- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 982
- نادىر
- 0
- يازما
- 35
ئۆسۈش
96.4%
|
مەن ئالدىنقى قېتىم لى شياڭ ۋە مەرھۇم تۆھپىكار تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بىرلىكتە تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «پارس تىلىدىن ساۋات» ناملىق كىتابنى كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا، ئۆزۈمگە قىزىقارلىق بىلىنگەن بىر مۇنچە سۆزلەرنى خاتىرلىۋالغان ئىدىم. مەن پارسچىنى بىلمەيمەن. پەقەت قىزىقىش سۈپتىدە بۇ كىتابنى بىر قۇر ۋاراقلاپ چىقتىم. مەن كىتابتىكى سۆزلۈكلەرنى شۇ كىتاب ئارقىسىغا بېرىلگەن لاتىنچە ئوقۇلغۇسىغا ئاساسەن، ئوقۇپ چىقتىم. خاتائوقۇدۇممۇ -توغرا ئوقۇدۇممۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. مەن بۇ تېمىنى پەقەت تىلغا قىزىققۇچى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم. مەن بۇ يەردە پارسچىنى تەشۋىق قىلماقچى ئەمەس. ئۆزۈم تاجىك ياكى پارسمۇ ئەمەس. مەن ئۇيغۇرتىلىنى قەدىمكى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلار ئارقىلىق بېيىتىش، ئانا تىلدا سۆز ياساش، تۈركچىدىن سۆز قوبۇل قىلىش ئارقىلىق بېيىتىش تەرەبدارى. ئەمسە ئۆزۈمگە قىزىقارلىق بىلىنگەن سۆزلەرنى سىلەرگە سۇنىشنى باشلىدىم. خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزەتكەيسىلەر.
پارسچىسى -ئۇيغۇرچىسى
بىمارىستان -دوختۇرخانا
ئاھىستە -ئاستا
كوھنا -كونا
پارە -يىرتىق
زەخمەت -جاپا
خۇن -قان
روزگار -تۇرمۇش
دادگاھ -سوت
دانىشنامە -دىپلوم
دانىشگاھ -ئونىۋېرسىتېت، ئالىي مەكتەپ
دانىشمەند -ئالىم
ئاب -سۇ
ئەبرەز -ھاجەتخانا
ئەبكەش -سۇ ئالغۇچى
ئارامگاھ -دەم ئېلىش جايى ، قەبرە
دەرەخت - دەرەخ (ئۇيغۇرچىسى ياغاچ)
دەرەختكار -دەرەخ تىككۈچى
زادگاھ -تۇغۇلغان يەر
زەخمەتكەش -ئەمگەكچى، ئەمگەكچان
شەھىرىستان -ناھىيە
شىشە -ئەينەك
فىل -پىل
نام -ئات، ئىسىم
خانە- ئۆي
شالۋۇر -ئىشتان
راھ -يول
كەفىش -ئاياق
كارگەر- ئىشچى، كار -پارسچىدە «ئىش» دېگەن مەنىدە.
تەختىقاب -كارىۋات (كارىۋات روسچە سۆز ، تۈركلەر ياتاق دەيدۇ)
روزنامە -كالدىندار
گوشت -گۆش، ئۇيغۇرچىسى «ئەت»
خوب -ياخشى
كوتاھ -قىسقا
دارازا- ئۇزۇن
سىياھ -قارا
ئاسان -ئاسان
ئافتاب -ئاپتاپ
ئاۋارە -سەرگەردان
ئەبر -بۇلۇت
ئەبرىشىم -يىپەك رەخت
ئەختەر -يۇلتۇز
ئۇلاغ -ئېشەك
پاسىبان -قوغدىغۇچى، پوست
پەنجىرە -دېرىزە
پول -كۆۋرۈك
پۇلدار -باي
پەھلىۋان -پالۋان
تەنپەرەست -راھەتپەرەس ،ئاقنانچى
ساۋاب -مۇكاپات
جانباز -جاندىن كەچكەن ، باتۇر
جەزىرە -ئارال
جۇفت -جۇب
جاللاد- جاللات
جامال -تۆگە
جاۋان -ياش
چوماق -توقماق ،بولقا
چىمەن -ئوتلاق
چىمەنزار -ئوتلاق
ئېنگىلىستان -ئەنگىلىيە
بارگاھ -ئوردا، ساراي
پىيادە -پىيادە
باغبان -باغۋەن
لەب -لەۋ
ناگاھان -تۇيۇقسىز
خامۇش -ئۈنسىز
زىمىستان -قىش
باھار -باھار
تابىستان -ياز
پائىز -كۈز
بۇزۇرۇگ- چوڭ
نازۇك -نېپىز
ھاۋاپەيما -ئايرۇپىلان
تاماشاگاھ -ئۇيۇنخانا
جەڭ -ئۇرۇش
جانگال -جاڭگال
كوھ -تاغ
ھارامزادە -ھارامدىن بولغان
خار -تىكەن
خىشت -خىش
دانا -بىلىملىك
دابىستان -باشلانغۇچ مەكتەپ
دىماغ -بۇرۇن
رامىشگاھ -ئارامگاھ
راۋانشۇناس-پىسخولوگ
زەرگەر -ئالتۇنچى
زەرەفشان -ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن
زوكام -زۇكام
زىمىنشىناس -گېئولوگىيە
سىپاھ -ئارمىيە ،قوشۇن
سەرلەشكەر -ئەسكەر باشلىقى
سۈكۈنات -ئولتۇراقلىشىش ،تۇرغۇنلۇق
سىتەم -زۇلۇم
شىكەست -مەغلۇنبىيەت
شەرمگاھ -ئۇياتلىق يەر
شور -تۇزلۇق
تاناب -ئارغامچا
ئايال -بالا، چاقا، خوتۇن
فال -پال
فولاد -پولات
قەترە -تامچە
قىمارباز -قىمارۋاز
قەند -قەنت
كەبۇتەر- كەپتەر
كولاھ -بۆك ،باش كىيىم
كوچە -كوچا
گەردەن -گەدەن
لەرزان -تىترىگەن
مالىيەت -باج
مېھماندار- كۈتكۈچى
ناھىيە -رايون
نىشانى -ئادرېس
تەققاس -رەسسام
نامايىشنامە -سەھنە ئەسىرى
نىم -يېرىم
باغ- باغ
دەريا -دېڭىز
دەرياچە -كۆل
زىبا -گۈزەل
تەنھا -يالغۇز
زابان -تىل
ماھ -ئاي
فۇرۇشگاھ -دۇكان
كىتابفۇرۇشى -كىتابخانە
يەك -بىر ، بىزدىكى يەكپەي، يەكچەشمە، يەكشەنبە دېگەن سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك
دۇ -ئىككى، دۇتار، ئىككى تارلىق چالغۇ
سە-ئۈچ
چاھار- تۆرت
پەنج -بەش
شەش -ئالتە
ھەفە -يەتتە
بەرگ -يۇپۇرماق
دېھقان -دېھقان
مەرد -ئەر
نامە -خەت
ھەمراھ -يولداش
زىلزىلە -يەر تەۋرەش
سوفرا -داستخان
چاھارراھ -تۆت كوچا
خەستە -يارا، تۈركچىدە ئاغرىق ھاستا دىيىلىدۇ. خەستىلەنگەن دېگەن سۆز يارىلانغان دېگەنلىك بولىدىكەن.
بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي، پارسچىدە يەنە ئۇيغۇرچە بىلەن ئوخشاش قوللىنىلدىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار ئىكەن. بۇلارنى بىرمۇ -بىر كىرگۈزمىدىم.
|
|