- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 583
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
16.6%
|
سۆيۈملۈك ئوغرى
بۇمەريەم
ئىشتىن چۈشۈپ تۆنۈگۈن دېيىشىپ قويغىنىمىز بويىچە زۇليار بىلەن تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا قاراپ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەچ كېتىۋاتاتتىم. قۇلىقىمنى بۈركۈتتەك قاماللىغان بىرقولنىڭ زەربىسىدىن يىقىلىپ چۈشتۈم. قۇيۇندەك ئۆتۈپ كەتكەن موتوسېكلىتلىق ئوغرى تېلېفونۇمنى ئېلىپ قاچتى. كەينىدىن توۋلاپ تۇرۇپلا قالدىم. كىملەردۇر كېلىپ يۆلەپ قويدى. نەگە بېرىپ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمىگەن ئادەمدەك تۇرغان يېرىمدا تۇرۇپلاقالدىم. ئوغرىنىڭ تىرنىقى قۇلىقىمنىڭ تىرىسىنى شۈلۈپ چىققان بولۇپ، تىرناقنىڭ ئۇچىچىلىك يارىدىن چىققان قىپقىزىل قان بىردەمدىلا بىر ياپراق قەغەزنى بوياپ بولدى. بۇنداق ئىش بېشىمغا تۇنجى كېلىپ باققاچ قىمىكىن، ھەيرانلىق ۋە قورقۇنۇشتىن يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندىم. موتوسېكلىتنىڭ قارىسى يۈتكەندىلا يول بويىدا بىرنەچچە قۇرۇق تاكسىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئوغرى ئۇ قەدەر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدىكى، تاكسىدا ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىشمۇ خىيالىمغا كەلمىگەن ئىدى. ئىچىمنى بىرنەرسىنى يوقاتقاندەك ئەمەس خۇددى چۈشتەك بىر تۇيغۇ قاپلىۋالدى. بۇ ئىش خۇددى بۇرۇنبىر يەردە يۈز بەرگەندەك.
- ئەمدى ئۇتېلېفونىڭىزدىن ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈڭ ئۇكام، تاپقىلى بولمايدۇ.- دېدى، بوتكىچى ئادەم.
- بۇ خەق بەكنائىنساپلىشىپ كەتتى، جاھان ئوغرىنىڭ بولۇپ كەتتى. كۈپكۈندۈزدە خەقنىڭ مېلىغا چاڭسېلىشتىن قورقمايدۇ. تېخى تۆنۈگۈنلا...
-....
يەنە كىملەرنىڭ نېمەدېيىشكىنى ئېسىمدە يوق. تېزلىكتە ئۇ يەردىن ئايرىلدىم. ساقچىخانىدىكى دوستۇمنى تېپىپ، ئەھۋالنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىۋەتكەندىن كېيىن، زۇليار بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە يېمەكچى بولغىنىمىز يادىمغا يېتىپ دەرھال ئاشخانىغا باردىم. مېنىڭ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەن قاپىقى تېخىمۇ تۈرۈلۈپ ھازىرلا جېدەل چىقىرىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۈستەلگە بېرىپ ئولتۇرا- ئولتۇرمايلا سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتى.
- نەگە باردىڭ؟ نېمەئادەم ئەخمەق قىلىسەن؟
- يولدا كېتىۋاتسام...
- ھە، يولدا كېتىۋاتساڭ ۋاتكوت دوستۇڭدىن بىرسى ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تېلېفونۇڭنى يۈزۈمگە بېسىۋېتىپلا ئىتىۋېلىپ، خوگوخانىداخەق بىلەن غەيۋەت قىلىشىپ يۇندا يالىدىڭ شۇنداقما؟ تېخى ئادەم كۆزگە ئىلمىغاندەك،ئەمدى ماڭا تېلېفون ئۇرماڭ، دەپ ئۇچۇر يازىسىنا؟.- ئۇ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دېيىشكەپۇرسەت بەرمەيلا تېخىمۇ قوپال ئاۋازدا سۆزلەپ كەتتى.
- مۇشۇ قىلغانلىرىڭغاچوقۇم پۇشايمان قىلىسەن.- دېدىم تۆۋەن ئاۋازدا.
- ھېي، سەن قايسى ھالىڭغا ماڭا تەھدىت سېلىۋاتىسەن؟ ئۈلۈشكۈنكى ئىشتا گۇناھ مەندە بولمىسىمۇ، بوپتۇ كۆڭلى ئاغرىدى كۆڭلىنى ئېچىپ قوياي دەي چىرايلىق تاماققا چاقىرسام، ناسىلداپ ئەمدى كەلدىڭ. ئەنەكېلەر، مانا كېلەر دەپ ئاچ قورساق ئولتۇرغىلى ئىككى سائەت بولدى مەن مىيەدە. مەندىن باشقائوغۇل بالا بولسا بۇ چاغدا چىدىماي قوڭاڭغا تېپىدۇۋا سېنىڭ...
- ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، يولۇڭغا ماڭ. مەن سېنىڭ ئالدىڭنى توسۇۋالمىدىم.
- ئىششىڭنى قىلە!.- ئۇئورنىدىن تۇرغىنىچە مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.
«خۇدايىم توۋا، بۈگۈنزادى قانداق بىر كۈن؟ تېلېفونۇمنى ھېلىمۇ ئوغرى ئاپتۇ، بولمىسا مەن ھەممىلا كىشى ماختاپ شالۋىقى ئېقىپ قالىدىغان زۇليارنىڭ ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بۇ يۈزىنى قانداقمۇ كۆرەلىگەن بولاتتىم» دېدىم ئىچىمدە. كۈتكۈچىلەر يوشۇرۇنچە ماڭاقارىۋېلىشاتتى. ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
- نېمە بولدۇڭ قىزىموي،چىرايىڭ تاتىرىپلا كېتىپتىغۇ؟ يەنە كەچ قويۇپ بەردىما؟بەك ئىشقا سېلىپ كېتىۋاتىدىغۇ سېنى مۇشۇگېزىتخانىدىكىلەر، ماڭە بولە قورسىقىڭنى تويغۇز...
جىمجىت ئولتۇرۇپ تامىقىمنى يېدىم. كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىدىن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئىشقىمدا كۆيۈپ كۈل بولغان زۇليارنىڭ بىر نەچچە ئايدىن بېرى مەن بىلەن توختىماي سوقۇشۇشىغا زادى نېمىلەرنىڭ سەۋەپ بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاشقا تىرىشقان بولساممۇ خىياللىرىم چېچىلىپ كاللامغا ھېچنەرسە كىرمەيتتى.
- ئاپا، مەن بەكلا ھېرىپ كەتتىم. بۈگۈن بەك ئىشلەپ كەتتۇق، ئەتە بەك سەھەر تۇرمىسام بولمايدۇ مەن ئارام ئېلىۋالاي.- دېدىم ئاپامغا.
- ۋاي جېنىم قىزىم، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ ھارغىنىڭ يۈزۈڭگە چىقىپ كېتىپتۇ. ماڭغىن يېتىۋال.
كارۋىتىمدائۇھسىنغىنىمچە تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردۇم. ئۈستىلىمدە ئىككى كۈن بۇرۇن ئىشخانامغا كەلگەن نامسىز گۈل تۇراتتى. زۇليار كېلىپ قالسا كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۆيگەئەكىلىۋالغانىدىم. نېمىشقىكىن بۇ گۈلنى تاشلىۋەتكۈم كەلمىدى. تونۇمايدىغان بىرىنىڭ ئۆچىنى بىر چىرايلىق گۈلدىن ئالغۇم كەلمىدى. گۈلگە قاراپ ئىختىيارىسىز يىغلىۋەتتىم. تېلېفونۇمنىڭ ئوغرىلىنىشى، زۇليارنىڭ قوپاللىقى ۋەئىچىمدىكى باشقا بارلىق بۇرۇختۇملۇقلار بىردىنلا كۆزۈمدىن ئوقتەك چىقىۋاتقان ياشقائايلاندى. بىرەرى بىلەن مۇڭداشقىلى تېلېفونۇممۇ يوق ئىدى. قول كومپىيۇتېرىمنى ئېلىپ ئوغرىغا خەت يېزىپ باقاي دەپ يەنە بىر ئۈندىدارىمنى ئاچتىم.
- مەن تېلېفوننىڭ ئىگىسى. كەيپىياتىم بەكلا ناچار، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم، تېلېفوننى سېنىڭ ئېلىپ قاچقىنىڭغا ئەمەس، باشقا دەرتلىرىم بار. مېنىڭ سېنى ساقچىغا مەلۇم قىلغىنىمنى پەقەت بىلىپ قالساڭلا بولدى. ئامالسىز شۇنداق قىلدىم. چۈنكى تېلېفونۇمدىكى بەزى رەسىملەر ۋە تېلېفون نومۇرلىرى مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم. ئەگەر ئۇلار بولمىسايېڭى تېلېفون ئالغىنىمنىڭ پايدىسى يوق. ئەگەر سەنمۇ بىر ۋىجدان ئىگىسى بولساڭ،مۇشۇ يەردىن ئەۋەتىپ بەرگىن.
پەقەت تەلىيىمنى سىناپلايازغان ئىدىم، ئەمما ئوغرى جاۋاپ بەردى. تېخى شۇنچىلىك ئەدەپلىك سۆزلەيتتى. ئۇ قەدەر تەمكىن ئىدىكى، ماڭا خۇددى كىنولاردا چىقىدىغان تېخى بايىلا ئادەم بۇلاپ قاچقىنىنى ئۇنتۇپ قالغان كېسەل كىشىدەكلا تۇيۇلدى.
- ئۈندىدارىڭىزدىكى كېرەكسىز ئوغۇللارنى يۇيۇۋەتتىم. ئۇ گۇيلار ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ.چەمبىرىكىڭىزدىكى رەسىملىرىڭىزنىمۇ يۇيۇۋەتتىم، گۈزەل يۈزىڭىزنى خەقلەركۆرەلمەيدۇ. مانا بۇ رەسىملەر.
ئۇ ئارقا- ئارقىدىن رەسىملىرىمنى يوللاشقا باشلىدى.دوستلىرىمنىڭ ، تۇققانلىرىمنىڭ تويىدا، تۇغۇلغان كۈنىدە، ئىشخانامدا، ئۆيدە چۈشكەن بارلىق رەسىملەر، ھەتتا ئېلكىتاپلىرىم كەينى- كەينىدىن ئەۋەتىلىشكە باشلىدى.ھاپلا- شاپلا ھەممىنى ساقلاش كارتىسىغا چۈشۈرۈۋالدىم.
- تېلېفون نومۇرلىرىچۇ؟
- ھازىرچە ئاياللارنىڭ ئىسمى بار نومۇرلارنىلا ئەۋەتىمەن. ئەر كىشىلەرنىڭكىنى كېيىنچە. ھى ھى
يوقاپ كەتسە نومۇرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئالالماي قالماي دەپ، ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ جىممىدە تۇرۇۋالدىم.
ئۇ نومۇرلارنى بىردىن يوللىغىلى تۇردى. بىرەر سائەتتەك دۈم يېتىپ ئولتۇرۇپ دەپتىرىمگە نومۇر كۆچۈرۈشكەچۈشۈپ كەتتىم. نومۇرنى كۆچۈرۈپ بولۇپ مۈگدەك تۇتۇپ كېتىپ قول كومپىيۇتېرىنى ئاۋازسىز قىلىۋېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
داۋامى بار
|
|