قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1059|ئىنكاس: 12

بەزىلەر نېمىشقا پايچېكى چۈشۈپ كەتسىمۇ يەنىلا پايدا ئالالايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54006
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 11:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مەنبەسى:تېڭشۈن ئىقتىساد تورى.گاۋشىڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى


ئوتىمۇبار، سۈيىمۇ بار پاي بازىرى بۇيىل نۇرغۇن ئادەمگە ئېغىر زەربىلەرنى ئېلىپ كەلدى.«پايچېكىدا زىيىنىڭىز ئېغىرمۇ؟»دىگەن سۆز كىشىلەرئۇچراشقاندا كەم بولسا بولمايدىغان قىزىق نوقتا بولۇپ قالدى.ئەمەلىيەتتە جۇڭگولائەمەس پۈتۈن دۇنيا پاي بازىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى ئەمەس.سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،بۇيىل 1-ئايدىلا،پۈتۈن دۇنيا پاي بازىرى چۈشۈش سەۋەپلىك 7تېرىليون ئامېرىكا دوللىرى پارغا ئايلانغان.بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو پاي بازىرى چۈشۈش دائىرىسى23%تىن ئاشقان.ئۆلچەملىك پۇر 500كۆرسەتكۈچىسى5%،ياپونىيە پاي بازىرى  بىر ھەپتىدىلا 11% چۈشۈپ كەتكەن.لېكىن بەزىلەردەل مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ پۇل تاپالايدۇ.بۇ زادى قانداق ئىش؟
  ئالدى بىلەن بىر مىسال كەلتۈرەي:ئامرېكىلىق داۋىد مىللېر ئىسىملىك فوند ۋاستىچىسى،ئۆتكەن بىر يىلدا قولىدىكى 500مىڭ فوند مۈلىكىنىڭ قىممىتىنى 170مىليون دوللارغا يەتكۈزگەن. پايدا ئېلىش نىسبىتى50%تىن ئېشىپ كەتكەن.ئۆتكەن بىر يىللىق پاي بازىرىنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان.ئامېرىكا ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچىىنىڭ بىرى بولغان ناسداك 8%كە يېقىن ئۆسۈپ،بىر دىن بىر ئۆسۈش دائىرىسى چوڭ بولغان پاي بازىرى بولغان.قالغان پاي بازارلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولمىغان.شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، مىللېرنىڭ پايدا ئېلىشتىكى مەخپى قورالى بولسا تۆكمە قىلىپ سېتىش(做空,买跌).
ئۇنداقتا تۆكمە قىلىپ سېتىش دىگەن نىمە؟ئۇيغۇر تىلىدا بۇ ئۇقۇم توغرىلىق تازا ياخشى سۆز يوق،ئادەتتە پايچەك ۋە ياكى باشقا سودا تۈرىدە ئالغان پاينىڭقىممىتى ئۆسسە ئاندىن بىز پايدا ئالالايمىز،بىز بۇنى ئۆسۈشىگە ئېلىش دەيمىز.تۆكمە قىلىپ سېتىش دەل مۇشۇنىڭ قارشى مەنىسى،ئاددىي قىلىپ، چۈشۈشىگە ئېلىش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
    مەسىلەن: بىر پاينىڭ باھاسى100يۈەن،سىز كەلگۈسى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە بۇ پاي چۈشىدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز،باشقا مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان ئادەم بىلەن توختاملىشىپ، بىر ئايدىن كېيىن ھازىرقى 100يۈەن باھاسى بىلەن ئۇنىڭغا سېتىپ بەرمەكچى بولىسىز،(ئەلۋەتتە بۇ ئادەم بىر ئايدىن كېيىن پاينىڭ باھاسى ئۆسىدۇ دەپ قارايدۇ)بىر ئايدىن كېيىن بۇ پاي 50يۈەنگە چۈشۈپ قالسا سىز 50يۈەن پايدا ئالغان بولىسىز.بۇدەل تۆكمە قىلىپ سېتىشقا كىرىدۇ.


تۆكمە قىلىپ سېتىشنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن.1603-يىلى ( گوللاندىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى قۇرۇلغاننىڭ ئىككىنچى يىلى)گوللاندىيەلىكلەر ئامىستېردامشەھىرىدە دۇنيادىكى تۇنجى پايچەك بازىرى-ئامىستېردام ئاكسىيە سودا مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان.
قەرەللىك ھوقوق期权))،قەرەللىكمال期货))،پاي كۆرسەتكۈچى سودىسى股指交易))،تۆكمەقىلىپ سېتىش قاتارلىق سودا شەكلى مۇشۇ ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن.1610-يېلىگوللاندىيە ھۆكۈمىتى تۆكمە قىلىپ سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقارغان،تۆكمە قىلىپ سېتىش،نازارەت كومېتېتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.




    لىۋېر مور-ئامرىكا پايچەك تارىخىدىكى تۇنجى داڭلىق تۆكمە قىلىپ ساتقۇچى.1906-يىلى،شىمالىي تېنچ ئوكيان،شىمالىي رايون تۆمۈر يولى شىركىتى، يېڭى پاينى بازارغا سالىدىغانلىقىنى،لېكىن پايچەكلەر پاي پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ۋول كوچىسىدا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان بۇ خەۋەرلېۋېر مورنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە مەبلەغنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.نەچچە كۈندىن كېيىن  سانپولو شىركىتىمۇ يېڭى پاينى بازارغا سالىدىغانلىقى،لېكىن پۇل تۆلەش مۇددىتىنى ئالدىنقى ئىككى شىركەتتىن بۇرۇن بولىدۇ دەپ ئېلان قىلغان،لېۋېر مور مەبلەغنىڭ ھەقىقەتەن كەمچىل بولىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ،كەسكىنلىك بىلەن نۇرغۇن پاينى تۆكمە قىلىپ ساتقان.
   1907-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كاپىتال بازىرى تېخىمۇ  قىسلاشقان.10-ئاينىڭ بېشىدا لېۋېر مور نۇرغۇن پۇل ۋاستىچىلىرىنىڭ مەبلەغ يىغىۋاتقانلىقىنى،ھېچكىمنىڭ پۇل قەرىز بېرىشنى خالىمايۋاتقانلىقىدىن خەۋەرداربولۇپ،پاي بازىرىنىڭ گۇمران بولۇش خارەكتېرلىك چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان.شۇ يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنى پۇل بازىرى توڭلىتىلغان،مەركىزى بانكىمۇ  پۇل قەرىز بېرىشتىن ئۆزىنى تارتقان،شۇنىڭ بىلەن پاي بازىرى گۇمران بولۇش خارەكتېرلىك چۈشۈپ كەتكەن.بۇ قېتىملىق چۈشۈش لېۋېر مور ئۈچۈن 1مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن پايدا ئېلىپ كەلگەن.1929-يىلى لېۋېر مور يەنە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پاي بازىرىنىڭ يەنەقاتتىق چۈشىدىغىنىغا ھۆكۈم قىلىپ،پۈتۈن پاي بازىرىنى تۆكمە قىلغان،ئالغان پايدىسى100مىليون ئامرىكا دوللىرى بولغان.


  ھازىر پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە تۆكمە قىلىپ سېتىش ئادەتتە قەرەللىك مال.قەرەللىك ھوقوق،توپلىما پاي融券))قاتارلىق تۈرلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
قەرەللىك مالدا تۆكمە قىلش بولسا:ئەگەر مەبلەغ سالغۇچى قەرەللىك مالنى چۈشىدۇ دەپ قارىغان بولسا، بازار باھاسىدا مال سېتىۋېتىدۇ،باھاسى چۈشكەندىن كېيىن سېتىۋالىدۇ. توپلىما پاي融券))  تۈرىدە بولسا، مەبلەغ سالغۇچى مەلۇم بىر پاينى چۈشىدۇ دەپ قارىغان بولسا،ۋاستىچىنىڭ قولىدىن پاي قەرىز ئېلىپ باشقا بىرسىگە سېتىپ بېرىدۇ،مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە پاي سېتىۋېلىپ ۋاستىچىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ،ئەگەر پاي باھاسى چۈشكەندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرسە ئوخشاشلا پايدا ئالالايدۇ.ئەلۋەتتە ۋاستىچى ئۈچۈن يەنە ئۆسۈم تۆلىشى كېرەك.
    يەنە بىر خىل تۆكمە قىلىش ئۇسۇلى بولسا «يالىڭاچ تۆكمە قىلىش».مەلۇم چوڭ مەبلەغلەر بىرلىشىپ بازاردىكىدىن يۇقىرى باھادا پاي سېتىپ،پاي باھاسى چۈشكەندىن كېيىن پاينى سېتىۋېلىپ مالنى تۇلۇقلاش ئارقىلىق پايدا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.«يالىڭاچ تۆكمە قىلىش»تا ساتىدىغىنى بازاردا يوق پاي بولغاچقا،مىقدارى ناھايىتى چوڭ بولىشى  پاي بازىرىغا ئېغىر زەربىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. 2008-يىلى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە كەلتۈردى.ئامېرىكا،ياۋروپا پاي بازىرى قاتتىق چۈشۈپ،مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى.2008-يىلى 9-ئايدىن كېيىن،ئامېرىكا،ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر «يالىڭاچ تۆكمە قىلىش»نى  ۋاقتىنچە چەكلەش قانۇنىنى يولغا قويغان.
   كۆپىنچە ئادەم تۆكمە قىلىش ياخشى ئەمەس دەپ ئويلايدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئەگەرمەبلەغ سالغۇچى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ مالىيەسى ياكى پاي باھاسىدا چاتاق بار دەپ ئويلاپ،تۆكمە قىلىش ئارقىلىق ئەخلەت پايلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىسا،پاي بازىرىنىڭ تېخىمۇساغلام بولىشىغا پايدىلىق ئەمەسمۇ؟لېكىن بەزى پۇرسەتپەرەس، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆكمە قىلىپ ،پاي بازىرىنىڭ قاتتىق چۈشىشىگە سەۋەپچى بولىدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ.بۇخىل قىلمىشنىڭ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن ھېچقانداق پەرقى يوق.ناپالېئون فىرانسىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدىلا تۆكمە قىلىپ ساتقۇچىلارنى قاماققاسولايدىغان قانۇن بارلىققا كەلگەن.
    بىزنىڭ دۆلەتتە تۆكمە قىلىش مېخانىزىمى بارمۇ-يوق؟ئەلۋەتتەبار. قەراللىك مال ۋە توپلىما پايلاردا تۆكمەقىلىپ سېتىش ئۇسۇلىنى قوللانغىلى بولىدۇ،لېكىن مەبلەغ چەكلىمىسى بار.قەرەللىك پاي سودىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغسوممىسى500مىڭ يۈەن بولىشى كېرەك. توپلىما پاي تۈرىدە بولسا نۇرغۇن ئاكسىيە شىركەتلىرى مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ 500مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،بەزى ئاكسىيە شىركەتلىرى ھەتتا مەبلەغ سېلىش سوممىسىنىڭ 1مىليوندىن يۇقىرى،  ئۆز شىركىتىدە ھېساپ ئېچىش ۋاقتىنىڭ 6ئايدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.




بۇ مىنىڭ ئىككىنچى قېتىم يوللىغان تەرجىمە ماقالەم، تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىزلەر، چ چ نۇمۇرۇم ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.493618038

ninja145587827315782.jpg
ninja145587829099198.jpg
ninja145587830047580.jpg
uyghuray

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5218
توردىكى ۋاقتى: 2093
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى ماقالىكەن. ھازىر نۇرغۇن يېڭى پايچىكلار بۇ خىل'تۆكمە قىلىپ سېتىش' مېخانىزىمىنى چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا ھېچ خەۋىرى يوقلارمۇ كۆپ. پاي قاتتىق چۈشسە ھەممە ئادەم ئۆزىدەك زېياندىن پۇچۇلىنىۋاتقاندەك، زېياننىڭ ئاچچىغىنى ھەممە تەڭ تارتىۋاتقاندەك ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بازارنىڭ قاتتىق چۈشۈشىدىن زور پايدا ئېلىپ  سانسىز ئۇششاق پايچىلارنىڭ ئازاۋى بەدىلىگە شادلىنىدىغان تەرەپمۇ بار.  بۇنى زىننەتلەپ بەزىلەر 'پاي ئاپىتى' يۈز بەردى دەپمۇ قويىدۇ.  بىرسى چۈشۈشىنى ئۆمۈد قىلىپ بازارنى چۈشۈرۈشكە ھەركەت قىلسا ۋە نەتىجىدە زېيان تاتقانلارنىڭ پۇلى شۇلارنىڭ يانچۇغىغا ئۇدۇل كىرسە بۇ  قانداقتۇر' ئاپەت' بولمايدۇ بەلكى 'ئويۇن' بولىدۇ. خۇددى مۆشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قېيىن دېگەندەك.

1

تېما

1

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54006
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 21:39:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 13:15
بۇ ياخشى ماقالىكەن. ھازىر نۇرغۇن يېڭى پايچىكلار بۇ خىل' ...

مەسىلەن تۈنۈگۈنكى چۈشۈنى بىر ئۇيۇن دەپ چۈشەندىم ،كىچىك پايچىلارغا ئۈمىد بېرىپ،يۇقۇرى نوقتىدا ئېسىپ قۇيۇپ،تۈنۈگۈنكىدەك چۈشكەندىن كېيىن ئاساسى قوشۇن ئاندىن كىرىشكە باشلىدى .

0

تېما

4

دوست

2599

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 00:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاي چېكىنى ئىجات قىلغان ئادەمنىڭ ئەقىللىقلىقىگە قايتىدىن ھەيران قېلىۋاتىمەن،يېقىنقى بەزىبىر ئىشلارنى كۆرۈپ.
uyghuray

2

تېما

5

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44545
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 01:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   payqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 02:14  

يۇقارقى ئۇسسۇلنى مەن ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن . پايچېكى بازىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغان داڭلىق ئەرباپلار ھەرگىزمۇ بۇنداق پائالىيەت قىلمايدۇ ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى ، قىممىتىگە مەبلەغ سېلىش .
چۈنكى بۇ خىل پائالىيەت ھايانكەشلىككە يېقىن تۇرىدۇ .
ھەقىقى پايچى ، پايچېكى بازىرىدا پايچېكى ئوينىمايدۇ ، بەلكى پايچېكىگە مەبلەغ سالىدۇ .

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5218
توردىكى ۋاقتى: 2093
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 02:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
payqi يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 01:51
يۇقارقى ئۇسسۇلنى مەن ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن . پايچېكى  ...

يەنە چۈشەنمەيلا پاراڭ قىلغىلى تۇردىڭىز، بۇ يەردە بولىۋاتقىنى نېشان -مەخسەتلىك ۋە قاملاشتۇرۇلۇپ چۈشۈشكە سېتىشنىڭ گېپى.  قاملاشتۇرالماسلىق، قارشىلىشى ياكى زېيانغا باغلىنىش دېگەندەك ئۇششاق پايچى مەخسۇس ئاتالغۇلىرىنىڭ گېپى ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

732

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16869
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 10:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل ئۇرۇشى دىگەن كىتاپتا تېخمۇ قايىل قىلارلىق جاۋابى بار

1

تېما

1

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54006
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 11:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
payqi يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 01:51
يۇقارقى ئۇسسۇلنى مەن ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن . پايچېكى  ...

دىگىنىڭىز توغرا ھەقىقى پايدا ئالغۇچى بىز خۇددى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بوي سۇنغاندەك پاي بازىرىنى يۈنىلىشىگە توغرا ھۆكۈم قىلغان ئاساستا پايدا ئالىدۇ ،سوروسنى خەلق پۇلى ،پاي بازىرىنى تۆكمە قىلدى دەپ گۇناھنى ئارتىپ قويدى ،سوروسمۇ پاي بازىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىپ ئاندىن تۆكمە قىلغان ،جۇڭگو پاي بازىرىدىكى ئەخلەت پايلار كۆپتۈرمە پايلار ھەقىقەتەن كۆپىيىپ كەتكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )