تە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر [16]. بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق [17].» ئاللاھ ئۈممەتلەرنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت «سۇ» دىن پايدىلانساق، يەنى قۇرئاندىن پايدىلانساقلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر ئۈممەتلەر قايتىدىن تىرىلمەيدىكەن، ئۇ بىزنىڭ «سۇ» دىن توغرا پايدىلانمىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.


2. ئىككى خىل كىشىلەر

يامغۇر ياغقاندا بىر خىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرىدۇ. يەنە بىر خىل ئۆسۈملۈكلەر بولسا پەقەت سىز پەرۋىش قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن مېۋە بېرىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر خىل كىشىلەر سىز ھېچ قانداق دەۋەت قىلمىسىڭىزمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى يۈرىكىگە كىرىش بىلەن ئىسلامغا ئۆزلۈكىدىن كىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا ئىمان ئېيتىۋاتىدۇ. مەن ئاشۇنداق كىشىلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمەن.

ئىنسانشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتلىشىشى دېھقانچىلىقنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاندىن باشلانغان. ئەگەر پەقەت جاڭگالدىكى يېمىش دەرەخلىرىگىلا تايانغان بولسا، ئىنسانلار بۈگۈنگىچە ھايات قالالمايتتى. ئىنسانلار يېمەكلىكلەرنى كەڭ-كۆلەمدە ئىشلەپ چىقىرىشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولغان. يەنى، دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى كەڭ-كۆلەمدە ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولغان. دېھقانچىلىق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان. شەھەرلەردىن كېيىن دۆلەتلەر پەيدا بولغان، ھەمدە مەدەنىيەتلىشىش ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 1-قەدىمى دېھقانچىلىقتۇر.


pa2_water_farm.jpg
2-رەسىم: سۇ ۋە دېھقانچىلىق.

دېھقانچىلىقتا كىشىلەر كۆپلىگەن ئېتىزلىقلاردىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇلار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى سۇ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. سۇ ئۆزلۈكىدىن كەلمەيدۇ. سىز ئېرىق چېپىپ، سۇلارنى ئېھتىياجلىق ئېتىزلارغا ماڭدۇرىسىز. دېھقانچىلىقتا يالغۇز يامغۇر سۈيىگىلا تايانغىلى بولمايدۇ. يامغۇر سۈيىنى يىغىپ، ئۇنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئارقىلىق ئېھتىياجلىق ئېتىزلارغا ئاپىرىش كېرەك.

بىز ئۈممەتلەر مەدەنىيەتلەشكەن كىشىلەرگە كىرىمىز. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەنمىز، «يامغۇر سۈيى» نىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىزمۇ «يامغۇر سۈيى» نى يىغىپ، ئۇنى ئېھتىياجلىق يەرلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز كېرەك. بىز ئۇنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە، يەنى ئۈممەتلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز كېرەك. مەن 19 ياشقا كىرىپ، قۇرئاننى ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى 19 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ئالدانغانلىقىمنى ھېس قىلغان ئىدىم.
--مەن نېمىشقا قۇرئان ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمەن؟
--نېمىشقا مەكتەپلەر ئۇنى ماڭا ئۆگەتمەيدۇ؟
--نېمىشقا ئاتا-ئانام ئۆزلىرىمۇ ئىسلامنى ئانچە ياخشى بىلمەيدۇ؟
--نېمىشقا ئۇلار ئۆزلىرى ئىسلام ھەققىدە ياخشى تەربىيە كۆرمەيدۇ؟
--نېمىشقا بىزنىڭ قوشنىمىز قۇرئان ھەققىدە ھېچنېمە ئاڭلاپ باقمايدۇ؟
--مۇسۇلمانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى بىلىمى باشقا كىشىلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ؟
--نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
--نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى كۆز-قارىشى باشقا كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ؟
--غەيرى-مۇسۇلمانلار «قۇرئان بەك قاتتىق ئىكەن، ئۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن»، دەيدۇ. نېمىشقا بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ مەنمۇ شۇلار بىلەن ئوخشاش كۆز-قاراشتا بولىمەن؟

دېمەك، بىز ئۆزگىرىش ياسىمىساق بولمايدۇ. بىز قۇرئان ھەققىدىكى بىلىملەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ.


3. بىز ئۇچۇرنى قانداق تارقاتساق بولىدۇ؟

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ئەقىل-پاراسەت ۋە ياخشى تەلىم بىلەن دەۋەت قىلغىن، ھەمدە ئۇلار بىلەن ئەڭ ياخشى ئۇسلۇبتا مۇنازىرىلەشكىن» (سۈرە نەھل، 16:125). ئاللاھ بۇ ئايەتتە باشقىلارنى «تەكلىپ قىلغىن» دەيدۇ. بىز باشقىلارنى بىر ئىشقا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىر خاپىچىلىق ئىچىدە، ياكى ئاچچىقلانغان كەيپىيات ئىچىدە تەكلىپ قىلمايمىز. تەكلىپ قىلىش بىر خىل دوستانە ئىش-ھەرىكەتكە كىرىدۇ. سىزدە دوستلۇق بولماي تۇرۇپ، بىرسىنى تەكلىپ قىلمايسىز. شۇڭلاشقا «تەكلىپ قىلىش» ياكى «دەۋەت قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا، ئەگەر سىز باشقىلارغا بىر خىل دوستانە پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلالمايدىكەنسىز، سىز دەۋەت بىلەن شۇغۇللانماڭ، دېگەن مەنە كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر سىز داۋاملىق خاپىچىلىق ئىچىدە ياكى ئاچچىقلىنىش ئىچىدە يۈرىدىغان بىرى بولىدىكەنسىز، سىز بېرىپ باشقا ئىشلارنى قىلىڭ، دەۋەتنى باشقا كىشىلەر قىلسۇن. ئەگەر سىز كىشىلەردىن زېرىككەن بىرى بولىدىكەنسىز، سىز دەۋەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىڭىز كېرەك. «دەۋەت قىلىش» دېگەن «تەكلىپ قىلىش» دېگەنلىك بولۇپ، تەكلىپ قىلىش دوستلۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاللاھ يۇقىرىدىكى ئايەتتە «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ئەقىل-پاراسەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»، دەيدۇ. بىز ئادەتتە كىشىلەرنى بىرەر يولغا تەكلىپ قىلمايمىز، بەلكى ئۇلارنى بىر مەنزىلگە تەكلىپ قىلىمىز. ئەمما ئاللاھ بۇ يەردە بىزگە كىشىلەرنى بىر يولغا تەكلىپ قىلىشنى دەۋاتىدۇ. بۇ كالامدا ئىنتايىن كۆپ ھېكمەت بار بولۇپ، ئۇ ئىسلامدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ. ئىسلامنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىدىن نارازى بولىدۇ، ھەمدە قىممەت ياكى سانغىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. «ھازىرغىچە ھېچ قانچە نەرسە ئۆگىنەلمىدىم»، دەپ ئويلايدۇ.


pa3_invite_to_road.jpg
3-رەسىم: دەۋەت قىلىش يولغا تەكلىپ قىلىشتۇر.

ئەگەر ئاللاھ كىشىلەرنى بىر يولغا تەكلىپ قىلغان بولسا، يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەر ئوخشاش تېزلىكتە ماڭمايدۇ. بەزى كىشىلەر ناھايىتى تېز ماڭىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ناھايىتى ئاستا ماڭىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىنتايىن ئاستا ماڭغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشنى پەرق ئەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما، ئۇلاردا يەنىلا ئىلگىرىلەش يۈز بېرىۋاتقان بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، بىز ھەممە كىشىلەردىن ئوخشاش تېزلىكتە ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىمىز. ئىككى قىزى بار ئاتا-ئانىلارمۇ بەزىدە بىر قىزىغا «ھەدەڭگە ئوخشاش بولساڭ بولمامدۇ؟» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم مۇساپىسى بار. بىز كىشىلەرنى پەقەت يولغا قوشۇلۇشقىلا تەكلىپ قىلىمىز، مەنزىلگە ئەمەس. ئاللاھ بىزنى مەنزىلگە تەكلىپ قىلغان ئەمەس. ئۇ پەقەت بىزدىن يولدا ھۇزۇرلىنىشنىلا تەلەپ قىلغان. ئاللاھ سىزنىڭ قانچىلىك نەرسە بىلىدىغانلىقىڭىزغا قىزىقمايدۇ، بەلكى ئۇ سىزنىڭ يولغا چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىڭىزگە قىزىقىدۇ. سىز يولغا چۈشكەندىن كېيىن ئەتراپىڭىزدىكى كۆرۈنۈشلەر ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز. ئاللاھنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنى پەقەت ئالغا بېسىشتىنلا ئىبارەت. ئۇ سىزدىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما كىشىلەر سىزدىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ياراتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ كىشىلەردىن مۇكەممەللىك ئىستىمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشىلەردىن ئالغا بېسىشنى ئىستەيدۇ. ئاللاھ بىزنىڭ دىنىمىزنى ئاسان ۋە گۈزەل قىلغان، ئەمما بىز ئۇنى قىيىن ۋە كۆرۈمسىز قىلىۋېتىپ بارىمىز. كىشىلەر مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، بىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىۋاتىمىز. كىشىلەر مەنزىلگە تېخىچە يېتىپ بېرىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىۋاتىمىز. ساھابىلەر پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل بىر ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىسلام ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى ئىدى. ئەمما ئاللاھ ھاراق ھەققىدە ئايەت نازىل قىلغاندا، 1-قېتىملىق ئايەتتىلا ھاراقنى چەكلىۋەتمەي، ئۇنى 3 قەدەمگە بۆلۈپ، [2:219]، [4:43] ۋە [5:90] ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ، ھاراقنى ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە ئاندىن چەكلىگەن.

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى 3 ئايەتنىڭ ئايەت نومۇرلىرىنى مەن ئۆزۈم قوشۇپ قويدۇم.

دېمەك، ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئەۋلاد بولغان ساھابىلەردىنمۇ ھاراقنى توختىتىشنى بىراقلا تەلەپ قىلمىغان. ئەگەر ئاللاھ ئۆزى خالىغان بولسا، 1-ئايەتتىلا ھاراقنى چەكلىۋەتكەن بولاتتى. ئاللاھ ھاراقنىڭ ئىشىدا ساھابىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەرگەن.

ئەگەر بۈگۈن ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان بىر ئادەم مەسچىتكە كىرىدىكەن، بىز ئۇنى ئۇرۇپ، مەسچىتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەنە قاۋاقخانىغا بېرىپ، ئىچىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆيىگە كەلگەن، ئالدىغا قاراپ بىر قەدەم ئالغان، ئالدىغا قاراپ ناھايىتى چوڭ قەدەمدىن بىرنى ئالغان ئىدى. ئەمما بىز «بۇ يەردىن چىق! سەن ئالدىڭغا قاراپ ئالغان بۇ بىر قەدەمنى بىز قوبۇل قىلالمايمىز، سەن بىزنىڭ قوشۇنىمىزغا لايىق ئەمەس»، دېدۇق. ئاللاھ بىزدىن يولدا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى ئىستەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز باشقىلارنىڭ يولدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يولدا تېز ماڭالايدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ.

ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدىكى لېكسىيە جەريانىدا، كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، كەم دېگەندىمۇ بىرەر مىڭ قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىبادەتنى ياخشى قىلمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىپ، مەندىن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى. دېھقان تېرىقچىلىق قىلغاندا، يەرگە ئۇرۇق سالىدۇ، سۇ قويىدۇ، ئۇرۇقنى بېسىۋالغان نەرسىلەرنى تازىلايدۇ، يەنە سۇ قويىدۇ، يەنە پەرۋىش قىلىدۇ. ئۇلار ئۆسۈملۈكتە يۈز بېرىۋاتقان ئىلگىرىلەشنى ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدۇ. ئىشلارنىڭ ھەممىسى يەرنىڭ ئاستىدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننىڭ چۈشۈشىنى ئاسماندىن يامغۇر سۈيىنىڭ چۈشۈشىگە سېلىشتۇرغان. يەردىكى ئۆسۈملۈكلەر ئاسماندىن يامغۇر سۈيى چۈشۈشى بىلەن تەڭلا بىخ ئۇرۇپ، ئۆسۈپ چىقىشقا باشلىمايدۇ. ئۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. قۇرئان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كىرگەندىمۇ، ئۇ كىشىلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق ناھايىتى تېز ئۆزگەرگەن، ئەمما نۇرغۇنلىغان ساھابىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەر خەتتاب ئۈچۈن 5 يىل ۋاقىت كەتكەن. ئۇنداق ئۆزگىرىشلەر بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدۇ. كىشىلەر ئەبۇ بەكرى سىددىقنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى بىئارام قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن پەقەت بىرسىلا بار بولۇپ، قالغان ساھابىلەر ئۇنىڭدەك بولالىغان ئەمەس. كۆپلىگەن ساھابىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھ شۇلاردىنمۇ رازى بولغان.

كىشىلەرنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەكلىپ قىلىڭ، ئۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يول قويۇڭ، ۋە ئۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا چۈشىنىشىگە پۇرسەت بېرىڭ. بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆز-ئارا گەپ تالىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋاقىت بەرمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ئىسلامدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىمىز. بۇ ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىش ئەمەس. ئاللاھ «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ئەقىل-پاراسەت بىلەن دەۋەت قىلغىن»، دەيدۇ. ئۇ يەنە كىشىلەرنى يۈرىكىگە تەسىر قىلىدىغان، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە كىرىدىغان تەلىم بىلەن دەۋەت قىلغىن، دەيدۇ. سىز بەزىدە باشقىلار قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان سۆزلەرنى قىلىسىز، بەزىدە بولسا باشقا كىشىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى دەيسىز. سىز بىر گەپنى باشقىلارنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتىۋېتىدىغان تەرىقىدە دېيىشنى ئۆگىنىڭ. سىز باشقىلارنى بىر ئىشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى يۇمشىتىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى قاتۇرۇپ قويىدىغان گەپلەرنى قىلمايسىز. باشقىلارنىڭ قېنى قىزىپ كېتىپ، سىز بىلەن تالاشماقچى ياكى مۇنازىرىلەشمەكچى بولىدىكەن، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئۇنىڭ بىلەن تالىشىشنىڭ ياكى مۇنازىرىلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. دەۋەت بىلەن مۇنازىرە بىر ئىش ئەمەس. كىشىلەر ساراڭدەك بولۇپ قالغان ۋە ھېسسىياتلىنىپ قالغاندا سىز جىم تۇرۇڭ. كېيىنچە ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە يېڭى پۇرسەت كېلىدۇ. سىز كىشىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قايىل قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بەزىلەر «مەن قىلىدىغان دەۋەتنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولدۇم، ئەمدى قالغان ئىشلار ئاللاھنىڭ قولىدا»، دەيدۇ. بۇ دەۋەت قىلىش ئەمەس. دەۋەت قىلىش ئۇنداق بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەتنى ئۇنداق قىلغان ئەمەس. سىز كىشىلەرگە مەسلىھەت بېرىسىز. ئاڭلىمىسا يەنە بېرىسىز. ئاڭلىمىسا يەنە بېرىسىز. بۇ ئىشنى سىز ئۆلۈپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرىسىز. كىشىلەرگە ياخشى مەسلىھەت، ساغلام مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى تۇيغۇلارغا ئىگە قىلىسىز.

مەن بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرققە كېلىپ، كىشىلەر تاكسى شوپۇرلىرى، مېھمانخانا تازىلىغۇچىلىرى، دۇكان خىزمەتچىلىرى، ۋە كوچا تازىلىغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى كۆردۈم. ھەمدە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ئازابلاندىم. كىشىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا ھېچ قانداق سالام بېرىپ قويمايدىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قاتتىق ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئۆزى تاپىدىغان كىشىلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ (beloved).» يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر كەم دېگەندىمۇ بىزنىڭ سالام بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ھازىر كاللىمىزغا بىر قىسىم كىشىلەر يەنە بىر قىسىم كىشىلەردىن ياخشىراق، دەيدىغان ئىدىيە سىڭىپ كەتتى. ئەمما بىزنىڭ دىنىمىزدا ئۇنداق ئىش يوق. دىنىمىزدا ھەممە ئىنسانلار باراۋەر. بۇ ئىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بىز ناماز ئوقۇغاندا قۇرلارغا تىزىلىپ ئوقۇيمىز. يەنى ھەممىمىز بىر سىزىقتا تۇرىمىز. ئادەملەرنى قۇرلارغا ئۇلارنىڭ كىملىكىگە قاراپ تۇرۇپ تىزمايمىز. نامازنىڭ ئۆزىلا بىزگە ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. قۇرئاننى يادلاپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگىنىپ تۇرۇپ، تازىلىق خادىملىرىنى ھۆرمەتلىمىگىنىڭىز نېمىسى؟ سىز نېمىنى ئۆگىنىۋاتىسىز؟ سىز نېمىشقا ئۆگىنىۋاتىسىز؟ سىز ئىدىيىڭىزنى ئۆزگەرتمىسىڭىز بولمايدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز كىشىلەرگە جەمئىيەتتە ھۆرمەت ۋە غۇرۇر ئاتا قىلىش. كىشىلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ سۆزلىشىڭ. كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىڭ. ھەممە ئىنسانلار ھۆرمەتكە سازاۋەر كېلىدۇ. بۇ ئىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ۋە غەيرى-مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. ئەگەر مۇسۇلمانلار باشقىلارغا ھۆرمەت قىلمايدىكەن، باشقىلار ئىسلامدىن تېخىمۇ يىراق تۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ.

كىشىلەر داۋاملىق ھالدا ئۈممەتلەرنىڭ مەسىلىسى سىياسىي مەسىلە، ئىقتىسادىي مەسىلە، ئىجتىمائىي مەسىلە، ۋە مائارىپ مەسىلىسى، دەيدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق دېمەيمەن. بەلكى مەن ئۈممەتلەرنىڭ مەسىلىسى ھېكمەت مەسىلىسى، يەنى ئاقىلانە ئىشلارنى قىلىش، ۋە ئىشلارنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن قىلىش مەسىلىسى، دەيمەن. بىزدىكى رېئال مەسىلە ئەنە شۇ.

دەۋەتتە سىز داۋاملىق يۇمشاق بولۇۋەرمەيسىز. بەزىدە كىشىلەر سىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بەزىدە كىشىلەر سىزنى مازاق قىلىدۇ. بەزىدە كىشىلەر سىزنى ھاقارەتلەيدۇ. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا سىز يۇمشاق بولماي، قاتتىق بولىسىز. ئۇنداق ۋاقىتلاردا سىز ياخشىراق ئۇسۇل بىلەن ئاشۇ كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىسىز، ئۇلار بىلەن تالىشىشىسىز، ۋە ئۇلار بىلەن باشمۇ-باش ئوتتۇرىغا چۈشىسىز. بۇ يەردىكى «ياخشىراق ئۇسۇل» نىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ مەنىسى، ئۇلار سىز بىلەن تالاشسا، سىز ياخشىراق ئۇسۇل بىلەن تالىشىسىز. ئۇلار سىزگە ئاچچىقلانسا، سىز ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالىسىز. ئۇلار مەينەت سۆزلەرنى ئىشلەتسە، سىز پاكىز سۆزلەرنىلا ئىشلىتىسىز. قىسقىسى، ھەر قېتىم ئىنكاس قايتۇرغاندا، سىز ياخشىراق ئۇسۇل بىلەن ئىنكاس قايتۇرىسىز. بىز باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پىشىپ يېتىلگەن ئادەملەردەك بولۇشىمىز كېرەك. سەۋەبى، بىز ئەقىللىق كىشىلەر. بىز ئەقىل-پاراسەتكە باي كىشىلەر. بىز قېنى قىزىق ياكى ھېسسىياتچان كىشىلەردىن ئەمەس. ھازىر دۇنيا بىزگە «ھېسسىياتچان كىشىلەر»، دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولۇشتىكى گۇناھ ئۆزىمىزدە. بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا دېيىلگەن ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش كۆرۈشنى تېخىچە ئۆگىنىپ بولالمىدۇق. بىز پەقەت قېنى قىزىق ئادەملەردەك ئىنكاس قايتۇرۇشنىلا ئۆگەندۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆستۈرمىسەك بولمايدۇ.

باشقىلارغا مەسلىھەت بەرگەندە، مەن بەزىدە ئۆزۈمنى ئۇلاردىن ئۈستۈن قويۇۋالىمەن. يەنى، «ئۇلار مېنىڭ مەسلىھەتىمگە موھتاج، شۇڭا مەن ئۇلاردىن ياخشىراق»، دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىمەن. بۇ بىر مەسىلە. ھازىر مەن بىر ئېگىز سەھنىدە تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن، ھەمدە 18 نەپەر مۇخبىرنىڭ كامېرالىرى ماڭا توغرىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچ قانداق مەنىسى يوق. مەن سىلەردىن ياخشىراق ئەمەس. سىلەرمۇ مەندىن ياخشىراق ئەمەس. كىمنىڭ كىمدىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ كىمنىڭ كىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس. «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ [16:125].» مەن ئازدۇرۇلغانمۇ، سىز ئازدۇرۇلغانمۇ، ياكى باشقىلاردىن كىملەر ئازدۇرۇلغان، ئۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ھىدايەت تاپقان-تاپمىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئۇنىمۇ پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. شۇڭلاشقا باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشتىن بۇرۇن مەنمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا كەمتەر (humble) بولۇشۇم كېرەك.

سىز بىرسىگە دەۋەت بېرىپ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يولدىن ئازغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئۇرۇق بىخلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇنى سىز بىلەلمەيسىز. ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. سىز پەقەت ئۇنىڭ سىرتىدا نېمە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنىلا بىلەلەيسىز. بىز بىر ئادەمنىڭ سىرتىغا قاراپلا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز. بىز ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا سەل قارايمىز. بۈگۈنكى كۈندە ئۈممەتلەردە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلماسلىق. ھەمدە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلماسلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىرىشكە سەل قاراپ، پەقەت ئۇلارنىڭ سىرتىغىلا كۆڭۈل بۆلۈش. بىز قۇرئاننى يادلاۋاتقان بىر بالىنى «ياخشى بالا» دەپ باھالايمىز. ئەمما بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئۇنىڭ سىرتقى ئەھۋالى. بىز ناھايىتى كۆپ ئىلىملىرى بار بىر كىشىگە «ياخشى ئادەم» دەپ قارايمىز، ئەمما بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئۇنىڭ تاشقى ئەھۋالى. بەزى كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر ناھايىتى ناچار ئادەممۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن. بەزى كىشىلەر قۇرئاننىڭ يېرىمىنى يادلاپ بولغان، ئەمما ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازراقمۇ پەرۋا قىلمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. شۇنداق قىلىش باشقا ھەممە ئىشلاردىن مۇھىم. بەزىلەر «سىزدە كۆپلىگەن ئىلىم بولمايدىكەن، سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيسىز»، دەيدۇ. سىز قايسى قۇرئاننى ئۆگەندىڭىزكى بىلمەيمەن، ئەمما مەن ئۆگەنگەن قۇرئاندا ئۇنداق گەپ يوق. ئاللاھ ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە سەمىمىيەتلىك. ئاللاھ دىنىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، ئاددىيلاشتۇرىدۇ، ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئەمما بىز ئۇنى ئۆزىمىز قىيىنلاشتۇرۇۋالىمىز. ئۇنى ئۆزىمىز مۇرەككەپلەشتۈرۈۋالىمىز. ئىسلام ھەققىدىكى ھەممە نەرسىنى بىر ناھايىتى قىيىن شەكىلدە ئۆگىتىشكە ئۇرۇنىمىز. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇش. ئەمما ئۇنى بىز ئۆزىمىز مۇرەككەپلەشتۈرۈۋالىمىز. بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى كىشىلەرگە قايتىدىن ئۇقتۇرمىساق بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ يامغۇرىنى قايتىدىن ياغدۇرمىساق بولمايدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدۇر.

ئويغاننىڭ دوكلاتىدىكى مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇنلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

In Need of Wisdom - Nouman Ali Khan - Gulf Tour 2015
https://www.youtube.com/watch?v=mX1oRcMbLzA

بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا ۋە ئۈندىدارغا چىقارسىڭىز، بېسىپ چىقىرىپ تارقاتسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



uyghuray

0

تېما

0

دوست

711

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56560
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 12:41:11 |ئايرىم كۆرۈش
ئادەمنىڭ قەلبى ئالەمنى سىغدۇرالىغاندا ئاندىن ئالىملىق يۇلتۇزى چاقنايدىغان چېغى،

ئالىملىرىمىزغا تەشەككۈر!!!

كۆزى ئالەمنى كۆرەلىگەن بىلەن قەلبى قېرىندىشىنى سىغدۇرالمايدىغان خەتەر مىھرى-مۇھەببەت بىلەن قەلبلەرنى ئىللىتقاي.....

2

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3152
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:07:29 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بىرىجى بولۇپ ئوقۇپتىمەن . ماۋۇ ئوقۇيدىغان تىما ئىكەن ، قايىل بولدۇم .
مىنىڭ ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىقلىسام بولىۋېرىدىكەن دەپ قارىدىم . مەسىلەن ئەتىراپىمدىكىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بۇ تىما ئارقىلىق باشقىدىن ئۈگەنگەندەك بولدۇم .

بىر جەمىيەتتە ھەرقانداق بىر ئادەم يەككە ياشىيالمايدۇ ، جەزمەن باشقىلار بىلەن يەنى بىر دىنلىق ياكى غەيرى دىنلىق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلىدە بولىمىز ، ئەگەر مۇشۇ تىمىنى  ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈرسەك ، خىزمەت ، سودا ، تىجارەت ، مۇنازىرە ، ھەتتا ئادەتتىكى پاراڭ ھەممىسىگە ماس كىلىدىكەن دەپ ئويلۇدۇم . ئەگەر دەۋەتچىلەر ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرسە تېخىمۇ زور ئۈنۈمى بولغۇدەك .

بىلىمخۇمار ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر ، سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تىنى سالامەت ، خىزمەتلىرىڭىز نەتىجىلىك بولغاي .

0

تېما

0

دوست

1129

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32125
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:20:57 |ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياحشى يىزىلعان تىما بوپتۇ. قايىل قىلىش كۇچى بەك زور ئىكەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1129

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32125
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:23:12 |ئايرىم كۆرۈش
ئادەمنى ھەقىقىتەن قايىل قىلىدۇ. رەھمەت ئەركىن سىدىق ئەپەندى،قولىڭىزعا دەرت بەرمىسۇن.

0

تېما

0

دوست

1608

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18287
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:45:22 |ئايرىم كۆرۈش
  ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا مۇشۇنداق  تىمىللىرىڭىزنى  ئوقۇپ باشقىچە بولۇپ قالىمەن ، خۇددى ھاياتنىڭ يېڭى بىر مەناسىنى ھىس قىلۋاتقاندەك ،ئۆزۈم ئىزدەۋاتقان بىر يولنى  تېپۋاتقاندەك ھېس قىلىپ خېلى كۆپ  روھى ئوزۇققا ئېرشتىم دەپ ئويلايمەن ، ھەم سىزنىڭ مۇشۇنداق تىمىللىرىڭزنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيمەن، ئاللاھنىڭ تېنىڭىزگە  تېخىمۇ  ساغلاملىق بىرىشىنى ھەم ئىلىملىرڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ بۇلۇشىنى تىلەيمەن،  

12

تېما

2

دوست

5152

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1614
توردىكى ۋاقتى: 424
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:58:53 |ئايرىم كۆرۈش
مەن 171- بولۇپ ئوقۇپ قالغىنىمدىن بىر ئاز ئۆكۈندۈم. ئاللاھ ئالىملىرىمىزغا تېخىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەر ئاتا قىلسۇن. بىزنىمۇ ئەقىل- پاراسەتتىن نەسىپلەندۈرسۇن.

0

تېما

7

دوست

3363

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1030
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 14:12:53 |ئايرىم كۆرۈش
قالتس يېزىلىپتۇ ،مۇشۇننى جەمىيئەتمىزدىكى ھەرساھ كىشلەر ئۇقۇپ باقسا دەيمەن....بىزگە يۇلباش بۇلۇپ بېرۋاتقان دىنى ئۆلمالارغا كۆپدىن كۆپ تەشكۈرلەر بولسۇن.ئاللاھ ئۇلار نىڭ بىلمنى زىيادە قىلسۇن..ئىماننى مۇستكەم قىلسۇن.........
لىكىن شۇنداق زاتلار چىقۋاتدۇ...ئۇلار ئۆزلىرنىڭ مەنپەتىنى دەپ ئۆز ئالدىغا يەكۈن ۋە پەتىۋلارنى بىرۋاتدۇ....بۇلار ئاللاھ ھوزۇردا قانداق جاۋاپ بىرەر...پەيغەمبىرمىز سەللاھنىڭ يۇزگە قانداق قارار..
مانا مۇشۇ سەۋەبدىن بەزى ئەگەشكۈچىلەر يۇلدىن ئىزىپ كېتىپ باردۇ....مۇشۇ سەۋەبدىن ئىغتىلاپ كېلىپ چىقىۋاتدۇ.مانا مۇشۇ سەۋەپدىن دىن ئورتتاق چۇشەنچە ھاسل بولماتدۇ.
ئەركىنكام دىگدەك ھەممە ئادەم ئىناق ئىتپاق ئۆتسە نىمەدىگەن ياخشى...بىراق ئىتلاردەك خىرس قىلىپ تۇرسا ..بۆردەك بولۇپ توغرا يول باشلاش كېردە.....

بىر توپ ئارسلانغا ئىت باش بۇلسا،ئاسلانلار ئىتدەك بۇلۇر.
بىر توپ ئىتقا ئارسلان باش بولسا ئىتلار ئارسلاندەك بولۇر.

                                                              يۇسۇپ خاس ھاجىپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )