قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2521|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەلكۈن: ئەنگىلىيەدە ئوقۇش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

22

دوست

6506

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2494
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 07:16:33 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئەنگىلىيەدە ئوقۇش ھەەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


سالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار! مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەمما بۇ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يوللىرىنى تېپىشتا قىيلىنىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ مەندىن بۇ ھەقتە ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خەت تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. مانا شۇ ئىلىمخۇمار، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار، ئۆزلىرىگە تەلەپكار ياشلىرىمىزنىڭ  تۈرتكىسىدە مەن بۇ ھەقتە ئەنگلىيىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلىرىمىزغا ئەمەلىي بىر ياردىمى بولىدىغان مەلۇمات خاراكتېرلىك بىر تېما يېزىشنى نىيەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ خىزمەت ۋە ھاياتتىكى تۈرلۈك - تۈمەن ھەلەكچىلىكلەر سەۋەپلىك ۋاقىتدا ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىپ بولالماي كەلگەن ئىدىم. مانا يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاز - تولا ۋاقتىم بولۇپ مەن خالىس ئۈستۈمگە ئالغان بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئىستەكلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇپتىمەن.

خوش، ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك مەن بۇ يازما ئارقىلىق ئەگەر ھەر بىر  ئىلىم سۆيەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ  ئىمكانى يار بەرسە قايسى ئەلدە ياخشى بىلىم بولسا شۇ ئەلگە بېرىپ ئوقۇشى، ئەمما تۈركىيە ياكى مىسىر، ياپونىيە ياكى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش بىلەنلا  چەكلەنمەسلىكى، يېقىنى زامان دۇنيا ئىلىم - پەن ۋە مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان  ئەنگلىيىگىمۇ  كېلىپ ئوقۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ياشلىرىمىزغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنى توغرا بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلدىم.

ئەمدىكى سۇئال سىز نېمىشقا بۈيۈك بېرىتانىيە (ئەنگلىيە) گە ئوقۇشقا بارىسىز؟ ئەنگلىيە زادى قانداق بىر دۆلەت؟ سىز بۇ دۆلەتتە ئوقۇسىڭىز نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟ قېنى، ئۇنداقتا تۆۋەندە بۈيۈك بېرىتانىيە (ئەنگلىيە) توغرىسىدىكى قىسقىغىنە ساۋاتقا دىققىتىڭىزنى بەرگەيسىز  

بۈيۈك بېرىتانىيە (ئەنگىلىيە)

خەلقىمىزگە «ئەنگىلىيە» تونۇلۇپ كەلگەن بۇ دۆلەتنىڭ رەسمى نامى «بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.  ئېنگلىزچە  “United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland”. بۇ دۆلەتنىڭ نامى دۇنيادا ئادەتتە قىسقارتىلىپ “Britan” ، “GB – Great Britan” ياكى “UK” (بىرلەشمە پادىشاھلىق) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنگىلىيە خەلقىمىزگە ئەسلى ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان بىر دۆلەت. تارىختا بۈيۈك بېرىتانىيە 1873- يىلى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەمىرى بەدۆلەت ياقۇپبەگ بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ چىنباغدا بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرىيىدە تۇرۇشلۇق رەسمى ئەلچىخانىسىنى تەسىس قىلغان ھەم 10 يىل «قەشقەرىيە دۆلىتى» بىلەن رەسمى سودا ۋە ھەربىي ساھەلەردە دىپلوماتىك ئالاقىلەردە بولغان. سىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تارىخ، جۇغراپىيە ۋە فىزىكا دەرسلىكلىرىدىمۇ بەلكىم نۇرغۇن قېتىملاپ بۇ دۆلەت توغرىسىدا “كۈن ئولتۇرماس ئىمپېرىيە”، “ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى”، “نيۇتوننىڭ ئالمىسى”، “ئەپيۈن ئۇرۇشى”، ، “شېكىسپىر”، “چېرچىل”، “ساچىر خانىم” دېگەندەك تۈرلۈك نام- ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئۆگەنگەن بولغىدىڭىز. ئۇنداقتا بۇ “بۈيۈك بېرىتانىيە” بىلەن بىزگە ھازىر تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئىسىم “ئەنگلىيە” بىر ئۇقۇمممۇ؟ ياق، بۇ بىر ئۇقۇم ئەمەس! ئەنگلىيە پەقەت بۈيۈك بېرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىغا تەۋە 4 كېنىزەكلىكنىڭ بىرسىدۇر. تارىختا ئەنگلىيە 1707- يىلى سىياسىي ئىتتىپاق تەشكىل قىلىپ “بۈيۈك بېرىتانىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى” نى قۇرغاندىن كېيىن كېيىن “ئەنگلىيە” ئىسمى رەسمى دۆلەت ئىسمى قاتارىدا قوللىنىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. گەرچە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى ئاساسەن دېگۈدەك ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئەللەرگە “England” يەنى “ئېنگلىزلارنىڭ يېرى” دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن.

بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ئەنگلىيە (England)، ۋەلىس (Wales)، شوتلاندىيە (Scotland) ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە (Nothern Ireland) كىنەزلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك مۇختارىيەتلىك دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك دۆلەتلەر يەنى كىنەزلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، مائارىپى، تىلى، مىللىي مەجلىسى ۋە  ھۆكۈمىتى بار. ھەتتا شوتلاندىيەنىڭ ئايرىم پۇلى، پارلامېنتى، ئايرىم باشقۇرۇلىدىغان مائارىپى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى بار. بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى پارلامېنت دېموكراتىيىسى ۋە قانۇنلاشتۇرۇلغان پادىشاھلىق تۇزۇمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئايال پادىشا  ئېلىزابېت 2 (Queen Elizabeth II) بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ دۆلەت باشلىقى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت 2 يەنە دۇنيا بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ تەشكىلات – بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ تەشكىل قىلىنغان بۈيۈك بېرىتانىيە ئىتتىپاقى (ئەنگلىيە ئىتتىپاقى – Commonwealth of Nations) تەشكىلاتىنىڭمۇ باشلىقىدۇر.ئايال پادىشا  ئېلىزابېت 2 يەنە بۈيۈك بېرىتانىيە، كانادا، ئاۋۇسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق بۈيۈك بېرىتانىيە ئىتتىپاقىغا تەۋە 16 مۇستەققىل دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى (پادىشاھى) ھېساپلىنىدۇ.  شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت باشلىقى – پرېزىدېنت دەپ ئاتالماي، «باش ۋەزىر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۈيۈك بېرىتانىيە G7 (سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت) ئەزاسى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەڭگۈلۈك 5 ئەزاسىنىڭ بىرسىدۇر. بۈيۈك بېرىتانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە  ھەربىي كۈچى 5 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈيۈك بىرتانىيەدە 2 مىللىيۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار بار، بۇلارنىڭ 80% بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە ياشايدۇ.

لوندون–بۇ ئاجايىپ رەڭدار، تولۇپ-تاشقان رىقابەتكە تولغان، غەرب قىممەت قارىشى، مەنتىقىسى، سانائىتى ۋە كاپتالىزىمىغا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۈلگە بولىدىغان خەلقئارالاشقان بىر شەھەردۇر. بۇ شەھەردە دۇنيادىكى ھەممە مەدەنىيەت، ئىرىقلەر ۋە تىللار ئاساسەن دېگۈدەك تېپىلىدۇ. لوندوندا شەھەردە 8 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ (2013-يىلىدىكى ستاتىستىكا) ۋە بۇ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئېنگلىز تىلىدىن باشقا 300 دىن ئارتۇق يەرلىك تىللاردا سۆزلىشىدۇ. لوندون يۇقىرى ئىختىساس ئىگىلىرى مەركەزلەشكەن بىر شەھەر، بازار ئىگىلىكى ئەركىن، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش خەلقئارالاشقانلىغى ئۈچۈن ئىش رىقابىتى كەسكىن، ئىقتىساد ئىگىلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ.


ئەنگلىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئاۋال قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟


بۈگۈنكى كۈندە ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھەممە كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە قولاي ئاممىباپ ئالاقە ۋاستىسىگە ئايلىنىشى بىلەن تەڭ، ھەرقانداق بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىدا تېپىلىشى بىلەن بىزنىڭ ھاياتىمىزغا زور ئەمەلىي قولايلىقلارنى ياراتتى. مانا شۇ قولايلىقلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ چەتئەللەردە ئوقۇش يوللىرىنى ئىزدەش، ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل ئەۋەتىش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار ئاددىيلاشتى ۋە ئاسانلاشتى. بۇرۇنقىدەك چەتئەللەردە ئوقۇش ئۇچۇن بىرەر ۋاكالەتچى شىركەت ياكى ئادەملەرنى ۋاسىتە قىلىش ۋاقتى ئۆتكەن بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. بۇ تېمىمىز  دەل ئەنگلىيىدە ئوقۇش بولغىنى ئۇچۇن ئەلبەتتە شۇنى پەرەز  قىلالايمىزكى ئەنگلىيىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغا ياشلىرىمىز ئەڭ ئاۋال ئىنگىلىز تىلىدا مۇئەييەن سەۋىيىنى ياراتقان بولىدۇ. يەنىمۇ ئېنىقراق قىلساق ئەگەر سىزنىڭ ئۆز ئېھتىياجىڭىزدىن چىقالىغۇدەك ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىڭىز بولسا سىزنىڭ ئەنگلىيىدە ئوقۇشقا ئۆزىڭىز بىۋاستە ئىلتىماس قىلىشقا ھەممە شارائىتلار بار دېگەننى بىلدۇرىدۇ،  ئەلبەتتە.  ئەگەر سىز ئەنگلىيىدە ئوقۇشقا ئۆزىڭىز بىۋاستە ئىلتىماس قىلسىڭىز  بىرىنچىدىن سىز زۆرۈرسىز ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنالايسىز؛  ئىككىنچىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە يامرىغان چەتئەل مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى كەسىپ قىلىپ ئوتتۇرىدىن پۇل ئۈندۈرۈىدىغان “ۋاستىچى” لارغا ئارتۇق پۇل تۆلەشتىن ھەم ساقلىنالايسىز. بۇ يولىنىڭ ھەممىسى سىز ئۇچۇن پايدىلىق.

سىز ئەنگلىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك شەرتلەرنى ھازىرلاشىڭىز زۆرۈر، بۇلار:

ئەگەر سىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەت پۇقراسى بولۇپ، ئەنگلىيە ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە، ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىق ياكى تولۇق كۇرسلىرىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئاساستا ئەنگلىيە كۆچمەنلەر ۋە ۋىزا باشقۇرۇش ئىدارىسى بەلگىلىمىسىنىڭ  Tier 4 - General student visa studying in the UK   كۆرسەتمىسى بويىچە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلالايسىز، يەنى -

- يېشىڭىزنىڭ 16 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولغان بولۇشى؛
- ئەنگلىيىدىكى ئۇنۋېرسىتېت سىزنىڭ ئوقۇش ئىلتىماسىڭىزنى قوبۇل قىلغان بولۇشى؛
-سىزنىڭ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىڭىز چوقۇم يېزىش، ئوقۇش ۋە ياخشى چۈشىنىش دەرىجىسىدە بولۇشى؛
-سىز چوقۇم ئىنگىلىز تىلى SELT - Secure English Language Test  ئىمتىھانىدىن لاياقەتلىك ئۆتكەن بولىشىڭىز ؛
- سىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇشىڭىزنى قامدىغۇدەك  ئىقتىسادى ئاساسىڭىزنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ (بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇلى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەپ بېكىتىلىدۇ )

سىز بىرىنچى قەدەمدە يۇقۇرىدىكى شەرتلەرنى ئورۇنداپ، ئوقۇش ۋىزىسىى ئېلىش رەسمىيەتلىرىڭىز مۇۋپپەقىيەتلىك بولۇپ ئەنگلىيىگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن تولۇق كۇرستا ئوقۇشنىڭ ئېنگلىس تىلى تەييارلىق كۇرسى (ئادەتتە 6 ئاي ياكى بىر  يىللىق بولىدۇ) نى نەتىجىلىك پۈتتۈرگەندىن كېيىن تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق (PhD) قاتارلىق سەۋىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن قايتىدىن ئىلتىماس قىلىسىز ۋە ئوقۇش ۋىزىڭىزنى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئوقۇش مۇددىتىڭىز بويىچە داۋاملىق ئۇزارتىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالايسىز.


Study_UK_student_visa.jpg



ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر ۋە ۋىزا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2016- يىلى 26- فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان (licensed Tier 4 sponsor) ئۇقتۇرۇشىدا بۈيۈك بېرتانىيىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇش ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى بار بولغان بارلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەگەر سىز يۇقۇرىدىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئاساستا مۇشۇ تىزىملىكتىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز، ئەگەر ئىلتىماسىڭىز  قوبۇل قىلىنسا، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى سىزگە ئەنگلىيىدە ئوقۇش ۋىزىسى بېرىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://www.gov.uk/government/uploads/system/uploads/attachment_data/file/503557/2016-02-26_Tier_4_Register_of_Sponsors.pdf


يەنە يۇقۇرىدىكى شەرتلەر ئاساسىدا ئەنگلىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ۋاقىت - تەرتىپلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

- سىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان جۇڭگو بانكىسىدىن بانكا ھېسابى ئېچىشىڭىز ۋە بۇ بانكا ھېسابىڭىزغا ئەڭ ئاز بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئەنگلىيىدە بىر يىلدىن ئارتۇق ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىڭىزغا يەتكۈدەك پۇل قويۇشىڭىز  ۋە بۇ پۇلىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋىزا ئېلىشقا بارغاندا دەلىل قىلىپ كۆرسىتەلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى:

- ئوقۇش ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغاندا ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى ئەگەر سىزنى يۈز تۇرانە سۆھبەتكە چاقىرتسا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى باكا ھېسابىڭىزدا يېرىم يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان پۇلىڭىزنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىسپات كۆرسىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىنىدۇ؛

- مەكتەپكە تۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلىنىڭ ئەلبەتتە شۇ ئۆزىڭىزنىڭ بانكا ھېسابىدىن تور ئارقىلىق ياكى بانكا پۇل مۇلازىمىتى ئارقىلىق تۆلەنگەن بولۇشى كېرەك؛

-  يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش شۇكى سىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن دىپلومىڭىزدىن تارتىپ، ئۆي ئادرېسىڭىز، كىملىك كېنىشكىڭىز، پاسسپورتىڭىز، بانكا ھېسابات ۋە كارتىڭىزدىكى ئىسىملىرىڭىزنىڭ يېزىلىشى (ئۇيغۇرچە، خەنچە، ئېنگلىزچە) بىردەك ئوخشاش يېزىلىشى، توغۇلغان ئاي -كۈن ۋە ئادرېسىلىرىدە ھىچ بىر خاتالىق بولماسلىقى كېرەك.

-  ئەگەر سىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگەنگەن بولسىڭىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياكى ئالى مەكتەپلەردە ئىنگىلىز تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئوتتۇراھال دەرىجىگە يېقىن ئوقۇش، يېزىش، چۈشىنىش سەۋىيىسىنى ياراتقان بولسىڭىز؛

-  ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى - يەنى ئەڭ ئاز بولغاندا سىزنىڭ ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىيالايدىغان بولۇشىڭىز؛

سىز بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئاساستا سىز ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئەنگىلىيىنىڭ يۇقۇرىدىكى تىزىملىكتىكى (licensed Tier 4 sponsor) ئالى مەكتەپلىرى بىلە ئۆزىڭىز ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىسىز. (ئادەتتە مۇشۇ تىزىملىكتىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تور بەتلىرىدە سىزنىڭ مەكتەپكە قانداق ئىلتىماس قىلىشىڭىز، ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى قانداق تولدۇرۇشتىن تارتىپ بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچىلەر بەرگەن بولدۇ)

سىز بارلىق تەلەپ ۋە شەرتلەرنى ھازىرلاپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئىلتىماسىڭىز قوبۇل قىلىنسا سۇ ئالى مەكتەپ سىزگە ئلېخەت ئارقىلىق ئوقۇشقا قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىكى “ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش خېتى” نى ئەۋەتىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا سىز ئەنگلىيىدە ئوقۇش ئۇچۇن ئەڭ ئالدىنقى ئىككى نېگىزلىك شەرتنى ئاۋال ھازىرلىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىڭىز. بۇ دېگەنلىك سىز چوقۇم SELT - Secure English Language Test ئىمتىھانى بىلەن International English Language Testing System (IELTS دىن لاياقەتلىك نەتىجە بىلەن ئۆتۇشىڭىز، ئىككىنچىسى بولسا ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز يار بەرگەن بولۇشى كېرەك.

ئەنگلىيىدىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشتە ئادەتتە International English Language Testing System - IELT ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشنى شەرت قىلىدۇ. يەنە بىرقىسىم ئالى مەكتەپلەردە SELT - Secure English Language Test ئىمتىھانىسىدىن ئۆتسىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەر بولسا سىزنىڭ ئىنگىلىز تىلە سەۋىيىڭىزنى ئۆزلىرى ئىمتىھان ئېلىپ سىنايدۇ. شۇڭا ئەڭ توغرا ئۇسۇل سىز ئۆزىڭىز ئوقۇيدىغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللىغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئوقۇشقا كىرىشنىڭ قانداق شەرتلىرى بارلىقى ھەققىدە ئېلخەت يېزىپ سورىغىنىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىز ئوقۇماقچى بولغان ئالى مەكتەپنىڭ قايسى خىلدىكى ئىنگىلىز تىلى ئىمتانىسىدىن ئوتۇشىڭىزنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئالدىدىن بىلەلەيسىز ۋە شۇ بويىچە تەييارلىق قىلالايسىز.

International English Language Testing System - IELTS ئىمتانسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى تور ئادېرىسلىرىدىن كۆرەلەيسىز:
https://www.ielts.org/what-is-ielts/ielts-introduction
https://www.ielts.org/what-is-ielts/ielts-for-migration/united-kingdom
https://www.ielts.org/about-the-test/two-types-of-ielts-test
http://www.cambridgeenglish.org/exams/ielts/whats-in-the-test
http://www.educationuk.org/global/articles/english-language-tests-for-uk-international-students

ئەنگلىيىدە قىسقا مۇددەتلىك ئىنگىلىز تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇش

ئەگەردە سىز 6 ئايلىق ياكى بىر يىللىق ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇچۇن ئەنگلىيىدىكى ئىنگىلىز تىلى مەكتەپلىرىنىڭ تىلى كۇرسىدا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلماچى بولسىڭىز، “Tier 4 student visa” غا ئىلتىماس قىلىسىز . سىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسىڭىز  ئىنگىلىز تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنالايسىز ۋە ئوقۇش ۋىزىسى ئالالايسىز:

- يېشىڭىز 16 ياشتىن يوقىرى بولسا؛
- سىز ئەڭ كەم بولغاندا ئىنگىلىز تىلىنىڭ باشلانغۇچتىن يۇقىرى ياكى ئوتتۇراھال سەۋىيىسىگە يېقىنراق سەۋىيىڭىز بولغان بولۇشى؛ ياكى ئادەتتىكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسىدە سۆزلىشىش، ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىڭىز؛
- IELTS ياكى SELT قاتارلىق ئاكادېمىك ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۇشىڭىز تەلەپ قىلمايدۇ؛
- ئۆزىڭىز توغۇلغان دۆلەتتە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشقان گۇۋانامىلىرىڭىز بولسا ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

بۇ خىلدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئۇچۇن ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ئەتراپلىق بىلىۋالالايسىز:

http://www.educationuk.org/global/articles/english-language-tests-for-uk-international-students

https://www.gov.uk/study-visit-visa

قىسقىسى، مەيلى ئەنگىلىيىدە ئالى مەكتەپلەردە ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇش بولسۇن، ئەنگىلىيىدە رەسمى مەكتەپتە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق خېتى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيىدە ئوقۇش ۋىزىسى ئېلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق رەسمىيەتلەرنى تەييارلاپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ  تور ئارقىلىق ئەنگلىيە ۋ ف س ۋىزىسىگە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇش ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىشتا تەييارلايدىغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئەنگىلىيىنىڭ جوڭگۇ ئەلچىخانىسى تور سەھىپىسىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن، تور ئادرېسى:

http://www.vfsglobal.co.uk/china/applicationcentre.html

https://www.gov.uk/tier-4-general-visa

ئەگەردە سىز ئەنگلىيىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، ئەنگلىيە كۆچمەنلەر ۋە ۋىزا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى سىزنىڭ “ئەنگلىيە ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى ئىلتىماسى” (Tier 4 Student Visa application) ھەققىدە تېلېفون ياكى تور ئارقىلىق بىۋاستە ياردەمدە بولىدۇ. سىز تۆۋەندىكى تور ئادرېسقا كىرىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن ئۇلارغا خەت يېزىپ ئۆزىڭىز قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغان مەسىلىلەر ھەققىدە بىۋاستە ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ:

http://www.ukimmigrationco.com/study-visas/tier4-student-visa.php?infinity=ict2~net~gaw~ar~91421738709~kw~uk%20student%20visas~mt~p~cmp~Tier%204%20-%20Student%20Visa~ag~Student%20Visas%5BPhrase%5D&gclid=COymztvOlcsCFcE_Gwod7Z8GmQ


ئەنگىلىيىدە ئوقۇش ھەققى


ئەنگىلىيىدە ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئىنگىلىز تىلى قوللىنىدىغان باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر يۇقىرى، بۇ بەلكىم ئەنگلىيە  پۇند ستېرلىڭنىڭ قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. 2015-2016 يىللىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئوتتۇراھال ھېساب بىلەن چەتئەللەردە  كېلىپ ئوقۇغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى £ 13،00 پۇند ستېرلىڭ ئەتىراپىدا بولغان.  

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارمىقىدىكى Queen Mary ئۇنىۋېرسىتى 2016- 2017- يىللىق ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ھەققىنى ئالدىدىن ئېلان قىلغان. مەسىلەن ”پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش” كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى £13، 250 دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:  

http://www.topuniversities.com/student-info/student-finance/how-much-does-it-cost-study-uk

دۇنيادىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالايدىغان ئورنىنىڭ (Top Universities) تورىدا كۆرسىتىشىچە 2015- يىللىق ئەنگلىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن £11،987 بولغان. تولۇق كۇرسلارنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى بولسا £12،390 بولغان. دېمەك بىر چەتئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ بىر يىلدا ئەنگىلىيىدە ئوقۇشى ئۇچۇن ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن £24،000 ($35،710)  پائۇند سىتېرلىڭ خىراجەت كېتىدۇ.

http://www.topuniversities.com/student-info/student-finance/how-much-does-it-cost-study-uk

ئەنگلىيىگە كېلىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئوقۇش مەۋسۇمى ئىچىدە بىر ھەپتىدە 20 سائەت قانۇنلۇق ھالدا ئىشلەش ھوقۇقى بولىدۇ. سىز “Tier 4 student visaا” ئالغان ۋاقتىڭىزدا پاسسپورتىڭىز ئۈستىگە چاپلانغان ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىڭىزدە سىزنىڭ قانچە سائەت ئىشلىيەلەيدىغانلىغىڭىز ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. ئەنگىلىيىدە كۆپ ساندىكى توختاملىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە سائەت ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەنگىلىيىدە 2015- يىلى دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەڭ تۆۋەن بىر سائەتلىك ئىش ھەققى £6.70 (ئەگەر سىزنىڭ يېشىڭىز 21 ياشتىن يۇقىرى بولسا مۇشۇ ئۆلچەمدە سائەتلىك ئىش ھەققى ئالالايسىز)

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگىلىيىدە ئىشلەش ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەتراپلىق ئۇچۇرلارنى بۇ تور سەھىپىسىدىن كۆرەلەيسىز.:

http://www.ukcisa.org.uk/Information--Advice/Working/How-many-hours-can-you-work


http://www.educationuk.org/global


http://www.thecompleteuniversityguide.co.uk/international/studying-in-the-uk/applying-to-a-british-university


ئەنگلىيىدە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇش



ئەنگلىيە كىنەزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك بېرتانىيىدىكى 4 كىنەزلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدۇ. ئەلبەتتە سىزنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئوقۇشىڭىزنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە ئاڭ ئەقەللىي شەرتى يەنىلا سىزنىڭ ئەلا بولغان ئوقۇش نەتىجىڭىزدۇر. ئەگەر سىز ئالى مەكتەپلەرنى جۇڭگودىكى ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ۋە  ئەنگىلىيىدە  ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئۇچۇن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىنگىلىز تىلى سەۋىيە ئۆلچىمى ئېمتىھانلىرى  -  ELTS ياكى SELT ئىمتىھانسىدىن ئەڭ يوقىرى نەتىجىلەر بىلەن ئۆتكەن بولسىڭىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىڭىزنىڭ بارلىقنى ئېنگلىس تىلىدا ئۆلچەملىك، بىمالال چۈشەندۇرەلىسىڭىز، ئەنگىلىيىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلالايسىز.

ئەنگىلىيىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان ئالى مەكتەپلەرلەرنى تۆۋەندىكى تور ئادرېسىدىن كۆرۇڭ:

http://www.scholars4dev.com/5642/scholarships-in-uk-for-international-students

http://www.topuniversities.com/student-info/scholarship-advice/scholarships-study-uk


ئەلبەتتە، ئىلىم ئۆگەنگۇچىنىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، قەيەردە ياخشى ئىلىم بولسا شۇيەرگە بېرىپ ئۆگىنىشكېرەك ئەمما بۇ ئارزۇلارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانمۇ تەڭ بولۇشى كېرەك. ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بەلكىم ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا سانى ئەڭ ئاز بولسا كېرەك. تەخمىن قىلىشىمچە ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن سوراشتۇرۇپ ئىگىلىشىمچە فرانسىيىدە ئوقۇش ھەقسىز بولغانلىغى ئۇچۇن (پەقەت بىر يىللىق ئوقۇش بەدەل پۇلى سۈپىتىدە 400 يىۋرو تۆلەيدىكەن) يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى كېلىپ ئوقۇغان بولسا ئەنگىلىيىدە 2015 يىلى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولغاندىمۇ 50 نەپەردىن ئاشمايدىكەن. بۇ تەرپىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادى كۈچ  ھەممىنى بەلگىلەيدىغان بىر كۈچكە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقى، كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات بولغانلىغى سەۋەپلىك ئەنگىلىيىدە  ئوقۇش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىساق خاتا بولماس، بەلكىم بۇمۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرتىپىدۇر. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى مەلۇماتلار بىزنى ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ يەنى ئەنگلىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە 2014- 2015- يىللىق ئوقۇش يىلىدا ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىچىدە جۇڭگودىن كېلىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كوپ بولۇپ (خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 89،540 بولغان. دېمەك بۇ 89،540 جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن بەلكىم كۆپ ھېسابلىساق 50 - 40 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ چىقىشى مۇمكىن! ئەگەر بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇسى بىلەن خەن نوپۇسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ بۇ 89،540 نەپەر ئەنگلىيىدە ئوقۇۋاتقان بەخىتلىك جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار تەركىبىدە ئەڭ ئاز بولغاندا 800 نەپەر ئەتىراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولغان بولسا ئاز - تولا نورمال بولغان بولاتتى دە؟!

مەن يۇقىرىدا قېيىن قىلىپ ئۆتكىنىمدەك ئەنگلىيە بۈگۈنكى زامان ئىنگىلىز تىلى سىستېمىسىدىكى دۇنيا تەرتىپى، قىممىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ توغۇلغان بۆشۇكىدۇر. قىسقىسى ئەنگلىيە - توغرىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا بېرتانىيە خەلقىنىڭ (ئنېگىلىسلارنىڭ) يېقىنقى زامان ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆپ ساھەلىرىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتۇش سۈپتى ئامېرىكىدىن ئىلغار بولسا ئىلغاركى ھەرگىز  قېلىشمايدۇ. ياۋروپانىڭ غەربىدىكى 65 مىليون نوپۇسى بار، يەر زېمىنى 243,000 km2 كېلىدىغان (چەتئەللەردىكى زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ، ۋەتىنىمىزدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ زېمىنىچىلىكمۇ  كەلمەيدىغان بولغان بۇ ئارال دۆلىتىدە  2015 يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئالى مەكتەپلەرنىڭ باھالاشتا ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتىن 4 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەنگىلىيىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بۇ قاراشلارنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ئەلبەتتە.

مەزكۇر يازمىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا بۈيۈك بېرتانىيەنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەتتە مەن ئەلكۈن ئىككى يىل ئىلگىرى قەلەمگە ئالغان “سىز بۈيۈك بېرتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟” ناملىق ئەنگلىيىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان 2 پارچە يازمىنىڭ تور ئادرېسىنى  قوشۇپ قويدۇم.

./thread-24259-1-1.html
http://www.azizisa.org/index.php/2015/11/25/buyuk_birtaniye1

./thread-24581-1-1.html
http://www.azizisa.org/index.php/2015/11/25/buyuk_birtaniye2


يەنە قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، گەرچە مېنىڭ ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقىنىمغا ئۇزاق يىللار بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ساھەدە بىلىدىغانلىرىم چەكلىك، شۇڭا ئەگەر بۇ يازمىدا قىسمەن سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن بولسا توغرا مۇئامىلىدە بولغايسىلەر.  

ئەنگلىيىگە كېلىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ تېزراق ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن.



* بۇ يازمىنى ئەلكۈن تور سەھىپىسىدە تۆۋەندىكى تور ئادېرىسىدىن ئوقۇيالايسىز:






uyghuray

12

تېما

2

دوست

5152

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1614
توردىكى ۋاقتى: 424
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 13:27:05 |ئايرىم كۆرۈش
ئاغىنەم، قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بېرەر. بەك ئېسىل ماتېريال سۇنۇپسىز.

0

تېما

0

دوست

539

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35352
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 170
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-28
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 14:48:13 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئۆزۈم ئۇچرىغان بىر قانچە مەسىلىنى تولۇقلاپ قويسام .   ئەنگىلىيەگە چىقىپ ئوقۇيدىغان  ئوقۇغوچىلار ئۈچۈن  ئۆتكەن يىلىدىكى سىياسەت بويىچە ukva  ئايلىتىسقا قاتنىشىشى كىرەك . بۇ ئىمتىھان ھازىرچە ئۈرۈمچىدىكى ئايلىتىس ئىمتىھان رايۇنلىرىدە يوق ، ناۋادا بۇ ئىشقا دىققەت قىلمىسام ۋىزا ۋە مەكتەپ ئىلتىماس قىلغان رەت قىلىنىدىكەنمىز . 2)  ۋىزا ئىلتىماس قىلىنغاندا بانكىغا قويغان پۇلنى بانكىغا قەرەلىك قويۇپ 28 كۈن توشقاندىن كىيىن ئەلچىخانا تورىغا كىرىپ ئىلتىماس قىلىش كىرەك، بولمىسا رەت قىلىنىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.   3)  تۇرمۇش پۇلى چەھەتتە  لوندۇن ۋە لوندۇن ئەتراپى رايۇنلىرىنىڭ تۇرمۇش چىقىمى يۇقىرى ،  باشقا رايۇنلارنىڭ تۇرمۇش چىقىمى ئازراق ئەرزان

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6209
توردىكى ۋاقتى: 1646
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 15:49:24 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇستازغا رەھمەت. ئىلىمگە تەشنالار ئۈچۈن ياخشى بىر پايدىلانما يوللاپسىز.
uyghuray

1

تېما

4

دوست

4938

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1522
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 16:54:25 |ئايرىم كۆرۈش
ئەنگىلىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بۆشىكى. مەكتەپلىرىنىڭ ياخشى بولىشىدا گەپ يوق، ئەممازە مۇشۇ ئوقۇش ھەققى قىممەترەككەن. ئىقتىزادى شارائىتى ياخشىلار ئوقۇسا بولىدىكەن.
يازمىڭىزغا تەشەككۈر! ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز.

6

تېما

3

دوست

7498

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1101
تۆھپە : 1604
توردىكى ۋاقتى: 507
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 19:53:51 |ئايرىم كۆرۈش
    ھەييييييييييييي. ياش چوڭۇيۇپ قالدى- دە! بولمىغاندا چەتئەلدە ئوقۇش چۈشىمىز ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالار ئىكەن. ئوقۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىپسەن. ئوقۇش ئىستىگىدە پىتىراپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىم نامىدىن ساڭا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!!!!!

4

تېما

6

دوست

1139

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 20:44:36 |ئايرىم كۆرۈش
sardar3304 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 14:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ئۆزۈم ئۇچرىغان بىر قانچە مەس ...

ئەنگلىيىدە مۇتلەق كوپ قىسىم ئالى مەكتەپلەر IELTS ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساسەن ئىتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر سىز تەبى پەن ئوقۇشقا كىرمەكچى بولسىڭىز نەتىجىڭىز 6 بولسا شەرتىڭىز توشىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ نورمال ئالى مەكتەپلەردىكى ئولچەم، ئالاھىدە ياخشى مەكتەپلەرنى تاللىماقچى بولسىڭىز 6.5-7.5 بولشى كىرەك. ئىجتىمايى پەن بولۇپمۇ قانۇن، باشقۇرۇش ۋە ئىقتىزاد كەسىپلىرىنىڭ ئولچىمى 7 دىن توۋەن بولمايدۇ. IELTS ئىمتىھانى ئۇرۇمچىدە ئايدا ئاز دىگەندە 2 قىتىم بار. بولمىسا IELTS نىڭ مالىيە ئىقتىزاد ئۇنىۋىرسىتىدىكى ئىمتىھان باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئادەتتە سىز تولۇق كۇرىسنى ئەلا ياكى ئوتتۇرا دەرجىدە (ئوتتۇرچە نەتىجىڭىز 75 تىن يۇقۇرى بولسىلا) تۇگەتكەن بولسىڭىز، ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىشقا تامامەن شەرتىڭىز توشىدۇ. بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بەيدۇ تورىدىن خەنزۇچىمۇ ئىنىق تاپالايسىز.

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 23:44:30 |ئايرىم كۆرۈش
ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز بولىشى،جۈمىلىدىن چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋىرستلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز بولىشىدا نامراتلىق ئەھۋالى ئەڭ نىگىزلىك مۇھىم مەسىلە ئەمەسمىكىن دەيمەن.
1-كۈچلۈك ئارزۇ بولماسلىق،
2-ئۆگۈنۈش نەتىجىسى ياخشى بولماسلىق،
3-ئاتا-ئانىسى قوللىماسلىق،
4-چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋىرستلاردا ئوقۇشنىڭ قىممىتى،ئەھمىيىتى،ھەم باشقا پايدىلىق تەرەپلىرىنىمۇ ئوبدان ئاڭقىرالماسلىق،پىلانلىيالماسلىق.
5-ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بولماسلىق،ھەم تۇسالغۇ قىزىل چىراغلارنىڭ كۆپ بولىشى قاتارلىق ئەھۋاللار بىزگە پۇتلىكاشاڭ بۇلۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

بۇلتۇر ئاتلاندا ئوقۇۋاتقىنىمدا قارمايلىق بىر دوستىمىز بار ئىدى،گىرمانىيە،ياكى ئامېرىكىدا قۇرلۇش ئىنژىنىرلىقى كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئاتلاندا ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى 4-دەرىجىگە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتى،شۇ ئاغىنىمىز ئاللىبۇرۇن تەستىق ئەپ بوپتىكەن،لىكىن بىجىرىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكى قۇلايسىزلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئېغىر خۇرسىنغانتى،.
يېرىم يىلدەك بوپتۇ كۆرۈشمىدۇق بۇ كەمگىچە ئامېرىكىدا چىقىپ ئوقۇشىنى ئوقۇۋاتقاندۇر؟..مەنمۇ ئاۋۋال  ئىختىسادىي ئەھۋالىمنى ياخشىلىۋېلىپ كەلگۈسى 10يىل ئىچىدە چەتئەلگە چىقىپ ئۆزۈم قىززىققان كەسىپتە تەربىيەلىنىپ كىرگۈم بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )