قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 3

ئالتۇن،تاشقى پېرېۋوت،پايچەك بازىرىغا كىرىش پىسخىكىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54006
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 17:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىرنەچچە يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلاربىلەن ئۇچراشتىم،نۇرغۇن سۇئاللارغا دۇچ كەلدىم،لېكىن سۇئاللارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئوخشاش. ئاساسلىقى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟نېمە ئۆگەنسەم بولىدۇ؟ قانداق قىلسام پايدا ئالالايمەن؟سىلەر قانداق تېخنىكا ئىشلىتىسىلەر؟مەن سىلەرگە ئەگەشسەم بۇلارمۇ؟نېمىشقا مەن دائىم تۈرنى ياخشى تاللىيالمايمەن؟ يۆنىلىشنى توغرا تاللىيالمايمەن؟سىلەر بازارنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟سىلەردەبىرەر ئىچكى خەۋەر بولسا ماڭا دەپ قويساڭلار بوپتىكەن............ۋە ھاكازالار.


ئەمەلىيەتتە  بۇخىل ئەھۋال ھەممە مەبلەغ سالغۇچىدا كۆرىلىدۇ،مەن بۇ ماقالىدە دەل مۇشۇ سۇئاللار ئۈستىدەتوختالماقچىمەن.
  بىر ئىشقا نىسبەتەن قىزىققانلىق قىلىش،قايتا-قايتا خاتالىقئۆتكۈزۈش ئىنساننىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى،مەيلى باشتىن ئۆتكۈزگۈچىلەرقانچە تەكىتلىسۇن،خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى بۇرنىغا يېمىگىچە توختىمايدۇ،ئەكسىچەداۋاملىق سادىر قىلىدۇ.بۇلار پەقەت بىر كېچىدە باي بولماقچى بولغانلار،باش قاتتۇرۇپ ،ئىزدىنىشنى خالىمايدىغانلار.بۇ ھەرقانداق بىر ئىنساندا بولىدىغان خىيالى ھەۋەس،مۇھىمى مۇشۇ ھەۋەسنى قانداق كونتىرول قىلىشتا.ئەگەر نىشان،ئىدىيە خاتا بولساتەبىئىيلا مەغلۇپ بولىدىغان گەپ.
   «ۋول كوچىسى ئەرۋاھى»ناملىق كىتاپتىكى بىر جۈملە سۆز بىلەنيىغىنچاقلىساق:«ھېچقانداق بىر بازارغا كىرگۈچى مەبلىغىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن بۇرۇن كەسىپ ئەھلىنىڭ قانداق سودا قىلىدىغىنىنى ھەقىقىي ھىس قىلالمايدۇ،بەزىلەرھەتتا پۈتۈن مەبلىغىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ سودىدىكى خاتالىقىنى ھەقىقىي تونۇپيىتەلمەيدۇ».كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قانداق قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۆز خاتالىقلىرىنى ھەقىقىيتونۇشنىڭ ئۆزى بىر بازارغا كىرگۈچى ئۈچۈن ھەددى-ھېساپسىز بايلىق.مۇشۇنداقبولغاندىلا تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بەزى پىسخىكا ئاجىزلىقلىرىنى يىڭەلەيمىز.
شۇڭلاشقا ھەربىر گاڭگىراپ قالغان مەبلەغ سالغۇچى شۇنى ئەستە تۇتۇشكېرەككى،بۇ بازاردا پۇل تېپىشنىڭ بىردىن-بىر يولى_ تەجىربىنى يەكۈنلەش ، توختىمايئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىشتۇر.

بۈگۈن بىز دىمەكچى بولغان ئەڭ مۇھىم مەزمۇن بولسا بازارغا كىرىشتىن بۇرۇنقى مۇھىم تەييارلىق.
بازارغا كىرگەندە ئەڭ مۇھىم نوقتا نىمە؟
ھايات قېلىش،ھايات قېلىش يەنىلا ھايات قېلىش.مەن بۇيەردە چۇقۇم «ھاياتقېلىش» دىگەن سۆزنى  ئۈچ قېتىم تەكرارلىشىمكېرەك.«ھايات قېلىش دىگىنىمىز مەبلەغنى ساقلاپ قېلىشلا ئەمەس،يەنەئىشەنچىڭىزنى،ۋاقتىڭىزنى،زىھنىڭىزنى_ئۇمۇمەن تۇرمۇشىڭىزنىڭ نورمال ئۆتىشىگەكاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھايات قالساقلا ھامان بىركۈنى زىياننى قايتۇرۇپلاقالماستىن،مەبلىغىمىزنىمۇ نەچچە قاتلىيالايدىغان ناھايىتى ئاددى، ئېنىق بولغان چوڭيۈنىلىشلەرنىڭ پۇرسىتى كېلىدۇ.ھايات قالساقلا ئۇزۇن مۇددەت سودا قىلىپ، يۈرەكلىك ھالدا«مېنىڭ تەجىرىبەم ،ئۆزۈمگە خاس سودا قىلىش تېخنىكام، ئۇسۇلۇم ،سودا قىلىش پىسخىكام بار،مەن مۇشۇلارغا تايىنىپ پۇل تاپالايمەن» دىيەلەيمىز.ھايات قالساقلاسودىمىز داۋاملىشىدۇ،تۇرمۇشىمىزمۇ،پىسخىكىمىزمۇ تۇراقلىشىدۇ.
   سىزنىڭ دەماللىق«ئاقار يۇلتۇز» بولغىڭىز بارمۇ ياكى « ئۆمۈرچولپىنى» بولغىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر سىز «ئاقار يۇلتۇز» بولماقچى بولسىڭىز كەچۈرۈڭ مەنسىزگە ياردەم قىلالمايمەن.ئەگەر سىز  «ئۆمۈر چولپىنى» بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىر قانچە پىكىرىمگە قۇلاق سېلىڭ.
  ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق تەبىئەتنىڭ نۇرغۇن قانۇنىيەتلىرىنى بايقايمىز.بازارنىڭ ھەرخىل دولقۇنلۇق ئالاھىدىلىكى،باھا ئالاھىدىلىكىنى كۈزەتسىڭىزمۇئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماتېماتىكىلىق، فىزىكىلىق،پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى بايقايسىز.بىر يىلدا تۆت پەسىل بار،قەھرىتان سۇغۇق،تۇمۇز ئىسسىقلارنى باشتىنكەچۈرىمىز، سودىدىمۇ زىيان بولۇپ تۇرىدۇ، ،تۆت پەسىل شەكىللىنىپ بىر يىل ھاسىل بولغانغا ئوخشاش،پايدا زىيان دەل بىزنىڭ سودىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ مۇھىم بىرقىسمى.قىشتا قېلىن كىيىنىپ سوغۇقتىن ساقلىنىمىز،يازدا بولسا كېيىمنى ئازايتىمىز ۋەباشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تۇمۇز ئىسسىقتىن ساقلىنىمىز.بۇنىڭدىن باشقا ماشىنىدابىخەتەرلىك تاسمىسى سەپلەنگەن،يولدا قىزىل چىراق بار،ھەتتا ئۆيلىرىمىزنىمۇيەرتەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ دەل خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقى،لېكىن خەتەرنى مەلۇم دەرىجىدە كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.بىزنىڭ سودا تېخىمۇ شۇنداق.
   يەنە بىر قېتىم تەكىتلىشىمگە يول قويۇڭلار.بىز دائىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەيمىز،ئەمەلىييەتتە يۈزبېرىدىغان خەتەرنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمەيدۇ. بىزنىڭ پەقەت خەتەرنى مەلۇم دەرىجىدە كونتىرول قىلىشقىلا قۇربىمىز يېتىدۇ. پايدا-زىيان بولۇپ تۇرىدىغان سودا ھەقىقىي سودا بولىدۇ، پايدا-زىيان دەل سودىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى.ئۇنداقتا بىزنىڭ سودىدا قانداق قىلغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدا ئالغىلى بولىدۇ؟ پىلان بويىچە مەشخۇلات ئېلىپ بېرىپ ،پايدىنى زىياندىن چۇڭايتساقلا بولمىدىمۇ؟بۇدەل مەبلەغ سېلىش ئىلمىدىكى__«مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاساسى-مەبلەغ باشقۇرۇشتا. »دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش.
   قىمارۋاز بىلەن بىزنىڭ ئەڭ تۈپ ئوخشىماسلىقىمىز شۇكى:قىمارۋاز ئۆزھىسىياتىغا،تەلىيىگە،ئۆز خائىشىغا باقىدۇ،ئازراقمۇ پىلان يوق،ياكى ئۆگىرىشچان بولىدۇ.بىز بولساق پىلان ۋە تەرتىپكە بوي سۇنىشىمىز كېرەك.پىلان ۋە تەرتىپ تۈزۈشنتىكى مەقسەت بولسا،زىياننى كونتىرول قىلىش.

زىياننى  قانداق كونتىرول قىلىمىز؟
    بەزىلەر سورايدۇ قانچىلىك مەبلەغ بىلەن بازارغا كىرىمىز دەپ،بۇنداق سوراشنىڭ ئۈزى بىرتەرەپلىمىلىك.قانچىلىك پۇل بىلەن ھېساپ ئېچىش،قانچىلىك پۇل بىلەن بازارغا كىرىش،ھەممىسى ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا،ھەر قېتىم بازارغا كىرىشتە قانچىلىك زىيان تارتىشقا كۆزى يېتىدىغانلىقىغا باغلىق. ئاددىيسى،بىزكېيىم سېتىۋالاي دەپ بازارغا چىقماقچى بولۇپ پورتمالغا قارىساق3000يۈەن بار،بىزبازارغا چىقىپلا 3000يۈەننىڭ ھەممىسىگە كېيىم سېتىۋالمايمىز.چۈنكى بازارغاچىققاندا ماشىنىغا ئولتۇرىشىمىز كېرەك،تاماق يېيىشىمىز كېرەك.مەبلەغكە نىسبەتەن پىلان بولىشى كېرەك.چوقۇم بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن پىلان تۈزۈپ قانچىلىك زىيانغانىسبەتەن قانچىلىك پايدا ئالالايمەن،قانچىلىك زىيان تارتقاندا بازاردىن چىقىپ كېتىپ كۆزىتىمەن دىگەن ئىدىيە بولۇشى كېرەك.مۇشۇنداق قىلساقلا بازارغا كىرىشتە تاللاش كۆپ بولىدۇ، ئۆزىمىزمۇ سالماق ئەركىن ھىس قىلىمىز.
   بازارغا كىرىش ئەمەلىيەتتە كىرىپ-چىقىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،پىلاننى مۇۋاپىق تۈزۈپ،پىلاندىكى ئورۇنلارغا كەلسىلا بازاردىن ئايرىلساقلا بولىدۇ.زىيىنىمىزمۇشۇنچىلىك پايدىمىزمۇ شۇنچىلىك يەنەئەنسىرەيدىغان نىمە بار؟.لېكىن كۆپىنچىمىزبۇنداق ئاددى ئويلىيالمايمىز.
مال سانىمۇ پىلاننىڭ مۇھىم بىر قىسمى ،قانچىلىك زىيان تارتىش ،قانچىلىك پايدا ئېلىش مال سانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،ھەر قېتىم بازارغاكىرگەندە ئاچكۆزلۈك بىزنى كۆپ مال ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.ئەگەر بىرەر قېتىم زىيان تارتساق،قورقۇنچاقلىق ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن كەتكۈزىۋېتىدۇ.مەن بۇيەردەئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغان مال سانى بېكىتىش ئۇسۇلىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.كۆپىنچە ئادەم بىرىنچى قېتىم پايدا ئالغاندا ئىككىنچى قېتىم كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ كۆپرەك پايدا ئېلىشنى ئويلايدۇ،زىيان تارتقاندا بولسا مالسانىنى ئازايتىدۇ.ئەمەلىيەتتە توغرا بولغان مال سانى بېكىتىش ئۇسۇلى بولسا،بىرىنچى قېتىم پايدا ئېلىپ،ئىككىنچى قېتىم بازارغا كىرگەندە مال سانىنى ئازايتىش كېرەك،زىيانتارتقاندا بولسا يەنە ئوخشاش مىقداردا سېتىۋېلىش كېرەك.يەنە قايتا بىر ئوقۇپ بېقىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىڭ،مىنىڭ دېگىنىمنىڭ ئاساسى بارمۇ-يوق؟
مەبلەغ باشقۇرۇش مال سانىنى كونتىرول قىلىش توغرابولسىلا،ئانالىزنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى40%بولسىمۇ،يەنىلا پايدا ئالالايمىز،مەبلەغ باشقۇرۇش،مال سانىنى كونتىرول قىلىش ياخشى بولمىسا70% توغرا ئانالىزبولسىمۇ،يەنىلا زىيان تارتىدىغان گەپ.
   سىز بەلكىم ئېغىر زىيان تارتقان بولىشىڭىز مۇمكىن،قورقۇۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.زىياننى قايتۇرىۋالىمەن دىگەننى ئۇنتۇپ كېتىڭ.ھازىر قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش مال سانىنى كونتىرول قىلىش،زىياننى تېخىمۇ ئازايتىش،شۇنداققىلغاندىلا،سىزنىڭ پايدىڭىزجۇغلىنىپ ماڭىدۇ،مەبلىغىڭىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مالسانىنى كۆپەيتەلەيسىز،لېكىن زىيان ئېغىرلىشىپ كەتسە ئامالسىز مال سانىنى تېخىمۇئازايتىشقا مەجبۇر بولىسىز.
   كونىلار دەپتىكەن :دەرەخ تىكىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئون يىل بۇرۇن،يەنە بىر ياخشى پەيتى دەل بۈگۈن.ماقالەمنىڭ ئاخىرىنى پايچەك ئىلاھى بافىتنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇنىيىتىدىكى بىر مۇھىم بۆلىكى بىلەن ئاياغلاشتۇرماقچىمەن.----بىرىنچى :بارچە ئاماللار بىلەن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،مەبلەغنى ساقلاپ قېلىش. ئىككىنچى:بارچە ئاماللار بىلەن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،مەبلەغنى ساقلاپ قېلىش .ئۈچۈنچى:چۇقۇم بىرىنچى،ئىككىنچى مەزمۇننى ئىسىڭىزدەچىڭ تۇتۇڭ.


پىكىر تەلەپلىرىڭىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تېخىمۇ ياخشى ماقالىلەرنى يوللاشقا تېرىشىمەن. چ چ:493618038
uyghuray

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50945
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 09:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
راست گەپنى قىلغاندا، ماقالىڭىزنى يىغىنچاقلىساق، سىز تىلغا ئالغان نەپ تىگىدىغان بىرەر ياردىمى تىگىدىغان ئۇچۇرلار يوق ئىكەن. ساپلا گەپ يورغىلىتىشلار، كەسپىي ئىقتىسادىي ئاتالغۇ ياكى مەنبەلەر يوق ، ئەمەلىي مىساللار ياكى بىرەر پۇل-مۇئامىلە تاكتىكىلىرى يوق. بولسا تىخىمۇ كەسپىي يازمىلارنى تەييارلىغان بولسىڭىز.دوست كۈلدۈرۈپ ئىيتار دۈشمەن يىغلىتىپ.

1

تېما

1

دوست

354

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54006
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 13:01:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tilhumar يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 09:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
راست گەپنى قىلغاندا، ماقالىڭىزنى  ...

ئىنكاسىڭىزنى تۈۋەنلىك بىلەن قۇبۇل قىلدىم ،سىز بەلكىم پايچەك مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇشىڭىز مۇمكىن،مەن يازغان مەزمۇن قەرەللىك مال.نەق مال مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا بەكراق ماس كېلىدۇ

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50945
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 17:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Binam3300 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 13:01
ئىنكاسىڭىزنى تۈۋەنلىك بىلەن قۇبۇل قىلدىم ،سىز بەلكىم ...

ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسىگە خاس ساپا ھازىرلاپسىز، تەنقىدنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش ساپانىڭ ئۆلچىمىدۇر. كەسىپىم ئىقتىساد بولغاچقا مۇۋاپىق پىكىرلەرنى بەردىم.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )