قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2244|ئىنكاس: 19

چېقىن: چاۋشيەنچە ئوبزور ۋە سۆكۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

100

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57047
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 19:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامان تارىخنىڭ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىنىدىغان دەرىجىدىن
تاشقىرى ھاراملىق ـــ پارك گيۇنخاي


پارك گيۇنخاي

پارك گيۇنخاي

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى يېقىندا «ھامان تارىخنىڭ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىنىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ھاراملىق ـــ پارك گيۇنخاي» ماۋزۇسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ پارك گيۇنخاينى ئەشەددىي تەنقىد قىلغان،تولۇق تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

چاۋشيەن ۋودورود بومبىسى سىنىقى ۋە سۈنئىي ھەمراھ «نۇرلۇق يۇلتۇز 4-نومۇرلۇق»نىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.

بۇ كاتتا نەتىجىلەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى مىننەتدارلىق ۋە خۇشاللىق قايناملىرىغا غەرق ئەتتى.

لېكىن پارك گيۇنخاي دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇ ئەسەبىي غالجىرلىشىپ، كۈن-تۈن توختىماي قۇسۇر ئىزدەپ، كىشىگە تەلۋىلەرچە بوھتان چاپلاپ، ھازازۇللۇقىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، پۈتكۈل چاۋشيەن ئارمىيە-خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭغا قارىتا يامغۇر كەبى تەنقىدلەرگە سەۋەب بولدى.

نۆۋەتتە، پۈتكۈل چاۋشيەن خەلقىنىڭ غەزىپى ئېشىپ، نەپرىتى تاشماقتا.

ئېنىقكى، چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقىدا ئۇتۇق قازانغىنى، پارك گيۇنخايغا ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك ساراسىمە سالغان. ئۇ ئەقلى-ھوشىدىن ئايرىلىپ، كۆكساراي گەمىسىدىكى قوماندانلىق ئىشتابىغا ھودۇقۇشتا مۈدۈرۈلۈپ-سوقۇلۇپ كىرىپ كەتتى.ئاندىن جىددىي قوماندانلىق ئۆيىدە چوماقچىلىرى بىلەن ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى مەجلىسى» ئېچىپ، يەنە قانداقتۇر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇشتى، قىلمىغىنى قالمىدى.

كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايدىغىنى، پارك گيۇنخاي ۋە ئۇنىڭ ھاماقەت گوماشتىلىرى ھەربىي ئىشلار پاسىلىدا يەنە چاۋشيەنگە قارشى رادىيو تەشۋىقاتىنى قايتا باشلىماق بولدى، مانا بۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىردىنبىر «تەدبىرى»! ئاتالمىش «چاۋشيەننىڭ ئاجىزلىقى»!

ۋودورود بومبىسىنىڭ زىلزىلىسىدىن ئېسىنى يوقاتقان پارك گيۇنخاينىڭ ئالدىراپ-تېنەپ چىقارغان «رېتسىپى»پەقەت شۇ چىرىكلىكتە ئۇچىغا چىققان كاپىتالىزمنىڭ قارا تەشۋىقاتى بولدى خالاس، ۋاي ئۇنىڭ ھالىغا. كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاق-قارىنى بىلمەيدىغان، ئىش ئۇقمايدىغان كۆكسارايدىكى غالجىر قانجۇق دېگىنى بىكار ئەمەس ئىكەن.

پارك گيۇنخاينىڭ بالايى-ئەزەم بولمىش ۋالاقتەگكۈر سېسىق ئېغىزىدىن بارچە يامان سۆزلەرتوختىماي تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، بۇ ھەم ئاللىبۇرۇن پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۆچمەنلىكى ۋەقارغىشىغا ئۇچرىغان. يادرو مەسىلىسى جەھەتتىمۇ يەنىلا شۇنداق.

مەيلى سېسىقچىلىققا تولغان ئۆز ئۇۋىسىدا بولسۇن، ياكى دۇنيانىڭ ئۇ قېتىدىكى غەرب ئەللىرىدە، ئوكياننىڭ قارشىسىدىكى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن، ئۇ بارغانلىكى يېرىدە ھامان «چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى» كونا مۇقامىنى چېلىپ يۈرۈپ، دۇنيا ئەھلىنىڭ زېرىكىشىنى قوزغىدى.

چاۋشيەننىڭ يادرو بومبىسى ئېنىقكى مىللەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، تۈمەن يىللىق جۇغلانمىسى، بۇنى مۇقەررەر ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش كېرەك، لېكىن پارك گيۇنخاي ئەيمەنمەي «چوڭقۇر ۋە زورتەھدىت»، «ئەڭ يۇقىرى جىددىي ھالەت» دەپ تىل سالماقتا. قېنى ئېيتىڭلار، دۇنيادايەنە كىممۇ ئۇنى نېرۋا پالەچ بولمىش قېرى ھاماقەت ئەمەس، دەپ ئاقلاشقا تىلى بارىدۇ؟

كونا خارماننى سورۇماي تۇرايلى، پارك گيۇنخاي ھەرخىل نەيرەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە كۆكسارايغا كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان، شىمال، جەنۇب ۋە چەتئەللەردىكى بارچە مىللەتداشلارغا قارىتا، قىلچە تەپتارتماي، قولىدىن كېلىشىچە، جېنىنىڭ بارىچە ھاقارەت ۋە بوھتان چاپلىماقتا.

بۇ ۋىجدانسىز قېرى قانجۇقنىڭ رەزىل مەقسىتى بۆلۈنۈش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كورىئان مىللىتىنى تېخىمۇ زور ئازاب ۋە ئوقۇبەتكە دۇچار قىلماقدۇر.

كونىلار«ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن. پارك گيۇنخاينىڭ قىلمىشى كىشىنىڭ يادىغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئىستىبدات ئاتىسىنى سالىدۇ. لېكىن، كورىيە خەلقى يېقىندىن بۇيان ئۇنى ۋەھشىيلىكتە ئاتىسىنى بېسىپ چۈشتى، دەپ ۋايسىماقتا. ۋەتەن ساتقۇچ لى سىنمان ئىلگىرى ئامېرىكىغا 2 مىليون دەن گۈرۈچ سوۋغا قىلىپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىدىغان قورال-ياراغلارنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىن تېخى زەررىچە ئەيمەنمەستىن «ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردۇم» دەپ بىلجىرلىغان. ھالا بۈگۈنلۈكتە، لى سىنماننىمۇ ھەيرەتتە قويغىنى باشقا بىراۋ ئەمەس،دەل پارك گيۇنخاي. گەرچە ئامېرىكاپەرەس جېدەلخورلۇق ۋاباسى ئاللىبۇرۇن ئۇستىخىنىدىن ئۆتۈپ ئىلىكىگە تاراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پارك گيۇنخاي يەنىلادۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەيىبلەش ۋە نارازىلىقلاردىن ئەنسىرەيدۇ، خۇددى ئوغرى مۈشۈكتەك كۈندە تۈن نىسپىدە خۇپىيانە قەتئىي مەخپىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى توشۇپ كىرمەكتە، لېكىن بۇنى جامائەتكە ئاشكارىلاشقا يۈرىكى يوق.

پارك گيۇنخاي ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا غوجا ئاكىسى ئامېرىكىدىن يادرو قوراللىرى كىرگۈزۈش بىلەن بولدى قىلماي، يەنە جېنىنىڭ بارىچە شۇلارنى كورىيەدە مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرماقچى.

ئامېرىكاپەرەسلىك قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن پارك گيۇنخاي يەنە تېخى كورىئان مىللىتىنىڭ يۈز يىللىق كونا دۈشمىنى بولمىش ياپون ئالۋاستىلىرىنى قۇتقۇزغۇچى ئىلاھ دەپ بىلىدىغان،«زامانىمىز خائىنلىرى»نىڭ «تولۇق ھوقۇقلۇق» ۋەكىلىدۇر.

مىلىتارىزمنىڭ زەھەرلىك يىلىنى بولمىش ياپونىيە ئەكسىيەتچىلىرى چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن غالجىرلارچە سۈيقەست پىلانلىماقتا، لېكىن پارك گيۇنخاينىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، كۈپكۈندۈزدە، تېخى خەلقى ئالەم ئالدىدا ياپونىيە بىلەن ئاللىقانداق «كېلىشىم» ئىمزالاپ ئۆزىنىڭ ئەسەبىي جىنايىتىنى ياپماق بولدى، يەنە تېخى نومۇسسىزلارچە ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى «ھال سورىغۇچى ئايال»ھەيكىلىنى يۆتكەپ تاشلاشقا ماقۇل بولدى.

ئەگەر پارك چۇڭخېينى ۋەتەننىڭ پارچىلىنىشىدىكى باش جىنايەتچى دېسەك، ئۇنداقتا پارك گيۇنخاي تېخىمۇ زەھەرخەندە! كورىئان مىللىتىنى مەڭگۈلۈك پارچىلاش غەرىزىدە، ئۆزئارا ئىشىنىشمەسلىكنى كۈچەيتىدىغان، قارشىلىشىش ۋە ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتىدىغان چاۋشيەنگە قارىتا رادىيو قارا تەشۋىقاتى ۋە ۋاراقچە قارا تەشۋىقاتى قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قايتا ئىشقا سالدى.

مەيلى كىم بولسۇن، بىراۋ پەقەت ئۆنىڭ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازىغا پايدا يەتكۈزەلمىسە، ھەر ۋاقىت شۇنىڭ كاچىتىدىن ئوت چىقىرىشقا تەييار، مانا بۇ پارك گيۇنخاينىڭ ياشاش ئۇسۇلى.

قارىغاندا،ۋودورود بومبىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق پارتلىشىدىن كېيىن، «نۇرلۇق يۇلتۇز 4-نومۇرلۇق»سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆككە تاقاشقان ئىس-تۈتەكلىرى، پارك گيۇنخاينى پۇتى كۆيگەن توخۇ قىلىۋەتكەن ئوخشايدۇ.

ئۇ بارچەشايكىلىرىنى توپلاپ، كاللا قاتۇرۇپ تاپقان رەزىل ئامالى ئالدى بىلەن كائىسۇن سانائەت باغچىسىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق كورىيە خادىملىرىنى 500 نەپەرگە قىسقارتىش،ئاندىن كائىسۇن سانائەت باغچىسى يۈرۈشتۈرۈش تەمىناتىنى «پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش»بولدى. بۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تەڭرى بەرسۇن.

كائىسۇن سانائەت باغچىسى كورىئان مىللىتىنىڭ بۆلۈنۈش ئازابىنى ساقايتىشتىكى «15-ئىيۇن»سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر، ئۈمىدنىڭ سىمۋولىدۇر. كورىئان مىللىتى كائىسۇن سانائەت باغچىسىدىن مىللەتنىڭ يارىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش ئۈمىدىنى، ئۇزاققا قالماي جەنۇب-شىمال بىرلىككە كېلىشتەك بۈيۈك مەنزىرىنى كۆرگەن ئىدى.

لېكىن پارك گيۇنخاينىڭ مۇشۇنداق بىر سانائەت باغچىسىنى قىلچە سەۋەبسىزلا قەبرىگە تاشلىشى كەچۈرگىسىز گۇناھدۇر، بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئۇنى قاتىل دېيىشمۇ ئازلىق قىلغۇسى.

پارك گيۇنخاي يەنە ھاماقەتلەرچە ئالجىپ، كائىسۇن سانائەت باغچىسى مەشغۇلاتىنى «تولۇق ئۈزگەنلىك»، چاۋشيەننىڭ يادرو ۋە سۈنئىي ھەمراھ مەسىلىسىگە بېرىلگەن «ئېغىر جازا»،«مىسلىسىز بەدەل» دەۋالدى.

بۇنىڭدىن بىز پارك گيۇنخاينىڭ سان-ساناقنىمۇ ئۇقمايدىغان، قولىدىن پوق كەلمەيدىغان، ئىنتايىن قابىلىيەتسىز ئەڭ چوڭ كالۋا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنى تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىسپاتلايدۇ.

كائىسۇن سانائەت باغچىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئون يىلدا، كورىيە كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي كىرىمى 2.3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، ساپ كىرىمى 3.26 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. كائىسۇن سانائەت باغچىسى تاقىۋېتىلسە 124 دائىمىي كارخانا ۋە6000دىن كۆپ ھەمكارلاشقۇچى كارخانىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كورىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ، بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىك زىيانلارنى ھېسابلاپ كەلسەك ئېنىقلا ئاسترونومىيە رەقىمى بولىدۇ.

كۈلكىلىك يېرى شۇكى، پارك گيۇنخاينىڭ كالتە پەمى بويىچە كائىسۇن سانائەت باغچىسى تاقىۋېتىلسىلا «چاۋشيەنگە كىرىدىغان مەبلەغ»نى ئۈزۈۋەتكىلى، چاۋشيەننىڭ يادرو تەتقىقاتى ۋە ئالەم بوشلۇقى كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئارزۇسىنى بىتچىت قىلغىلى بولارمىش.

پارك گيۇنخاي گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ سەمىدە بولسۇنكى: كائىسۇن سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا، چاۋشيەن ئاللىبۇرۇن يادرو پىلانىغا قارىتا يىراقنى كۆرەر تەدبىرلەر قوللانغان. تىنچلىق ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى قىلىشمۇ ھەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

دەل شۇنداق بولغاچقا، كورىيە ئاممىسى پارك گيۇنخاينىڭ ئاغزىدىكى ئاتالمىش«ئېغىر جازا»،«مىسلىسىز بەدەل»لەرنى پەقەتلا «ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىش»، «ئۆزىنى بەزلەش»،«ئاممىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان زىيانكەشلىك قىلمىش»، «ئۆزىنىڭ پۇتىنى ئۆزى يەنجىگەنلىك» دەپ ۋايسىماقتا.

پارك گيۇنخاينىڭ ھېچبىر ئىشى دەۋر ئېقىمىغا ماس ئەمەس، بارچە قىلمىشى «ۋەتەننى ئېلىشىغا سېتىش»دەك كەچۈرگىسىز ئېغىر گۇناھدۇر!

پارك گيۇنخاينىڭ ناچارلىققا تولغان قاسماق گەۋدىسىنىڭ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىنىشىغائازلا ۋاقىت قالدى. (تامام)

                        ــــــ چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى

مەنبە: يازغۇچى سۈي چېڭخاۋنىڭ مىكرو بىلوگىدىنئېلىندى
http://weibo.com/ttarticle/p/show?id=2309403945365547129202

سۈي چېڭخاۋنىڭ ھەقىقىي چاۋشيەنلىك ياكى جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم، بەزى تورداشلار ئۇنى جۇڭگولۇق دەيدۇ،بەزىلەر كورىيەلىك دەيدۇ، ئۆزى چاۋشيەنلىك دەيدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،چاۋشيەن ۋە 3-سېمىز ھەققىدىكى يېڭى خەۋەرلەرنى تولىمۇ «ئەستايىدىل يوسۇندا»ساتىرىك ئۇسۇلدا يوللاپ تۇرىدۇ. بەزىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى ئىش-ۋەقەلەرگىمۇ«تېپەكتە بىر يارا، قامچىدا بىر ئىز» قالارلىق باھالارنى بېرىپ تۇرىدۇ. مىكرو بىلوگى بارلار پىنتوزىلىققا قوشۇلۇپ قويسىڭىزلار بولىدۇ. مەزكۇر ئوبزور سۈي چېڭخاۋنىڭ ئەمەس، دېيىلىشىچە چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورى ئىكەن، سۈي چېڭخاۋنىڭ مىكرو بىلوگىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.


uyghuray

4

تېما

10

دوست

8385

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2518
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 14:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkak007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-29 14:11  

ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنچە بولسا،ئادەملىرى ئۇرۇشۇپ،تىللاشقاندا قانچىلىكتۇ..........

3

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6240
توردىكى ۋاقتى: 1007
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 15:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم بودەكنىڭ بۇرنىغا ئۈلۈم پۇراۋاتقان چېغىۋا .
نىمانداق قاملاشمىغان بىمەنە ئوبزۇر بۇ ، سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكىنى دىمەيلا تۇرايلى ،
چاۋشەن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئوبزورى بولمىش مەزكۇر يازما ،
دۇنيا بۇيىچە پەقەت ساددا چاۋشەن پۇقرالىرنىلا ئالدىيالىشى ، كۆڭلىنى خوش قىلالىشى مۇمكىن .

دۇنيا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تۆھپە قۇشىۋاتقان ئاسيادىكى تۆت يولۋاسنىڭ ئىىككىسى بولغان ياپۇنىيە بىلەن كورىيەنى بۇنداق ساپاسىز تىل بىلەن ھاقارەتلەش بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، چاۋشەننىڭ يۈزىنى تېخىمۇ چۈشۈرىشى مۇمكىن .

0

تېما

9

دوست

2091

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40556
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 17:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلېۋىزىيەدىكتورلىرى ئ‍الامەتكەن تىخى!خەۋەردىسۆزلەيدىكەن. تۇرۇپ، بەك قوپال ھاياجان بىلەن سۆزلەيدىكەن.دۆلىتىمىزدەك ئ‍ىشىكنى ئ‍ىچىۋىتىپ،بازارئىگلىكىنى قويىۋەتسە،بىچارەچاۋشەنلىكلەرنىڭ كۆزى ئ‍ىچىلىپ قالاربولغىيدى.
uyghuray

25

تېما

2

دوست

3044

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 23:57:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارك گيۇنخاي دېگەن كىمۇ ئەمدى؟

6

تېما

0

دوست

2739

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 725
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 00:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turkan0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 15:01
كىم بودەكنىڭ بۇرنىغا ئۈلۈم پۇراۋاتقان چېغىۋا .
نىماندا ...

ناۋاتتەك ئىنكاس! بۇ ئوبزور بىكىنمە ھالەتتە نامراتلقتا-ئاچارچلىقتا ياشاۋاتقان شىمالى كورىيەلىكلەرنىلا ئالدىيالىشى مۇمكىن......

زەنجىر پالىۋان

0

تېما

1

دوست

2540

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17196
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 800
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 00:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرانىمدىكى  كۇنۇپكا  پالۋانلىرىمۇ  بۇنىڭدىن  ساپالىقراق  تىللىشاتتى  بۇرۇن   .،..   

0

تېما

2

دوست

2724

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44993
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 00:36:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋىرگە ئائىت يېزىلغان رومانلاردا تەسۋىرلەنگە قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ماقالىسىگە ئوخشايدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )