مۇۋەپپىقىيەت ۋە قىممەت قاراش
ئابدۇراھمان ناسىر
«مۇۋەپپىقىيەت»دىگەن بۇ ئۇقۇم يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى توغرىسىنى قىلىپ ئېيتقاندا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئومۇملاشقان،ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن شۇنداقلا مودا بولۇۋاتقان بىر تېما.ھەر خىل ئۇچۇر -ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ تېما ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ ئاجرىتىشى،ئاتالمىش مۇۋەپپىقيەتشۇناسلارنىڭ تىز سۈرئەتتە كۆپىيىشى،ئاۋامنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشى، قىسقىسى بەزى كىشلەرنىڭ «مۇۋەپپىقيەتشۇناس»دىگەن نام ئاتىلىپ بۇ ئۇقۇمنىڭ جەمىئەتتە بىر ئىلىم سۈپىتىدە زاھىر بولۇشى يۇقارقى گېپىمنىڭ پولاتتەك دەلىلى.بۇ بىر ياخشى ھادىسە. لىكىن ھەرقانداق ئاتالغۇ ئەسلى مەنىسى بويىچە ئىستىمال قىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ماھېيتىدىن چەتنەپ كېتىدۇ دە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىدىن خەتىرى كۆپ بولۇپ قالىدۇ.
مەخسەتكە كەلسەك «مۇۋەپپىقىيەت»دىگەن بۇ ئۇقۇم مېنىڭچە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ياخشى ئىزاھلانمىدى.كۆپىنچە مۇۋەپپىقيەتشۇناسلار ۋەياكى ھەر خىل كەسىپتىكى ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن تەبىرى ئىگىلىك تىكلەش قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا پۇل تېپىشتىن ھالقىپ كېتەلمىدى.مەن بۇ ئەھۋالنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەكچى ئەمەسمەن. لىكىن نىسبەتلەشتۈرگەندە بۇ ئەھۋال كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ قالدى.«بۇ ئەسىرنىڭ قەھرىمانلىرى ئىقتىسادى ماگىناتلار بولدى.بەلكىم بۇئەسىردە سامۇئىل سىمايلستەك ئەخلاق تەرغىباتچىلىرى،جامالىدىن ئەفغانىدەك دىنى ئىسلاھاتچىلار مەيدانغا كەلسە بىلگەيتىس،مايۈنلاردەك قارشى ئېلىنماس ئىدى»دەپ يازىدۇ ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى «بۇ ئەسىرنىڭ كۈچلۈكلىرى كىم؟»دىگەن ماقالىسىدا.شۇنداق بۇ يېقىنقى يىللاردا ھەر قانداق كەسپنىڭ مۇۋەپپىقىيتى ياكى مەغلۇبىيتى ئۇ ياراتقان ئىقتىسادى قىممەت بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولدى.ھەر شەخىسنىڭ ئابرۇيى ئۇنىڭ كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بوپ قالدى.
مۇۋەپپىقىەتشۇناسلار،نۇتۇقشۇناسلار ئەسەرلىردە ۋە نۇتۇقلىرىدا بۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردى.شۇنىڭ بىلەن «مۇۋەپپىقىيەت»دىگەن بۇ ئۇقۇم ئەسلى مەنىسىدىن چەتنەپ«مۇۋەپپىقىيەت =ئىقتىىساد»دىگەن تەڭلىمە شەكىللىنىپ قالدى.مەن ئىقتىسادنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى رولىغا سەل قارىغۇچىلاردىن ئەمەس شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ مۇۋەپپىقيەت بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنمۇ ئىنكار قىلمايمەن.ئەمما مەن ئىقتىسادنى مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئۆزى دەپ قارىمايمەن.ئىقتىساد غايە ئەمەس بەلكى غايىگە يېتىشتىكى ۋاستە دەپ قارايمەن.باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەر قانداق نەرسە ئەسلى مەنىسىدىن چەتنەپ كەتسە ئادەمنى تۇيۇق يوللارغا باشلاپ قويىدۇ.ئاتالمىش مۇۋەپپىقىيەتشۇناسلار،ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقاتقۇچىلار بۇ نۇقتىغا سەل قاراپ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپىلىمە قارىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغاچقائەزەلدىن ئەخلاق -ھايانى چوڭ بىلىپ كەلگەن قەۋمىمىز ئارىسىدىن شۇ ئاتالمىش «مۇۋەققىيەت »ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان بىر تۈركۈم ماڭقۇرۇتلار يېتىشىپ چىقتى.ئوغۇللار خەتنىگاھ مېيى...دىگەندەك ئاغزىغا ئالغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئوچۇق ئاشكارا ماختاپ ساتسا قىزلارمۇ بوش كەلمەي تارايتىش ئۇپىسى دىگەندەك نەرسىلەرنى بەس-بەستە ماختاپ تور،چەمبىرەكلەرنى بىر ئالدى.
ئەمدى «مۇۋەپپىقىيەت»دىگەن بۇ ئۇقۇمغا قايتىدىن بىر ئېنىقلىما بېرىدىغان ۋاقىت كەپ قالغان ئوخشايدۇ.چوڭراق نوپۇز ئىگىلىرىنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى ساقلاپ ئۈمىد بولمىغاندىن كىيىن كەمىنە پېقىر ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىپ قالدىم.
خوش،ئەمدى بۇ «مۇۋەپپىقىيەت»دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدە«بىرەر ئىـشتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، ئۇتۇق،غەلبە» دەپ ئىزاھلاپتۇ.لۇغەت دىگەن ئىنسان تۈزگەن نەرسە،ئادەم لۇغەت بويىچە ئىش قىلمايدۇ بەلكى قىلغان ئىشلىرىنى لۇغەتكە پۈتىدۇ.لىكىن ئۇزۇن يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن لۇغەت-قامۇسلىرىمىز،مەنىۋى يادىكارلىقلىرىمىز ئەجداتلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسى.ئۇلارنى ئىنكار قىلىشقا ئەلۋەتتە ھەققىمىز يوق.
خوش«بىرەر ئىشتىن ئېرىشىلگەن نەتىجە،ئۇتۇق»دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟نەتىجە، ئۇتۇق دىگەننىغۇ ھەممىمىز چۈشىنىمىز. ئۇنداقتا بىرەر ئىش دىگىنى نىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ئۇ بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.بىزدىكى قىممەت قاراش دەل بىرەر ئىش قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.بىزنىڭ ھاياتىمىز شۇ قىممەت قاراش سىزىپ بەرگەن لىنىيە بويىچە داۋام قىلىدۇ.شۇ يولدا بەدەل تۆلەيمىز.شۇ يولدا كۆرەش قىلىمىز.شۇ يولدا يىقىلىمىز، تۇرىمىز ئاخىرىدا شۇ يولدا ئۆلىمىز.دىمەك بىز نىمە ساھە بىلەن شۇغۇللىنايلى،قانداق ياشاش ئۇسۇلىنى تاللايلى ئاقىۋەتتە ھەممىسى بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.دەل شۇ يولدا ئېرىشكەن ئۇتۇق ،نەتىجە ھەقىقى مۇۋەپپىقىيەت بولىدۇ.
مەن بىلىمەن ھەر ئادەمنىڭ قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ.مەن قىممەت قاراشنى بىردەكلەشتۈرۈشنىمۇ تەشەببۇس قىلمايمەن.ئۇ ھەم مومكىن بولمايدۇ.لىكىن «مۇۋەپپىقىيەت»دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەسلى مەنىسىنىڭ بۇرمىلىنىشىغا ۋە ئاۋامنىڭ ئىددىيسگە «مۇۋەپپىقىيەت نوقۇل ئىقتىسادتىن ئىبارەت.ئىگىلىك تىكلەش،پۇل تېپىشتىن ئىبارەت» دىگەن ئۇقۇمنىڭ سىڭدۈرۈلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايمەن.شۇڭا قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشنى لايىق تاپتىم.توغرا بولمىغان ئىدىيە توغرا بولمىغان ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.توغرا بولمىغان ھەرىكەت ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەگەر بىز ئۇ ئەسلى مەنىسىدىن چەتنەپ كەتكەن ئاتالمىش«مۇۋەپپىقىيەت»ئۈچۈن ماددى ھەم مەنىۋى ئېلمىنتلىرىمىزنىڭ ھەممىنى دوغا تىكىۋەتسەك كېسىپ ئېيتالايمەنكى بىز چوقۇم ئۇتتۇرىمىز.بۇنىڭ زىيىنىنى بىزدىن كۆرە ئەۋلاتلىرىمىز بەكرەك تارتىدۇ.ئاخىرىدا قېرىنداشلارغا توغرا ئىدىيە ،توغرا چۈشەنچە تىلەيمەن.ھەممىمىزگە ياخشىلىق يار بولسۇن.
2016-يىلى2- ئاينىڭ28- كۈنى يېڭىسار
|