نېمىشقا بالىلار ئۈچۈن يازمايسىلەر
نۇرئەلى كاشغەر مۇقىمي
كىتاب ـ لوقمان ھەكىم. كىتاب ــ رۇستەم پالۋان. (ئا.مۇھەممەتئىمىن)
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نۇرغۇن يازغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە .ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر مەيلى ژانىر جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن سان جەھەتتە بىر قەدەر مول ھوسۇلنى بارلىققا كەلتۈردى . ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى -ئىجتىمائىي تۇرمۇش . تۇرمۇش رەڭگارەڭ ئۇسۇل بىلەن ئەدەبىياتتا ئەكىس ئېتىدۇ .
مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ، بولۇپمۇ بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلەر ژانىرى ، سانى، سۈپىتى ،مەزمۇنى ،تىلى، بەدئىيلىكى جەھەتتىن باشقا يازغۇچىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر نەتىجىلىك .
بۈگۈنكى كۈندە تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىردىن ، پەرھات كازىم ، ئابلىكىم ھەسەن ، جاسارەت جاپپار قاتارلىق ئون نەچچە يازغۇچى ئاز بولسىمۇ بالىلار تېمىسىدا ئەسەر يېزىپ بالىلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى ئۈچۈن مەلھەم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ .بىراق ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيەتىگە ئەزا يازغۇچىلار ۋە ئەزاسىىز يازغۇچىلار نىڭ سانىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ سان ئىنتايىن ئاز .
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زور يازغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە . يازغۇچىلار نېمە ئۈچۈن بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازمايسىلەر؟
ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئاناتىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكى بۇ يىل يېڭى نۇسخا، يېڭىچە مەزمۇن بىلەن يېڭىچە ئۆزگىرىش بىلەن نەشىردىن چىقتى .
دەرسلىك كىتابنىڭ سېستىمىلىق ئۆزگىچىلىكى بىلەن تۈزۈلۈشى ئوقۇرمەنلەرنى ۋە بالىلارنى خۇشال قىلىدۇ . بىراق بۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈنلەي مۇككەممەل ھالەتكە كەلدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ قېتىملىق ئىسلاھ قىلىنغان تىل ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ خۇشال قىلىدىغان تەرىپى ياسىنجان سادىق ، غازى ئەھمەد، قاتارلىق ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى بۇرۇن دەرسىلكىتە ئەسەرلىرى يوق خادىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلۈشى بىلەن ، ئۇيغۇرتىلى قىسىمىنىڭ سېستىمىلىق ، بۆلەكلەر بويىچە تۈزۈلۈشى، قىيىنلىق دەرىجخسىنىڭ بالىلارنىڭ ياش پەرقىگە ، ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ يېتىلىش قانۇنىيتىگە ماس تۈزۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
بىراق دەرسلىك كىتاب سەھىپىسىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن بىر قەدەر ئاز .
دەرسلىك كىتاب تۈزگۈچى مۇتەخەسسىسلەر نىڭ نەقىل كەلتۈرۈشچە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى دەرسلىك كىتابنىڭ قۇرۇلمىسى ،تېما دائىرىسى ، بۆلەكلەر ئېھتىياجى بويىچە تاللىغان چاغدا شەرتكە چۈشكۈدەك ئەسەرلەرنى تاپالماپتۇ.بىزنىڭ يازغۇچى، شائىرلار ئىچىدە تىل ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ مەزمۇن تېمىلىرىنى گەۋدىلەندۈرگۈدەك، بالىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەسەر يازالايدىغان ئاپتۇرلار يوقمۇ؟ ياكى بار بولسا دەرسىلىكى كىتابنىڭ مەزمۇنلىرى ۋە تېما دائىرسىنى گەۋدىلەندۈرگىدەك ئەسەرلەرنى نېمىشقا يازمايسىلەر؟
قەلەم ھەققى بەرمىگەنلىك ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئىدارىسىدىكى ئۇنۋان ئۈچۈن ، مۇئاشى ئۈچۈن پايدىسى تەگمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى بولمىسا بالىلار تېمىسىدا ئەسەر يېزىش ئەرزىمەس ئىشلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلامسىلەر؟بالىلار ئەسەرلىرى مېنىڭچە سەل قاراشقا بولمايدىغان تېما.
بالىلىرىمىز كىتابخانىلاردىنلا ئەمەس، ئەدەبىيات كىتابتىنمۇ ئۆزىگە مەنىۋى زوق ئالسۇن. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى بولغان سەبىيلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بولسىمۇ، خەلق ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ يېزىپ تۇرۇڭلار. دەرسلىك كىتابلىرىمىز سۈيى مول دەريا بويىدا تۇرۇپ ئۇسساپ قالمىسۇن بالىلىرىمىزنىڭ تەشنا قەلبى قانسۇن . بۈگۈنكى بالىلار كەلگۈسىدىكى بىر تۈركۈم خەلق. خەلقنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن بولسىمۇ يېزىپ قويۇڭ .
كىتاب ـ مىللەتنىڭ مەنىۋىي قىياپەت مەكتىپى. كىتاب ـ ئىنسانلار ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان بىردىنبىر ئەلېھرام دېگەن ئىدى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن. دەرسلىك كىتاب بولسا نەچچە مىڭلىغان بالىلارنى تەربىيلەيدىغان بىر قامۇس. مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار، ئەمەلىي ئىشتا بولسىمۇ نېمىشقا دەرسىلىك كىتابقا مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازمايسىلەر؟
|