قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 0

جۇڭگو بەلكىم GDP نىشانىنى %6.5-%7 گە تەڭشىشى مۇمكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

2

دوست

2010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 12:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو بەلكىم GDP نىشانىنى %6.5-%7 گە تەڭشىشى مۇمكىن

FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

u=1603717046,742561661&fm=21&gp=0.jpg


JPMorgan Chase جۇڭگو باش ئىقتىسادشۇناسى جۇخەيبىن 29-فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەپتە ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەت يىغىنىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانىنى ئالدىنقى يىلدىكى "%7 ئەتراپىدا" دىن  "6.5%-7%" ئارىلىقىغا تەڭشەش ئېھتىمالى بارلىقىنى، مالىيە قىزىل رەقىمى خامچوت نىشانىنىڭ GDP نىڭ %3 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. شۇنداقلا پۇل پاخاللىقى نىشانىنىڭ %3 سەۋىيىنى ساقلايدىغانلىقىنى، M2 ئېشىش نىشانىنىڭ %13 گە ئاشىدىغانلىقىنى، پۇل سىياسىتىنىڭ داۋاملىق بوشىتىش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، 2016-يىل ئۆسۈم نىسبىتىنى  بىر قېتىم 25 ئاساسىي نۇقتا، تۆت قېتىم 50 ئاساسىي نۇقتا كېمەيتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى 3 -مارت ئېچىلىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى (NPC)يىللىق چوڭ يىغىنى 5-مارتتىن 15-مارتقىچە ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭەش يىغىنى(CPPCC)مۇ مەملىكەتلىك  خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىش مەزگىلىدە، يەنى  3-مارتتىن 13-مارتقىچە ئېچىلىدۇ.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت يىغىنىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانىنى ئالدىنقى يىلدىكى "%7 ئەتراپىدا" دىن  "%6.5-%7" ئارىلىقىغا تەڭشىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى يىل يىللىق ئېشىش نىشانىنى تۆۋەنلىتىشى ھېسابلىنىدۇ. مۇقىم ئېشىش 2016-يىللىق باش ۋەزىپە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مالىيە قىزىل رەقىمى خامچوت نىشانىنىڭ GDP نىڭ %3 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى يىللىق  مالىيە قىزىل رەقىمى GDP نىڭ %2.4 نى ئىگىلىگەنىدى. قوشۇلغان مالىيە قىزىل رەقىمى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ چوڭ مالىيە قىزىل رەقىمى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زايوم سوممىسىنىڭ قوشۇلغان قىسمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2015-يىلدىكى 600 مىليارد يۈەندىن بۇ يىل مۆلچەردىكى 700-800 مىليارد يۈەنگە كۆپەيدى.)
بۇندىن باشقا، پۇل سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى نىشان پۇل پاخاللىقى نىشانى ۋە M2 ئېشىش نىشانى. پۇل پاخاللىقى نىشانىنىڭ %3 سەۋىيىنى ساقلايدىغانلىقى، M2 ئېشىش نىشانىنىڭ %13 گە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. (2015-يىلدا M2 ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %13.3 بولۇپ، نىشاندىكى %12 دىن ئېشىپ كەتكەن.) جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى جوۋ شياۋچۇەن ئالدىنقى ھەپتە پۇل سىياسىتى ئېشىش بوشلۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى،  كۆپ خىل سىياسىي قوراللار ئارقىلىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان چۈشۈش خەۋپىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مالىيە سىياسىتىنى سېلىشتۇرغاندا 2015-يىلدىكى پۇل سىياسىتى نىسبەتەن بوش قويۇۋېتىلگەن، ئالدىنقى يىل جۇڭگو خەلق بانكىسى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى 5 قېتىم، جەمئىي 125 ئاساسىي نۇقتا كېمەيتتى. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوند نىسبىتىنى 4 قېتىم جەمئىي 250 ئاساسىي نۇقتا كېمەيتتى. 2016-يىلغا كىرگەندىن كېيىن، پۇل سىياسىتىنىڭ داۋاملىق بوشىتىش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، 2016-يىل ئۆسۈم نىسبىتىنى  بىر قېتىم 25 ئاساسىي نۇقتا، تۆت قېتىم 50 ئاساسىي نۇقتا كېمەيتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
پېرىۋوت نىسبىتى سىياسىتىدە، ھۆكۈمەت پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ياخشىلاشنى ھەمدە خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ھالەتتە ساقلاشنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋچۇەن يېقىندا خەلقئارالىق ئاساسىي ئوبوروت پۇل تۈرلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئۈچۈن بىر ئەينەك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.


مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )