قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 15

ئېينىشتېيىن ئېفىرنى "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان"مۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 11:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 11:56  

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
ئامرىكىلىقلار تەرىپىدىن تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ بېۋاستە ئىسپاتى بايقالغانلىق ئۇچۇرى تارقالغاندىن كىيىن،بۇ بايقاش دۇنيادا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.ئۇيغۇر تور دۇنياسىمۇ تاشپولات روزى،بىلىمخۇمار قاتارلىق مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار يازمىلىرى بىلەن ئۇچراشتى.بەزى تورداشلار  ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسىنىڭ قانداق  ئارقا كۆرۆنۈش،قانداق ئوبىكتىپ شەرىتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىدىن  خەۋەرسىز.شۇڭا مەن ،ئېينىشتېىن تارتىش كۈچى دولقۇنىنى چۈشۈنۆش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ  مەنبە ۋە شەرىتلىرىنى بىلىش كىرەك،دەپ قاراپ، 1990-يىلى يېزىلغان بۇ تېمامنى يوللاپ قويدۇم.بۇ مەنبە ۋە شەرىتلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا ئاندىن تارتىش كۈچى دولقۇنىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.ئۇلار پۇت تىرەپ تۇرالمىسا،بۇ دولقۇن ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ.



ئېينىشتېيىن ئېفىرنى "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان"مۇ؟

قاسىم سىدىق


1

بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى نۇرغۇن ماتىرياللاردا، ئالبىرىت ئېينىشتېيىن ئېفىر ئەرۋاھىنى ئۇزۇل- كىسىل گۆرگە تىقتى، "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلدى (1)" ۋەھاكازا دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپلەپ ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. نەتىجىدە "ئېينىشتېيىن ئېفىرنى پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان" دىگەن چۇشەنچە ئۇبدانلا ئومۇملاشقان چۇشەنچە بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، ھىچقاچان "ئېينىشتېيىن ئېفىرنى مۇقەررەر مەۋجۇت ئەمەس دەپ پەرەز قىلمىغان(2)" بولۇپ، پاكىتلار يۇقۇرىدىكىدەك ھۆكۇملەر بىلەن ئەسلا سىغىشمايدۇ.

ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ "ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكىسى ھەققىدە(3)" ناملىق دەۋر بۆلگۈچ ئەسىرىدە نىسبىلىك پىرىنسىپى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ئىبارەت "ئىككى ماتىماتىكىلىق پەرەز"گە تايىنىپ ئېفىر ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ:
ماكسىۋىل نەزىريىسىگە تايىنىپ،"بۇ ئىككى ماتىماتىكىلىق پەرەزگە ئاساسەن ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئاددى ۋە زىدىيەتلىك بولمىغان ئېلىكتىر دىنامىكىسىنى قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ. "يورۇقلۇق ئېفىرى"نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىگى ئىسپاتلاندى. چۇنكى، بۇ يەردە شەرھىلەنگەن كۆز قاراشلارغا ئاساسلانغاندا ئالاھىدە خۇسۇسيەتكە ئېگە بولغان"مۇتلەق تىنچ بوشلۇق"نى كىرگۇزۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇنداقلا، ئېلىكتىر ماگىنىت جەريانلىرى يۈز بېرىدىغان ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ھەربىر نوقتىسى ئۈچۈن بىر تېزلىك ۋىكتۇرى بەلگۇلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق(4)".
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ يەردە ئاللىقانداقتۇر ئېفىرنى پۇتۇنلەي يوق دىيىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت مەسىلىنى ئېفىرنىڭ ئىشتىراكىسىزمۇ ھەل قىلىش مۈمكىنلىگى ئوتتۇرىغا قويولغان.

ئېينىشتېيىن تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسىدە ئېفىرنى "تاشلىۋەتتى" دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئېينىشتېيىن ئېفىرنى ئۇزۇل –كېسىل يوقاتتى دېگىلى ھەرگىز بولمايدۇ. چۇنكى، ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسىدە ئېفىرنى قايتا ئېلىپ كىرىدۇ:
"تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىريىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئېفىر پەرىزى ئىشلىتىش قىممىتى يوق پەرەز... بىراق، باشقا بىر نوقتىدىن ئېفىر پەرىزىگە پايدىلىق بولغان ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويوش مۇمكىن. ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىكىنى ئىنكار قىلىش ئاقىۋەت ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ھېچقانداق فىزىكىلىق خۇسۇسيەتكە ئېگە ئەمەسلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ، بۇخىل قاراش مىخانىكىنىڭ تۈپ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس(5)"
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى ئۇزۇل – كىسىل ئىنكار قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە ئۇنى ئۇزۇل – كىسىل مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ:
"كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشلۇققا ئاللىقاچان فىزىكىلىق خاراكتىر بېرىلگەن بولىدۇ...ئېفىر بولمىغان بىرخىل بوشلۇقنى تەسەۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق بوشلۇقتا يورۇقلۇق تارقىلالمايلا قالماي، بەلكى،ئۇنىڭدا ئۆلچىگۇچ ۋە سائەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس(6)".
ئېينىشتېيىن نەزىرىدە مەيدان، بوشلۇق ۋە ئېفىر قاتارلىقلار ھەرگىز ئايرىم – ئايرىم نەرسە ئەمەس:
"لورنتىسنىڭ ئىختىراسى تۈپەيلى بۇگۇن شۇنداق ئېيتىش مۈمكىنكى، فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئېفىر بىرلا خىل نەرسىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپلا قالماي، مەيدان بوشلۇقىنىڭ فىزىكىلىق ھالىتىدۇر(7)".
ئېينىشتېيىن ئېفىرنى تاشلىۋىتىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا، ئونىڭ خۇسۇسىيەت، فۇنكىتسىيىلىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىدۇ. "كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئېفىرى شۇنداق بىر مۇھىتتىكى، ئۇنىڭ ئۆزىدە پۈتۈنلەي مىخانىكىلىق ۋە كىنېماتىكىلىق خۇسۇسىيەت يوق. بىراق، ئۇ مىخانىكىلىق ھادىسىلەرنى بەلگۇلەشكە قاتنىشىدۇ(8)".
تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىمۇ ئېفىرنى ھىچقاچان ئىنكار قىلمىغان؛ "ئىنچىكە ۋە توغرا ھېساپلاشلار كۆرسەتتىكى، تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسى زادىلا ئېفىرنى جەزمەن ئىنكار قىلىشنى تەلەپ قىلغىنى يوق. ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ(9)".

دېمەك، يۇقۇرىقىلاردىن كۆرۈپ ئېلىشقا بولىدۇكى، نىسبىلىك نەزىرىيىسى ئېفىرنى ھىچقاچان "پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان" ئەمەس. مەيدان ئۇقۇمى تەدىرىجى ھالدا ئېفىر ئۇقۇمى، شۇنداقلا، بوشلۇق ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا دەسسەشكە باشلىدى دىيىشكە بولىدۇ. ئېينىشتېيىنچە ئېيىتساق، يۇقۇرىدا نامى زىكىر قىلىنغان بۇ ئۈچ نەرسە ماھىيەتتە بىرلا نەرسىدىن ئىبارەت.

2

مەشھۇر مېكلىسۇن – مورلى تەجىربىسى (1881-1887) ئاخىرقى قېتىم ئىشلەنگەن ۋاقىتتا ئېينىشتېيىن تېخى ئىككى ياشتا ئىدى. كۆپچىلىك نەزىرىدە ئېفىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى دەپ قارالغان بۇ تەجرىبىدىن ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ "ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكىسى ھەققىدە" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان ۋاقىتتا تېخى خەۋەرسىز ئىدى؛ "مېنىڭ ئىدىيىۋى تەرەققىيات جەريانىمدا مېكلىسوننىڭ نەتىجىسى چوڭ تەسىر كۆرسەتكىنى يوق. مەن ھەتتا بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئىلمى ماقالەمنى يازغان ۋاقىتتا(1905-يىلى)زادى ئۇنى بىلەتتىممۇ ياكى بىلمەيىتتىممۇ؟(10)" "مەن مېكلىسۇننى ھامان ئىلىم – پەن ساھاسىدىكى سەنئەتكار ھىساپلايمەن... ئۇ، ئۆزىنى ھىچقاچان پەن ساھاسىدىكى تەلەپچان "مۇتەخەسىس"ھىسابلىغان ئەمەس. ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق(11)".

بىز، يۇقۇرىدىكى بايانلاردىن ئېينىشتېيىن تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مېكسىلۇن- مورلې تەجرىبىسىنى ئەمەس، بەلكى، "يارقىن لوگىكىلىق ئىدىيە"نى ئاساس قىلغانلىقىنى (12)كۆرۈۋىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭ بۇ تەجرىبىگە تۇتقان پۇزىتسىيەسىنىمۇ كۆرۈپ ئالالايمىز. ئېينىشتېيىن گەرچە 1905-يىلى يۇقۇرىدىكى تەجرىبىدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ئىدى(13). ئۇ، كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسى ۋە ئېفىرنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بايانلارنى يۇقۇرىدىكى تەجرىبىدىن خەۋەردار ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، ئېينىشتېيىن مېكلىسۇن – مورلې تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسىگە قانائەتلەنگەن ئەمەس. ئەگەر ئېينىشتېيىن بۇ تەجرىبە مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلدى دەپ قارىغان بولسا، كېيىن يەنە ئېفىرنى ئېلىپ كىرمىگەن بولاتتى. ئېينىشتېيىن مېكلسۇن – مورلې تەجرىبىسىگە باشتىن ئاخىر گۇمانلىق پۇزىتسىيە تۇتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئامىرىكا كاسىسىېى سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىكا فىروفىسسۇرى S. R. شانىگىلانىدنىڭ ئېينىشتېيىن بىلەن ئېلىپ بارغان تۆت پارچە سوھبەت خاتىرىسىنى(14) كۆرۇپ چىقىش مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە.

شانگىلانىد شۇنداق يازىدۇ: "مەن ئېنىشتېينگە ،مېكلسۇن كاسسېدا ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۆزىنىڭ پۇتىسدام تەجرىبىسىنى ھەرگىز ئېيىتمىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىنتىروفىرومېتىرنىڭ شەكلىنىمۇ سۆزلىمىگەن، دېۋىدىم، ئېينىشتېيىن: بۇنداق بولىشى ئىنتايىن تەبىئى، چۈنكى، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا بىلدۈردىغانلىرى پۈتۈنلەي مۇقۇملاشتۇرۇلغان پاكىتلار بولىشى كېرەك،دىدى(15)" ئېينىشتېيىننىڭ ئېفىر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدىن قارىغاندا،دەرۋەقە، مېكلىسۇن تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسى تېخى "مۇقۇملاشتۇرۇلغان پاكىت" ئەمەس ئىدى. ئۇ، مېكلىسوننىڭ "سەنئەتكار"ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىسىنىڭ بەك "گۇزەل" ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا تىلغا ئالىدۇ. لېكىن، بۇ تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىگە سۆھبەت جەريانىدا باشتىن –ئاياق پۇزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ. يىغىپ ئېيىتقاندا، بىز يۇقۇرىقىلاردىن ئېينىشتېيىننىڭ ئېفىرنى ساقلاپ قالغانلىغى، مېكلىسۇن تەجرىبىسى بىلەن ئېينىشتېيىن ئىدىيىسى ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت بەزى كىشىلەر ئېيتىپ يۈرگەندەك ئۇنچىۋالا زىچ باغلىنىشقا ۋە بىردەكلىككە ئېگە ئەمەسلىكىنى كۆرۇپ ئالالايمىز.


پايدىلىنغان مەنبەلەر :


(1) جاۋ باۋ جىڭ – "فارادې" – ئۇيغۇرچە نەشىرى – 54-بەت. N.B لېدنك – "مەيدان" – ئۇيغۇرچە نەشىرى- 178-بەت.

(2) (3) "ئىېنىشتېيىن ئەسەرلىرى" – سودا نەشىرىياتى 1977-يىل نەشىرى. 2-تۇم. 83-بەت. بو ماقالە ئەسلى 1905-يىلى 6-ئايدا يىزىلغان. 9-ئايدا "گىرمانىيە فىزىكا ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان.
(4) يۇقۇرىدىكى كىتاپ 84-بەت.
(5) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 1-توم. 125-بەت.
(6) يۇقۇرىدىكى كىتاپ 1-توم. 128-بەت.
(7) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 261-بەت.
(8) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 126-127-بەتلەر.
(9) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 124-بەت.
(10) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 617-بەت.
(11) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 561-بەت.
(12) گېئورگى. گاموف – "فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى" ئۇيغۇرچە نەشىرى. 297-بەت. (13) "ئېينىشتېيىن ئەسەرلىرى" – 1-توم 489-بەت.
(14) يۇقۇرىدىكى كىتاپ 489،561،566،617-بەتلەر. (15) يۇقۇرىدىكى كىتاپ. 563-بەت.


1990
uyghuray

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 12:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 11:29  

كۆرۆنۈپ تۇرۇپتۇكى،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسى ئېفىر مەۋجۈت،دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.ھالبۇكى،مېكىلسۇن-مورلى تەجرىبىسى ئېفىرنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىنكار قىلغان.دىمەك،تارتىش كۈچى دولقۇنىنى ئىسپاتلاشتىن بۇرۇن ئېفىر مەۋجۈت،دىگەن بۇ نۇقتا ئىسپاتلىنىشى ياكى بۇ قېتىم بايقالدى دېيىلگىنى ئالدى بىلەن تارتىش كۈچىنىڭ ئەمەس،ئېفرنىڭ بېۋاستە ئىسپاتى،دەپ تونۇلىشى كىرەك.


以太_百度百科

以太论_百度百科
以太假说_百度百科
爱因斯坦以太观_反相吧_百度贴吧

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 18:49  
qwertyui يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 12:37
مەشھۇر شەخىس بولاي دەپ...

( بىر شۆھرەتپەرەسنىڭ تىلىدىن)


131306299.jpg



رەسىمدىكىسى  بۇ بۇقېتىم بايقالدى دېيىلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ دولقۇن شەكلى ئىكەن.مۇھاكىمە قىلىدىغان نۇقتا:
1.بۇ،ئېفىرنىڭ تەۋرىنىشمۇ،بۇنداق دولقۇنغا زەررىچە ھەمراھ ئەمەسمۇ؟
2.بۇ،زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلىمۇ؟زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى بولسا بۇ زەررىچىنىڭ ئىسمى نىمە؟
3.تارتىش كۈچى رادىئاتسىيىسى تارقىتىش دىگەن گەپ بار.مەنبەدىن تارقىلىۋاتقىنى رادىئاتسىيە بولسا ئۇ زەررىچە بولىشى كىرەك.بۇ ھالدا ئېفىر نىمىگە لازىم بولۇپ قالدى؟


引力辐射_百度百科
uyghuray

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 13:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 15:36  

"كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشلۇققا ئاللىقاچان فىزىكىلىق خاراكتىر بېرىلگەن بولىدۇ...ئېفىر بولمىغان بىرخىل بوشلۇقنى تەسەۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق بوشلۇقتا يورۇقلۇق تارقىلالمايلا قالماي، بەلكى،ئۇنىڭدا ئۆلچىگۇچ ۋە سائەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس(6)".
_________________________________

ئەسكەرتىش:
يۇقۇرقى ئۆلچىگۇچ نى-مېتىر،دەپ  چۈشۈنۆشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.ئەينى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلغاندا دىققەت قىلماي،سەھۋەن تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىكەنمەن.


فىزىكىلىق خارەكتىر



物理学专业术语,关于物理性质的定义有两个,一是指物质不需要经过化学变化就表现出来的性质, 二是指物质没有发生化学反应就表现出来的性质叫做物理性质
فىزىكا كەسپى ئاتالغۇسى،ئادەتتە ماددىنىڭ خېمىيىۋى ئۆزگىرىشكە قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئىپادىلىگەن خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.ئىككىنجىدىن ،ماددا خېمىيىلىك رىئاكسىيەگە قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئىپادىلىگەن خۇسۇسىيەت  فىزىكىلىق خارەكتىر دەپ ئاتىلىدۇ.

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 19:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 19:16  

تارتىش كۈچى دولقۇنى،تارتىش كۈچى،زامان-ماكان ئەگرىلىگى قاتارلىقلارنى چۈشۈنۈشتە زامان(ۋاقىت)نىڭ بۇنداق ئىدىيەلەرنى تىكلەشتىكى رولىنى شۇنداقلا زاماننىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈش كىرەك.ئالاقىدار يازمىلاردا ئېينىشتېيىن زاماننى بىر تۇيغۇ،ئوبىكتىپ مەۋجۈتلۆك ئەمەس،دەپ قارىغان دەپ يېزىلغان. ھالبۇكى،مۇشۇ زامان ئېينىشتېيىن ماكان - زامان ئەگرىلىك ئىدىيىسىدە ئوبىكتىپ مەۋجۈتلۆك سۈپىتىدە قوللۇنۇلغان.بۇ بىر لوگىكىلىق زىدىيەت ئەمەسمۇ؟:

پايدىلىنىش:

كىراگ كالىندېر:زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟


ئالبېرىت ئېينىشتىيىن:بوشلۇق قۇرۇلمىسى

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 21:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 22:18  
ziya يوللىغان ۋاقتى  2016-2-26 13:37
"كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشل ...

كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بوشلۇققا ئاللىقاچان فىزىكىلىق خاراكتىر بېرىلگەن بولىدۇ...ئېفىر بولمىغان بىرخىل بوشلۇقنى تەسەۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.

_____ ئېينىشتېيىن

______________________

ھازىر ئالەمدە ئېينىشتېيىننىڭ ئۈزلۆكسىز دەپ قارالغان ئەگرى زامان-ماكان ۋە ئېفىر ئىدىيىسىنى تەدبىقلىغىلى بولمايدىغان غايەت زور قۇرۇق بوشلۇقلار بايقىلىپ بولدى.ئۇلاردا فىزىكىلىق خارەكتىر بار دېگىلى بولمايدۇ.ئىلىم دۇنياسى تارتىش كۈچى دولقۇنى تەنتەنىسىنى قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنى،ماكان -زامان ئەگرىلىكى ئىدىيىسىنىڭ ئالدىنقى شەرىتلىرىنىڭ ئاللىقاچان بەربات بولغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ!
غايەت زور ۋاكىئوم ھالەتلەرنىڭ بايقالغانلىغى نىيوتۇننىڭ مۇتلەق جىم ،تەكشى ۋە چەكسىز بولغان ماكانىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىسپاتلىدى!

پايدىلىنىش:

巨型宇宙空洞_百度百科
不可思议的神秘宇宙空洞
科学家解密7亿光年宇宙空洞 或为平行宇宙通道
宇宙惊现大空洞颠覆大爆炸论据美国《科学日报》8月23日报
NASA发现星团内巨大空洞 或为宇宙最冰冷角落_网易探索
宇宙最大单体被发现 宽18亿光年

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17686
توردىكى ۋاقتى: 8105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-26 22:38:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئينىشتېيىن زامان-ماكان ئەگرىلىكى،تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىنى تۇرغۇزغان ۋاقىتتا ئالەمدىكى قۇرۇق بوشلۇقلارنىڭ مەۋجۈتلىكى ئىسپاتلانمىغان ئىدى.شۇڭا،ئېينىشتىيىننىڭ ئۈزلۆكسىز ماددى موھىت تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا(گەرچە ئېفىر ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ)ئەينى ۋاقىتتىكى مەيدان نەزەريىسى غەلىبە قىلىۋاتقان تارىخى شارائىتتا ئانچە بەك چەكلىمە يوق ئىدى،دەپ قارىساق بولىدۇ.ئېينىشتېيىن غايەت زور ۋاكىئوم ھالەتنىڭ مەۋجۈتلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇچراشقان بولسا،ئۆزىنىڭ ئۈزلۆكسىز زامان-ماكان ئەگرىلىكى،تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىلىرىدىن ۋاز كېچىشى مۆمكىن ئىدى.لىكىن،ھازىر بىز  ئېينىشتېيىننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىنى رەت قىلىدىغان  ئاساسلىرىمىز يېتەرلىك تۇرۇغلۇق بۇ ئىدىيەلەرگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلالمايۋاتىمىز.نەتىجىدە،پەلسەپەۋى يېلتىزى زىدىيەتكە تولغان بۇ ئىدىيە ھازىرغىچە ئىنسانىيەتنىڭ تىراگكومىدىيىسى بولۇپ كەلمەكتە!


空洞_百度百科
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )