بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەۋدۇدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-28 14:20
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئوچۇق خەت
ئالدىنقى ھەپتە كورلا شەھەر چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپى ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاچامنىڭ قىزى تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيتتى، ئاچامنىڭ باشقا ئىشى چىقىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بۇ سۆھبەتكە مەن ئۇنىڭ ئورنىغا قاتناشقان ئىدىم. سۆھبەت چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئىككى بىلەن باشلاندى. تۇنجى بولۇپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سۆز قىلدى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنىڭ ئۇيغۇرتىلى ساۋادىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، تولۇقسىز ئىككىنجى يىللىققا چىقىپ قېلىپمۇ بىر قىسىم بالىلارنىڭ تاكى ھازىرغىچە خەتلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، يەنە بالىلارنىڭ ماقالىلارنى ئوقۇپ چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مۇشۇ سەۋەپلەرنىڭ بالىلارنىڭ خەنزۇتىلىدىكى دەرسلەرنى چۈشىنىش ئىختىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەردىكى نەتىجىسىنىڭمۇ پەۋقۇلاددە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار چوقۇم ئانا تىلىنى پىششىق ئېگەللىشى لازىملىقى ۋە بىزلەرنىڭمۇ بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا تەپەككۇرىنىڭ تولۇق يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. بۇ سۆزلىردىن ئاتا-ئانىلار تولىمۇ سۆيۈنگەن بولدى ۋە ماقۇللىقىنى بىلدۈرىشتى.
ئۈستەل ئۈستىدە بالىلارنىڭ ئەدەبىيات ئىمتاھان سۇئالى تۇراتتى. "ئەدەبىيات دەرسىدە بالىلارغا قانداق مەزمۇنلارنى ئۆتىدىغاندۇ؟" دەپ ئويلاپ ئىمتاھان سۇئالىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمما مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى ئىمتاھان سۇئالىدىكى مەزمۇن بولماستىن بەلكى ئىمتھان سۇئالىدىكى ئىملا خاتالىقى بولدى. ئىمتاھان سۇئالىنىڭ ئۈستىدىكى ماۋزۇسىدىلا ئىملا خاتالىقى بار بولۇپ، ئالدىنقى بىرىنجى بېتىدىلا جەمئىي 15 دانە ئىملا خاتالىقى تۇراتتى.
مەن دەرھال سىنىپ مۇدىرىدىن:" بۇ ئىمتاھان سۇئالىنى مەكتەپ ئۆزى باسامدۇ؟" دەپ سورىدىم. سىنىپ مەسئۇلى:"ياق، بۇ ئىمتاھان سۇئاللىرىنى مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش تارقىتىدۇ، بىز مائارىپ ئىدارىسىدىن ئېلىپ كېلىمىز." دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ مەن چۆچۈپ كەتتىم. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇنداق زور خاتالىققا يول قويۇدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. تورلاردا ۋە باشقا پارچە يازمىلاردا ئىملا خاتالىقىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇراتتۇق. ئەمما مائارىپ ئىدارىسىدىن تارقالغان ئەدەبىيات ئىمتاھان سۇئاللىرىدا بۇنچە كۆپ ئىملا خاتالىقىنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ نۇرمال ئىش ئەمەس. دەسلىپىدە مەن بۇنى كومپيوتېردا بېسىپ تارقاتقان خادىمنىڭ مەسئۇلىيتى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئىمتاھان سۇئالىنى كومپيوتېردا بېسىپ چىققۇچىنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى بۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى دەرسلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنىڭ، نازارىتىنىڭ تامامەن يوق ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى. ئەگەردە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ نازارىتى كۈچلۈك، تەلىپى يۇقۇرى بولغان بولسا خەت ئۇرغۇچى خادىملارمۇ ئىختىيارى ھالدا خالىغانچە خاتا خەتلەرنى باسالمىغان بولاتتى. سۇ باشتىن لاي بولسا، ھەرقايسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ لاي سۇدىن ئىچمەي ئامالى يوق.بالىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرى ئۆز ئانا تىلىدىكى ئۇقۇملارنىمۇ توغرا بىلەلمىسە باشقا تىللاردىكى ئۇقۇملارنى قانداقمۇ بىلسۇن؟! دۇنيا تەرەققىياتى ئاتقان ئوقتىنمۇ تېز بولىۋاتىدۇ. يېڭىلىنىش،ئىجادىيەت ئىنتايىن تېزلىشىۋاتىقان دەۋىردە ئۆزگىچە تەپەككۇرسىز، ئىجادچانسىز ئەۋلادلار كەلگۈسىگە قىممەت ياراتماستىن بەلكى دۆلەتكە يۈك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مائارىپ ئىدارىسى قوش-تىل مەكتەپلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاناتىلىدىكى دەرسلىرىىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، ئانا تىلىدا تەپەككۇرى تولۇق يېتىلگەن بالىلار خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاردىكى دەرسلەرنى چوقۇم ياخشى ئېگەللىيەلەيدۇ. ئۆز ئانا تىلىدا يېتىلمىگەن تەكەپپۇرنىڭ باشقا تىللاردا يىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
خەلق ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنى ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى دەرسلەرگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى خەلقىمىز ئۇدۇل ئاپىرىپ "ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ" دەپ چۈشىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مائارىپ ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئىشى بۇ دەپ قارىمايدۇ. ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىنى توغرا بولغان مائارىپ ئەندىزىسىدە ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلىش ھوقوقى بار. شۇڭا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى چوقۇم خەلق ئۈستىدىكى مەجبۇرىيتىنى تولۇق ئادا قىلىشى،خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلەرگە قانداق كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى دەرسلەرگىمۇ شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ ئىقتىدارلىق، مەسئۇلىيەتچان ياشلارنى مائارىپ ئىش ئورنىغا قويۇشى كېرەك.
2016.2.28
|