قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2665|ئىنكاس: 46

ئىسلام بىلەن دېموكراتيەنىڭ ئارىسىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانىيلىقى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56698
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 10:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri525 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-1 13:05  

   يېقىندا توردىكى بىرقىسىم تېما ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن ھېس قىلىشىمچە بىر قىسىم تورداشلاردا دېموكراتىيە چۈشەنچىسىنىڭ تازائايدىڭ ئەمەسلىكىنى ، يەنە بىر قىسىم تورداشلاردا دىنىمىزنىڭ دېموكراتىيەگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ ھەقتە ئازراق ئىزدىنىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم . ئەلۋەتتە بۇ بىر چوڭ تەتقىقات تېمىسى ئەمما يازماقچى بولغانلىرىم پەقەت ئۈزۈندە بايانلاردىن ئىبارەت . ئۈمۈتكى ئەھلى ئىلىملىرىمىز بۇ رىيال مەسىلە ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ خەلقىمىزدە توغرا چۈشەنچە ھاسىل بولىشىغا كۈچ قوشقاي ...
   دېموكراتىيە يۇنان تىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆز بولۇپ ئۇ ئككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان . بىرىنجىسى : DEMOS ( دېموس ) بولۇپ ، خەلق ياكى پۇقرا دېگەن مەنىلىرى بار . ئىككنجىسى : KRATIA ( كىراتىيە) سۆزى بولۇپ ، ھۆكۈم مەنىسى بار . بۇ ئىككى سۆزنى بىرلەشتۈرگەندە خەلقنىڭ ھۆكۈمى ياكى پۇخرالار ھۆكۈمى دېگەن مەنە بولىدۇ . ئومومى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا  قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقوقىنىڭ خەلقتە ياكى خەلق ۋەكىللىرى (پارلامىت ئەزالىرى) نىڭ ئېلىكىدە بولىشىنى ، كۆپ سانلىق خەلق ياكى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارارلىرى قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ  .
   يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دېموكراتيە لېبىرالىزىمنى تايانچ قىلغان بولۇپ ، لېبىرالىزىم 18-ئەسىردە ياۋرۇپادىكى ئويغۇنۇش ھەركىتىدە بارلىققا كەلگەن  ھۆرلۈك ۋە باراۋەرلىكنى شۇئار قىلغان سىياسى پەلسەپە ئېقىمىنى كۆرسىتىدۇ. بايقىشىمچە لېبرالىزىمنىڭ قارشى مەنىسى رادىكالىزىم بولۇپ ، ئەگەر رادىكالىزىمنى مۇتەئەسسىپ ئەسلىيەتچىلەر دەپ قارىساق ، لېبىرالىزىمنى ئاشقۇن ھۆررىيەتچىلەر دىيىشكە بولىدۇ . چۈنكى ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىى ، سەۋەپسىز ھامىلە چۈشۈرۈش، جازانە ئېلىش ،زىنا قىلىشق قاتارلىق قەبىھ  قىلمىشلارنىڭ قانۇنلىشىشى ئاتالمىش غەرىپ دېموكراتىك لېبىرالىزىمىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر .

   ئۇنداقتا ئىسلام دېموكراتىيەگە قانداق قارايدۇ ؟ ئسلام  بىلەن دېموكراتىيە بىر- بىرىگە زىتمۇ ؟
ئەگەردە دېموكراتىيەنىڭ مەقسىدى :
   ھۆرلۈك ، باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، شەخىسنىڭ ، جەمىيەتنىڭ ۋە ئىقتىساتنىڭ ئەمىنلىكىنى روياپقا چىقىرىش ، خەلقنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى سايلىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشى ، ئىنسان ھەق- ھوقوقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ، قاتارلىقلارنى مەخسەت قىلغان دىسەك ئۇنداقتا دېموكراتىيەنىڭ جەۋھىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئومومى روھى كۆرسەتمىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغان بولىدۇ . چۈنكى ئىسلام دىنىمۇ ھەر نەرسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ، جەمىيەتتە باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا ، خەلقنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى سايلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىشىقا بۇيرۇيدۇ  . بۇتوغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ ، سۈرە ئال ئىمراننىڭ 159- ئايىتىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : { ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ . ئەگەر قوپال ، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ ،ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى . ئۇلارنى ئەپۇ قىل ، ئۇلار ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن ، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن  } .  سۈرەشۇرانىڭ 38 – ئايىتىدىمۇ مۇنداق بايان قىلىنغان : { پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا ، نامازنى ( تەئدىل ئەركان بىلەن ) ئۆتەيدىغانلارغا ، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا  ( ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاپ تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر )  } .

   ( بۇتوغۇرلۇق باشقا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى كەينىگە قالدۇردۇم )
    ئەمدى دېموكراتىيەنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان لېبىرالىزىمنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىك تەشەببۇسىنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئىسلام ئەلۋەتتە بۇنى رەت قىلىدۇ . ئىسلام مۇكەممەل ۋە مۇپەسسەر بولغان ، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھايات بايان قىلىنغان ، قۇرئاننى دەستۇر قىلغان دىن بولۇپ ، ئۇ ئىنسانلارغا ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ، ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بېكىتىپ بەرگەن  ئەھكام ۋە نىزاملارنى ئۆزئىچىگە ئالغان  ئىلاھى كۆرسەتمىدۇر . بۇ نۇختىدىن ئەقىلنى تايانچ قىلغان ھۆرلۈك شۇئارى ئارقىلىق ، ۋەھىنى مەنبە قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى دەخلىگە ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ . بۇ توغرىسىدا دوكتۇر يۈسۈف قارزاۋى مۇنداق دەيدۇ : « بىز دېموكراتىيەنىڭ سىياسى جەۋھىرى بولغان  خەلقنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تاللىشىنى قوللايمىز . شۇنداقلا مۇتلەق ھۆرلۈكنى تەشەببۇس قىلىدىغان لېبىرالىزىمنى رەت قىلىمىز .ئەمەلىيەتتە دۇنيادا مۇتلەق ھۆرلۈك بولمايدۇ....  ھازىر بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىش ئىسلام جەۋھىرىگە ئۇيغۇن بولغان ھالدا ھەقىقى دېموكراتىيەنىڭ يوللۇقلىقىنى تەكىتلەيدىغان مەلۇم پىرىنسىپ ۋە تايانچلارنى تۇرغۇزىشتىن ئىبارەتتۇر. »

    تۆۋەندە دوكتۇر يۈسۈف قارزاۋىنىڭ « ئىسلامدا دۆلەت قانۇنى » دىگەن كىتابىنىڭ  « ئىسلام ۋە دىموكراتىيە » دىگەن بابىدىن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تەقدىم قىلىش بىلەن تېمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قالغان ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزىلەرنى كۆپچىلىككە  قالدۇرىمەن .

                                                                            ئىسلام ۋە دىموكراتىيە

    بىرنەرسىگە ھۆكۈم قىلىش شۇنەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ بىر قىسمىدۇر
    زامانىمىزدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېموكراتىيەنىڭ مەنىسىنى ۋە ماھىيىتىنى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، دىموكراتىيەنىڭ بەزى بىرھالەتلىرىگە ۋە ياكى ئىسمىگە قاراپلام دىموكراتىيەنى ئاشكارا بىر جىنايەت ياكى ئېنىق بىر كۇپۇرلۇق دەپ ھۆكۈم قىلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈرىدۇ .
    بۇرۇنقى ئۆلىمالىرىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىر قائىدە بار بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دەيدۇ : «  بىرنەرسىگە ھۆكۈم قىلىش شۇ نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ بىر قىسمىدۇر ، كىمكى ئۆزى ئۈچۈن مەجھۇل بولغان بىر نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدىكەن ئۇنىڭ قارارى توغرا بولغان تەغدىردىمۇ  ئۇنىڭ ھۆكمى قوبۇل قىلىنمايدۇ . چۈنكى بۇ نىشانسىز ئېتىلغان ئوققا ئوخشايدۇ . »
   ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيا شۇئار قىلىۋاتقان ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ شەرقى ۋە غەربىدە ئۆزئارا ئۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلغان ، زالىم ھۆكۈمرانلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق خەلققە يىتىپ كەلگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن قانلار تۆكۈلگەن ، غەربى ياۋرۇپا ۋە شەرقى ياۋرۇپالاردىكىدەك مىڭلىغان ، مىلىيونلىغان كىشىلەر شۇنى دەپ قۇربانلىق بەرگەن ، يەنە شۇنداقلا كۆپۈنچە مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا شەخىسنىڭ قارارىنى چەكلەيدىغان، شەخىسنى ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشتا يوللۇق ۋاستە بولۇپ قالغان ، مۇسۇلمان ئۈممەتلىرى سىنىلىۋاتقان بۇ دىموكراتىيە خۇددى بىرقىسىم  يۈزەكى ئالدىراڭغۇ كىشىلەر ئېيتقاندەك  بىر جىنايەتمۇ  ياكى بىر كۇپۇرلۇقمۇ ؟ ؟

    دىموكراتىيەنىڭ  ماھىيىتى نېمە ؟
   دىموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى بولسائۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا كىمنىڭ قارار چىقىرىشى ، ئىشلىرىدا كىمنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى تاللاش ھوقوقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ خەلق يامان كۆرىدىغان باشلىقنىڭ ياكى تۈزۈلمىنىڭ ئۆزلىرىگە مەجبۇرلانماسلىقىنى ، ئەگەر باشلىق خاتالاشسا خەلقتە ئۇنىڭدىن ھېساپ ئېلىش ھوقوقىنىڭ بولىشىنى ، ئەگەر باشلىق ئېغىپ كەتسە ئۇنى خەلقنىڭ ئۆزگەرتىش ياكى ئېلىۋېتىش ھوقوقىنىڭ بولىشىنى ، خەلقنى ئۆزى خالىمىغان  ئىقتىسادى ، ئىجتىمائى ۋە مەدەنى  (كۈلتۇر)  تۈزۈلمىلەرگە ، شۇنداقلا خەلق ئۆزى بىلمەيدىغان ياكى رازى بولمىغان سىياسى تۈزۈلمىلەرگە  مەجبۇرلانماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
    مانا بۇ بولسا ئىنسانىيەت ياخشى كۆرىدىغان ، سايلام بولغان ، خەلق ئاۋازى بولغان ، كۆپچىلىكنىڭ قارارىنى كۈچلەندۈرىدىغان  ، بىرقانچە سىياسى پارتىيە تەڭ مەۋجۈت بولغان ، نەشىرىيات ھوقوقى ، مۇستەقىل ئەدىلىيە ئورۇنلىرى بولغان ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرقاتار ئۇسلۇب ۋە شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقى دىموكراتىيەنىڭ ماھىيىتىدۇر.
     ئۇنداقتا بىز يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەن دىموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى ئىسلام بىلەن قارشىمۇ ؟ بۇ قارشىلىق نەدىن كەلگەن ؟ بۇ خىل قاراشقا قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكۈملىرىدىن نېمە دەلىللەر بار ؟

   دىموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى ئىسلام بىلەن بىردەكلىككە ئىگە
   ئەمەلىيەتتە دىموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ياخشى پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ . ئسلامدا كشىلەر ئۇنىڭدىن  رازى بولمىغان ۋە ئۇنى يامان كۆرىدىغان بىركىشىنىڭ نامازدا ئۇلارغا  ئىمام بولۇشىنى چەكلەيدۇ . بۇ توغرىسىدا ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان : « ئۈچ خىل كىشىنىڭ ئوقىغان نامازلىرى ئۇلارنىڭ باشلىرىدىن بىر غىرىچمۇ ئۆرلىمەيدۇ » بۇنىڭ بىرىنجىسىدە : « خەلق يامان كۆرگەن بىر كىشىنىڭ ئۇلارغا ئىمام بولىشى ...» دەپ كۆرسىتىلگەن . ئەگەر ئىش نامازدا شۇنداق بولسا ، كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق ۋە سىياسەت ئشلىرىدا قانداق بولار ؟ يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن : « سىلەرنىڭ ياخشى ئىماملىرىڭلار  ( رەھبەرلىرىڭلار ) ، سىلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلار مۇسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، سىلەر ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەيدىغان ، ئۇلارمۇ سىلەرئۈچۈن ياخشىلىق تىلەيدىغان كىشىلەردۇر . سىلەرنىڭ ناچار  ئىماملىرىڭلار سىلەر ئۇلارنى يامان كۆرىدىغان ئۇلارمۇ سىلەرنى يامان كۆرىدىغان ، سىلەر ئۇنىڭغا يامانلىق تىلەيدىغان ، ئۇلارمۇ سىلەرگە يامانلىق تىلەيدىغان كىشىلەردۇر .»

   قۇرئاننىڭ زىمىندىكى ئىلاھلاشقان( ھاكىم مۇتلەق بولىۋالغان ) ھۆكۈمدارلارغا بولغان كۈرىشى  
   قۇرئان زىمىندا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئۆزىنىڭ قۇلى قاتارىدا قىلىۋالغان ، خۇددى ئۆز قوۋمىغا { مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن } [ نازىئات : 38 ] دەپ نىدا قىلغان ۋە : { ئى كاتتىلار ! مەن ئۆزەمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن } [ قەسەس:38 ] دەپ پەخىرلىنىپ سۆزلىگەن پىرئەۋنگە ئوخشاش ئىلاھلاشقان ھۆكۈمدارلارغا قارشى كۈرەش قىلغان .

   شۇنداقلا قۇرئان تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك رەزىل گوروھنىڭ ئارىسىدىكى چىرىكلەشكەن ئىتىپاقلقنى يورۇتۇپ بەرگەن  :
بىرىنجىسى :ئاللاھ نىڭ زىمىنىدا تەكەببۇرلۇقتا ئىلاھلاشقان ، ھەددىدىن ئاشقان ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ھاكىم مۇتلەق بولىۋالغان ھۆكۈمدارلار گوروھى بولۇپ بۇنىڭغا پىرئەۋننى مىسال قىلغان .
ئىككىنجىسى : ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ۋە ئىلىمنى زالىمنىڭ خىزمىتىگە بوي سۇندۇرغان ، زالىمنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇقۇملاشتا ، خەلقنى زالىم ئۈچۈن ئىتائەتچان قىلىپ كۆندۈرۈشتە خىزمەت قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمچى سىياسى مەنپەتچىلەر گوروھى بولۇپ بۇنىڭغا ھاماننى مىسال قىلغان .
ئۈچۈنجىسى : زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلقىدىن پايدىلىنىدىغان ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم مال – مۈلىكىنى زالىمغا چىقىم قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ قان - تەرىدىن كۆپرەك مال – دۇنياغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغان باي كاپىتاللار گوروھى بولۇپ بۇنىڭغا قارۇننى مىسال قىلغان .

   مانا مۇشۇنداق زۇلۇم ۋە جىنايەت ئۇستىگە قۇرۇلغان ئىتىپاقلىقنى قۇرئان مۇسا ئەلەيھىسسالام قىسسىسىدە بايان قىلغان بولۇپ مۇنداق دەيدۇ : { بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ، روشەن دەلىل بىلەن  ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە ، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق ، ئۇلار ( مۇسانى ) يالغانچى ، سېھرىگەر دېيىشتى } [ غافىر : 23-24]  .  { ( مال – دۇنياسى نۇرغۇن ) قارۇننى ، پىرئەۋننى ۋە ( ئۇنىڭ زۇلۇمىدا ياردەمچىسى بولغان ۋەزىرى ) ھاماننى ( ھالاك قىلدۇق ) . شۈبھىسىزكى مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى ، ئۇلار بولسا زىمىندا چوڭچىلىق قىلدى ، ئۇلار( ئازابىمىزدىن ) قېچىپ كېتەلمىدى . } [ ئەنكە بۇت : 39 ] .

   ئەجەپلىنەرلىكى قارۇن بولسا مۇسانىڭ مىللىتىدىن ئىدى ، پىرئەۋننىڭ مىللىتى ئەمەس ئىدى ، لېكىن ئۇ ئۆز قەۋمىدىن يۈز ئۆرۈپ قەۋمىنىڭ دۈشمىنى بولغان  پىرئەۋنگە قوشۇلدى ، پىرئەۋنمۇ ئۇنى قوبۇل قىلدى . گەرچە بۇ ئىككىسىنىڭ مىللەتلىرى ۋەئۇرۇقلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ  بۇ ئايەت ماددى مەنپەتنىڭ بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىگە دالالەت ئىدى .

    قۇرئان زۇلۇم بىلەن  پاساتچىلىقنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ
    قۇرئاننىڭ يەنە بىر ھەيران قالارلىق تەرىپى شۇكى ئۇ ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىشى ۋە زاۋال تېپىشىغا سەۋەپ بولىدىغان زۇلۇم بىلەن  پاساتچىلىقنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ . ۋە بۇ توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ : { ئۇلار شەھەرلەردە ( زۇلۇم قىلىشتا ) ھەددىدىن ئاشتى ، ( شۇنىڭ نەتىجىسىدە ) ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى ( پاساتچىلىقنى ) كۆپ قىلدى . پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازاپنى نازىل قىلدى . پەرۋەردىگارىڭ ( بەندىلەرنى ) ئەلۋەتتە كۈزۈتۈپ تۇرغۇچىدۇ .} [ فەجىر : 11-14] .  { شۈبھىسىزكى پىرئەۋن زىمىندا ( زۇلۇمدا )ھەددىدىن ئاشتى ،ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بولۈپ ، ئۇلاردىن بىر تائىپىسىنى بوزەك قىلدى ، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، قىزلىرىنى ( خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن ) تىرىك قالدۇردى ، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچى ( پاساتچى ) لاردىن ئىدى . } [ قەسەس: 4] .

   قۇرئان زالىمغا باش ئەگكەن خەلقنىمۇ ئەيىپلەيدۇ
   قۇرئان يالغۇز زىمىندىكى ئىلاھلاشقان ھۆكۈمدارلارغىلا  قارشى كۈرەش قىلىپ قالماستىن  بەلكى يەنە زالىم ھاكىمىيەتنىڭ ئەمىرىگە بوي سۇنغان ، چاپارمەنلىرىگە ئايلانغان ، ئۆز چۇلۋۇرىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆزئۈستىگە ئېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن خەلقنىمۇ ئەيىپلەيدۇ .  بۇ توغرىسىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى مىسال قىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ : { نۇھ ئېيتتى : « پەرۋەردىگارىم ! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى ، مېلىغا ، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە ( يەنى بايلىرىغا ، كاتتىباشلىرىغا ) ئەگەشتى . } [ نۇھ: 21 ] .
   شۇنداقلا يەنە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئادنى مىسال قىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ : { ئەنەشۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگەئاسىيلىق قىلدى ، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا ، شەپقەتسىز ( يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جىدەللەشكۈچى ) نىڭ بۇيرۇقىغائەگەشتى . } [ ھۇد : 59 ]
   ۋە يەنە پىرئەۋننىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ : { پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن ، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى ، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى . } [ زۇخرۇف :54 ] . { ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى ، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى . پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ ، ئۇ جاي نېمە دېگەن يامان !} [ ھۇد : 97-98 ]
   دېمەك خەلقمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنى ياكى بۇنىڭ بىرقىسمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى مانا شۇ خەلق زالىم ۋە مەنمەنچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ . ئېيتىدۇلەركى :
پىرئەۋندىن سورالدى : سېنى پىرئەۋىن قىلغان زادى نىمۇ ؟
پىرئەۋىن ئېيتتى: مەن بىرەر كىشىنىڭ ماڭا قارشى چىققانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم .

  ( بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزمۇنلاردا ھەدىسلەردىن كەلتۈرۈلگەن بىر قىسىم دەلىللەر ، شۇرا ( ئىسلامى كېڭەش ) ھەققىدە چۈشەنچە ،  شۇرا بىلەن دىمۇكراتىيەنىڭ پەرقى ۋە ئوخشاشلىق تەرەپلىرى ھەققىدە سۆزلەنگەن بولۇپ  ،تېمىنىڭ ھەجىمى سەۋەپلىك مۇشۇ يەرگىچە تەرجىمە قىلىندى )

   بۇ باپنىڭ ئاخىرىنى دوكتۇر يۈسۈف قارزاۋى مۇنۇ جۈملەبىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:
شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئيتقاندا ئىسلامى شۇرا بولسا دىموكراتىيەنىڭ روھىغا يېقىنلىشىدۇ  ياكى خالىساڭ بۇنى : دىموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى ئىسلامى شۇرانىڭ روھىغا يېقىنلىشىدۇ دېگىن .

                                والحمدلله رب العالمين .


                                                            تەرجىمىدە مەدىنە مۇنەۋۋەردىن : نۇرى

uyghuray

0

تېما

4

دوست

1388

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 11:38:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. ۋەتەندە نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ كاللىسىدا دېموكراتىيە بىلەن ئىسلامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرق توغرىسىدا ئېنىق بىر چۈشەنچە يوق. بۇندىن كىيىنمۇ تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

0

تېما

5

دوست

2468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 752
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام شۇرا مەجلىسى ،دامۇكرات روھىغا يېقىنلاشمايدۇ. بەلكى دامۇكراتنىڭ  ئەركىن سايلىمى شەكىل جەھەتتىن ئىسلامغا يېقىلىشىدۇ. توغرىسى دامۇكرات ئەركىن سايلامنى ئىسلامدىن ئۆرنەك ئالغان.ئەمما نېگىزىدىن بۇ ئىككىسى سۇ بىلەن ئوت كەبىي سېغىشمايدۇ.

2

تېما

2

دوست

8254

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2496
توردىكى ۋاقتى: 844
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:21:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . اللە رەخمەت قىلغاي . ھارمىغايسىز .
uyghuray

2

تېما

2

دوست

8254

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   65.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2496
توردىكى ۋاقتى: 844
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  nuri525 ، سىز مەدىنە مۇنەۋۋەردىن ئىكەنسىز . دىنى جەھەتتىن  بىلمىگەن مەسىلىلەرنى سورىساق ياردەم قىلارسىزمۇ ؟

0

تېما

5

دوست

2468

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 752
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دامۇكرات كاپىتالىزىم ئەقىدىسىنىڭ تۈپ مەنبەئى بولۇپ تۆت ئەركىنلىك ئاساسىدا نامايەن بۇلىدۇ:
1-شەخىس ئەركىنلىكى(ياخشىلىققا بۇيرۇلۇپ، يامانلىقتىن  توسۇلماسلىق)
2-ئىگىلىك (پۇلنى قانداق تېپىش) ئەركىنلىكى.
3-ئىتقاد ئەركىنلىكى.
4-جىنىس (سىڭلىسىنى ياكى ئانىسىنى خوتۇن قىلسا بولاۋىردۇ)ئەركىنلىكى.
بۇ تۈزۈم مەسىلىسى.ئەقىدە تەرەپتىن گەپ ئېچىش بىھاجەت.

4

تېما

6

دوست

5347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25765
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 615
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       دىمىسىمۇ ئاتالمىش دېموكراتيە توغرۇسىدا  لېبىرالىزىمچىلار(ئاشقۇنلار)مۇ ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ،ئىلىمانىزىمچىلار(ئوتتۇراھاللار) مۇ ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ ،رادىكالىزىمچىلار
(مۇتەئەسسىپلەر) مۇ ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ نادان باشنى قايمۇقتۇرىۋىتىشتى دىسە...

0

تېما

0

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 17:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېموكراتىيە دىگەن «كېڭىشىش»دىگەن بۇلىدۇ.ئىسلام قانۇنىدا بەلگىلىنىپ بولۇنغان ھۆكۈم قانداق بولسا شۇنداق بۇلىدۇ،يەنى ھۆكىمى ئېنىق بولسا شۇ بويىچە ھۆكىم چىقىرىلدۇ.يەنە دېموكراتىيە دەپ كېڭىشىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.ھۆكىمى بەلگىلەنمىگەن ئىشلاردا دىموكىراتىيە كېڭەش ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )